hezret2011 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-22 06:29:53

بالىلار پالىچى

بالىلار پالىچى
سەۋەبى
بالىلار يېڭىدىن چىش چىققاندا، قورساقتا مەددە قۇرت پەيدا بولغان، قاتتىق سوغۇق ئۆتۈپ كەتكەن ياكى بىرەر قىزىتمىلىق كېسەلدىن كېيىن غولىغا زەرەر يەتكەندە ۋە چېچەك، قىزىل قاتارلىق كېسەللەردىن كېيىن بۇ كېسەل پەيدا بولىدۇ.
ئالامىتى
بۇ كېسەل تۇيۇقسىز پەيدا بولىدۇ. بەزى بالىلار كېچىسى ساق يېتىپ، ئەتىگەندە بىر ياكى ئىككىلا پۇت-قولى پالەچ بولۇپ، مىدىرلىتىش ھەتتاكى ھەرىكەتلەندۈرۈش تەسلىشىپ قالىدۇ. لېكىن سېزىمدا ئانچە چوڭ ئۆزگىرىش بولمايدۇ. بۇنداق بالىنىڭ كېسەللەنگەن ئەزاسىنىڭ گۆشلىرى بارغانسېرى ئورۇقلاپ كېرەكسىز بولۇپ قالىدۇ. قول-پۇتى ۋە غول-بەللىرى ئاغرىيدۇ. ئارقىسىغا قېتىپ قالىدۇ. بەزەنلەرنىڭ ئىسسىتمىسى 4-5 كۈن داۋام قىلغاندىن كېيىن ئاندىن پالەچ باشلىنىدۇ. يىل بويى يېتىپ قېلىپ ساقايمايدۇ، كۆپىنچە بەل ئاستى پالەچلىنىدۇ.

tagh يوللانغان ۋاقتى 2014-5-22 15:11:49

hezret2011 ئەپەندى:
سىىز مۇشۇ كېسەلىكنىڭ ئىسلامدىكى داۋالاش،شىپا قاتارلىقلارنى چۈشەندۈرۈپ قويسىڭىز؟
داڭلىق ھەكىملىرىمىزنىڭ ئاەمنىڭ نىمىشقا كېسەل بۇلىدىغانلىقى،ھەمدە شىپاسىنىمۇ بىرىدىغانلىقى ھەققىدىكى
كۆر قاراشلىرىنى ئاڭىغان بولسڭىز سەپ باقسىڭىز؟
بەت: [1]
: بالىلار پالىچى