بۇ تەۋەرۈك كىتابلار سېتىلىدىكەن
بۇ تەۋەرۈك كىتابلار سېتىلىدىكەن
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، كىتابخۇمار دوستلار! بىر دوستۇم مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى ئۆزى ساقلاپ كەلگەن بىر قىسىم تەۋەرۈك كىتابلارنى سېتىۋەتمەكچى ئىكەن. كىتابلارنىڭ ھەممىسى ھۆكۈمەت قارمىقىدىكى نەشرىياتلار تەرپىدىن بېسىلغان قانۇنلۇق كىتابلار. كىتابلارنىڭ باھاسى ئاشۇ دوستۇم تەرپىدىن قويۇلغان، بۇ باھا مۇقىم قويۇلغان باھا ئەمەس، سېتىۋىلىشنى خالايدىغانلار ئاستىدا قالدۇرۇلغان نۇمۇرغا تېلېفۇن قىلىپ ئۆزۈڭلار سۆزلىشىپ كۆرسەڭلار بولىدۇ. كىتابنى ئالغۇسى يوقلارنىڭ كىتابلارنىڭ باھاسى ھەققىدە بەس-مۇنازىرە قىلماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن.
1. كىتاب ئىسمى :تارىخى تەبەرى
ئاپتۇرى:ئەبۇ جەئفەر مۇھەممەد بىننى جەرىر تەبەرى
بېسىلغان ۋاقتى:1997-يىل 7-ئاي 1-نەشرى(ئىچكى ماتىرىيال)
مۇقاۋىسى: يۇمشاق
باھاسى: 1000 يۇەن
2.كىتاب ئىسمى: ئاقسۇدا 1945-يىل
ئاپتۇرى:ئەيسا يۈسۈپ
بېسىلغان ۋاقتى:1988-يىل8-ئاي 1-نەشرى
مۇقاۋىسى:يۇمشاق
باھاسى:700 يۇەن
3. كىتاب ئىسمى:شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ قىسقىچە تارىخى
ئاپتۇرى:ئەنۋەر بايتۇر، خەيرىنىسا سىدىق
بېسىلغان ۋاقتى:1991-يىل 11-ئاي 1-نەشرى
مۇقاۋىسى:يۇمشاق
باھاسى:600 يۇەن
4. كىتاب ئىسمى:ئىسلام دىنىنىڭ قىسقىچە تارىخى(ئىككى قىسىم)
ئاپتۇرى: سەيد مۇھەممەد فەيياز
بېسىلغان ۋاقتى:1996-يىلى 8-ئاي 1-نەشرى
مۇقاۋىسى: يۇمشاق
باھاسى:800 يۇەن
5.كىتاب ئىسمى: بەدۆلەت (3قىسىم)
ئاپتۇرى: ئابدۇۋەلى ئەلى
بېسىلغان ۋاقتى: 1997-يىل 3-ئاي 1-نەشرى
مۇقاۋىسى: قاتتىق
باھاسى:1000 يۇەن
6.كىتاب ئىسمى: مەمتىلى ئەپەندى
ئاپتۇرى: يالقۇن روزى
بېسىلغان ۋاقتى: 1997-يىل 8-ئاي 1-نەشرى1-بېسىلىشى
مۇقاۋىسى : قاتتىق
باھاسى: 400 يۇەن
7. كىتاب ئىسمى: 12-9 ئەسىرلەردىكى ئۇيغۇر دۆلەتلىرى
ئاپتۇرى: مالياكۋىن
بېسىلغان ۋاقتى:1994-يىلى 8-ئاي 1-نەشرى
مۇقاۋىسى : قاتتىق
باھاسى: 600 يۇەن
ئالاقىلىشى تېلېفۇن نۇمۇرى: 13565071450
ئەسكەرتىش: تېلېفۇننى ئەتىگەن سائەت سەككىزدىن كەچ سائەت سەككىزگىچە بولغان ئارىلىقتا ئۇرۇڭ، ناماز ۋاقىتلىرىغا توغىرلىنىپ قالمىسۇن.
توردا كىتاب ساتىدىغان ئاغىنىلەر. سەل ئىنساب قىلىڭلار. باھا بەك ئۆرە بولۇپ كىتىپتۇ. مۇقىم باھا ئەمەس دىگەن بىلەن كۆپ بولسا 50 كويدىن 100 كويغىچە ئېتىبار قىلارسىلەر. 12-9 ئەسىرلەردىكى ئۇيغۇر دۆلەتلىرى دىگەن كىتابنى مەن 250 كويغا ئالغان. بەدۆلەت ئەسلى نۇسخا 3 قىسىم كىتابمۇ 450 كويدىن سېتىلىدۇ. شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ قىسقىچە تارىخى دىگەن كىتابمۇ بەك ئۆرە بۇلۇپ كىتىپتۇ.
ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ قىسقىچە تارىخى دىگەن كىتابنىمۇ مەن 100 كويدىن ئالغان. ئۈرۈمچىدە ئۆز باھاسىدا سېتىلىۋىتىپتۇ. قەدىمكى مەركىزى ئاسىيا دىگەن كىتابنىمۇ 100 كويدىن ئالغان . بۇ كىتاب 50 كويدىن سېتىلىۋىتىپتۇ. كىتابقا بولغان ئىشتىياقىم بلەن پۇلنىڭ كۆزىگە قارىماي نۇرغۇن كىتابلارنى بەك ئۆرە باھادا سېتىۋالدىم.
كىتاب سېتىۋاتقان ئاغىنىلەر ، بەك ساۋابلىق ئىش قىلىۋاتىسىلەر، نۇرغۇن تاپقىلى بولماق تەس كىتابلارنى سىلەر ئارقىلىپ تېپىپ ئوقۇۋاتىمىز. لىكىن باھانى سەل مۇۋاپىق قىلىڭلار. مەنمۇ قىممەت ئەكىرگەن ،ئەزان ساتسام زىيان بولىدۇ دىسەڭلار ئەمدى بۇنىڭغا ئامال يوق، چۈنكى بۇمۇ بىر مەبلەغ سېلىش بولىدۇ. بىراق باھا مۇۋاپىقراق بولسا.
:) مەندىمۇ بىر قىسىم كىتابلار ساقلاپ كەلگەن،بىراق سېتىشىنى ئويلىشىپ باقمىدىم،كۈرۈپ بېقىڭلار! يول بويىدىكى يايمىكەش كىتابچىلاردىن نەچچە ھەسسە قىممەتكەن راست دەيسىز، بۇ كىتابلار بەكلا قىممەت ئىكەن، بىلسەم ئاشۇ كىتابلارنى شۇ قېرىندىشىمىز سېتىۋالغان باھاسىدىن ئون ھەسسە ئاشۇرۇپ شاخلىتىپ ساتماقچىدەك قىلىدۇ:( ئىۋۇ جوڭيى ئۆسۈملۈك دورىلىرى دىگەن كىتاب بەكلام ئەزانغۇ دەيمەن ھە؟ {:92:} زەھەردەك قىژمەتكەن. بەدۆۋلەتنى 1000 سوم دەپ قۇيۇڭ ،
350 سومغا ئالسىڭىز مەن سېتىپ بىرەر ئىكەنمەن . ئەسسالامۇئەلەيكۇم،كىتاپلىرىڭىز ھەقىقەتەن ساقلاش قىممىتى بار ياخشى كىتاپلاركەن،ئەمما باھاسى نورمال بازار باھاسىدىن نەچچە ھەسسە قىممەتكەن،مەن تېخى ئۆتكەن ھەپتە (ئاقسۇدا 1945-يىل)دىگەن كىتاپنى 80 كويغا سېتىۋالدىم. Control يوللىغان ۋاقتى 2014-5-27 08:32 static/image/common/back.gif
راست دەيسىز، بۇ كىتابلار بەكلا قىممەت ئىكەن، بىلسەم ئا ...
توغرا،شۇنداق ئوخشايدۇ. مەن بۇ كىتابلاردىن بىر نەچچە يۈرۈش سېتىپ باققان. شۇڭا ئۆزۈم سېتىپ باققان نورمال باھانى بۇ كىتابلارغا يېزىپ قوياي:
تارىخى تەبەرى
بۇ كىتابنى مەن بۈگۈن ئاڭلاپ باقتىم!
ئاقسۇدا 1945-يىل
باھاسى:700 يۇەن
بۇنىڭ باھاسى مۇۋاپىق بوپتۇ.
شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ قىسقىچە تارىخى
باھاسى:600 يۇەن
بۇنىڭ باھاسى 300.00 يۈەن بولسا بولىدۇ.
ئىسلام دىنىنىڭ قىسقىچە تارىخى(ئىككى قىسىم)
باھاسى:800 يۇەن
بۇنىڭ باھاسى 500.00 يۈەن بولسا بولىدۇ.
بەدۆلەت (3قىسىم)
باھاسى:1000 يۇەن
بۇنىڭ باھاسى 600 يۈەن بولسا بولىدۇ.
مەمتىلى ئەپەندى
باھاسى: 400 يۇەن
بۇنىڭ باھاسى 250.00 يۈەن بولسا بولىدۇ.
12-9 ئەسىرلەردىكى ئۇيغۇر دۆلەتلىرى
باھاسى: 600 يۇەن
بۇنىڭ باھاسى 400.00 يۈەن بولسا بولىدۇ.
مەن يەتتە يىللىق كونا كىتاب سېتىش تارىخىمدا شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى كىتابچى بۇرادەرلەر بىلەن ئالاقىلىشىپ، كىتاب ئالماشتۇرۇپ، سېتىپ... دېگەندەك ئۆزۈم بىلگەن بىر تۈركۈم كىتابلارنىڭ بازار باھاسىنى بۇ يەردىكى كىتابلارغا قالدۇرۇپ قويدۇم! KHALID77 يوللىغان ۋاقتى 2014-5-27 10:09 static/image/common/back.gif
ئەسسالامۇئەلەيكۇم،كىتاپلىرىڭىز ھەقىقەتەن ساقلاش قىم ...
سىزگە لاتارىيەدىن چىققاندەكلا ئۇچراپتۇ بۇ كىتاب! IKSAK يوللىغان ۋاقتى 2014-5-27 07:57 static/image/common/back.gif
توردا كىتاب ساتىدىغان ئاغىنىلەر. سەل ئىنساب قىلىڭلار. ...
بۇ دېگىنىڭىزنى مەن قوللايمەن. بىر قىسىم كىتابلار ئۈرۈمچىدە ئەرزان بولسا خوتەندە قىممەت. قەشقەردە ئەرزان كىتاب غۇلجىدا زەھەردەكلا...
يا بۇ كونا كىتابلارنىڭ باھاسىنى بىر نەچچەيلەن بىر يەرگە ئەكىلىپ مۇقىمدىغىلى بولمىغان... KHALID77 يوللىغان ۋاقتى 2014-5-27 10:09 static/image/common/back.gif
ئەسسالامۇئەلەيكۇم،كىتاپلىرىڭىز ھەقىقەتەن ساقلاش قىم ...
مۇشۇ كىتاپ ماڭىمۇ لازىم ئىدى ،بولسا ئالاقە قىلساق ماڭىمۇ ئېلىپ بەرگەن بولسىڭىز ،كۆپ خۇرسەن بولغان بولاتتىم. IKSAK يوللىغان ۋاقتى 2014-5-27 07:57 static/image/common/back.gif
توردا كىتاب ساتىدىغان ئاغىنىلەر. سەل ئىنساب قىلىڭلار. ...
بۇ گېپىڭىزگە مەن قوشۇلىمەن. دېمىسىمۇ ئۈرۈمچىدە ئەرزان كىتاب خوتەندە قىممەت، قەشقەردە ئەرزان كىتاب غۇلجىدا قىممەت. يا بۇ كونا كىتابلارنىڭ باھاسىنى بىر يەرگە كىلىپ مۇقىمدىغىلى بولمىغان... كىتابلارنىڭ قىممەت بۇلشى ۋە ئۇيغۇرۇمنىڭ پۇلغا قارماي كىتاپ سېتۋېلشى مىنى خوش قىلدى ،
ئەمما ئارقىدىنلا ... :
كىتاپچىلارنىڭ كىتاپ سېتىشنى جان باقتىلىققا ئايلاندۇرۋېلىشى كۆڭلۈمنى خەستە قىلدى .
ئېي كىتاپچىلار ئىنساپ قىلىڭلار !!!!!!!!!!!!!!!!
{:92:}{:92:}{:92:}{:92:}{:92:}
مانداق ھەيۋەت گەپ قسا بىر خىل تۇردىكىنا ھېي ھېي ھې ... بۇرادەرلەر، بۇ كىتابلارنى مەن باشقىلارغا ۋاكالىتەن تورغا چىقىرىپ بەردىم. باھانى باشقىلار قويدى. كىتاب ھايانكەشلىكى دېگەن قالپاق ماڭا كىيىلىپ قالمىسۇن! ياخشى كۆڭلۈم بىلەن ياردەم قىلىمەن، دەپ قاق بەتنامغا قالماي يەنە. بۇ كىتابلارنىڭ باھاسىنىڭ قىممەت بولۇپ كەتكەنلىكىنى مەنمۇ ئەسكەرتكەن. لېكىن باھا تالىشىدىغانلار چىقىدۇ، شۇ چاغدا چۈشۈپ بېرىمەن، دەپ چىڭ تۇرىۋالدى. مەنمۇ شۇڭا شۇ پېتى چىقىرىپ بەردىم. KHALID77 يوللىغان ۋاقتى 2014-5-27 10:09 static/image/common/back.gif
ئەسسالامۇئەلەيكۇم،كىتاپلىرىڭىز ھەقىقەتەن ساقلاش قىم ...
سىزنىڭ سېتىۋالغىنىڭىز ساختىسى ئوخشايدۇ، بولمىسا بۇ كىتابنى بۇ باھادا ھەرگىزمۇ سېتىۋالالمايسىز. كورلا تەرەپتە ئاشۇ سىز ئالغان ساختىسىنىمۇ 300 يۇەندىن سېتىپ يۈرۈيدۇ. «مەمتىلى ئەپەندى» نىڭ باھاسى نورمول بوپتۇ مىنىڭچە.