ئۇيغۇر، خەنسۇ ستۇدېنتلار ھەمكارلىشىپ ياڭاق ھالۋىسى ساتتى
چاڭشا سانائەت پەنلىرى ئۇنىۋېرستتېتىنبىڭ ئۇغۇچىسى ئادىل تۇر ( 23 ياش) نىڭ دادىسى ياڭاق ھالۋىسى سېتىپ تىرىكچىلىك قىلىپ ئالتە پەرزەنتنى قاتارغا قوشقان بولۇپ ئۇنىۋېرىستېتقا ئۆتكەن ئادىل ئاتا- ئانىسىنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن ھەم ئىشلەپ ھەم ئوقۇپ كېلىۋاتقان ئىدى، ئۇ، 2012- يىلىدىكى « يۇقۇرى باھالىق ياڭاق ھالۋىسى ‹天价切糕› » غۇلغۇلىسىنى توردا كۆرگەندىن كېيىن ياڭاق ھالۋىسى ياساشنى كۆڭلىگە پۈككەن بولۇپ ئىككى ساۋاغدىشى بىلەن بىرلىكتە 30 مىڭ يۈەن جۇغلاپ ياڭاق ھالۋىسى دۇكىنى ئاچتى. كۈنلۈك سېتىش سوممىسى 100 مىڭ يۈەندىن ئاشتى.5- ئاينىڭ 22- كۈنى ئادىل ( ئوتتۇرادىكى، جىاڭ جىنيا ( ئوڭدا) ۋە جىاڭ چۈنياڭ.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى 李尕
مەنبە http://news.qq.com/a/20140523/016639.htm ئەستا ... تېخنىكىنى ئوغرىغا بەرمىسىلا بولاتتىغۇ ما ئۇستام.
خەنسۇ تور ئەھلىلىرى ' تازلىق ئىجازەتنامىسى بارمۇ، پاكىزمۇ ' دىگەندەك گەپلەرنى قىلىشىپ كېتىپتۇ، خۇددى شۇ نەرسىلەر بولسىلا پاكىز بولۇپ كېتىدىغاندەك ... ئۇ ۋاقىتتا سوتتا ياڭاق ھالۋىسىنى ئەرزان باھالاپ قويۇپتىغۇ ، كىلوسى 35 يۇەن قوڭنى قىسقان بىر ھۈنەر!
قىسقان يەردىن گۈل ئۈنەر!
گەر قىسمىسا شۇ قوڭنى
خەقنىڭ بۇلار بۇ ھۈنەر!
بۇنىڭغا بىر ماركا بىرئىسسىم قۇيۇپ دەرھال پاتېنىت ئېلىۋالمىساق ،5000يىللىق تارىخقا قۇشۇلۇپ كېتىدۇ.
hoopeelover يوللىغان ۋاقتى 2014-5-24 09:11 static/image/common/back.gif
قوڭنى قىسقان بىر ھۈنەر!
قىسقان يەردىن گۈل ئۈنەر!
گەر قى ...
شېئىر تازا قاملىشىپتۇ .:lol
خوتەنلىكلەر سوقماققا پاتنىت ئەپبولدى دەپ ئاڭلىغانتىم . بەلكىم راستۇ yollugh يوللىغان ۋاقتى 2014-5-24 08:18 static/image/common/back.gif
ئەستا ... تېخنىكىنى ئوغرىغا بەرمىسىلا بولاتتىغۇ ما ئۇست ...
قارا يۇمۇر كەنغۇ،، ئاسماندىكى ئايرۇپلان بىلەن يەردىكى تۆمۈر ماشنىدىن باشقىنى يەيدىغان ھالىغا پاكىزمىكەن دىگىننى كۆرەڭ.
كۈنلۈك سوممىسى 100 مىڭ يۈەن؟ پاھوي ئالامەت پۇل تېپىپتۇ بۇ بالا. قارىغاندا ھەممە بىكارچى يولداشلار مۇشۇ بالىنى ئىزدەپ ئىشقا ئورۇنلىشىپ كېتىدىغان ئوخشىمامدۇ ھاجەتخانىدىكى قۇرۇتنى يەيدىغان گۇيلار تازلىقتىن
ئېغىز ئېچىپ كېتىپتۇدە :Q پۇل تاپسۇن .... نوچىسى مۇشۇ . جۇڭگونى تەسرلەندۈرگەن ماتاڭچى يېگىت بولۇپ قالغۇسى دىمەك بۇلار بىلەن ھەمكارلاشقاندا پۇل تاپقىلى بولىدىكەندە، ھەمكارلاشمىسا قانداق قىلارمىز ؟ دېگەن نېمە بىز تەرەپلەردە يوقكەن، ياڭاق ھالۋىسىمۇ يا ماتاڭمۇ؟ مالا بىزنى 切糕族 دەيدىكىنغۇ؟ 切糕 ئەگەر بۇ ئۇيغۇر بالا ياڭاق ماتىڭى سىتىش سودىسىغا، يىنىدا ئولتورغان خەنزۇ يولداش بىلەن ھەمكارلاشمىسا، ئىچكىردە پۇل تاپالىشى دادىسىغا ئوخشاشلا بولغان بولاتتى.
ماتاڭ ياساش تىىخنىكىسىنى خەنزۇلار ئىگەللىۋالسا، ھەممە ھەمكارلىق تۈگەيدۇ. جىددىلەشمەڭلارا، بۇنىڭا مەبلەغ سالاي دەپ ئويلاشقان يولداشقا بۇنىڭ رىتسىپىنى تېپىش تەس ئەمەس. ئىككى كېلو سېتىۋېلىپ بىرسىگە تەڭشەتكۈزسىلا بولىدۇ. ياخشى بوپتۇ پۇل تىپىپ كۈچلەنسۇن ،،بىقىندىكى يولدشلارنىمۇ ئوپتانراق چۈشەنسۇن ،،،جانابى ئاللاھ بۇ بۇرادەرنىڭ
ئىمانىنى سالامەت قىلسۇن ،مىللىتىگە كۆيۈمچان مىھىر مۇھەببەتلىك قىلسۇن ئامىن !{:112:} {:112:} ئەقىللىق بالىكەن تېخىمۇ روناق تاپقاي ، دىنىغا - مىللىتىگە زىيىنى بولمىسا ھەمكارلىشىپ پۇل تاپقاننىڭ ھىچبىر يامان تەرىپى يوق . مەكتەپتە تۇرۇپ بۇنچىلىك يول تېپىۋالغىنى تولىمۇ ياخشى ئىش.
پۈتتۈرۈپمۇ نىمىش قىلىشىنى بىلمەي يۈرگەنلەر ئازمۇ ياڭاق ھالۋىسى دەپ يۈرگىچە ماتاڭلا دىسە بولىدىكەن ، ئادەتلىنىپ كەتكەندىن كېيىن . « ياڭاق ھالۋىسى » دىگەن تەرجىمىمۇ ئەمەلىيەتتە ئانچە چۈشۈپ كەتمەپتۇ . hoopeelover يوللىغان ۋاقتى 2014-5-24 09:11 static/image/common/back.gif
قوڭنى قىسقان بىر ھۈنەر!
قىسقان يەردىن گۈل ئۈنەر!
گەر قى ...
ياشاپ كېتىڭ ! ! !!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!(ئۈندەشنى پۇلغا ئاممغاندىكىن قويىۋەردىمغۇ ھى ھى ھى ...)
ئوخشاش پىكىردە ماتاڭ دىمەيلى باللا ، ماتاڭ دەپ خەنزۇچە ئاتاۋەرسەك بۇنىمۇ ئۆزىنىڭ قىلۋالمىسۇن ، ماتاڭ ئۇيغۇرچە گەپ ئەمەس ، شۇڭا بۇ ئۇيغۇرنىڭ ئەمەس دەپلا جۇڭخۇا مەدىينىتىگە قىتىۋالىدۇ ، سوقماق ياكى ياڭاق ھالۋىسى دەيلى ، ئاتۇشتا ماتاڭ دىگەن گەپ يوق ، ھەممە ئادەم ياڭاق ھالۋىسى دەيىتتى ، قەشقەرگە كىرىپ ماتاڭ دىگەن دىگەن گەپنى ئاڭلىدىم ـ سوقماق دەپ تىۋىپلارنىڭ ھەرخىل مىغىزلاردا تەييارلايدىغان قۇۋۋەت ئوزۇقلۇقى بار ، ماتىريال جەھەتتىن يىقىن كىلىدۇ