irpan يوللانغان ۋاقتى 2014-5-28 13:28:25

ئۈچ تارماق بىرلىكتە ئۈندىدار قاتارلىق ئالاقە ...

شىنخۇا تورى ، بېيجىڭ ، 27-ماي تېلېگراممىسى : مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە ، دۆلەتلىك ئىنتېرنېت-ئۇچۇر ئىشخانىسى سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى ، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى قاتارلىق تارماقلار بىلەن بىرلىكتە 27-ماي چۈشتىن بۇرۇن مەخسۇس يىغىنى ئېچىپ ، شۇ كۈندىن باشلاپ پۈتۈن مەملىكەت دائىرىسىدە بىر ئايلىق مۇددەت بىلەن ئۈندىدار قاتارلىق كۆچمە ئالاقە ۋاسىتىلىرىنى مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ ، كۆچمە ئالاقە ئاممىۋى ئۇچۇرلىرىنى ئېلان قىلىش مۇلازىمىتىدىكى قانۇن ، بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارنى مەركەزلىك تۈزەشنى ئورۇنلاشتۇرغان .
    دۆلەتلىك ئىنتېرنېت-ئۇچۇر ئىشخانىسىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل خادىم مۇنداق كۆرسەتتى : ئۈندىدار قاتارلىق كۆچمە ئالاقە مۇلازىمىتىنىڭ تەرەققىياتى تېز بولۇپ ، ئابونتلار سانى سەككىز مىليوندىن ئېشىپ ، كۆچمە ئىنتېرنېت ئالاقىسىدىكى ئەڭ مۇھىم ، ئەڭ ئالقىشلانغان ۋاسىتىلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندى ، يەنە كەڭ تور ئەھلىنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىدىكى مۇھىم سەھنىگە ئايلاندى ۋە ئۇچۇردىكى مۇھىم كىرىش ئېغىزىغا ئېرىشىپ ، ئىقتىسادىي ، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى . بۇنىڭ بىر ۋاقىتتا ، بىر قىسىم ئادەملەر بۇ سەھنىدىن پايدىلىنىپ ، كۆپچىلىككە ناچار ياكى قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى تارقىتىپ ، تورنىڭ تارقىتىش تەرتىپىگە ۋە ئومۇمنىڭ مەنپەئەتىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزۈپ ، تور ئەھلىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاۋاتىدۇ . ئومۇمنىڭ مەنپەئەتىنى ۋە پۇقرالارنىڭ قانۇنلۇق مەنپەئەتىنى ، دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش ئۈچۈن ، دۆلەتلىك ئىنتېرنېت-ئۇچۇر ئىشخانىسى ، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى ، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى قاتارلىق ئۈچ تارماق بىرلىكتە بۇ قېتىملىق مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇردى .
    بۇ مەسئۇل خادىم مۇنداق تەكىتلىدى : بۇ قېتىمقى مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتىدە ، كۆچمە ئالاقە ۋاسىتىلىرىنىڭ ئاۋام سۇپىسى قاتارلىق ئاممىۋى ئۇچۇر تارقىتىش ، مۇلازىمەت ھالقىلىرى ، بولۇپمۇ تارقىتىش ۋە ئىجتىمائىي سەپەرۋەرلىك ئىقتىدارىگە ئىگە ئاممىۋى ھېسابات نومۇرلىرى نۇقتىلىق تەرتىپكە سېلىنىدۇ . كۆچمە ئالاقە ئاممىۋى ئۇچۇر ساھەسىدىكى پىتنە-ئىغۋا ، زوراۋانلىق ، تېررورلۇق ، ئالدامچىلىق ، شەھۋانىي ئۇچۇر تارقىتىش قاتارلىق قانۇن ، بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارغا قاتتىق زەربە بېرىلىدۇ . چېگرا ئىچى-سىرتىدىكى دۈشمەن كۈچلەرنىڭ بىزگە سىڭىپ كىرىپ بۇزغۇنچىلىق قىلىش پائالىيەتلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىلىدۇ . باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلمىغان كارخانىلارنىڭ مەسئۇلىيىتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىدۇ .
    مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتى كەڭ تورداشلارنىڭ ئالاقىدار قانۇن ، بەلىگىمىلەرگە خىلاپ قىلمىشلارنى پاش قىلىشىنى قارشى ئالىدۇ . ئىنتېرنېت قانۇنغا خىلاپ ۋە ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش مەركىزى 24 سائەت ئاممىنىڭ ئۇچۇرىنى قوبۇل قىلىدۇ .
    پاش قىلىش تېلېفون نومۇرى : 12377
    پاش قىلىش تور ئادرېسى: http://net.china.com.cn
    پاش قىلىش ئېلخەت ساندۇقى: jubao@china.org,cn
مەنبە: تەڭرىتاغ تورى

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-5-28 13:34:31

مۇشۇ يالغان خەير ساخاۋەت ئۇچۇرى تارقىتىپ ئادەمنىڭ ۋاقتىنى زايا قىلىدىغانلارنى بىر تىزگىنلىسە توردىكى مۇراجىئەتنامىلارغا جايىدا جاۋاپ قايتۇرغىلى بۇلاتتى

bariber يوللانغان ۋاقتى 2014-5-28 14:00:43

بولۇپمۇ چېگرا سىرتىدىكىلەرنىڭ ياساپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى  ئېلىش ئۈچۈن بىر ئىش قىلماي بولمايدۇ.

tayker يوللانغان ۋاقتى 2014-5-28 14:47:29

كۈچلۈك ئېرادىمىزدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ ، قەتئىيلىك بىلەن چەتئەل تېرورچى كۈچلىرىنىڭ سېڭىپ كىرىشىگە يول قويماي ، بىر نىيەت  بىر مەقسەتتە كۆرەش قىلىشىمىز لازىم

JERIKO يوللانغان ۋاقتى 2014-5-28 15:44:39

زادى شۇنداق قىلىش كېرەك

ghalibjan يوللانغان ۋاقتى 2014-5-28 16:47:07

{:112:}{:112:}{:112:}
گوڭسەنداڭ ياشسۇن !!!

atella0997 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-28 17:56:07

ئشىقىلىپ بىزگىمۇ ئىدارىدە مۇشۇ توغرىسىدا قاتتىق يىغىن ئېچىپ ئورۇنلاشتۇرۇپ كەتتى.مەمىلكەت خاراكتىرلىك تازىلاش،شىنجاڭ خاراكتىرلىك بەكرەك قىرىپ ھېچنىمىسىنى قويماي تازىلاش بولىدىغان ئوخشايدۇ.شۇڭا بۇرادەرلەر تور ئالاقە ۋاستىلىرىمىزنى ياخشىراق باشقۇرمىسىاق بولمايدىغان چېغىۋا.

abdrtt يوللانغان ۋاقتى 2014-5-28 18:31:18

بىراۋ ئۆزى يوللىغان نەرسىگە جازالانسىغۇ بىر نۆرى، ئەڭ يامان يېرى خەقنىڭ شالتىقىغا تېيلىپ كىتىش، يىمىگەن مانتۇنىڭ جەرىمانىسىنى تۆلەش

udun0903 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-28 18:40:30

atella0997 يوللىغان ۋاقتى  2014-5-28 17:56 static/image/common/back.gif
ئشىقىلىپ بىزگىمۇ ئىدارىدە مۇشۇ توغرىسىدا قاتتىق يىغىن ...

;P    نەچچە كۈن بولدى، يىغىن يىغىن قايناپ كەتتى، ئىش بىجىرگىلىمۇ بولمايدۇ، راستلا شۇنداق تازىلاۋاتقان بولسا كىرەك.;P

qunkibiz يوللانغان ۋاقتى 2014-5-28 19:24:54

udun0903 يوللىغان ۋاقتى  2014-05-28 18:40:30 static/image/common/back.gif


;P    نەچچە كۈن بولدى، يىغىن يىغىن قايناپ كەتتى، ئىش بىج
تازلىسا تازلىمامدۇ ، بىزلەرغۇ پاك ـ  پاكىز………………:D:D

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-5-28 19:37:30

يولدا تەكشۇردىغان ساقچىلار ھازىر  ۋىيشىننىمۇ ئاشقۇزۇپ تەكشۈرىدىكەن ، ئىقىم يوق دىسىمۇ ئامال يوق

omar14 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-28 19:55:03

يەندا ئەمەسمۇ ...........

parakende يوللانغان ۋاقتى 2014-5-28 20:05:06

مۇشتاق ياشاپ كەتتۇققۇ {:101:}

bagalip يوللانغان ۋاقتى 2014-5-28 20:17:40

بۇ كۈنلەرمۇ ئۈتۈپ كېتىدۇ، چىداش كېرەك

karakhan07 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-28 20:23:47

‹‹ماۋۇ راس ،ئاۋۇ يالغان ! ئۇنىڭغا ئىشەنمە ،بۇنىڭغا ئىشەن ››  دەپ بەرمىسە ،ئاق قارىنى پەرق قىلامماي  قانداقمۇ قىلار بولغىيتىم دەيمەن. كۆپ تەشەككۈرلەر بولسۇن

boran0998 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-28 21:36:04

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   boran0998 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-28 21:44  

شۇڭىمۇ بۈگۈن ئەتىگەندىن باشلاپ تىزگىنلەنگەن چېغى، ئۈندىداردا ھىچ سادا يوق. «ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، 5-ئىيۇندىن باشلاپ قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ، قىزىلسۇدا تور توختايمىش. . . .» دېگەن گەپمۇ راستمىكىن دەپ قالىمەن بەزىدە....

begtash يوللانغان ۋاقتى 2014-5-28 22:47:27

خوتەندە ھازىر ئۈندىدار يەبە ۋېيشىننى ئاچقىلى بولمايدۇ، تۈنۈگۈن سائەت 10دىن باشلاپ چەكلىۋەتتى

Jewlaniy يوللانغان ۋاقتى 2014-5-29 09:19:12

ئۈندىدار ئۇينىماي تېلىفۇننىڭ تېلىفۇن ئورنىدا ئىشلىتىپ يەنىلا nokia3110c غا ئۆتىۋالدىم. نېمە جاپا ئۇنداق بولامۇ، بۇنداق  بولامۇ،دەپ دەكە-دۈكىدە ياشاپ.

aral2008 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-29 13:15:52

:P

nopano يوللانغان ۋاقتى 2014-5-29 19:46:17

:shutup:
بەت: [1] 2
: ئۈچ تارماق بىرلىكتە ئۈندىدار قاتارلىق ئالاقە ...