kurbansan يوللانغان ۋاقتى 2014-5-28 07:58:32

ئاندىرويىد سىستېمىسىدىمۇ بىر يېڭى يوچۇقنىڭ بارلىقى ئاشكارلاندى

سىنا يانفون تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
iOS7.1.1 سىستېمىسىدا بىر نەچچە يوچۇق بايقالغاندىن كېيىن، يېقىندا ئاندىرويىد سىستېمىسىدىمۇ بىر يېڭى يوچۇقنىڭ مەۋجۇتلىقى بايقالغان بولۇپ، ئابونتلار سەزمىگەن ئەھۋال ئاستىدا، يانفون ئاپتوماتىك ھالدا كامېرانى قوزغىتىپ، تارتىلغان رەسىمنى تورغا يوللايدىكەن.
بۇ يوچۇقنى بايقىغۇچىنىڭ ئىسمى Sidor بولۇپ، ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ گەرچە گۇگېل ئەپ دۇكىنىدىكى نۇرغۇنلىغان ئەپلەرنىڭ ئىچىدە مەخپىي ھالدىكى رەسىمگە تارتىپ يوللاش ئىقتىدارى قىستۇرۇلغانلىقىنى بايقىغان بولسىمۇ، بىراق، ئۇلارنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك ئىكراندا ئالاقىدار مەشغۇلات ئەسكەرتمىسىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن. بىراق، بۇ قېتىم بايقالغان يوچۇق پۈتۈنلەي باشقىچە بولۇپ، بۇنىڭدا ئابونتلار قىلچە سەزمىگەن ئەھۋال ئاستىدا، رەسىمگە تارتىش ۋە يوللاش قاتارلىق مەشغۇلاتلار ئېلىپ بېرىلىدىكەن.
Sidor نىڭ دىيىشىچە، ئۇ ئاندىرويىد سىستېمىسىدىكى ئىنتايىن ئاددىي بىر يوچۇقنى ئېچىش ئارقىلىق يۇقارقى ئەھۋالنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى بايقىغان، ئۇ يەنە بۇ يوچۇقتىن پايدىلىنىپ، ئالدىن كۆرۈش ھالىتىدىكى رەسىملەرنى پىكسىل ئۇچۇرىغا ئالماشتۇرغان. ئادەتتىكى ئەھۋال ئاستىدا، ئابونتلار بۇنىڭغا ئوخشاش پىكسىل ئۇچۇرى ئەسكەرتىشىگە دىققەت قىلىپ كەتمەيدىكەن.
كىشىنى قورقىتىدىغان يېرى، يۇقاردا تىلغا ئېلىنغان پىكسىل ئۇچۇرى يانفوننىڭ ئېكرانىدا كۆرۈنمەيدىكەن، ھەتتا ئاندىرويىد يانفونىنىڭ ئىكرانى ئېچىلمىغان ھالەتتىمۇ، يانفون كامېراسى نورمال ئىشلەيدىكەن. Sidor بۇ ئەھۋالنى ئاندىرويىد بىخەتەرلىك گۇرۇپپىسىغا ئىنكاس قىلغان، ھەمدە ئۇلارنىڭ بۇ يوچۇقنى بالدۇرراق تاقاپ، بۇ ئارقىلىق ئابونتلارنىڭ شەخسىي مەخپىيەتلىكىنى قوغدىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

sabira يوللانغان ۋاقتى 2014-5-28 10:05:21

iOS7.1.1 سىستېمىسىدا  قانداق يۇچۇق بايقالدى؟
مەن بىلمەي قاپتىمەن؟

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-5-28 10:51:07

مىنىڭ تېلفۇنىممۇ يانچۇقتاتۇرۇپلا باشقىلارغا ئۇلىنىپ كىتىدۇ ، يانچۇقىمغا قۇلۇمنى سالمىساملا ، بۇمۇ ئاندىروئىد سېستىمىنىڭ يۇچۇقىمىكىن دەپ قالىمەن ، قايتا سېستىما يېزىپ قويسام ئوڭشىلىپ قالىدۇ ....

function يوللانغان ۋاقتى 2014-5-28 10:57:13

قەستەن قالدۇرۇلغان يوچۇق بولىشى مۇمكىن.

oygak2005 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-28 14:23:01

ماۇۇ ئاجايىپ خەتەرلىك يوچۇقكەن...بۇ خەۋەرنى  ئاخشام خەنزۇچە مەنبەدىن ئوقۇدۇممۇ، ئىشقىلىپ،بۇ يوچۇقنى يامىماق لازىم.

Control يوللانغان ۋاقتى 2014-5-28 18:16:18

مېنىڭكىدەك يانفونلاردا ھەقىچان بۇنداق يوچۇق يوق{:92:}

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2014-5-28 18:45:46

قەستەن ئورۇنلاشتۇرغان يۇچۇقمۇ تېخى بىر نەرسە دەپ بولمايدۇ...

oylan يوللانغان ۋاقتى 2014-5-28 19:12:53

ئەمدى بۇ يۇچۇقنى ئەتمىسە كامېرانىڭ ئېغىزىغا بىر نەرسە چاپلاپ قۇيۇپ يۇرەرمىزمۇ؟:lol

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-5-28 22:42:28

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   iltersh تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-28 22:48  

گوگىلنىڭ بۇنداق قىلىشى ناتايىن ئالما بولمىغاندىكىن
سېستىمىدىكى يوچۇقتىن باشقىلار پايدىلىنىپ كەتكەندۇ بەلكىم

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-5-28 22:46:30

گوگل ئەپ بازىرىدىن 阻止手机拍照app
ياكى camera disabler دىگەن ياماقنى چۈشۈرۈپ قاچىلىۋەتسەڭلار يوچۇقنى ئېتىش تامام

atarut يوللانغان ۋاقتى 2014-5-28 22:49:24

oylan يوللىغان ۋاقتى  2014-5-28 19:12 static/image/common/back.gif
ئەمدى بۇ يۇچۇقنى ئەتمىسە كامېرانىڭ ئېغىزىغا بىر نەرسە  ...

{:181:} {:217:}

SIRLIK يوللانغان ۋاقتى 2014-5-29 05:18:05

توۋا  ئەمدې بىلدىم،،بۇ يوچۇق مېنىڭ تېلفۇنۇمدا بار كەن ئەسلى   . كامىرابەزىدە ئۆزلۈكىدىن قوزغۇلۇپ كېتەتتى ،كۆپرەكى چ چ دا پاراڭلاشقاندائاشۇنداق بولۇۋالىدۇ ئانچە ناچار تېلفۇنمۇ ئەمەس بولمىسا  گېلەكسى ئېس 4،،،،سېستىما زاۋۇتتىن كەلگەن سېستىما ،،،
قانداق قىلسام بولا،،،شەخسى ئۇچۇرلۇرۇم خەتەر ئاشكارلىنىپ كەتتىمۇ نېمە؟
بەت: [1]
: ئاندىرويىد سىستېمىسىدىمۇ بىر يېڭى يوچۇقنىڭ بارلىقى ئاشكارلاندى