باش نېمە ئۈچۈن كەينىگە بۇرۇلالمايدۇ؟
باش نېمە ئۈچۈن كەينىگە بۇرۇلالمايدۇ؟
بىرەر ئايدىن ئېشىپ كەتتى، كاللامغا بىر سۇئال كىرىۋالدى. نېمە سۇئال دېمەمسىلەر؟
ئادەمنىڭ بېشى نېمە ئۈچۈن 180 گرادۇس ئەتراپىدىلا بۇرىلىدۇ؟ باش نېمە ئۈچۈن بىر ئورنىدا ئۇدۇلىغا قاراپ جىملا تۇرماي گىلدىڭلاپلا تۇرىدۇ؟ ئەگەر بېشىمىز ھېچ بولمىغاندا 360 گرادۇس بۇرۇلالىغان بولسا، بەدىنىمىزنى بۇرىمايلا باشنى قايرىپ تۇرۇپ ئارقا تەرەپنىمۇ كۆرۈش مەقسىتىگە يېتەلىگەن بولاتتۇق. ئەگەر بۇنىڭغا ئەگىشىپ، ئىككى قولىمىزمۇ ئالدى قارقىغا ئوخشاش مىقداردا ھەرىكەت قىلالىغان بولسا، ئەھۋال قانداق بولۇپ كېتەر ئىدى -ھە؟
ئۇ چاغدا ھازىرقىدەك كىيىۋالغان چاپانلىرىمىزنىڭ،كۆڭلەكلىرىمىزنىڭ ئالدى تەرپىنى ئىككى قىلىۋالغىلى بولاتتى.
دۈمبىمىز تەرەپكىمۇ يانچۇق بېكىتىش ئىمكانىيىتى يارىتىلاتتى.
يانچۇقچىلار ئىشتاننىڭ ئارقا يانچۇقىغا بىلمەي سېلپ قويغان پورتمالىمىزنى شارتتىدە ئالماقچى بولسا، بىزمۇ بېشىمىزنى ئۇنىڭدىنمۇ تېزراق بۇراپ ئوغرىنى تونۇۋالغان، گاڭگىراتقان، توختاتقان بولاتتۇق.
يەنە، كېچىلەردە يولدىن ئۆتكەندە، ئادەمسىزجايلارغا بارغاندا، سەھرالاردا سىيگىلى چىققاندا، كەينىمىزدىن خۇددى بىرى قوغلاپ كەلگەندەك تۇيغۇدا بولۇۋاتقانلىرىمىزدا بېشىمىز كەينىگە بۇرىلىپ قارىيالىغان، قوللىرىمىز كەينىگە قايرىلىپ، قاراڭغۇلۇققا شىلتىڭ ئاتالىغان بولاتتى-دە، بىز ئۇنداق قورقۇپ كەتمەيتتۇق.
يەنە، مۇھەببەتلىشىشمۇ كۆڭۈللۈك بولاتتى. ئەگەر مۇھەببىتىمىز ئۇدۇلىمىزدىن كەلمەي، كەينىمىزدىن كېلىپ قالسا، بىز بەدىنىمىزنى بۇراپ ئاۋارە بولماي، ئىككى قولىمىز بىلەن بېشىمىزنى بۇراپلا ئۇنى چىڭ قۇچاقلىيالىغان، لەۋلىرىگە بىمالال سۆيەلىگەن بولاتتۇق.
يەنە پىيادە ياكى ۋەلىسپىت، موتولۇق ماڭغاندا، بۇنىڭ پاىدىسى تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك بولاتتى.
ئەپسۇس...
بېشىم ئوڭغا 90 گىرادوس، سولغا 90 گىرادۇس، ئاسمانغا 90 گىرادۇس ئارانلا قايرىلالايدۇ. شۇنداقتىمۇ ئۈمىدسىزلەنمەي، بۇ باش ئۆزۈمنىڭ بېشى دەپ كۆڭلۈمگە تەسەللىي تېپىپ ياشاۋاتىمەن. بۇنىڭغا ھەرقايسىڭلار قانداق قارايسىلەر؟ ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن... باشقا گەپلىرىڭىز ياخشى بوپتۇ. لېكىن باشنى ئۆزىڭىزنىڭ دېۋالغىنىڭىز قاملاشماپتۇ.
بۇ باشقا پارتىيە ئىگە ئەمەسمۇ؟
ئۇ باش مىللەتنىڭ ئەمەسمۇ؟
ئۇ باشنى ئۆزىڭىزنىڭ دىۋالغىنىڭىز پارتىيەنىمۇ ئۆزىڭىزنىڭ، مىللەرنىمۇ ئۆزىڭىزنىڭ، ئىسلام دىنىنىمۇ ئۆزىڭىزنىڭ شەخسىي مۈلكى قىلىۋالغىنىڭىز ئەمەسمۇ! مەمتىمىن ھوشۇر ھىكايىلرىنىڭ پۇرۇقى كېلۋاتىدۇ نىمىشقا دوققامدىمۇ يۈزۈم بولسا، قاش-كۆز، بۇرۇن، ئېغىزلىرىم سىمىمىتىرىك جايلاشقان بولسا دەپ ئارزۇ قىلمايسىز، ھەر دائىم باشنى ئايلاندۇرۇپ يۈرگەندىن، كەينىدىكىنى كەينىدىكى كۆزدە، ئالدىدىكىنى ئالدىدىكى كۆزدە كۆرسە تېخىمۇ ئاسان بولمامدۇ، ئەمدى پۇت-قول مەسىلىسىدىمۇ بىر جۈپتىن ئارتۇق بولىشىنى تىلىسىڭىزلا ھەم ئۇلارنى سىمىمىتىرىك جايلاشسۇن دىسىڭىزلا ئىش پۈتمىدىمۇ. جاۋابىنى تاپقاندەك قىلىمەن،بىر كۈزىڭىز دوققىڭىزدا بولسىلا ئىش پۈتىدىكەنغۇ Mollamushuk يوللىغان ۋاقتى 2014-5-20 19:49 static/image/common/back.gif
باشقا گەپلىرىڭىز ياخشى بوپتۇ. لېكىن باشنى ئۆزىڭىزنىڭ د ...
تاسلا قاپسىزغۇ تېما ئىگىسىنى خاتالاشتۇرۇۋەتكىلى....... zuwansiz يوللىغان ۋاقتى 2014-5-20 20:40 static/image/common/back.gif
نىمىشقا دوققامدىمۇ يۈزۈم بولسا، قاش-كۆز، بۇرۇن، ئېغىز ...
ئۇنداقمۇ ئويلاپ باققان، ئەمما كۆز، بۇرۇن، ئېغىز... دەك مۇھىم ئەزالار ئىككىلا تەرەپتە بولسا، نېرۋا فونكىسىيەسىنىڭ خىزمەت تەقسىماتىغا قايتا قاراپ چىقىشقا توغرا كېلىدۇ. بۇ تېخىمۇ ئاۋارىچىلىق . شۇڭا ئىمكانىيىتى تېخىمۇ رېئال بولغان ئاۋۇ تەسەۋۋۇرنى قىلىپ باققانتىم. ئۇ باشنى ئۆزىڭىزنىڭ دىۋالغىنىڭىز پارتىيەنىمۇ ئۆزىڭىزنىڭ، مىللەرنىمۇ ئۆزىڭىزنىڭ، ئىسلام دىنىنىمۇ ئۆزىڭىزنىڭ شەخسىي مۈلكى قىلىۋالغىنىڭىز ئەمەسمۇ!
مەن دىققەت قىلاي.:lol Mollamushuk يوللىغان ۋاقتى 2014-5-20 19:49 static/image/common/back.gif
باشقا گەپلىرىڭىز ياخشى بوپتۇ. لېكىن باشنى ئۆزىڭىزنىڭ د ...
ئۆز بېشىغا ئۆزى ئىگە بولۇشقا بەك كۆپ ماغدۇر كىتىدۇ . ئادەتتىكى ئادەملەر ئۈچۈن بىرەر ئىددىيەگە ئەگىشىپ بەخىتلىك ياشاشنى خاتا دەپ كەتكىنى بولماس؟ ئىسمىڭىزنى خىلى كەلتۈرۈپ قويۇپتىكەنسىز ... بوينىڭىز يېتەرلىك ئۇزۇن بولسا ئايلىنىدۇ. زىراپە، غاز قاتارلىق ھايۋانلاردەك. ھېلىمۇ بۇ باشلار قاياققا بۇرۇل دېيىلسە ،شۇ ياققا بۇرۇلۇپ كېتىۋاتىدۇ... Mollamushuk يوللىغان ۋاقتى 2014-5-20 19:49 static/image/common/back.gif
باشقا گەپلىرىڭىز ياخشى بوپتۇ. لېكىن باشنى ئۆزىڭىزنىڭ د ...
باشنىڭ گىپى چىققان سورۇندا سىزنى بار دىگەن فورمىلانى دەپتىرىمگە يېزۋالدىم {:89:} ghalibjan يوللىغان ۋاقتى 2014-5-21 08:12 static/image/common/back.gif
باشنىڭ گىپى چىققان سورۇندا سىزنى بار دىگەن فورمىلانى ...
:lol خىيال دېگەننى مۇنداق قىلسىمۇ بولىدىكەن.مەندىمۇ ئاندا ساندا مۇشۇنداق خىلدىكى خىياللار پەيدا بولۇپ قالىدۇ.توردا بۇ خىيالنى دىگىلى بولغان بىلەن رىئال دۇنيادا دېگىلى بولمايدىكەن دېسە.:lol رەبىمىز بىزنى شۇنداق ياراتقاندىكىن شۇنداق بۇلمىز دە، سىز مۇشۇنى ئويلىغاندا پۇت-قولىرى ئىشلىمەيدىغان مېيىپلارنى ئويلاپ باقتىڭز مۇ؟كۈزى كورمەس ئەماللارنى ئويلاپ بەقتڭزمۇ؟ مىنڭچە شۇكرى قانائەتكە ھېچنىمە يەتمەيدۇ. ghalibjan يوللىغان ۋاقتى 2014-5-21 08:12 static/image/common/back.gif
باشنىڭ گىپى چىققان سورۇندا سىزنى بار دىگەن فورمىلانى ...
سىزنىڭ مۇشۇنداق بىرەر فورمىلا ئىشتىياقىدا كېچىلىرى ئۇيقۇدىن بىدار، كۈندۈزلىرى خارۇ زار بولۇپ ياشاۋاتقانلىقىڭىزنى تەخمىن ئەتكەن ئىدىم. ئاخىرى خاتىرىجەم بوپسىز-دە! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ghalibjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-5-21 11:04
Mollamushuk يوللىغان ۋاقتى 2014-5-21 10:34 static/image/common/back.gif
سىزنىڭ مۇشۇنداق بىرەر فورمىلا ئىشتىياقىدا كېچىلىرى ئ ...
:lol يانچۇققا ئەينەكتىن بىرنى سېلىۋالسىڭىزلا بولمىدىمۇ :o
بەت:
[1]
2