udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-20 10:38:24

ئوغلۇمنىڭ بەدىنىدە كۆرۆلگەن قىزىل ئەسۋىنى قانداق داۋالايمىز

ئوغلۇم  ئىككى يىرىم ياش، ئوغول،
بۇلتۇر تۇنجى  قىتىم ئەتىيازدا بەدىنى، پۇت- قوللىرىدا قىزىل ئەسۋە كۆرۆلگەن، دەسلەپتىكى كۈنى ھاشارات چىقىۋالغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپتۇق. ئەتىسى يەنە باشقا ئوروندا كۆرۆلدى. بۇ قىزىل ئەسۋە قىچىشىدىكەن. بىر نەچچە كۈندىن كىيىن خوتەن ۋىلايەتلىك كىسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئىلىش، كونترول قىىش مەركىزىگە ئەكىرىپ، تىرە كىسەللىكلەر بۆلۆمىدە كۆرسەتتىم. ئۇلار ئىچىدىغان ۋە سىرتتىن چاپىدىغان  دورا بەرگەن ئىدى. 15 كۈندە ئۈنۈمى كۆرۆلۈپ يۇقاپ كەتكەن. كىيىن يەنە كۈز ۋاقتىدا قايتا ئەسۋە چىقىۋالدى، بۇ ۋاقىتتا تىببى جەھەتتىن دورا قىلماي، گۇمىدا ئۇيغۇر تىبابەت دوختورخانىسىغا ئىلىپ بارسام، ئۇلار كىچىك بالىغا مىللى شىپاخانىنىڭ دورا ئىغىر كىلىپ قالىدۇ، دورىخانىدا ھەر خىل تىرە كىسەللىكىنىڭ مەلھەملىرىنى ساتىدىغانلىقىنى،  دورىخانىدىن مەلھەم سىتىۋىلىپ چاپسام ساقىيىپ كىتىدىغانلىقىنى ئىيىتتى.
شەخسىي تىۋىپنىڭ قىشىغا باردىم، بالامنىڭ بەدىنىدىكى ئەسۋىنى كۆرسەتسەم، بالىنىڭ سوغوقى ئىشىپ كەتكەنلىكىنى، ئوسما بىلەن يۇمغاقسۈتنى ئارىلاشتۇرۇپ، ئىزىپ سۈيىنى چىپىپ بىرىشىمنى ئىيىتتى. مەن شۇنداق قىلدىم. بۇنىڭمۇش شۇ ۋاقىتلاردا ئاز - تولا  پايدىسى بولغاندەكلا قىلدى. ئەسۋە چىقىش 1 ئايدىن ئارتۇق داۋاملاشتى، كىيىن ئۆزلىكىدىن  يوقىدى.
بۇ يىل بالامنىڭ پۇت- قولىغا قىزىل (چوڭ پاشا چىقىۋالغانغا ئوخشايدۇ، لىكىن تىرە يۈزى ئاستا-ئاستا كۆتۆرلۈپ چىقىپ، تىرە يۈزى سەل قاتتىقلىشىدىكەن، سۇس قىزىل )
تۈنۈگۈن چىققان ئەسۋە 3 كۈندە ساقىيىپ، يەنە باشقا ئوروندا ئەسۋە كۆرۆلىدىكەن. تىۋىپلىرىمىزنىڭ بىر داۋالاش پىكىرىنى ئاڭلاپ باقسام، مەن ۋە باشقىلارنىڭ پايدىلىنىشىغا پايدىسى بوپ قىلىش ئىھتىماللىقى يەنىلا  يۇقىرى. بۇ دىگەن يەنىلا ئىزدىنىشقا تەۋە.
بالىلاردىكى بۇ تىرىدىكى قىزىل ئەسۋە (قىچىشىدىغان ) كىسەل نىمە سەۋەپتىن كۆرۆلىدۇ؟
قايسى خىل دورا بىلەن داۋالاش لاھىيسىنى قوللانساق بولىدۇ؟
تىۋىپلىرىمىزنىڭ ئەڭ ياخشى داۋالاش رىتسىپى بىلەن تەمىنلىشىنى سورايمەن.

Tepekkurchi يوللانغان ۋاقتى 2014-5-20 21:12:51

مەن تىۋىپ ئەمەس، ئەمما بالامنىڭ پۈتۈن بەدىنىگە قىزىل يۇمىلاق، ئىلىپپىس شەكىللىك ئەسۋە چىقىپ كىتىپ، بىر يەردىن يوقىسا باشقا يەردىن پەيدا بولۇپ  ئۆزۇم «گوگۇل دوختۇر» بولۇپ ئىزدىنىپ باقسام ئۇرتىكارىيا (يەلتاشما) دىگەن تىرە كىسىلىكەن، ئاساسلىقى تاماق، گۈل، ياكى سوغۇق بىرەر نەرسىلەرگە سىزىمچانلىقى ئىشىپ كىتىشتىن كىلىپ چىقىدىكەن. بۇ ئادەتتە بىر ئىككى كۈندىن بىرەر ئايلارغىچە ئۆزلىكىدىن يوقىلىپ كىتىدىكەن،  داۋالاش ھاجەتسىزكەن.  دوختۇرغا بارساقمۇ راسلا مەن توردىن كۆرگەندەك گەپنى قىلىپ قىچىشىشنى پەسەيتىدىغان دورا بىرىپلا بولدى قىلدى.
بالىلارغا چىقىدىغان ئەسۋەنىڭ تۈرلىرى ھەر خىل، سەۋەبى، ھەم داۋالاش ئۇسۇلىمۇ شۇنىڭغا قاراپ ئوخشىمايدىكەن ، بولسا سىز ئاشۇ ئەسۋەنى سۈرەتكە تارتىپ چىقارسىڭىز تىۋىپلار بەكرەك ياخشى مەسلىھەت بىرەلىشى مومكىن.

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-20 22:24:41

Tepekkurchi يوللىغان ۋاقتى  2014-5-20 23:12 static/image/common/back.gif
مەن تىۋىپ ئەمەس، ئەمما بالامنىڭ پۈتۈن بەدىنىگە قىزىل ي ...

بالىڭىزغا قانداق ئىسسىقلىق قىلدىڭىز؟ ياكى يەرلىك ئۇسۇلدا دورا قىلمىدىڭىزمۇ؟

Tepekkurchi يوللانغان ۋاقتى 2014-5-20 23:06:38

udun007 يوللىغان ۋاقتى  2014-5-20 22:24 static/image/common/back.gif
بالىڭىزغا قانداق ئىسسىقلىق قىلدىڭىز؟ ياكى يەرلىك ئۇس ...

ياق، دوختۇرنىڭ دىگىنىدەك قىچىشىشىنى پەسەيتىدىغان دورا بىرىپلا باشقا ھىچقانداق سەۋەپ قىلمىدۇق، ئۈچ كۈنلەردىن كىيىن ئۆزلىكىدىن يوقاپ كەتتى.

arislan يوللانغان ۋاقتى 2014-5-21 08:33:33

ئەمدى بۇ يەرنىمۇ بىرمالتىلاپ بېقىڭ. چىقىپ قالار...
ئۇيغۇر تېبابىتى بالىلار كېسەللىكلىرى


ئۇيغۇر تېبابىتى تېرە كېسەللىكلىرى

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-21 15:59:23

Tepekkurchi يوللىغان ۋاقتى  2014-5-21 01:06 static/image/common/back.gif
ياق، دوختۇرنىڭ دىگىنىدەك قىچىشىشىنى پەسەيتىدىغان دو ...

ھەپتە بولدى قىزىرىپ قالغىلى، يوقاپ كەتمەي ئەدەپلا تۇرىدۇ.

Control يوللانغان ۋاقتى 2014-5-21 19:43:02

ئوغلۇم ئىككى يېرىم ياش، ئوغۇل...{:92:}

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-5-21 19:53:35

@hezret2011   ھەزرىتىمنىڭ تەجرىبىلىرى بار ھەقىچان

hezret2011 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-21 23:38:24

ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم!
ئەرەقى شاھتەررە ياكى شاھتەررە شەربىتىنى ئىچىشكە بېرىش بىلەن بىرگە، خارىش مەرھىمىنى چېپىپ بەرسە ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ. ئۇمۇ ياخشى تەسىر قىلمىغاندا مەرھىمى ئەمراز چېپىپ بەرسە بولىدۇ، لېكىن بۇ ئىككىلا دورىنى بالىنىڭ كۆز ئەتراپىغا چېپىشتىن ساقلىنىش لازىم.
مەن يەنە ئىزدىنىپ باقاي...

تولۇقلىما مەزمۇن (2014-5-22 06:32):
قىزىتما ئارىلاشمىغان ئەسۋە بولسا بۇ ئۇسۇلنى قوللانسا مۇۋاپىق (تەجرىبىدىن ئۆتكەن).
ئەگەر قىزىتما قوشۇلۇ....

hezret2011 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-22 06:38:30

ئەگەر قىزىتما قوشۇلۇپ كەلگەن ئالامەتلەر بولسا تۆۋەندىكى چارىلەرنى قوللەنسا بولىدۇ.

يەلتاشما
 
        تۇنۇش: ھەسساسىيەت تۈپەيلىدىن تىرە شىللىق پەردىلەردىكى قان-تۇمۇرلاردا رىئاكىسيە يۈز بىرىپ، قان تۇمۇرلار ئۆتكۈزۈشچانلىقىنىڭ ئېشىپ كىتىشىدىن كىلىپ چىققان ۋاقتىلىق ، قزىل رەڭلىك مۇدۇر ياكى سۇلۇق ئشىشىق پولتايسىمى يەلتاشما دەپ ئاتىلىدۇ.
         يەلتاشما|游风|urticaria
       
           2. كىسەللىك سەۋەپلىرى.
       
        1) خىلىتلارنىڭ غەيرى تەبىئىي ئۆزگىرىشى- يەنى غەيرى تەبىئىي بەلغەم ، قان سەپرا ۋە سەۋدا ۋە ئۇلاردىن ھاسىل بولغان يەللەردىن، ياكى قاننىڭ سەپراغا قۇشۇلىشىدىن كىلىپ چىقىدۇ.
       
        2) يىمەك ئىچمەك ماس كەلمەسلىك سەۋەبىدىن كىلىپ چىقىدۇ.
       
        3) ھەر خىل دورىلارنىڭ تەسىرىدىن پەيدا بولىدۇ.
       
        4) ھەر خىل يۇقۇملىنىشىدىن پەيدا بولىدۇ.
       
        5) روھىي ئامىللار تەسىرىدىن كىلىپ چىقىدۇ.
       
        6) فىزىكا-خىمىيەلىك ئامىللارنىڭ تەسىرىدىن كىلىپ چىقىدۇ.
       
        7) ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈك ئامىللىرىنىڭ تەسىرىدىن كىلىپ چىقىدۇ.
       
        8) باشقا ئامىللار تەسىرىدىن كىلىپ چىقىدۇ.
       
        3. كىلىنكىدا تۈرلەرگە بۆلىنىشى:
       
        1) جىددىي خاراكتېرلىك يەلتاشما.
       
        2) قان تۇمۇر خاراكتېرلىك سۇلۇق ئىششىق.
       
        3)سۈنئىي يەلتاشما
       
        4) كۈن نۇرى خاراكتېرلىك يەلتاشما..
       
        5) سۇغۇق خاراكتېرلىك يەلتاشما.
       
        6) خولىن ئىنىرگىيەسى خاراكتېرلىك يەلتاشما.
       
        كىلىنىك ئالامىتى:
       
        ئاددىي يەلتاشما تىرىنىڭ ھەر قانداق قىسىمدا، ھەتتا شىللىق پەردىلەردە ھەر خىل چوڭلۇقتا، سۇس قىزىل ، تاتارغان ياكى نۇرمال تىرە، رەگىدىكى ئەسۋە پەيدا بولۇپ، چىگىرىسى ئېنىق، ئەتراپىدا قىزىل داغ پەيدا بولىدۇ.
       
        قاتتىق قىچىشىدۇ، ئېچىشىدۇ ۋە ئاغرىيدۇ. تىرىدىكى زەخمىلەر يېرىم سائەتتىن بىر نەچچە سائەتكىچە داۋاملاشقاندىن كىيىن ئۆزلىكىدىن يوقۇلىدۇ. ئىز قالمايدۇ. ئەمما بىر كۆتۈرلۈپ بىر پەسىيىپ بىر كۈندە بىر نەچچە قېتىم قۇزغىلىدۇ، بەدەننىڭ ئۆخشىمان ئورۇنلاردا كۆرلىدۇ.
       
        ئەگەر يەلتاشما سەپرادىن بولسا، ئەسۋە كىچىك، ساغۇچ بولۇپ قاتتىق قىچىشىدۇ ۋە ئېچىشىدۇ.
       
          ئەگەر بەلغەمدىن بولسا ھىسسىي بەلگۈلەر تىپىك بولماي بۆرۈتمە رەڭگى تاتارغان رەڭدە، ئەۋە ھەجىمى چوڭراق بولىدۇ.
       
          دىمەك، يەلتاشما قايسى خىلىتتىن كىلىپ چىققان بولسا، بەدەندە شۇ خىل خىلىتقا دالالەت قىلىدىغان ئالامەتلەر بىرگە كۆرۈلىدۇ. ئەگەر يەلتاشما ئىچكى ئەزالاردا بولۇپمۇ ھەزىم سىستىمىسىدا كۆرۈلسە كۆڭۈل ئېلىشش قۇسۇش، ئىچى سۈرۈش، قۇرساق ئاغرىش قاتارلىق ھەزىم سىستىمىسىغا ئائىت ئالامەتلەر كۆرلىدۇ.
        ئەگەر كىكىردەك ۋە يۇتقۇنچاق قىسىملىرىدا بولسا، يۇتقۇنچاق سولۇق ئىششىقى كۆتۈرلۈپ، نەپەس قىيىنلىشىش، دەم سىقىلىش، گال تۇسۇلۇش، ئېغىر بولغاندا تۇنجۇقۇپ قىېلىشتەك ھاياتقا خەۋىپ يىتىش ئالامەتلىرى كۆرلىدۇ.
       
            يەلتاشمىنىڭ تىپى:
       
        1- جىددىي خاراكتېرلىك يەلتاشما، (بۇ يۇقىردا سۆزلەندى)
       
        2- قان تۇمۇر خاراكتېرلىك سۇلۇق ئىششىق، بۇ كۆپىنچە قاپاق، كالپۇك، سىرتقى جىنسىي ئەزالاردا كۆپ كۆرلىدۇ. يەرلىك ئۇرۇندا يىنىك دەرىجىدە قىچىشىش ۋە چىڭقىلىش سىزىمى  بولىدۇ. تىرە زەخمىلىرى ئۆتكۈر خاراكتېرلىك دائىرلىك سۇلۇق ئىششىق بولۇپ، چىگىرسى ئىنىق ئەمەس، رەڭگى نۇرمال تىرە رەڭگىدە ياكى ئازراق قىزىل رەڭدە بولىدۇ، كۆپىنچە كىچىدە قۇزۇغۇلىدۇ.
       
        3- سۈنئىي يەلتاشما : گاھال تىغ بىلەن تىرىنى جىجىغاندا، جىجىغان سىزىقنى بويلاپ، يەلتاشما چىقىدۇ، قىچىشىدۇ.
       
        4- كۈن نۇرى خاراكتېرلىك يەلتاشما : بۇبىر بۆلۈك ئۆز بەدەنلىك ئىممونىتلىك ھالەت ئۆزگىرىشى رىئاكىسىەسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، كۈن نۇرىغا يولۇققان ھامان يەلتاشما ئەسۋىلىرى چىقىپ قىچىشىدۇ.
       
        5- سوغۇق خاراكتېرلىك يەلتاشما: بۇ كۆپىنچە تۆۋەن تىمپۇراتۇرغا سەزگۈر بولۇپ، تۆۋەن ھارارەتكە يولۇققان ھامان ئەسۋە چىقىدۇ.
       
        6- روھىي جىددىيلەشكەندىن بولغان يەلتاشما رۇھىي ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
       
        دىئاگىنوزى:
       
          كىلىنىك ئىپادىسى: كىسەل تارىخى، تىرىگە جىجاش سىنىقى مۇسپى بولۇش
       
          داۋالاش:
       
        1.      داۋالاش پىرىنسىپى:
       
        (1)              ئالدى بىلەن سەۋەپكە قارىتا چارە قىلىندۇ.
       
        (2)             بىمارنىڭ مىزاجى ۋە كىسەللىك ماددىسىغا ئاساسەن مۇنزىچ ۋە مۇسھىل بىرلىدۇ.
       
        (3)              قان تازىلىغۇچى زىيادە سىزىمچانلىقنى تۆۋەنلەتكۈچى ، زەھەر قايتۇرغۇچى ، سۈيدۈك ھەيدۈگۈچى دورىلار بىرلىدۇ.
       
        (4)      سىرتىدىن: قىچىشىش ۋە ئېچىشىشنى پەسەيتكۈچى ، تارقاتقۇچى دورىلار ئىشلىتىلدۇ. سۇۋۇتقۇچى ۋە ھۆللەشتۈرگۈچى دورىلار ئشىلىتىلىدۇ.
       
        2-    داۋالاش ئۇسۇلى: ماددىغا قارىتا مۇنزىچ ۋە مۇسھىل بىرىپ ماددا پىشقاندىن ۋە تازىلانغاندىن كىيىن ئەھۋالىغا قاراپ: ئانار شەربىتى، قارا ئۈرۈك سۈيى، مەتبۇخ شاھتەررە ، سىركە غىبىىللەر ، ئەرقى گۈل ئەرقى شوخلا، ئەرقى كاسىنە قاتارلىقلار بىرىلىدۇ.
       
        سىرتىدىن: ئەرقى گۈل، سىركە ۋە گۈل ياغلىرى ئشىلىتلىدۇ. ياكى سەندەلنى سىركە ، كافۇلارنى ئىزىپ چېپىلىدۇ. قىچىششنى پەسەيتىش ئۈۈن شاھتەررە، موزا ئاق لەيلى، ئەمەن، بىنەپشە پوستى، قىزىل گۈل ، كاۋاۋىچىن ، نىلۇپەر ، ئانار پۇستى، يۇمغاقسۈت، قاتارلىقلارنى قاينىتىپ يۇيۇلىدۇ.
       
        · مەنبە : خوتەن ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسى

hezret2011 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-22 06:41:28

تېرە ۋە تېرە رەڭگىدىن بىلىنىدىغان ئەھۋاللار
تېرىنىڭ چىڭ − بوشلۇقى، رەڭگى، تېرىدىكى سىزىقلار، تېرە يۈزىدىكى زەخمە ئىزلىرى، ئىششىقلار كېسەللىككە باھا بېرىشتە زور ئەھمىيەتكە ئىگە. مەسىلەن، تېرە، كۆز، كالپۇك، چىش مىلىكلىرىنىڭ نېپىز پەردىلىرىنىڭ تاتىرىشى قان ئازلىقنى بىلدۈرىدۇ. لېكىن، بەزىدە قورقۇپ كەتكەندە، باش ئايلىنىپ يىقىلغاندا، تېرە ئىششىغاندىمۇ تېرە تاتارغان ھالەتتە بولىدۇ. ئورۇقلاتقۇچى كېسەللىكلەردە تېرە توپا رەڭدە بولىدۇ.
تېرىدىكى قىل قان تومۇرلار كېڭىيىپ كەتكەندە تېرە قىزىرىپ قالىدۇ، مەسىلەن، ئۆپكە سىلى بىلەن ئاغرىغان ئادەملەر ئادەتتە چۈشتىن كېيىن سەل قىزىپ قالىدۇ. بۇ چاغدا مەڭزى قىزىرىپ خۇددى ئەڭلىك سۈرۈۋالغاندەك كۆرۈنىدۇ. بۇ بەلگىلەر ئۆپكە سىلىگە باھا بېرىشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
بەدەن تېرىسىنىڭ بىر قىسمى، مەسىلەن، يۈز، بۇرۇن ياكى باشقا جايلارنىڭ قىزىرىپ قېلىشى ماشارا كېسەللىكىنىڭ بەلگسى، بۇ كېسەللىكتە تېرىدا چىڭقىلىپ يېنىك ئاغرىش پەيدا بولىدۇ.
قانغا سەپرا )ئوت( ئارىلاشقان چاغدا، مەسىلەن، سېرىق كېسەلدە تېرە ۋە كۆزنىڭ ئېقى سارغىيىپ قالىدۇ. بەزى كېسەللىكلەردە، مەسىلەن، قوبا )چالاش كېسەللىكى( بىلەن ئاغرىغانلارنىڭ يۈز، قولىدا، كۆكرەكنىڭ ئوچۇق قالغان جايلىرىدا قارا داغ پەيدا بولىدۇ. ئاق كېسەلدە تېرىگە چىققان ئەسۋە )تاشما( لارنىڭ شەكلى، رەڭگى، چىقىش تەرتىپىمۇ كېسەللىككە باھا بېرىشتە بەلگىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە.
مەسىلەن، قىزىل كېسەللىكنىڭ ئەسۋىسى تېرىدىن كۆتۈرۈلۈپ تۇرىدىغان داغ شەكلىدە كۆرۈنىدۇ. دەسلەپتە باش تەرىپىدىن باشلىنىدۇ. 2 −، 3 − كۈنلىرى بويۇن، غول ۋە پۇتقا تارقىلىدۇ. ھال رەڭلىك ئەسۋىلەر باسسا يوقىلىدۇ، بۇ كۆكرەك ئۈچەي كېزىكىدە كۆرۈلىدۇ. چوڭ − چوڭ ياپىلاق تاشمىلار يەل تاشقاندا )ئېشەك يېمى چىققاندا( كۆرۈلىدۇ. بەك قىچىشىدۇ، بەزى دورىلار مۇۋاپىق كەلمىگەندىمۇ بۇ خىل ئەسۋىلەر چىقىدۇ. بويۇندىكى تاتۇقلار، چاشقان يارىسى بەز سىلى بىلەن ئاغرىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.
تېرىدە ئىششىقنىڭ بولۇشى كېسەللىككە باھا بېرىشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ. مەسىلەن، بۆرەك كېسەللىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىششىقتا ئىششىق يۈز، قاپاقتىن باشلىنىدۇ. تېرە تاتىرىدۇ، پارقىرايدۇ، تېرىدە قورۇق قالمايدۇ. بېسىپ قويۇۋەتسە خېمىرغا خېلى ئۇزاققىچە ئۆز ئەسلىگە كەلمەيدۇ.
يۈرەك كېسەللىكىدە ئىششىق ئادەتتە پۇتتىن، يەنى تاپاندىن، پۇتنىڭ دۈمبىسىدىن، بەدەننىڭ تۆۋەندىكى قىسىملىرىدىن باشلىنىدۇ.
تېرىنىڭ رەڭگىگە، ئىسسىق ۋە سوغۇقلۇقىغا قاراپ تۆۋەندىكى كېسەللىكلەرنى بىلىش مۇمكىن:
بەدەندە قاننىڭ ئاز − كۆپلۈكى تېرىنىڭ ئاق − قىزىل بولۇشىنى بەلگىلەيدۇ. بەزى كېسەللىكلەردە ھەر خىل مۇدۇرچاقلارنىڭ چىقىشى بىرقانچە ئالامەتلەرگە ئىسپات قىلىنىدۇ.

hezret2011 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-22 06:42:26

بىۋاسىتە ئالامەتلەر: ھەربىر كېسەللىككە خاس بولغان بىۋاسىتە ئالامەتلەر، مەسىلەن، قىزىل )ھۆسبە( كېسەللىكىدە دەسلەپتە بالىلاردا زۇكام بولغاندەك ئالامەتلەر كۆرۈلگەندىن كېيىن، ئەسۋە چىقىش، ئەسۋەنىڭ دەسلەپتە باش تەرەپكە، قۇلاق كەينىگە چىقىپ، ئاندىن بەدەنگە تارقىغانلىقىغا ئوخشاش نىسبەتەن مۇقىم بولغان خاس ئالامەتلەر، بۇنىڭدىن باشقا بىماردىكى كۆيۈشكەندەك سېزىلىش، ئاغرىش، ئىششىق، قىزىرىش قاتارلىق تۈپ ئاساسىي بەلگىلەرمۇ بىۋاسىتە ئالامەت ياكى ئەسلىي ئالامەت دەپ ئاتىلىدۇ.

hezret2011 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-22 06:42:58

تۇراقلىق قىزىتما )ھوممائى دائىم(: بۇنىڭدا قىزىتما 39-40℃ قا قەدەر كۆتۈرۈلۈپ ئۇدا بىرقانچە كۈن ياكى بىرقانچە ھەپتە داۋاملىشىدۇ. 42 سائەت ئىچىدە ئۆزگىرىش 1℃ تىن ئېشىپ كەتمەيدۇ. قىزىتمىنىڭ بۇ تىپى تولاراق زاتولرىيە، ئۈچەي كېزىكى، ئەسۋەلىك كېزىكلەرنىڭ قىزىتمىلىق دەۋرىلىرىدە ئۇچرايدۇ )بۇ خىل قىزىتمىنى قەدىمكى ھەكىملەر بەلغەم قىزىتمىسى −− ھومائى بەلغەميە دەپ ئاتىغان(.

hezret2011 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-22 06:43:52

توڭلاپ تىترەش: ئۆپكە چوڭ بۆلىكى ياللۇغى، قان چىرىش كېسەللىكى، ئۆت خالتا ئۆتكۈر ياللۇغى، ئۆتكۈر خاراكتېرلىك بۆرەك جامى ياللۇغى، تارقىلىشچان مېڭە پەردە ياللۇغى، بەزگەك ۋە ئۆتكۈر خاراكتېرلىك قاناشلىق كېسەللىكلەردە كۆرۈلىدۇ.
)2( تۇتاشتۇرغۇچى پەردىگە قان تولۇش: يەنى كۆز قىزىرىش، گال شىللىق پەردىسى قىزىرىش ھادىسىلىرى، قىزىل، تارقىلىشچان قاناشلىق قىزىتما، ئەسۋەلىك كېزىك ۋە بەزى بىر ھاشاراتلىق كېسەللىكلەردە كۆرۈلىدۇ.
)3( قوقاق چىقىش كۆپ خىلدىكى ئۆتكۈر قىزىتملىق كېسەللىكلەردە كۆرۈلىدۇ.
بۇ چوڭ بۆلەكلىك ئۆپكە ياللۇغىدا كۆرۈلسىمۇ، ئەمما ئۆپكە كىچىك بۆلەكچىلىرى ياللۇغىدا ياكى سىل مەنبەلىك ئۆپكە ياللۇغىدا كۆرۈلمەيدۇ؛ تارقىلىشچان مېڭە − يۇلۇن ياللۇغىدا، سىل مەنبەلىك ئۆپكە ياللۇغىدا كۆرۈلسىمۇ، سىل مەنبەلىك مېڭە ياللۇغىدا كۆرۈلمەيدۇ. كۈن ئارىلاپ تۇتىدىغان بەزگەكتە كۆرۈلىدۇ، ئەمما يامان سۈپەتلىك بەزگەك كېسەللىكلىرىدە كۆرۈلمەيدۇ.
)4(قاناشقا مايىللىق ئېغىر يۇقۇملىنىش ۋە قاناشقا مايىللىق كېسەللىكلىرىدە تولاراق كۆرۈلىدۇ. مەسىلەن، ئېغىر ئۆتكۈر قىزىل كېسەللىكى، ۋىرۇسلۇق جىگەر ياللۇغلىرى، ئەسۋىلىك كېزىك، قان چىرىش كېسەللىكى، يۈرەك ئىچكى پەردە ياللۇغى، ئۆتكۈر ئاق قان كېسەللىكى، ئېغىر كەم قانلىقلاردا كۆرۈلىدۇ.

hezret2011 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-22 06:44:23

ئەس − ھوشى توسالغۇغا ئۇچراش بىلەن ئۆتكۈر خاراكتېرلىك قىزىتما قوشۇلۇپ كېلىش: بۇ خىل ئالامەت دەسلەپ بىمارنى قىزىتىپ، ئارقىدىن ئەس − ھوشىنى توسالغۇغا ئۇچرىتىدۇ. بۇ خىل ئالامەت ئۆتكۈر خاراكتېرلىك يۇقۇملۇق كېسەللىكلەردە، مەسىلەن، ۋىرۇسلۇق مېڭە ياللۇغىدا، تارقىلىشچان مېڭە − يۇلۇن پەردىلىرى ياللۇغىدا )سەرسام ۋابائىدا(، ئەسۋىلىك كېزىك، ئۈچەي كېزىكى، زەھەرلىنىشلىك تولغاق، مېڭىگە تەسىر قىلغان بەزگەك، چوڭ بۆلەك ئۆپكە ياللۇغى قاتارلىقلاردا كۆرۈلىدۇ. دەسلەپ ئەس − ھوشى توسقۇنلۇققا ئۇچراش، ئارقىدىن قىزىش، مېڭە قاناش، مېڭە ئۆمۈچۈك تورىسىمان پەردە ئاستى بوشلۇقىغا قان چۈشۈش، باربتول جىنسلىق دورىلاردىن زەھەرلىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ

hezret2011 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-22 06:44:48

ئىچ سۈرۈش بىلەن بىللە تېرىگە ئەسۋە چىقىش: بۇ سىفلىس كېسەللىكىدە، ئۈچەي كېزىكىدە ۋە قوشۇمچە كېزىكتە، قىزىل، ھالەت ئۆزگىرىشلىك ئۈچەي ياللۇغى، زىيادە سىزىمچانلىق سۆسۈن داغ كېسەللىكى، پىللاگرا )چالاش( كېسەللىكىدە كۆرۈلىدۇ.

hezret2011 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-22 06:48:00

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hezret2011 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-22 06:49  

ناتۇغما سىفلىس: دەسلەپكى دەۋىرلىك «1-2دەۋىرى» ئاخىرقى دەۋىرلىك«3-دەۋىرى»، ۋە يۇشۇرۇن دەۋىرىلىك سىفلىسىتىن ئىبارەت ئۈچ خىلغا بۆلىنىدۇ.
1) دەسلەپكى دەۋىرلىك: (1) 1-دەۋىرلىك سىفلىس : يەنى بۇ ئاساسلىقى ناپاك جىنسىي مۇناسىۋەتتىن يۇقىدۇ. يۇشۇرۇن دەۋىر 4-3ھەپتە بولۇپ يۇقۇملانغان ئۇرۇندا گۈرۈچ چوڭلىقىدا خورما رەڭدە يەككە ھالەتتە ئۇچى ئۇچلۇق تۈۋى توم شەكلى يۇمىلاق ئەتراپى تەكشى، چىگىرسى ئىنىق ئۇچى ئىششىق ئاغىرمايدىغان تۈگۈنچە پەيدا بولىدۇ. چوڭ كىچىكلىكى 1سانتىمىتىر كىلىدىغان دۈگىلەك ياكى ئىلىپىس شەكىللىك قاتتىق تۈگىنچىگە ئايلىنىدۇ، ئۇزاق ئۆتمەي ئۇچى زىدىلىشىپ شەلۋەرەيدۇ. ياكى ئۈزەكى يارىغا ئۆزگىرىدۇ. يۇقۇمچانلىقى ناھايتى كۈچلۈك، تۈگۈنچە ئىچىدە يىرىڭ بولمايدۇ. يىرىق لىمفا تۈگۈنچىلىرى ئاغرىقسىز، يىرىڭسىز ئىششىيدۇ. ئۆز ئارا بىرلىشىپ كەتمەيدۇ.
2-دەۋىرلىك سىفلىس: قاندىن پۈتۈن بەدەنگە تارقىلىشىدىن پەيدا بولىدۇ. يۇقۇشچانلىقى ناھايتى تىز ، ئاساسلىقى تىرە شىللىق پەردىلەرگە چىقىدۇ، چىقىشتىن بۇرۇن پۈتۈن بەدەندە ئۇخشىمىغان دەرىجىدە قىزىتما 39گىرادۇس ، باش ئاغرىقى بوغۇملار ۋە مۆچىلەر ئاغرشى كۆرۈلۈپ 4-3كۈنچىگە داۋام قىلىغاندىن كىيىن ئەسۋە چىقىشقا باشلايدۇ. ئەسۋە ئاساسلىقى داغلىق ئەسۋە بىلەن دۆڭچە ئەسۋە بولۇپ رەڭگى مىس رەڭگىدە بولۇدۇ. شەكلى تەخسە شەكلىگە كىرىپ قالىدۇ. سىفلىس قان زەردابى (+) .
3-دەۋىرلىك سىفلىس: ئاخىرقى دەۋىرلىك سىفلىس.
كۆپۈنچە يۇقۇملىنىپ 4يىلدىن كىيىن كىسەل يۇقۇملىنىدۇ. بۇ ئاساسلىقى دەسلەپكى دەۋىردە داۋالانمىغان ياكى داۋالاش ياخشى بولىمىغانلىقىدىن كىلىپ چىقىدۇ. ئەگەر ئەسۋە بويۇن ۋە باشتا بولسا بەزىلىرى ئۆزلىكسىز يۇقۇلۇپ يەرلىك ئورۇن ئاقىرىپ قالىدۇ. بۇ خىل تىپتىكىنى ئاق كىسەلدىن پەرىقلەندۈرىمىز. ئەقلىي تەپەككۇرى ۋە رۇھىي ھالىتى تۆۋەنلەيدۇ. باش قىسمىدا بولسا چاچلار خۇددى كۆيگەندەك چۈشۈپ كىتىدۇ.
.............
دەسلەپكى دەۋىرلىك تۇغما سىفلىس: 3ئايدىن كىيىن كۆرىلىدۇ. دائىم بۇرۇن ياللۇغى بولىدۇ. ئېغىز ئەتراپى، مەقەت، ئالقان، تاپان، قاتارلىقلاردا پارچە-پارچە قىزىل داغ پەيدا بولىدۇ. جىگەر، تال ،لىمغا يوغىنايدۇ. ئاخىرىقى دەۋىرلىك تۇغما سىفلىس: كۆپىنچە 4ياشتىن ئاشقاندا يۈز بىرىدۇ.ئۇنىڭ3خىل ئالاھىدىلىكى بولىدۇ.




(1)ئويۇل ماددىلىق مۈُڭگۈز پەردە ياللۇغى (2) نىرۋا خاراكتىرلىك گاسلىق. (3) سۆڭەك پەردە ياللۇغى، قەقەچ شەكىللىك پاقالچاق ئىگىرىسىمان بۇرۇن قاتارلىقلارمۇ كۆرىلىدۇ.
دىئاگىنوزى:

كىسەللىك تارىخى، كىلىنىك ئىپادىسى، پەيدا بولۇشى ئورنى قان تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىگە ئاساسەن دىئاگىنوز قويۇلىدۇ.

سېلىشتۇرما دىئاگىنوزى
1. جىنسىي ئەزا قاپارتمىسى


2. قىزىل گۈللۈك ئەسۋە 3. تەڭگە تەمرەتكە

4. پاقالچاق ۋىناسى ئەگرى-بۈگرى يىرىڭلىق يارا 5. سىل ئەسۋىسى

hezret2011 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-22 06:51:20

سۇ چىچىكى (ئاق ئانام) نىڭ يۇقۇش ئالاھىدىلىكى، ئالامەتلىرى، داۋالاش ۋە ئالدىنى ئېلىش

http://parzant.com/%D8%B3%DB%87-%DA%86%D9%89%DA%86%D9%89%D9%83%D9%89-%D8%A6%D8%A7%D9%82-%D8%A6%D8%A7%D9%86%D8%A7%D9%85-%D9%86%D9%89%DA%AD-%D9%8A%DB%87%D9%82%DB%87%D8%B4-%D8%A6%D8%A7%D9%84%D8%A7%DA%BE%D9%89%D8%AF%D9%89/%D9%8A%DB%87%D9%82%DB%87%D9%85%D9%84%DB%87%D9%82-%D9%83%D9%89%D8%B3%DB%95%D9%84%D9%84%D9%89%D9%83/


       

يۇقۇش ئالاھىدىلىكى:
•ۋىرۇش پەيدا قىلىدىغان ئۆتكۈر خاراكتىرلىق نەپەس يولى يۇقۇملۇق كىسەللىگى.
•تېرە ۋە شىللىق پەردىلەردە تۈركۈملەپ

سۇ پۈۋۋەكچىسى چىقىدۇ.
•يۇقۇمچانلىقى ئىنتايىن كۈچلۈك بولۇپ كىسەلگە يېقىنلاشقان ھامان ئىممۇنىت كۈچى يوقلارغا 90 پىرسەنت يۇقىدۇ. قىش ۋە ئەتىياز پەسلىدە كۆپ كۆرىلىدۇ.
•بالىلار كوللىكتىپ تۇرغان يەسلى ۋە مەكتەپلەردە ئاسان تارقىلىدۇ.
•ئۆسمۈرلەردە كۆپ ئۇچرايدۇ، ئالتە ئايدىن كىچىك بوۋاقلاردا ئاز ئۇچرايدۇ.
• سۇ چىچىكى چىققان بالا بىردىن بىر كىسەل يۇقتۇرۇش مەنبەسى بولۇپ كىسەلنىڭ بىرىنچى كۈنىدىن تارتىپ سۇ پۇۋۋەكچىسىنىڭ ھەممىسى قۇرۇپ قەقەچ تۇتقىچە ئارىلىقتا يۇقۇش خاراكتىرىغا ئىگە.
•تۈكرۈك چاچراندىلىرى ئارقىلىق يۇقىدۇ، كىيىم كىچەك ۋە ئىشلەتكەن نەرسىلەر ئارقىلىقمۇ يۇقىدۇ.
ئالامەتلىرى:
•يوشۇرۇن دەۋرى: 10 كۈندىن 24 كۈنگىچە بولىدۇ. بۇ مەزگىلدە بالا نورمال بولىدۇ
•كىسەل بولۇشنىڭ ئالدىنقى دەۋرى: تۆۋەندىكىدەك ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.
§قىزىتىش، بۇرنى ئېقىش
§باش، يۇتقۇنچاق، پۇت قول قاتارلىقلار ئاغرىش
§كۆڭلى ئاينىش، قۇسۇش، قورسىقى ئاغرىش

•ئەسۋە چىقىش دەۋرى:
§ئاۋال باش ۋە گەۋدىگە، ئاندىن يۈزگە، ئاخىرىدا پۇت قولغا چىقىدۇ. ھەم قىچىشىدۇ.
§يىڭنە ئۇچىدەك داغ چىقىپ ئاندىن سۇلۇق قاپارتقىغا ئۆزگىرىدۇ. سۇلۇق قاپارتمىنىڭ ئەتراپىدا قىزىل داغ بولىدۇ. سۇلۇق قاپارتما 2-5 مىللىمىتىر چوقلۇقتا بولىدۇ.
§ئېغىز ، يۇتقۇنچاق، تاشقى جىنسىي ئەزالارغىمۇ سۇلۇق قاپارتما چىقىشى مۇمكىن.
داۋالاش:
•كىسەل ئالامىتىگە قاراپ داۋالاش: قىزىتىپ قالغاندا قىزىتما دورىسى، قىچىشىپ كەتكەندە قىچىشىشنى توختىتىدىغان دورىلارنى ئىشلىتىش.
•تېرىنىڭ ئىككىلەمچى يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش. كىسەلنىڭ چىچەكنى تاتىلاپ زەخمىلەندۈرۈشى ۋە ياللۇغلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلش كېرەك.

•سۇلۇق قاپارتما تېشىلگەن بولسا بېنەپشە دورا سۈيى سۈركەپ قويۇش.
•كىيىم كىچەكلەرنى ئالماشتۇرۇپ تېرىنىڭ تازىلىقىغا ئەھمىيەت بېرىش.
•يېتىپ ئارام ئېلىپ قايناقسۇنى كۆپ ئىچىش، ئاسان ھەزىم بولىدىغان تاماقلارنى بېرىش.
ئالدىنى ئېلىش:


→ سۇ چىچىكى (ئاق ئانام) نىڭ يۇقۇش ئالاھىدىلىكى
سۇ چىچىكى (ئاق ئانام) نى داۋالاش ←
سۇ چىچىكى (ئاق ئانام) نىڭ ئالامەتلىرى
ۋاقىت: 2013- يىل 13- دېكابىر ئاپتور: parzant
•يوشۇرۇن دەۋرى: 10 كۈندىن 24 كۈنگىچە بولىدۇ. بۇ مەزگىلدە بالا نورمال بولىدۇ
•كىسەل بولۇشنىڭ ئالدىنقى دەۋرى: تۆۋەندىكىدەك ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.
§قىزىتىش، بۇرنى ئېقىش
§باش، يۇتقۇنچاق، پۇت قول قاتارلىقلار ئاغرىش
§كۆڭلى ئاينىش، قۇسۇش، قورسىقى ئاغرىش
•ئەسۋە چىقىش دەۋرى:
§ئاۋال باش ۋە گەۋدىگە، ئاندىن يۈزگە، ئاخىرىدا پۇت قولغا چىقىدۇ. ھەم قىچىشىدۇ.
§يىڭنە ئۇچىدەك داغ چىقىپ ئاندىن سۇلۇق قاپارتقىغا ئۆزگىرىدۇ. سۇلۇق قاپارتمىنىڭ ئەتراپىدا قىزىل داغ بولىدۇ. سۇلۇق قاپارتما 2-5 مىللىمىتىر چوقلۇقتا بولىدۇ.
§ئېغىز ، يۇتقۇنچاق، تاشقى جىنسىي ئەزالارغىمۇ سۇلۇق قاپارتما چىقىشى مۇمكىن.

سۇ چىچىكى (ئاق ئانام)


سۇ چىچىكى بولغان بالا

سۇ چىچىكى (ئاق ئانام)


→ سۇ چىچىكى (ئاق ئانام) نى داۋالاش
كۆك يۆتەل (يۈز كۈنلۈك يۆتەل) نىڭ ئالاھىدىلىكى ←
سۇ چىچىكى (ئاق ئانام) نىڭ ئالدىنى ئېلىش
ۋاقىت: 2013- يىل 13- دېكابىر ئاپتور: parzant
        1. سۇ چىچەكنىڭ ۋاكسىنىسىنى ئۇرغۇزۇش.
        2. •كىسەل بالىلارنى ھەممە ئەسۋەلەر قۇرۇپ قەقەچ باغلىغىچە باشقا بالىلاردىن ئايرىۋىتىش كېرەك.
        3. •كىسەل بالىلارنىڭ نەپەس يولى ئاجراتمىلىرى ۋە سۇلۇق پۇۋۋەكچىدىكى سۇ بىلەن بۇلغانغان نەرسىلەرنى ۋە كىيىم كىچەكلەرنى ئاپتاپقا قاپلاپ ، قاينىتىپ ، ياكى ئۇلترا بىنەپشە نۇر بىلەن دېزىنڧىكسىيە قىلىش كېرەك.
        4. •كىسەل بىلەن ئۇچراشقان بالىلارنى 10 كۈن ئايرىپ كۈزىتىش كېرەك.

سۇ چىچىكى (ئاق ئانام)
→ سۇ چىچىكى (ئاق ئانام) نىڭ ئالامەتلىرى
سۇ چىچىكى (ئاق ئانام) نىڭ ئالدىنى ئېلىش ←
سۇ چىچىكى (ئاق ئانام) نى داۋالاش
ۋاقىت: 2013- يىل 13- دېكابىر ئاپتور: parzant
•كىسەل ئالامىتىگە قاراپ داۋالاش: قىزىتىپ قالغاندا قىزىتما دورىسى، قىچىشىپ كەتكەندە قىچىشىشنى توختىتىدىغان دورىلارنى ئىشلىتىش.
•تېرىنىڭ ئىككىلەمچى يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش. كىسەلنىڭ چىچەكنى تاتىلاپ زەخمىلەندۈرۈشى ۋە ياللۇغلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلش كېرەك.
•سۇلۇق قاپارتما تېشىلگەن بولسا بېنەپشە دورا سۈيى سۈركەپ قويۇش.
•كىيىم كىچەكلەرنى ئالماشتۇرۇپ تېرىنىڭ تازىلىقىغا ئەھمىيەت بېرىش.
•يېتىپ ئارام ئېلىپ قايناقسۇنى كۆپ ئىچىش، ئاسان ھەزىم بولىدىغان تاماقلارنى بېرىش.

(22 قېتىم)
→ سۇ چىچىكى (ئاق ئانام) نى داۋالاش
كۆك يۆتەل (يۈز كۈنلۈك يۆتەل) نىڭ ئالاھىدىلىكى ←
سۇ چىچىكى (ئاق ئانام) نىڭ ئالدىنى ئېلىش
ۋاقىت: 2013- يىل 13- دېكابىر ئاپتور: parzant
        1. سۇ چىچەكنىڭ ۋاكسىنىسىنى ئۇرغۇزۇش.
        2. •كىسەل بالىلارنى ھەممە ئەسۋەلەر قۇرۇپ قەقەچ باغلىغىچە باشقا بالىلاردىن ئايرىۋىتىش كېرەك.
        3. •كىسەل بالىلارنىڭ نەپەس يولى ئاجراتمىلىرى ۋە سۇلۇق پۇۋۋەكچىدىكى سۇ بىلەن بۇلغانغان نەرسىلەرنى ۋە كىيىم كىچەكلەرنى ئاپتاپقا قاپلاپ ، قاينىتىپ ، ياكى ئۇلترا بىنەپشە نۇر بىلەن دېزىنڧىكسىيە قىلىش كېرەك.
        4. •كىسەل بىلەن ئۇچراشقان بالىلارنى 10 كۈن ئايرىپ كۈزىتىش كېرەك.

سۇ چىچىكى (ئاق ئانام)
سۇ چىچىكى (ئاق ئانام) نىڭ ئالامەتلىرى ←
سۇ چىچىكى (ئاق ئانام) نىڭ يۇقۇش ئالاھىدىلىكى
ۋاقىت: 2013- يىل 13- دېكابىر ئاپتور: parzant

سۇ چىچىكى (ئاق ئانام)

•ۋىرۇس پەيدا قىلىدىغان ئۆتكۈر خاراكتىرلىق نەپەس يولى يۇقۇملۇق كىسەللىگى.
•تېرە ۋە شىللىق پەردىلەردە تۈركۈملەپ سۇ پۈۋۋەكچىسى چىقىدۇ.
•يۇقۇمچانلىقى ئىنتايىن كۈچلۈك بولۇپ كىسەلگە يېقىنلاشقان ھامان ئىممۇنىت كۈچى يوقلارغا 90 پىرسەنت يۇقىدۇ. قىش ۋە ئەتىياز پەسلىدە كۆپ كۆرىلىدۇ.
•بالىلار كوللىكتىپ تۇرغان يەسلى ۋە مەكتەپلەردە ئاسان تارقىلىدۇ.
•ئۆسمۈرلەردە كۆپ ئۇچرايدۇ، ئالتە ئايدىن كىچىك بوۋاقلاردا ئاز ئۇچرايدۇ.
• سۇ چىچىكى چىققان بالا بىردىن بىر كىسەل يۇقتۇرۇش مەنبەسى بولۇپ كىسەلنىڭ بىرىنچى كۈنىدىن تارتىپ سۇ پۇۋۋەكچىسىنىڭ ھەممىسى قۇرۇپ قەقەچ تۇتقىچە ئارىلىقتا يۇقۇش خاراكتىرىغا ئىگە.
•تۈكرۈك چاچراندىلىرى ئارقىلىق يۇقىدۇ، كىيىم كىچەك ۋە ئىشلەتكەن نەرسىلەر ئارقىلىقمۇ يۇقىدۇ.

hezret2011 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-22 06:57:15

ئىككىلەمچى دەۋىرلىك سىفلىس (二期梅毒) :
سىفلىس بۇرغىسىمان تەنچىسى يەرلىك ئورۇندىكى لىمفا تۈگۈنى ئارقىلىق قانغا كىرىدۇ . بەدەندە تارقالغاندىن كىيىن پۇتۇن بەدەندە ئىپادىلىنىدۇ . ئادەتتە يۇقۇملىنىپ 7-10 ھەپتە ياكى قاتتىق شانكىر پەيدا بولۇپ ، 6-8 ھەپتىدىن كېيىن پەيدا بولىدۇ . تېرە شىللىق پەردىنىڭ زەخمىلنىشى ئەڭ كۆپ كۆرۈلدۇ . ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى تېرە زەخمىسى كەڭ كۆلەمدە ھەم پاراللېل بولىدۇ . ئەسۋە (梅毒疹) خىلمۇ خىل بولۇپ ، يۇقۇملاندۇرۇشى كۈچلۈك بولىدۇ : (1) داغلىق ئەسۋە ( ئەتتىرگۈل ئەسۋە斑疹型梅毒疹 -玫瑰疹)، داغلىق دۆڭچە ئەسۋە ، ئالقان-تاپان سىفلىس ئەسۋە ، يىرىڭ قاپارتمىلىق ئەسۋە ؛ (2) سىرتقى جىنسى ئەزا - مەقەت ئەتراپى ھۆل سۆگەل تېرە كۆتۈرۈلگەن ، چىگرىسى ئېنىق ، يۇزى شەلۋەرىگەن بولۇپ چېڭسەيگە ئوخشاش؛ (3) كالپۇك ، تىل ، يۇتقۇنچاق ، قوۋۇز ئىچى يېنى ، بادام بەز ۋە كېكىرتەكلەردە شىللىق پەردە كۆرۈلدۇ . شىللىق پەردە قىزىرىپ ئىششىپ ، دۈەىلەك سۇ شەلۋەرلەش ھالىتدە بولۇپ ئۇستىگە كۇل رەڭ سۇيۇقلۇق يېوىۋالىدۇ . ئاغرىقنى ھېس قىلمايدۇ ؛ (4) چېكە ۋە ئارقا گەجگىسىدە داغ شەكىللىك چاچ چۈشۈپ ، قۇرۇت زېدىلىگەندەك بولىدۇ .

hezret2011 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-22 07:05:02

        بەلۋاغسىمان قۇقاق ياش ۋە ئوتتۇرا ياشلاردا ياز ۋە كۈز پەسىللىرىدە كۆپ پەيدا بولىدۇ. گەۋدە ۋە يۈز قىسىملىرىدا ئاسان پەيدا بولىدۇ . كېسەل يۈز بىرىشتىن 3 كۈن ئىلگىرى يەڭگىل دەرىجىدە ئومۇمى بەدەنلىك ئالامىتى بولىدۇ . مەسىلەن: تۈۋەن قىزىتما , پۈتۈن بەدەن ماغدۇرسىزلىنىش , ئىشتىھاسىزلىق , ئەسۋە چىقىدىغان ئورۇن , تېرىسى كۆيۈپ قىزىش , ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلۈپ , 1- 4 كۈندىن كېيىن تېرىدە توپ-توپ سۇلۇق قاپارتقۇچلار چىقىدۇ . ياكى دۆڭچە ئەسۋە چىقىدۇ .
        قاپارتمىلار سۈيى سۈزۈك , دىۋارى چىڭقىلىپ مەرۋايىتتەك پارقىرايدۇ . نىرۋىلارنى بويلاپ بەلۋاغسىمان تىزىلىدۇ. ئەسۋىلەرنىڭ تىگى ئازراق قىزىرىپ قالىدۇ . ئادەتتە ئەسۋىلەر گەۋدە ئوتتۇرا سىزىقىدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ . تېرە زەخمىسى كۆپۈنچە قوۋۇرغا ئارلىق نىرۋىلىرى ياكى3 ئاچىماق نېرۋىنىڭ بىرىنچى شاخچىسىغا كۆرۈلىدۇ . يەرلىك ئورۇن لىمفا تۈگۈنچىلىرى ۋە نېرۋىلارنىڭ ئاغرىقى بۇ كېسەلنىڭ مۇھىم ئالامىتىنىڭ بىرى . ئادەتتە 2-4 ھەپتىگىچە ئارلىقتا پۈتۈنلەي ساقىيىپ كىتىدۇ. تاتۇق قالدۇرمايدۇ. ياشانغانلاردا يەرلىك ئورۇن 3- 6 ئايغىچە ئاغرىق توختىمايدۇ.

        ئاقىۋىتى:
       
        ئۈچ ئاچىماق نېرۋا تەسىر قىلىپ چىراي قىسمىغا كۆز مۈڭگۈز پەردىسىگە تەسىر قىلىپ , كۆز مۈڭگۈز پەيدا قىلىدۇ . لەقۋا )يۈز نېرىپ پالىچى(, قۇلاق ئاغرىقى, سىرتقى قولاق يولى, ئەسۋەلىك 3 بىرلەشمە كېسىلى قاتارلىقلارنىڭ ئېغىرلىرىدا يوقۇرى قىزىتما , ئۆپكە ياللۇغى, مېڭە ياللۇغى قاتارلىقلارنى پەيدا قىلىدۇ.


        بەلباغسىمان قوقاق(قاپارتما)

       
        تونۇش :
        ئەتىراپ نېرۋىلارنى بويلاپ بەدەن تېرىسىنىڭ بىر تەرىپىدە پەيدا بولىدىغان توپ-توپ سۇلۇق قاپارتما بۇلۇشنى ئالاھىدىلىك قىلغان تېرە كېسەللىكى بولۇپ, ئۇيغۇر تىبابىتى كېلاسسىك ماتېرىياللىرىدا نەملە دەپ ئاتىلىدۇ .
        سەۋەبى:
        1. قان خىلىتىنىڭ ئۇفۇنەتلىشىدىن پەيدا بولىدۇ.

        بەلۋاغسىمان قۇقاق ياش ۋە ئوتتۇرا ياشلاردا ياز ۋە كۈز پەسىللىرىدە كۆپ پەيدا بولىدۇ. گەۋدە ۋە يۈز قىسىملىرىدا ئاسان پەيدا بولىدۇ . كېسەل يۈز بىرىشتىن 3 كۈن ئىلگىرى يەڭگىل دەرىجىدە ئومۇمى بەدەنلىك ئالامىتى بولىدۇ . مەسىلەن: تۈۋەن قىزىتما , پۈتۈن بەدەن ماغدۇرسىزلىنىش , ئىشتىھاسىزلىق , ئەسۋە چىقىدىغان ئورۇن , تېرىسى كۆيۈپ قىزىش , ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلۈپ , 1- 4 كۈندىن كېيىن تېرىدە توپ-توپ سۇلۇق قاپارتقۇچلار چىقىدۇ . ياكى دۆڭچە ئەسۋە چىقىدۇ . قاپارتمىلار سۈيى سۈزۈك , دىۋارى چىڭقىلىپ مەرۋايىتتەك پارقىرايدۇ . نىرۋىلارنى بويلاپ بەلۋاغسىمان تىزىلىدۇ. ئەسۋىلەرنىڭ تىگى ئازراق قىزىرىپ قالىدۇ . ئادەتتە ئەسۋىلەر گەۋدە ئوتتۇرا سىزىقىدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ . تېرە زەخمىسى كۆپۈنچە قوۋۇرغا ئارلىق نىرۋىلىرى ياكى3 ئاچىماق نېرۋىنىڭ بىرىنچى شاخچىسىغا كۆرۈلىدۇ . يەرلىك ئورۇن لىمفا تۈگۈنچىلىرى ۋە نېرۋىلارنىڭ ئاغرىقى بۇ كېسەلنىڭ مۇھىم ئالامىتىنىڭ بىرى . ئادەتتە 2-4 ھەپتىگىچە ئارلىقتا پۈتۈنلەي ساقىيىپ كىتىدۇ. تاتۇق قالدۇرمايدۇ. ياشانغانلاردا يەرلىك ئورۇن 3- 6 ئايغىچە ئاغرىق توختىمايدۇ.
        ئاقىۋىتى:
        ئۈچ ئاچىماق نېرۋا تەسىر قىلىپ چىراي قىسمىغا كۆز مۈڭگۈز پەردىسىگە تەسىر قىلىپ , كۆز مۈڭگۈز پەيدا قىلىدۇ . لەقۋا )يۈز نېرىپ پالىچى(, قۇلاق ئاغرىقى, سىرتقى قولاق يولى, ئەسۋەلىك 3 بىرلەشمە كېسىلى قاتارلىقلارنىڭ ئېغىرلىرىدا يوقۇرى قىزىتما , ئۆپكە ياللۇغى, مېڭە ياللۇغى قاتارلىقلارنى پەيدا قىلىدۇ.


         دانىخورەك، ئەسۋە چىقسا، ئازراق سەركىچۆپ يىلتىزى سۈيى ئىچىپ بېرىڭ
            چۇ ڭچىڭ شەھەرلىك جۇڭيى تېبابەت دوختۇرخانىسى ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ۋىراچى ساۋ لياڭيۈ مۇنداق دېدى، ئەتىياز – ياز پەسلىدە يۈزى گە دائىم دانىخورەك ۋە ئەسۋە چىقىدىغان كى شىلەرنىڭ ئىچى ئىسسىق بولۇپ، سەركىچۆپ ئستېمال قىلسا، كىچىك تە رەتنى راۋانلاشتۇرۇپ، قاننى سوۋۇتىدىغان ب ولغاچقا، ئۇلارغا تازا ماس كېلىدۇ. ئىچىش ئۇسۇلىمۇ ناھايىتى ئاددىي: يېڭى سەركىچۆپ يىلتىزىدىن 50 گرامنى كىسىپ پارچىلىغاندىن كېيىن، ئىستاكانغا س ېلىپ، قايناق سۇدا قاينىتىپ، چاي دەملەپ ئ ىچسە بولىدۇ. ئىچىشتىن ئىلگىرى ئۆزىنىڭ تىلىغا قاراپ بېقىش كېر ەك، تىلى قىزىل، تىل گېزى سارغايغان كىشىلەرنىڭ ئىچىشىگە مۇۋاپىق كېلىدۇ؛ ئەگەر تىلى قىزىرىپ، تىل گېزىدا سارغىيىش بولمىسا، 30 گرام شىمال شىقىلد ىقى قوشۇپ ئىچسە، ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.

قىزىل داغلىق بورە چاقىسى...........
بەت: [1] 2
: ئوغلۇمنىڭ بەدىنىدە كۆرۆلگەن قىزىل ئەسۋىنى قانداق داۋالايمىز