Visual Studio بىلەن تونۇشۇش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا sarwan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-5-23 08:56بۇ يىل 1- ئاينىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ، كەچلىرى، شەنبە- يەكشەنبە كۈنلىرى ۋاقىت چىقىرىپ #C ھەققىدە سىنلىق دەرسلىك تەييارلىغان ئىدىم. ئىككى ئايدەك ۋاقىتتا 35 قىسىم دەرسلىك بىلەن « #C ھەققىدە دەسلەپكى ساۋات» ناملىق دەرسلىك تامام بولدى. بۇ دەرسلىكلنى مۇنبەرلەردە تارقاتسام چېچىلىپ يۈرۈپ، ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ لازىم بولغانلار تاپالماي قالغۇدەك. شۇڭا ئۇنى بىر مۇقىم ئادرىستا تارقىتىش ئۈچۈن بىر بلوگ ئېچىپ شۇ يەرگە چىقىرىپ قويدۇ.
دەرسلىك- كىرىش سۆز، #C ئاساسلىرى، كۆرۈنمە يۈز ۋە كونتروللار، باشقا تېخنىكىلار، خۇلاسە قاتارلىق بەش بۆلەك 34 قىسىمدىن تەركىپ تاپقان. دەرسلىك بىلوگدا ھەپتىسىگە 2 قىسىمدىن ئېلان قىلىنىۋاتقان بولۇپ ھازىر 3 بۆلەك(كۆرۈنمە يۈز ۋە كونتروللار) دېگەن بۆلەككە كەلدى. بۇ دەرسلىك ئوتتۇرا، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ۋە باشقا ھەۋەسكارلارنىڭ ئانا تىلدا پىروگرامما لايىھەلەشنى ئۆگۈنىشىگە ئاساس خاراكتىرلىك ماتېرىيال بولالايدۇ دەپ قارايمەن.
تۆۋەندىكىسى بۆگۈن ئېلان قىلىنغان «Visual Studio بىلەن تونۇشۇش» دېگەن قىسمى
http://player.youku.com/player.php/sid/XNzE1NDAwNzEy/v.swf
چۈشۈرۈش ئادرىسى: http://1drv.ms/1nsu55x
دەرسلىكەر 720p(يەنى 1280x720) ئىنىقلىقتا سۈرەتكە ئېلېنغان. كۆرگەن ۋاقىتتا شۇ ئۇنىقلىتىن يۇقۇرى ئىكراندا كۆرۈشىڭىلارنى تەۋىسسىيە قىلىمەن. بولمىسا پىروگرامما كودى ئېنىق كۆرۈنمەسلىكى مۇمكىن. دەرسلىكنىڭ youku.com دىكى نۇسخىسى قوشۇمچە بولۇپ(ئىنىقلىقى تۆۋەن)، ئەڭ ياخشىسى توردىن چۈشۈرۈپ كۆرۈڭ.
دەرسلىكنىڭ تەپسىلى تىزىملىكى
(تېمىسى، ئۇزۇنلۇقى، ئېلان قىلىش ۋاقتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)
مەنبەسى: سارۋان بىلوگى
ماۋۇ ساۋابلىق ئىشنى بەك ياخشى قىلىپسىز. لېكىن بۇنىڭ خەنزۇچىسى يوقمىكەن. ئېنگىلىزچىغۇ؟ مەن ۋىسال سىتۇدىيىسى دېگەن توربەتنى تونۇشتۇرىدىغان ئوخشايدۇ دەپتىمەن . بىلوگىڭىز ئېچىلمايدىغۇ ؟! رەھمەت سارۋان ئاكا، ئەجرىڭىز يەردە قالمايدۇ. مەنمۇ ئالىم مۇئەللىمنىڭ تور دەرسىگە قاتنىشىۋاتقان بىر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى. بۇ دەرسلىكلىرىنىڭىزنى كېينچە چوقۇم چۈشۈرۈپ كۆرىمەن. شۇڭا ئادرېسنىڭ بىكار بولۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن OneDrive غا ياكى مۇقىم بوشلۇققا چىقىرىپ قويشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.مەنمۇ بىر ئاددىي بىلوگ ئېچىۋالغان ئىدىم، ۋاقتىڭىز يەتسە كىرىپ ئارىلاپ بېقىڭ.
مەنبە:چاشقان تور خاتىرىسى ئاللاھ رازى بولسۇن، مۇمكىن بولسا مۇشۇ دەرسلىكىڭىزنىڭ تولۇق تارقىتىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.:) سوراپ باقسام، دەرىسلىك ئىشلىگەندە ئىكران يۈزىنى ئەڭ سۈزۈك سۈرەتكە ئالىدىغان، ئاستى ئۈستىدە دېتال ئېلانلىرى يوق دېتال قايسىدۇ؟ ناھايىتى ياخشى ئىش بوپتۇ، پروگرامما لايھىلەشنى ئۆگەنمەكچى بولغانلارغا ئەمدە بانا قالمىدى ئەمىسە جۇمۇ.{:92:} مەنمۇ شۇ ۋىسال ئوخشايدۇ دەپتىمەن ، ئۇ تور ھازىر ئىچىلمايدىغۇ ھە مەنمۇ شۇ ۋىسال ئوخشايدۇ دەپتىمەن ، ئۇ تور ھازىر ئىچىلمايدىغۇ ھە heqteyur يوللىغان ۋاقتى 2014-5-23 15:07 static/image/common/back.gif
ناھايىتى ياخشى ئىش بوپتۇ، پروگرامما لايھىلەشنى ئۆگەنم ...
سىلەرنىڭ دەرسمۇ بىر يەرگە بارغاندۇ؟:lol MSM يوللىغان ۋاقتى 2014-5-23 15:59 static/image/common/back.gif
سىلەرنىڭ دەرسمۇ بىر يەرگە بارغاندۇ؟
ئاللاھقا شۈكرى بىزنىڭ دەرسمۇ ياخشى كېتىپ بارىدۇ، كۆرۈنمە يۈزگە دائىر ئاساسىي قىسىم مەزمۇنلار تۈگەپ قالاي دېدى. Control يوللىغان ۋاقتى 2014-5-23 14:35 static/image/common/back.gif
سوراپ باقسام، دەرىسلىك ئىشلىگەندە ئىكران يۈزىنى ئەڭ س ...
ھازىر جىقىيىپ كەتتى جۇمۇ بۇنداق دېتال. كامتاسيە بوپ قويىدۇ. سارۋان ئەپەندىممۇ شۇنىڭدا سىنغا ئاپتۇ دەرسنى.
ئاندىن ماۋۇ يولداشارنىڭ 屏幕录像机 سىمۇ شاش ئالىدۇ. سۈزۈكلىكى كامتاسيەدىن ياخشى بىلىندى ماڭا. يەنى exe ھالەتتىكىسنى دېمەكچى. ھەم سۈزۈك ھەم سىغىمى كىچىك. MSM يوللىغان ۋاقتى 2014-5-23 15:59 static/image/common/back.gif
سىلەرنىڭ دەرسمۇ بىر يەرگە بارغاندۇ؟
ئىۋۇ مەن ياسىغان لۇغەتتىن دەرسنىڭ نەگە بارغىننى بىلگىلى بولىدۇ دەيمە:lol ما سارۋان ئەپەندىمگە ئىنكاس يېزىش خوش ياقمامدۇ ياكى ئىنكاس يېزىشقا ۋاقتى يوقمۇ؟
مەن بىلىكتە 2 تېمىدا كوتىلداپ كەتسەم جىممىدە. ئىپادىمۇ بىلدۈرمەيدا:lol
دەس سۆزلىدىم مانا دەپلا سۆزلىمەي بى ئاۋازنى سەل جانلىق، يۇقىرىراق سۆزلەپ بېرىڭە. ئەمدى ھەقسىز ئاڭلاڭ(ناۋادا ھەقلىق قىلغان بولسىڭىزمۇ سېتىۋېلىپ كۆرەتتىم ئەلۋەتتە) بىر يەنە تەلەپ قويۇۋالدى دەپ قالماڭ. تەكلىپ جۇمۇ بۇ. Kulke يوللىغان ۋاقتى 2014-5-23 17:18 static/image/common/back.gif
ئىۋۇ مەن ياسىغان لۇغەتتىن دەرسنىڭ نەگە بارغىننى بىلگ ...
ئېلان بىرىشكە زەپ ئۇستا جۇمۇ سىز.:P MSM يوللىغان ۋاقتى 2014-5-23 17:51 static/image/common/back.gif
ئېلان بىرىشكە زەپ ئۇستا جۇمۇ سىز.
ۋوي ۋوي ئاشتا گەپ قىسىمۇ ئېلان بولامدا:lol قېنى ما ئېلانچىلىقتا ئوقۇغانلار. راست شۇنداق بولسا مەن بۇندىن كېيىن ئېلان ئىنكاس تېمىلىرىنى جىقراق يازاي جۇمۇ:lol خۇيمۇ ياخشى ئىش قىپسىز قېرىندىشىم، مەن نەق ئىزدەۋاتقان نەرسىلەركەن.... بىراقلام چۈشۈرۈش ئادرىسى يوقمۇ؟ مەسىلەن؛ بەيدۇ ياكى 360 نىڭ خورجۇنى دىگەندەك..... (بار بولسا تاپالمىدىممۇ ياكى؟ توغرا چۈشەنگەيسىز...) Kulke يوللىغان ۋاقتى 2014-5-23 19:23 static/image/common/back.gif
ۋوي ۋوي ئاشتا گەپ قىسىمۇ ئېلان بولامدا قېنى ما ئېل ...
8 يىل بۇرۇنقى ۋاقتلار ئاجايىپ چاغلار ئىدى. ئەمدىلا توي قىلغان ئىدىم. لېكىن خوتۇن بىلەن كارىم يوق تاڭ ئاتقۇچە پروگرامما تۈزۈپ ئولتۇرۇپ كېتىدىغان. بىرەر بۇگنى تېپىۋېلىپ ئوڭشىۋالسام كەم قالغان ئۇيقۇ، ھارغىنلىق، خوتۇننىڭ تاپا - تەنىلىرى ھېچنېمە ئەمەس ئىدى. ئېسىت، شۇ چاغدا ئۆيۈمدە تور بولغان بولسا ھە. ئاز دېگەندە مىڭ كويلۇق پروگرامما كىتابى ئالغان بولغىيدىم. ئۈرۈمچىگە بارساملا ئاققوۋۇقتىكى كىتابخانىدىن ياكى شياۋ شىمېندىكى چەتئەل تىلى كىتابخانىسىدىن كومپيۇتېرغا مۇناسىۋەتلىك كىتاب ئالاتتىم.
ئەمدى بولغاندا ئۇ چاغدىكى ھەۋەسلەر يوق. تۈگەشتۇق. دەسلەپكى قىسىملىرىنى كۆرۈپ ئاۋازسىز ئوخشايدۇ دېگەنتىم. ئەمدى ئازراق ئاۋاز چىقىۋاتىدۇ. بولسا ئاۋازنى تېخىمۇ يۇقىرى ئالساق، ئەجرىڭىزگە رەھمەت.
بەت:
[1]
2