[MV] سۆيگەن يارىڭ تاشلىسا
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم كۆپچىلىك، ياخشىمۇسىلەر؟تور دۇنياسىدا، مۇنبەرلەردە «سۇلتاننۇر» تەخەللۇسىدىكى ئېسىل يازمىلىرى بىلەن دوستلارغا تونۇشلۇق بولغان ھەم تۇرەھمەت ئىسلام ئىجراسىدىكى «خارلانغان سۆيگۈ»، «زارلىما»، ئابدۇغېنى راخمان ئىجراسىدىكى «خوش جانان» قاتارلىق ناخشىلارنىڭ تېكىست مۇزىكىلىرىنى، شۆھرەت ئەيسا ئىجراسىدىكى «ئامرىقىم بولغىن»، نۇرفىيە ئەخەت ئىجراسىدىكى «ئانا» ناملىق ناخشىلارنىڭ ھەم شۇنداقلا ئىشلىنىۋاتقان بىر قىسىم ئېسىل ئىجادىيەتلىرى بىلەن دوستلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن ئىجادىيەتچى، شائىر – نۇرئەھمەدجان روزىنىڭ 2014-يىلى 3- ئاينىڭ باشلىرىدا سۈرەتسىز ھالەتتە توردا ئېلان قىلغان «سۆيگەن يارىڭ تاشلىسا» ناملىق تەسەللى كۈيى يېقىندا «كۆكتۇلپار سىتۇدىيىسى» تەرىپىدىن MV قىلىپ ئىشلىنىپ، ئېلان قىلىندى.
نۇرئەھمەدجان روزى بۇ ناخشىنىڭ تېكىستىنى، سىنارىيىسىنى يېزىشتىن سىرت فىلىمنىڭ رېژىسسورلۇق خىزمىتىنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، بۇ فىلىم كۈچلۈك تەربىيىۋى ئەھمىيىتى بولغان مول مەزمۇننى ئاساس قىلىپ، جەمئىيىتىمىزدىكى بىر قىسىم ئازغۇن ياشلارنىڭ ھەقىقىي تۇرمۇشىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن. كۆپچىلىكنىڭ بۇ MVنى ياقتۇرۇپ كۆرۈشىنى، شۇنداقلا تەكلىپ – پىكىرلەرنى ئايىماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمىز.
ھۆرمەت بىلەن:
كۆكتۇلپار سىتۇدىيىسى
2014- يىلى 5- ئاينىڭ 19- كۈنى
http://player.youku.com/player.php/sid/XNzEyNDc4NDY0/v.swf
优酷دىن كۆرۈش ئادرىسى:
http://v.youku.com/v_show/id_XNzEyNDc4NDY0.html
پەيزى ئەمەسكەن.:( قىز تانسىغا ئاپىرىڭ دېسە ئاۋۇ ئاداش ئەسلى ئاپىرىشى كېرەك ئىدى. ئاپارغاچ بەرسىمۇ ئۈلگىرەتتى ياخشى ئانا بولىدىغان ئۇلۇغ تەربىيەنى.
قىز ئوبرازنى ئەجەپ ياخشى ئاپتۇ ھە!
مەن تېخى ئاۋۇ «ۋاي ماقاااا!» دېگەن گەپنى «ۋاي ماڭقا....!» دەپ ئاڭلىۋاپتىمەن. ئا ئوغۇلنىڭ رولىغا باشقا بالا چىقسا بوپتىكەن ، سەل جانسىزدەك ھېس قىلدىم، مەزمۇنى بوپ قالدىكەن ماۋۇ تىلفۇن نۇمۇرنى( 13669921017) بۇنچە ئىنىق چىقارساڭلا ئەتە ئۆگۈن ئا قىزچاقنى تاپالماي قالاسىلىمۇ.....:lol بۇنداق موتورولا ئىمۋى ئىشلىگۈچە ئەسكى تامدىن بىرسىگە مىنىپ ناخشىنى ئېيتىپ چۈشۈپ كەتسەڭ بولماسمىدى ؟
ناخشىچى ، لەڭپۇڭچى ، ئۇچى - بۇچىلارنىڭ ھەممىسى نەسىھەت قىلىپ ساراڭ قىلىۋېتىدۇغۇ ئادەمنى . ھەممە ئۇيغۇر بىر - بىرىگە نەسىھەت قىلىش كويىدىلا يۈرگەن . نەسىھەت ئاڭلايدىغان بىرمۇ ئادەم يوق .
بەت:
[1]