مۇبارەك 3 يىل كىسىلدى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا izchilar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-5-21 21:09مىسىر سوتى چارشەنبە كۈنى سابىق ئەلباش ھۆسنى مۇبارەككە ئەلباش مەھكىمىسى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ئاممىۋى فونددىن ئوغۇرلۇقچە ئىشلەتتى دەپ ئۈچ يىل قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلدى. ئۇنىڭ ئىككى ئوغلىمۇ ئوخشاش جىنايەت بىلەن تۆت يىل كىسىلدى.
سوت مەھكىمىسى مۇبارەك ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا تەخمىنەن 2.98مىلىيۇن دوللار جەرىمانە قويدى ۋە ئۇلار يۇتىۋالغان 125 مىلىيۇن مىسىر فونىستىرلىڭى ‹Egyptian pounds›نى قايتۇرۇشنى بۇيرىدى.
مۇبارەكنىڭ سابىق مىسىر بىخەتەرلىك ئىدارىسى بىشى ئابدۇلفەتتاھ سىيسىنىڭ كىلەر ھەپتە يىڭى ئەلباش بولۇپ سايلىنىشى مۇقىملىشىپ بولدى.
2011-يىلى،مۇبارەك تەخىتتىكى چاغدا كۆتۈرۈلگەن قوزغۇلاڭدا نامايىشچىلارنى ئۆلتۈرۈش بۇيرۇقى بەردى دەپ قارالغان ھۆكۈمنىڭ قايتا قاراپ چىقىلىش باسقۇچىنىڭ داۋاملىشى بىلەن ئاۋغۇستتىن باشلاپ مۇبارەك بىر ھەربىي دوختۇرخانىدا نەزەربەنت ئاستىدا ئىدى.
ھازىرچە تىخى مۇبارەك ۋە ئوغۇللىرىنىڭ ھەربىي دوختۇرخانىغا قايتۇرۇلۇشى ياكى كىسىمنىڭ دەرھال ئىلان قىلىنىپ تۈرمىگە ئەۋەتىلىشى ئىنىق ئەمەس ئىكەن.
مەنبە:http://www.chinadaily.com.cn/world/2014-05/21/content_17531659.htm بۇ ئاداش قىرغىنچىلىق قىلماپتىكەنما ؟ مىسىرلىقلارغا مۇبارەك بەكلا ئارتۇق كەتكەن،ئۇلارغا سىسى ئەڭ لايىق.
مۇبارەك بولسۇن سىسى ئامرىكىنىڭ ئەرمىكى كەستىڭمۇ دىسە كەستىم دەيدىغانغا ياخشى جاۋاپ بوپتۇ . ھەقەپ ئۇزۇن كىسىۋېتىپتا مەن تېخى پات يېقىندا ئاقلىنىپ چىقىدۇ دەپ ئويلىغان مۇبارەكنى دارغا ئاسمامدا ئالدىرىماي تارتىدۇ كىينچە، كۈنلىرىڭلارنىڭ مۇبارەك دەۋىرىگە ئاجايىپ ئوخشىشىپ كېتىدىغانلىقىنى ھىس قىلغىنىڭلاردا، چوڭ ئالدام خالىتىسغا چۈشۈپ كەتكەنلىكىڭىلارنى ھىس قىلارسىلەر بەلىكىم¬! مىلىيۇن مىسىر فونىستىرلىڭى 125 قانچىلىك دوللارئ مىسىرمۇ فونىستىرلىڭ ئىشلىتەمدۇ؟ ئۆلدى داۋاتاتتىغۇ بۇنى...
بەت:
[1]