turken يوللانغان ۋاقتى 2014-5-20 07:41:10

ئاسىيا ھەمكارلىشىش كېڭىشىنىڭ باشلىقلار يىغىنى

  ئاسىيا ھەمكارلىشىش ۋە ئىشەنچ تەدبىرلىرى كېڭىشىنىڭ باشلىقلار يىغىنى كېلەر ھەپتە شاڭخەيدە ئېچىلىدۇ. دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 15-ماي باشلىقلار يىغىنى توغرىسىدا تاراتقۇلارنى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئېچىپ، باشلىقلار يىغىنىغا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى. يىغىندا، مۇئاۋىن دىپلوماتىيە مىنىستىرى چېڭ گوپىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنى 20-، 21-ماي شاڭخەيدە ئېچىلىدۇ، جۇڭگو بۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقى تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ئىشلىمەكتە. ھازىرغىچە 46 دۆلەت ۋە خەلقئارا تەشكىلاتنىڭ رەھبەرلىرى ياكى مەسئۇللىرىنىڭ ۋەكىلى يىغىنغا قاتنىشىدىغانلىقىنى جەزملەشتۈردى. يىغىندا جۇڭگو بۇ كېڭەشنىڭ 2014-يىلىدىن 2016-يىلىغىچە بولغان رەئىسلىكىنى تاپشۇرۇۋالىدۇ. مۇئاۋىن دىپلوماتىيە مىنىستىرى چېڭ گوپىڭ يىغىندا يەنە مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: ھازىر ئاسىيانىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتى مۇقىم، ئەمما تارىخ ۋە رېئال ئامىللار تەسىرىدە، بىخەتەرلىكمۇ بىر قەدەر مۇرەككەپ، جۇڭگو بۇ پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىپ، ھەر قايسى تەرەپلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئاسىيا ھەمكارلىشىش ۋە ئىشەنچ تەدبىرلىرى كېڭىشىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئەزا دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى سۆزلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن بىرلىكتە تۆھپە قوشۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ.
تۈنۈگۈن ئاتانبايىف ،راخمان لار كەلگەن بۈگۈن پۇتىن كەپتۇ باشقىلار ھەم داۋاملىق كىلىۋاتىدۇ  
@patrol      قاتارلىقلار نىڭ مۇشۇ يىغىننى چۆردەپ مۇنازىرە قىلىپ مۇشۇ يىغىن توغرىسىدىكى ساۋاتسىزلىقنى تۈگتىشگە كۈچ قوشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن

kangasman يوللانغان ۋاقتى 2014-5-20 08:58:01

پوتىنجان كۇن پېتىشتىن نومنى ئېلىپ بۇيۇك كۇن چىقىشقا كەلگەن ئوغشىمامدۇ {:92:}

rock يوللانغان ۋاقتى 2014-5-20 09:29:38

ئا كۈنلۈك مادىئىن چاينا ئوخشىمامدا.

Kanji يوللانغان ۋاقتى 2014-5-20 14:48:23

كۈنلۈك ئەمەس، ئاۋۇ شامال مادىئىن چىنا

MSM يوللانغان ۋاقتى 2014-5-20 16:01:38

يىغىن ئاچىدۇ دەپ تەنتەنە قىلغان بىلەن شاڭخەيدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ دەردىنى ئۆزى بىلمىسە .....{:136:}
ئېشىكى ئۈچ تەڭگە، توقۇمى بەش تەڭگە.{:87:}

asalam يوللانغان ۋاقتى 2014-5-21 10:05:22

تۈنۈگۈنكى كەچلىك زىياپەتنىڭ تاماق تىزىملىكىنى ئېلان قىپتىكەن ....
مۇسۇلمانچە تاماقمۇ تەييارلىغانمىدۇ بۇلار ؟

elturk يوللانغان ۋاقتى 2014-5-21 13:12:40

rock يوللىغان ۋاقتى  2014-5-20 09:29 static/image/common/back.gif
ئا كۈنلۈك مادىئىن چاينا ئوخشىمامدا.

;P  قارىغاندا بورانمۇ خىلى كۈچلۈك ئوخشايدۇ...

turken يوللانغان ۋاقتى 2014-5-21 14:06:37

asalam يوللىغان ۋاقتى  2014-5-21 10:05 static/image/common/back.gif
تۈنۈگۈنكى كەچلىك زىياپەتنىڭ تاماق تىزىملىكىنى ئېلان ق ...

ئۇلاردىن  سىز  غەم  يەپ  كەتمەي  بۈگۈنكى تامىقىمنى  ھالال  يىدىممۇ  دىگەننى  ئويلىڭە :P

asalam يوللانغان ۋاقتى 2014-5-21 14:13:03

turken يوللىغان ۋاقتى  2014-5-21 14:06 static/image/common/back.gif
ئۇلاردىن  سىز  غەم  يەپ  كەتمەي  بۈگۈنكى تامىقىمنى  ھال ...

مەن ئۇ غەمگە چۈشكىلى ئۇزۇن بولدى
ئەسكەرتكىنىڭىزگە رەھمەت

birmoo يوللانغان ۋاقتى 2014-5-21 17:42:22

kangasman يوللىغان ۋاقتى  2014-5-20 08:58 static/image/common/back.gif
پوتىنجان كۇن پېتىشتىن نومنى ئېلىپ بۇيۇك كۇن چىقىشقا كە ...

توغرا ، مانا ھازىر تەبىئى گاز ئېلىش - سېتىش كېلشىمى ئىمزالىدى .

TILSIMAT يوللانغان ۋاقتى 2014-5-21 22:25:46

5مىليون نوپوسى بار قىرغىزىستاننىڭ پىرزىدىنتىنى ئوبامادىن يۇقىرى ئىھتىرام بىلەن كۈتىۋالدىغۇ بۇدا!!!!
بەت: [1]
: ئاسىيا ھەمكارلىشىش كېڭىشىنىڭ باشلىقلار يىغىنى