Kulke يوللانغان ۋاقتى 2014-5-20 23:08:09

[ئۇيغۇرچە] نارۇتو ئاتالغۇلار لۇغىتى 1.0 تارقىتىلدى

ئەسسالامۇئەلەيكۇم تورداشلار
قۇتيار تەرجىمە فىلىم گۇرۇپپىمىز تەرجىمە قىلىپ مېڭىۋاتقان ياپونىيە كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى «نارۇتو» نى تەرجىمە قىلىش جەريانىدا تەرجىمانلىرىمىزغا بۆلۈنگەن قىسىملاردا يېڭى ئاتالغۇلار چىقىپ تۇرۇۋاتىدۇ. ئەلۋەتتە بۇنى ھازىر uYGHuR05  ئەپەندىم ئۆزى باش بولۇپ تەھرىرلەپ ۋە ئاتالغۇلارنى رەتلەپ مېڭىۋاتىدۇ. بىزمۇ تەرجىمە ۋەزىپىسى ئالغان تەرجىمانلارغا رەتلەنگەن ئاتالغۇلارنى ئىشلىتىشنى ئېيتىپ كېلىۋاتىمىز. يەنى [ئاتالغۇلار] «نارۇتو» فىلىمىدىكى ئاتالغۇلار دېگەن تېمىغا يېڭى ئاتالغۇلارنى قوشۇپ قويۇپ تەرجىمانلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن تەييار قىلدۇق. ئەمما بىر قىسىم تەرجىمانلارنىڭ تورغا چىقىشى ئەپسىز شارائىتتا بۇ يەرمۇ ئەسقاتماي، ئاتالغۇلارنىڭ قالايمىقان ئېلىنىپ كېتىشى ياكى تەرجىمىنىڭ كەينىگە سۈرۈلۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. شۇ ۋەجىدىن يېقىندا uYGHuR05 ئەپەندىم مۇشۇ ئاتالغۇلارنى توپلاپ PDF قىلىپ ھەر بىر تەرجىمانغا ۋەزىپىگە قوشۇپ بىللە بېرىشىمىزنى ئېيتتى. مەن ئويلاپ بۇنىڭمۇ سەل ئاۋارىچىلىق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ يېقىندا ئۆگىنىشنى باشلىغان #C پروگراممىسى بىلەن ئاددىي بىر لۇغەت قىلىپ چىقىش ئىستىكى تۇغۇلدى. شۇ ۋەجىدىن Heqteyur ئەپەندىم ئۆگەتكەن بىلىملەر، توردىن ماتېرىيال كۆرۈش، uYGHuR05 ئەپەندىم تەييارلىغان ئاتالغۇلار ۋە قۇتيارنىڭ قۇرغۇچىسى ھەم باش تېگىنكى مۇڭلانجاننىڭ يو كۆرستىشى بىلەن «نارۇتو ئاتالغۇلار لۇغىتى 1.0» نى ياساپ چىقتىم.
بۇ لۇغەتتە پەقەت نارۇتو فىلىمىنىڭ 1-قىسىمىدىن 133-قىسىمىغچە بولغان كىشى ئىسىملىرى، يەر جاي ناملىرى، دۆلەت ناملىرى، فىلىمدىكى ماھارەت ناملىرى... قاتارلىقلارنىڭ ئۇيغۇرچە ۋە خەنزۇچە ئىككى خىل ھالىتىلا كىرگۈزۈلدى. ھەمدە پەقەت سول تەرەپتىكى خەنزۇچە ئاتالغۇدىن تاللاپ تۇرۇپ ئوڭ ياندىكى كۆزنەككە تەرجىمىسىنى كۆرسىتىش بېرىش ئىقتىدارىلا قوشۇلدى. يەنە تەرجىمانلارنىڭ قايمۇقۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن، ئوڭ تەرەپتىكى ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنىڭ ئاستىغا خەنزۇچە ئەسلى ئاتالغۇمۇ قوشۇپ قويۇلدى ۋە رەڭلەندى. ھازىرچە بۇ لۇغەتنىڭ ئىزدەش ئىقتىدارى ئىشلىمەيدۇ. ئاللاھ خالىسا ۋاقىتىم يار بەرسە بۇ لۇغەتنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ مەخسۇس كىنو-فىلىم ئاتالغۇ لۇغىتى قىلىپ قويۇش ئارزۇيۇم بار. ھازىر بۇ نۇسخىسدىن تەرجىمانلارنىڭ ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ تۇرۇشىنى سورايمىز.

لۇغەت نامى: نارۇتو ئاتالغۇلار لۇغىتى
نەشرى: 1.0Beta
ساندان: Accesses
پروگرامما تىلى: #C
لۇغەت سىغىمى: 474KB
ئىشلەش سۇپىسى: Net2.0
ئىشلەتكەن خەت نۇسخسى: UKIJ TUZ TOM
لۇغەتنى چۈشۈرۈش
http://www.qutyar.net/mb/static/image/filetype/rar.gif Naruto_Atalghu_Lughiti1.0.rar ‎(49.88 KB) چۈشۈرۈش سانى: 0


لۇغەت كەسمىلىرى:





بۇ لۇغەت ھەقسىز تارقىتىلدى. ناۋادا لۇغەتتىكى ئاتالغۇلار قارىتا تەكلىپ-پىكىلەر بولسا مۇشۇ تېما ئاستىغا ياكى [ئاتالغۇلار] «نارۇتو» فىلىمىدىكى ئاتالغۇلار دېگەن تېمىغا كىرىپ بەرسەڭلار شۇ ئاتالغۇغا ماسلا كەلسە بىز سەمىمىيلىك بىلەن قوبۇل قىلىمىز.

ھۆرمەت بىلەن:
قۇتيار تور بېكتى
قۇتيار تەرجىمە فىلىم تور بېكىتى
قۇتيار تەرجىمە فىلىم گۇرۇپپىسى نارۇتو ئەترىتى

2014-يىلى باھار ئېيىنىڭ 21-كۈنى

ئەسلى مەنبە: قۇتيار مۇنبىرى

Control يوللانغان ۋاقتى 2014-5-21 08:28:18

بولىدىغان لۇغەتكەن! ئاپىرىن سىلەرگە{:112:}

Kulke يوللانغان ۋاقتى 2014-5-21 11:59:26

1.1 نەشرىنى چۈشۈرۈش
http://www.qutyar.net/mb/static/image/filetype/rar.gif Naruto_Atalghu_Lughiti1.1.rar ‎(475.22 KB) چۈشۈرۈش سانى: 0

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2014-يىلى باھار ئېيىنىڭ 21-كۈنى (چۈشتىن كېيىن)

لۇغەت كەسمىلىرى:



1.1 نەشرىدىكى يېڭىلىقلار:
بۇ نەشردە ئىزدەش ئىقتىدارى قوشۇلدى، ئامباردىكى لۇغەت سۆزلۈكلىرىنى ۋە ئىزدەپ تېپىلغان سۆزلەرنى كۆرستىدىغان ئىقتىدارلار قوشۇلدى.

tagh يوللانغان ۋاقتى 2014-5-21 12:58:07

كۈلكە:
بۇكارتون فىلىمنىڭ ئارتۇقچىلىقى،جەلىپ قىلىش كۈچى،ئاساسىي مەزمۇنى نېمە؟تېخىچە چىقىپ تۇرامدۇ؟
نەچچە بۆلۈم چىقىپ بولدى؟

Mahir512 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-21 13:24:39

نارۇتونى ھازىرمۇ تەرجىمە قىلىپ تۇرىۋاتامسىلەر؟
قانچىنچى قىسىمغا كەلدى؟

EzQi0908 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-21 13:32:25

كۇلكە ئەپەندىم بىر ئىشتا  ياردەم قىلسىڭىز ؟؟؟{:99:}{:99:}{:99:}{:99:}{:99:}   قۇتيار مۇنبىرىڭىزلارغا artuqنامىدا تىزىملاتقانتىم ،مەخپى نۇمۇرنى ئۇنتۇپ قالدىم ،تىپىپ بىرەلەسىزمۇ؟؟؟ ئىم قايتۇرۋىلىشنى باسسام ئىلخەت خاتا دەيدۇ

Kulke يوللانغان ۋاقتى 2014-5-21 13:41:06

tagh يوللىغان ۋاقتى  2014-5-21 12:58 static/image/common/back.gif
كۈلكە:
بۇكارتون فىلىمنىڭ ئارتۇقچىلىقى،جەلىپ قىلىش كۈچ ...

http://www.terjimefilim.com/bbs/thread-7199-1-1.html
ماۋۇ تېمىنى ۋاقتىڭىز چىققاندا ئوقۇپ باقسىڭىز بىلەلەيسىز ئاساسى مەزمۇنىنى.
قىسقىچە دېسەم تىرىشچانلىق، تالانت، دوستلۇق، جاسارەت... مۇشۇ نۇقتىنى چۆرىدىگەن كارتون دېسەك بولىدۇ. تەپسىلاتى ئاۋۇ تېمىدا بار.

Kulke يوللانغان ۋاقتى 2014-5-21 13:41:55

Mahir512 يوللىغان ۋاقتى  2014-5-21 13:24 static/image/common/back.gif
نارۇتونى ھازىرمۇ تەرجىمە قىلىپ تۇرىۋاتامسىلەر؟
قانچى ...

http://www.terjimefilim.com/bbs/thread-7445-1-1.html
قىلىۋاتىمىز. ھازىر 1-بۆلۈم تۈگىدى ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى. تەھرىرلەش ۋە كىرىشتۈرۈش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ.
580 - قىسىمدىن ئاشتىغۇ دەيمەن.

Kulke يوللانغان ۋاقتى 2014-5-21 13:42:29

EzQi0908 يوللىغان ۋاقتى  2014-5-21 13:32 static/image/common/back.gif
كۇلكە ئەپەندىم بىر ئىشتا  ياردەم قىلسىڭىز ؟؟؟{:99: ...

www.qutyar.net/mb غا تىزىملاتقانمىدىڭىز؟ شۇنداق بولسا مەن قىسقا ئۇچۇر قىلىۋېتەي سەل تۇرۇپ

ttt يوللانغان ۋاقتى 2014-5-21 18:16:27

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ttt تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-21 18:23  

مەن كۆرۈشنى باشلىغىلى 9 يىل بولاپتۇ بۇ كارتۇننى. بىر مەزگىل بۇ كارتۇننىڭ يىڭى بىر قىسىمنىڭ چىقىشى مىنىڭ بىر ھەپتەمنىڭ  باشلىنىپ تاكى ئاياقلىشىشىنىڭ نىشانى بولاپ قالغان. يامان قىززىپ قۇيىدۇ بۇ كارتۇن. ھازىر سىن -كارتۇننىڭ  ۋاتىلدايدىغان يېرى تۈگەپ دەسسىشىدىغان يېرىگە كەلدى:lol. ھەپتىدە بىر قىسىم چىقىدىغان رەسىملىك كارتۇننى سىن-كارتۇندىن 100 نەچچە قىسىم ئالدىدا بولۇپ ، مەن ئويلىسام يەنە 40-50  قىسىمدىن كىيىن ئاياقلىشامدىكىن دەيمەن{:136:}.  مەنغۇ بۇ كارتۇننىڭ مەڭگۈ ئاياقلاشماسلىقىنى ئۈمۈت قىلىمەن.{:112:}
ھەر ھەپتىنىڭ چارشەنبە كۈنى رەسىملىك كارتۇنى ،پەيشەنبىسى سىن- كارتۇنى چىقىدۇ. بۈگۈن دىگەن چارشەنبە:lol ، NARUTOيۈزى چوڭ كىلىپ ئىزدىنىشتىكى ئەڭ ئۇزۇن ئىنكاسىمنى يىزىپ تاماملىدىم.:lol

ArislanMemet يوللانغان ۋاقتى 2014-5-21 20:40:03

ساۋاپلىق ئىشتىن بىرنى باشلاپسىز. {:112:}

Muzepper يوللانغان ۋاقتى 2014-5-22 00:37:29

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Muzepper تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-22 00:49  

ياخشى چىقىپتۇ.
مېنىڭمۇ بۇ كارتوننى كۆرىۋاتقىنىمغا 3يىلدىن ئاشتى. ماۋۇ ئىنكاسنىمۇ  بۈگۈن چىققان بۇ ھەپتىلىك رەسىملىك كارتوننىنىڭ يېڭى قىسمىنى كۆرۈپ بولۇپ يېزىشىم:lol
بۇ كارتوننى كۆرۈشنى باشلىغاندىن تارتىپ، كارتوندىكى ئاتالغۇلارنىڭ ئۇيغۇرچە ئاتىلىشىغا باش قاتۇرۇپ باققان، بولۇپمۇ گۇمپىلارنىڭ نامىنى قانداقلا ئاتىسا قاملاشمايدىغاندەك بىلىنەتتى. سىلەرنىڭ ئاتىغىنىڭلار ياخشى چىقىپتۇ، ماڭا خېلى ياقتى{:112:}

نارۇتونى كۆرۈشتىن بۇرۇن، ياپون كارتونى ئوبرازىدىن «ۋاسكىتبول ماھىرى»دىكى ساكۇراگىنى ياقتۇراتتىم، ھازىر ئۇنىڭ ئورنىغا نارۇتونى ياقتۇرۇپ قالدىم. نارۇتودا ساكۇراگىغا ئوخشاش قەيسەر، تېرىشچان، ئۆزنىڭ ئارزۇسىغا يىتىش ئۈچۈن(مەيلى ئارزۇسى باشقىلارنىڭ نەزىرىدە يەتكىلى بولمايدىغان چۈش دەرىجىدە كۈلكىلىك بولسىمۇ) ھەر قانداق جاپاغا تىز پۈكمەيدىغان ئىرادىسى، ساددىلىقى...دېگەندەك خۇسۇسىيەتلىرى بار. ئەمما نارۇتودا ساكۇراگىدا يوق ياكى ئاجىز بولغان ئاق كۆڭۈللۈك، رەھىمدىللىق ھەم ھەرقانداق چاغدا ئۆزىنىڭ يۇرتداشلىرى ۋە سەبداشلىرىنى ئويلايدىغان ئىسىل خسلىتى بار. ئۇنىڭدىن باشقا نارۇتو ساكۇراگىدەك زورلۇق ئىشلەتمەيدۇ، مەيلى سەپداشلىرى بولسۇن ياكى دۈشمىنى بولسۇن، قارشى تەرەپنى ئەمىلىي ھەرىكىتى ۋە توغرا ئىددىيىسى بىلەن قايىل قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ. (خەنلەر نارۇتونىڭ ئەڭ يامان گۇمپىسىنى ئەۋلىيا گۇمپىسى ياكى توققۇز قۇيرۇق بولماستىن  嘴遁دەپ قارىشىدۇ:lol . نارۇتو بۇ گۇمپىسى ئارقىلىق ھازىرغا قەدەر چىققان ئىككى چوڭ bossنى بويسۇندۇرۇپ بولدى، ئەمدى ئەڭ ئاخىرقى boss قا كار كىلەمدۇ يوق كۆرىمىز{:92:} )

نارۇتونىڭ ئۇستازى جىراييامۇ ئىسىل ئوبراز ئىدى. ئاپتۇرنىڭ ئۇنى بالدۇرلا ئۆلتۈرۋەتكىنىگە ھازىرغىچە نارازى! كېيىنكى قىسىملىرىدا بىر يەردىن تېرىلىپ قالسىكەن دەپ ئارزۇ قىلىمەن.
رۇكاۋا دەپ بىرسى باتى پەقەت ياقتۇمايدىغان، ماۋۇ ساسكې دېگەن گۇيمۇ پەقەت ياقمايدۇ ماڭا...

Kulke يوللانغان ۋاقتى 2014-5-22 00:41:34

Muzepper يوللىغان ۋاقتى  2014-5-22 00:37 static/image/common/back.gif
ياخشى چىقىپتۇ.
مېنىڭمۇ بۇ كارتوننى كۆرىۋاتقىنىمغا 3يى ...

بېسىپ تۇرۇپ كۆرىدىغىندىنكەنسىزدە.:lol

Kulke يوللانغان ۋاقتى 2014-5-22 09:19:20

1.2 نەشرىنى چۈشۈرۈش


كەسمىلىرى:



1.2 نەشرىدىكى يېڭىلىقلار:
1. ھالەت ستونىدىكى نۆۋەتتىكى ۋاقىتنى كۆرسىتىش ئىقتىدارى قوشۇلدى.
2. كۆرۈنمە يۈزلىرى ئازراق ئۆزگەرتىلىپ بىر قىسىم سىنبەلگىلەر قوشۇلدى.
3. ئىزدەش كۆزنىكىگە ھېچنېمە يازماي «ئىزدەش» كۇنۇپكىسىنى باسقاندا ئەسكەرتىش چىقىرىش كۆرسەتمىسى قوشۇلدى.

Kulke يوللانغان ۋاقتى 2014-5-22 14:02:15

ئۈستىدىكى نەشرىدە 8 دىلا ئىشلەپ 7 ۋە xp دا ئىشلىمەيدىغان بولۇپ قاپتۇ. ماۋۇ ھەممىسىدە ئىشلەيدىغىنى.

EzQi0908 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-22 14:57:28

Kulke يوللىغان ۋاقتى  2014-5-21 13:42 static/image/common/back.gif
www.qutyar.net/mb غا تىزىملاتقانمىدىڭىز؟ شۇنداق بولسا مەن قى ...

ھەئە  بۇندىن بۇرۇن ئىشلىتىپ باققان شىفىرلىرىمنى سىناپ باقتىم خاتالا دەيدۇ.... خاپابولماي بىر ئۇچۇر بىرۋەتسىڭىز

Kulke يوللانغان ۋاقتى 2014-5-22 15:40:21

EzQi0908 يوللىغان ۋاقتى  2014-5-22 14:57 static/image/common/back.gif
ھەئە  بۇندىن بۇرۇن ئىشلىتىپ باققان شىفىرلىرىمنى سىنا ...

مۇشۇ يەردىكى قىسقا ئۇچۇرغا قاراڭ. يوللىۋەتتىم

79588010 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-22 20:12:27

كاتۇن !!!  ئوت پىرى گۇمپىسى:lol
بەت: [1]
: [ئۇيغۇرچە] نارۇتو ئاتالغۇلار لۇغىتى 1.0 تارقىتىلدى