tawpik يوللانغان ۋاقتى 2014-5-27 12:38:59

تۇرمۇش ئەنئەنىمىزدىكى ئالاھىدە بۇيۇم — بۆشۈك

تۇرمۇش ئەنئەنىمىزدىكى ئالاھىدە بۇيۇم — بۆشۈك

ئۆركەش جاپپار

     بۆشۈك خەلقىمىز ئارىسىدا كەڭ ئومۇملاشقان ئەنئەنىۋى تۇرمۇش بۇيۇمى.
    ئادەتتە، بۆشۈكنىڭ ئېگىزلىكى 60 نەچچە سانتىمېتر، ئۇزۇنلۇقى بىر مېتىر، كەڭلىكى 50 سانتىمېتىر ئەتراپىدا بولۇپ، ياغاچتىن ياسىلىدۇ. بۆشۈك قۇرۇلمىسىغا بىر تالمۇ تۆمۈر مىق ئىشلىتىلمەيدۇ. بوۋاقلار ئۈچۈن مەخسۇس لايىھىلىنىپ ياسىلىدىغان بۇ ئالاھىدە «كارىۋات»نىڭ كۆركەم، نەپىسلىكىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلگەچكە، ئۇنى بىر خىل گۈزەل سەنئەت بۇيۇمى، دېيىشكىمۇ بولىدۇ.
    بوۋاقلارنى بۆشۈككە بۆلەش خەلقىمىز ئۇزاق تارىخىي دەۋرلەر جەريانىدا شەكىللەندۈرگەن، بالىلارنىڭ ساغلاملىقىغا پايدىلىق ئەنئەنىۋى ئۆرپ – ئادەتلەرنىڭ بىرى. بۆشۈككە بۆلەش ئارقىلىق بوۋاقلارنىڭ دەسلەپكى باسقۇچتىكى ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش، كېسەل بولۇش نىسبىتىنى ئازايتىش، نېرۋا تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ھەرىكەت سىستېمىسىدا كۆرۈلۈش ئېھتىماللىقى بولغان تۈرلۈك غەيرىي ئەھۋاللارنى تۈزىتىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ. شۇڭا خەلقىمىز بۆشۈككە بىر خىل مۇقەددەس ئېرىملىق بۇيۇم قاتارىدا مۇئامىلە قىلىدۇ. بوۋاقنى تۇنجى بۆشۈككە سېلىشتا ئۇزاق ئۆمۈر كۆرگەن پېشقەدەم «بۆشۈكئانىسى» تەكلىپ قىلىنىپ، «بۆشۈكئانىسى»نىڭ ئۇدۇمى ئېلىنىپ، «بۆشۈك تويى» ئۆتكۈزۈلۈپ، بالىنىڭ ئۇزاق ئۆمۈر كۆرۈشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈرۈلىدۇ. بۆشۈكنىڭ ياسىلىش شەكلى ۋە ئۇنىڭغا بالىنى بۆلەش مۇئەييەن ئىلمىي قائىدىگە ئاساسلانغاچقا، بۆشۈك مۇنداق ئەۋزەللىكلەرگە ئىگە:
     بىرىنچىدىن، بۆشۈكتە ياتقان بالىنىڭ ئورنى پاكىز بولىدۇ. چۈنكى، بالىنى ھەر قېتىم بۆشۈككە بۆلەشتىن بۇرۇن، بۆشۈك كۆرپىلىرى، جاك، شۈمەكلەر يۇيۇلۇپ ئاپتاپقا سېلىنىدۇ ياكى ھاۋالاندۇرۇلىدۇ. بالىنىڭ ئاستى ھۆل بولۇپ قالىدىغان ئەھۋال سادىر بولمايدۇ. بالىنىڭ تەرىتى ئۇدۇللۇق جاكقا چۈشىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بالىنىڭ چات ئارىلىقلىرى ھۆللىنىش سەۋەبىدىن ئېچىشىدىغان، قىزىرىدىغان،  شەلۋەرەيدىغان، پىچىلىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلمەيدۇ.
    ئىككىنچىدىن، بالا ئېچىلىپ قېلىپ، سوغۇق تېگىپ قالىدىغان ئەھۋال يۈز بەرمەيدۇ. بوۋاقلارنى بۆشۈككە بۆلىگەندە، بەدەن تېمپېراتۇرىسى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، ئارتۇق ھۆللۈك ئازىيىپ، قان  ئاينىلىش راۋانلىشىپ، كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچى ئاشىدۇ.
     ئۈچىنچىدىن، كېچىلىرى ئانىنىڭ خاتىرجەم ئۇخلىشىغا ۋە دەم ئېلىشىغا پايدىلىق پۇرسەت يارىتىلىدۇ.        
     تۆتىنچىدىن، بۆشۈككە بۆلەشتە بالىلارنىڭ باش، قول، پۇت ۋە بەدىنى رۇسلاپ قائىدىلىك تېڭىلغاچقا، بەدەن قۇرۇلمىسى ئۆلچەملىك ئۆسىدۇ. بوۋاقلاردا كۆرۈلىدىغان تۈرلۈك غەيرىي كېسەللەرنىڭ، يەنى  يوغان باش بولۇپ قېلىش، باش مايماق بولۇپ قېلىش، دوك، تاشمايماق، ئىچمايماق بولۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
     ئۇنىڭدىن باشقا، بوۋاقلارنى بۆشۈككە بۆلەش بوۋاقنىڭ نېرۋا سىستېمىسىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەقلىي قابىلىيىتىنى ئاشۇرۇش؛ تېرە رەڭ پىگمېنتلىرىنىڭ نورمال ئىشلىنىشىگە كاپالەتلىك قىلىشتەك ئارتۇقچىلىقلارغا ئىگە.   
     ئومۇمەن، بۆشۈك خەلقىمىزنىڭ تۇرمۇش شارائىتىغا مۇۋاپىق كېلىدىغان ئەنئەنىۋى بۇيۇم بولۇپ، مەيلى يېزا ياكى شەھەرلەردە بولسۇن، بۆشۈك تەۋرەتمىگەن ئانىلارنى تېپىش تەس.«ئەللەي ناخشىسى»(بۆشۈك ناخشىسى)، ئەمەلىيەتتە، خەلقىمىزنىڭ بۆشۈككە بولغان قەسىدىسىدۇر.

izchi يوللانغان ۋاقتى 2014-5-27 14:03:48

بالىلىقىمنى ئەسلىگەندەك بولدۇم . رەھمەت. ھالا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە نۇرغۇن بوۋاقلار بۆشۈكتە ياتماي چوڭ بولىۋاتىدۇ .

begir يوللانغان ۋاقتى 2014-5-27 16:48:18

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   gilas تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-27 18:42  

بۇ بۆشۈك دىگەن يامان نەرسىكەن زادى . ئۈستىگە چىقتىڭىزمۇ شۇ ، ئازراق ئەللەي ئىتىپ پەپىلەپ قويسا ياكى ئىمىزگا چىشلىتىپ قويسا ئۇخلايدىغان گەپكەن ئادەم :)

ruslan007 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-28 00:14:45

قۇشناچىم ھازىرمۇ بۈشۈككە بۆلەپ ئەللەيلىتىپ ، ئىمىزگا چىشلىتىپ قوياپ ئۇخلىتىۋاتامدا

begir يوللانغان ۋاقتى 2014-5-28 07:39:45

ruslan007 يوللىغان ۋاقتى  2014-5-28 00:14 static/image/common/back.gif
قۇشناچىم ھازىرمۇ بۈشۈككە بۆلەپ ئەللەيلىتىپ ، ئىمىزگا  ...

نەزەر دائىرىڭىزنى سەل كەڭ تۇتۇپ باقمامسىز رۇسلان قارى . مەسىلەن : بۇ جەمىيەتنى بىر بۆشۈك دىسەك ...

sekine يوللانغان ۋاقتى 2014-5-28 09:11:29

بۈشۈكتە ئۇزۇن ياتسا كالتىسىي كەملىك بوپ قالدۇ دەپ نەچچىسى. لېكىن مەن ئۇنداق ھېس قىلمىدىم. بالام بەكلا ساغلام. 9 ئايلىق بولدى.  بۈشۈككە بەك ئامراق.  چېچىمۇ ھەم بەك جىق ھەم تېز ئۈسىدۇ .  بالامنى بۈشۈكتىن ئايراي دەپ جاپا تاتىپ كەتتىم. بۇ باللارمۇ بەكلا كۈنۈپ كېتىدىكە. مىنىڭ بالام بۈشۈكتە ئۇخلىمىسا ئۇخلىمايدۇ.  بۈشۈككە سالسام سەپ بوغۇچە ئۇخلاپ قالىدۇ ھەم تېنىچ ئۇخلايدۇ.  
يەردە ئۇخلۇتۇپ باقاي دىسەم پەقەت ئۇخلىغىلى ئ؛نمايدۇ ئورنىدىن تۇرۋاپ.
ئەمما ھاۋا ئىسسىق كۈنلەردە بۈشۈكتە ياتقۇزۇش ئانچە مۇۋاپىق ئەمەسمىكىن دەپ قالدىم. ئىسسىقتا ئۆرلىيەلمەي تەرلەپ كىتىدىكەن بەك.
بۈشۈكنىڭ راسلا زىيانلىق تەرىپىمۇ بارمۇ؟  بار بولسا قانداق زىيانلىرى باردۇ؟ !

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2014-5-28 19:15:50

sekine يوللىغان ۋاقتى  2014-5-28 09:11 static/image/common/back.gif
بۈشۈكتە ئۇزۇن ياتسا كالتىسىي كەملىك بوپ قالدۇ دەپ نەچچ ...

بۆشۈكتە بەك ئۇزۇن ياتقۇزۋەتسىڭىزمۇ ياخشى ئەمەس. شۇڭا چوڭلار دائىم بالا ئۇخلاپ ئىككى سائەتتىن ئاشقاندا بۆشۈكتىن ئېلىپ ئۆرۈپ يانچە ياتقۇزىدۇ. بالىنى بەك ئۇزۇن ۋاقىت بۆشۈكتە بۆلىگەندە بالىنىڭ باش شەكلىگىمۇ تەسىر يىتىدۇ دەيدىكەن. يايپاڭباش بولۇپ قالىدىكەن. شۇڭا بەكمۇ ئۇزۇن ياتقۇزۇشقا بولمايدۇ. قالغان جەھەتتىن ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق.
ھازىر ماۋۇ يەردە خەنسولارمۇ ئىشلىتىدىغان بولۇپ كەتتى .5-6 يىل بۇرۇن ئىككىنچى دوختۇرخانىغا كېسەل يوقلاپ بارغان. شاڭخەيدىن بىر مۇتەخخەسىس كەپتىكەن. بۆشۈكنى كۆرۈپ ھەيران قىلىپ بۇ نىمە دەپ سورىغانتى. ھېلىقى ئۇيغۇر بالا بېشىنى تاتلاپ جېگىما ۋاۋادى چۇاڭ، شاڭمىيەنما زىلەيشۇي، شىيامىيەنما شىياشۇيداۋ دەپ كۆرسىتىپ قويىۋىدى ھېلىقى خەنسو بۇ ياخشى نەرسىكەن دەپ رەسىمگە تارتىپ كەتكەنتى.

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-5-28 19:27:52

چەتئەللەردىكى قىرىنداشلىرىمىزمۇ باللىرىنى بۆشۈكتە باقامدىغاندۇ ؟ بىلىمخۇمار ، بىلگەجان ، ئەزھەر ، مەۋلانە ……قىرىنداشلار جاۋاب بەرسە
         

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-5-28 20:25:13

بۆشۈك ھەقىقى ياخشى نەرسە ، ئۇ بالىنىڭ ئۇسىتىخان قۇرۇلۇشىنى ئۆلچەملىك تەرەققى قىلدۇرۇشقا بەك پايدىلىق
بەت: [1]
: تۇرمۇش ئەنئەنىمىزدىكى ئالاھىدە بۇيۇم — بۆشۈك