ئىشتىھانى ئاجايىپ ئاچىدىغان دورا
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا tadubeg تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-5-20 10:39ئىشتىھاسىزلىققا بىر دورا
بۇ ھەر قايسى ياشتىكىلەرگە ماس كېلىدىغان، ئىشتىھانى ئاچىدىغان دورا رېتسىپى بولۇپ،ئۆزى بىر قوللۇق تۈجۈپىلەپ تەييارلىسا ئۈنۈمى ئاجايىپ يۇقىرى بولىدۇ،مەن بۇ دورىنى دەسلەپ تەييارلىغاندا ھەپتىدەك ۋاقىتتا ياساپ بولغانىدىم،ئەمما تەسىرى ئاجايىپ ياخشى چىققان ئىدى. دورىنىڭ تەمى بىراز چۈچۈمەل،دەسلەپتە يىيىش بىراز تەس تۇيۇلۇشى مۇمكىن،بىر ئىككى كۈن چىداپ يەۋەرسە ئۇ ئەھۋاللارمۇ يوقايدۇ.
بۇ مىڭ يىللاردىن ئۇشۇق تارىخقا ئىگە تەكرار سىناقتىن ئۆتكەن،زىيىنى يوق دورا(مەن رىتسىپتىكى مىقدارلارنى بىراز ئۆزگەرتتىم .
دورا رېتسىپى تۆۋەندىكىچە:
پاكىستاننىڭ يېڭى ئامىلىسىدىن 500گرام، بۇ چوقۇم چۈچۈمەل بولۇشى،يېڭى بولۇشى،پاكىز بولۇشى كېرەك.
يەرلىك قىزىلگۈل بەرگى 27گرام، سەئدى كۇڧى 22گرام، قەلەمپۇر، مەستىكى رۇمى، سۇنبۇل چىنى،ئاسارۇن ھىندى 14گرامدىن، پەرەنجىمىشكى، تىشىلمىگەن مەرۋايىت، سازەج ھىندى 12گرامدىن، زەرنەپ،زۆرەنباد، بەسباسە، قاقىلە،لاچىندانە، جۇيۇز،نىپىز دارچىن 9گرامدىن، زەپەر ،ئىپار 4.5گرامدىن، دورىلانمىغان سېرىق ناۋات ،ساپ ھەسەل 750گېرامدىن.
ياساش ئۇسۇلى:
ئاۋال ئامىلىنىڭ شاكاللىرىنى ئىلغىۋېتىپ، بەش كىلوگرام ساپ سۈتكە بىر كۈن چىلاپ قويىمىز . ئاندىن ئۈستىگە ئىككىلىك كەلگۈدەك مىقداردا سۇ قۇيۇپ سۇس ئوتتا كۆيدۈرۈۋەتمەي ئارىلاشتۇرغاچ قاينىتىمىز، تاكى ئامىلە ئىزىلىپ ئۇماچ ھالەتكە كەلگۈچە. ئاندىن ئوتنى توختىتىپ قول كۆيمىگۈدەك بولغاندا ئامىلىنى ئەلگەكتىن ئۆتكۈزىمىز، ئەلگەكتىن ئۆتۈپ بولغان قىيامىنى قۇرۇق قازانغا تۆكۈپ ئۈستىگە ھەسەل ۋە ناۋات تالقىنىنى سېلىپ سۇس ئوتتا يەنە ئۇماچ بولغۇچە قاينىتىمىز. بۇ جەرياندا دورىنى پات پات قۇچۇپ تۇرۇش،ئىس كەتمەسلىكىگە دىققەت قىلىش كېرەك. زەپەر بىلەن ئىپارنى ئازراق شىكەر بىلەن يۇمشاق ئىزىمىز، قالغان دورىلارنى ناھايىتى يۇمشاق سوقىمىز. قىيام قول كۆيمىگۈدەك بولغاندا ئىپار،زەپەر تالقىنىنى قۇشۇپ تەكشى ۋە ئۇزاق ئارىلاشتۇرىمىز، ئاندىن باشقا دورا تالقىنىنى ئارىلاشتۇرىمىز. پاكىز ئەينەك ياكى داتلاشماس تۈمۈر قاچىغا دورىنى ئېلىپ ئوتتۇرىسىنى سەل ئويمان قىلىپ بىر نەچچە كۈن قويۇپ قويساق دورا تەركىبىدىكى پارغا ئايلىنىپ بولالمىغان سۇلار ئوتتۇرىغا يىغىلىدۇ، ئۇ سۇلارنى ئېلىۋېتىپ، دورىنى يەنە تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ، ئەتىگەن كەچتە ،تاماقتىن بۇرۇن بىر قۇشۇقتىن ئىككى قېتىم ئىستىمال قىلسا ئادەتتىكى ئەھۋالدا بىر كۈندىلا ئۈنۈمى كۆرۈلىدۇ.
بۇ دورا يەنە يۈرەك،مېڭە،جىگەر،ئاشقازان،تال،بۆرەك ۋە باشقا ئەزالارنى قۇۋۋەتلەش، رەڭگى روھىنى چىرايلىق قىلىش، ئېغىزدىكى سېسىقلىقنى يوقىتىش تەسىرىگە ئىگە بولۇپ، نېرۋا ئاجىزلىق كېسىلى، يۈرەك كېسىلى،تۇتقاقلىق،ئاشقازان كېسىلى، ئىشتىھاسىزلىق ،جىگەر ئاجىزلىقى ۋە شۇ سەۋەبتىن بولغان جىنسى ئاجىزلىق،قورساققا سۇ چۈشۈش،ئۇمۇمى بەدەن زەئىپلىكى،سەۋدانىڭ زىيادىلىكى قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا kumbah تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-5-20 11:10
بۇنى ئائىلىدە ياساپ بولغىلى بولمىغىدەك.چۈنكى بەزى دورىلارنى تېپىپ بولماق تەسكە چۈششى مومكىن ، شۇڭا سىز ياسىغان تەييار دورا بولسا سېتىۋالغان بولساق؟ ئادرىسىڭىز ياكى ئالاقىلشىش ئۇسۇلىڭىزنى دەپ بەرگەن بولسىڭىز؟قەشقەردە بولسىڭىز ئادرىسىڭىزنى دەپ بەرسىڭىز ؟
www.4tadu.com بۇ توربەت ئېچىلمىدى؟ دورىلارنىڭ ھەممىسى ئاسان تېپىلىدىغان دورىلار . ياساشقا بىراز ۋاقىت كىتىدۇ لېكىن .
تور بېتىم ھەپتىدىن بېرى ئېچىلمايدىغۇ :@
مەن ئۈرۈمچىدە ياساپ بەرگەن بۇلسىڭىز ئالاتتۇق...:o بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hoopeelover تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-5-20 20:52
چۈشتە كېلىۋېتىپ كۆرگەنتىم ئاققۇۋۇق زىبا ساماۋەر شورپىخانىسدىن شىمالغا(خەلىق مەيدانى يۈلىنىشىگە) قاراپ پىيادە ماڭسىڭىز ئالدىڭزدىلا كۆزگە چېلىقىدىكەن.
تېڭشۈننىڭ خەرىتىسى بولامدۇ نىمە مانا رەسىمى
ئىشتىھانى تۇتقىزىدىغىنى يوقمۇ:lol ياساپ بەرگەن بۇلسىڭىز ئالاتتۇق بۇ يازمىنى ئاخىرىدا welld تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-5-20 22:04
ziyali يوللىغان ۋاقتى 2014-5-20 19:58 static/image/common/back.gif
ئىشتىھانى تۇتقىزىدىغىنى يوقمۇ
:lol شۇ، مېنىڭمۇ ئىشتىھايىم ھاڭدەك ئوچۇق .
ئازراق تۇتىدىغىنىنىڭ رېتسىپىنىمۇ قوشۇپ قويارسىز، بىزدەكلەر ئۈچۈن.;P hoopeelover يوللىغان ۋاقتى 2014-5-20 17:31 static/image/common/back.gif
چۈشتە كېلىۋېتىپ كۆرگەنتىم ئاققۇۋۇق زىبا ساماۋەر شورپى ...
رەسىمنى راستىنلا خەرىتىدىن تاپتىڭىزما ؟ ھەممە يەرنىڭ ئاشۇنداق ئېنىق چىقامدىكەن؟ شۇنداق بولسا ئىسمىنى قالدۇرۇپ قويسىڭىز بوپتىكەن...
(تېمىغا مۇناسىۋەتسىز بوپ قالدى، ھە) alshah يوللىغان ۋاقتى 2014-5-20 21:15 static/image/common/back.gif
رەسىمنى راستىنلا خەرىتىدىن تاپتىڭىزما ؟ ھەممە يەرنىڭ ...
شۇنداق بۇ دۇكاننى ئوغىرلىقچە رەسىمگە تارتسام قاملاشماس، توردىكى خەرىتىدىن چىققان رەسىمنى كىسىپ يوللىغان.
http://map.qq.com دەھشەتكەنغۇ بۇ خەرىتە :lol
ئىشتىھا تۇتىدىغان دورا تەتقىقات باسقۇچىدا hoopeelover يوللىغان ۋاقتى 2014-5-20 21:34 static/image/common/back.gif
شۇنداق بۇ دۇكاننى ئوغىرلىقچە رەسىمگە تارتسام قاملاشم ...
نەنىلا ئىزدىسەم تېپىلمىدىغۇ بۇنىڭدا
شۇنداق قىلايلى، ۋاكالىتەن ياساپ بېرىڭە، بىز ئىش ھەققىنى بەرسەك بولىدۇ، سىزنىڭمۇ سودىڭىز يۈرۈشۈپ كەتسە، بىزنىڭمۇ تاغاردىكى ئاشلىق قورساققا توختىماستىن كىرىپ كەتسە، ۋاقتى كەلگەندە ئىشتىھا تۇتىدىغانغا ئىزدىسەك سىزنى...{:92:} ئەمىسە ياساپ پۈتكەندە تىما يوللاي :funk: :lolماۋۇتى Control يوللىغان ۋاقتى 2014-5-21 20:00 static/image/common/back.gif
نەنىلا ئىزدىسەم تېپىلمىدىغۇ بۇنىڭدا
قەيەرنى ئىزدىمەكچىتىڭىز شۇنچىۋالا تاپالمىغۇدەك. دەپ بېقىڭە بىللە ئىزدىشىپ باقايلى پۈتكەن بولسا تېما ئاچماقچىدىڭىز، پۈتمىگەن ئوخشىمامدۇ؟ تۈگەپ كەتتى، بۇ قېتىمقىسى پۈتكەندە ئۇچۇر قىلىۋاتاي :) تادۇبەگ بىلەن بىرزات ئاكىمىز بىرلىشىپ چىقارغان ھەسەللەر ھازىرمۇ بارمىدۇ؟ ھازىر ئىشەنچىلىك ھەسەل تاپماق تەسكەن، بۇيرۇتاي دېگەن ئىدىم. ئۈرۈمچىدىن باشقا يەرلەرگىمۇ ئەۋەتىپ بېرەمسىلەركىن؟ ئامىلە نۇشدارى دېگەن دورا شۇمۇ ؟
بەت:
[1]
2