ne-sin يوللانغان ۋاقتى 2014-5-20 10:02:05

قايغۇرماڭ ئاللاھ سىز بىلەن بىرگە

قايغۇرماڭ ئاللاھ سىز بىلەن بىرگە

دوكتۇر ئائىز قەرنى          تەرجىمدە ۋولقان (نەسىن)         

قايغۇرماڭ   
كائىناتنى ياراتقان بىر زات سىزنى مۇھاپىزەت قىلۋاتسا نىمگە قايغۇرسىز ؟
قەدەرنى يازغۇچى، مەغپىرەتلىكتۇر.
ئىشلارنى ئاسان قىلغۇچى ۋە رىزىق بەرگۈچىدۇ.
ھەممىنى كۆرۈپ تۇرغۇچى ۋە ئاڭلاپ تۇرغىچىدۇر.
ئۇنۇتماڭكى ئۇ ئىشلىرىڭىز ۋە ھاياتىڭىز ئۇنىڭ قولىدىدۇر.

ئۇ سىزگە زىمىندىكى بارلىق نەرسىلەرنى يارتىپ بەرگەن رەببىڭىز ئاللاھدۇر.

قايغۇرماڭ !
چۈنكى سىز ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەرىشتە، پەيغەمبەرلىرىگە شۇنداقلا ئاخىرەت كۈنىگە، ياخشىلىق ۋە يامانلىقنىڭ قەدەر بىلەن بولدىغانلىقىغا ئىشەنگەن بىر مۇسۇلمانسىز، مۇئمىنسىز !

قايغۇرماڭ !!
ئەگەر گۇناھ ئۆتكۈزگەن بولسىڭىز تەۋبە قىلىڭ، ئۇ رەھمەتلىك زات كەچۈرىدۇ، ئەگەر خاتا ئىش قىلۋاتقان بولسىڭىز، ئۇ ئىشىڭىزدىن يېنىڭ، مەرھەممىتى كەڭرى بولغان ئۇ زات سىزگە رەھمەت ئىشىكىنى ئاچىدۇ.

قايغۇرماڭ !!
بولغان ئىش بوپ بولدى، ئىبرەت ئېلىڭ، ھازىرقى ئىشىڭىزدا تەدبىرلىك بولۇڭ، قەدەر قەلىمىڭىز قۇرۇپ بولدى، تەقدىر سەھىپىڭىز تېخى ئۇزۇن، ھەممە ئىش ئورۇنلىشىپ بولغان، سىزنىڭ قايغۇ ھەسرىتىڭىز بىرەر ئىشنى ئىلگىرى سۈرەلمەيدۇ ياكى كېچىكتۈرۈلمەيدۇ. قوشۇپ قويالمايدۇ ياكى ئېلۋىتەلمەيدۇ.( ئۆتكەندىن ئىبرەت كەلگۈسىگە ھىكمەت بىلەن قاراڭ )

قايغۇرماڭ !!
قايغۇ ھەسرىتىڭىز بىلەن زاماننى توردۇرماقچى، قۇياشنى توختاتماقچى، سائەتنىڭ ئىستىرىلكىسىنى كەينىگە ياندۇرماقچى.(ئارزۇ قىلغان بىر زامانىڭىزغا قايتىۋالماقچى بولسىز ) ئۇنداق ئەمەس، قايغۇڭىز ھېچ نەرسىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ.

قايغۇرماڭ !
چۈنكى قايغۇ قاتتىق بوراندور، ساپ ھاۋانى بۇزۇپ، سۇلارنى دولقۇللىتىپ ئاسماننى توپا چاڭغا توشقۇزۇپ باغچىدىكى دەل دەرەخلەرنى سۇندۇرۋەتكەنگە ئوخشاش ( كەيپىياتىڭىزنى بۇزۇپ، سىزنى ئۈمۈتسىزلىك ۋە ھورۇنلۇق كۆچسىغا سورەيدۇ)

قايغۇرماڭ !

نمگە قايغۇرسىزكى ، سېزنىڭ رەببىڭىز بار، دۇئا قىلالايسىز ، پادىشاھلارنىڭ شاھىنىڭ رەھمەت ئىشىكى ئالدىدا مىسكىن قولۇڭىڭىزنىكۆترۈپ تۇرالايسىز.

كىچىنىڭ ئاخىرقى يېرىملىرىدا ئاللاھىم دەپ نىدا قىلالايسىز ، ۋە ئاللاھقا ئەڭ يېقىن بولدىغان سەجدگە پىشانەڭىڭزنىقويۇپ يىغلىيالايسىز.

قايغۇرماڭ !
ئاللاھ سىزگە زىمنىدىكى بارلىق نەرىسىلەرنى يارتىپ بەرمىدىمۇ؟ مىۋلەرنى باغچىلارنى ئۈندۈرۈپ بەرمىدىمۇ؟ ھەر تۈرلۇك دەرەخلەرنى،بوستانلىقلارنى يارتىپ بەرمىدىمۇ ؟ ئۈستىڭىزدىكى نۇرلۇق يۇلتۇزلارنىچۇ ؟يەنە نىمگە قايغۇرسىز ؟

قايغۇرماڭ !
پاكىزە سۇلارنى ئىچۋاتسىز، ساپ ھاۋادىن نەپەس ئېلۋاتىسز ، ساق سالامەت مېڭۋاتىسىز، كېچلىكى راھەت ئۇخلاۋاتسىز، سىز نىمگە قايغۇرسىز ؟

قايغۇرماڭ !
قارا بۇلۇتلارنىڭ قانداق تاراپ كېتۋاتقانلىرنى كۆرمەيۋاتامسىز؟ قاراڭغۇ كېچە قانداق يورىۋاتىدۇ؟ قاتتىق بوراق قانداق توختاپ قېلىۋاتىدۇ؟ ( ئاللاھ ھاياتىڭىزنى ئۆزگەرتىشكە ، ۋە سىز قۇتلۇشنى ئارزۇ قىلغان مۇشكىلاتلاردىن قۇتۇلدۇرۇشقا قادىر ئەمەسمۇ ؟)

قايغۇرماڭ !
بەخىتلىك ھاياتىڭىزنى خيال سۈرۈش، ۋە كېچىللىرى غەم قايغۇ بىلەن ئۆتكۈزۋەتمەڭ،ۋە ئىسراپ قىلماڭ ، ئاللاھ ئىسراپخۇرلارنى ياخشى كۆرمەيدۇ.

ئەڭ ئاخىرىدا دەيىدىغىنىم يەنىلا قايغۇرماڭ !!!
(ھايات ئەمەلىيەت ۋە ھەركەتتۇر، خيال سۈرۈش ۋە غەم قايغۇ ئاجىزلارنىڭ ئۆزىنى ئالداش يولىدىن ئىبارەت )

دوكتۇرنىڭشۇ ناملىق ماقالىسىدىن ئۆزلەشتۈرۈپ تەرجىمە قىلىندى

oygak2005 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-20 23:11:54

ماۋۇ تېماتېما بولاپتۇ !

izchi يوللانغان ۋاقتى 2014-5-21 02:05:53

{:112:}{:112:}{:112:}

pigan0903 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-21 12:13:39

oygak2005

19
تېما       
0
دوست       
4142
جۇغلانما
ﺗﯘﺩﯗﻥ

جۇغلانما4142 مۇنبەر پۇلى 597 سومتىزىملاتقان2005-12-26
ئۇچۇر       
2-قەۋەت
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 23:11 |ئايرىم كۆرۈش
ماۋۇ تېماتېما بولاپتۇ !
{:112:}
بەت: [1]
: قايغۇرماڭ ئاللاھ سىز بىلەن بىرگە