Algha يوللانغان ۋاقتى 2014-5-25 08:22:59

قاراقاش ناھىيىلىك ئانىجانىم زېرەك بالىلار كۇلۇبى

قاراقاش ناھىيىلىك ئانىجانىم زېرەك بالىلار كۇلۇبى
داۋاملىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدۇ
墨玉县阿尼嘉尼好孩子俱乐部


كۇلۇبىمىز(باغچىمىز) مائارىپ ئىدارىسى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك فونكىسىيلىك ئۇرۇنلارنىڭ تەستىقلىشى بىلەن 2007-يىلى قورۇلغان بولۇپ، ناھىيىمىزدىكى ئەڭ دەسلەپ قۇرۇلغان قانۇنلۇق بالىلار باغچىسىنىڭ بىرسىدۇر. باغچىمىزدا ھازىرغىچە ئوقۇپ چىققان پەرزەنتلەر 1000 نەپەردىن ئارتۇق بولۇپ، ئاتا – ئانىلار ۋە جەمئىيەتتىكى كىشىلەرنىڭ ئىزچىل ياخشى باھاسىغا ئېرىشىپ كەلمەكتە. باغچىمىز بۇندىن كېيىنمۇ شارائىتىنى ياخشىلاش، ئوقۇ – ئوقۇتۇش ۋە پەرۋىش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش جەھەتلەردەداۋاملىق تىرىشىدۇ.
قوبۇل قىلىش ئۇبىكتى:
ئانىجانىم سىنىپى: بۇسىنىپقا 3 ئايلىقتىن 2 ياشقىچە بولغان پەرزەنتلەر قوبۇل قىلىنىدىغان بولۇپ،مېھرىبان پەرۋىشكارلار پەرزەنتلەرنى ۋاقتى – ۋاقتىدا ئۇزۇقلاندۇرۇش، ئارامئالدۇرۇش ۋە ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ئىشلىرىغا مەسئۇل بولىدۇ. پەرزەنتلەر يېشىغا يەتكەن ۋە يېشىغا يەتمىگەنلىكىگە ئاساسەن سىنىپقا ئايرىلىدۇ.
زېرەكلەر سىنىپى: بۇسىنىپقا 3 ياشتىن 6 ياشقىچە بولغان پەرزەنتلەر قوبۇل قىلىنىدىغان بولۇپ،پەرزەنتلەر ياش ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن سىنىپلارغا ئايرىلىپ ساۋاد چىقىرىش، خەنزۇتىلى، رەسىم سىزىش ۋە ھېساب دەرسلىرى ئۆتىلىدۇ.
ئىستىقبال سىنىپى: بۇسىنىپتا باشلانغۇچ، تۇلۇقسىز ۋە تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىللىرىنىڭ مەكتەپتىكى دەرسلىرىگە يېتىشەلمىگەنلىرىگە نىسبەتەن تەكرار، كۈچەيتىش ۋە تاپشۇرۇقلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىمىز. ئوقۇغۇچىلار ئۆزىنىڭ دەرسلىك، سىنىپ ئايرىمىسى بويىچە سىنىپلارغا ئايرىلىدۇ.

مەرىپەتپەرۋەر زاتلار ۋە ئىقتىدارلىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بىز بىلەن ھەمكارلىشىشنى، قوللىشىنى ۋە تەكلىپ – پىكىر بېرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز. باغچىمىزغا داۋاملىق ئىقتىدارلىق ئوقۇتقۇچىلارنى قوبۇل قىلىمىز ۋە بىز بىلەن بىرلىكتە ئىشلىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز.
ئادرېسىمىز: قاراقاش ناھىيىلىك يېڭى سودا – سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش بىناسىنىڭ قىيپاچ قارشى تەرىپىدە.
تېلىفون: 0903-6538999، 2727 0903 185
ئۈندىدار سالۇنىمىز: iHotan

begtash يوللانغان ۋاقتى 2014-5-25 22:56:27

مىنىڭ بالاممۇ 7 ئايلىق بولوپ قالدى،  مۇۋاپىق جاي تاپالمايۋاتىمىز،  گۇمىدىكى بالىلار بولسا،  بىرەرنى تەۋسىيە قىلمامسىلەر.

Algha يوللانغان ۋاقتى 2014-5-26 08:05:17

begtash يوللىغان ۋاقتى  2014-5-25 22:56 static/image/common/back.gif
مىنىڭ بالاممۇ 7 ئايلىق بولوپ قالدى،  مۇۋاپىق جاي تاپالم ...

كەچۈرسىز، ئۇ تەرەپتىكىللىرىنى بىلمەيدىكەنمەن.

Abdurehim22 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-26 12:49:58

مۇبارەك  بولسۇن مۇئەللىم ، ئىشلىرىڭىز بەرىكەتلىك بولغاي

ehsanjan يوللانغان ۋاقتى 2014-5-27 08:08:20

ئاداش ئىشلىرىڭلارنى ياراتقان ئىگەم ئاسان قىلغاي،ئىشلىرىڭلار ئۇتۇقلۇق بولغاي!
بەت: [1]
: قاراقاش ناھىيىلىك ئانىجانىم زېرەك بالىلار كۇلۇبى