hezret2011 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-22 06:24:17

ئەسەب ئاجىزلىقى (نېرۋا ئاجىزلىقى)

ئەسەب ئاجىزلىقى (نېرۋا ئاجىزلىقى)
بۇ كېسەل دەم ئالماي ئەقلىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللانغان ياكى روھىي زەربە ۋە ئىچ پۇشۇقلارنى كۆپ تارتقانلاردا تولاراق ئۇچرايدۇ. ئەسلىدە ئەركە-نايناق، ئۆزۈمچى، تۇرمۇش ۋە جەمئىيەتتە يېتەرلىك چېنىقمىغان، قىيىنچىلىقنى يېڭىش ئىرادىسى ئاجىز كىشىلەر توساتتىن مەلۇم چوڭراق روھىي زەربە، قىيىنچىلىقلارغا يولۇقسا ئاسانلا بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولىدۇ.
ئالامىتى
مېڭىسى قوزغىلىشچان، ئۆزى نازۇك بولۇپ قالىدۇ. ئازغىنا ئىشلاردىن خاپا بولۇپ يىغلاپ كېتىدىغان، پۈتۈن ئەزايىنى كېسەل دەپ ھېس قىلىدىغان "ئۇ يېرىم ئاغرىيدۇ، بۇ يېرىم ئاغرىيدۇ" دەپ كۆپ زارلىنىدىغان، كىمنى كۆرسە دەرد-ئەھۋال تۆكىدىغان بولۇپ قالىدۇ. سەۋرسىز، يېنىك تەبىئەت، ئويچان بولۇپ قالىدۇ. ئۇيقۇسى ياخشى بولمايدۇ. ئۇخلىغاندا قالايمىقان چۈش كۆرىدۇ ۋە ئۇنۇتقاق بولىدۇ. ئىشتىھاسى تۇتۇلۇپ، ماغدۇرسىزلىنىدۇ. كېسەللىك ئۇزۇن سوزۇلسا كەم قانلىق، ئورۇقلاش، گۇمانخورلۇق ئەھۋاللىرى كېلىپ چىقىدۇ. داۋاملىق پۇت-قولى تىترەيدىغان تاماق سىڭمەيدىغان، بېشى ئاغرىپ قايىدىغان، يۈرىكى سىقىلىدىغان، ئازغىنا ئەقلىي ياكى جىسمانىي ئەمگەك قىلسا ھاسىراپ كېتىدىغان بولۇپ قالىدۇ. ھەتتاكى بىرەر بەت خەت يېزىشمۇ تەس كېلىدىغان، ئۇخلىيالمايدىغان، ئۇنۇتقاق بىرەر ئىش ئۈستىدە ئويلاپ خۇلاسىگە كېلەلمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ. خىيالىي نەرسىلەرنى ئويلايدىغان، كۆپ غەم-قايغۇ قىلىدىغان، ئۆز كېسىلىنى ئېغىر دەپ قاراپ قورقۇپ، تېۋىپ، دوختۇرلارغا كۆپ كۆرۈنىدىغان، پايدا قىلىدۇ دەپ ئاڭلىغانلا دورىنى ئىزلەپ يۈرىدىغان، ئەرلەردە كۆپ ئېھتىلام بولىدىغان، ئاياللاردا ھەيز قالايمىقانلىشىدىغان بولۇپ قالىدۇ. ئازراق ئاچچىقى كەلسە يۈرىكى سېلىپ چىرايى تاتىرىپ كېتىدۇ. كىچىكلا ئىشلاردىن بىكاردىن-بىكارغا قورقۇپ ئۈمىدسىزلىككە چۈشۈپ قالىدۇ. پۇت-قوللىرىنىڭ گۆشلىرىمۇ سىرقىراپ ئاغرىپ كېتىدۇ. گەرچە بىمار نۇرغۇن كېسەللىكلىرى بارلىقى ھەققىدە شىكايەت قىلسىمۇ تەپسىلىي تەكشۈرگەندە بىمار ئېيتقان كېسەللىك بەلگىلىرى ئېنىق تېپىلمايدۇ.

umid2003 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-22 07:49:08

بىر قىسىم ئالامەتلەر مېىنڭ ئايالىمدا كۆرۈلىۋاتقاندەك قىلىدۇ،مۇمكىن بولسا داۋالاش ئۇسۇللىرى ھەققىدە مەسلىھەت بەرگەن بولسىڭىز !
بەت: [1]
: ئەسەب ئاجىزلىقى (نېرۋا ئاجىزلىقى)