bagalip يوللانغان ۋاقتى 2014-5-19 11:15:22

ئەسىر ۋاقتىدىكى چۈش

                 ئەسىر ۋاقتىدىكى چۈش
                    (مىكرو ھېكايە )
                          ——بەگ ئالىپ
     ئۇ ئەتىگەندىن تارتىپ كۆرىۋاتقان كىنوسىنى پېشىن ۋاقتى بىلەن توختىپ 《كاڭ ئۇستام 》ماركىلىق تەييار چۆپتە قورسقىنى تويغۇزدى ،ئاندىن  نامىزىنى ئالدىراش ئوقۇشقا كىرىشتى، لېكىن ئالدىراپ ئوقۇغاچقا ئېلىشىپ كېتىپ يەنە قايتائوقۇشقا مەجبۇر بولدى. دۇئا قىلىۋېتىپ بايام كۆرگەن كىنودىكى ۋەقەلىكنىڭ ئۆزىنىڭ ئۆتمىشىگە ئوخشاپ قالىدىغانلىقىن ھېس قىلدى .ئۇ نامازدىن تۇرۇپلا بايامقى كىنوسنى كەينىنى كۆرۈشكە باشلىدى. ئەسىرگە ئاز قالغاندا ئۇنىڭ نەچچە سائەتتىن بۇيان  ئېكراندىن ئۈزۈلمىگەن  كۆزلىرى چىڭقىلىپ ئاغرىپ پەقەتلا چىدىيالماي ئامالسىز كىنونى ئۆچۈردى  . بىردەمدىن كېيىن قاتتىق ئۇيقۇغا كەتتى.                                                                                                             چۈشىدە  يولنىڭ بويىغا قويۇلغان ئورۇندۇققا ناھايىتى چىرايلىق بىر قىز بىلەن تولۇن ئايغا قاراپ مۇڭدىشىپ ئولتۇراتىى . .شۇ چاغدا يولدىن تۇيۇقسىز بىر ئاپئاق كىيىم كىيىۋالغان مۇماي ئۆتۈپ قالدى، ئۇ قاتتىق قورقۇپ كېتىپ ئورۇندۇقتىن يىقىلىپ كەتتى، ئاندىن  ئاغزىغا كەلگەن ئايەتلەرنى ئوقۇپ ئۆيىگە يۈگۈردى، مۇشۇ ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ يەر ئاستىدىكى گەمىگە ئوخشايدىغان  بىر يەرگە كىرىپ كېتىۋاتقانلىقىنى سەزدى ، بىر چاغدا قاراڭغۇلقنىڭ  ئىچىدىن ئاتا -ئانىسىنىڭ ئۇنى چاقىرغان ئاۋازى ئاڭلاندى . ئۇ قەدەملىرىنى تىزلىتىپ ئاۋازكەلگەن تەرەپكە ماڭدى . ئاۋاز يۇپ-يۇرۇق تۇرغان بىر تۇرغان جايدىن كەلگەن ئىدى، ئۇ يۇرۇقلۇققا ئازلا قالغاندا پۇتى تۇرغان يەر ئولتۇرۇشۇپ قارڭغۇ ھاڭ ئىچىگە چۈشۈپ كەتتى.
    ئۇ چۆچۈپ ئويغاندى، ئېغىرلىشىپ كەتكەن بېشىنى تەستە كۆتۈرۈپ يەرگە چۈشتى، ئۇ ئەينەككە خېلى ۋاقىتقىچە سىنچىلاپ قارىدى،گۇنسىز  كۆزلىرى قىزىرىپ قاپاقلىرى ئىششىپ كەتكەن ئىدى. ئۇ دەرىزىنى ئېچىۋېتىش ئۈچۈن پەردىنى قايرىۋېدى  كۈننىڭ پېتىشىغا بىر ئارغامچە بويى قالغانلىقىنى كۆردى.                                                                                                                                                                                                                                                                                                                        ئۇ تەرەت ئېلىشقا تۇتۇش قىلدى، بۇ قېتىم ئۇ تەرەت ئالغاچ ناخشىسىنى غىڭشىمىدى، نامازنىمۇ ناھايىتى ئالدىرىماي ئوقۇدى. سەجدىگە چۈشكەندە جەيناماز نەملەندى، دۇئانىمۇ ئۇزاق ۋاقىت قىلدى، تۈگەپ كەتكەن ئاتا ئانىسىنى ، قېرىنداشىرىنى ، ئىشقىلىپ ئۆزىنىڭ يېقىن كىشىللىرىنى بىر-بىرلەپ ئەسلىدى .ئاندىن ياشلىرى بىلەن يۇيۇلۇپ كەتكەن يۈزلىرىنى سىيپاپ ئاستا ئورنىدىن تۇردى، لېكىن قولىغا تېلفۇن ئالماستىن مەسچىتكە تەيييارلىق قىلدى، ئەينەك يېنىغا كەلگەندە ئۇ كۆزلىرىدىكى  قىزىلىقىنىڭ ئورنىغا  كىچىك بالا ئانىسىنىڭ قۇچىقىدا ئولتۇرغاندا بولىدىغان نۇرنىڭ  بالقىپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى بايقىدى

gldingwash يوللانغان ۋاقتى 2014-5-19 15:05:14

تاپشۇرۇق ماقالىما بۇ؟{:87:}

radiofan يوللانغان ۋاقتى 2014-5-19 16:19:55

مۇشۇمۇ مىكرو ھىكايە بولدىما ، بەك ئۇزۇندەك بىلىندى ...

ما مىكرو ھىكايىنى ئوقۇپ بىقىڭلار ، (ئاپتۇرى مەن ئەمەس )  ...

ئەمەلدار : خانقىز ، بۇنىڭغا باج تالۇنى كېسىپ بىرەلەمىسىز ...
خانقىز : چاتاق يوق .
ئەمەلدار : يۇرۇڭ ئەمىسە كەتتۇق .

官:小姐,能开发票吗
小姐: 没问题
官: 走

atiyan يوللانغان ۋاقتى 2014-5-19 20:36:42

نوبىل مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن مىكرو ھىكايە:
دۇنيادىكى ئەڭ ئاخىرقى ئادەم ھۇجرىسىدا ئولتۇراتتى ، تۇيۇقسىز ئىشىك چىكىلدى
-تاك تاك تاك
- كىم ؟
.....

Tozimas يوللانغان ۋاقتى 2014-5-19 20:52:15

ياخشى چۈش كۈرۈپسىز.!

Bigaan يوللانغان ۋاقتى 2014-5-19 21:20:28

كاڭ ئۇستام ھالال ئەمەس . ئەمدى يىمەڭ.

bagalip يوللانغان ۋاقتى 2014-5-26 22:25:29

تاپشۇرق ئەمەس،   تەپەككۇر قىلغۇچىلار ئۈچۈن ھەربىر قۇرنى بىكارغا يازمىدىم ،
بەت: [1]
: ئەسىر ۋاقتىدىكى چۈش