ziyali يوللانغان ۋاقتى 2014-5-25 13:06:48

كىنودىن ئالدىن خەۋەر

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ziyali تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-5-25 13:13

توكيو سوتى كومپىيوتىرنى يىراقتىن كونتىرول قىلىش ۋەقەسىگە مۇناسىۋەتلىك كاتاياما يۇسىكې(片山祐輔) جاۋاپكارنىڭ كىپىللىككە قويۇپ بېرىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ قايتا تۇتۇپ تۇرۇش توغرىسىدا سوت ئاچتى.جاۋاپكار كاتاياما ئەرز قىلىنغان مەزمونلار توغرىسىدا ھەممىنى ئىقرار قىلىپ،بىر قاتار ۋەقەلەردە خاتا تۇتۇلغان كىشىلەردىن كەچۈرۈم سورىدى.
ئىنتىرنىتقا مۇناسىۋەتلىك شىركەتنىڭ خىزمەتچىسى كاتاياما يۇسىكې باشقىلارنىڭ كومپىيوتىرىنى يىراقتىن كونتىرول قىلىپ ئىنتىرنىتتىكى مۇنبەرلەردە ئۆلتۈرۈش،پارتىلىتىش توغۇرلۇق ئالدىن مەلۇمات بەرگەنلىكى ئۈچۈن تەھدىد سېلىش،تىجارەتكە توسقۇنلۇق قىلىش( forcible obstruction of business) قاتارلىق گۇناھلار بىلەن ئەيىپلەنگەن ئىدى.
............
nhk خەۋىرى
2014-يىلى 5-ئاينىڭ 22 -كۈنى

بۇ خەۋەرنى مۇشۇنچىلىك دىيىشەيلى
بۇ دىلو 2012-يىلنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ توردا خېلى غۇلغۇلا قوزغىغان ئىدى.2013-يىلى 2-ئاينىڭ 10-كۈنى كاتاياما جاۋاپكار قولغان ئېلىنىپ بۈگۈنگىچە بىر يىل 3 ئاي ۋاقىت ئۆتتى.مىنىڭ شەخسەن قارىشىم بۇ بىر قاتار ۋەقەلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئادەمنىڭ كاتاياما ئىكەنلىكىدە شەك يوق.شۇغىنىسى كاتاياما ئىزچىل ئۈزىنىڭ گۇناھسىز ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ كەلگەننىڭ ئۈستىگە تەكشۈرۈش تارماقلىقىرىنىڭمۇ يىپ ئۇچى يىتەرلىك بولماسلىقى سەۋەبىدىن قانۇن تەرەپتىن بىر تەرەپ قىلىشقىچە بارمىغان ئىدى.كاتايامانىڭ ئۈزىنىڭ ئىقرار قىلىشى بىلەن بۇ دىلو مۇشۇنداق ئاياقلاشقاندەك قىلىدۇ.بۇقېتىملىق ۋەقەنىڭ مۇرەككەپلىكى ۋە قىزىقلىقى(شەخسەن ئۈزەمگە قىزىق تۇيۇلدى.ئاۋارىچىلىققا ئۇچرىغانلار بولسا كەچۈرۈم سورايمەن) بۇ ۋەقە يىڭى چىقىپ توردا غۇلغۇلا قوزغاۋاتقان ۋاقتدىلا دېققىتىمنى تارتقان ئىدى. بولۇپمۇ مەن بىر قەدەر كۆڭۈل بۈلىدىغانئايپى ئادرىسىنى زادى قانۇنى جاۋاپكارلىقنىڭ ئىسپاتلىقىغا چىقىرىشقا بولامدۇ دىگەن نۇقتامىنىڭ بۇ تېمىغا ئىزچىل دېققەت قىلىشىمغا سەۋەپ بولۇپ كەلدى.بۇ قېتىملىق ۋەقەمۇ ئاياقلاشقان بولغاندىن كىيىن بۇ ۋەقەنىڭ باش ئاخىرىنى تېما ئېچىپ رەتلەپ قوياي.

بۇ ۋەقە پات ئارىدا كىنو قىلىنىپ ئىشلىنىشى مومكىن.بۇ پۈتۈنلەي پەرەز:lol
بۇ تېمىغا قىزىقىدىغانلار ما رەسىمنى پ س قىلىپ ئويناپ تۇرساڭلار بولىدۇ.:lol
شۇنىڭغا قوشۇپ توردا پ س قىلىپ ئوينالغان رەسىملەر:lol

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2014-5-25 13:07:46

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ziyali تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-5-25 14:02

قىسقىچە يىغىنچاقلاپ باقاي:L
بايا شۇنچە قىزغىن باشلاپ قويۇپ ئاخىرىنى چىقىرىش خوشياقمايۋاتىدا:lol

مۇنداق ئىشكەن
2012-يىلى يازدىن باشلاپ بۇ ئاداش ئاۋال توردا ئادەمنى قىزىقتۇرۇپ چەكتۈرۈپ سالىدىغان ئۇلانمىنى مۇنبەرلەرگە ۋە تور بىكەتلەرگە قويغان.ئاقىۋەت ئاز دىگەندىمۇ 5 ئادەم قىرماققا ئېلىنغان.قىرماققا ئېلىنغانلار قانچىلىك بۇنى كاتاياما ئۈزى دەپ بەرمىسە بىلگىلى بولمايدۇ.بىلگىلى بولىدىغىنى كاتاياما شۇ قىرماققا ئېلىنغانلارنىڭ كومپىيوتىرىنى يىراقتىن كونتىرول قىلىپ مۇنبەرلەردە ئاتىمەن چاپىمەن مەزموندىكى تېمىلارنى يوللىغان.تېما يوللانغان ئايپى ئادرىسىغا قاراپ بىرنەچچەيلەن قولغا ئېلىنغان.ئەڭ ئېغىر بولغىنى ئايرۇپىلاننى پارتىلىتىش توغرىسىدىكى ئۇچۇر بولۇپ،رىۋايەتلەرگە قارىغاندا بۇ ئۇچۇرنى «تارقاتقۇچى» ئانىمې(كارتون دەيمىزمىيە) تەۋەسىدىكى داڭلىق شەخىسمىش.بۇ ئىش بىلەن بۇ ۋەقە جەمىيەتنىڭ دېققەت قىلىشىنى قوزغىغان.
2012-يىلى 10-ئاينىڭ 7-كۈنى ئۈستىدە دەپ ئۆتكەن داڭلىق شەخىس بىلەن يەنە بىرەيلەننىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى توغرىسىدا مىدىيالاردا قىزىق خەۋەر بېرىۋاتقان چاغدا ئادروكات،رادىئو پىروگىرامىسى قاتارلىقلار ھەقىقى جىنايەتچىنىڭ ئۈزى ئىكەنلىكى توغرىسىدا ئۇچۇر بېرىلگەن ئېلخەت تاپشۇرۋالغان.ئېلخەتتە دىيىلىشىچە مىدىيالاردا تارقىتىلىۋاتقان خەۋەردىن(مىدىيالار 7 دەپ تارقىتىۋاتقان ۋاقتىكەنتۇق) باشقا يەنە 6 ۋەقە توغرىسىدا ئۇچۇر بەرگەن.شۇنداق قىلىپ ھەقىقى جىنايەتچىنىڭ مۇشۇ ئېلخەت ئەۋەتكەن ئادەم ئىكەنلىكى ئېنىق بوپ،قالغان بەشەيلەن ئالدى كەينى بولۇپ قويۇپ بېرىلگەن ياكى قولغا ئېلىنمىغان..........بۇ بىر قاتار دىلولارنى تەكشۈرۈش جەريانىدا جىنايەت گۇماندارلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ «iesys.exe» نامدىكى تىروي پىروگىرامىسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى بايقىغان.
بەلكىم بۇ دىلو بۇنىڭدىن كىيىنمۇ ھەقىقى جىنايەت گۇماندارىغا مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈشلەر بولغان بولىشى مومكىن.ئەمما توردىكى ئۇچۇرلار ئۈزۈلۈپ قالغان.تاكى 2013-يىلى 1-ئاينىڭ1-كۈنى 0دىن 18 مىنوت ئۆتكەندە ھەقىقى جىنايەت گۇماندارىنىڭ مىدىيا ۋە مۇخپىرلارغا يىڭى يىل ئارتكىرتكىسى تېمىسىدىكى ئېلخىتىگىچە:lol

qassap يوللانغان ۋاقتى 2014-5-25 13:16:54

كۆزەينەك تاقىۋالغان بودەك سىللىگە بەك ئوخشايدىكەن:lol

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2014-5-25 13:17:42

:o
مەن كۆزەينەك تاقىمىسام يە

osmanuyghur يوللانغان ۋاقتى 2014-5-25 13:49:14

بۇ خەۋەرنىڭ مۇھىم نۇقتىسى” IP ئادىرىسنى تەكشۈرۈشكا ئاساسەن، IP ئادىرسنى قانۇنى جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىشقا ئىشلىتىشكە بولامدۇ يوق“ دېگەن گەپ ئىكەن. مۇشۇ توغۇرسىدا، قانۇندىكىلەر ۋە كومپىيۇتىرچىلار مۇنازىرە قىپ باقسا بولغۇدەك...،....

oygak2005 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-25 13:54:31

ۋوي ... بەك قورقۇنۇشلۇق ئادەملەر ئىكەنغۇ ئاۋۇلار !!!
چۈشۈمگە كىرىپ قالمىسۇن !

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2014-5-25 14:06:11

osmanuyghur يوللىغان ۋاقتى2014-5-25 13:49 static/image/common/back.gif
بۇ خەۋەرنىڭ مۇھىم نۇقتىسى” IP ئادىرىسنى تەكشۈرۈشكا ئاس ...

پۈتۈنلەي ئۇنداقمۇ ئەمەس.
ھازىر يىڭى مەزمون قوشۇپ قويدۇم.
شۇ يىڭى مەزموندا 5 جىنايەت گۇماندارىنىڭ گۇناھسىز دىيىلگەن.

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2014-5-25 14:38:05

بۇ ئېلخەت ئۆتكەل ئۈتۈش ئۇيۇنى ئىكەن.شۇ ئۆتكەللەرنى تاماملىسا ئاخىرىدا تىروي پىروگىرامىسىنىڭ ئەسلى كودى ساقلانغان ساقلاش كارتىسى ساقلانغان يەر توغرىسىدا ئۇچۇرغا ئېرىشكىلى بولىدىكەن.:lol
1.سۇئال بىر پارچە رەسىم بولۇپ رەسىمدە كورىيە كارتون فىلىمىدىكىبىر ئوبراز بىلەن قايسىدۇ بىر ئۇيۇندىكى( Tales of Eternia)ئوبرازنىڭ پاراڭ قىلىشىۋاتقان(ئويدۇرما) رەسىمى ئىكەن.بۇنى تەرجىمە قىلسا كىيىنكى سۇئالنىڭ شىفىرى بولۇپ يىڭى سۇئالنى ئاچقىلى بولىدىكەن.
2-سۇئال PNG ھۆجىتىدىكى 85 پارچە رەسىم بولۇپ بۇنىڭ 84تى ياپۇنىيەدىكى ناخشا گۇرۇپىسى خەيىرلىك سەھەر قىزچاق نىڭ رەسىمى بولۇپ بىرسىئالاقىسىز رەسىمكەن.بۇلارنى رەسىم جىسىپلاشتۇرۇش دىتالى Love Machine بىلەن جىسىپلاشتۇرۇپ بىرىنچى سۇئالدا بېرىلگەن شىفىر بىلەن ئاچسا ئەسلىدىكى رەسىم ئەسلىگە كىلىدىكەن.بۇ ئۈچىنچى سۇئال بولىدىكەن.
3-سۇئالدا جۇڭگو شاھمىتىدىكى مات ھالەتنىڭ رەسىمى ئىكەن.بۇ مات ھالەت 2012-يىلى «شاھمات دۇنياسى» دا(بەلكىم ژورنال بولسا كېرەك) ئېلان قىلىنغان بىر خىل مات شەكلى بولۇپ بۇنىڭدىن قۇتۇلۇشنىڭ مېڭىشى كىيىنكى سۇئالنىڭ شىفىرى بولىدىكەن.
4-سۇئال بىر ئاۋاز ھۆجىتى بولۇپ ئادەتتىكىدەك ئاڭلىسا ھېچنىمە ئاڭارغىلى بولمايدىكەن.ئەمما بۇ ئاۋاز ھۆجىتىنى تەتۈر قويسا توكيودا خىزمەت قىلىدىغان بىر ساقچى ئىسمىنىڭ روما يېزىقىدىكى ئوقىلىشى بولىدىكەن.
5-سۇئالدا ئۈستىدىكى سۇئالدا چىققان شىفىر بىلەن كىرسە ئىككى پارچە رەسىم تېكىست ھۆجىتىگە ئېرىشىدىكەن.رەسىم IESYS.EXE گە مۇناسىۋەتلىك ماتىرياللار ساقلانغان بارماق دىسكا ياكى كارتىسى ساقلانغان ئورۇننىڭ رەسىمى ئىكەن.


ئەلۋەتتە
بۇلار بۇ سۇئاللار يىشىلىپ بولغاندىن كىيىن چىقىرىلغان يىغىنچاقلىما
ئەسلى سۇئال قولغا كەلگەندە ئىشنى نادىن باشلاشنى بىلمەكمۇ تەس بولىشى مومكىن.
ھازىر ئىزدەپ باقسام سۇئاللار بار بىكەت ئۇچراپ قالدى.ئۇنى تەرجىمە قىلىش خوشياقمىدى.رەسىملەرنى چىقىرىپ قوياي:lol

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2014-5-25 14:47:52

سۇئال ساقلانغان يەر ئېچىلماي سۇئال ھۆججىتىنى تاپقىلى بولمىدى
بىرەيلەن شۇ ۋاقىتتا سۇئاللارنى قولغا چۈشۈرۈپ يېشىپ باققان ئوخشايدۇ.
شۇنىڭ يەشكەن ۋاقتىدا تۇتىۋالغان رەسىملىرى ئىكەن

Typography يوللانغان ۋاقتى 2014-5-25 14:50:40

ziyali يوللىغان ۋاقتى2014-5-25 14:38 static/image/common/back.gif
بۇ ئېلخەت ئۆتكەل ئۈتۈش ئۇيۇنى ئىكەن.شۇ ئۆتكەللەرنى تام ...

ئۇنىمۇ تەرجىمە قىلۋىتىڭە قىززىقتۇرۇپ قويۇپ ئەدەمنى.

Pinhan يوللانغان ۋاقتى 2014-5-25 14:50:49

ۋاي مىڭەم ... بۇ گۇي ساقچىلارنى ساراڭ قىلاي دەپتۇغۇ

Typography يوللانغان ۋاقتى 2014-5-25 14:51:29

:lol암호는 ...............입니다

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2014-5-25 14:57:36

Typography يوللىغان ۋاقتى2014-5-25 14:51 static/image/common/back.gif
암호는 ...............입니다

شۇ بوش ئورۇن شىفىر ئوخشايدۇ:lol
شۇنى يەشسە ئاندىن كەينىدىكى 85 پارچە رەسىم چىقىدىكەن:lol

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2014-5-25 15:01:25

Pinhan يوللىغان ۋاقتى2014-5-25 14:50 static/image/common/back.gif
ۋاي مىڭەم ... بۇ گۇي ساقچىلارنى ساراڭ قىلاي دەپتۇغۇ

بۇ سۇئال يىڭى يىل ئاخشىمى يېرىم كىچە 0دىن سەل ئۆتكەندە مۇخبىرلارغا ۋە مىدىيالارغا(خەتتە ساقچىلارغا بۇ ئۇچۇرنى دىمەسلىك توغرىسىدا ئەسكەرتىپتۇ) ئېلخەت قىلىنىپ ئەۋەتىلىپتۇ.ئېلخەت ئەۋەتىلىپ 12 سائەتتىن كىيىن ھەممە شىفىرنى يەشكەنلەر چىقىپتۇ.
ئۇچۇرلار1لەردە ساقچىلارغا بارغان ئوخشايدۇ.چۈشتىن كىيىن سائەت ئۈچتە ساقچىلار ئەڭ ئاستىدىكى رەسىمدە دىيىلگەن يەرگە يىتىپ بېرىپتۇ.
ئەمما ئېچىنارلىق ئىش بارماق دېسكا چىقماپتۇ:lol

Pinhan يوللانغان ۋاقتى 2014-5-25 15:06:32

Pinhan يوللانغان ۋاقتى 2014-5-25 15:09:56

{:92:} قىززىقچى گۇيكەن بۇ

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2014-5-25 15:30:11

تۈگەي قالدى
بۇ ئېلخەتتىن كىيىن بىر نەچچە كۈندىن كىيىن يەنى 1-ئاينىڭ 5-كۈنى يەنە ئوخشاش مىدىيالارغا ئۇيۇننى داۋاملىق ئوينايلى دىگەن مەزموندا ئېلخەت بېرىپتۇ.
ئېلخەتتە يەنە ئۈچ ئۆتكەللىك ئۇيۇن بولۇپ بۇنىڭ تەپسىلىي مەزمونى قارىغاندا ئېلان قىلىنمىغان ئوخشايدۇ دەپ تۈگىتەي.بار بولسىمۇ تەرجىمە قىلىش خوشياقمىدى:lol
سۇئاللارنى يىشىپ بولسا جاۋابىدا ئېنوشىما دەيدىغان رايۇندا بوينىغا ھالرەڭ بويۇنلۇق سالغان مۈشۈكنى ئىزدەش توغرىسىدا ئۇچۇر بېرىلگەنكەن:lol
ساقچىلار مېدىيالارنىڭ سۈرەت ئېلىشى ئاستىدا (قالايماقانچىلىق دىمەكچى) مۈشۈكنى تېپىپ س د كارتىسىنى قولغا چۈشۈرۈپتۇ.
ئېنوشىمادا ئوغرىلىق بۇلاڭچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن سەللا بۇرۇن 35 يەرگە كامىرا ئورنىتىلغان ئىكەن.شۇغىنىسى قېرىشقاندەك كاتاياما مۈشۈككە بويۇنلۇق سالغان ۋاقتىغا ئۇدۇل كىلىدىغان تەخمىنەن ۋاقىتنىڭ ئالدى كەينىدە نۇرغۇن كىشىلەر بۇ مۈشۈكككە بويۇنلۇق تاقاپ رەسىمگە چۈشكەن ئىكەن:lol
يەنە بىرى
بۇ مۇشۇكنى ئىسمى توكيودىكى بىر ساقچىنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان بولۇپ،ساقچىلارنى ئەخمەق قىلغانلىقى چىقىپ تۇرىدىكەن:funk:

شۇندىن كىيىن
2013-يىلى 2-ئاينىڭ 10-كۈنى كاتاياما قولغا ئېلىنىغان.بۇ ئارىلىقتا كاتاياما ئىزچىل گۇناھسىز ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ كەلگەن.تاكى ئالدىنقى كۈنى ئۈزىنى مەلۇم قىلغىچە بولغان ئارلىقتا ساقچىلار بۇ بىر قاتار ئىشلارنى كاتايامانىڭ قىلغانلىقىنى بىلىپ تۇرسىمۇ يىپ ئۇچىنى قولغا چۈشىرەلمىگەنلىكتىن ئامالسىز قالغان.


ئەمدى پىنھان گۇدلاك كۆپكەپتەر قاتارلىق پىرىملاردىن سۇئال
ئالدىنقى يىلى ياپۇنىيەدە سىمو مۇسابىقىلىرىدە يالغان مۇسابىقە ئوينىغان دىلو يۈز بېرىپ تېلفۇندىنئۈچۈرۋېتىلگەن ئۇچۇرلارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئارقىلىق دىلو پاش قىلغانلىقى خەۋەرلەردە بېرىلگەن ئىدى.
تېلفۇندىن باشقا،كومپىيوتىرلاردىمۇ ئۈچۈرۈلگەن ماتىرياللارنى ئەسلىگە كەلتۈرىدىغان دىتاللار بار.
ئەمدىكى گەپ
كاتايامامۇ قولغا ئېلىنغىنىدا كومپىيوتىرى مۇسادىرە قىلىنغانلىقى ئېنىق.
شۇنداق بولسا ئۈچۈرۈلگەن ماتىرياللار ئەسلىگە كەلتۈرسە يىپ ئۇچى ئاسانلا قولغا چىقاتتى.
دىمەكچى
كومپىيوتىر دېسكىسىنى پاكپاكىز ئۈچەرگىلىمۇ بولامدۇ؟:lol

يەنە بىر گەپ
مەن خوشاقمىغان تېمىنى يېزىپ مۇشۇ يەرگە ئەكەلدىم
سىلەرمۇ بىزە ئىشلەڭلە ئەمدى:lol
يىراقتىن كونتىرول قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى،تىروي ھۆجىتىنى تەكشۈرۈش ئۇسۇلى دىگەندەكلەرنى تېما قىلامسىلە ياكى مۇشۇ تېمىغا يېزامسىلە بىر نىمە قىلىپ بەرمىسەڭلە بولمايدۇ ئەمدى:lol
جىنشەن دۇبا دەپ قۇتلىشىمىز دىيىشمىگەيسىزلەر:lol

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2014-5-25 15:32:15

Pinhan يوللىغان ۋاقتى2014-5-25 15:09 static/image/common/back.gif
قىززىقچى گۇيكەن بۇ

:lol :lol
ئادەم قورقۇتىدىغان رەسىمكەن ئۇ

birmoo يوللانغان ۋاقتى 2014-5-25 16:20:10

زىيالى ياپوندا نىمە كەسىپ ئوقۇيدۇ ؟

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2014-5-25 16:37:43

birmoo يوللىغان ۋاقتى2014-5-25 16:20 static/image/common/back.gif
زىيالى ياپوندا نىمە كەسىپ ئوقۇيدۇ ؟

نىمە كەسىپتە ئوقۇيدىغانلىقىمغا قىزىقامسىز؟
تەپسىلىي پاراڭ قىلىشىپ باقامدۇق؟
بەت: [1] 2 3 4
: كىنودىن ئالدىن خەۋەر