مەركىزى ھۆكۈمەت بىر تۇتاش سېتىۋالىدىغان كومپىيۇتېرلارغا Win 8 قاچىل...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Jewlaniy تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-5-20 17:22تېڭشۈن تورى خەۋىرى:مەركىزى ھۆكۈمەت بىر تۇتاش سېتىۋىلىش تورى يىقىندا بىر پارچە ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا كومپىيۇتېر تۈرىدىكى بارلىق مەھسۇلاتلارغا Windows 8 سىستېمىسىنى قاچىلاش مەنئىي قىلىنىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان، بىراق، نېمە ئۈچۈن Windows 8 نى چەكلەيدىغانلىقىنىڭ سەۋەبى تىلغا ئېلىنمىغان.
ئۇقتۇرۇشنىڭ ئەسلى مەزمۇنى مۇنداق:
بۇ قېتىملىق كىلىشىم بويىچە ئىنىرگىيە تېجەش تىپىدىكى مەھسۇلاتلارنى تەمىنلەش خىزمىتى تولۇقلاش خاراكتېرلىك سودىگەر چاقىرىدۇ، كونكىرىت مەزمۇن تۆۋەندىكىچە:
1. سودىگەر چاقىرىدىغان مەھسۇلاتلار ياندا ئېلىۋىلىشقا بولىدىغان كومپىيۇتېر، تاختا كومپىيۇتېر، ئۈستەل كومپىيۇتېرى، بىر گەۋدە كومپىيۇتېر، لازىر نۇرلۇق پىرىنتېر، تەكشى ئىتتىرمە پىرىنتېر، يۇمىلاق سىلىندىرلىق پىرىنتېر قاتارلىق يەتتە خىل تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ھەربىر تۈر بويىچە ئەۋەتىلگەن مەھسۇلات ئۇچۇرلىرى قوشۇمچە ھۆججەت ئىچىدە ساقلىنىدۇ.
2.سودىگەر چاقىرىشقا قاتناشقان بارلىق مەھسۇلاتلارنىڭ تىپى چوقۇم ئەڭ يېڭى ئېلان قىلىنغان ئىنىرگىيە تېجەش تىپىدىكى مەھسۇلات مۇندەرىجىسى بىلەن ئوخشاش بولۇشى كىرەك.
3. سودىگەر چاقىرىشقا قاتناشقان بارلىق مەھسۇلاتلار چوقۇم ئاساسلىق تەمىنلىگۈچى كارخانىنىڭ سېتىش ئادرىسىنى تەمىنلىشى كىرەك، ئەگەر بازاردا پۈتۈنلەي ئوخشاش تىپتىكى مەھسۇلات بولمىسا، ئۇ ھالدا چوقۇم ئوخشاش تۈر ۋە ئوخشاش سەپلىمىدىكى مەھسۇلاتنىڭ سېتىش ئادرىسىنى تەمىنلىشى كىرەك. مەھسۇلاتقا قويۇلغان باھا كارخانىنىڭ توردىكى سېتىش باھاسىدىن يۇقىرى بولماسلىقى كىرەك.
4.سېتىۋىلىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەن مەھسۇلاتلار كىيىنچە يەنە ئالماشتۇرۇلۇشى مۇمكىن، نۆۋەتتە سېتىۋىلىش دائىرىسىگە كىرگەن مەھسۇلاتلار كىيىن داۋاملىق سېتىۋىلىنسىمۇ، يەنە قايتىدىن ئىلتىماس قىلىنىشى لازىم.
5. بارلىق كومپىيۇتېر تۈرىدىكى مەھسۇلاتلارغا Windows 8 سىستېمىسى قاچىلانمىغان بولۇشى كىرەك.
6. توردا سودىگەر چاقىرىش سىستېمىسىنىڭ ئېچىۋىتىلىش ۋاقتى 2014-يىلى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى سائەت 14:00 دىن 5-ئاينىڭ 23-كۈنى سائەت 17:00 گىچە بولىدۇ، ئالاقىدار تەمىنلىگۈچى كارخانىلار ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ، سودىگەر چاقىرىش سىستېمىسىغا تېزىملىتىپ كىرىپ، سالاھىيەت ئىلتىماس قىلىش ۋە مەھسۇلات ئۇچۇرلىرىنى يوللاش مەشغۇلاتىنى تاماملىشى كىرەك.
7. سېتىۋىلىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەن مەھسۇلاتلار مەركىزى ھۆكۈمەت بىر تۇتاش سېتىۋىلىش تورى شەھەرچىسى ئارقىلىق سېتىپ چىقىرىلىدۇ، تەمىنلىگۈچى كارخانىلارنىڭ سېتىش خىزمىتىگە يىقىندىن ماسلىشىپ بىرىشىنى سورايمىز.
Net Application ناملىق بازار تەكشۈرۈش ئورگىنى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل 4-ئايغا قەدەر، Win 8 ۋە Win 8.1 سىستېمىسى بىرلىشىپ %12 لىك بازارنى كونتىرول قىلغان، بۇنىڭ ئىچىدە، Win 8 نىڭ ئىگەللىگەن بازار ئۈلۈشى %5 دىن ئېشىپ كەتكەن، Win 7 نىڭ بولسا %49.27 بولغان.
بۇندىن باشقا، مۇشۇ ئاينىڭ باشلىرىدا، جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكى نىگۇاڭ ئەپەندى سۆز قىلىپ، مەشغۇلات سىستېمىسى ئۇچۇر سىستېمىسىنىڭ ئۇل تېشى، ئۇنىڭ ئىقتىدارى دۆلەتنىڭ ئۇچۇر بىخەتەرلىكىگە بىرىپ چېتىلىدۇ دىگەن. مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىمۇ يىقىندا دۆلىتىمىز تەتقىق قىلىپ چىققان Linux سىستېمىسىنىڭ مەشغۇلات قولايلىقى جەھەتتە XP سىستېمىسىنىڭ ئورنىنى ئالالايدىغانلىقىنى، بىراق، بۇ سىستېمىسىنىڭ ئىكولوگىيەلىك مۇھىتى تېخى پېشىپ يېتىلمىگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان.
تەرجىمە مەنبەسى: ئۇيغۇر خەۋەر تورى ئاۋۇ ياساۋاتقان سېستىما پۈتسە ،ئىش بارمۇ نىمە بىزگە؟؟؟!!! ھازىرچە كۆزنەك7 دە توختىغاچ تۇراي. ئامىركىلقلار كۈچەپ يالۋۇرماقتا قايسى تىتاڭ تۇمۇرىڭلارغا تېگىپ كەتتۇق دەپ HP جۇڭگۇدىكى 1500 دىن ئارتۇق تارماق دۇكىنىدا ئۇبۇنتۇ سىستىمىسى ئالدىن قاچىلانغان كومپىوتېر سېتىشنى باشلاپتۇ. بۇندىن كېين Canonical، the CSIP ۋە دۆلەت مۇداپىيە پەن-تېخنىكا ئۇنۋىرىستىتى بىرلىكتە ياساپ چىققان Ubuntu Kylin نى ئىشلىتىش مۇمكىنچىلىكى يۈقىرىكەن. بىر ھەپتە بۇرۇن Ubuntu Kylinنى تارقاتقۇچى تەرەپ HP بىلەن جۇڭگۇ بازىرىدا قاتتىق دېتال ھەمكارلق كىلىشىمى ئىمزالاپتۇ. 8نىڭ ئەسلى كودىنى بىر قىتىم كورسۇتۇپ قويسا بۇنىمۇ قاچىلايدۇ. xp 7لارنى كورسۇتۇپ قويغاندىن كىيىن خىلى ئومۇملاشقان. چاتاقنىڭ چوڭى چىققۇدەكتە،
ئوبونتۇغا ماسلاشقىلى بولامۇ؟ مەن ۋىن8 نى سىتىۋالغان، ۋاز كەچمەيمەن ئەمدى.............
ۋىن8 نىڭ چاتاق چىقارغان ئىشلىرى مىنىڭچە، بۇلۇت سۇپىسىدا ساقلاش، رەسىم ھەمبەھىرلەش قاتارلىق كومپىيۇتىردا ساقلىدىم دىسە، ھۆججەت ئامرىكاندا ساقلانسا ......................چاتىقى شۇمىكىن. udun007 يوللىغان ۋاقتى 2014-5-20 22:19 static/image/common/back.gif
چاتاقنىڭ چوڭى چىققۇدەكتە،
ئوبونتۇغا ماسلاشقىلى بولا ...
مۇندا ئىش بامۇ تىخى، بىر كومپىئوتىرىمنى زادىلا تورغا ئۇلىمىسام بولغۇدەك ئەمىسە... udun007 يوللىغان ۋاقتى 2014-5-20 22:19 static/image/common/back.gif
چاتاقنىڭ چوڭى چىققۇدەكتە،
ئوبونتۇغا ماسلاشقىلى بولا ...
بۇلۇت سۇپىسىدا ساقلاشنى تاقىۋەتكىلى بولىدىغاندۇ؟ مەركىزىي ھۆكۈمەت دېسە تەيۋەنمىكىن دەپتىمەن مەن تېخى،مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتىنى دېمىكچىما{:92:} 1.ئېلىپ بېرلىۋاتقان روسىيە-جۇڭگۇ ھەربىي مانۋېرىنىڭ بىرقىسىمى.
2. پۇلنى تىجەپ، نانۇنسىز نەشرىنى ئىشلەتسۇن دىگەن گەپ.
3. مەمۇرلارغا linux ئىشلەت دىسە ئۇلارنى يەنە بىر قېتىم تەربىيلەشكە توغرا كېلىدۇ، ئۇلار پۈتۈنلەي ساۋاتسىز ھالەتتە، ئاقمايدىغان گەپ.
yollugh يوللىغان ۋاقتى 2014-5-21 08:49 static/image/common/back.gif
1.ئېلىپ بېرلىۋاتقان روسىيە-جۇڭگۇ ھەربىي مانۋېرىنىڭ بىر ...
ئىلغارراقلىرى كومپيوتېردا تورغا چىقىپ كۆپقىسىملىق تېلىۋېزىيە فىلىمى كۆرەلەيدىغانلا ...... Parwana يوللىغان ۋاقتى 2014-5-20 20:58 static/image/common/back.gif
HP جۇڭگۇدىكى 1500 دىن ئارتۇق تارماق دۇكىنىدا ئۇبۇنتۇ سىس ...
ئۇبۇنتۇ كىلىن (كىلىنچەك) دىگەن سېستىمىنى ئۇيغۇرچە قىلغىلى بولارمۇ؟ ئۇبۇنتۇنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ بولغان بولسا، بۇ كىلىن ۋارىيانتىغىمۇ باپ كىلەمۇ؟ مەنمۇ شۇنىڭغا كۆچەي دەپ ئويلىشىۋاتىمەن . ۋىن 8 نىڭ ئېسىللىقىنى بىلمەيدۇ-دە ئۇلار:) رەھبەرلەر win8 نى ئىشلىتىشنى ئۆگۈنۈپ بولالمىغانلىقى سەۋەپ بولغانمىكىن. مېنىڭچە ۋىندوۋىس8 كە ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى قوشقانلىقى سەۋەب بولغان بولۇشى مۇمكىن :lol alip يوللىغان ۋاقتى 2014-5-21 10:34 static/image/common/back.gif
مېنىڭچە ۋىندوۋىس8 كە ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى قوشقانلىقى ...
ھا ھا ھا ... مانىڭغا كۈلمەي بولمىدى. سېتىۋېلىشتا بىزپۇل تۆلەيمىز سېستىمىسىدا نىمشقا ھۆكۈمىتىكامنىڭ ئۇنى بۇنى چەكلىگۈسى بارىكىن بىلمىدىم . ئادەم ئۆزىنى ئويلىمسا يەر يۇتىدۇ
ھۇكۇمەتكاممۇ شۇنىڭ ئىچىدە
ئۇچۇر بىخەتەرلىكى ئوغۇرلۇقچە تىڭشاش alip يوللىغان ۋاقتى 2014-5-21 10:34 static/image/common/back.gif
مېنىڭچە ۋىندوۋىس8 كە ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى قوشقانلىقى ...
ئالامەت :lol
بەت:
[1]
2