hezret2011 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-22 06:27:47

قېتىپ قېلىش كېسىلى، قاتما كېسىلى

قېتىپ قېلىش كېسىلى
(جۇمۇد)
بۇ كېسەلدە ئادەمنىڭ تۇيغۇ ۋە ھەرىكەتلىرى ئۇشتۇمتۇت سۇسلىشىپ، بىمار كىشى تۇرغان، ئۇخلاۋاتقان ياكى بىرەر ئىش بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان پېتىچە قېتىپ قالىدۇ. شۇ چاغدا كۆزلىرى ئوچۇق بولسا ئوچۇق ھالدا، كۆزلىرى يۇمۇق بولسا يۇمۇق ھالدا قالىدۇ.
سەۋەبى
بۇ كېسەلنىڭ ماددىسى سەۋدا خاراكتېرلىك بولۇپ مېڭە تومۇرلىرى توسۇلۇپ قالغاچقا سەۋدا مېڭىنىڭ ھەممە قىسمىنى قاپلاپ كېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ھەممە ئەزانىڭ تۇيغۇسى ۋە ھەرىكىتى توسالغۇغا ئۇچرايدۇ.
ئالامىتى
كېسەللىك ئۇشتۇمتۇت يۈز بېرىدۇ، ھەرىكەت بولمايدۇ، تىنىق ناھايىتى سۇس بولۇپ، ئىنچىكە تەكشۈرۈلسە بىلىنمەيدۇ. ئۇنى ئۇزاق ئۇخلاش (سۇبات) كېسىلى، سەرئى كېسىلى ۋە سەرسام كېسىلى بىلەن پەرقلەندۈرۈشكە دىققەت قىلىش لازىم. ئۇلارنىڭ پەرقى تۆۋەندىكىچە:
قېتىپ قېلىش كېسەللىكى بىلەن ئۇزۇن ئۇيقۇ كېسىلىنىڭ پەرقى
قېتىپ قېلىش كېسىلىدە        ئۇزۇن ئۇيقۇ كېسىلىدە
نەپەس سۇسلىشىپ قالىدۇ        تىنىقى بىلىنمەيدىغان دەرىجىگە يېتىپ بارمايدۇ
كۆپىنچە كۆزى ئوچۇق بولىدۇ        كۆزى يۇمۇلغان بولىدۇ
ئۇشتۇمتۇت يۈز بېرىدۇ        تەدرىجىي ئۇخلاپ قالىدۇ
تومۇرى ئاستا، قاتتىق سالىدۇ        تومۇرى يۇمشاق سالىدۇ
سوئالغا جاۋاب قايتۇرالمايدۇ        سوئال سورالسا كۆپىنچە ئېنىق جاۋاب بېرىدۇ

قېتىپ قېلىش كېسەللىكى بىلەن سەكتە (بىھوش) كېسىلىنىڭ پەرقى
قېتىپ قېلىش كېسىلىدە        سەكتە (بىھوش) كېسىلىدە
بىمارنىڭ گېلىدىن ھېچنەرسە ئۆتمەيدۇ        بىمارنىڭ گېلىدىن بىر ئاز ئۆتىدۇ
ئوڭدىسىغا يېقىلمايدۇ        كىشى ئوڭدىسىغا يىقىلىدۇ
لېكىن قېتىپ قېلىش (جۇمۇد) كېسىلىنىڭ سەكتە كېسىلىگە ئوخشايدىغان تەرەپلىرى كۆپرەك



قېتىپ قېلىش بىلەن سوغۇقتىن بولغان سەرسامنىڭ پەرقى
قېتىپ قېلىش كېسىلىدە        سوغۇقتىن بولغان سەرسام كېسىلىدە
قىزىتما بولمايدۇ        قىزىتما بولىدۇ
قول-پۇتلىرىنىڭ ھەرىكەتلىرى پۈتۈنلەي يوقىلىدۇ        قول-پۇتلىرىنىڭ ھەرىكەتلىرى پۈتۈنلەي يوقالمايدۇ










قاتما كېسىلى
بۇ كېسەل تۇيۇقسىز بېرىدۇ، ئادەم مەيلى ئۇخلىغان مەيلى قوپقان، مەيلى ئۆرە تۇرغان بولسۇن، كېسەل تۇتقاندا سەزگۈ ۋە ھەرىكەتتىن قالىدۇ. قىسقىسى كېسەل تۇتقاندا بىمار قانداق ھالەتتە تۇرسا، شۇ ھالەتتە تۇرۇپلا قالىدۇ. شۇڭا بۇ كېسەلنى تۇتقاقلىق (سەخۇش، ئاخۇدە ۋە خۇركە، سەزمەسلىك) دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
كېسەللىك سەۋەبى: بۇ كېسەلنىڭ سەۋەبى سەۋدا خىلىتى ئارقا مېڭىسىدە بىردىنلا توسۇلۇش (سۈددە) پەيدا قىلىشىدىن بولىدۇ.
داۋالاش: ھوشسىز ياتقان ھالەتتە ئىسسىق تەبىئەتلىك شامچىلار، سەۋدانى سۈرگۈچى كىلىزمىلار ئىشلىتىلىدۇ. كىلىزما سۇيۇقلۇقىغا ياسىمەن يېغى، بادام يېغى ۋە زەنجىۋىل ئارىلاشتۇرۇلىدۇ. ئەگەر قۇندۇز قەھرى ئارىلاشتۇرۇلسا تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. لېكىن ھوشىغا كەلگەن ۋاقىتتا سەۋدا خىلىتىنىڭ مۇنزىجىنى بېرىپ ئاندىن مۇسھىلىنى بېرىش، يېمەك ئىچمىكىگە ھۆل ئىسسىق غىزالارنى ئىستېمال قىلدۇرۇش، گەجگىسىنى موم يېغى بىلەن ياغلاش، قان خىلىتى غالىب كەلگەن بولسا قان ئېلىش، قاق پاچاققا ھىجامەت (شەخەك) قويۇش، ھەمدە قان ئالغاندا تومۇرنى كەڭرەك ئېچىش، ئەمما قاننى كەمرەك ئېلىش كېرەك.





بويۇن قېتىشىش ۋە ۋە تارتىشىش كېسىلى
(تەمەددۇد، كۇزاز)
بۇ، بويۇن ۋە گەجگىدىكى گۆش، پەيلەرنىڭ قېتىپ ياكى تارتىشىپ قېلىشى، بەزىلەردە چىشلىرى كىرىشىپ، تارتىشىپ قېلىشى بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىك.
سەۋەبى
بۇ كېسەللىكنىڭ سەۋەبى ھەر خىل بولىدۇ: 1. پەيلەر ئارىسىدىكى سۇيۇقلۇققا سوغۇقلۇقنىڭ تەسىر قىلىشى ئارقىلىق پەيلەردە (تارىمۇشلاردا) تارتىشىش يۈز بېرىدۇ. سوغۇقلۇقنىڭ تەسىر قىلىشى تۆۋەندىكىدەك بولىدۇ: سوغۇق سۇ، قار، مۇزلارنىڭ بىۋاسىتە تەسىر قىلىش ياكى بەدەن سىرتىدىن ئەپيۇن، مېھرىگىياھ يىلتىزى، بەڭگى دىۋانىگە ئوخشاش سوغۇق تەبىئەتلىك دورىلارنى تېڭىش ياكى ئىچىش قاتارلىقلار. 2. سەرسامغا ئوخشاش ماددىسى چىرىگەن كېسەل (يۇقۇملۇق كېسەل) لەر ياكى باشقا كېسەللەر، مەسىلەن: بوغما (خەنناق) كېسىلى، ئۆپكە ئىششىقى قاتارلىق يۇقىرى ھارارەتلىك كېسەللىكلەردە ھارارەت تۈپەيلىدىن بويۇن پەيلىرى تارتىشىپ قالىدۇ. 3. قۇرۇقلۇقتىن بولىدۇ. بۇنىڭدا قۇرۇقلۇق غەلبە قىلىپ پەي تارىمۇشلار ۋە گۆشلەر ئارىسىدىكى ھۆللۈكنى قۇرۇتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن پەي ۋە گۆش توقۇلمىلىرى يان تەرەپكە تارىيىپ، ئۇزۇنلۇققا كېڭىيىدۇ. نەتىجىدە ھەرىكەتلەندۈرگۈچى قۇۋۋەتنىڭ يولى ئېتىلىپ قالىدۇ. 4. دىققەتسىزلىكتىن پۇت-قوللار يارىلىنىش تۈپەيلىدىن بەدەن كېسەللىك زەھىرى بىلەن قوقاقلىنىپ (يۇقۇملىنىپ) بۇ كېسەللىك يۈز بېرىدۇ. 5. كۆيۈك جاراھىتىدىن كېيىنمۇ بۇ كېسەللىك يۈز بېرىدۇ. 6. قۇسۇشتىنمۇ يۈز بېرىدۇ. 7. زەھەرلىك ھاشاراتلار چېقىۋالغاندىنمۇ يۈز بېرىدۇ. 8. بەك قاتتىق ئىچ سۈرۈپ كەتكەندىنمۇ (سۇسىزلىنىش سەۋەبلىك) يۈز بېرىدۇ. 9. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ كىندىكىنى كەسكەندە قوقاقلىنىپ (يۇقۇملىنىپ) يۈز بېرىدۇ.
ئالامىتى
قېتىپ قېلىشتا تارتىشىش ئوقرەك ئالدى-ئارقا تەرەپتىن باشلىنىپ بىمار يېرىم تەرەپ گەۋدىسىنى مىدىرلىتالمايدۇ، ھەرىكەتلەندۈرەلمەيدۇ. بۇ بويۇن قېتىپ قېلىش تەمەددۇد دېيىلىدۇ. تارتىشىپ يىغىلىپ قېلىش (كۇزاز) دا تارتىشىش بويۇن ۋە گال قىسمىدا بولۇپ، ئاغرىق بويۇن قىسمىنى پەقەت ھەرىكەتلەندۈرەلمەيدۇ. ھەتتاكى تىلى كالۋالىشىپ قالىدۇ. گالدىن پەقەت ھېچنەرسە ئۆتمەيدۇ. غول ۋە بەل گۆشلىرىمۇ قېتىپ قالىدۇ.
كېسەل تۇتۇشتىن ئىلگىرىكى ئالامەتلەر
پۈتۈن بەدەن قىچىشىدۇ، ھەرقانچە قاشلىسىمۇ پەسەيمەيدۇ. كۆزى قىزىل بولۇپ، كۆزىنى بىر ئېچىپ بىر يۇمۇپ تۇرىدۇ. چېكە ۋە ماڭلاي تومۇرلىرى كۆپكەن بولىدۇ. چىرايى قارا رەڭگە كىرىپ قالىدۇ. ئېغىز ۋە تىلى قۇرۇپ كېتىدۇ. قېتىپ قېلىش (تەمەددۇد) بولغاندا يۈز گۆشلىرى تارتىشىپ قالىدۇ. نەتىجىدە ئاغزى ھىجايغاندەك (كۈلكە) قىياپەتكە كىرىپ قالىدۇ. مەزكۇر كېسەللىك سۈيدۈك خالتىسى، ئۈچەي قاتارلىق ئەزالاردا يۈز بەرگەندە سۈيدۈك توختىمايدۇ. ھەتتاكى تومۇرلار ئۈزۈلۈپ كېتىش نەتىجىسىدە سۈيدۈكتە قان كېلىدۇ. ئۈچەيدە يۈز بەرسە قۇلۇنجى كېلىپ چىقىدۇ، لېكىن كېسەلنىڭ ئەس-ھوشى جايىدا بولىدۇ.

يىغىلىپ قېلىش
(تەشەننۇج)
بۇ، پەي تارتىش ۋە مەلۇم ئەزانىڭ تارتىشىپ قېلىشى بىلەن ئىپادىلىنىدىغان ئەسەب (نېرۋا) خاراكتېرلىك كېسەللىك، ئۇ تۆت خىل بولىدۇ: 1. پەيلەر توشۇپ قالغاندىن بولغان تەشەننۇج. 2. پەيلەرگە قۇرۇقلۇق يەتكەندىن بولغان تەشەننۇج. 3. پەيلەرگە يەل قاپلىشىۋالغاندىن بولغان تەشەننۇج. 4. سىرتقى تەسىرلەردىن بولغان تەشەننۇج.
پەيلەر توشۇپ قالغاندىن بولغان تەشەننۇج
(تەشەننۇجى ئىمتىلائى)
پەيلەرگە خىلىتلار توشۇپ قالغانلىقتىن كېلىپ چىقىدۇ. بۇنىڭدا ھۆللۈك ئاساسىي ئورۇندا تۇرغاچقا ھۆللۈكتىن بولغان تەشەننۇج (تەشەننۇجى رۇتەب) دېيىلىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى نەچچە خىل بولىدۇ: 1. قويۇق بەلغەمدىن كۆپرەك بولىدۇ. ئانچە-مۇنچە سەۋدادىنمۇ بولىدۇ. چۈنكى ماددىلار پەيلەرنىڭ كاۋاكلىرىغا كىرىپ پەيلەرنى تولدۇرۇپ توغرىسىغا سوزۇپ قويىدۇ. پەيلەرنىڭ بەلغەم سۇيۇقلۇقىنى ئۆزىگە تارتىشى ياكى تارتىش (جازىبە) قۇۋۋىتى كۈچلۈك بولسا، قويۇق خىلىتلارنى تارتىپ كەتكەنلىكى تۈپەيلىدىن توغرىسىغا سوزۇلۇشقا مەجبۇر بولۇپ، يىغىلىش ئارقىلىق تەشەننۇج كېسىلىنى پەيدا قىلىدۇ.
ئالامەتلىرى
يىغىلىش بىردىنلا پەيدا بولىدۇ. ئەزادا ئېغىرلىق ۋە سۇسلۇق پەيدا بولىدۇ. بولۇپمۇ ھەرىكەت قىلغاندا تېرە تارتىشىدۇ. تومۇرى توغرىسىغا سالىدۇ. سۈيدۈكى قويۇق بولىدۇ. بەدەن رەڭگى ئاق بولىدۇ. گۆشلىرى بوش، ۋە يۇمشاق بولىدۇ، تۇتۇپ باقسا سوغۇق بىلىنىدۇ. ئۇسسۇزلۇق بولمايدۇ. لېكىن كۆپ ئۇخلايدۇ. پەيلىرى سۇسلىشىدۇ. 2. قان خاراكتېرلىك ئىششىقتىن پەيدا بولىدۇ. بەزىدە سەپرا خاراكتېرلىك ئىششىقتىنمۇ پەيدا بولىدۇ. ئالامەتلىرى قان خاراكتېرلىك ئىششىقتا ئاغرىش قاتتىق ۋە ئېغىر بولىدۇ. لوقۇلداپ ئاغرىيدۇ. سەپرا خاراكتېرلىك ئىششىقتا كۆيۈشۈش، ئېچىشىش ۋە تېلىش، سىرقىراپ ئاغرىشلار بولىدۇ. بۇ ئىككى خىل ئالامەتتىن يەنە ھەر بىر ئىششىق بىلەن بىللە كۆرۈلىدىغان ئالامەتلەر بولىدۇ. 3. ئۆتكۈر ئىسسىتمىدىن كېيىن پەيدا بولىدۇ. قىزىتمىنىڭ ھارارىتى ماددا ئېرىپ پەيلەر ۋە سېرىق ئەتلەرگە چۈشىدۇ. يىغىلىپ قېلىشتىن ئىلگىرى، ئۆتكۈر ئىسسىتمىلىق خاراكتېرىدىكى كېسەل بولغان بولىدۇ. ھارارەتنىڭ گرادۇسى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەندىن تارتىشىپ يىغىلىپ قېلىش يۈز بېرىدۇ. بەلغەمدىن بولغان تەشەننۇجنى داۋالاشتا ئالدى بىلەن ماددىنى پۇشۇرۇش ئۈچۈن ھەر كۈنى ناشتىدا مائۇلئۇسۇل شەربىتىگە گۈلقەنت قوشۇپ بېرىش لازىم. ماددا پىشقاندىن (تەڭشەلگەندىن) كېيىن پالەچ كېسەللىكىدە ئېيتىلغان ئايارەجلەر، مەسىلەن، ئايارەج پەيقارا بېرىلىدۇ. لېكىن ماددىنى تازىلاشتا ئەسەبلەردىكى ماددىنى تولۇق تارتىپ چىقىرىش ئۈچۈن يەڭگىل دورىلار قوللىنىلىپ ئاستا-ئاستا تەدرىجىي ئېلىپ بېرىش لازىم..........
پەيلەرگە قۇرۇقلۇق يەتكەندىن بولغان تەشەننۇج
(تەشەننۇجى يابىس)
بۇ تەشەننۇجنى ئىستىمرائى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
سەۋەبى
ئەزانى قۇرۇتقۇچى سەۋەبلەر، مەسىلەن: كۆپ قۇسۇش ياكى ئۇزۇن مۇددەت ئىچى سۈرۈش ئارقىلىق سۇيۇقلۇقلارنى ئارتۇق چىقىرىش، ئادەتتىن تاشقىرى ئاچ قېلىش، ئۇيقۇسىزلىق ۋە ئارتۇق جاپا تارتىش قاتارلىقلار، ئۆتكۈر ئىسسىتمىلىق كېسەللەر تۈپەيلىدىن پەيلەردىكى ئەسلى ھۆللۈك قۇرۇش ئارقىلىق يىغىلىش قاتارلىقلار.
ئالامىتى
يىغىلىپ قالغان ئەزا ئورۇق ۋە ئىنچىكە بولىدۇ. كېسەل تۇتۇشتىن ئىلگىرى بىمار ئۆتكۈر كېزىك قاتارلىق ئىسسىقلىق ۋە قوقاقلىق كېسەللەر بىلەن ئاغرىغان تارىخى بولىدۇ. يىغىلىش ئاستا-ئاستا باشلىنىدۇ. ئاپەت يەتكەن ئەزانى ياغلاپ باقسا تېزدىن يىگلەپ كېتىدۇ. تەشەننۇج ئىمتىلائى بىلەن تەشەننۇجى يابىسنىڭ پەرقى:


تەشەننۇج ئىمتىلائى بىلەن تەشەننۇجى يابىسنىڭ پەرقى
تەشەننۇج ئىمتىلائىيدا        تەشەننۇجى يابىستا
تەشەننۇج بىردىنلا باشلىنىدۇ        ئاستا-ئاستا پەيدا بولىدۇ
ياغنى ئۆزىگە تېز تارتمايدۇ        ياغلىسا تېزدىن قۇرۇپ كېتىدۇ
ئەزالار كۆپۈپ قالىدۇ        ئەزا ئورۇق ئىنچىكە بولۇپ قالىدۇ
قۇرۇق تەشەننۇج قېرىلار ۋە ئوتتۇرا ياشلىقلاردا بولسا ساقايمايدۇ. ئەگەر ياشلار ۋە كىچىك بالىلاردا بولسا ئاز ساندىكى ساقىيىش مۇمكىن، لېكىن  ئۇزاققا سوزۇلىدۇ




يەلدىن بولغان تەشەننۇج
(تەشەننۇجى رىيھى)
سەۋەبى
يەللىك تاماقلارنى كۆپ يېگەنلىكتىن قويۇق بۇس-بۇخاراتلار ھاسىل بولۇپ، بۇس-بۇخاراتلارنىڭ بېسىمىدىن پەيلەر كۆپۈپ توغرىسىغا كېڭىيىدۇ، ئۇزۇنىسىغا تارىيىدۇ-دە، يىغىلىش پەيدا بولىدۇ.
ئالامىتى
كېسەل ئۇشتۇمتۇت بىردىنلا تۇتىدۇ، تېزدىن ئەسلىگە قايتىدۇ.

مېڭە ياكى نېرۋىدىن بولغان تەشەننۇج
بۇ خىلدىكى تەشەننۇج ماددا بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولۇپ، نېرۋا-ئەسەبلەرگە سىرتتىن ياكى ئىچكى جەھەتتىن بىرەر ئاپەت يەتكەنلىكتىن ئەسەبلەر (نېرۋىلار) ئاپەتتىن قېچىپ ئۆزىنىڭ مەركىزىگە قاراپ يىغىلىۋالىدۇ-دەپ، تەشەننۇجنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
سەۋەبى
پەيلەرگە ئاپەت يېتىش ئومۇمىي سەۋەب بولۇپ، ۋاسىتىلىك ۋە بىۋاسىتە دەپ ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبلىرى كۆپ خىل بولىدۇ: 1. سېرىق ئەت ۋە پەيلەرگە ئۇرۇلۇپ، سوقۇلۇشتىن ئاپەت يېتىپ يېرىم تەشەننۇجنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. (ئەگەر پۈتۈن كېسىلسە ئىستىرخا كېلىپ چىقىدۇ). 2. ئۆتكۈر خاراكتېرلىك چېتىلغۇچى ۋە يېگۈچى خىلىتلار پەيلەرگە چۈشكەنلىكتىن نېرۋىلار بۇ زەرەردىن سەسكىنىپ ئەسلى ئۈنۈپ چىققان جايغا قاچىدۇ-دە، مەزكۇر كېسەللىك پەيدا بولىدۇ. 3.زەھەرلىك ھاشاراتلار چېقىش بىلەن مېڭىنى زەھەرلىگەنلىكتىن كېلىپ چىقىدۇ. 4. ئەپيۇن، كۇچۇلىغا ئوخشاش زەھەرلىك دورىلارنى يەۋېلىش ئارقىلىق دورىنىڭ زەھىرى بەدەندىكى ھۆللۈكنى توڭلىتىپ ياكى ئۇيۇتۇپ قويۇقلاشتۇرۇپ قويغان بولىدۇ (بۇنىڭغا ئوخشاش دورا شەربەتلەردىن زەھەرلىنىش) دىن كېلىپ چىقىدۇ. 5. مېڭىگە قاتتىق سوغۇق تەگكەنلىكتىن پەيلەر يىغىلىۋېلىپ كېلىپ چىقىدۇ.  6. ئۆتكۈر زەڭگەر خىلىتىنى قۇسقاندا ئاشقازان ئېچىشىپ زەھەرلىك ماددىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، ئاشقازانغا تۇتاش بولغان پەي خاراكتېرلىك ئەزالاردا قىسقىراش پەيدا بولۇپ كېلىپ چىقىدۇ. 7. ئاشقازاننىڭ كىرىش قىسمىنى ئاچچىق چۈچۈمەل خىلىت غىدىقلايدۇ، ئۇ يەرنىڭ سېزىمچانلىقى يۇقىرى بىر جاي بولغانلىقى ئۈچۈن غىدىقلىنىشقا چىدىماي قىسقىرايدۇ-دە، مەزكۇر كېسەللىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 8. ئاشقازاندا بىرەر ئۆتكۈر خاراكتېرلىك كېسەللىك بولۇپ، ئاشقازان ئارقىلىق پۇت-قول بۇلجۇڭ گۆشلىرىنىڭ تارتىشىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 9. قورساقتىكى قۇرتلار ئۈچەينى چىشلەپ غىدىقلىغانلىقتىن ئۈچەي نېرۋىلىرى يىغىلىدۇ-دە، شۇ نېرۋا ئەسەبلەرگە تۇتاش ئەزالاردا تەشەننۇج پەيدا قىلىدۇ. 10. بوۋاقلارنىڭ كىندىكىنى كېسىش، 11. بالىلاردا چىش چىقىش ھارپىسىدا. 12. قاتتىق قورقۇپ كەتكەندە، 13. ئارقا تەرەت توختاپ قالغاندا (قەۋزىيەت بولۇپ قالغاندا)، 14. سۈيدۈكلۈكتە تاش پەيدا بولغاندا، 15. نادان، ئەخلاقسىز، ئەخمەق ئادەملەردە، 16. جىنسىي ئالاقە بىلەن كۆپ شۇغۇللانغۇچىلاردا، 17. ئاياللاردا ھەيز نورمالسىزلانغانلاردا كۆپ ئۇچرايدۇ.
ئالامىتى
ئۇرۇلۇش، سوقۇلۇش، كېسىلىشتىن بولغان تەشەننۇج تاشقى ھادىسىدىن بولغاچقا ئۇنىڭ ئۆزىگە خاس ئالامەتلىرىنى ئاسانلا بىلگىلى بولىدۇ. داۋالاشتا زەخىملەنگەن يارىلارنى داۋالاش بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.
ئۆتكۈر چىشلىگۈچى ماددىدىن (خىلىتتىن) بولغانلىرىدا شۇ خىلىت بار جاينى ئېچىشتۇرغۇچى، تاتىلىغۇچى بىر نەرسىنىڭ ئاغرىغىنىنى سېزىدۇ. ئاشقازانغا سەپرا قۇيۇلغانلىقتىن بولغىنىدا سەپرا بەلگىلىرى كۆرۈلىدۇ. كۆڭۈل ئېلىشىش، ئاشقازان كۆيۈشۈش قاتارلىق ئەھۋاللار بولىدۇ. ئۈچەيدىكى قۇرتتىن بولغان تەشەننۇجدا ئۈچەيدىن قۇرت چۈشىدۇ ياكى تەرەتنى تەكشۈرگەندە قۇرت تېپىلىدۇ. باشقىلىرىنىڭمۇ ئۆزىگە خاس ئالامەتلىرى بولىدۇ.




hanjar330 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-22 23:25:49

مەندىكىسىمۇ قېتىپ  قېلىش كېسىلىمىدۇ ؟ مەندىكىسى ئۇخلاشنىڭ ئالدىدىلا يۇز بىرىدۇ ، يېتىپ ئازراق ئۇيقۇم كەلگەندە خۇددى يېرىم ئۇخلاپ قالغاندەك قۇلۇقۇم ئاڭلايدۇ، كۇزۇم ئۇچۇق بولسا شۇ ئۇدۇلنىلا كۇرىدۇ( يۇمۇق بولسا كۆرمەيدۇ ؟ئەلۋەتتە كۆرمەيدۇدە)، ھىس تۇيغۇلۇرۇم شۇنداق جايىدا  لىكىن قەئىى مىدىرلىيالمايمەن  كۈچەپ مىدىرلاشقا تىرىشىپ بىريىرىم  مىدىرلاپ كەتسىلا پۇتۇن ئويغۇنۇپ كىتىمەن . دائىم ئاسمانغا قاراپ ياتقاندىلا شۇنداق بۇلىمەن، بەزىدە كەينى كەينىدىن 3~4~5 كۈنمۇ شۇنداق بوپ قالىمەن، بەزىدە ئايلاپ نەچچە ئايلاپمۇ بولمايمەن. بۇرۇن مۇشۇنداق بوپقالغاندا خۇددى ئۈستۇمدىن ئالۋاستى بېسىۋالغاندەك بەپ سۈر بېسىپ كىتەتتى،  ھازىر كۈنۇپ قالدىممۇ كۈچەپ مىدىرلاشقا  تىرىشىپ مىدىلاپلا ئوڭشۇلۇپ كىتىمەن ھىچ قانداق قورقۇنۇش يوق. ئۆيدىكىلەردىن سورىسام داداممۇ  دادامنىڭ دادىسىمۇ مۇشۇنداق بۇلىدىكەنتۇق قارىغاندا ماڭىمۇ ئىرسىيەت قالغان چېغى. بۇنداق ئىش باشقىلاردىمۇ بارمۇ ؟ ياكى بۇ بىر كېسەللىكمىدۇ ؟ مۇشۇ  ھەقتە بىلىدىغان  تورداشلار بىر مەسھىلەت بەرگەن بولساڭلار.

hezret2011 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-23 10:02:06

سىزدىكى بۇ خىل ئالامەت ئۇيغۇر تېبابىتىدە كابۇس (قارا بېسىش) دەپ ئاتىلىدۇ.
بەت: [1]
: قېتىپ قېلىش كېسىلى، قاتما كېسىلى