sarwan يوللانغان ۋاقتى 2014-5-21 10:52:33

Surface Pro3 تاختا كومپيۇتېرى ئېلان قىلىندى


Surface Pro3 ئېلان قىلىندى
تۆنۈگۈن ئاخشام(2014-يىلى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى كەچ سائەت 9 ) مىكروسوفت شىركىتى نىيۇيورك شەھرىدە مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى. يىغىندا مىكروسوفت شىركىتىنىڭ ئەڭ يېڭى تاختا كومپيۇتېرى surface pro3 ئېلان قىلىندى. يىغىننىڭ باشلىنىش قىسمىدا مىكروسوفتنىڭ يېڭى CEO سى ساتىيا نادىللا سۆزلىدى.
surface pro3 تاختا كومپيۇتېرنىڭ سەپلىمىسى ھازىر بازاردىكى ھەرقانداق بىر تاختا كومپيۇتېردىن يۇقۇرى بولۇپ، مەشغۇلات سىستېمىسىمۇ تولۇق ئىقتىدارلىق كومپيۇتېر نۇسخىسىدىكى Windows مەشغۇلات سىستېمىسى.
بۇ تاختا كومپيۇتېرنىڭ ئىكران چوڭلۇقى 12 دىيۇمغا كۆتۈرۈلگەن بولۇپ لەپتوپ(يان كومپيۇتېر) غا تېخىمۇ يېقىنلاشقان. ئىكران ئىنىقلىقى 2160x  1440 بولۇپ بازاردا سېتىلىۋاتقان مۇتلەق كۆپ قىسىم لەپتوپ كومپيۇتېرلاردىن يۇقۇرى. CPU غا Intel نىڭ i3,i5,i7 مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچلىرىنى ئىشلەتكەن. ئېغىرلىقى 800گىرام، قەلەم ۋە ماگىنىتلىق كونۇپكا تاختىسى سەپلەنگەن. قىسقىسى بۇ لەپتوپنىڭ ئورنىغا ئىشلەتكىلى بولىدىغان تاختا كومپيۇتېر.

ئىكراننىڭ، ئىكراندىكى سىنزورلارنىڭ ئىنىقلىق دەرىجىسى يوقۇرى بولۇپ خاتىرىگە خەت يازغانغا ئوخشاش يۇقۇرى ئىنىقلىقتا قوليازما خەتلەرنى يازغىلى، رەسىم سىزغىلى بولىدۇ. قەلىمىگە سۈرەت تارتىش كونۇپكىسى ئورنىتىلغان بولۇپ قەلەم كونۇپكىسىنى بېسىپلا كامىرادا سۈرەت تارتقىلى، تور بەتلەردىن رەسىم تۇتقىلى، تاقاق ھالەتتە قەلەم كونۇپكىسىنى بېسىپ تاختا كومپيۇتېرنى بىۋاستە قوزغىتىپ خاتىرە پىروگراممىسىنى ئاچقىلى بولىدۇ.
ئادوب شىركىتىمۇ سەزمە ئىكرانلىق windows لار ئۈچۈن photoshop نىڭ مەخسۇس نۇسخىسى ياسىغان بولۇپ surface كومپيۇتېر بىلەن ناھايىتى ماسلىشىپ ئىشلەيدۇ.

مەيلى سەپلىمە، قوللاش جەھەتتىن بولسۇن لەپتوپ ياكى ئۈستەل يۈزى كومپيۇتېرنىڭ ئورنىدا ئىشلىتىشكە بولىدۇ. ئادەتتىكى كەسپى ئۈستەل يۈزى پىروگراممىلىرىنىڭ ھەممىنى قوللايدۇ.

باھاسىغا كەلسەك i3 مەركىزى بىرتەرەپ قىلغۇچلۇق نۇسخىسىنىڭ باھاسى 800 دوللار.

مەنبەسى: سارۋان بىلوگى

oygak2005 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-21 14:41:10

ئەمما ماۋۇ ئېسل تاختا كومپىيوتۇركەن.
تېخى قەلىمىمۇ بار ئىكەن. تۈنۈگۈن  نەخ مەيداندىن تارتىلغان  مەھسۇلات ئىلان قىلىشنىڭ  سىن-ھۆجىتىنى كۆرگەن ئىدىم. surface2 دىن ياخىشى لاھىيلەپتۇ. ئىكرانمۇ 12 سۇڭغا چوڭايتىپتۇ. باھاسىمۇ surface2 دىن ئەرزانكەن.
مەن خىلىدىن بىر سامسۇڭنىڭ نوت پرو 12.2نى ئىلىشىنى ئويلۇشۇپ كەلگەن ئىدىم.  ماۋۇنى كۆرۈپ، نوت پرونى ئىلىشتىن يالتايدىم.

gldingwash يوللانغان ۋاقتى 2014-5-21 14:48:57

بىرنى ئېلىش ئويىغا كەلدىم. بولسا، بۇ ھەقتىكى سەپلىمە ۋە باھا ئۇچۇرلىرىنى تولۇق يوللاپ قويساڭلار.

bahadirlarbiz يوللانغان ۋاقتى 2014-5-21 15:51:54

باھاسى مۇۋاپىق ئائىلىدە ئىشلىتىدىغان رەسىم تارتىش ئاپپاراتى تەۋسىيە قىلساڭلار.

hoopeelover يوللانغان ۋاقتى 2014-5-21 20:52:51

bahadirlarbiz يوللىغان ۋاقتى  2014-5-21 15:51 static/image/common/back.gif
باھاسى مۇۋاپىق ئائىلىدە ئىشلىتىدىغان رەسىم تارتىش ئاپ ...

سونىي ز2 تېلفۇننى ئىشلىتىڭ .
http://detail.zol.com.cn/series/57/17332_1.html
20مىليون مىگاپىكسىل ،سونىي ئاپىراتلېرنىڭ ھەممىسىنى كامىراسىنى سونىي شېركىتىدە ئىشلەيدۇ.
مۇخپىرلارنىڭكىدەك بولسا نىكون نى ئېلىڭ

asalam يوللانغان ۋاقتى 2014-5-22 09:07:51

Surface Pro مىنىڭ كەسپىمگە كۆپ قولايلىقلارنى ئەپكېلىدىكەنتۇق، ئەمما باھاسى بەك ئۆرە بولغاچقا ئالالماي كاسامنى خىشقا چاپلاپ ئوتتۇرۇپ قالغانتىم، بۇ ئۈچىنچى ئەۋلاد نەچچە پۇلدۇ ئەمدى؟  i7  سەپلىگەنگە قارىغاندا بۇمۇ ئەرزان ئەمەس .

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2014-6-18 23:05:52

I3: 5688¥
بەت: [1]
: Surface Pro3 تاختا كومپيۇتېرى ئېلان قىلىندى