JQuery EasyUI دىكى DateBox نىڭ «بۈگۈن» كۇنۇپكىىسغا onSelect ھادىىسە باغلاش
JQuery EasyUI دىكى DateBox نىڭ پەقەت بىرلا ھادىسىسى بولۇپ، يەنى بىز مەلۇم بىر چىسلانى تاللىغاندا ئاندىن يۈز بېرىدىغان onSelect ھادىسىسىدۇر، ئەگەر بىر كالىنداردىكى «بۈگۈن» كۇنۇپكىسىنى باسساق ھېچقانداق ھادىسە يۈز بەرمەيدۇ، ھەتتاكى onSelect ھادىسىسىمۇ يۈز بەرمەيدىكەن، بۇ JQuery EasyUI دىكى خاتالىقمۇ ياكى ئۇلار لايىھىلەشتىنلا شۇنداق لايىھىلىدىمۇ بۇنىسى نامەلۇم، ئەمما بۇنداق بولغاندا بىز onSelect ھادىسىسىگە كود باغلاپ مەلۇم ۋەزىپنى ئىجرا قىلىدىغان لايىھە قىلسا بۇ يەردە مەسىلە چىقىدۇ، يەنى ئەگەر ئىشلەتكۈچى «بۈگۈن» كۇنۇپكىسىنى بېسىپ بۈگۈنكى چىسلانى تاللىغان بولسا بىز يازغان ۋەزىپە كودى ئىجرا بولمايدۇ، چۈنكى «بۈگۈن» كۇنۇپكىسىغا ھېچقانداق ھادىسە باغلانغان ئەمەس، بۇنداق بولغاندا ئىشلەتكۈچىگە خاتا نەتىجە قايتىپ قالىدۇ، بۇنى ھەل قىلىشنىڭ ئۇسۇلى JQuery EasyUI نىڭ مەنبە كودىدىن DateBox قا مۇناسۋەتلىك كودلارنى ئىزدەپ تېپىپ شۇ يەردىن قول تىقىشتا بولدى، JQuery EasyUI نىڭ نۆۋەتتىكى ئەڭ يېڭى نەشردىكى (1.3.6 نەشرى) jquery.easyui.min.js دېگەن ھۆججەتنى ئېچىپ، 12429-قۇردىكى :handler:function(_946)يۇقۇردىكى فۇنكىسىيەنىڭ ئىچىگە مۇنۇ كودنى قىستۇرىمىز:$(_946).datebox("options").onSelect(new Date());شۇنىڭ بىلەن DateBox نىڭ «بۈگۈن» كۇنۇپكىسى بېسىلغاندا ئىجرا بولىدىغان كودنىڭ ئارىسىغا onSelect ھادىسىسىنىڭ كودىنى نۆۋەتتىكى چىسلانى پارامېتېر قىلىپ ئىجرا قىلىدىغان كودنى قوشقان بولىمىز، دېمەك مەقسەتكە يەتتۇق دېگەن سۆز.
كود تۆۋەندە رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك ھالەتكە كېلىدۇ:
http://www.koklen.net/?p=189 بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Abdiweli تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-5-20 11:00
سىزنىڭ ئىشلەتكىنىڭىز قايسى نۇسخىسى بولغىيتى ! مىنىڭكىدە نورمالغۇ ، «بۈگۈن» دىگەن كۇنۇپكىنى باسسام شۇ بۈگۈنكى چىسلانى قايتۇرۇپ بەردى .
مىنىڭ ئىشلەتكىنىم : jQuery EasyUI 1.3.5
بېسىشتىن ئىلگىرى :
باسقاندىن كىيىن :
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا heqteyur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-5-20 11:35
Abdiweli يوللىغان ۋاقتى 2014-5-20 10:56 static/image/common/back.gif
سىزنىڭ ئىشلەتكىنىڭىز قايسى نۇسخىسى بولغىيتى ! مىنىڭكى ...
مېنىڭ ئىشلەتكىنىم 1.3.6 نەشرى ئىدى، بۇ يەردىكى مەسىلە «بۈگۈن» كۇنۇپكىسىنى باسقاندا onSelect ھادىسىسى يۈز مەرمەيدىكەن، ئەگەر باشقا چىسلالارنى تاللىسا ئاندى يۈز بېرىدىكەن، «بۈگۈن» كۇنۇپكىسىنى باسقاندا بۈگۈنكى چىسلا نورمال تولدۇرۇلىدىكەن، بۇنىڭدا مەسىلە يوق، مەن شۇنداق چىسلانى تاللىغان ھامان مۇلازىمىتېردىن ئۇچۇر ئالىدىغان قىلغان ئىدىم، ئەمما «بۈگۈن» كۇنۇپكىسى ھادىسە پەيدا قىلمىغاچقا شۇنداق قىلىش ئارقىلىق ھەل قىلدىم.
يەنە بىر ئىش سىز php بىلەن ئىشلىتىۋاتاماسىزمۇ ياكى؟ مەن asp.net دا ئىشلەتكەن ئىدىم، مۇلازىمىتېردىن json قايتۇرۇشتا يەنىلا php كۆپ قولايدەك تۇرامدۇ، asp.net دا json نى قۇراشتۇرۇپ بولالماي سەل جاپا تارتىپ قالدىم.
heqteyur يوللىغان ۋاقتى 2014-5-20 11:32 static/image/common/back.gif
مېنىڭ ئىشلەتكىنىم 1.3.6 نەشرى ئىدى، بۇ يەردىكى مەسىلە « ...
ھە ، مەن خاتا چۈشىنىپ قاپتىمەن . :lol
شۇ PHP دىمىسىمۇ قولايلىق . مەن Java ئىشلىتىۋاتقان ، Apache نىڭ بىر json-lib دەيدىغان ئامبىرى بار ، شۇنىڭدا بەك قولاي . Abdiweli يوللىغان ۋاقتى 2014-5-20 16:19 static/image/common/back.gif
ھە ، مەن خاتا چۈشىنىپ قاپتىمەن .
شۇ PHP دىمىسىمۇ قول ...
يۇقۇرىدىكى مەن ئۇچرىغان مەسىلىنى بولسا ساقلاپ قويۇڭ، سىزمۇ چوقۇم لازىم قىلىپ قالىسىز، :)
مۇشۇ مىكروسوفت نىزە بەزىدە بەك ئادەم قىينايدۇ جۇمۇ لىكىن :L
بەت:
[1]