شىرئەلىجان جۇڭگۇنىڭ ئامرىكا كوماندىسىنى يىڭىشىگە كۈچ چىقاردى
سىنا تەنتەربىيە تورىنىڭ 23-ماي خەۋىرى؛ 23-ماي، 2014-يىللىق تۆت چوڭ قىتئە خەلىقئارا ئەرلەر ۋاسكىتبول تۆت دۆلەت رىقابات مۇسابىقىسىنىڭ جىياڭسۇ جۈنئەن بىكىتى مۇسابىقىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى بىر مەيدان مۇسابىقىسى ئىلىپ بىرىلدى. جۇڭگۇ ئولىمپىك ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى 110-87 نەتىجە بىلەن ئامرىكا كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى. جۇڭگۇ ئولىمپىك ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى جىياڭسۇ جۈنئەن بىكىتى مۇسابىقىسىدە ئىككى مەيدان ئۇتۇش، بىر مەيدان ئۇتتۇرۇشتەك ياخشى نەتىجىنى قولغا كەلتۈردى.
بۇ مەيدان مۇسابىقىدە جۇڭگۇ كوماندىسىدىن بەش نەپەر ئەزا قوش خانىلىق نۇمۇر ئالدى؛ ۋاڭ زىرۇي پۈتۈن كوماندا بۇيىچە ئەڭ يۇقۇرى بولغان 17 نۇمۇرغا ئېرىشتى؛ ياڭ لىن ۋىي 15 نۇمۇر، 3 قىتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ دوڭ خەنلىن 14 نۇمۇر، 8 قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ جاۋ تەيلۇڭ 13 نۇمۇر ئالدى، 2 قىتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ ۋاڭ شىياۋ خۇي 11 نۇمۇر ئالدى؛ يارىسى سەۋەبىدىن دۆلەت كوماندىسىدىن دۆلەت ئولىمپىك كوماندىسىغا بىرىپ ۋاختىنچە مەشىققە قاتنىشىۋاتقان پەخىرلىك ئۇيغۇر ۋاسكىتبولچىمىز شىرئەلىجان ياردار ھالەتتە مەيدانغا چىقىپ 8 نۇمۇر ئىلىپ جۇڭگۇ كوماندىسىنىڭ ئامرىكا كوماندىسىنى يىڭىشكە كۈچ قوشتى.
5-ئاينىڭ 26-كۈندىن باشلاپ، بۇ بىكەت مۇسابىقىگە قاتناشقان تۆت كوماندا سىچۋەننىڭ چىڭدۇ شەھرىگە يۆتكۈلۈپ چىمپىيۇنلۇقنى تالىشىدۇ.
ئەسلى مەنبە؛ ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مۇنبىرى؛ http://waskitbol.com/portal.php
شىرئەلىگە ساقال بەكمۇ يارىشىپتۇ، تۈكى يوقلار ھەسەت بىلەن قارىشىپتۇ! شىرئەلى ساقالنى ماڭا ئوخشۇتۇپ قۇيۋاپتا{:92:}
ياراسەن ژىگىت {:112:} شەرئەلىجاننىڭ ساقىلى بەكلا يارىشىپتۇ، شىرئەلى بىر ئەزىمەت! پەخىرلىك ئوغلانىمىز سېنى مەڭگۈ قوللايمىز!{:112:} ئەڭ ئاستىدىكى رەسىمدىكى ساقاللىق كىمۇ ھەي:lol سۆز كۆركى ماقال،
ئەر كۆركى ساقال مەنچە بۇ ئاداشنىمۇ كونىلارغا ئوخشاش جوڭگودىكى مۇسابىقىغىلا سېلىپ ، ھەرگىزمۇ ئامرىكىغا ئەۋەتىپ مۇسابىقىگە قاتناشتۇرمايدۇ . شىرئەلىگە ساقال ئەجەپ يارىشىپتا.يارىسىنىڭ تېزىراق ئەسلىگە كېلىشىگە تىلەكداشمەن!
بەت:
[1]