Elqvn يوللانغان ۋاقتى 2014-5-20 00:27:35

قانداق قىلساق بالامنىڭ ئىشتاھاسى ئېچىلار؟

   مېنىڭ بالام 7ياشقا كىردى، بىزنىڭ ئائىلىدە قىزىمىزدىن كۈتىدىغان بىردىنبىر ئۆزگىرىش ئۇنىڭ قورسىقىنىڭ ئېچىشى ۋە تاماققا ئىنتىلىشى. ئەمما بۇ پەقەت بىزدىكى بىر قۇرۇق خىيالدىنلا ئىبارەت بولۇپ، بالىنىڭ تاماققا پەقەتلا ئشتاھاسى يوق. قورسقى ئاچسا سولىشىپ كۆزلىرى پۈرۈلۈپ كېتىدۇ، لىكىن بىرنەرسە يەيتىم دىمەيدۇ، ئۆيدە تاماق پىشىپ ئۈستەلگە تاماق تارتىلسا ئۇ بالام خىيالىدا يوق ئۆز ئويۇنىنى ئويناپ يۈرىدۇ، نەچچە توۋلاپ ئاران تاماق ئۈستىلىگە كەلتۈرىمىز، لىكىن ئۆزىگە قويۇپ بەرسەك بىر سائەت تاماق ئۈستىلىدە ئولتۇرسا بىر پىيالە تاماقنى يەپ بولالمايدۇ، يەنە بىز زورلاپ، قوشۇق چوكىلار بىلەن ئاغزىغا تىقىپ يىگۈزىمىز. ئاچ قالسا يەر دەپ باقتۇق، ياقتۇرىدىغان تامىقىنى قىلىپ بەرسەك يەر دەپ باقتۇق، ئىشتاھاسىنى ئاچىدىغان ئامال چارىلەردىن ئاڭلىغاننى قىلىپ باقتۇق، ئۈنۈمى يوق. بىزنىڭ بالا تەربىيىسىدە بىردىنبىر ئۆكۈنىدىغان يېرىمىز يېڭى تۇغۇلغان ۋاقتىدا دوختۇرلار « 4ئايغىچە تاماق يىگۈزمەڭلار » دىسە «دوختۇر دىدى» دەپ راستىنلا 4ئايغىچە زادىلا تاماق يىگۈزمىگەن، ئانا سۈتى بىلەن سۈت پاراشوگىلا بەرگەن، شۇنداق سېمىز ۋە جانلىق چوڭ بولغان ئېدى. 4ئايدىن كىيىنكى تاماق سالغان چاغلاردىن 3ياشلىرىغىچە تاماقنىمۇ ياخشى يىگەن، گۆشنى ياقتۇرمىغىنىنى ھىساپقا ئالمىغاندا ئىشتاھاسى يامان ئەمەس ئېدى، لىكىن يەنىلا سۈتكە ۋە ئوزۇقلۇق تالقانلىرىغا بەك ئامراق ئېدى. چوڭ بولغانچە ئىشتاھاسى ناچارلاپ كەتتى، ئۆز ئىختىيارى بىلەن تاماق يىمەيدۇ. قوشۇمچە يىمەكلىكلەرگە ئامراق، لىكىن بىز ئىشتاھاسىنى ئاچالمىغاچقا ئالدى بىلەن تاماققا ئىشتاھاسى ئېچىلسۇن دەپ قوشۇمچە يىمەكلىكلەرنىمۇ ناھايىتى ئاز بېرىمىز، سۈت ۋ ئوزۇق تالقانلىرىنىمۇ بەرمەس بولدۇق. كەمىنە ئائىلىدە ئاساسەن چېچىلمايدىغان ئادەم، مۇشۇ بالام تاماق يىگەننىڭ ئۈستىدە بولۇپ قالسام ھەرقانچە ئۆزۈمنى تۇتۇۋالساممۇ بولماي چېچىلىپ قالىمەن، تاماق تارتىلغاندا ئۇنى تاماققا چاقىرىشنى ناھايىتى سىلىق، يۇمشاق گەپلەر بىلەن باشلاپ، قىزىقتۇرۇپ، ئەركىلىتىپ، قولۇمدىن كېلىدىغان ياخشى چارىلەرنىڭ ھەممىسنى ئىشلىتىپ ئۇنى تاماقنى ئىسسىغىدا تېزرەك يىيىشكە جەلىپ قىلىپ بىرنەچچە قوشۇق تاماقنى ئاران يىگۈزەلەيمەن، ئۇندىن كىيىن تەلەپپۇزۇم نەسىھەتكە، ئۇندىن كىيىن تەنبىھكە، ئۇنىڭدىنمۇ كىيىن ئاچچىقلاشقا ئۆزگىرىدۇ، ئاخىرىدا ئۇنى ئۇرۇپ قويۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئورنۇمدىن تۇرۇپ كېتىمەن، ئۆيدە بىر-ئىككىنى چۆرگىلەپ كېتىمەن، ئاندىن ياكى ياتاق ئۆيگە كىرىپ ئۆزۈمنى تاشلايمەن، ياكى سىرىتقا چىقىپ كېتىمەن. مانا مۇشۇ جەرياندا مەندىن يېرىم كۈن كەتمەن چاپقانچىلىك ئىنىرگىيە سەرىپ بولامدىكىن دەيمەن، تاماق ئۈستىلىدىن نېرى بولغاندا ئۆزۈمنىڭ ناھايىتى چارچىغانلىغىمنى ھېس قىلىمەن. يەنىلا ئانىسى كۆتۈرۈشلۈك، مەن بالامغا دەسلەپكى يېنىك يۇمشاق چارىلەر بىلەن تاماق يىگۈزۈشكە باشلىغاندا ئۇ تېز سۈرئەت بىلەن بىر تەرەپتىن ئۆزى يىگەچ بىر تەرەپتىن كىچىك بالىمىزغا تاماق يىگۈزۈپ چىقىدۇ، ئەلۋەتتە ئامالنىڭ بارىچە تېز سۈرئەتتە. ئاڭغىچە مەن ئامال بار مۇلايىم، تەمكىن، ئېغىر-بېسىق پوزىتسىيە بىلەن بالامنىڭ قاچىسىنى ئامال قىلىپ يېرىملىتىشقا تېرىشىمەن. قاچا يېرىملىماي مېنىڭ نېرۋا تومۇرلىرىم كۆپۈشكە باشلىغاندا ئۇنىڭ قولى بىكار بولىدۇ دە قوشۇقنى قولىغا ئېلىپ قىزىمنىڭ يېنىغا كېلىدۇ، ئەگەر ئۇ كەلمىسە مېنىڭ بۇ بىر قاچا تاماقنى قىزىمغا يىگۈزۈپ بولۇشۇم تولىمۇ قىيىن، ھەقىقەتەن قىيىن.
      ئىشتاھاسىنى ھىساپقا ئالمىغاندا بالامنىڭ سالامەتلىگى نورمال، ئانچە-مۇنچە قورسىقىم ئاغرىيدۇ دەيدۇ، ئۆت ياكى جىگەرنىڭ ئورنىنى كۆرسىتىدۇ. دوختۇردا تەكشۈرتۈپ كۆردۇق، باشقا ئەھۋال يوق. «ئاشقازان سوۋۇپ كېتىپتۇ، ئاشقازىنى ئاغرىغان گەپ» دەپ ئاشقازانغا قارىتا دورا بەردى. شۇندىن كىيىن بالىغا سوغۇق تاماق ۋە سوغۇق يىمەكلىك بەرمەيدىغان، تاماقنى ئامال قىلىپ ئىسسىقىدا يىگۈزىدىغان بولدۇق. كاللىسى ئۆتكۈر، قىزىقىشى كەڭ دائېرىلىك، تاماق يىيىشتىن باشقا ئەھۋالدا كەيپىياتى ياخشى. لىكىن زېھنىنى يىغىشى ياخشى ئەمەس، تاپشۇرۇق ئىشلەۋىتىپ باشقا ئويۇن، باشقا ئىشلارغا، باشقا خىياللارغا چۈشۈپ كېتىدۇ، شۇڭا تاپشۇرۇقىغا چوقۇم بىرىمىز نازارەتچىلىك ۋە يىتەكچىلىك قىلىمىز.
   تىببى ساھەدىكىلەر ۋە ئاتا-ئانىلار مۇشۇ جەھەتتە بىر قىممەتلىك مەسلىھەتىڭلارنى ئايىمىغان بولساڭلار، قىزىمنىڭ قانداق قىلساق ئىشتاھاسى ئېچىلار، قانداق قىلساق ئۆزى خالاپ تاماق يەيدىغان ۋە تېزرەك تاماق يەيدىغان بولار؟

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-5-20 09:33:13

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام,سەل تۇرۇپ رېتسىپ قالدۇرۇپ قوياي.

kumbah يوللانغان ۋاقتى 2014-5-20 09:48:24

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kumbah تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-20 10:00  

سىزمۇ تارتىۋاتىپسىز دە باللارنىڭ ئىشتاھاسىزلىقىنىڭ دەردىنى.
مېنىڭ قىزىمغىمۇ شۇنداق ئېغىر كېلىدىغان تاماق يىيىش، زورلاپ دىگۈدەك يىگۈزەتتۇق . ھازىر 8ياشتىن ئاشتى بۇرۇنقىدىن خېلىلا ياخشى.بۇرۇن بىز زورلىمىساق ئۆزى قوسۇقۇم ئاچتى دەپ بىرنەرسە يىمەيتتى،مەكتەپكە يېڭى كىرگەندە ئەتەىنى ناشتا قىلغۇزۇش ئۈچۈن ئازبولغاندا يېرىم سائەت كېتەتتى.بولمىسا بىرسائەتلەردە ئاندىن ئاران يەپ بولاتتى.مەكتەپكە ئاران ئۈلگۈرتۈپ ئاپراتتىم.لىكىن مېۋە -چىۋەگە ئامراق، مەن كىچىك ۋاختىدا ھەرخىل ئىشتاھاسىنى ئاچىدىغان دورنى ئېلىپ ئۈچۈرگەن ئىدىم يەنلا پايدىسى بولمىغان.
ئەمما باشقا ئۆزى بىلەن تەڭ باللار بىلەن تاماق يىسە ياخشى يەيدىكەن باشقىلار بىلەن مەن بالدۇر يەپبولالايمەن دەپ بەسلىشىپ(ھازىر مەكتىپىدە بۇ مەۋسۇمدىن باشلاپ 3ۋاخ تاماق بېردۇ،ئەتگەن ،چۈشتە مەكتەپتىن تاماق يەيدۇ. كەچتە مېۋە بېردىكەن. بۇرۇن مەكتەپتە چۈشتە بىرۋاختاماق بېردىغان ۋاقىتتا ،ئۆيدە تاماق يەپ بارغاندىكى مەكتەپتىكى بەرگەن تاماقنىمۇ تولۇق يىمەيتكەنتۇق.قوسقۇم ئاچمىدى دەپ. ).مەن ھازىر بۇرۇنقىدەك بەك كۆزىگە كىرۋالمايدىغان بولدۇم.يېشىنىڭ چوڭيىشىغا ئەگىشىپ ياخشى بولىدىغان ئوخشايدۇ. مەكتەپتە ئوقۇشۇمۇ ياخشى،تاپشۇرۇقلىرنىمۇ ئەستايىدىل ئىشلەيدۇ.ئەتىگىنىمۇ  بەك سەھەر تۇرىدۇ.مەكتەپكىمۇ ئۆزى مېڭىپ باردىدۇ دوسلىرى بىلەن. چوڭ بولغانچە ياخشى بوپ كېتىدىكەن.

ozyurt يوللانغان ۋاقتى 2014-5-20 10:04:40

سوغاق ئىچملىك تۈردىكى نەرسلەر باللارنڭ ئىشتاھاسىنى تۇتۇپ قۇيامدىكىن ،يەنە بىرسى باللاردا ھەركەت ئاز بولسمۇ  تاماق يىمەس بوپ قالامىكن شۇنڭغا دىققەت قىلىڭ

pigan0903 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-20 10:21:42

ئەسسالامۇئەلەيكۇم  مىنىڭ كىچىك قىزىمنىڭمۇئىشتاھاسى ناچارئىدى،مىنىڭمۇ قىلمىغانلىرىم قالمىغان كىيىن تاساددىبى پۇرسەتت كوپرەك ھەركەت قىلغان كۈنلىرى باشقاۋاقىتتىكىدىن كوپرەك تاماق يەيدىغانلىقىنى بايقاپ قالدىم ،ماناھازبرئۇبدان بوپكەتتى .سىزنىڭمۇ شارائىتىڭىزياربەرسە قىزىڭىزنى سىرىتتا،باشقابالىلاربىلەن قوغلىشىپ ھىرىپ ھالى قالمايدىغان ئۇيۇنلارنى ئويناشقا يىتەكلەپ بىقىڭ .

atilla705 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-20 11:02:03

ئۇششاق يېمەكلىكلەر بالىلارنىڭ ئىشتىھاسىنى ئېغىر تۇتۇپ قويىدۇ
بولۇپمۇ تاتلىق تۈرىدىكىلەر. ئاساسلىق شاكىلات ، شاكىلاتلىق كەمپۈت (ئىخلاس كەمپۈتى) قاتارلىقلار.

atilla705 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-20 11:03:33

بالىغا پايدىلىق دەپ داۋاملىق جۇۋاۋا، پېتىر مانتا، ياكى پولۇنى جىق بەرمەسلىك. قورساقتا لىق تۇرىدۇ. ھەزىم بولۇشى ئاستا، شۇڭا قورساق ئاچمايدۇ.
ئاسان ھەزىم بولىدىغان تاماقلار ئارقىلىق، بالىنىڭ قورسىقىنى ئاچتۇرۇپ، پات پات نەرسە بېرىش........
يەنىلا ئاساسلىق شۇ  ئۇششاق يېمەكلىك يىمىسۇن.

azharbag يوللانغان ۋاقتى 2014-5-20 12:27:11

مىنىڭ بالاممۇ بۇ يىل 7 ياش  ئىغىرلىقى 19 كىلۇ  ..ئامال قىلالماي مەندىن  تاياقمۇ يىدى.{:136:}

azharbag يوللانغان ۋاقتى 2014-5-20 14:06:22

مىنىڭ ئۇغلۇممۇ  تاماققا  بەكلا  ئۇچ..  ئامال  يۇق تۇك توك قاچىلىغۇچ سىم بىلەن 2 قىتىم يىدى

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-20 14:37:47

مىنىڭ ئوغلۇممۇ ئىككى يىرىم ياش، تاماق يىگىلى ئۇنىمايدۇ، تولا سۇ غەلۋىسى قىلىدۇ.

پولات سىم بىلەن راسا بىر سالايمىكىن، تاماق يىگىلى قەغىشلىق قىلغاندىكىن:lol:lol

laqin يوللانغان ۋاقتى 2014-5-20 16:12:15

يەرلىك خېمىرتۇرۇچ بىلەن ياققان نان بىرىڭ،بولسا قۇرۇق ناننى جىق يىسە ياخشى، قۇرۇق نان ئاشقازان -ئۈچەينى تەڭشەيدۇ،
بازاردىكى نانلارنىڭ «سۇدا» سى  كۆپ، ئاشقازاننى بۇزىدۇ، ئىشەنمىسىڭىز بازارنىڭ نېنىنى سۇلياۋ خالتىغا ھىم سېلىپ، ئىسسىقراق ئۆيگە قويۇپ ، يېرىم كۈندىن كىيىن ئېچىپ بېقىڭ، پۇراقنىڭ كۈچلۈكلىكى....

ھازىرقى بالىلار ئىچكىلى ئۇنمايدىكەن، ئەسلى يەرلىك تۇخۇمنى قايناقسۇدا چېلىپ، ئىچىپ بەرسە ھەم قۇۋۋەت،ھەم ئاشقازاننى ياخشىلايدۇ، تاغام ئاشقازان يارىسى سەۋەبلىك، ئاشقازىنى ئاغرىسىلا  پۈكلىنىپ قالىدىغان، تۇخۇمنى مۇشۇنداق ئىچىپ ياخشى بولۇپ كەتكەن.
*****************************************************
پىششىق دورىلاردىن «ئامىلە نۇشدارى›› خېلى بولىدىكەن، بۇرۇن بىرنى ئالغان، ئاشقازىنى سوۋۇپ كەتسە، بالامغا شۇنى بىرەتتىم، شۇنداق ئۈنۈمى بولغان، كىيىن ئۇ تىبابەت دۇكىنىنى باشقىلار ئۆتكۈزىۋىلىپ ، ئالغانلىرىم ئۇنداق ياخشى چىقمىدى، بەلكىم تىۋىپلارنىڭ دورىلىرىنىڭ تەركىبلىرى ئوخشاشماسلىقى مۈمكىن...

alwun12 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-20 19:11:26

مىنىڭ شۇمتىكىمۇ تاماق يىمەي  تويغىزىدۇ

kolteken يوللانغان ۋاقتى 2014-5-20 21:10:14

مىنىڭ  4 ياشلىق ئوغلۇممۇ شۇنداق  تاماق يىگىلى ئۇنىمايدۇ ، ئۆزى بەك كەپسز ، زىھنى ئۆتكۈر ئەمما ئۆزى بىلەن تەڭ ياشتىكى باللىغا قارىغاندا سەل ئورۇق ھەم سەل پاكار بۇنىڭ ھەممىسى تاماق يىمەسلىك ھەم ئوزۇقلۇق يىتىشمەسلىكتىن ... شۇ سەۋەب تاماق ۋاقتىدا باشتا چىرايلىق گەپ  تولاراق ئەڭ ئاخىرىدا يىغا زارە ، ۋار ۋۇر بىلەن ئاخىرلىشىدۇ مەنمۇ ھەم مۇشۇ ئىش سەۋەبلىك بەك چارچاپ كىتىمەن ...


ئىشتەي ئاچىدۇ دەپ قالايمىقان دورىنى بەرمىدىم ، بولسا ئۈنۈملىك چارە بولسا ئورتاقلاشساق ...

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2014-5-20 23:07:06

ئۇرىڭە بولدى:lol
يەيدىغان بولىدۇ……:lol

بايا بىر تېمىدا ئايالىمنى ئۇرايمۇ دەپ مەسلىھەت سوراپتىكەن،ئۇرماڭ دەپ ئىنكاس يازسام ئايالى يوق بويتاقنىڭمۇ گىپىنى ئاڭلامدۇ دەپ مازاق قىپتىكەن.بۇ  تېمىغىمۇ ئىنكاس يازسام بالىسى يوق تۇرۇپ دەپ مازاق قىلمىسۇن.
ئۇرۇڭە بولدى:lol
يەنە تاماق يىمىسە خەقنىڭ بالىسىنى ئۇرغاندەك بىر ئۇرىۋەتسىڭىز يەيدىغان بولىدۇ:lol

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2014-5-21 00:07:39

ئامېرىكىنىڭ كۆپ خىل ۋىتامىنىنى بېرىپ باقسىڭىز بولامدىكىن.

azharbag يوللانغان ۋاقتى 2014-5-21 10:27:56

ئىزدىنىشتا  بالىسى يۇقلار  نىمانچە  جىقتۇ؟:(

Elqvn يوللانغان ۋاقتى 2014-5-25 13:40:20

kolteken يوللىغان ۋاقتى  2014-5-20 21:10 static/image/common/back.gif
مىنىڭ  4 ياشلىق ئوغلۇممۇ شۇنداق  تاماق يىگىلى ئۇنىمايدۇ ...

قارىغاندا بۇنىڭغا ئۈنۈملۈك بىر چارە ھەقىقەتەن يوق بولسا كېرەك، ئوخشاش قىسمەتتىكىلەر كۆپكەنمىز، لىكىن بۇ باش قېتىنچىلىغىدىن قۇتۇلغان بىرەرمۇ كىشى ئىنكاس قالدۇرماپتۇ.

Elqvn يوللانغان ۋاقتى 2014-5-25 13:43:14

pigan0903 يوللىغان ۋاقتى  2014-5-20 10:21 static/image/common/back.gif
ئەسسالامۇئەلەيكۇم  مىنىڭ كىچىك قىزىمنىڭمۇئىشتاھاسى ن ...

  ئويناشقا ئامراق، لىكىن ھەرقانچە ھېرىپ ئۆزىنى قويارغا يەر تاپالماي قالسىمۇ قورسىقىم ئاچتى دىمەيدۇ.

Elqvn يوللانغان ۋاقتى 2014-5-25 13:44:05

atilla705 يوللىغان ۋاقتى  2014-5-20 11:02 static/image/common/back.gif
ئۇششاق يېمەكلىكلەر بالىلارنىڭ ئىشتىھاسىنى ئېغىر تۇتۇ ...

  تاتلىق تۈرۈم، ئۇششاق يىمەكلىكلەرنىمۇ ناھايىتى ئاز بېرىمىز بولمىسا.......

Elqvn يوللانغان ۋاقتى 2014-5-25 13:45:18

laqin يوللىغان ۋاقتى  2014-5-20 16:12 static/image/common/back.gif
يەرلىك خېمىرتۇرۇچ بىلەن ياققان نان بىرىڭ،بولسا قۇرۇق  ...

   سىزنىڭ بۇ مەسلىھەتىڭىزنى سىناپ باقساق بولغۇدەك.
بەت: [1] 2
: قانداق قىلساق بالامنىڭ ئىشتاھاسى ئېچىلار؟