peleck يوللانغان ۋاقتى 2014-5-23 00:25:24

پەلەك : داۋىنچى ھەققىدە پاراڭ




500يىل بۇرۇنلىئوناردو داۋىنچى قالدۇرۇپ كەتكەن لايىھەلەر، پەقەت ئەينەك ئارقىلىق كۆرگىلى بولىدىغان تەتۈر يىزىلغان بولۇپ،بۇ خاتىرىدە پاراشوت،قۇتقۇزۇش كېيىمى،سۇ پومپىسى،،قۇدۇق كولاش ماشىنىسى، ،ئۆزى ماڭىدىغان ئات ھارۋىسى،چىش تارتىش زەنجىرى، پار تاپانچا،تۈگمەن،ئەينەك سىلىقلىغۇچ، بومبا،پىلىموت،ئايروپىلان،تىك ئۇچار ئايروپىلان ۋە تۈركۈملەپ ئىشلەپ چىقىرىشنىڭ لايىھىسى بار ئىدى.
بەش ئەسىر بۇرۇنلا ،داۋىنچىنىڭ كىيىنكى كىشىلەر توغرىلىقىنى ئىسپاتلاپ چىققان نۇرغۇن چۈشەنچىسى بار ئىدى. مەسىلەن:تاش قاتمىسى،قاننىڭ ئايلىنىشى،يەرشارىنىڭ ئالەمنىڭ مەركىزى ئەمەسلىكى،چۈشكەن جىسىم،ئاناتومىيە قاتارلىقلار.ئۇنىڭ كۆزىتىشلىرى تولىمۇ ئىنچىكە،سىزىش ماھارىتىمۇ بەكلا ئۈستۈن بولغان.ئۇ سىزغان سۇ دولقۇنىدىكى سۇ كۆپۈكچىلىرى بەكمۇ توغرا چىققان بولۇپ،پەقەت كامىرادا ئاستىلىپ تارتقان سۈرەتكە قارىغاندىلا ياخشىلىغىلى بولىدىغان دەرىجىدە ئىدى. ئەمما ئۇنىڭ تالانتى كارغا كەلمىگەن،چۈنكى ئۇ ئەزەلدىن بۇ ئويلىرىنى باشقىلارغا ئېيتماستىن،مەخپىي ئۇسۇللار بىلەن يوھاننىڭ خاتىرىسىگە يازغان.شۇ ۋەجىدىن ئۇنىڭ زامانداشلىرى ئۇنىڭ ئويلىرىنى كۆپ بىلمىگەن،ۋە ئۇنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمىغان.بۇ مەشھۇر ئەسەرلەر 19-ئەسىرگە كەلگەندە،ئاندىن ئىلان قىلىنغان.تارقالمىغان ئىككى ئەسىرى بولسا 1965-يىلى مادىرىدتىكى ئىسپانىيە دۆلەتلىك كۈتۈپخانىسىدا بايقالغان.

ئۇنىڭ بىر قىسىم ئەسەرلىرى











پايدىلانمىلار:
ئىنگىلىزچە-خەنزۇچە قىزىق پاراڭلار،چەتئەل تىلى ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقات نەشىرىياتى
http://en.wikipedia.org/wiki/Leonardo_da_Vinci

hezret2011 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-23 10:46:27

مەزكۇر قەدىمى ئەسەر بىلەن ئۇچراشتۇرغىنىڭىزغا رەھمەت!

Control يوللانغان ۋاقتى 2014-5-23 11:00:54

راستىنى دېسەم بۇ ساھەلەرگە قىزىقمايمەن شۇڭا بۇ توغرىلىق چۈشەنچىلىرىم بەك يۈزەكى بولسا كېرەك، ئالاھىدە بىرەر مۇسىم مەزمۇننى ھېس قىلالمىدىم:funk:

koygandengiz يوللانغان ۋاقتى 2014-5-23 12:15:16

   داۋىنچىنىڭ « مۇننا لىزا » ۋە « ئەڭ ئاخىرقى كەچلىك غىزا » دىن باشقا نەرسىلەرنى بىلىپ كەتمەيدىكەنمەن ......

bahadirlarbiz يوللانغان ۋاقتى 2014-5-23 16:02:35

داۋىنچى يەنە ئۇستا ماتېماتىك بۇلۇپ ، ئۇنىڭ رەسىملىرىدە ئالتۇن بۆلۈش نۇقتىسى ۋە نىسبەتلىك بۆلۈپ ئىلىش ئۇستىلىق بىلەن ئىشلىتىلگەن بولغاچقا ،ئۇنىڭ رەسىملىرى تېخىمۇ مۇكەممەللىككە ئىگە بولغان.

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2014-5-23 23:57:36

تىك ئۇچار ئايرۇپىلان ياسىماقچى بوپتىكەنغۇ..500 دىن ئارتۇق كەشپىياتى باركەنتۇق.

aykut يوللانغان ۋاقتى 2014-5-24 05:06:48

بۇ پەقەت بىر قىسمى ئىكەنداۋامىنى يوللاپ قويسىىڭىزمەسلەن   تاپانچا    ئايرۇپىلان دىگەندەك ...

aykut يوللانغان ۋاقتى 2014-5-24 05:07:04

بۇ پەقەت بىر قىسمى ئىكەنداۋامىنى يوللاپ قويسىىڭىزمەسلەن   تاپانچا    ئايرۇپىلان دىگەندەك ...{:90:}

gewala يوللانغان ۋاقتى 2014-5-24 06:28:09

چەتئەللىكلەردىمۇ مىللەتنىڭ روھىنى ۋە ئىپتىخار تۇيغۇسىنى قوزغىتىش مەخسىتىدە بۇرۇنقى ئۆتكەن ئالىملىرىغا قىلمىغان ئىشلىرىنى قىلدى دەپ , يالغان خاتىرە ۋە ئىسپاتلارنى ئويدۇرۇپ چىقىردىغان ئەھۋاللىرى بارمىدۇ.تۇيۇقسىز مۇشۇ ئوي خىيالىمغا كەپ قالدى.

yollugh يوللانغان ۋاقتى 2014-5-24 08:21:04

gewala يوللىغان ۋاقتى2014-5-24 06:28 static/image/common/back.gif
چەتئەللىكلەردىمۇ مىللەتنىڭ روھىنى ۋە ئىپتىخار تۇيغۇس ...

ئۇنداق ئەھۋالنى يوق دىگىلىمۇ بولمايدۇ.

داۋىنچ بەلكىم بىر يىغىپ توپلىغۇچىمۇ بولىشى مۈمكىن.

peleck يوللانغان ۋاقتى 2014-5-24 09:50:19

gewala يوللىغان ۋاقتى2014-5-24 06:28 static/image/common/back.gif
چەتئەللىكلەردىمۇ مىللەتنىڭ روھىنى ۋە ئىپتىخار تۇيغۇس ...

بەلكىم...........

gullinix يوللانغان ۋاقتى 2014-5-24 16:55:11

داۋىنچىنى بەزىلەر ئىنسانيەت تارىخىدىكى ئەڭ ئاخىرقى ئىنسكىلوپىدىك (ئۇنۋىرسال) ئالىم دەپ قارايدۇ. ئۇ تەتقىق قىلغان ساھەلەر شۇنچە كەڭلىكىگە باقماي ھەربىر ساھەدە ئۆز زامانىسىدا خېلىلا چۇڭقۇر سەۋىيەگە يەتكەن (خۇددى فارابىدەك).
توۋا دەيمەن، ئوتتۇرا مەكتەپتكى ۋاقتىمدىلا داۋىنچى ۋە ئۇنىڭ تالانتىنى بىلەتتىم، فارابىنىڭ تالانت ۋە تۆھپىلىرىنى بولسا بىلگىلى تېخى نەچچە كۈن بولدى.

avatar يوللانغان ۋاقتى 2014-5-24 17:48:07

داۋىنچىنىڭ زادى قانداق ئادەم ئىكەنلىكىنى بىلمەكچى بولساڭلار«داۋىنچىنىڭ مەخپىيىتى»دېگەن كىتابنى ئوقۇپ باقساڭلار ياكى 达芬奇的恶魔 دېگەن چاتما تېلۋىزىيە تىياتىرىنى كۆرسەڭلار بولىدۇ(ئەسكەرتىش: بۇ تىياتىردىكى كۆرۈنۈشلەر ھېلىقىدەك...شۇڭا سورۇننى تاللاپراق كۆرۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن) ھازىر ئىككىنچى بۆلۈم تۈگەپ قالدى.

begir يوللانغان ۋاقتى 2014-5-25 11:23:52

peleck يوللانغان ۋاقتى 2014-5-25 16:49:10

داۋىنچىنىڭ مەخپىيىتى دىگەن كىتابنى كۆرۈشتىن بۇرۇن كىنوسىنى كۆرۈپ ساپتىكەنمەن ، كىتابىنى كۆرۈشكە پۇرسەت بولمىدى.ئەممابۇ ئەسەرنىڭبەك مۇنازىرە قوزغاپ كەتكەنلىكىدىن خەۋىرىم بار.

79588010 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-25 21:22:30

يامان گۇيكەن{:112:}

bariber يوللانغان ۋاقتى 2014-5-28 14:19:36

يوللىغۇچىغا رەھمەت。
بەت: [1]
: پەلەك : داۋىنچى ھەققىدە پاراڭ