hezret2011 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-22 07:58:17

ئوسۇل ئويناش كېسىلى

ئوسۇل ئويناش كېسىلى

بۇ كېسەلىك بەدەننىڭ بىر ياكى ئىككى تەرىپىدە خاس قىسىمدىكى تەبىئىي بولمىغان ئىختىيارىي مۇسكۇللاردا جۈملىدىن قول- پۇت ۋە يۈزنىڭ مۇسكۇللىرىدا بولىدۇ، بۇ ئۇيقۇ ھالىتىدە يۇقۇلىدۇ. بۇ تەرتىپسىز ھەرىكەت بىر ئاز ئۇسۇل ھەركىتى بىلەن ئوخشۇشۇپ كىتىدۇ. مۇشۇ سەۋەبتىن ئۇنىڭ نامى ئوسۇل كېسىلى دەپ قويۇلغان.
سەۋەبلىرى: بۇ كېسەل ئېرسىيەت شەكلىدە 8 ياشتىن 16 ياشقىچە بولغانلاردا بولىدۇ. جۈملىدىن بۇنىڭغا ھىستىرىيە بولغان بىمارلار ياكى ئەسەبى مىزاج بولغان كىشىلەر ئاسان گىرىپتار بۇلىدۇ، سۇئۇلقۇنىيە يەنى كەم قانلىق، ئۆتكۈر چوڭ بوغۇملار ئاغرىقى، يۈرەك قېرىنچا ياللۇغى، تارقىلىشچان قىزىتما، ساقلىقنى ساقلاش قائىدىلىرىگە رىئايە قىلماسلىق، رەنجى ۋە غەم، باشقا زەربە تېگىش، مېڭە ئاجىزلىقى، قورقۇنچ، بالىلاردىكى ئۈچەي قۇرتى، ئاياللاردىكى ھەيز قالايمىقانلىشىش، تۇنجى ھامىلدارلىق، ئەرلەردىكى جەلەق ئادىتى بۇ كېسەلنىڭ سەۋەبلىرىدىن سانىلىدۇ.
ئالامەتلىرى: كېسەلنىڭ دەسلىپىدە بىمار بىئارام بولىدۇ، بىر جايدا ئارام ئېلىپ ئولتۇرالمايدۇ، تەبىئىتى چۇس بولىدۇ، ھەزىم قىلىش پائالىيىتى بۇزۇلىدۇ، قورقۇنچلۇق چۈشلەرنى كۆرىدۇ، يول يۈرگەندە كىچىك قەدەم ئالىدۇ، پۇتلىرىنى سۆرەپ ماڭىدۇ، ئەگەر بىرەر نەرسە كۆتۈرسە قوللىرى تىترەيدۇ، بىر-ئىككى ھەپتىدىن كېيىن بۇ كېسەلنىڭ خاس ئالامەتلىرى ئاشكارا بولىدۇ.
ئومۇمەن ئوڭ تەرەپنىڭ مۇسكۇللىرى قائىدىسىز ئىگىلىش بىلەن يىغىلىدۇ ۋە مۇشۇنداق ھەرىكەت ياكى بەدەننىڭ بىر تەرىپىدىلا چەكلەنگەن بولىدۇ ياكى ئىككى تەرەپنىڭ مۇسكۇللىرىدا بۇ خىل ھەرىكەت بولۇشقا باشلايدۇ. ئەگەر بىمار ئۇخلاۋاتقان بولسا بۇ ھەرىكەت توختايدۇ، لېكىن ئۇيقۇسىزلىق ھالىتىدە ياكى ئەگەر بىمار بىرەر ئىش قىلغان بولسا، ئۇنىڭ قائىدىسىز ھەرىكەتلىرى كۆپىيىدۇ. بىمار ئۇ يەر، بۇ يەرلەرگە قوللىرىنى ئۇرىدۇ، كۆرپە ئۈستىدە ئۇ ياق بۇ بۇياقلارغا ئۆرۈلۈپ ياتىدۇ، پۇت-قوللىرىنى قالايمىقان پۇلاڭلىتىدۇ ھەمدە خىلمۇ-خىل شەكىللەرنى پەيدا قىلىدۇ. ئەگەر كېسەل تەرەپكە قاراپ تۇرۇلسا ئۇنىڭ ھەممە ھەرىكىتى كۆپىيىشكە باشلايدۇ. بىمار توختاپ-توختاپ سۆز قىلىدۇ، ئاجىزلاپ كىتىدۇ، ماڭغان ۋاقىتتا دەلدەڭشىيدۇ ھەمدە بىر نەرسىنى مەزمۇت تۇتۇشقا كۈچى يەتمەيدۇ.
ئىنتايىن ئۆتكۈر ھالەتتە بارلىق ئىختىيارسىز ھەرىكەت تىز-تىز ۋە ئۆتكۈرراق بولىدۇ. يۈز ۋە كۆزلىرى ئۇ ياق-بۇ ياققا ئۆرىيدۇ، بىمارنىڭ چىشلىرى كىرىشىدۇ، بەزىدە تىلى چىشى ئارىلىقىدا قېلىپ ئۈزۈلۈپ كېتىدۇ. سۆزلەش، ئۇخلاش، يىيىش، ئىچىش قىيىن بولىدۇ. چوڭ-كىچىك تەرىتى ئىختيارسىز چىقىپ كېتىدۇ، يۈرەك ھەرىكەتلىرى ۋە نەپەسلىنىشى قائىدىسىز بولىدۇ. بىمار ئۆز خاھىشى ۋە ئىرادىسى بويىچە بىرەر ئىشنى قىلالمايدۇ.
ئومۇمەن بۇ كېسەل سەككىز ھەپتىدىن 10 ھەپتىگىچە داۋاملىشىدۇ ھەمدە كۆپىنچە بىمار ساقىيىپ كېتىدۇ. لېكىن ئۈچ ئاي ئۆتكەن بولسا، ئاندىن سوزۇلما ھالەتكە ئۆزگىرىدۇ، ھەمدە ئىككى- ئۈچ يىلغىچە تۇرىدۇ. بەزى بۇ ئۆزلۈكىدىن ياخشىلىنىپ كىتىدۇ، لېكىن يەنە بىر قېتىم قايتىلىنىشنىڭ ئەندىشىسى بولىدۇ. بالىلاردا دەسلىپىدىلا ئۆتكۈر بولمىسا بۇ كۆپ خەتەرلىك ئەمەس ئەلۋەتتە. ئاياللاردا ھامىلىدارلىق كۈنلىرى ۋە ھەيز كۈنلىرىدە بولغان بولسا خەتەرلىك بولىدۇ ۋە ئەگەر بۇ كېسەل چوڭ بوغۇملارنىڭ سەۋەبىدىن بولسا بۇ ۋاقىتتىمۇ خەتەرلىك بولىدۇ.
پەرقلەندۈرۈش: بۇ كېسەلنى ئۈچ كېسەلدىن پەرقلەندۈرۈش لازىم:
① يۇلۇننىڭ بىر قانچە ئۇرۇنلىرىدىن قېتىۋېلىشى ② ئىرسىيەتلىك تىتىرەش ③ ھىستىرىيە.

يۇلۇننىڭ بىر قانچە ئۇرۇندىن قېتىۋېلىشى: بۇ كىسەل ياشلىق ۋاقتىدىكى كۈنلىرىدە باشلىنىدۇ، بىمارنىڭ مۇسكۇللىرى تارتىشىدۇ، ھەرىكەت ئىنكاسى كۈچلۈك بولىدۇ ھەمدە كېسەللىك ئۇزۇن ۋاقىت تۇرىدۇ.
ئېرسىيەتلىك تىترەش: بۇ كېسەلدە بىمار گەپ قىلسا توختاپ-توختاپ بىر سۆزدىن- بىر سۆزدىن سۆزلەيدۇ ھەمدە كېسەلنىڭ كۆزلىرى ئۇ يەر-بۇ يەرگە تەرتىپسىز ۋە ئىختىيارسىز ھەرىكەت قىلىدۇ.
ھىستىرىيە: بۇ كېسەلنىڭ باشقا ئالامەتلىرى مەۋجۇت بۇلىدۇ ۋە ئىككىلى كېسەلدە ئەزالارنىڭ ھەرىكىتى ئوخشاشمىغان ھالەتتە بولىدۇ.
كېسەللىك ماھىيىتى: بۇ كېسەلنىڭ ئەسلى ماھىيىتى ئېنىق ئەمەس، قىياسكى بۇ بىرەر زەھەرلىك خىلىت مېڭىنى بۇزۇپ، بۇزۇلغان ئورۇندا ئازراق بۇزۇلۇشلار مېڭە تەركىبلىرىدە پەيدا قىلىدۇ. بۇنىڭدىن ئۇنىڭ پائالىيىتىدە بۇزۇلۇش بولىدۇ. لېكىن بۇ بۇزۇلۇشلار مۇشۇنداق ئەگەر ئۇ مېڭىگە كۆز بىلەن قارالسا، بىرەر جايدا بىرەر غەيرىلىك كۆرۈلمەيدۇ، بىرەر جايدا ياللۇغلىنىش بولمايدۇ، قىزىللىق ۋە قان تولۇش، قېتىشىش، يۇمشاش ۋە باشقىلار كۆرۈلمەيدۇ.

Kulke يوللانغان ۋاقتى 2014-5-22 10:58:54

ئۇسۇل(چارە) ئەمەس ئۇسسۇل

gldingwash يوللانغان ۋاقتى 2014-5-22 11:08:00

ماۋۇ بىلىپ قويىدىغان ساۋاتكەن.
مەن تېخى تېمىنى كۆرۈپلا بىرەرسى ئۇسسۇل ئويناشنى كېسەللىك دەرىجىسىگە كۆتۈرۈپ تىللاۋاتقان ئوخشايدۇ دەپ ئەنسىرەپ كېتىپتىمەن.

bahram710 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-22 14:51:46

Kulke يوللىغان ۋاقتى  2014-5-22 10:58 static/image/common/back.gif
ئۇسۇل(چارە) ئەمەس ئۇسسۇل

ئاران مۇشۇ بىرنى تاپتىڭىزمۇ؟

Kulke يوللانغان ۋاقتى 2014-5-22 15:39:17

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Kulke تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-22 16:04  

bahram710 يوللىغان ۋاقتى  2014-5-22 14:51 static/image/common/back.gif
ئاران مۇشۇ بىرنى تاپتىڭىزمۇ؟

قۇسۇر ئىزدەپسىز دەپ ماۋۇ ئىنكاسنى يازغان بوساڭلار كارىڭلار بولمىسمۇ بولىدۇ، تېمىنى سىلە يازمىغاندىن كېيىن. مەن بۇ تېمىنى ئوقۇپمۇ باقمىدىم. پەقەت كۆزۈمگە چېلىققىنى ئاۋۇ ئۇسسۇل دېگەن خەتنى خاتا ھالدا ئۇسۇل دەپ يېزىلىپ قالغىنى بولدى.
شۇڭا سىلە ئارتۇق سەكرەپ كەتمەي ئىشڭلىنى قىلساڭلار بولۇۋېرىدۇ.

EzQi0908 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-22 16:14:19

مەنمۇ خاتا چۇشىنىۋاپتىمەن دىسە تىمىغا قاراپلا...    مىنىڭ ئوڭ قاپىقىم بەك تاارتىدۇ بەزىدۇ

qeside يوللانغان ۋاقتى 2014-5-22 21:11:32

رەققاسىلىق كېسىلى دەپ ئالساقمۇ بولىدۇ.

uqkun1 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-23 10:36:00

تۇرسۇن تېكە كېسىلى دىسەكمۇ بولغۇدەك

Control يوللانغان ۋاقتى 2014-5-23 11:05:30

«پۇت قولىنى باشقۇرالماسلىق كېسىلى» ياكى «غىتمەك» لىك كېسىلى دېسەك ئۆلچەمگە چۈشەمدۇ نېمە{:92:}

dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-5-23 20:55:51

ئۈستىدىكىلەر كېسەلشۇناسلارمۇ نېمە{:90:}

begir يوللانغان ۋاقتى 2014-5-26 09:47:45

begir يوللانغان ۋاقتى 2014-5-26 09:48:40

kinglion يوللانغان ۋاقتى 2014-5-26 15:38:45

ئەسلى نۇسخىدىكى بېغىر ئەپەندىنىڭ قەدىمىگە مۇبارەك بولسۇن!:handshake

hezret2011 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-26 21:24:59

ھاراقخۇمارلىققا ئېغىر ئادەتلىنىپ ھاراق ئىچمىسە ھېچقانداق ئىش قىلالمايدىغان ھاراق ساراڭلىقىنى جۇنۇنى خەمرى داۋاملىق ئۇسۇل ئويناش ،ناخشا ئېيتىش بىلە شۇغۇللىندىغان ئۇسسۇل ساراڭلىقنى جۇنۇنى رەقىسى دەپ ئاتايدۇ.
بەت: [1]
: ئوسۇل ئويناش كېسىلى