waskitbol يوللانغان ۋاقتى 2014-5-21 18:30:08

ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ يۇقۇرى سەۋىيەدىكى ۋاسكېتبول مۇسابىقىسى

   ئۇيغۇر ۋاسكېتبول تورىنىڭ مەخسۇس خەۋىرى؛  خوتەن ۋىلايەتلىك مەدىنىيەت-تەنتەربىيە ئىدارىسى، خوتەن ۋىلايەتلىك ۋاسكېتبولچىلار جەمئىيىتى، خوتەن ئۇدۇن ئىلىكتىر ئۈسكۈنىلىرى ئۆي جازىلىرى شىركىتى تەشكىللىگەن  « خوتەن ئۇدۇن لۇڭقىسىنى تالىشىش ۋاسكېتبول تەكلىپ مۇسابىقىسى » 2014-يىلى4-ئاينىڭ 28-كۈندىن 5-ئاينىڭ 3-كۈنگىچە خوتەن شەھرىدىكى خوتەن ۋىلايەتلىك ياش-ئۆسمۈرلەر پەن تىخنىكا مەدىنىيەت-تەنتەربىيە پائالىيەت مەرگىزى ۋاسكىتبول مەيدانىدا  ئىلىپ بىرىلدى.
  بۇ قىتىمقى خوتەن ئۇدۇن لۇڭقىسىنى تالىشىش ۋاسكىتبول تەكلىپ  مۇسابىقىسىگە دۆلەت ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ گۇاڭخۇي ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ ئەزاسى،  پەخىرلىك ئۇيغۇر ۋاسكىتبول چولپانىمىز شىرئەلىجان مۇختەر، قىرغىز يىگىتى قىرانبەك،  شىنجاڭ گۇاڭخۇي ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ ئەزاسى مەردان تۇرسۇن، شەنشى ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ ئۇيغۇر ئەزاسى مۇرات ئادىلجان، شىنجاڭ گۇاڭخۇي ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ سابىق ئەزاسى خەن لىي، شىنجاڭ ئۇنۋىرستىتى ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ ئەزاسى خاستېرقاتارلىق داڭلىق ۋاسكېتبولچىلىرىمىز خوتەندىكى مىللى كارخانىلار تەشكىللىگەن كوماندىلارغا تەكلىپ قىلىنىپ  مۇسابىقىگە قاتناشتى.
  2014-يىلى5-ئاينىڭ 3-كۈنى كەچ  ئىلىپ بىرىلغان  ھەل قىلغۇچ  مۇسابىقىدە  شىرئەلىجان مۇختەر، مۇرات ئادىلجان يىتەكچىلىگىدىكى  ئۇدۇن ئىلىكتىر ئۈسكۈنىلىرى ئۆي جازىلىرى شىركىتى كوماندىسى 87-73 نەتىجە  بىلەن مەردان تۇرسۇن يىتەكچىلىكىدىكى خوتەن ئوۋلوبا ئۇيۇنچۇق شەھەرچىسى كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى.  ئۈچۇنچىلىكنى تالىشىش مۇسابىقىسىدە  خوتەن يىڭى ھايات دۇختۇرخانىسى كوماندىسى  89- 82 نەتىجە بىلەن   قىرغىز يىگىتى قىرانبەك يىتەكچىلىگىدىكى خوتەن دىلپاك كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى.
   بۇ قىتىمقى «خوتەن ئۇدۇن لۇڭقىسىنى تالىشىش ۋاسكېتبول تەكلىپ مۇسابىقىسى» قىزغىن كەيپىيات ۋە ھاياجان ئىچىدە ئاخىرلاشتى.  بۇ قىتىمقى مۇسابىقىدە  ئۇدۇن ئىلىكتىر ئۈسكۈنىلىرى ئۆي جازىلىرى شىركىتى كوماندىسى چىمپىيۇنلۇققا، خوتەن ئوۋلوبا ئۇيۇنچۇق شەھەرچىسى كوماندىسى ئىككىنچىلىككە، خوتەن يىڭى ھايات دۇختۇرخانىسى كوماندىسى  ئۈچۇنچىلىككە ئىرىشتى. نەتىجىگە ئىرىشكەن كوماندىلار ئايرىم - ئايرىم ھالدا 30 مىڭ يۈەن، 20 مىڭ يۈەن، 10 مىڭ يۈەن بىلەن مۇكاپاتلاندى.
  بۇ قىتىمقى مۇسابىقە ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى بۇيىچە ئەل ئىچىدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىلەر ئىچىدە كۈلىمى چوڭ، سەۋىيەسى بىر قەدەر يۇقۇرى  بۇلۇپ . ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ يۇقۇرى سەۋىيەدىكى ۋاسكېتبول مۇسابىقىسى دەپ قارالدى.


ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە پۈتۈن مەيدان سېن فىلىمى

بىرىنچى چارەك مۇسابىقە سېن كۈرۈنىشى

http://player.56.com/v_MTEzMzIxOTIy.swf

ئىككىنچى چارەك مۇسابىقە سېن كۈرۈنىشى

http://player.56.com/v_MTEzMzIzMzY4.swf

ئۈچۈنچى چارەك مۇسابىقە سېن كۈرۈنىشى

http://player.56.com/v_MTEzMzIyNjY1.swf

تۆتىنچى چارەك مۇسابىقە سېن كۈرۈنىشى

http://player.56.com/v_MTEzMzIzOTYw.swf

مۇسابىقىگە ئالاقىدار سۈرەتلەر



ئەسلى مەنبە؛ ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مۇنبىرى؛ http://waskitbol.com/portal.php

dillani يوللانغان ۋاقتى 2014-5-21 21:42:21

دىيارىمىزدا ئېلىپ بېرىلغان بۇمۇسابىقىدىن خوتەنلىكلەر بەك پەخىرلەندى .خوتەندە ھەم شەخىسلەر ئاچقان تەنتەربىيە مەيدانلىرى خېلىلا كۆپ .ھەممىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن .

TILSIMAT يوللانغان ۋاقتى 2014-5-21 21:52:37

خوتەن شەھرىنىڭ ۋاسكىتبول ئىشلىرىنى قوللىشى بەك ياخشى ،بولۇپمۇ مىللى كارىخانىلارنىڭ،بۇنداق جىق چولپانلانى تەكلىب قىلىش ھەقىقەتەنمۇ ئاسان ئەمەس!!!

alip28 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-24 12:32:20

بىرىنچى  چارەكنى كۆرۈپ  تۈگەتتىم  ،  ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن بولسا نەق مەيدانغا  بېرىپ  كۆرگۈچىلىكى بار  ئېسىل مۇسابىقە  بوپتىكەن  ،  ئەپسۇس  ...   ئۇيغۇرلىرىمىزنىڭ  مۇشۇنداق  يۇقىرى  سەۋىيەلىك  مۇسابىقىسىنى نەق مەيداندىن  ھاياجان بىلەن كۆرىدىغان  پۇرسەتمۇ  كېلەر  يەنە  ئاللا خالىسا  !  
        ۋاسكىتبول  توغرىسىدا  تولىمۇ  ئەھمىيەتلىك  تېمىلارنى  يوللاۋاتىسىز  قېرىندىشىم  ،  مۇسەبىقە  ئۇچۇرى  ۋە  سىنلىرىدىن بىزنى خەۋەردار قىلغىنىڭىزغا كۆپ تەشەككۈر !      تەكلىپىم  : ئەگەر شارائىت يار بەرسە    كېيىن  يەنە  مۇشۇنداق  مۇسابىقىلەرنى  سۈزۈكلۈكى  تېخىمۇ  يۇقىرى  بولغان  كەسپىراق  ئاپاراتلاردا سىنغا  ئالساڭلار  تېخىمۇ  شۇنداق  ئېسىل  ئىش بولەتتىكەن  
بەت: [1]
: ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ يۇقۇرى سەۋىيەدىكى ۋاسكېتبول مۇسابىقىسى