oghuzmurat يوللانغان ۋاقتى 2014-5-25 19:55:35

تارىخى فىلىم : مىرزا ئۇلۇغبەگ

   
         
           ئۇلۇغبەگ  بۈيۈك ئاستىرونوم ۋە ماتىماتىك .سەمەرقەنىد پادىشاھى (1447- يىلى تىمۇر ئىمپىرىيىسىنىڭ سۇلتانى بولغان)، 1394- يىلى 3- ئاينىڭ 22- كۈنى سەمەرقەنت شەھرىدە تۇغۇلۇپ، 1449- يىلى 10- ئاينىڭ 27- كۈنى 55 يېشىدا ئۆز ئوغلى ئابدۇللىتىپ تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن.
          ئۇلۇغبەگ  مىرزا تەخىتتە ئولتۇرغان مەزگىلىدە ئىمپىرىيە تەۋەسىدە ئىلىم - مەرىپەت ئىشلىرىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرغان . 1420 - يىلى سەمەرقەنىتدە ئاسمان جىسىملىرىنى تەتقىق قىلىدىغان رەسەتخانا قۇرغان ، بۇ رەسەتخانا ئەينى دەۋىردىكى ئوخشاش ئىلىم ساھەسىدە ئەڭ ئالدىنقى سەۋيەگە ۋەكىللىك قىلاتتى ،بۇ رەسەتخانىغا ئەينى دەۋىردىكى ئەڭ چوڭ كۋادرانت سەپلەنگەن ئىدى ، كۆپ يىللىق ئاستىرونومىيە تەتقىقاتى ئاساسىدا مىلادى  1447- يىل   ‹‹ رىسالەئى ئۇلۇغبەگ ›› ناملىق ئەسەرنى يىزىپ چىقىدۇ ، ئەسەردە قۇياش سىستىمىسى ۋە باشقا 1018 تۇرغۇن يۇلتۇزنىڭ ئورنى كۆرسىتىلگەن ، بۇ ئەسەرمۇ ئەينى دەۋىرنىڭ ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ئىلمىي سەۋيىسىگە ۋەكىللىك قىلاتتى . ئەپسۇس ئالاھىدە تارىخى شارائىت ئاستىدا ئىمپىراتور ئۇلۇغبەگ ئىمپىرىيە ئىچىدىكى سىياسى نىزالار ، ئوغلى ۋە شەيىخلەر بىلەن بولغان ئىختىلاپلار تۇپەيلىدىن ئىچىنىشلىق ھالدا ئۆز پۇشتى ئابدۇلىتتىپ تەرىپىدىن ھەجگە مىڭىش سەپرىدە ئۆلتۈرۈلگەن .
          ئۇلۇغبەگنىڭ ئۆلۈمى يالغۇز بىر بۈيۈك ئاستىرونومنىڭ ئۆلۈمىلا بولۇپ قالماستىن ، تۈركى مىللەتلەرنىڭ ئوتتۇرا ئەسىردىكى سەلتەنەتلىك دەۋرىنىڭ ئاياغلىشىشقا قاراپ ماڭغانلىقىغا ۋەكىللىك قىلدى . ئوخشاش بىر دەۋىردە غەربتە ‹‹ مەدەنىيەت - سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىشى ›› ۋە  دىڭىز يوللىرىنىڭ ئىچىلىشى ،  تاۋار ئىنقىلابى  قاتارلىق دۇنياۋى ھادىسىلەر تەسىرىدە غەرب دۇنياسى ئاستا - ئاستا باش كۆتۈرۈپ ھازىرقى دۇنياۋى تەرتىپنىڭ ئاساسى يارتىلدى .
           ئۇشبۇ فىلىمدە ( دىراما خاراكتىرىنى ئالغان) ئوردا ئىچىدىكى ئىختىلاپلار  ، ئۇلۇغبەگ مىرزىنىڭ ئىچكى دۇنياسى ئارقىلىق ئەينى دەۋىرنىڭ تارىخى ئەمەلىيىتى مەلۇم دەرىجىدە يورۇتۇپ بىرىلگەن . تورداشلارنىڭ فىلىمنى تەپسىلى كۆرۇپ چىقىپ تارىخى پاكىتلارنى ئاساس قىلغان ھالدا ئۆز پىكىرىنى ئوتتۇرىغا قويىشىنى ئۇمىد قىلغايمىز!
                           
                                              تۆۋەنچىلىك بىلەن : ئوغۇزمۇرات

     توردا كۆرۇش ئادىرىسى :http://v.youku.com/v_show/id_XNzE0NzQyOTA4.html
http://v.youku.com/v_show/id_XNzE0NzQyOTA4.html

http://v.youku.com/v_show/id_XNzE1NTAyNjA0.html

http://v.youku.com/v_show/id_XNzE1NTAyNjA0.html


چۈشۈرۈش ئادىرىسى :
      بەيدۇ تور دىسكىسى
   1-قىسىم                                                                     
   2-قىسىم
           
             يازما مەنبەسى ، ئاپتورى ئەسكەرتىلگەن ئاساسىدا باشقا تورلارغا كۆچۈرۈشكە بولىدۇ.
                                
            

bireylen يوللانغان ۋاقتى 2014-5-26 12:11:06

ئۇلۇغبەگ خەزىنىسى دېگەن روماننى ئوقىغانىدىم

MSM يوللانغان ۋاقتى 2014-5-26 13:11:46

قايسى دۆلەت ئىشلىگەن فىلىمدۇ بۇ؟

UyghurBalisi يوللانغان ۋاقتى 2014-5-26 13:57:21

تېما ئىگىسىگە كۆپ تەشەككۇرلەر، ياخشى بىر تارىخى فىلىمدىن خەۋەردار قىلغىنىڭىزغا رەھمەت، باشقۇرغۇچىلاردىن سوراپ باقسام مەن ئۇزۇن بولدى سۈزۈك فىلىمدىن بىر نەچچىنى تېما قىلىپ يوللىسام ئەجەپ تەستىقلانماي كەتتى، يا سەۋەبىنى بىلمىدىم، بولسا بىر ئېغىر كۆرمەي قاراپ باققان بولساڭلار باشقۇرغۇچىلار، رەھمەت.

UyghurBalisi يوللانغان ۋاقتى 2014-5-26 13:57:31

تېما ئىگىسىگە كۆپ تەشەككۇرلەر، ياخشى بىر تارىخى فىلىمدىن خەۋەردار قىلغىنىڭىزغا رەھمەت، باشقۇرغۇچىلاردىن سوراپ باقسام مەن ئۇزۇن بولدى سۈزۈك فىلىمدىن بىر نەچچىنى تېما قىلىپ يوللىسام ئەجەپ تەستىقلانماي كەتتى، يا سەۋەبىنى بىلمىدىم، بولسا بىر ئېغىر كۆرمەي قاراپ باققان بولساڭلار باشقۇرغۇچىلار، رەھمەت.

oghuzmurat يوللانغان ۋاقتى 2014-5-26 14:34:09

MSM يوللىغان ۋاقتى  2014-5-26 13:11 static/image/common/back.gif
قايسى دۆلەت ئىشلىگەن فىلىمدۇ بۇ؟

ئۆزبىكىستان جۇمھۇرىيىتى

alpbeg يوللانغان ۋاقتى 2014-5-26 14:48:46

ئۆزبېكىستان ئىشلەيدۇ. گەپ - سۆزلىرى ئۆزبېكچىگە ئوخشاۋاتىدۇ.

azharbag يوللانغان ۋاقتى 2014-5-26 14:50:00

UyghurBalisi يوللىغان ۋاقتى  2014-5-26 13:57 static/image/common/back.gif
تېما ئىگىسىگە كۆپ تەشەككۇرلەر، ياخشى بىر تارىخى فىلىم ...

كەچۇرۇڭ!!  مەن  قاراپ باقاي  چۇقۇم تەستىقلايمەن.

sawr55 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-26 14:55:16

ئۆزبىكىستان ئىشلىگەندەك قىلىدۇ، سەل ئاددى بولۇپ قالغان بولسىمۇ، لىكىن بۇ فىلىمىنىڭ ئىشلەنگىنى ياخشى باشلىنىش بوپتۇ.

alpbeg يوللانغان ۋاقتى 2014-5-26 15:46:26

ئىككىنچى قىسىمىنى چۈشۈرگىلى ۋە 30 مىنۇتلردىن كېيىنكى جايلىرىنى كۆرگىلى بولمىدى

oghuzmurat يوللانغان ۋاقتى 2014-5-26 16:58:17

alpbeg يوللىغان ۋاقتى  2014-5-26 15:46 static/image/common/back.gif
ئىككىنچى قىسىمىنى چۈشۈرگىلى ۋە 30 مىنۇتلردىن كېيىنكى ج ...

قايتا سىناپ كۆرۇپ بىقىڭ ، مەن تەرەپتە نورمال!

alip يوللانغان ۋاقتى 2014-5-26 17:21:30

ئىبىن سىنا چىقىدىغان بىر كىنونى كۆرگەنتىم، ئەنگىلىيە ئىشلەپتىكەن. يامان ئەمەس كىنوكەن. ئىبىن سىنانى شۇ دەۋردىكى دۇنيادىكى ئەڭ ئۇستا دوختۇر دەپ تەسۋىرلەپتۇ.

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2014-5-26 17:37:57

ئەمىر تېمۇردىن باشلاپ بابۇرغىچە كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى ئىشلەپ باققان بولسا، «سەلتەنەتلىك يۈز يىل» دېگەنگە ئوخشاش.

alnoor024 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-26 18:12:43

oghuzmurat يوللانغان ۋاقتى 2014-5-26 19:00:21

niyazdixan يوللىغان ۋاقتى  2014-5-26 17:37 static/image/common/back.gif
ئەمىر تېمۇردىن باشلاپ بابۇرغىچە كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزى ...

گىپىڭىزنى قوللايمەن. مىنىڭمۇ ئارزۇيۇم شۇ ئىدىلەر..

UyghurBalisi يوللانغان ۋاقتى 2014-5-26 19:09:44

azharbag يوللىغان ۋاقتى  2014-5-26 09:50 static/image/common/back.gif
كەچۇرۇڭ!!  مەن  قاراپ باقاي  چۇقۇم تەستىقلايمەن.

رەھمەت! ھېچبولمىسا چۈشەندۈرۈشمۇ بولسا بېرىلسە، بىزمۇ پايدىلىق تېمىلارنى يوللاپ تۇراتتۇق.

alnoor024 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-26 19:19:18

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-5-26 19:37:51

alip يوللىغان ۋاقتى  2014-5-26 17:21 static/image/common/back.gif
ئىبىن سىنا چىقىدىغان بىر كىنونى كۆرگەنتىم، ئەنگىلىيە  ...

يامان ئەمەس دىمەي ئامال يوق،باشقىلار ئىشلىمىگەندىكىن...
لېكىن ئۇ كىنودا ئىبىنسىنانى ئەمەس يەنە بىر شەخسنى گەۋدىلەندۈرۈشنى مەخسەد قىلغاندەك، ئوپراتسىيە ۋە ئۇنىڭ خەرىتىلىرىنىمۇ شۇنىڭغا تەققاسلاپ...

alip يوللانغان ۋاقتى 2014-5-26 20:45:53

tadubeg يوللىغان ۋاقتى  2014-5-26 19:37 static/image/common/back.gif
يامان ئەمەس دىمەي ئامال يوق،باشقىلار ئىشلىمىگەندىكى ...

ھېچ بولمىسا بەزىلەردەك ھەممىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋالماپتۇ. تىببىي ئىلىمنى ئەنگىلىيەدىن ئىسپاھانغا بېرىپ ئىبىن سىنادىن ئۆگىنىپ كېلىپ ئاندىن راۋاجلاندۇرغانلىقىنى ئېتراپ قىپتۇ.

putboljan يوللانغان ۋاقتى 2014-5-26 21:28:14

alip يوللىغان ۋاقتى  2014-5-26 20:45 static/image/common/back.gif
ھېچ بولمىسا بەزىلەردەك ھەممىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋالماپتۇ. ...

تامامەن توغرا.ئەتىراپىمىزدا نېمىلا بولسا ئۆزىنىڭ قىلۋالدىغان ھەم قىلۋالغۇسى كېلىدىغانلار كۆپقۇ.
بەت: [1] 2 3
: تارىخى فىلىم : مىرزا ئۇلۇغبەگ