دۆلەت ئولىمپىك كوماندىسى ئامىرىكا كوماندىسىنى يەنە مەغلۇپ قىلدى
ئۇيغۇر ۋاسكېتبول تورىنىڭ 28-ماي خەۋىرى؛ 28-ماي كەچ، 2014-يىللىق تۆت چوڭ قىتئە خەلىقئارا ئەرلەر ۋاسكىتبول تۆت دۆلەت رىقابەت مۇسابىقىسىنىڭ سىچۋەن چىڭدۇ بىكىتى مۇسابىقىسىنىڭ ئۈچۈنچى كۈندىكى بىر مەيدان مۇسابىقىدە جۇڭگۇ ئولىمپىك ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى ئەڭ ئاخىرىقى چارەك مۇسابىقىدە 12 نۇمۇر ئارقىدا قىلىشتەك پاسسىپ ئەھۋال ئاستىدىمۇ تىرىشىپ ئاخىرى 90-89 نەتىجە بىلەن ئامرىكا كوماندىسىنى يەنە بىر قىتىم مەغلۇپ قىلدى.بۇ مەيدان مۇسابىقىدە جۇڭگۇ كوماندىسىدىن تۆت نەپەر ئەزا قوش خانىلىق نۇمۇر ئالدى؛ گوئەيلۈن 12 مىنۇت مەيدانغا چىقىپ 12 نۇمۇر ئالدى 3 قىتىم ياردەمچى پاس بەردى، بۇنىڭ ئىچىدە 10 نۇمۇرنى ئەڭ ئاخىرىقى چارەكلىك مۇسابىقىدە ئالدى ھەمدە ئەڭ ئاخىرىقى ھالقىلىق جازا توپنى ئېتىپ چۈشۇردى؛ دوڭ خەنلىن 17 نۇمۇر، 7 قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ جاڭ دايۈ 14 نۇمۇر، 9 قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ گاۋ شاڭ 13 نۇمۇر ئالدى؛ ؛ ياڭ لىن ۋىي 8 نۇمۇرئالدى؛ ۋاڭ زىرۇي 5 نۇمۇر ئالدى؛ پەخىرلىك ئۇيغۇر ۋاسكىتبولچىمىز شىرئەلىجان زاپاس ئەزا سۈپىتىدە مەيدانغا چىقىپ پۈتۈن كوماندا بۇيىچە تۈنجى قىتىم ئۈچ نۇمۇرلۇق توپ چۈشۈردى.
ئامىرىكا كوماندىسىنىڭ كۆپىنچە ئەزالىرى ئامىرىكىدىكى ئىككىنچى دەرىجىلىك بىرلەشمىدىن كەلگەن بۇلۇپ، پەقەت ئوتتۇرا ھۇجۇمچىسى ئىلگىرى كىيىن بۇلۇپ NBA بىرلەشمىسىدىكى راكىتا ئاچقۇچىلار تور كوماندىلىرىدا توپ ئوينىغان.
30-مارتتىن باشلاپ بۇ مۇسابىقىگە قاتناشقان تۆت كوماندا جىياڭسۇنىڭ چاڭشىۇ شەھرىگە يۆتكۈلۈپ ئۈچۈنچى بىكەت مۇسابىقىسىنى ئوينايدۇ.
ئەسلى مەنبە؛ ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مۇنبىرى؛ http://waskitbol.com/portal.php
بىرىنچى رەسىمدە فانتازىيىلىك تۈس بەك نوچىكىنا ، ئىككى دىۋە شىرئەلىگە ھۇجۇم قىلىۋىتىپتۇ :lol «30-مارتتىن باشلاپ...» ئەمەس، 30-مايدىن باشلاپ...مۇ-يا؟ ئامېرىكا تەرەپ ب دەرىجىلىكلەركەنغۇ.
شىرئەلىگە ئۇتۇقلار تىلەيمەن. ئا ئىككى قارۋاي ۋۇكۇڭدەك سەكرەيدىكەن ھە. بىرنچى سۇرئەت 3د لىق كارتۇن فىلىمىدىن ئىلىندىمۇ ؟ راست ھە ، قالتىس تارتىلغان رەسىمكە ئاۋۇ .... 1-رەسىم ئادەمگە ساكۇراگىنى ئەسلىتىدىكەن راست...
بەت:
[1]