Uyghuray13 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-24 23:41:27

ئايالىڭىز كېچىسى گۈزەل بولسۇنمۇ ياكى كۈندىزى ؟

ئايالىڭىز كېچىسى گۈزەل بولسۇنمۇ ياكى كۈندىزى ؟
پادىشاھ ئارتور بىر دۆلەتكە ئەسىرگە چۈشۈپ قاپتۇ ، ئەسلى ئۇنى ئۆلۈمگە بۇيرۇماقچى بولغان پادىشاھئۇنىڭ ياش ھەم ناھايىتى ئۈمىدۋار خاراكتېرىنى ياقتۇرۇپ قىلىپ "ئاياللار ھەقىقى ئېھتىياجلىق نەرسە نېمە ؟" دېگەن سوئالغا قانائەتلىنەرلىك جاۋاب تاپالىسائۇنى قۇيۇپ بەرمەكچى بوپتۇ .
ئارتور بۇ سوئالنى ئۆزى تونۇيدىغان ھەممە ئادەمدىن مەلىكە ، پادىچى ،ئەقىلدار ئىشقىلىپ ھەممىدىن سوراپمۇ ئۆزى قانائەت قىلغۇدەك جاۋابقا ئېرىشەلمەپتۇ .
بىرى ئۇنىڭغا شەھەر سىرتىدا بىر قېرى ئايال پېرىخون بار ، ئۇنىڭ بىلمەيدىغىنى يوق ، بىراق ھەقنى يۇقىرى ئالىدۇ تېخى غەلىتە تەلەپلەرنى قۇيۇپ تۇرۇۋالىدۇ دەپ ئۇچۇر بېرىپتۇ.
بەلگىلەنگەن ۋاقىت توشايلا دەپ قاپتۇ ، ئارتورنىڭ باشقا تاللاش يولى قالمىغاچقا ئايال پېرىخوننى ئىزدەپبېرىشقا مەجبۇر بوپتۇ ، ئايال پېرىخون ئۇنىڭغا ئارتورنىڭ قول ئاستىدىكى ئەڭ باتۇر چەۋەنداز جاۋىن بىلەن توي قىلىش شەرتى بىلەن سوئالنىڭ جاۋابىنى بېرىشكە ماقۇل بوپتۇ.
ئارتور پېرىخوننىڭئاران بىرتاللا چىشى قالغان ئاغزى، بەدىنىدىن چىققان سېسىق پۇراق ھەممە يەرنى بىر ئالغان دوك ھەم بەتبەشىرە ھالىتىنى چەۋەنداز جاۋىنىنىڭ ئېگىز ، كېلىشكەن قامىتى ، ئاقكۆڭۈل سەمىمىي ۋە باتۇرلۇقى بىلەن سېلىشتۇرۇپ نېمە قىلارىنى ، نېمە دەپ جاۋاب بېرىشىنى بىلمەي تۇرۇپلا قاپتۇ .
ئارتور پېرىخونغا " ياق ، مەن ئۆز ئەركىنلىكىم ئۈچۈن دوستۇمنى سىنىڭدەك بەتبەشىرە بىلەن توي قىلىشقا مەجبۇرلىسام بولمايدۇ ، بولمىسا مەن ئۆزۈمنى بىر ئۆمۈر كەچۈرەلمەيمەن " دەپتۇ .
جاۋىن بۇ ئىشنى ئاڭلاپ ئارتورغا " سەن ۋە ۋەتىنىمىز ئۈچۈن ئۇنى ئەمرىمگە ئېلىشنى خالايمەن " دەپتۇ .
شۇنداق قىلىپ بۇ توي پۈتۈن جاھانغا پۈر كېتىپتۇ .
پېرىخون ئارتورغا "ئاياللار ھەقىقى ئېھتىياجلىق نەرسە ئۆز تەقدىرىگە ئۆزى ئىگە بولۇش " دەپ جاۋاب بېرىپتۇ .
كىشىلەر بۇ جاۋابقا قايىل بوپتۇ ، چۈنكى بۇ ھەممە ئېتىراپ قىلىدىغان بىر ھەقىقەتتە . شۇنىڭ بىلەن ئارتور ئەركىنلىككە ئېرىشىپتۇ .
توي مۇراسىمىدا پېرىخون تاماقنى قولى بىلەنلا ئېلىپ يەپ ، كېكىرىپ يەنە تېخى سەت گەپلەرنى قىلىپ ھەممە ئادەمنىڭ ئىچىنى ئىلەشتۈرۈۋىتىپتۇ ، ئارتور بۇنىڭدىن قاتتىق ئازابلىنىپ يىغلاپ كېتىپتۇ بىراق جاۋىن بۇرۇنقىدەك كەمتەر ۋە خۇش پېئىل ھالىتىنى ساقلاپ مۇراسىمنى ئاخىرلاشتۇرۇپتۇ.
توي كېچىسى جاۋىن كىشىلەرنىڭ توسقىنىغا قارىماي پېرىخوننىڭ يېنىغا كىرىپتۇ ، ئۇ بارلىق ئىشلارنى قۇبۇل قىلىش قارارىغا كەلگەن ئىكەن ، كارىۋاتتا بەتبەشىرە پېرىخون بولماستىن بەلكى پەرىزاتتەك بىر نازىنىن ياتقانلىقىنى كۆرگەن جاۋىن ھەيرانلىقتىن ئاغزىنى ئېچىپ تۇرۇپلا قاپتۇ ، پېرىخون جاۋىندىن "مەن بىر كۈننىڭ يېرىمدە گۈزەل قىزغا قالغان يېرىمدە يىرگىنچلىك پېرىخونغا ئايلىنىپ قالىمەن ، سەن زادى مىنىڭ كۈندۈزى گۈزەل ئايالغا ئايلىنىشىمنى خالامسەن ياكى كېچىسىمۇ ؟" دەپ سوراپتۇ .
بۇ نېمىدېگەن رەھىمسىزلەرچە سورالغان سوئال ھە؟ سىزدىن سوراپ باقاي :ئەگەر سىز جاۋىنىنىڭ ئورنىدا بولغان بولسىڭىز قانداق جاۋاب بەرگەن بۇلاتتىڭىز ؟
پسىخىكا ئوقۇتقۇچىسىنىڭ سۆزى ئاياغلىشىشى بىلەن ساۋاقداشلار بىردەم سۈكۈتكە چۆمدى ئاندىن تالاش-تارتىش باشلىنىپ كەتتى ، جاۋابلار ھەرخىل بولسىمۇ يىغىنچاقلاپ كەلگەندە ئىككىلا خىل . يەنى كۈندۈزى پېرىخون بۇلىشى كېرەك چۈنكى خوتۇن دېگەننى كۆز-كۆز قىلمىسىمۇ بولىدۇ يەنە بىرى كۈندۈزى گۈزەل ئايالغا ئايلىنىشى كېرەك ، بۇنىڭدا باشقىلار ھەۋەس بىلەن قارايدۇ ، كەچ بولغاندا باشقا يەرگە بېرىپ كۆڭۈل ئاچسا بولىدۇ ، كېچىدە ئۇخلىغاندا قاپ-قاراڭغۇ تۇرسا سەتمۇ چىرايلىقمۇ بەرىبىر . جاۋابلارنى ئاڭلاپ مۇئەللىمتوغرا يا خاتا دېمىدى ، پەقەت ئەمەلىيەتتە ھېكايە تۈگىمىدى ، جاۋىن بۇ سوئالغا جاۋاب بېرىپتۇدېدى .
جاۋىن "سىز ئاياللارنىڭ ھەقىقى ئېرىشمەكچى بولغىنى ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش دېگەن ئىدىڭىزغۇ ، شۇنداق بولغان ئىكەن بۇنى ئۆزىڭىز بەلگىلەڭ " دەپ جاۋاب بېرىپتۇ .
ئايال پېرىخون كۆزلىرىگە ياش ئېلىپ تۇرۇپ "مەن كۈندۈزى گۈزەل ئايالغا ئايلىنىشنى ، كېچىسىمۇ گۈزەل ئايالغا ئايلىنىشنى تاللايمەن ، چۈنكى سەن مېنى ھەقىقى ھۆرمەت قىلىشنى بىلدىڭ " دەپتۇ .
ھەممىمىز يەنە بىر قېتىم سۈكۈتكە چۆمدۇق ، چۈنكى ھېچكىم جاۋىنغا ئوخشاش جاۋاب بەرمىگەن ئىدى . بەزىدە بىز بەك شەخسىيەتچى بولۇپ كىتىمىزمۇ قانداق ؟ تېخى قوبۇل قىلىش قىلماسلىقى بىلەن كارىمىز يوق باشقىلارنىڭ تۇرمۇشىغا ئۆزىمىزنىڭ ئۆلچىمى بىلەن تون پىچىپ كېتىشلىرىمىز بار .
باشقىلارنى ھۆرمەتلەشنى ، چۈشىنىشنى بىلسىڭىز بەلكىم ئېرىشىدىغىنىڭىز تېخىمۇ كۆپ بولىدۇ. چۈشىنىش ، ھۆرمەتلەش ، ئىشىنىشتىن ئىبارەت ئۈچ گۆھەر سىزنى تېخىمۇ كۆپ ئالقىشلارغا ئېرىشتۈرەلەيدۇ .

مەنبە : ئۈندىدار چەمبىرىكىدىن تەرجىمە قىلىندى .
  
  

orkexjan يوللانغان ۋاقتى 2014-5-25 14:51:16

ئېسىل تەربىيەكەن .:)

Control يوللانغان ۋاقتى 2014-5-25 15:14:50

مەن چۈشۈنەلمىدىم، كېچە كۈندۈزدىكى گۈزەللىكنى بىلمىدىممۇيا ئىشقىلىپ جاۋىن بولغاندىن ئارتور بولغان ياخشىدەكمۇ قىلىدۇ...كېچە كۈندۈز ئورتاق خوشاللىق{:92:}

birmoo يوللانغان ۋاقتى 2014-5-25 16:15:47

كىچىسى پەيزى بولدۇ {:92:}

jaggiwar يوللانغان ۋاقتى 2014-5-25 16:51:28

:lol

Bigaan يوللانغان ۋاقتى 2014-5-25 17:05:07

نىمە دىسەم بولا. ئادەم چىلىۋاتقان تۇيغۇدا بولدۇم ئوقۇۋاتقاندا... قىلچىمۇ ئەمىلىيەتچانلىقى يوق...
ئاياللار ئۆز تەقدىرىگە ئۆزى ئىگە بولۇش .... ماۋۇسى دىنسىزلارنىڭ شوئارى ،تەقدرىنى ئۆزى يارتىدۇ دىگەندەك مەزمۇندا ....
بىر ئەر كىشىگە نىسبەتەن ئۇنىڭ جۈپتى مەيلى كۈندۈزى مەيلى كىچىسى بولسۇن پەقەت شۇ ئەرگىلاگۈزەل بولۇشى كىرەكۋە شۇنداق بولىدۇ . قالغىنى گۈزەللكىنى ھىس قىلىشتا ...

Bigaan يوللانغان ۋاقتى 2014-5-25 17:05:26

نىمە دىسەم بولا. ئادەم چىلىۋاتقان تۇيغۇدا بولدۇم ئوقۇۋاتقاندا... قىلچىمۇ ئەمىلىيەتچانلىقى يوق...
ئاياللار ئۆز تەقدىرىگە ئۆزى ئىگە بولۇش .... ماۋۇسى دىنسىزلارنىڭ شوئارى ،تەقدرىنى ئۆزى يارتىدۇ دىگەندەك مەزمۇندا ....
بىر ئەر كىشىگە نىسبەتەن ئۇنىڭ جۈپتى مەيلى كۈندۈزى مەيلى كىچىسى بولسۇن پەقەت شۇ ئەرگىلاگۈزەل بولۇشى كىرەكۋە شۇنداق بولىدۇ . قالغىنى گۈزەللكىنى ھىس قىلىشتا ...

79588010 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-25 21:08:17

جاۋىن توي كېچىسى پېرخوننى ئۆلتۈرىۋېتىپ ئورنىغا گۈزەل قىزدىن بىرنى تېپىپ، بۇ ھېكايىنى توقۇپ چىققان

atiyan يوللانغان ۋاقتى 2014-5-25 22:06:47

چىراغنى ئۆچۈرسە ھەممىسى ئوخشاش

Muzepper يوللانغان ۋاقتى 2014-5-26 08:37:04

ھەممە ئىشنى ئاياللارنىڭ ئۆزىگە قارار چىقىرىشقا قويۇپ بەرسە بۇ جاھان تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز قالايمىقانچىلىققا تولۇپ كىتىدۇ !!!
ئاياللارنى ئاسىراش، ھۆرمەتلەش، ئۇلارغا ھەرقاچان توغرىنى كۆرسىتىپ يىتەكلەپ تۇرۇشئۇلارغا بولغان ئەڭ ياخشى مۇئامىلە. ئەكسىچە ئۆز مەيلىگە قويۇپ بېرىش بولسا ئۇلارغا قىلىنغان ئەڭ چوڭ زۇلۇمدۇر!!!

freebird يوللانغان ۋاقتى 2014-5-26 11:55:01

قېلىن گۇيلا :lol

yarzat يوللانغان ۋاقتى 2014-5-26 12:01:30

كېچىسى گۈزەل نازىنىنغا ئايلانسا پەيزى..ھېچكىمنىڭ بىرەر مەخلۇق بىلەن ياتقۇسى كەلمەيدۇ.

shah_senem يوللانغان ۋاقتى 2014-5-26 12:38:17

Muzepper يوللىغان ۋاقتى2014-5-26 08:37 static/image/common/back.gif
ھەممە ئىشنى ئاياللارنىڭ ئۆزىگە قارار چىقىرىشقا قويۇپ...

ئەگەر ھەممە ئىش ئاياللارنىڭ قارارىغا قالدۇرۇلغان بولسىدى، دۇنيا باشقىچە گۈزەل بولاتتى. چۈنكى، ئۇ چاغدا ئاياللار ئەسلى تەبىئىتى بولغان گۈزەللىك ۋە مېھىر ئارقىلىق ئەرلەرنى بويسۇندۇرۇپ، ئەقلىمىز يەتمىگەن باشقىچە تۈزۈمدىكى دۇنيانى بەرپا قىلاتتى. ياراتقۇچىمىز ئەرلەرنى ھەممە جەھەتتىن كۈچلۈك ياراتتى ۋە ئاياللارنى نازۇكلۇق بىلەن ئايالغۇچى قىلىپ ياراتتى. شۇنداق بولسىمۇ، ئاياللار ئەرلەرگە بولغان خىزمەت ۋە ساداقەت ئارقىلىق ئۆزلىرىنى ئىپادىلەپ كەلدى.

alimjan15 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-26 12:52:59

shah_senem يوللىغان ۋاقتى2014-5-26 12:38 static/image/common/back.gif
ئەگەر ھەممە ئىش ئاياللارنىڭ قارارىغا قالدۇرۇلغان بول ...

{:143:}

ghalibjan يوللانغان ۋاقتى 2014-5-26 14:35:37

79588010 يوللىغان ۋاقتى2014-5-25 21:08 static/image/common/back.gif
جاۋىن توي كېچىسى پېرخوننى ئۆلتۈرىۋېتىپ ئورنىغا گۈزەل...

ئەڭ ئىسىل ئىنكاس مۇشۇ بوپتۇمۇ نىمە...


ماڭا بىرسى قەھىرمانلار كۈپۈنچە ئويدۇرلۇپ چىقىرلدۇدىگەن ئىدى .

ئانىدىن بىر توپ نادان كىلشلەرغايىسىىدىكى پالۋانلارنى چۈشەپ ياتقىنى ياتقان ....


خۇددى دانكونىڭ ھىكايسىدەك ....

putboljan يوللانغان ۋاقتى 2014-5-26 22:02:24

مۇشۇمۇ گەپ بولدىمۇ ئەمدى....:L

Muzepper يوللانغان ۋاقتى 2014-5-27 01:38:43

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Muzepper تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-5-27 01:40

shah_senem يوللىغان ۋاقتى2014-5-26 12:38 static/image/common/back.gif
ئەگەر ھەممە ئىش ئاياللارنىڭ قارارىغا قالدۇرۇلغان بول ...

ھېلىمۇ ھازىر دۇنيايىمىز باشقىچە «گۈزەل» بولۇپ كىتىپ بارىدۇ، مۇشۇ «گۈزەل»لىك بىزگە يىتىپ ئىشىپ كەتتى ھازىر.
ئىنكاسىمنى ‹ئاياللارنىڭ پۈتۈن ھوقوقىدىن مەھرۇم قىلىش، ئەركىنلىكىنى بوغۇش› دېگەنگە ئوخشاش مەنىدە چۈشىنىپ قالغان ئوخشايسىز. ئەكسىچە مەن ئاياللىرىمىزنىڭ مەھرۇم قالغان تىگىشلىك ھوقوقىنى قايتۇرۇپ بېرىش تەرەپتارى، لېكىن ھەممىنى ئۆز مەيلىگە قويۇپ بېرىشقا قارشى. ئايالللارنىڭ ئەرلەردىن ئاجىز يارالغانلىقى پەقەت جىسمانى جەھەتتىنلا ئەمەس، ئەقلىي جەھەتتىنمۇ ئوخشاش ئاجىز. شۇڭا ئەرلەرنىڭ نەسىھەت قىلىپ تۇرىشىغا، توغرا يولغا يىتەكلىشىگە مۇھتاج.
ئاتالمىش «ئەر ئاياللار باراۋەر»شۇئارى ئاستىدا «ئۆز تەقدىرىگە ئۆزى ئىگە بولۇش»، «ھەممىگە ئۆزى قارار چىقىرىش» ئىددىيىسىدە دەسلەپتە ياغلىق بىلەن ئۇزۇن كۆڭلەكنى تاشلاپ قىسقا يوپكا، يەڭسىز مايكا ۋە پادىچى ئىشتاننى ئۆز قارىرى بىلەن تاللىدى. تەدرىجى تەرەققىي قىلىپ ھازىر يەنە ئۆزلىرى قارار قىلىپيىقىنقى يىللاردا تېخى يوتقان ئىچىدىلا كىيىپ ياتىدىغان «شەڭكۇ»لارنى كىيىپ سىرىتقا چىقىش مودا بولۇپ بولدى. ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چىغىمىزدا قىز-ئوغۇللار مۇھەببەتلەشسە ئوموملاشقان ھەددىدىن ئىشىش قىلمىشى ئىشىپ كەتسە قۇچاقلىشىش، سۆيۈشۈش ئىدى، زىنا ناھايىتى ئاز ساندا ئىدى. ئالىي مەكتەپكە چىققاندىن كېيىن بولسا زىنا قىلمىشىمۇ كۆپىيىشكە باشلىدى. ئەرلەر بولسا قىز-ئاياللىرىمىزنىڭ كىيىنىش، يۈرۈش تۇرۇشلىرى بىلەن كارىمىز توق پۇل تىپىش، يول تىپىشبىلەن بولۇپ كەتتۇق.ئاياللىرىمىز بۇنداق «ئۆز تەقدىرىگە ئۆزى ئىگە بولۇش»ئىددىيىسى بىلەن تەرەققىي قىلىۋەرسە كالتە كۇسار بىلەن كىندىكى ھەم كۆكسى ئوچۇق كىيىنىپ يۈرۈشمۇ ئادەتتىكى ئىشلاردەك بولۇپ قالىدۇ. قىز-ئوغۇللار ئارىسىدىكى مۇھەببەتلىشىش باغچىدىكى ئورۇندۇقتىلا بولماستىن، غەرىب ئەللىرىدەك كەچلىرى خالى جايدا بولۇشتەك ئىشلار، «يىگىت»،«قىز»لىقى تېخى بارلار مەسخىرىگە قالىدىغان ئىشلار، قاراڭغۇ چۈشكەندە بىر ئوغۇل بالا ئۆينىڭ ئىشىكىنى چىكىپ قىزىنى سورىسا ئاتا-ئانىلىرى«بالدۇرراق قايتىپ كىلەرسىلەر»دەپ يولغا سەپ قويىدىغان ئىشلار ... تۇرمۇش ئادىتىمىزگە ئايلىنىدۇ...

ئەرلەرنىڭ مەجبۇرىيىتى ئاياللارنى ئىقتىسادى جەھەتتىن قامداپ، جىسمانىي جەھەتتىن قوغداشلا بولماستىن، ئۇلارنى توغرا يولغا يىتەكلەپ مېڭىشمۇ مەجبۇرىيىتى، ئەڭ چوڭى دېسەكمۇ ئېغىر كەتمەس!
بىر قەدەر پىشقان ئاياللارمۇ يوق ئەمەس، ئۆزىنىڭ ئايالىچىلىك بولالماي ھاراق ئىچىپ قىمار ئويناپ يۈرگەن ئەرلەرمۇ مەۋجۇد. ئەمما بۇلار ئاز ساندىكىلەر...

ruslan007 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-27 06:54:57

خوتون كىشى مۇ قارار چىقىرامدۇ ، كىندىكىگە سۇغۇق ئۆتۈپ قالغان پىرىخۇنمۇ نېمە ئۇ

ruslan007 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-27 06:57:25

كىچىسى ھىچقانداق ئەرنىڭبەدبەشىرە مەخلۇق بىلەن ياتقۇسى كەلمەيدۇ ، كۈندۈزى يەنە شۇنداقلا بەدبەشىرە مەخلۇق نىڭ ھۆسنىگە قارىغۇسى كەلمەيدۇ ، شۇڭا ھەر ۋاقىت گۈزەل بولغىنى ئەۋزەل

qaraqchi يوللانغان ۋاقتى 2014-5-27 08:49:18

ئاتالمىش« ئاياللار ئازاتلىقى»نى تەرغىپ قىلىدىغان يازمىكەن بۇ ...
بەت: [1] 2
: ئايالىڭىز كېچىسى گۈزەل بولسۇنمۇ ياكى كۈندىزى ؟