mykariz يوللانغان ۋاقتى 2014-5-24 20:39:09

(كارىزى)ئۇيغۇر باخشى-پېرىخون ناملىرىنىڭ مەدەنىيەت مەنىسى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   mykariz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-24 21:38  

ئۇيغۇر باخشى-پېرىخون ناملىرىنىڭ مەدەنىيەت مەنىسى ۋە ئالاھىدىلىكى ھەققىدە

ئادىل غاپپار كارىزى

شامانىزم بىر خىل ئېتىقاد ھادىسىسى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى پېرىخونلۇق پائالىيىتىنى ئاساس قىلغان دۇنياۋىي خاراكتىرلىك مەدەنىيەت ھادىسىسىدۇر. ھازىرمۇ بۇ خىل مەدەنىيەت ھادىسسىسىنىڭ قالدۇقلىرىنى ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان زامانىۋىي چوڭ شەھەرلەردىن چەت، يىراق-ياقا يېزىلارغىچە ھەممە يەردە دېگۈدەك ئۇچراتقىلى بولىدۇ. ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بۇ خىل مەدەنىيەت قالدۇقلىرىنى تارىختىن بۇيان ئەجدادتىن-ئەۋلادقا يەتكۈزۈپ داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان مەخسۇس كىشىلەر بولۇپ، ئۇلار خەلق ئارىسىدا خىلمۇ-خىل ناملار بىلەن ئاتىلىپ كېلىنمەكتە. ئۇيغۇرلار ئوخشاش بولمىغان دەۋىردە ۋە ئوخشاش بولمىغان رايۇنلاردا ئۇيغۇر باخشى-پېرىخونلارنى ئوخشاش بولمىغان ناملار بىلەن ئاتىغانىدى. ھەر بىر باخشى-پېرىخوننىڭ مەخسۇس شۇغۇللىنىدىغان مۇراسىم-پائالىيەتلىرى ۋە خەلق ئارىسىدا ئۆزىگە خاس نامى بار ئىدى. بۇ ماقالىدە دالا تەكشۈرۈشتىن ئېرىشكەن بىرىنچى قول ماتېرىياللار ۋە بىر قىسىم يازما مەنبەلەر ئاساسىدا، تارىختىن بۇيانقى ئۇيغۇر باخشى-پېرىخونلارنىڭ خەلق ئارىسىدىكى ناملىرى رەتلەپ چىقىلىپ، ئۇلارنىڭ مەدەنىيەت مەنىسى خەلق ئارىسىدىكى چۈشەنچىلەر ئاساسىدا تىلشۇناسلىق، مەدەنىيەت ئىنسانشۇناسلىقى، دىن ئىنسانشۇناسلىقى نۇقتىسىدىن يېشىپ چۈشەندۈرۈلدى.
خەلقئارادىكى دىن ئىنسانشۇناسلىقى ۋە دىن تەتقىقات ساھەسىدە باخشى-پېرىخونلارغا ئالاقىدار نەزىرىيىۋىي سېستىما ۋە مۇراسىم-پائالىيەتلەر «شامانىزم» دەپ ئاتىلىدۇ. باخشى-پېرىخونلار بولسا «شامان» دەپ ئاتىلىدۇ. تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشىچە، ‹شامان› دېگەن بۇ سۆز ئەسلى سىبىرىيىدىكى مانجۇ-تۇڭغۇس تىلىدىكى ‹سامان(saman)› دېگەن سۆزدىن كەلگەن بولۇپ، سامان(saman) دېگەن سۆزدىكى sa دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى ‹بىلمەك› بولۇپ، شامان(shaman) سۆزىنىڭ خەت(لوغەت) مەنىسى ‹بىلگۈچى› دېگەنلىكتۇر. بۇ سۆزنى ئەڭ ئاۋۋال روسىيىلىك تەتقىقاتچىلار ئىشلەتكەن بولۇپ،  1692-يىلى موسكىۋا ۋەكىللەر ئۆمىكى جۇڭگونى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن، ئېيۋىرت.ئىسبولات.ئىنداي ۋە ئۇنىڭ ھەمرالىرى ئېلان قىلغان «جوڭگو ساياھەتنامىسى»دە، تۇنجى بولۇپ مانجۇلار ئارىسىدىكى ‹شامان›نى خەلقئاراغا تۇنۇشتۇرغان. سامان(saman) سۆزى ئىنگىلىز تىلىغا كىرگەندە شامان(shaman) دەپ ئىشلىتىلگەن. خەلقئارا شامانىزم ئىلمىي تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى، ۋىنگىرىيە دۆلەتلىك پەنلەر ئاكادىمىيىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى دوكتۇر مىخائىل.خوپپال(M.Hoppal) «شامان ۋە شامانىزم» دېگەن كىتابىدا ‹شامان› ئاتالغۇسىنىڭ كېلىش مەنبەسى ۋە ئۇنىڭ مەنىسى توغرىسىدا خېلى سېستىمىلىق تەتقىقات ئېلىپ بارغان. ئۇنىڭ قارىشىچە، خەلقئارادا ئومۇميۈزلۈك ئىشلىتىلىۋاتقان ‹شامان› سۆزى مانجۇ-تۇڭغۇس تىلى بولۇپ، روسىيىلىك تەتقىقاتچىلار مىللەتشۇناسلىق ساھەسىگە ئېلىپ كىرىپ، مىللەتشۇناسلىق(ئىنسانشۇناسلىق)نىڭ بىر خىل مەخسۇس شامانىزم پائالىيىتى بىلەن شوغۇللىنىدىغان ئادەمنى ۋە  ھادىسىنى كۆرسىتىدىغان كەسپىي ئاتالغۇسىغا ئايلانغان. مانجۇ-تۇڭغۇس تىلىدىن كەلگەن ‹شامان(SHAMAN)› سۆزى ‹بىلمەك، چۈشەنمەك، خەۋەرداربولماق› مەنىسىدىكى Sha- پېئىلدىن تۈزۈلگەن بولۇپ، ‹شامان› دېگەن بۇ سۆزنىڭ بىلدۈرىدىغان مەنىسى ‹خەۋەردار، بىلىدىغان، ھەممىگە قادىر ئادەم› دېگەنلىكتۇر. يەنە بەزى تەتقىقاتچىلار ‹شامان› دېگەن بۇ سۆز سانسىكىرت تىلى بولۇپ، خەنزۇچە بۇددا نوملىرى ئارقىلىق مانجۇ-تۇڭغۇس تىلىغا كىرگەن دەپ قارايدۇ. ‹شامان› دېگەن بۇ سۆز بارى(PALI) تىلىدا SHAMAN، سانسىكىرت تىلىدا SCHRAMANA دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، بۇددا دىنىدىكى ‹راھىب، سامغا، شەيخ› دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ. بۇ سۆز ئالتاي تۈركلىرى ئىچىدە قام(QAM) دەپ ئاتىلىدۇ. ئوتتورا ئاسىيا رايۇنىدا باخشى(BAKSHI) دەپ ئاتىلىدۇ. دېمەك، شامان سۆزىنىڭ لوغەت مەنىسى ‹بىلگۈچى، ھەممىنى بىلىدىغان ئادەم› دېگەنلىكتۇر. ئەمما ئۇنىڭ ئىلىم ساھەسىدىكى ئىستىمال مەنىسى بولسا، شامانىزم ئەقىدىسى ئاساسىدا مەلۇم خىل شامانلىق تېخنىكىسى ۋە مۇراسىم-پائالىيەتلەرگە رىياسەتچىلىك قىلىدىغان ئادەمنى كۆرسىتىدۇ. شامانىزم بولسا مەلۇم خىل بەلگىلىك دىن ياكى ئېتىقاد سېستىمىسىنى كۆرسەتمەستىن، بەلكى شامانلارنىڭ شامانلىق كەچۈرمىشى ۋە شامانلىق قىلمىشلىرىنىڭ ئومومىي ئاتىلىشىدۇر.
ئۇيغۇرلارنىڭ شامانىزم ئېتىقادى ناھايىتى ئۇزاق تارىخقا ئىگە بولۇپ، ئوخشاش بولمىغان تارىخى دەۋىردە ۋە ئوخشاش بولمىغان رايۇنلاردا باخشى-پېرىخونلار ئوخشاش بولمىغان ناملار بىلەن ئاتالغان. تۆۋەندە ئۇيغۇر باخشى-پېرىخونلارنىڭ ناملىرىنىڭ مەدەنىيەت مەنىسى ۋە ئالاھىدىلىكلىرى ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتىمىز.
1. قام: تۈرك تىللىق مىللەتلەر، جۈملىدىن ئۇيغۇرلار تارىختا شاماننى ‹قام› دەپ ئاتىغان. 11-ئەسىردە ئۆتكەن بۈيۈك ئۇيغۇر ئالىمى مەھمۇد قەشقەرى «تۈركىي تىللار دىۋانى»دا، قەدىمكى ئۇيغۇرلار ۋە تۈركلەر سىرلىق كۈچكە ئىگە سېھرىگەرلەرنى ‹قام› دەپ ئاتايتتى دەپ خاتىرىلىگەن. « قۇتادغۇبىلىگ»تىمۇ ‹قام› ئاتالغۇسى تۆت يەردە «باخشى» مەنىسىدە تىلغا ئېلىنىدۇ. بۇنىڭدىن قارىغاندا، 11-ئەسىرلەردە ۋە ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكى دەۋىرلەردە ئۇيغۇرلار شامانلارنى ‹قام› دەپ ئاتىغان.  
2. يەلۋىچى: مەھمۇد قەشقەرى «تۈركىي تىللار دىۋانى»دا، ‹يەلۋىچى› دېگەن سۆزگە ‹سېھرچى، سېھرگەر› دەپ ئىزاھات بەرگەن. بۇنىڭدىن قارىغاندا، ئۇيغۇرلار 11-ئەسىرلەردە ۋە ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكى دەۋىرلەردە مەخسۇس سېھرگەرلىك بىلەن شوغۇللىنىدىغان شامانلارنى يەنە ‹يەلۋىچى› دەپمۇ ئاتىغان.
3. ئەرۋەشچى: مەھمۇد قەشقىرى «تۈركىي تىللار دىۋانى»دا يەنە ‹ئەرۋەشتى›، ‹ئەرۋەلدى›، ‹ئەرۋەدى› دېگەن سۆزلەرگە بىردەك ‹ئەپسۇن ئوقۇماق› دەپ ئىزاھات بەرگەن. بۇنىڭدىن قارىغاندا، ئۇيغۇرلار 11-ئەسىرلەردە ۋە ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكى دەۋىرلەردە ئەپسۇن ئوقۇشنى ئاساسلىق مۇراسىم-پائالىيەت ۋاستىسى قىلىدىغان شامانلارنى ‹ئەرۋەشچى› دەپ ئاتىغان.
4. ياداچى: مەھمۇد قەشقەرى «تۈركىي تىللار دىۋانى»دا، يادا توغرىسىدا خېلى تەپسىلى مەلۇمات بەرگەن بولۇپ، بۇ مەلۇمەتلارغا ئاساسلانغاندا، يادا ھايۋان تېنىدىن ئېلىنىدىغان ‹يادا› دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل تاشقا مەلۇم ئەپسۇن-ئەرۋەشلەر ياردىمىدە سېھىر قىلىپ، قار-يامغۇر ياغدۇرۇشتا ئىشلىتىلىدىغان سېھرگەرلىكتۇر. يەنى«تۈركىي تىللار دىۋانى»دا، يادا دېگەن سۆزگە ‹يامغۇر ياغدۇرۇش ۋە شامال چىقىرىش ئۈچۈن يادا تېشى بىلەن قىلىندىغان كاھىنلىق›، ‹يادا ھايۋان تېنىدىن ئېلىنغان› دەپ ئىزاھات بەرگەن. ‹يادا قىلدۇردى› دېگەن سۆزگە ‹بەگ(شامال چىقىرىپ، يامغۇر ياغدۇرۇش ئۈچۈن) يادا قىلدۇردى. يادا قىلدۇرماق- بۇ تۈرك يۇرتلىرىدا مەشھۇر بىر ئىشتۇر. ئۇلۇغ تەڭرىنىڭ ئىزنى بىلەن، تاشقا ئوقۇش ئارقىلىق شامال سالقىنلىق ۋە يامغۇر پەيدا قىلىنىدۇ› دەپ ئىزاھات بەرگەن. بۇ ئىزاھاتلاردىن قارىغاندا، ئۇيغۇرلار 11-ئەسىرلەردە يادا تاشقا ئەپسۇن ئوقۇپ، شامال چىقىرىپ يامغۇر ياغدۇرىدىغان شامانلارنى ‹ياداچى› دەپ ئاتىغانىدى.
5.باخشى: ئۇيغۇرلار تارىختا شاماننى يەنە ‹باخشى› دەپمۇ ئاتىغان بولۇپ، مىڭ خۇييىڭنىڭ «مانجۇلارنىڭ شامان دىنى تەتقىقاتى» ناملىق ئەسىرىدە ئوتتۇرىغا قويۇلىشىچە، ‹باخشى(Bahshi)› سۆزى قەدىمكى ھىندى(سانسىكىرت) تىلىدىكى ‹باكچۇ(bakcshu)› (باقشۇ) دەپ تەلەپپۇز قىلىندىغان ئىسىمدىن ئۆزگىرىپ كەلگەن بولۇپ، ئىلگىرىكى مانى راھىبلىرىنى ۋە بۇتخانا دەرۋىشلىرىنى كۆرسەتكەن. كېيىنچە، ئۇيغۇر تىلىغا ‹باقشى› شەكىلدە ئۆزلىشىپ كىرىپ، ‹ئۇستاز› دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان بولغان. تۈرك ئالىمى ئابدۇقادىر ئىناننىڭ تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا، تۈرۈكلەرگە ‹باخشى› دېگەن سۆز بۇددا دىنى ئارقىلىق سىرتتىن كىرگەن سۆز بولۇپ، بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان مۇڭغۇللار ‹ئۇستاز› مەنىسىدە قوللانغان... دىننىي ئىلىم بېرىدىغان لامالار ‹باخشى› دەپ ئاتالغان. تۈركمەنلەردە بۇ سۆز ‹ساز چېلىپ ناخشا ئېيتقۇچى› دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. چاغاتاي تىلىدا بولسا ‹باخشى› سۆزى ‹كاتىپ› مەنىسىدە قوللىنىلغان. M. فۇئات كۆپرۈلۈ(M.Fuat Köprülü) تۈزگەن «ئىسلام قامۇسى»دا، قەدىمكى ئۇيغۇر ۋەسىقىلىرىدە ‹باخشى› دېگەن سۆز ‹ئۇستاز› دېگەن مەنىدە دەپ قەيت قىلىنغان.
‹باخشى› دېگەن بۇ سۆز ھازىرقى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ناھايىتى كەڭ ئىشلىتىلىدىغان سۆز بولۇپ، ئۇنىڭ كۆرسىتىدىغىنى ‹ئۇستاز› بولماستىن، بەلكى كىشىلەر ئومومەن پال ئېچىپ كىشىلەرنىڭ ياخشىلىق ۋە يامانلىقىدىن، ئاپەت ۋە ئامىتىدىن ئالدىن بىشارەت بېرىپ، كىشىلەرنىڭ ياخشىلىق ۋە يامانلىقىغا سىھر-جادۇ ئارقىلىق سەۋەپ قىلىدىغان، پىرە ئويناپ كېسەل داۋالايدىغان كىشىلەرنى ئەر ياكى ئايال بولسۇن ئوخشاشلا ‹باخشى› دەپ ئاتايدۇ. كۇچا رايۇنىدىكى باخشىلارنىڭ پائالىيىتى مەخسۇسلاشقان بولۇپ، شوغۇللىنىدىغان پائاليىتىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن، ئۇلار ‹پىرە باخشىسى› ۋە ‹رەم (رەمىل) باخشىسى› دەپ ئىككىگە بۆلىنىدۇ. پىرە باخشىسى– مەخسۇس پىرە ئويناپ كېسەل داۋالايدىغان كىشىلەر بولۇپ، بۇنداق كىشىلەر ئەر ياكى ئايال بولسۇن ئوخشاشلا پىرە باخشىسى دەپ ئاتىلىدۇ. پىرە باخشىسى ئادەتتە باش باخشى ۋە  داپەندە(ھېپىز دەپمۇ ئاتىلىدۇ) دەپ ئىككىگە بۆلىنىدۇ. باش باخشى- پىرە ئويناش جەريانىدا ئوتتۇرىدا تۇرۇپ پىرە ئۇيۇنىنىڭ بارلىق پائالىيەتلىرىگە باشچىلىق قىلىپ، پۈتكۈل پىرە جەريانىنى كونتىرول قىلىدىغان، كېسەلنىڭ ئەتراپىدا چۆگىلەپ يۈرۈپ ئەپسۇن ئوقۇپ يامان روھلارنى قوغلايدىغان كىشىنى كۆرسىتىدۇ. داپەندە–پىرە ئويناش جەريانىدا باش باخشىنىڭ كۆرسەتمىسى ۋە پىرە ئۇيۇنىدىكى پائالىيەتلەرنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئاساسەن، باش باخشىنىڭ كەينىدە كېسەلنىڭ ئەتراپىدا چۆگىلەپ يۇرۇپ داپ چېلىپ، ناخشا-قوشاق ئوقۇيدىغان كىشىلەرنى كۆرسىتىدۇ. ‹داپەندە›لەر ئادەتتە ئۈچ، بەش، يەتتە كىشى بولىدۇ. رەم (رەمىل) باخشىسى – مەخسۇس رەمل بېقىپ (پال ئېچىپ) كىشىلەرنىڭ ياخشىلىق ۋە يامانلىقىدىن، ئاپەت ۋە ئامىتىدىن ئالدىن بىشارەت بېرىدىغان، كىشىلەرنىڭ ياخشىلىق ۋە يامانلىقىغا سىھىر-جادۇ ئارقىلىق سەۋەپ قىلىدىغان كىشىلەرنى كۆرسىتىدۇ.
6. ھېپىز(ھاپىز) : بۇ ئەرەپچە سۆز بولۇپ، ئەسلى تەلەپپۇزى ‹ھافىز›، تەلەپپۇز جەريانىدا ‹ئا› تاۋۇشى ‹ئې› تاۋۇشىغا ئاجىزلاشقان، ‹ف› تاۋۇشى ‹پ› تاۋۇشىغا ئۆزگىرىپ كەتكەن. ‹ھافىز› دېگەن بۇ سۆزنىڭ لوغەت مەنىسى ‹ساقلىغۇچى، مۇھاپىزەت قىلغۇچى؛ يادقا بىلگۈچى، قوشاق-بىيىت ئېيتقۇچى، ھاپىز› دېگەنلىك بولىدۇ. ھېپىز(ھاپىز) دېگەن بۇ سۆز  ئېلى، پىچان، قۇمۇل، كۇچار، قەشقەر، خوتەن رايۇنلىرىدا بىر قەدەر كۆپ ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ، پىرە ئويناش جەريانىدا باش باخشىنىڭ كۆرسەتمىسى ۋە پىرە ئۇيۇنىدىكى پائالىيەتلەرنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئاساسەن، باش باخشىنىڭ كەينىدە كېسەلنىڭ ئەتراپىدا چۆگىلەپ يۇرۇپ داپ چېلىپ، ناخشا-قوشاق ئوقۇيدىغان كىشىلەرنى كۆرسىتىدۇ. ھېپىز(ھاپىز)لار ئادەتتە ئۈچ، بەش، يەتتە كىشى بولىدۇ.
7. پېرىخون: پېرىخون ئاتالغۇسى توغرىسىدا بۇ ساھەدىكى تەتقىقاتچىلارنىڭ پىكىرى بىردەك ئەمەس. دىلمۇرات ئۆمەر ئەپەندى «شىنجاڭدىكى تۈركىي تىللىق مىللەتلەرنىڭ شامانىزمى ئۈستىدە تەتقىقات» ناملىق ئەسىرىدە، پىرىخون سۆزىگە تۆۋەندىكىدەك ئىزاھات بەرگەن. شىنجاڭنىڭ جەنۇبىدىكى ئۇيغۇرلار شاماننى ‹پېرىخون(PERKHON)› دەپ ئاتايدۇ، بۇ سۆز ئەرەبچە، پارىسچە ۋە ئۇيغۇرچە بىرىكمە سۆز بولۇپ، ‹پېر(PER)› نىڭ مەنىسى ‹روھ، ئىلاھ›، ‹خون(KHON)›نىڭ مەنىسى ‹قونماق،ئورۇنلاشماق، ماكانلاشماق، توختاتماق، تەنگە يېقىنلاشماق، تەننى كونتىرول قىلماق›، سۆزنىڭ پۈتۈن مەنىسى ‹ئىلاھىي تەن ياكى ئىلاھ، روھلار تەرىپىدىن كونتىرول قىلىنغان تەن› دىمەكتۇر. تەتقىقاتچى ئالىم ئىنايىتنىڭ قارىشىچە، پېرىخون دېگەن تېرمىن ئەسلى ‹پەرىخان›دۇر، ‹پەرى› ئايال جىنىسلىق جىنلارغا بېرىلگەن ئىسىم. ‹پەرى› كەلىمىسى ‹ئىلاھ، روھ، ئۇستاز› مەنىسىدىكى ‹پىر› بىلەن پەرىقلىق. پېرىخون ‹جىن› مەنىسىدىكى ‹پەرى› بىلەن قىسسەخان، غەزەلخان سۆزىدىكى ‹خان(ئوقۇماق)›نىڭ بىركىشىدىن كەلگەن بولۇپ، ‹جىنلارنى ئوقۇپ قاچۇرغۇچى ياكى جىنلارنى ئوقۇپ بويسۇندۇرغۇچى› دېگەن مەنىدە. راخمان ئابدۇرېھىم «ئۇيغۇرلاردا شامانىزم» ناملىق كىتابىدا، پىرىخون سۆزىگە تۆۋەندىكىدەك ئىزاھات بەرگەن. ‹پېرىخون› سۆزىدىكى ‹پېرە› بولسا، ‹جىن› دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. ‹خون› بولسا ‹ئويناتقۇچى، باشقۇرغۇچى› دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ. ‹پېرە› بىلەن ‹خون› نى قوشقاندا، ‹پېرىخون›-‹پېرە ئويناتقۇچى، پېرىلەرنى باشقۇرغۇچى› دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ. ئابلىمىت ئۆمەر بىلگە «ئۇيغۇرلارنىڭ ئىپتىدائىي ئېڭى ۋە پەلىسەپە بىخلىرى» ناملىق ئەسىرىدە، پىرىخون سۆزىگە تۆۋەندىكىدەك ئىزاھات بەرگەن. ‹پېرىخون› سۆزى ‹پېرە ـ جىن›؛‹خون – ئىگە، شوغۇللانغۇچى› دېگەن بۆلەكلەردىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، ‹جىن بىلەن ھەپىلەشكۈچى›، ‹جىن-پېرە ئويناتقۇچى›، ‹پېرە-جىنلارنى باشقۇرغۇچى› دېگەن بولىدىكەن.
تەكشۈرۈش ۋە تەتقىقاتىمىزغا ئاساسلانغاندا، بۇ سۆزنىڭ ئەسلى تەلەپپۇزى ‹پەرىخان› بولۇپ، ‹پەرى› دېگەن ئەرەبچە سۆز بىلەن ‹خان› دېگەن ئەرەپ-پارىسچە ئىسىم ياسىغۇچى قوشۇمچىنىڭ بىرىكىشىدىن ياسالغان ياسالما سۆز ئىدى. كېيىنچە تەلەپپۇز جەريانىدا‹پەرى› سۆزى تەركىبىدىكى ‹ئە› تاۋۇشى ‹ئې ياكى ئى› غا ئاجىزلاشقان. ‹خان› سۆزى تەركىبىدىكى ‹ئا› تاۋۇشى ‹و› تاۋۇشىغا ئۆزگىرىپ كەتكەن. ئۇيغۇر تىلىدا ‹ئا› تاۋۇشىنىڭ ‹و› تاۋۇشىغا ئۆزگىرىشى ئومومىي قائىدە ئەمەس، ئەمما بەزى بىر قىسىم يەرلىك شىۋىلەردە مۇشۇنداق ئۆزگىرىش ھادىسىسى كۆرىلىدۇ. مەسىلەن، كۇچار رايۇنىدا كىشىلەر ‹دۇئاخان‹ دېگەن سۆزنى ‹دۇگاخون› دەپ تەلەپپۇز قىلىدۇ. دىمەك، بۇ يەردىمۇ ‹ئا› تاۋۇشى ‹و› تاۋۇشىغا ئۆزگەرگەن.
ئەرەبچە «جىن» دېگەن بۇ سۆزنىڭ لوغەت مەنىسى «يۇشۇرۇن، پەرى، مالائىكە» بولۇپ، ‹پېرە(پەرى)› تەتقىقاتچى ئالىم ئىنايىت ئېيتقاندەك، ‹ئايال جىنىسلىق جىنلارغا بېرىلگەن ئىسىم-پەرى› ئىدى. ‹پېرە› سۆزىنىڭ ئىستىمال مەنىسىدىن قارىغاندىمۇ، ئۇيغۇرلار ‹جىن› ئاتالغۇسى بىلەن ‹پىرە› ئاتالغۇسىنى ئالماشتۇرۇپ ھەم بىرلىكتە ئىشلەتكەن. ئۇيغۇر باخشىلار ئارىسىدا تارقىلىپ يۈرگەن «نەقىشى سۇلايمان»، «كەنزىل ھۈسەينى» ناملىق قول يازمىلاردا ۋە مۇھەممەت ئېۋەز قارىقاشى يازغان «مەجمۇئەتۇل ئەھكام» ناملىق قەدىمىي قول يازمىلاردا يامان روھلارغا ۋەكىللىك قىلىدىغان ۋە كىشىلەرگە كېسەل سالىدىغان جىن، ئالباستى، دىۋىلەر ‹پېرە› ئاتالغۇسى بىلەن ئاتالغانىدى.ئۇيغۇر باخشى-پېرىخونلارنىڭ پېرە قوشاقلىرىدىمۇ ‹پېرە› جىن-ئالباستىلارنىڭ بىر تۈرى قاتارىدا تىلغا ئېلىنىدۇ. مەسىلەن:
‹ئەزەمتۇئەلەيكۇم دىۋىلەر،
ئەزەمتۇئەلەيكۇم پىرىلەر،
ئەزەمتۇئەلەيكۇم جىنلەر،
ئەزەمتۇئەلەيكۇم شاياتۇنلەر،
ئارغىماقنى ئوينىتىپ،
قۇشلارنى قۇشلىتىپ،
تۇغ-ئەلەمنى كۆتۈرۈپ،
199 تۇغلۇق ئەلەم-لەشكىرى بىلەن،
قازى-موپتىسى بىلەن،
يىغىلىپ-يىغىلىپ،
جەم-جەم بولۇپ،
ئەسنەپ-ئەسنەپ ھازىر بولۇڭلار! يا مەلئۇنلەر!›
بۇنىڭدىن كۆرۈشكە بولىدۇكى، ئۇيغۇرلارنىڭ چۈشەنچىسىدە ‹پېرە›مۇ جىن-ئالباستىلارنىڭ بىر تۈرى ئىدى.  ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىنى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن، ئىلگىرىكى ئېتىقاد دەۋرلىرىدە جىن-ئالباستىنى ئىپادىلىگەن ‹ئالباستى›، ‹يالماۋۇز›، ‹دىۋە›، ‹يەك›، ‹يەل(شامال)› دېگەندەك سۆزلەرنىڭ ئورنىغا ‹جىن› ۋە ‹پىرە› سۆزلىرىنى ئالماشتۇرۇپ ئىشلەتكەنىدى.
‹پەرىخان› دېگەن سۆزنىڭ تەركىبىدىكى ‹خان› پارىسچە سۆز بولۇپ، مەنىسى ‹ئوقۇش، ئوقۇماق›. مەسىلەن: ‹كىتاپخان-كىتاب ئوقۇغۇچى›، ‹قەسىدىخان-قەسىدە ئوقۇغۇچى›، ‹غەزەلخان-غەزەل(ناخشا، شېئىر) ئوقۇغۇچى›، ‹دۇئاخان-دۇئا ئوقۇغۇچى›...دېگەندەك.
يۇقارقى چۈشەنچىلەرگە ئاساسلانغاندا، ‹پېرىخون(پەرىخان)› دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى ‹جىنلار بىلەن ھەپىلەشكۈچى›، ‹جىنلار بىلەن ئالاقە قىلغۇچى›، ‹جىنلارنى ئوقۇپ قاچۇرغۇچى›، ‹جىنلارنى ئوقۇپ بويسۇندۇرغۇچى› دېگەندەك مەنالارنى بېرىدۇ. ‹پېرىخۇن› دېگەن بۇ سۆز ئۇيغۇرلار ئارىسىدا خىلى كەڭ ئوموملاشقان بولۇپ، مەخسۇس پېرە ئويناپ كېسەل داۋالايدىغان كىشىلەر ئەر ياكى ئايال بولسۇن ئوخشاشلا ‹پېرىخون› دەپ ئاتىلىدۇ. ‹پىرىخۇن› كۆپىنچە مەخسۇس پىرە ئويناپ كېسەل داۋالايدىغان ‹باش باخشى›نى كۆرسىتىدۇ.
8. رەمچى(پالچى): ‹رەمچى› دېگەن بۇ سۆزنىڭ ئەسلى تەلەپپۇزى ‹رەملچى› بولۇپ، تەلەپپۇز جەريانىدا ‹ل› ھەرىپى چۈشۈپ قالغان. بۇ ئەرەپچە-ئۇيغۇرچە ياسالما سۆز بولۇپ، ‹رەمل› دېگەن ئەرەپچە سۆزگە ئۇيغۇر تىلىدىكى ‹-چى› دېگەن ئىسىم ياسىغۇچى سۆزنىڭ قوشۇلىشىدىن ياسالغان ياسالما سۆز. ‹رەمىل› دېگەن ئەرەپچە سۆز ‹قۇم؛ قۇم بىلەن پال ئېچىش؛ پالچىلىق› دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ. ‹رەملچى› دېگەن بۇ سۆز ‹رەمماللىق بىلەن شوغۇللىنىدىغان ئادەم› ياكى ‹پالچى ياكى پالچىلىق بىلەن شوغۇللىنىدىغان ئادەم› دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ، شۇڭا، ئادەتتە ‹پالچى› دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ‹رەملچى(پالچى)› دېگەن بۇ سۆز جەنۇبىي شىنجاڭدىكى كۇچا رايۇنىدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كەڭ ئوموملاشقان بولۇپ، مەخسۇس رەم بېقىپ (پال ئېچىپ) كىشىلەرنىڭ ياخشىلىق ۋە يامانلىقىدىن، ئاپەت ۋە ئامىتىدىن بىشارەت بېرىدىغان، كىشىلەرنىڭ ياخشىلىق ۋە يامانلىقىغا سىھر-جادۇ ئارقىلىق سەۋەپ قىلىدىغان ‹رەم(رەمل) باخشىسى›نى كۆرسىتىدۇ. كۇچار رايۇنىدىكى ئۇيغۇرلار ‹رەمچى› دېگەن بۇسۆزنى كۆپرەك ئىشلىتىدۇ، ئۇلار تىلغا ئالىدىغان ‹رەم بېقىش› دېگەن سۆز ‹پال ئېچىش› دېگەنلىكتۇر.
9. جىنكەش: بۇ ئەرەپچە-پارىسچە ياسالما سۆز بولۇپ، ‹جىن› دېگەن ئەرەپچە سۆز بىلەن ‹-كەش› دېگەن پارىسچە ئىسىم ياسىغۇچى قۇشۇمچىنىڭ قوشۇلىشىدىن ياسالغان ياسالما ئىسىم. ‹جىن›نىڭ مەنىسى ‹ پەرى، مالائىكە› ، ‹-كەش›نىڭ سۆز بىرىكمىلىرىدىكى مەنىسى ‹تارتقۇچى، ئالغۇچى› بولۇپ، ‹جىنكەش›نىڭ مەنىسى ‹پەرى، مالائىكىلەرنى ئۆزىگە تارتقۇچى›، ‹پەرى، مالائىكىلەر بىلەن ھەپىلەشكۈچى›، ‹پەرى، مالائىكىلەرنى ئىشقا سالغۇچى› ياكى ‹پەرى، مالائىكىلەر بىلەن قۇيۇق ئالاقە قىلغۇچى› دېگەنلىكتۇر. ‹جىنكەش› دېگەن بۇ سۆز جەنۇبىي شىنجاڭدىكى كۇچا، ئاقسۇ، باي، قەشقەر قاتارلىق رايۇنىلاردىكى ئىسلام دىنى ئەقىدىسى بىر قەدەر كۈچلۈك كىشىلەر ۋە دىننى ئۆلىمالار ئىشلىتىدىغان ئاتالغۇ بولۇپ، مەخسۇس ئازايىم-ئەپسۇنلارنى ئوقۇپ يىغىن كۆرۈپ(جىنلار، پەرى، مالائىكىلەر بىلەن ئۇچرىشىپ)، ئۇلارنىڭ ئىرادىسىنى كىشىلەرگە يەتكۈزۈپ، كىشىلەرنىڭ ياخشىلىق ۋە يامانلىقىدىن، ئاپەت ۋە ئامىتىدىن بىشارەت بېرىپ، بۇنىڭغا سىھر-جادۇ قىلىش ئارقىلىق سەۋەپ قىلىدىغان كىشىلەرنى كۆرسىتىدۇ.
10. جىننىي: بۇ ئەرەپچە سۆز بولۇپ، ‹پىرلىق ئادەم›، ‹جىن(پەرى، مالائىكىلەر)دىن ھەمراھلىرى بار ئادەم›، ‹جىن(پەرى، مالائىكىلەر)غا چوقۇنىدىغان ئادەم› دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ. ‹جىننىي› دېگەن بۇ سۆزمۇ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى كۇچا رايۇنىدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى ئىسلام دىنى ئەقىدىسى بىر قەدەر كۈچلۈك كىشىلەر ۋە دىننى ئۆلىمالار ئىشلىتىدىغان ئاتالغۇ بولۇپ، مەخسۇس ئازايىم-ئەپسۇنلارنى ئوقۇپ يىغىن كۆرۈپ(جىنلار، پەرى، مالائىكىلەر بىلەن ئۇچرىشىپ)، ئۇلارنىڭ ئىرادىسىنى كىشىلەرگە يەتكۈزۈپ، كىشىلەرنىڭ ياخشىلىق ۋە يامانلىقىدىن، ئاپەت ۋە ئامىتىدىن بىشارەت بېرىپ،بۇنىڭغا سىھىر-جادۇ قىلىش ئارقىلىق سەۋەپ قىلىدىغان كىشىلەرنى كۆرسىتىدۇ.
11. داخان (دۇگاخۇن، دۇئاخۇن) : ‹داخان› دېگەن بۇ سۆزنىڭ ئەسلى تەلەپپۇزى ‹دۇئاخان› بولۇپ، تەلەپپۇز جەريانىدا ‹ۇ› تاۋۇشى چۇشۇپ قالغان. ‹دۇئاخان› دېگەن بۇ سۆز ئەرپچە-پارىسچە ياسالما سۆز بولۇپ، ‹دۇئا› دېگەن ئەرەپچە سۆز بىلەن ‹خان(ئوقۇماق)› دېگەن پارىسچە سۆزنىڭ بىرىكىشىدىن ياسالغان ياسالما سۆز. ‹دۇئاخان› دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى ‹خۇدادىن ياخشى تىلەكلەرنى تىلەش بىلەن شوغۇللىنىدىغان ئادەم›، ‹تۇمار پۈكۈشنڭ ئۇستىسى، ماھىرى› دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ. داخان(دۇئاخان) دۇئا-ئايەت، ئەپسۇن -ئارباغلارنى ئوقۇپ كېسەل داۋالايدىغان، كىشىلەرنىڭ ياخشىلىق ۋە يامانلىقىغا تۇمار پۇتۈش ئارقىلىق سەۋەب قىلىپ، دۇئاخانلىق بىلەن شوغۇللىنىدىغان كىشىلەرنى كۆرسىتىدۇ. ‹داخان› دېگەن بۇ سۆز ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ناھايىتى كەڭ ئوموملاشقان ئاتالغۇ بولۇپ، ئوخشاش بولمىغان رايۇنلاردا ئوخشاش بولمىغان تەلەپپۇز ۋارىيانتلىرىنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. كۇچار رايۇنىدا يەرلىك خەلق بۇنداق كىشىلەرنى ‹دۇگاخۇن› دەپ ئاتايدۇ. ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ باي ناھىيىسى، ئاۋات ناھىيىسى، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ مەركىت، يەكەن ۋە قەشقەر شەھىرىدە ‹دۇئاخۇن› دەپمۇ ئاتايدۇ.
12. قەسىدىخان: بۇ سۆز بۇ ئەرەپچە-پارىسچە ياسالما سۆز بولۇپ، ‹قەسىدە› دېگەن ئەرەپچە سۆز بىلەن ‹خان (ئوقۇش، ئوقۇماق)› دېگەن  پارىسچە سۆزنىڭ قوشۇلىشىدىن ياسالغان ياسالما ئىسىم. ‹قەسىدە› دېگەن بۇ ئەرەبچە سۆزنىڭ لوغەت مەنىسى ‹بىراۋنى ماختاپ، مەدھىيلەپ يازغان شېئىر، مەدھىيە› دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ. ‹قەسىدىخان› دېگەن سۆزنىڭ ئىستىمال مەنىسى ‹قەسىدە ئوقۇغۇچى›، ‹ناخشا-غەزەل ئېيتقۇچى› دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ. ‹قەسىدىخان› دېگەن بۇ نام تۇرپان رايۇنىنىڭ قارغۇجا، سىڭگىم يېزىسى، پىچان رايۇنىنىڭ تۇيۇق يېزىسى، قۇمۇل رايۇنىنىڭ قار دۆۋە، ئاستانە يېزىسى قاتارلىق رايۇنلاردىكى ئۇيغۇرلار بىر قەدەر كۆپ ئىشلىتىدىغان سۆز بولۇپ، مەخسۇس ‹قەسىدە سۇلايمان›، ‹قەسىدە بۇردە›، ‹چېلىكاپ›...قاتارلىق قەسىدىسىمان ئەپسۇن-ئارباغلارنى ئوقۇپ، كېسەل داۋالايدىغان ۋە كىشىلەرنىڭ ياخشىلىق ۋە يامانلىقىغا سېھر-جادۇ ئارقىلىق سەۋەب قىلىدىغان كىشىلەرنى كۆرسىتىدۇ.
13. موللا: بۇ ئەرەپچە سۆز بولۇپ، ‹ئىلىملىك، ئىلىمدە كامىل، ئۇستاز› دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ. ‹موللا› – ئىسلام دىنىنىڭ دىننىي ئۇنۋانىنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، دىنىي مەكتەپلەردە ئوقۇپ، سېستىمىلىق ئىسلام دىنى تەربىيىسى ئالغان، ئىسلام دىنى بىلىملىرى ھەققىدە بەلگىلىك سەۋىيىگە يەتكەن، ‹قۇرئان كەرىم› ۋە ھەدىسلەرنى مۇكەممەل ئۆگىنىپ، ئۇنى بىمالال تەفسىر قىلىپ (مەناسىنى يىشىپ، چۇشەندۈرۈپ) بېرەلەيدىغان، ئەمما ‹قۇرئان كەرىم›نى تۇلۇق يادلاپ بېرەلمەيدىغان ئىسلام دىنى ئەربابلىرىنى كۆرسىتىدۇ. ھازىر شىنجاڭدىكى تۇرپان، كۇچا، باي، ئاۋات، مارالبېشى، مەكىت، يەكەن، قەشقەر قاتارلىق رايۇنلاردىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئەپسۇن ۋە ئايەتلەرنى ئوقۇپ كېسەل داۋالايدىغان، سىھر-جادۇ ئارقىلىق سەۋەپ قىلىدىغان كىشىلەرنىمۇ ‹موللا› دەپ ئاتايدىغان ئادەت بار. بۇ موللىلار ئىسلام دىنىنىڭ دىنى ئۆلىمالىرى بولماستىن، بەلكى كۆپىنچىسى ئازراقلا دىنىىي تەلىم تەربىيە ئالغان ياكى ئىلگىرى پەن تەربىيىسى ئالغان، كېيىن باشقىلارنى ئۇستاز تۇتۇپ ئەپسۇن-ئايەتلەرنى ئۇقۇشنى ئۆگىنىۋالغان كىشىلەردۇر. كۇچا رايۇنىدىكى ئۇيغۇرلار موللىلارنى ‹قۇرئان موللىسى› ۋە ‹قارا كىتاپ› دەپ ئىككى تۈرگە بۆلىدۇ. ئۇلار دەۋاتقان ‹قۇرئان موللىسى› – ‹قۇرئان كەرىم›دىكى ئايەت ۋە سۈرىلەرنى ئاساسلىق ئوقۇش ئارقىلىق كېسەل داۋالايدىغان، خەتمە ئوقۇش، تىلەك تىلەش ئارقىلىق سەۋەپ قىلىدىغان كىشىلەرنى كۆرسىتىدۇ. ‹قارا كىتاپ› بولسا، ‹قۇرئان كەرىم›دىن باشقا كىتابلاردىكى يەنى ‹تەۋرات›، ‹ئىنجىل›، ‹زەبور› ۋە باشقا سىھىرگە ئائىت مەزموندىكى كىتابلاردىكى ئەپسۇن-ئايەتلەرنى ئوقۇپ كېسەل داۋالايدىغان، كىشىلەرنىڭ ياخشىلىق ۋە يامانلىقىغا سىھر-جادۇ قىلىش ئارقىلىق سەۋەپ قىلىدىغان كىشىلەرنى كۆرسىتىدۇ. بۇ خىلدىكى كىشىلەر گەرچە ئۆزلىرىنى ‹موللا› دەپ ئاتىسىمۇ، ئەمما يەرلىك كىشىلەر ئۇلارنى ‹قارا كىتاب› دەپ ئاتايدۇ.
14.قۇشناچىم: بۇ ئەسلى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى كۇچا، ئاۋات، باي، مارالبېشى، يەكەن، قەشقەر قاتارلىق رايۇنلاردا ئىسلام دىنىنىڭ دىنى ئۆلىمالىرىنىڭ ئاياللىرىنى ھۆرمەتلەپ ئاتايدىغان ھۆرمەت نامى. ئەمما ھازىر كىشىلەر ‹قۇرئان كەرىم›، ‹تەۋرات›، ‹ئىنجىل›، ‹زەبور› ۋە باشقا سىھرگە ئائىت مەزموندىكى كىتابلاردىكى ئەپسۇن-ئايەتلەرنى ئوقۇپ، يىغىن كۆرۈپ كىسەل داۋالايدىغان، كىشىلەرنىڭ ياخشىلىق ۋە يامانلىقىغا خەتمە ئوقۇش، سىھر-جادۇ قىلىش ئارقىلىق سەۋەپ قىلىدىغان، ياشقا چوڭ ئاياللارنىمۇ قۇشناچىم دېگەن نام بىلەن ئاتايدۇ.
15. بۈۋى: بۇ سۆز پارس تىلىدىن ئۇيغۇر تىلىغا كىرگەن سۆز بولۇپ، ئۇنىڭ ئەسلى تەلەپپۇزى ‹بى بى› بولۇپ، تەلەپپۇز جەريانىدا كېيىنكى بوغۇمدىكى ‹ب› تاۋۇشى ‹ۋ› تاۋۇشىغا ئۆزگىرىپ كەتكەن.  ئۇنىڭ مەنىسى ‹خانىم، خوجايىن ئايال› دېگەنلىك بولىدۇ. بۇ سۆز ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ناھايىتتى كەڭ ئوموملاشقان بولۇپ، ھازىر تۇرپان، كۇچا، باي، ئاۋات قاتارلىق رايۇنلاردىكى كىشىلەر ‹قۇرئان كەرىم›دىكى ئايەت ۋە سۈرىلەرنى ئاساسلىق ئوقۇش ئارقىلىق يىغىن كۆرۈپ كېسەل داۋالايدىغان، كىشىلەرنىڭ ياخشىلىق ۋە يامانلىقىغا خەتمە ئوقۇش ئارقىلىق سەۋەپ قىلىدىغان ياشقا چوڭ ئاياللارنىمۇ بۈۋى دېگەن نام بىلەن ئاتايدۇ.
16. كاھىن: بۇ سۆز ئەرەپ تىلىدىن ئۇيغۇر تىلىغا كىرگەن سۆز بولۇپ، ئۇنىڭ مەنىسى ‹غايىپتىن خەۋەر بەرگۈچى، ئەۋلىيا؛ سىھرىگەر؛› دېگەنلىك بولىدۇ. ‹كاھىن› دېگەن بۇ سۆز قەشقەرنىڭ يەكەن رايۇنىدا كۆپ ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ، ‹قۇرئان كەرىم›، ‹تەۋرات›، ‹ئىنجىل›، ‹زەبور› ۋە باشقا سىھرگە ئائىت مەزموندىكى كىتابلاردىكى ئەپسۇن-ئايەتلەرنى ئوقۇپ يىغىن كۆرۈپ، كېسەل داۋالايدىغان، كىشىلەرنىڭ ياخشىلىق ۋە يامانلىقىغا خەتمە ئوقۇش، سىھر-جادۇ قىلىش ئارقىلىق سەۋەپ قىلىدىغان كىشىلەرنى كۆرسىتىدۇ.
17. جادۇگەر: بۇ سۆز پارىس تىلىدىن ئۇيغۇر تىلغا كىرگەن سۆز بولۇپ، ‹سېھىر قىلغۇچى؛ سېھىرگەر؛ جادۇ قىلغۇچى؛› دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ. ‹جادۇگەر› دېگەن بۇ سۆزنى جەنۇبى شىنجاڭدىكى قەشقەر رايۇنىدا بىرقەدەر كۆپ ئىشلىتىدىغان بولۇپ، كىشىلەر چۈشەنمەيدىغان ئازايىم-ئەپسۇنلارنى ئوقۇپ، كېسەل داۋالايدىغان، كىشىلەرنىڭ ياخشىلىق ۋە يامانلىقىغا سېھىر-جادۇ قىلىش ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ ھاجەتلىرىنى ئورۇنداپ بېرىدىغان ياشانغان كىشىلەرنى كۆرسىتىدۇ. بۇنداق كىشىلەر ئەرلەر بولسا، يەرلىك خەلق ئۇلارنى ‹جادۇگەر قېرى› دەپ ئاتايدۇ. ئەگەر بۇنداق كىشىلەر ئاياللاردىن بولسا، يەرلىك خەلق ئۇلارنى ‹جادۇگەر خوتۇن› ياكى ‹دەججال› دەپ ئاتىشىدۇ.
18. ئەپسۇنچى: بۇ سۆز پارىسچە-ئۇيغۇرچە ياسالما سۆز بولۇپ، ئەسلى تەلەپپۇزى ‹ئەفسۇنچى›. يەرلىك ئۇيغۇرلار تەلەپپۇز قىلغان چاغدا، پارىسچىدىكى ‹ف› تاۋۇشى ‹پ›، تاۋۇشىغا ئۆزگىرىپ كەتكەن. بۇ سۆز پارىسچە ‹ئەفسۇن› (سىھر، نەيرەڭ، ھىلە، مىكىر؛ جادۇ، نەيرەڭ دۇئاسى؛ جادۇگەرلەرنىڭ سېھرى؛ ئەپسانە، ھىكايە) دېگەن سۆز بىلەن ئۇيغۇر تىلىدىكى ئىسىم ياسىغۇچى قوشۇمچە ‹-چى›نىڭ قوشۇلىشىدىن ياسالغان. ‹ئەفسۇنچى› دېگەن بۇ سۆز ‹سىھېر-جادۇ قىلغۇچى›، ‹سىھر-جادۇ دۇئاسىنى ئۇقۇغۇچى› دېگەن مەنىلەرنى بىلدۇرىدۇ. ‹ئەپسۇنچى› دېگەن بۇ سۆزنى قەشقەر رايۇنىدىكى ئىسلام دىنى ئۆلىمالىرى بىر قەدەر كۆپ ئىشلىتىدۇ. يەرلىك خەلق بولسا، ‹سۈفلىگۈچى› ياكى ‹سۈفلەمچى› دېگەن ناملار بىلەن ئاتايدۇ. ‹ئەپسۇنچى› – ئادەتتە ‹قۇرئان كەرىم› ئايەتلىرى، ئەسمەئۇللاھ ۋە ھەددىسلەردە كۆرسىتىلگەن دۇئالاردىن ئەپسۇن، ئازايىم-ئارباغلارنى ئوقۇش ئارقىلىق سىھر-جادۇ قىلىدىغان كىشىلەرنى كۆرسىتىدۇ.
19. ئابدال: بۇ سۆز ئەرەبچىدىن ئۇيغۇر تىلىغا كىرگەن سۆز بولۇپ، ئەسلى تەلەپپۇزى ‹ئەبدال›. يەرلىك ئۇيغۇرلار تەلەپپۇز قىلغان چاغدا، ئەرەپچىدىكى ‹ئە› تاۋۇشى ‹ئا› تاۋۇشىغا ئۆزگىرىپ كەتكەن. ‹ئەبدال› دېگەن بۇ سۆز ‹ۋەلىيلىكنىڭ(ئەۋلىيالىقنىڭ)بەلگىلىك بىر دەرىجىسىگە ئېرىشكەن گوروھ؛ ئەۋلىيالار، خۇداغا يېقىنلار؛ تائەت-ئىبادەت قىلغۇچىلار، دەرۋىشلەر؛ قەلەندەر، دىۋانە› دېگەندەك مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ. قەشقەر رايۇنىدىكى يەرلىك ئۇيغۇرلار، ئادەتتە ئۆي-ئارىلاپ، يۇرت كېزىپ يۇرۇپ، كىشىلەر چۈشەنمەيدىغان ئازايىم-ئەپسۇنلارنى، ناخشا-قوشاقلارنى ئوقۇپ، پال ئېچىپ، سېھر-جادۇ قىلىش ئارقىلىق كېسەل داۋالاپ، كىشىلەرنىڭ ھاجەتلىرىنى ئورۇنداپ بېرىدىغان كىشىلەرنى ئابدال دەپ ئاتايدۇ. بۇ ئادەتتە كۆپىنچە ئەرلەرگە قارىتىلىدۇ.
20. سېھرگەر : بۇ سۆز ئەرەپچە-پارىسچە ياسالما سۆز بولۇپ، ئەرەپ تىلىدىكى ‹سېھر (مەنىسى-نەيرەڭ، كۆز باغلاش، جادۇ، سېھر)› دېگەن سۆز بىلەن پارىس تىلىدىكى ‹-گەر› دېگەن ئىسىم ياسىغۇچى قوشۇمچىنىڭ قوشۇلىشىدىن ياسالغان. ‹سېھرگەر› دېگەن بۇ سۆز ‹ھىيلە نەيرەڭ ئىشلەتكۈچى›، ‹كۆز باغلىغۇچى›، ‹سېھر-جادۇ قىلغۇچى› دېگەندەك مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ. ‹سېھرگەر› دېگەن بۇ سۆزنى جەنۇبى شىنجاڭ رايۇنىدىكى يەرلىك ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى دىننىي ئۆلىمالار بىرقەدەر كۆپ ئىشلىتىدىغان بولۇپ، ئازايىم-ئەپسۇن، ئارباغلارنى ئوقۇپ، سېھر-جادۇ قىلىش ئارقىلىق كېسەل داۋالايدىغان، كىشىلەرنىڭ ھاجەتلىرىنى ئورۇنداپ بېرىدىغان كىشىلەرنى كۆرسىتىدۇ.
يۇقارقىلارغا ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇر باخشى-پېرىخونلارنىڭ ناملىرى تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە ئىدى.
بىرىنچى: ئۇيغۇر تىلىدا باخشى-پېرىخونلارنى ئاتايدىغان مەخسۇس ناملار بىر قەدەر كۆپ. بىر مىللەتنىڭ تىل ماتېرىياللىرى ئىچىدە، شۇ مىللەتنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشىدا ئەڭ زۆرۆر بولغان مەدەنىيەت ھادىسىلىرىگە مۇناسىۋەتلىك تىل ماتېرىياللىرى بىر قەدەر كۆپ بولىدۇ. ئۇيغۇر تىلىدا باخشى-پېرىخونلارنىڭ خاس ناملىرىنى ئىپادىلەيدىغان سۆزلەرنىڭ بۇنچە كۆپ بولىشى، باخشى-پېرىخونلار(ئۇلارنىڭ دۇنيا قارىشى، سۆزى ۋە قىلمىشلىرى)نىڭ تارىختا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشىدا خېلى مۇھىم ئورۇنلارنى تۇتقان دەپ قىياس قىلىشقا بولىدۇ.
ئىككىنچى: تىل تارىخشۇناسلىق نۇقتىسى ۋە دىن تارىخشۇناسلىق نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ئۇيغۇر باخشى-پېرىخونلارنىڭ ناملىرى دەۋر خاسلىقىغا ۋە قۇيۇق دىنني خاسلىققا ئىگە ئىدى. ئۇيغۇر باخشى-پېرىخونلار ئوخشاش بولمىغان تارىخى دەۋىرلەردە ۋە ئوخشاش بولمىغان دىننى ئېتىقاد مەزگىلىدە ئوخشاش بولمىغان ناملار بىلەن ئاتالغان. دۇسانىڭ «مۇڭغۇللارنىڭ مەخپىي تارىخى» ناملىق ئەسىرىدە يېزىلىشىچە، ‹ئۇيغۇرلار بۇرۇن شامانىزمغا ئېتىقاد قىلاتتى. قام(كاھىن)لار شامان دىيىلەتتى›، ‹شامانلار ئىپتىدائىي دىننىڭ ئۇستازلىرى ئىدى، ئۇلار يەنە ئەرۋەشچى(ئەفسۇنچى)، يۆرۈكچى(چۈش تەبىرچىسى)، پالچى، يۇلدۇزچى مۇنەججىم، ئەمچى(تىۋىپ) ئىدى. ئۇلارنىڭ ھەر بىرى بىرەردىن ئەرۋاھنىڭ مۇئەككىلى ئىدى. ئۆتمۈشتىن، بۈگۈندىن، كەلگۈسىدىن بىشارەت بېرەتتى. دۇمباق چېلىپ ئەرۋەيتتى، بارا-بارا ئەۋجىگە كۆتۈرۈلۈپ، ھوشىدىن كېتەتتى. ئېسىر چاپلىشىپ، كۆزنى يۇمۇپ ساماغا چۈشەتتى. ياخشىلىق-يامانلىق توغرىسىدا بىلجىرلايتتى. ئادەملەر كىشىلىك ھاياتىدىكى چوڭ-چوڭ ئىشلارنى شامانلاردىن سورايتتى. بۇ ئىشەنچ كەڭ تارقالغانىدى.› بۇنىڭدىن قارىغاندا، ئۇيغۇرلار شامانىزم ئەقىدىسىگە  ئېتىقاد قىلغان مەزگىلدە، يەنى 11-ئەسىر ۋە ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكى دەۋرلەردە ئۇيغۇر باخشى-پېرىخونلارنى قام، ئەرۋەشچى(ئەفسۇنچى)، يۆرۈكچى(چۈش تەبىرچىسى)، پالچى، يۇلدۇزچى مۇنەججىم، ئەمچى(تىۋىپ) دەپ ئاتىغان. كېيىنكى مەزگىللەردە، يەنى ئۇيغۇرلار بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلغان مەزگىلدە، باخشى-پېرىخونلارنى ‹باخشى›دەپ ئاتىغان. ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغان مەزگىلدە بولسا، باخشى-پېرىخونلارنى ‹موللا›، ‹داخان›، ‹جىنكەش›... دېگەندەك ناملار بىلەن ئاتىغان.
ئۈچىنچى: ئۇيغۇر باخشى-پېرىخونلارنىڭ ناملىرى ئوخشاش بولمىغان دەۋىرلەردە ۋە دىننىي ئېتىقاد مەزگىلىدە ئوخشاش بولمىغان مەنالارغا ئىگە بولغان. يەنى باخشى-پېرىخونلارنىڭ مەلۇم بىر نامى مەلۇم بىر دىننىي ئېتىقاد مەزگىلىدە ئىجابىي مەناغا ئىگە بولسا، يەنە بىر دىنىي ئېتىقاد مەزگىلىدە سەلبىي مەناغا ئىگە بولغان. مەسىلەن، ‹باخشى› دېگەن نام ئۇيغۇرلار بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلغان مەزگىلدە ‹ئۇستاز، تىۋىپ› دېگەن كىشىلەر ھۆرمەتلەيدىغان مەنالاردا ئىستىمال قىلىنغان بولسا، ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغان مەزگىللەردە، ‹سېھرگەر، جىنكەش› دېگەندەك كىشىلەر يامان كۆرىدىغان سەلبى مەنالارنى بېرىدىغان نامغا ئايلانغان. بۇنىڭدىن قارىغاندا، ئۇيغۇر باخشى-پېرىخونلارنىڭ ئوخشاش بولمىغان تارىخى دەۋردىكى ۋە دىننىي ئېتىقاد مەزگىلىدىكى ئىجتىمائىي ئورنى ۋە رولىمۇ ئوخشاش بولمىغان.
تۆتىنچى: ئۇيغۇر باخشى-پېرىخونلارنىڭ ناملىرى رايۇن خاسلىقىغا ئىگە ئىدى. ھازىرقى ئۇيغۇر باخشى-پېرىخونلارنىڭ ناملىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن ئومومىيلىققا ئىگە بولسىمۇ، ئەمما يەنە بىرقىسىم ناملار رايۇن خاسلىقىغا ئىگە ئىدى. يەنى ئوخشاش بولمىغا رايۇنلاردا باخشى-پېرىخونلار ئوخشاش بولمىغان ناملار بىلەن ئاتىلىدۇ. مەسلەن، ھازىر جەنۇبىي شىنجاڭ رايۇنىدا كۆپ قوللىنىلغان ‹ئەپسۇنچى›، ‹ئابدال› دېگەندەك بىرقىسىم ناملار تۇرپان، قۇمۇل قاتارلىق رايۇنلاردا ئىشلىتىلمەيدۇ. ‹رەمچى› دېگەن نام كۇچاردا بىر قەدەر كۆپ ئىشلىتىلىدۇ، باشقا رايۇنلاردا كۆپ ئىشلىتىلمەيدۇ. ‹كاھىن› دېگەن نام پەقەتلا قەشقەر، يەكەن رايۇنىدا ئىشلىتىلىدۇ، باشقا رايۇنلاردا ئىشلىتىلمەيدۇ. بۇنىڭدىن قارىغاندا، ھازىرقى ئۇيغۇر باخشى-پېرىخونلارنىڭ ئوخشاش بولمىغان رايۇنلاردا تۇتقان ئىجتىمائىي ئورنى ۋە رولىمۇ ئوخشاش ئەمەس دىيىشكە بولىدۇ.
بەشىنچى: ئۇيغۇر باخشى-پېرىخونلارنىڭ ناملىرى جىنسى خاسلىققا ئىگە ئىدى. ئۇيغۇر باخشى-پېرىخونلار ناملىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئەر ئاياللارغا ئورتاق بولسىمۇ، ئەمما يەنە بىرقىسىم ناملار جىنسى خاسلىققا ئىگە ئىدى. مەسلەن، ‹موللا›، ‹باخشى›، ‹داخان›، ‹پېرىخون› دېگەندەك ناملار ئەر-ئايال شامانلارغا ئورتاق بولسىمۇ، ئەمما ‹قۇشناچىم›، ‹بۈۋى›، ‹جادۇگەر خوتۇن› دېگەندەك ناملار پەقەتلا ئاياللارغا قوللىنىلىدۇ، ئەرلەرگە قولىنىلمايدۇ. دىمەك، ئايال شامانلارنىڭ جىنسىي خاسلىققا ئىگە نامى بار. ئەمما، ئەر شامانلارنىڭ جىنسىي خاسلىققا ئىگە نامى يوق ئىدى. بۇنىڭدىن كۆرۈشكە بولىدۇكى، ئوخشاش بولمىغان جىنستىكى ئۇيغۇر باخشى-پېرىخونلارنىڭ جەمئىيەتتە تۇتقان ئىجتىمائىي ئورنى ۋە رولىمۇ ئوخشاش ئەمەس ئىدى.
ئۇيغۇر باخشى-پېرىخونلارغا ئالاقىدار ئاتالغۇلاردىكى يۇقارقى ئالاھىدىلىكلەرگە ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇرلار باخشى-پېرىخونلارنىڭ مەلۇم رايۇن ۋە دەۋردىكى جەمئىيەتتە ئۇينىغان رولىنىڭ ئىجابىي ياكى سەلبىيلىكىگە ئاساسلىنىپ تۇرۇپ ئۇلارغا نام قويغانىدى. ئەگەر شامانلار مەلۇم رايۇندىكى تارىخى دەۋر ۋە جەمئىيەتنىڭ تەلىپىگە لايىقىلىشىپ، ئىجابىي فونكىسيىلەرگە ئىگە بولغان بولسا، ئۇيغۇرلار ئۇلارنى ئىجابىي مەنادىكى ناملار بىلەن ئاتىغانىدى. ئەگەر تارىخى دەۋر ۋە جەمئىيەتنىڭ تەلىپىگە لايىقىلىشالماي، سەلبىي فونكىسيىلەرگە ئىگە بولغان بولسا، ئۇلارنى سەلبىي مەنادىكى ناملار بىلەن ئاتىغانىدى. ئۇيغۇر باخشى-پېرىخونلار مەلۇم جەمئىيەتنىڭ تەلىپىگە لايىقلىشالمىغان مەزگىلدە، ئۆزلىرىنى پەدازلاپ شۇ جەمئىيەتنىڭ تەلىپىگە لايىقلىشالايدىغان ناملارنى ئوتتۇرىغا چىقارغان بولسىمۇ، ئەمما خەلق يەنىلا ئۇلارنى ئۆزىنىڭ ماھىيىتىگە ماس كېلىدىغان ناملار بىلەن ئاتاپ كەلگەنىدى. مەسىلەن، ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىغا كىرگەندىن كېيىن، شامانىزم ئەقىدىلىرى قاتتىق چەكلەنگەن. بۇ ۋاقىتتا ئويغۇر باخشى-پېرىخونلار ئۆزلىرىنى ‹موللا›، ‹كاھىن›، ‹بۈۋى› دېگەندەك دەبدەبىلىك ناملارنى ئوتتۇرىغا چىقارغان. ئەمما خەلق يەنىلا ئۇلارنى ماھىيىتىنى ئېچىپ بېرىدىغان ‹باخشى›، ‹رەمچى(پالچى)›، ‹جىنكەش›، ‹جىننىي›، ‹سېھرگەر› دېگەندەك ناملار بىلەن ئاتاپ كەلمەكتە. بۇ ماتېرىياللار ئۇيغۇر باخشى-پېرىخونلارنىڭ تارىختىن بۇيان قانداق ناملار بىلەن ئاتالغانلىقى، ئۇلارنىڭ ھەرقايسى تارىخىي دەۋىر ۋە رايۇندىكى سالاھىيىتى، جەمئىيەتتىكى ئورنى قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىشتا، شۇنداقلا ئۇيغۇر شامانىزمىنىڭ بارلىققا كېلىش، ئۆزگىرىش، تەرەققىي قىلىش ۋە ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا داۋاملىشىش قانۇنىيەتلىرىنى بىلىش ۋە چۈشىنىشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بىرىنچى قول ماتېرىيال ھېسابلىنىدۇ.

ئىزاھات ۋە پايدىلانغان ماتېرىياللار:
  ۋۇبىڭئەن: «سىرلىق شامان دۇنياسى»(خەنزۇچە)، سەنلىيەن كىتابخانىسى شاڭخەي شۆبە نەشىرىياتى،1989-يىل، 3-بەت؛
  M.خوپپال(M.Hoppal) :«شامان ۋە شامانىزم»(ئېنگىلىزچە)، PDF  تور نۇسخىسى؛
  مەھمۇد قەشقىرى: « تۈركىي تىللار دىۋانى(3-توم)» (ئۇيغۇرچە)، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى، 1983-يىل، 6-ئاي، 1-نەشىرى، 42-بەت؛
  مەھمۇد قەشقىرى: « تۈركىي تىللار دىۋانى(3-توم)» (ئۇيغۇرچە)، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى، 1983-يىل، 215-بەت؛
  مەھمۇد قەشقىرى: « تۈركىي تىللار دىۋانى(1-توم)» (ئۇيغۇرچە)، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى، 1983-يىل، 315-، 331-، 373-بەتلەر؛
  مەھمۇد قەشقىرى: « تۈركىي تىللار دىۋانى(2-توم)» (ئۇيغۇرچە)، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى، 1983-يىل، 218-بەت؛
  مەھمۇد قەشقىرى: « تۈركىي تىللار دىۋانى(3-توم)» (ئۇيغۇرچە)، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى، 1983-يىل،  519-بەت؛
  ئابدۇلقادىر ئىنان؛ «تارىختا ۋە بۈگۈن شامانىزم»(تۈركچە)، ئەنقەرە تۇرك تارىخى نەشىرىياتى، 1954-يىل، 75-بەت؛
ئابدۇلقادىر ئىنان؛ «تارىختا ۋە بۈگۈن شامانىزم»(تۈركچە)، ئەنقەرە تۇرك تارىخى نەشىرىياتى، 1954-يىل، 75-بەت؛
مۇھەممەت تۇرسۇن باھاۋۇدۇن قاتارلىقلار تۈزگەن:«چاغاتاي تىلىنىڭ ئىزاھلىق لوغىتى»، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى، 2002-يىل، 700-بەت؛
  دىلمۇرات ئۆمەر: «شىنجاڭدىكى تۈركىي تىللىق مىللەتلەرنىڭ شامانىزمى ئۈستىدە تەتقىقات»(خەنزۇچە)، مائارىپ مىنىستىرلىكى «ئىجتىمائىي پەنلەر فوندى تەتقىقات تۈرى»نىڭ بېكىتىلگەن نۇسخىسى، 2007-يىل، 7-بەت؛
  ئاپتور بىلەن ئالىم ئىنايىت ئوتتورىسىدىكى ئىلىكتىرونلۇق پوچتا يوللانمىسىدىكى مۇلاھىزىلەرنىڭ بىر قىسم مەزمونى؛
  راخمان ئابدۇرېھىم: «ئۇيغۇرلاردا شامانىزم»(ئۇيغۇرچە)، مىللەتلەر نەشىرىياتى، 2006-يىل، 2-بەت؛
  ئابلىمىت ئۆمەر بىلگە: «ئۇيغۇرلارنىڭ ئىپتىدائىي ئېڭى ۋە پەلىسەپە بىخلىرى»(ئۇيغۇرچە)، مىللەتلەر نەشىرىياتى، 2008-يىل، 235-بەت؛
  مۇھەممەت تۇرسۇن باھاۋۇدۇن قاتارلىقلار تۈزگەن:«چاغاتاي تىلىنىڭ ئىزاھلىق لوغىتى»، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى، 2002-يىل، 200-بەت؛
  ئاۋات ناھىيىسى يېڭېرىق يېزىسى تۈگمەن بويى كەنتىدە، 2006-يىلى 11-ئاينىڭ 20-كۈنى شىنجاڭ ۋاقتى كەچ سائەت 6:00 دىن 12:20 غىچە ئېلىپ بېرىلغان پىرە ئۇيۇنىدا تۇرسۇن باخشى ئوقۇغان پىرە قوشىقىدىن ئۈزۈندە؛
  مۇھەممەت تۇرسۇن باھاۋۇدۇن قاتارلىقلار تۈزگەن:«چاغاتاي تىلىنىڭ ئىزاھلىق لوغىتى»، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى، 2002-يىل، 306-بەت؛
  مۇھەممەت تۇرسۇن باھاۋۇدۇن قاتارلىقلار تۈزگەن:«چاغاتاي تىلىنىڭ ئىزاھلىق لوغىتى»، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى، 2002-يىل، 200-بەت؛
  مۇھەممەت تۇرسۇن باھاۋۇدۇن قاتارلىقلار تۈزگەن:«چاغاتاي تىلىنىڭ ئىزاھلىق لوغىتى»، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى، 2002-يىل، 521-بەت؛
  مۇھەممەت تۇرسۇن باھاۋۇدۇن قاتارلىقلار تۈزگەن:«چاغاتاي تىلىنىڭ ئىزاھلىق لوغىتى»، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى، 2002-يىل، 501-بەت؛
  مۇھەممەت تۇرسۇن باھاۋۇدۇن قاتارلىقلار تۈزگەن:«چاغاتاي تىلىنىڭ ئىزاھلىق لوغىتى»، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى، 2002-يىل، 106-بەت؛
  مۇھەممەت تۇرسۇن باھاۋۇدۇن قاتارلىقلار تۈزگەن:«چاغاتاي تىلىنىڭ ئىزاھلىق لوغىتى»، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى، 2002-يىل، 517-بەت؛
  مۇھەممەت تۇرسۇن باھاۋۇدۇن قاتارلىقلار تۈزگەن:«چاغاتاي تىلىنىڭ ئىزاھلىق لوغىتى»، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى، 2002-يىل، 177-بەت؛
  مۇھەممەت تۇرسۇن باھاۋۇدۇن قاتارلىقلار تۈزگەن:«چاغاتاي تىلىنىڭ ئىزاھلىق لوغىتى»، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى، 2002-يىل، 47-بەت؛
  مۇھەممەت تۇرسۇن باھاۋۇدۇن قاتارلىقلار تۈزگەن:«چاغاتاي تىلىنىڭ ئىزاھلىق لوغىتى»، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى، 2002-يىل، 24-بەت؛
  مۇھەممەت تۇرسۇن باھاۋۇدۇن قاتارلىقلار تۈزگەن:«چاغاتاي تىلىنىڭ ئىزاھلىق لوغىتى»، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى، 2002-يىل،406-بەت؛
  ئىمىن تۇرسۇن: «قەدىمكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى»(ئۇيغۇرچە)، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى، 2000-يىل، 87-88-بەتلەر؛

hezret2011 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-29 21:34:09

ئادىل غاپپار كارىزى ئەپەندىنىڭ قىممەتلىك پىكىرلىرى ئۈزۈلۈپ قالمىغاي!

satuk يوللانغان ۋاقتى 2014-5-30 00:07:59

بو تىمىنى بەك كەچتە ئوقۇپ قاپتىكەنمەن تىما ئىگىسىنىڭ، ئىزدىنىشىغا ئاپىرىن ئوقۇغۇم كىلىپ،  يانفۇنۇمدا بولسىمۇ ئىنكاس يازغىم كىلىپ كەتتى، مىنىڭچە جەۋھەرلەشكە ئەرزىيدۇ، مەنمۇ داخانلار توغۇرلۇق بىر تىما يازماقچى ئىدىم، سەلبى تەرپىنى ئەمەس، ئىجابى پايدىلىق تەرەپلىرنى كورسۇتۇپ بىرىش ئۇچۇن، بۇ تىما ماڭغا ئازراق بىلىم ۋە ئىلھام بولدى. تىما ئىگىسى قۇلىڭىزغا دەرىت كەلمىسۇن رەھمەت سىزگە.

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-5-30 11:10:21

ماقالىسىزدا:
‹قۇرئان كەرىم›، ‹تەۋرات›، ‹ئىنجىل›، ‹زەبور› ۋە باشقا سىھرگە ئائىت مەزموندىكى كىتابلاردىكى ئەپسۇن-ئايەتلەرنى ئوقۇپ      …………
دەپ كۆپ تىلغا ئاپسىز  ،  ئۇلار ‹تەۋرات›، ‹ئىنجىل›، ‹زەبور›  دىكى مەزمۇنلارغا قانداق ئىرىشىدۇ ، خەلىق ئارىسىدا بۇ كىتابلار ياكى تەرجىمىسى بارمۇ ؟

mykariz يوللانغان ۋاقتى 2014-5-31 21:09:44

‏تورداش ئىلتەر، سىز دىگەن يۇقارقى كىتانلارنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى خەلق ئارىسىدا بار...ھەم مەندىمۇ بۇ كىتانلارنىڭ 1950-يىلى مىسىردا بېسىلغان ئۇيغۇرچە نۇسخىسى بار.

satuk يوللانغان ۋاقتى 2014-5-31 21:21:38

mykariz يوللىغان ۋاقتى  2014-5-31 21:09 static/image/common/back.gif
‏تورداش ئىلتەر، سىز دىگەن يۇقارقى كىتانلارنىڭ ئۇيغۇرچ ...

مەن خرىستىئانلارنىڭ ، پىرىسلاۋىيانلارنىڭ ۋە كاتولىكلارنىڭ ، ئىنجىل ۋە تەۋراتتىن سىھىر قىلغان ۋە جىنغا ئوقۇغان سىن ھوججەتلىرنى
كوپ كورگەن شۇنداقلا ئوتتۇرا شەرىقتىكى ئەرەبلەرنىڭكىنىمۇ كورگەن ۋە بۇ جەھەتتە ئازراق ئىزدىنىپ باققان ئىدىم ۋە جىنلار بىلەن پاراڭلىشىپمۇ باققان ئىدىم .

mykariz يوللانغان ۋاقتى 2014-5-31 21:38:52

تورداش ساتۇق، سىز جىنلار بىلەن ئالاقە قىلالامسىز؟ {:209:}

hezret2011 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-1 07:44:07

satuk يوللىغان ۋاقتى  2014-5-30 00:07 static/image/common/back.gif
بو تىمىنى بەك كەچتە ئوقۇپ قاپتىكەنمەن تىما ئىگىسىنىڭ،  ...

ساتۇق ئەپەندىنىڭ ئىزدىنىشى قۇتلۇق بولغاي. ئەجدادلارنىڭ شانلىق ئىزلىرى ئۆچۈپ قالمىسۇن!
ھەمدەمدە بولغايمىز.
ئۈندېدار:1770979785

hezret2011 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-1 07:46:41

mykariz يوللىغان ۋاقتى  2014-5-31 21:09 static/image/common/back.gif
‏تورداش ئىلتەر، سىز دىگەن يۇقارقى كىتانلارنىڭ ئۇيغۇرچ ...

‏تورداش ئىلتەر، سىز دىگەن يۇقارقى كىتانلارنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى خەلق ئارىسىدا بار...ھەم مەندىمۇ بۇ كىتابلارنىڭ 1950-يىلى مىسىردا بېسىلغان ئۇيغۇرچە نۇسخىسى بار.
.................
مەزكۇر كىتابلىرىنى بىزمۇ كۆرۈپ باقساق بولارمۇ؟
1770979785@qq.com

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-6-1 07:59:25

شامان دىنىدىن قالغان بۇ ئادەتلەردە ئىنجىل ، تەۋراتنىڭ تەسىرى قاندا بولىدۇ !  ھازىرمۇ شامان ئىتىقادىتىدىكى مىللەتلەرمۇ مۇشۇنداق قىلامدۇ ؟ تاشقى موڭغۇل ، سىبىريەلەردىمۇ شۇنداقمۇ ؟

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-6-1 08:14:44

يولداش ساتۇق ، ئايرىم بىر تىما ئىچىپ جىن بىلەن سۆزلەشكەندىكى تەسىراتىڭىزنى  سۆزلەپ باقمامسىز !  سىز قايسى پىرخۇن ، باخشىغا شاگىرىتقا كىرگەن

satuk يوللانغان ۋاقتى 2014-6-1 11:43:15

mykariz يوللىغان ۋاقتى  2014-5-31 21:38 static/image/common/back.gif
تورداش ساتۇق، سىز جىنلار بىلەن ئالاقە قىلالامسىز؟

سىزنىڭ ئۇنداق ھەيرانلىق ھىس قىلغىنىڭىزدىن بۇ تىمىنىڭ ئوزىڭىزنىڭ ئەمەس كوچۇرەلمە ئىكەنلىكىگە گۇمان قىلىپ قالدىم ، سىز شۇنچىلا ئىزدەنگەن ئادەم شۇ ساھادە ھەقىقى شۇغۇنلانغانلار بىلەن ھەمسوھبەتتە بولۇپ ، جىنلارنىڭ قانداق پاراڭلىشىدىغانلىقى تۇرلىرى ، بىز ئىنسانلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى ۋە پايدىسى ، زەرەرسى ، ئىلىپ كىلىۋاتقان ئاپەتلىرى ئۇستىدىمۇ ئىزدىنىپ بىقىشىڭىز كىرەك ئىدى ، مەن تىخى بۇ ساھادە سىزنى نەزىرىيە ۋە ئەمىلى تەجىربىسى بار ئۇستا ئوخشايدۇ ، دەپتىمەن .

satuk يوللانغان ۋاقتى 2014-6-1 11:46:10

hezret2011 يوللىغان ۋاقتى  2014-6-1 07:44 static/image/common/back.gif
ساتۇق ئەپەندىنىڭ ئىزدىنىشى قۇتلۇق بولغاي. ئەجدادلارن ...

بۇنى بۇرۇن ئەجداتلىرمىز خاتا ئىسلامدا چەكلەنگەن يوللار بىلەن داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن ، مىنىڭ دىمەكچى بولغۇنۇم قۇرئان ئارقىلىق ، جىن چاپلىشىۋالغانلارغا ۋە زىيانكەشلىكىگە ئۇچۇرغانلارغا ، داۋا قىلىش .

mykariz يوللانغان ۋاقتى 2014-6-1 21:48:55

سىزنىڭ ئۇنداق ھەيرانلىق ھىس قىلغىنىڭىزدىن بۇ تىمىنىڭ ئوزىڭىزنىڭ ئەمەس كوچۇرەلمە ئىكەنلىكىگە گۇمان قىلىپ قالدىم.

‏تورداش ساتۇق،
‏1.سىزنىڭ جىنلار بىلەن ئالاقىلىشىش ھەققىدىكى ئۇچۇرىڭىزنى كۆرۈپ، ھەيرانلىق بىلەن ئەمەس، قىزىقىپ سورىدىم. چۈنكى، تارىختا ۋە بۈگۈن جىنلار بىلەن ئالاقە قىلالايدىغان كىشىلەر بولغان ھەم بار. (مەن شۇنداقلاردىن نۇرغۇن كىشىلەر بىلەن ھەمسۆھبەتتە بولغان.) بۇنداق كىشىلەر جىنكەش دەپ ئاتىلىدۇ. ئەمما، ئۇلار جىنلار بىلەن ئالاقە قىلىدىغانلىقى ھەم جىنلارنىڭ سۆزىگە ئىشىنىدىغانلىقى بىلەن، ئىسلامدا ئاللاھقا شىرىك كەلتۈرگەن كۇفرىلار قاتارىغا قويۇلىدۇ.
‏2. ئەگەر سىزنىڭ ئىلمىي ئاساسىڭىز بولسا، مېنىڭ تېمامدىكى مەلۇم مەزمونلاردىن گۇمانلانسىڭىز بولىدۇ. پۈتۈن دۇنيادىكى بارلىق تىللاردىكى ئىلمىي ماقالىلارنى ئاختۇرۇپ كۆرۈپ بېقىڭ، مەن تېمىنىڭ قەيەرىنى قايسى ماقالىدىن كۈچۈردىمكىن؟ ئەگەر ئىلمىي ئاساسىڭىز بولمىسا، ساپاسىز سۆزلەرنى قىلمىغايسىز.

hezret2011 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-1 22:28:57

بىر مۇيسىپىت ھەكىم ماڭا ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ داۋالاش تۈرلىرىدىن تۆۋەندىكىلەرنى سۆزلەپ بەرگەن ئىدى.
ئىلاجى بىتتەغزىيە؛ ئىلاجى بىلئەدۋىيە؛ روھىي ئىلاج.....
ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ كىلاسسىك ئەسەرلىرىدە بەزى كېسەللىكلەرنىڭ جىنلارنىڭ ۋە روھلارنىڭ تەسىرىدىن يۈز بېرىدىغانلىقى ھەمدە ئۇنىڭ روھىي ئىلاجلىرى كۆرسۈتۈلگەنلىكى ئۇچرايدۇ.

mykariz يوللانغان ۋاقتى 2014-6-2 09:18:51

hezret2011@  
بىزنىڭ شامانىزم ھەققىدىكى تەتقىقاتىمىزنىڭ مۇھىم يۇنىلىشلىرىدىن بىرى، تىبابەت ئىنسنشۇناسلىقى نۇقتىسىدىن شامانىزمنى تەتقىق قىلىش، يەنى باخشى-پېرىخونلارنىڭ كېسەل داۋالاش ئۇسۇلى بىلەن مەدەنىيەت ئوتتۇىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ھەم مىللى تىبابەت بىلەن شامانىزم ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى يېشىپ چۈشەندۈرۈش.
چۈنكى، ئەنئەنىۋىي چۈشەنچىلەردە بارلىق كېسەللىكلەر جىنلارنىڭ ۋە روھلارنىڭ تەسىرىدىن بولىدۇ، دەپ قارىلىدۇ. ئىنسانشۇناسلارنىڭ قارىشىچە، كسەل مەدەنىيەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. بىر خىل مەدەنىيەتتە مەجۇت بولغان كېسەللىك ۋە ئۇنى داۋالاش ئۇسسۇلى باشقا مەدەنىيەتلەردە ئوخشاش ئەمەس. شۇڭا، ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيەت ۋە مىللەتلەردە ئوخشاش بولمىغان تىبابەت مەدەنىيىتى بارلىققا كەلگەن. مەسلەن، ئۇيغۇر تىبابىتى، جۇڭڭو تىبابىتى، مۇڭغۇل تىبابىتى، تىببەت تىبابىتى دىگەندەك.
پىكىر تەرتىپى بويىچە مۇشۇ ھەقتە سىلەر بىلەن يۈز كۆرىشىدىغان بىر ماقالە بار. مەسلەن: «ئۇيغۇر ئەنئەرنىۋىي جەمئىيىتىدىكى كەسپىي پىسخىك دوختۇر-باخشى» ۋە «ئۇيغۇر تىبابىتىنىڭ ئىپتىداسى-باخشى-پېرىخونلۇق پائالىيەتلىرى». ...
«روھى ئىلاج» ھەققىدە خېلى كۆپ كىلاسسىك ئەسەرلەر بار... سىزدە بولساكۆرۈپ باقساق بولىدۇ.

satuk يوللانغان ۋاقتى 2014-6-2 11:45:52

mykariz يوللىغان ۋاقتى  2014-6-1 21:48 static/image/common/back.gif
‏تورداش ساتۇق،
‏1.سىزنىڭ جىنلار بىلەن ئالاقىلىشىش ھە ...

ئەگەر مەن سىزنىڭ بۇ ماقالىڭىزنىدىن بىرەر قۇسۇر تاپالىغان بولسام، بىرىنجى ئىنكاسىمدا باھالاپ جەۋھەر تىما ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلمىغان بولاتتىم تىمىڭىز ئىنتايىن مۇكەممەل بۇنىڭدا مەسىلە يوق، مەن سىزنىڭ ماڭغا قايتۇرغان ئىنكاسىڭىزدىن بىر خىل بۇ ساھانى چۇشەنمەيدىغاندەك مەنا ئىپادىلنىپ قالدى شۇڭا سەل گۇمانىم قوزغۇلۇپ قالدى،  بۇ ساھادە بىر ئومۇر ئەمىلى ئىش ئىلىپ بىرۋاتقانلارنىڭ قولىدىن بۇنچىلىك مۇكەممەل ماقالىنىڭ چىقىشىنى مەن تەسەۋۋۇر قىلالمايمەن چۇنكى مەن بۇ ساھادىكىلەرنى خىلى چۇشىنىمەن.  ھەمدە سىز جىنلار بىلەن پەقەت جىنكەشلەرلام پاراڭلىشالايدۇ بۇ دىنىمىزدا چەكلەنگەن دەپسىز بو جەھەتتە سىز بىر تەرەپلىمە باھا بىرىپ قويدىڭىز،  جىن بىلەن جىنكەشلەرلام ئەمەس پۇرسىتى كەلسە ئادەتتىكى ئادەملەرمۇ پاراڭلىشالايدۇ، ئۇ ئۇنداق سىرلىقلاشتۇرۋەتكىدەك ئىش ئەمەس،  جىنلارمۇ بىزگە ئوخشاش دىنى مەسئۇلىيەتنى ئوز ئۇستىگە ئالغان بىزگە ئوخشاش ئاللانىڭ بەندىلىرى ئۇلارنىڭ ھەيران قالغۇدەك ئارتۇقچىلىقى شۇ ئۇچۇش،  باشقا مەخلۇقلارنىڭ سۇرتىگە كىرۋىلىش 'يالغان سوزلەش،  چۇنكى ئۇلارنىڭ نەسلى ئىبلىس شەيتاندۇر.
بەت: [1]
: (كارىزى)ئۇيغۇر باخشى-پېرىخون ناملىرىنىڭ مەدەنىيەت مەنىسى