sohrat يوللانغان ۋاقتى 2014-5-27 20:50:33

يانفۇن تەۋىسسىيە قىلاي GALAXY K zoom

نۇرغۇن كىشىلەر كامېراسى ياخشى، سۈرەتكە تارتىش ئىقتىدارى ياخشى يانفۇن سېتىۋېلىشنى ئويلايدۇ، ئۇنداقتا بۇ تېلفۇننى كۆرۈپ باقايلى:
Samsung شىركىتى GALAXY K zoom يانفونىنى چىقاردى
     سىنا پەن-تېخنىكىسىنىڭ 22-ماي خەۋىرى: بۈگۈن Samsung شىركىتى جۇڭگو دۆلەتلىك مۇزىيىدا يېڭى مەھسۇلاتلار تارقىتىش يىغىنى ئېچىپ، يېڭى بىر ئەۋلاد سۈرەتكە تارتىش يانفونى GALAXY K zoom نى رەسمىي ھالدا دۆلەت ئىچى بازىرىغا چىقاردى. بۇ يانفوننىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى سۈرەتكە تارتىش ئىقتىدارى بولۇپ، 20 مىليون 700 مىڭ پىكسېللىق ئاساسىي كامىرا سەپلەنگەن، 10 ھەسسىلىك ئوپتىكىلىق فوكۇس ئۆزگەرتىشنى قوللايدۇ. 5-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن باشلاپ، بېيجىڭ شەرق سودا شەھەرچىسى ئالدىن زاكاز قوبۇل قىلغان، سېتىلىش باھاسى 3699 يۈەن بولغان.
     Samsung GALAXY K zoom ئالدىنقى ئەۋلاد GALAXY S4 zoom غا قارىغاندا تېخىمۇ نىپىزلاشتۇرۇلغان بولۇپ، يانفوننىڭ قېلىنلىقى 20.2 مىللىمېتىر، ئېغىرلىقى 200 گىرام ئەتراپىدا ئىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا  10 ھەسسىلىك ئوپتىكىلىق فوكۇس ئۆزگەرتىشنى قوللايدىكەن. يانفوننىڭ سىرتىغا GALAXY S5 نىڭ سىرتىقى قېپىغا ئوخشىشىپ كېتىدىغان سىرتقى قەۋىتىنى ساقلايدىغان قاپ ئورنىتىلغان، چوڭراق كەلگەن ئاپپارات قۇرۇلمىسى ئازراق كۆپۈپ چىققان. GALAXY K zoom پىمېي مەخسۇس ئاپپاراتىنىڭ رەسىمگە تارتىش ئۈنۈمى بىلەن تەمىنلەيدۇ. 2.3/1 دىيۇملۇق ئارقىدىن تارتىلىدىغان CMOS سېنزور ئىشلىتىلگەن، ئىچكى سەپلىمىسىگە Xenon كىسېنون چاقماق چىرىقى ئورۇنلاشتۇرۇلغان، ئوپتىكىلىق سىلكىنىشتىن ساقلىنىش ئىقتىدارىنى قوللايدۇ. ئىچكى سەپلىمىسىگە كۆپ تۈرلۈك سۈزۈش ئەينىكى ۋە سۈرەتكە تارتىش ئەندىزىسى سەپلەنگەن، سېكۇنتىغا 60 كاندۇكلۇق 1080p لىق يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى ۋىدېئو چاستوتا خاتىرىلەنگەن.
     قاتتىق دېتال سەپلىمىسى جەھەتتە، Samsung GALAXY K zoom غا 4.8 دىيۇملۇق Super AMOLED كۆرۈنمە يۈز ئېكرانى ئورنىتىلغان، ئېنىقلىق پەرقلەندۈرۈش نىسبىتى 1280×720 پىسكېل، Samsung شىركىتىنىڭ Exynos 5260 6 يادرولۇق بىر تەرەپ قىلغۇچى سەپلەنگەن. قوش يادرولۇق Cortex-A15 قۇرۇلمىسى 1.7GHz ۋە تۆت يادرولۇق Cortex-A7 قۇرۇلمىسى 1.3GHz دىن تۈزۈلگەن، TD-LTE ئۆلچەملىك 4G تورىنى قوللايدۇ. ئىچكى سەپلىمىسىگە 2GB RAM ئىچكى ساقلىغۇچ ئىجرا قىلىنغان ۋە 8GB ROM ساقلاش بوشلۇقى سەپلەنگەن. MicroSD كارتىسىنى قوللايدۇ. باتارېيە سىغىمى mAh 2430. GALAXY S5 گە ئوخشاش، K zoom مۇ ئالاھىدە توك تېجەش ئەندىزىسىنى قوللايدۇ.
مەنبە : ئوكيان تورى http://www.okyan.com/html/news/Tech/2014/0522/5652.html



pervaz يوللانغان ۋاقتى 2014-5-27 22:15:27

توردىن كۆردۈم شەكلى بەك سەتكەن :lol:lol:lol

pervaz يوللانغان ۋاقتى 2014-5-27 22:18:56

تېلېفونمىكى دېسە كامېرا دەك ، كامېرامىكى دېسە تېلېفوندەك !!:P
مېنىڭچە ھازىرقى سەمسۇڭ ، ئالما ، نوكىيا تېلېفونلىرىغا سەپلەنگەن كامېرالار بۇرۇنقى نەچچە مىڭ يۈەنلىك كەنۇن ، نىكون دېگەن داڭلىق ماركىلىق كامېرالار قىلغان ئىشلارنى ئاسانلا قىلالايدىغان بوپ كەتتى ...
ئەمدى كەسپى فوتوگىراف بولىتىم دېسىڭىز يەنىلا 2 مىڭغا چىداپ كەنۇن ياكى نىكوننىڭ كەسپى سۈرەت تارتىش ئاپىراتىنى ئالسىڭىز بولامىكى ...!!

sohrat يوللانغان ۋاقتى 2014-5-27 22:51:22

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sohrat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-27 22:53  

بۇ يانفۇن فوتۇئاپارات بىلەن يانفۇننىڭ بىرلەشمىسىكەن شۇڭا سەل كۆركەم ئەمەسكەن،  پەرۋاز  ئەمدى گەپنى باشلىغاندىكىن ئاخىرىنىمۇ بىر چىقىرىڭە پايدىلىنايلى، ئائىلىدە ئادەتتىكى ئېھتىياجلارغا ئىشلىتىشكە قايسى ئاپاراتلارنى سېتىۋالساق بولىدۇ؟ سېتىۋېلىش، تاللاشتا قايسى نوقتىلارغا بەكرەك دىققەت قىلىشىمىز كېرەك؟ قەيەردىن سېتىۋالساق بىر قەدەر ئىشەنچىلىك؟ ئورگان تەرەپنىڭ چاينادىكى توربەتلىرىدىن سېتىۋالسا قانداق بولار؟
تۆۋەندىكى ئاپارتلار قانداقراق(تاۋباۋدا كۆرگەن)   ئائىلىدە  ئادەتتىكى ئېھتىياجلارغا ئىشلىتىلىدىغان بولغاچقا ئەلۋەتتە بەك يوقۇرى باھالىقلىرىنى كۆرمىدىم
Canon/佳能EOS 1100D

佳能1100HS
富士S4850

putboljan يوللانغان ۋاقتى 2014-5-27 22:55:38

بىر ئاينىڭ ئالدىدىلا سامسوڭ شىركىتى داڭلىق پۇتبولچىلار بىلەن مۇشۇ تېلفون توغىرسىدا ئېلان ئىشلىدى.

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-5-27 23:04:01

نوكىيانىڭ 40مىليۇن پىكسىللىق يانفۇنىنىڭ باھاسى قانچە ئىكەن ؟  بازاردىمۇ كۆرۈنمەيدىغۇ ، جۇڭگۇغا كىرمىدىمۇ يە

sohrat يوللانغان ۋاقتى 2014-5-27 23:25:19

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sohrat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-27 23:26  

يېقىندا بازارغا سېلىنغان ياكى سېلىنماقچى بولغان يانفۇنلاردىن دىققەت قىلىۋاتقانلىرىم تۆۋەندىكىچە ئەلۋەتتە تازا تولۇق ئەمەس(ئەسكەرتىش چوڭ قۇرۇغلۇقنىڭ مەھسۇلاتلىرىنىڭ تۈرلىرى ساناقسىز ھەم سۈپىتى ئالاھىدىرەك بولغاچقا نەزەردىن ساقىت قىلىندى، سونىي يانفۇنلىرىنىڭ ئۇيغۇرچە قوللىشى ئالاھىدە ياخشى ھەم چىداملىق بولغاچقا ئالدىغا تىزىپ قويدۇم )
sony
Xperia Z2 Compact
Xperia Z3
Xperia Z2(L50t/
Xperia G(D5103)
Xperia E1

LG
LG G3
LG Uni8
LG G3 mini
LG Lucid 3(VS876)
LG F90
LG F70
LG L65
LG L80

samsung
G110B
Galaxy Core 2
Galaxy Ace Style
GALAXY Note 4
HTC
HTC M8 Ace
HTC One M8
HTC One mini 2


nokia
930
636
Superman
638
530
230
220


google
Nexus 6
Project Ara

appele
iPhone 6C
iPhone Air

Bigaan يوللانغان ۋاقتى 2014-5-27 23:37:08

سامسۇڭنىڭ ئۆزگىرشچان فۇكۇسلۇق تىلفۇن ئىشلىشى ئاز كۆرىلىدۇ . بۇ قېتىم بۇنداق ئىشلىشدىكى سەۋەب ئابۇنتلارنىڭ رايىنى سىناپ گالاكسىي تۈرىنى بىيىتىش مەقسەت قىلىنغان بولۇشى ئىھتىمال .
ھازىر گالاكسىينىڭ ئىككى چوڭ تۈرى ئالقىشقا ئېرىشىپ كلىۋاتىدۇ . گالاكسى س تۈرى ۋە گالاكسى خاتىرە تۈرى . سامسۇڭنىڭ ئاپپارات تىخنىكىسى ئەزەلدىن كۆچمە ئۈسكۈنىلەر قاتارىدا ئالدىنقا ئورۇندا ئىدى . ئاپپارات بازىرىنىڭ كاساتلىشىغا ،تىلفۇننىڭ كامىرا ئورنىنى ئىگەللىشىگە ئەگىشىپ ،سامسۇڭ ئاپپارات تىخنىكىسىنىڭ بازاردا يىتىم قىلىشىدىن ئەنسىرگەن بولۇشىمۇ ،نۇپۇزلۇق گالاكسى تۈرىگە ئاپپارات تىخنىكىسىنى قوللىنىپ بازار ئۇتۇشنى نىشانلىغان بولۇشى مۇمكىن .
نوكىيانىڭ ئالدىنقى قېتىم بازارغا سالغان لۇمىيامۇئاپپارات تىخنىكىسىنى ئاساس قىلغاندى.ئەمما نوكىيانىڭ كۇرسىنىڭ چۈشىشى بىلەن ئانچە بازار تاپالماي قالغان . ئەمدى سامسۇڭ بۇ سەپكە تىگىش قىپتۇ .
قارىغاندا سامسۇڭ بىلەن ئالما تىلفۇن بازىرىنى ئوڭىچە ئىگەللىمەكچى بولسا كىرەك .

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

yigana523 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-28 07:33:28

ماۋۇ ئىككىڭلا نېمە دىيىشىۋاتىسىلە:funk:

qassap يوللانغان ۋاقتى 2014-5-28 10:32:22

بىگان قارىمنى يەنە سولاپ قويۇپسىلىغۇ:lol

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-5-28 10:54:14

ئا تېلفۇننى فوتۇ ئاپپاراتنىڭ ئىلغارلاشقان قىسمى سەپ تۇنۇساق بولغۇدەك ، مەن ئېخەت يوللىغىلى بۇلىدىغان ئاپپاراتلار چىقارمۇ دەپ ئويلايتتىم ، ئەمدى ئۆلچەملىك ئاپپاراتى بار تېلفۇن چىقىپ ، بۇ ئوي رىئاللىققا ئايلىنىپتۇ .......

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-28 11:04:32

مەن خۇاۋىي h30-t00  ئىلىپ بولغانتىم. يەنە سىتىۋالامدىم. بولدىلا ئالما ئالساملا بولمىدىمۇ؟:lol

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-28 11:09:51

sohrat يوللىغان ۋاقتى  2014-5-28 00:51 static/image/common/back.gif
بۇ يانفۇن فوتۇئاپارات بىلەن يانفۇننىڭ بىرلەشمىسىكەن ش ...

بۇنىڭدىن نىكون ماركىلىق ڧۇتۇ ئاپارات ياخشىراقتۇ؟

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-28 11:13:41

pervaz يوللىغان ۋاقتى  2014-5-28 00:15 static/image/common/back.gif
توردىن كۆردۈم شەكلى بەك سەتكەن

مىنىڭچە باتارىيە توكى ئۇزاققا يەتمەيدۇ. بۇ تىلىڧۇن ھامان مەغلۇپ بولىدۇ. چۈنكى تازا بىر كىلەڭسىزكەن.

satuk يوللانغان ۋاقتى 2014-5-28 12:52:28

مەن مۇشۇ خۇاۋىې تىلپۇنبىلەن تازا چىقىشالمىدىن ئىلگىركى ئەلجى تىلپۇنىمنى ماسوننىڭ مەھسۇلاتىكەن ، بۇنداق شەيتان دىنىنىڭ نەرسىسىنى ئىشلەتمەي دەپ ، خوۋىيغا ئالماشتۇرۇپتىكەنمەن ، بۇنىڭدىنمۇ زىرىكتىم ئەڭ ياخشى يەنىلا ئالما بىلەن سامسۇڭ ئوخشايدۇ .

doctor يوللانغان ۋاقتى 2014-5-28 13:24:45

دەۋىرنىڭ ئۆتكۈنچى ھاسىلاتلىرى، ئۆتكۈنچى ئەخلەت مەھسۇلاتلار ................
                                      بەرىبىر تارىخ يارتالمايدۇ .
         

oygak2005 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-28 14:29:28

سىلەرگە تىلفۇن-ئاپرات تونۇشتۇراي دېسەك بولغۇدەك ماۋزۇنى....:lol:lol

sohrat يوللانغان ۋاقتى 2014-5-28 17:50:57

نوكىيانىڭ 40مىليۇن پىكسىللىق يانفۇنىنىڭ باھاسى قانچە ئىكەن ؟  بازاردىمۇ كۆرۈنمەيدىغۇ ، جۇڭگۇغا كىرمىدىمۇ يە
مۇشۇمۇيا؟ Lumia 1020
بەت: [1] 2
: يانفۇن تەۋىسسىيە قىلاي GALAXY K zoom