مۇنداق يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرى بىزدىمۇ بارمىدۇ ؟
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا satuk تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-5-28 12:05بۇ يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ بالىلارغا قىلىۋاتقان بۇ مۇئامىلىسى ، مىنى بالامنى يەسلىگە بىرىشتىن ئەنسىرەيدىغان قىلىپ قويدى ، مۇنداقلار بىزنىڭ ئۇيغۇر يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرىمىزنىڭ ئارىسىدىمۇ بارمىدۇ ؟
http://v.qq.com/news/?tag=hot&vid=h0129igpn1a
بۇلۇشى مۇمكىن..:lol با...................... يەسلىمۇ بۇ تۈرمىمۇ? ھازىرغىچە بالامنى يەسلىگە بىرىشنى ئويلاشمىدىم بىر ھەجۋى رەسىم بۇلىدىغان ، ماۋزۇسى « يەسلىدە » ، كىچىك بالىنىڭ ئارقىسىنى توبا بىلەن سۈرتكىلى تۇرغان كۈرۈنۈش ، دەل شۇ رەسىمنى كۈرۈپ ، بالامنى بوۋاقلار يەسلىسىگە بىرىشتىن يالتايغان ئىدىم ، ئەمەلىيەتتە بۇنداق ئىشنى يوق دىگەندىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاپ كىتىدىغان قولايلىق ئىشلاردا ئىشلارنىڭ قوپالىنى تاللاپ قىلمايدۇ دىگىلى بولمايدۇ ..
بار........................ با
ھايۋالاركەنغۇ ئۇلار :@:@:@:@ بۇنداق نېمىلەر بىزدە جىق، بولۇپمۇ تولۇقسىزنى پۈتتۈرۈپ ئى يەرلەردە ئىككى يىل لاغايلاپ كەلگەن، ساپاسى تۆۋەن قىزلاردا بۇنداقلار ساماندەك، يەسلىگە بەرمىگەن ياخشى، بۇنداق نېمىلەر باشلانغۇچ ئوقۇتقۇچىلىرى ئارىسىدىمۇ بار، شۇڭا ئويلىشىپ بالاڭلارنى باشلانغۇچقىمۇ بەرمەي تولۇقسىزغىلا بېرىڭلا{:92:} بوممامدىغان ، قىزىمنى يەسلىگە بەرسەم، «ئايى» سى قىلدىغان قىلىق تاپالماي، قورقۇنچلۇق ھېكايە سۆزلەپ بېرىپتۇ، نەچچە كۈن قارا بېسىپ ئۇخلىيالمىغان...كېيىن ئۇ مۇئەللىمنى تېپىپ @#$%^^&&*))(((_!@#$%^& دەۋەتتىم! ئاشخانىغا كىرسەم ئەخلەت مايدا تاماق ئېتىپ بەرسەڭ، دوختۇرخانىغا بارسام قىزىل بولاق سورىساڭ، ئون كويلۇق كىيىمگە خىجىل بولماي 200 كوي باھا ئېيتساڭ، سېتىۋېلىپ كىيسەم ئىككى ئايغا پايلىمىسا ئاپارسام كارىڭ بولمىسا، ئالدىڭىغا ئىش بىجىرگىلى بارسام توڭ تەگسەڭ، مۇناسىۋەت بولمىسا بىجىرىپ بەرمىسەڭ ... ھەممە ئۆچۈمنى بالاڭدىن ئالىمەن !- دەيدۇ بەزى مۇئەللىملەر، خوشامەت قىل، بولمىسا بالاڭ قولۇمدا {:87:} خوپ بولدى، باقىدىغان ئانىسى يوق بالا دىگەن مۇشۇ كۈنگە قالىدىغىنى ئىنىق. بالا دىگەن تامنىڭ تۆشۈگىدىن چۈشمىگەندىكىن، ئانىسى باقسا بولىدۇ. ئاتا-ئانىسى تىرىك يىتىمنىڭ دەردىنى تارتىۋىتىپتۇ بۇ بالىلار.
ئۇيغۇرلىرىمىز بۇنچە ئەمەس ، يۈركىمىز ئۇندا قاتتىق ئەمەس با ھايۋانمۇ بالىسىنى باشقا ھايۋانغا ئامانەت قىلماس! كىشىلىك ھاياتنىڭ ئەڭ بۈيۈك پەللىسىنى پۇل بىلەن ئۆلچەيدىغانلارنىڭ، ئۆزىدىن باشقا ئىككىنچى بىر ئادەمگە مەسئۇل بۇلۇش تۇيغۇسى بولمايدۇ. گەرچە مىللىتىمىز ئارىسىدا بۇنچە رەزىل يەسلىخانا بولمىسىمۇ، يەنلىلا پەرزەنتلىرىمىزنى ئەڭ ياخشىسى ئۆزىمىز تەربىيلەيلى قېرىنداشلار ئوغلۇمنى ئۈچ ياشتىن ئاشقاندىلا مۇناسىۋەت ئىزدەپ ھۆكىمەت قارمىقىدىكى ھەقسىز يەسلىگە مەجبۇرى ئاپىرىپ بەردىم، بۇ دۇنيانى بالدۇراق ئۆزى چۈشىنىشنى، ھېس قىلىشىنى باشلىسۇن دەپ…ھازىر تۆت ياشتىن ئاشتى ئىپادىسى يامان ئەمەس، باللارغا بوزەك بولمايدۇ ھەم بوزەك قىلمايدۇ، بىر نەچچە دوسلىرىمۇ بار، لىكىن بىزنىڭ گېپىمىزنى ئاڭلىمىغان بىلەن مەلىملىرىنىڭ گىپىنى بەك ئاڭلايدۇ.
ئوغلۇم سەل نازۇك بولغاچقا بىر قېتىم مەلىم باللارغا ۋاقىردى دەپ دەرت ئېيتىپ بېرىپتۇ ئانىسىغا.
بەت:
[1]
2