UyghurBaligh يوللانغان ۋاقتى 2014-5-28 13:18:49

تور تاقىلىدۇ دېگەن خەۋەر يالغان

خەلق تورى 5-ئاينىڭ 28-كۈنى تېلگىراممىسى، توردا تارقىلىپ يۈرگەن قەشقەر خوتەن ئاقسۇ ۋىلايەتلىرىدە تور توختايدۇ دېگەن ساختا《ئۇقتۇرۇش》 قا قارىتا قەشقەر ۋىلايەرلىك پارتىكوم  بۇ ئاتالمىش تور توختاش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشنىڭ ئۆسەك سۆز ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى ، ھەمدە بۇ ئۇقتۇرۇشتا ساختىلىقى قاراشتىنلا چىقىپ تۇرىدىغان بولۇپ، ئۇقتۇرۇشتا ئۇيغۇرچە خەت ئىشلىتىلمىگەن، بېسىلغان تامغىدا بىر 族خېتى ئارتۇق بولۇپ قالغان ، ئۇنىڭدىن باشقا بۇ ئاتالمىش ھۆججەتنىڭ شەكلى ۋە خەت نۇسخىسىمۇ توغرا ئەمەس
  مۇشۇ بىر قانچە كۈندىن بىرى توردا  6-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن باشلاپ قەشقەر ۋىلايىتى قاتارلىق بىر قانچە ۋىلايەتتە تور توختايدۇ دەپ ساختا ئۇقتۇرۇش تارقلىپ يۈرمەكتە، ساقچى دائىرلىرى سىزگە شۇنى ئەسكەرتىدۇكى ھوشىيارلىقىمىزنى ئۆستۈرۈپ ئۆسەك سۆزگە ئىشەنمەي، تارقاتماي نورمال تۇرمۇش، جەمئىيەت تەرتىۋىنى قوغدايلى



مەنبەسى: تېڭشۈن تورى

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-5-28 13:29:19

ئىزدىنىش تورىغۇ پات پات تاقىلىپ قالىدىغان .....

azharbag يوللانغان ۋاقتى 2014-5-28 13:31:45

ماڭىمۇ كەپتىكەن  قەتئى ئىشەنمىگەنتىم..پارتىيە-ھۇكۇمەتكە  ئىشىنىمىز  دە  ئەلۋەتتە..

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

azharbag يوللانغان ۋاقتى 2014-5-28 13:37:39

بۇمۇ پىس-پاس گەپ سۇزلەردۇ..بەلكىم:lol

tayker يوللانغان ۋاقتى 2014-5-28 13:37:59

پىتنە - ئىغۋادىن يىراق تۇرۇپ جانىجان ھاياتىمىزنى قەدىرلەيلى !!!:lol  بۇندىن كىيىن كىم پىتنە تارقاتسا شۇنى {:136:}  قىلىۋىتىمەن .

bariber يوللانغان ۋاقتى 2014-5-28 14:11:35

پارتىيە-ھۇكۇمەتكە  ئىشىنىمىز ،يەرشارىدا پەقەت بىرلا جوڭگۇ ھۆكۈمىتى ئۆزى ئەڭ توغرا دەپ قارىغان ئىشنى قىلىدۇ.

oygak2005 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-28 14:20:09

微信نى تاقايدىكەن دىگەن گەپمۇ يالغانكەندە ئەمسە ! ئاخشام شۇ گەپ بولانغان ئىدى بۇ يەردە !

alip يوللانغان ۋاقتى 2014-5-28 14:39:20

رەسىمدىكىسىغۇ يالغان خەۋەر، لېكىن جەنۇپتىكىلەر ھەر ھالدا تەييارلىق قىلىپ قويۇڭلار. بۇلارنىڭ تاقىغۇسى كەلسە ئۇقتۇرۇش قىلىپ يۈرمەيلا تاقاۋېرىدۇ.

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

izlen يوللانغان ۋاقتى 2014-5-28 16:07:03

خەلىقنىڭ ئاۋازى بولغان تورنى تاقايدىغان.  ھۈكۈمىتىمىز
يابىر لۈكچەك ھۈكۈمەت بولمىسا ، ئۇنداقمۇ قىلماس..

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

karakhan07 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-28 16:36:50

ئىنكاسلاردىن ئۆرگىلەي:lol

ghalibjan يوللانغان ۋاقتى 2014-5-28 16:49:16

تورنى ئىتۋەتسە كىيىن نىمنى يىغىدۇ ؟


تورنى كەڭ يېيۋىتىشى كىرەك ئەسلى ...


abdrtt يوللانغان ۋاقتى 2014-5-28 18:36:23

ئارتۇق ئىشقا ئارلاشماي، پىتنە ئىغۋا تارقاتماي، تارقاتقانلارغا ئىشەنمەي، ئىككى كۆزىمىزنى يوغان ئېچىپ، كاللىمىزنى سەگەك تۇتۇپ، مەيدانىمىز قەتئىي، بايرىقىمىز روشەن ھالدا دۈشمەننى چوڭقۇر تونۇپ، ئۈچ خىل كۈچنىڭ پۇرسەتتىن پايدىلنىشىغا پۇرسەت بەرمەي، بايقىغان ھامان قاتتىق زەربە بېرىپ، قان-تەر بەدىلىگە كەلگەن ئالتۇندەك تىنىچ ۋەزىيەتنى قەدىرلەپ، گۈزەل يۇرت-ماكان قۇرۇپ چىقايلى!{:112:}

newstar يوللانغان ۋاقتى 2014-5-28 18:38:14

ئىشقىلىپ ۋېيشىن بىلەن QQ ئىشلىمەيۋاتقانلىقىنى ئىنكار قىلمايمەن ئاخشامدىن بېرى.

79588010 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-28 18:48:21

تاقاپ باقمىغان تور ئەمەسقۇ،
ئىشىنىپ قاپتىكەنمەن،
بەت: [1] 2
: تور تاقىلىدۇ دېگەن خەۋەر يالغان