hoopeelover يوللانغان ۋاقتى 2014-5-20 21:13:30

ئۇسا دىكى تىل تەربىيلەش مەزكەزلېرىدىن قانداق چاقىرىق ئالىمىز

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم:
   بىزنىڭ خوشنىمىزنىڭ ئوغلى بەكمۇ چەتئەلگە چىقىپ بىلىم ئاشۇرغىسى باركەن. بۇيىل ئالىيى مەكتەپنى پۈتتۈردۇ مەخسۇس كۇرس.
ئوتتەك چەتئەلگە چىقىش ئىشتىياقى بىلەن پاسپۇرتلارنى بىجىرىپ قولغا ئاپتۇ، ئەمدى شۇ ئىشتىياق بىلەن چەتئەلگە(ئامىركىغا) چىقىپ تىل ئۈگەنمەكچى ئىكەن، قىسقا مۇددەتتە دىيارىمىزدا تىل ئۆتكىلىدىن (ئايىلتىس،توفىل)ئۆتۈپ بولۇشقا ئىشەنچى يوق ھەم يىتەرلىك ۋاقتىمۇ يوق. شۇڭا ئامىركىدىكى مەكتەپلەرنىڭ تىل تەربىيلەش فاكۇلتىىت كافىدىرالېرنىڭ تىل ئۈگىنىشكە قۇبۇل قىلىنغانلىق ئۇقتۇرۇشى بىلەن ئامىركىغا چىقىپ تىل ئۈگەنگسى بار ئىكەن . مۇشۇنداق ئورۇنلارنى بىلىدىغانلار بولسا بىر ئىككى ئېغىر مەسلىھەتىڭلارنى ئايىمىساڭلار. (بۇنىڭغا بەلگىلىك مىقداردا پۇل تۆلىسەممۇ مەيلى دەيدۇ)
     ناۋادا مۇشۇنداق تىل ئۈگىنىشكە قۇبۇل قىلىنغانلىق ئۇقتۇرۇشى بىلەن ئامىركىغا چىقسا ئەلچىخانىدا يۈزتۇرانە سۆزلىشىشىكە چاقىرلامدۇ ياكى بىۋاستە كېتىۋېرەمدۇ.
  تاشپولات ئاكىمىزنىڭ تىل تەربىيلەش كۇرسى ئاچىمىز دىگەن بىر يازمىسى بولىدىغان ئىزدەپ ئۇچراتمىدىم، مومكىن بولسا شۇ تېمىنىڭ ئادرىسنى يوللاپ بەرگەن بولساڭلار.
رەھمەت!

pidayi يوللانغان ۋاقتى 2014-5-21 11:42:31

تاشپولاتكام كىرگىچە مەن جاۋاب بەرگەچ تۇراي ، باشقىلارغىمۇ ياردىمى بولۇپ قالار :
1.   بۇ قوشنىڭىز تىل مەكتىپىگە ئۆزى ئىلتىماس قىلىشنى سىناپ باقسا بولىدۇ.  بەك ئاسان، بۇ جەريانمۇ ئادەمنى تەربىيلەيدۇ دەپ قارايمەن.  ئاۋارىچىلىقتىن قورقمىسا ئۆزەڭلار قول سېلىپ قىلىپ بېقىڭلار.
«گوگىلدىن ئامېرىكىدا ئىنگىلىزچە ئۆگىنىش » دەپ ئىزدىسەم بىر قاتار مەكتەپلەرنى تىزىپ چىقىرىپ بەردى.
مەسىلەن:  بۇنىڭ ئىچىدىن  ئىككىنچى بولۇپ چىققان http://studyusa.com/ غا كىرىپ، مەكتەپلەرنىڭ ئۇچۇرىنى كۆردۈم.  ئاندىن ئارىزونا ئۇنۋېرسىتى تىل تەربىيەلەش مەركىزىنىڭ تونۇشتۇرۇلۇشىنى كۆردۈم: سىزنىڭ قىلدىغىنىڭىز، بۇ مەركەزگە خەت يېزىپ، ئىنگىلىز تىلى ئۆگىنىشنى ئىلتىماس قىلىش پىلانىڭىزنىڭ بارلىقىنى بايان قىلىپ،  توردا ئىلتىماس قىلىشنى تاماملايسىز( بىر جەدۋەلنى تولدۇرسىڭىزلا بولىدۇ، بەزى تەربىيەلەش مەركىزى بۇرۇنقى مەكتەپتىكى نەتىجىلىرىنى تەلەپ قىلىشى مۇمكىن، لېكىن جىق ئەمەس )   ئازراق ئىلتىماس ھەققى تاپشۇرۇشىڭىز مۇمكىن.  8 ھەپتىلىك تىل تەربىيەلەش دەرسى تەخمىنەن 3100 دوللار، ياتاق، تاماق 3500 ئەتراپىدا، 8 ھەپتىلىق تەربىيەلەشكە تەخمىنەن 7 مىڭ دوللار (جۇڭگو پۇلىدا تەخمىنەن 43 مىڭ يۈەن).   ئارىزونادىكى بۇ مەكتەپ ھەر ئىككى ئايدا بىر يېڭى سىنىپ ئاچىدىكەن.   
  
بۇنىڭدىن باشقا ئامېرىكىدا  شەخسىلەرنىڭ تىل تەربىيەلەش مەكتىپى ، سىنىپى دېگەنلەر خېلىلا جىق، 4ھەپتىدىن 4 ئايغىچە ئېچىلىدىغان سىنىپى بار.

2. تىل مەكتىپىنىڭ چاقىرىقىنى قولغا ئالغاندىن كېيىن،F-1- nonimmigrant visa يەنى كۆچمەن بولمايدىغان ۋىزىغا ئىلتىماس قىلىسىز.  ئامېرىكىغا بارىدىغان بۇ يول خېتىنىڭ ھەممىسىنى ئامېرىكىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ۋە كونسۇلخانىسغا كىلىپ يۈزتۇرانە ئىلتىماس قىلىدۇ.  (رايونلار بويىچە  شاڭخەي، گۇۋاڭجۇ، چېڭدۇدىكى كونسۇلخانىلارغا بۆلۈكلۈك ) ئىلتىماس ھەققى 960 يۈەن. ۋىزا ئوفىتسېرى سىز  بىلەن پاراڭلىشىپ، تەييارلىغان ماتېرىياللانى كۆرۈپ، لوگىكىلىق باھالاش (نەچچە مىنۇت ئىچىدىلا) ئارقىلىق كۆچمەن بولۇش خاھىشى بارمۇ-يوقمۇ دېگەننى مەركەز قىلىپ، ۋېزا بېرىش- بەرمەسلىكىنى قارار قىلىدۇ.  لېكىن،  شۇنى ئەسكەرتىپ قوياي، تىل مەكتىپىنىڭ چاقىرىقى بىلەن ۋىزىغا ئېرىشىش نىسبىتى يۇقىرى ئەمەس.  تەلىيڭىز كېلىپ ۋىزا بېرىپ قالسا، يۈك تاقنى يۇغۇشتۇرۇپ، ئامېرىكىغا كىلىپ تىل ئۆگىنىشنى باشلايسىز.  

hoopeelover يوللانغان ۋاقتى 2014-5-21 11:52:30

رەھمەت پىدايى بۇرادەر. چوقۇم كونسۇل ياكى ئەلچىخانىغا بېرىپ پاراڭلىشىش كېرەككەندە . باشقىلارمۇ بىلگەن ئاڭلىغىنىڭلارنى تۆكۈپ باقساڭلار

melek يوللانغان ۋاقتى 2014-5-21 13:22:28

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام.                              ئىلخەت :americaoqush@gmail.com

ئاۋۇ ئىلخەتنىڭ ئېگىسى ئالى مەكتەپ چاقىرىقلىرى ۋە تىل ئۆگىنىش مەركەزلىرىنىڭ چاقىرىقى بىلەن تەمىنلەيدىكەن ئۆزى ئامىركىدا ئىكەن .(يالغان بولمىسىلا)
باغداشتا كۆرگەن ئۇچۇر ئىدى بۇ.

oygak2005 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-21 13:46:51

مەن تۆت يىل ئاۋۋال توفۇ بىلەن  گ ر ې نى ئىككى قېتىمدىن بەرگەن، نەتىجەممۇ ياخشى  چىققان ئىدى.  ئىسىمدە قىلىشچە 2007-يىلى 22 كۈن ئۇرۇمچىدە كۈرۈستا، 2009-يىلى  يىڭى شەرىق تىل -تەربىيلەش مەكتىپىدە 1200 سوم تۆۋلەپ 100 سائەت ئەتراپىدا  كۈرۈس ئوقۇغان ئىدىم. شۇ نەتىجىلىرىم بىلەن تولۇق ئوقۇش موكاپات پۇلغىمۇ ئىرىشكەن ئىدىم.
  بۇ يەردە كەچمىشىمنى سۆزلەپ يۈرۈشنىڭ سەۋەبى،  كۆپۇنچەيلەننىڭ كاللىسىدا، ئامرىكىغا چىقسام ئېنگىلىز تىلىنى  قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۆگۈنۈپ بولىمەن دەيدىغان  ئوي بولسا كىرەك، . بىر تىلنى ، بولۇپمۇ ئىنگىلىزتىلىدەك، سۆزلۈپ مىقدارى كۆپ، مۇرەككەپ  بىر تىلىنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۆگۈنۈپ بولۇش، يۇقاردا ئىيتىلغان يۇقرى سەۋيىدىكى ئىمتاھانلارنى  بىرىپ، قانائەتلەنگندەك  نەتىجىگە ئىرشىمەن دىيىش. سەل خام خىيال بىر ئىش. لىكىن مومكىن بولمايدىغان ئىشمۇ ئەمەس. ئەڭ ئاخىرىدا يەنە شۇ  كىشىنىڭ باشقىلاردىن نەچچە ھەسسە تىرشچانلىق  كۆرسىتىشىگە، ئاجايىپ پىداكارلىق بىلەن ئۆگنىشىگە توغرا  كىلىدۇ.  شۇ تىرشچانلىقىنى چىقرالىسا، شۇ پىداكارلىقىنى كۆرسىتەلىسە، نەدە ئۈگەنسە ياخشى نەتىجىگە ئىرشەلەيدۇ. ئىنشائاللاھ، ئەمما مەيلى ئامرىكىغا چىقسۇن ياكى باشقا دۆلەتلەرگە بارسۇن، شۇ ياخشى نەتىجىگە ئىرشىش ئۈچۈن بىىسىشقا كىرەكىلك قەدەملەرنى بىر ئۆزى ،شەخسەن ئۆزى باسماي تۇرۇپ، توختىماي شارائىت ئىزدەش بىلەن ئۇ پەللىگە چىققىنى بولمايدۇ.
ئىشىڭلارغا ئاللاھ ئاسانلىق بەرسۇن. مېنىڭ تەكىتلەيدىغىنىم، يۇقاردا تېلغا ئىلىنغان ئىمتاھانلارغا قاتنىشىپ، ياخشى نەتىجىلەرگە ئىرشىش ئۈچۈن شارائىت، موھىت سىلىنمىسىدىن بەكرەك. موقىم بىر مەزگىل ۋاقىت سىلىنمىسى، پىلانلىق، سىستىمىلىق، ئاجايىپ پىداكارلىق بار بولغان  تىرىشچانلىق سىلىنمىسى  موھىم.

hoopeelover يوللانغان ۋاقتى 2014-5-21 15:02:54

مەلەك، ئويغاق سىلەرگىمۇ رەخمەت، مۇشۇ تىلنى بىر باشقا ئېلىپ چىقماق بەك تەسكىن 。

hoopeelover يوللانغان ۋاقتى 2014-5-21 15:03:34

مەلەك، ئويغاق سىلەرگىمۇ رەخمەت، مۇشۇ تىلنى بىر باشقا ئېلىپ چىقماق بەك تەسكىن 。

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2014-5-21 15:23:19

نىجاتى شاشماز‹پولات ئەلەمدار› نىڭ بىر زىيارەت پىروگىمماسىدا مۇنداق بىرگەپ قىلىدۇ، مەن ئامېرىكىغا ئىنگىلىزتىلى ئۈگەنمەي بارغان، كۇرتلار ۋادىسىنى ئارتىسلىقنى ئۈگەنمەي تۇرۇپلا رول ئىلىشقا باشلىغان، ئىشنىڭ ئارقىسىنى بەك ئويلاپ كەتسە بولمايدۇ، دەپ.
ھەممە ئادەم نىجاتى شاشماز بولالماسلىقى مۇمكىن، مەنچە ئىنىڭىز ئىنگىلىزتىلىنى ۋەتەندە ئۈگەنسۇن. پاسپورت ئون يىللىق بولىدۇ، چىداپ بىر يىل مۇشۇ يەردە ئۈگەنسە، پۇلمۇ تىجەيدۇ. ئەگەر تىرىشچان بولسىلا ئىنشائاللاھ نىشانىغا يىتىدۇ. ئامېرىكا چۈشىنى كۆرۈشكە ئالدىراپ قالسا قارا بىسىپ قىلىشى مۇمكىن.

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2014-5-21 15:28:20

http://bektur.com/bbs/thread-2268-1-1.html

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2014-5-21 15:32:15

بۇ تېمىنى بەكتۇرغىمۇ يىزىپ بىقىڭلا:
http://bektur.com/

hoopeelover يوللانغان ۋاقتى 2014-5-21 21:50:12

izchilar يوللىغان ۋاقتى  2014-5-21 15:32 static/image/common/back.gif
بۇ تېمىنى بەكتۇرغىمۇ يىزىپ بىقىڭلا:
http://bektur.com/

رەھمەت بۇرادەر بەكتۇرغا ئەزا ئەمەسكەنمەن ، بۇيەردىنمۇ خېلى قانائەتلىنەرلىك جاۋاپ چىقىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.
بەت: [1]
: ئۇسا دىكى تىل تەربىيلەش مەزكەزلېرىدىن قانداق چاقىرىق ئالىمىز