bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2014-5-19 10:07:47

بىلگەجان دەرسخانىسى (7)- سېمىزلىك دېگەن نېمە؟

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilgejan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-19 13:33  

بەدىنىڭىزنى چۈشىنىۋىلىڭ: سېمىزلىك دېگەن نېمە؟
تۇرسۇنجان نۇرمەمەت بىلگە

ھازىر دۇنيادا سېمىزلىك كېسىلى ئەڭ ئومۇملاشقان، نۇرغۇن يامان ئاقىۋەتلەرنى ئىلىپ كىلىدىغان ۋە داۋالاش قىيىن بولغان كېسەللەرنىڭ بېرى بولۇپ، يېقىنقى 20 يىلدىن بۇيان بۇ خىل كېسەلگە گېرىپتار بولغان كىشىلەرنىڭ سانى 2 ھەسسە ئاشقان. ئامرىكا، ئەنگىلىيە، كانادا قاتارلىق تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەردە سېمىزلىك كېسىلى ئەڭ كۆپ بولۇپ، سېمىزلىك كېسىلىنىڭ يامان ئاقىۋەتلىرى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ جېنىغا زامىن بولغان. ھەتتا سېمىزلىكتىن كىلىپ چىققان ئىككى تىپلىق دېئابىت كېسىلى ۋە يۈرەك قان-تومۇر كېسەللىكلىرى سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كىتىدىغانلارنىڭ سانى ئامرىكىدا كېسەل بىلەن ئۆلىدىغانلارنىڭ سانى ئىچىدە ئالتىنچى چوڭ سەۋەپكە ئايلانغان. ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەردە سېمىزلىك ئادەتتە تۇرمۇش سەۋىيەسى تۆۋەنرەك، بىر قەدەر ئاز تەربىيە كۆرگەن كىشىلەر توپىدا كۆپرەك كۆرۈلىدىغان بولۇپ، شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن، تەرەققى تاپقان ئەللەردە نورمال بەدەن ئېغىرلىقىنى ساقلاش، دائىم بەدەن چېنىقتۇرۇش - تەربىيە كۆرگەنلىكنىڭ ۋە ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلىنىڭ بەلگىسى دەپ قارىلىدۇ.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان سېمىزلىك كېسىلىگە گېرىپتار بولغانلارنىڭ سانى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت خەلقلىرىدىمۇ تىزدىن ئومۇملىشىشقا يۈزلەنگەن بولۇپ، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى تەرىپىدىن سېمىزلىك كىسىلىنى دۇنيا مىقياسىدا كونتىرول قىلىش چاقرىقى ئوتتۇرغا قويۇلدى ۋە بۇ ھەقتىكى ئىلمىي تەتقىقاتلار ئۈچۈن غايەت زور مىقداردىكى مەبلەغ ئاجرىتىلدى. تۆۋەندە سېمىزلىكنىڭ خەلقئارادا ئورتاق ئېتراپ قىلىنغان ئېنىقلىمىسى، سېمىزلىكنىڭ سالامەتلىككە بولغان تەسىرى بىلەن تونۇشۇپ ئۆتىمىز.



بۇ قىسقا يازمىدا سىلەرگە سېمىزلىكنىڭ ئۆلچىىمىنى قىسقا قىلىپ قايتىدىن تونۇشتۇرىمەن. قېنى قاراپ بېقىڭ، سىزنىڭ ئېغىرلىقىڭىز نورمالمۇ، ئېشىپ كەتكەنمۇ ياكى بەكلا تۆۋەنمۇ؟  

ئاۋۋال سېمىزلىكنىڭ زادى قانداق ئۆلچىنىدىغانلىقىنى بىلىۋالايلى. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئوتتۇرغا قويۇلغان سېمىزلىكنىڭ ئۆلچىمى «بەدەن ئېغىرلىق ئىندىكىسى، BMI» ئارقىلىق بەلگىلىنىدۇ. بەدەن ئېغىرلىق ئىندىكىسى بىر فورمۇلا ئارقىلىق ھېساپلىنىدىغان بولۇپ، بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ كىلوگرام سانى ئېگىزلىك مىتىر سانىنىڭ كۋادراتىغا بۆلۈنىدۇ. مەسلەن: بىر كىشىنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى 50 كىلوگرام، ئېگىزلىكى 1.5 مىتىر بولسا، بۇ ھالدا بۇ كىشىنىڭ BMI سى، يەنى بەدەن ئېغىرلىق ئىندىكىسى 22.2 بولىدۇ. ئادەتتە، بەدەن ئېغىرلىق ئىندىكىسى 18.5 تىن 25 كىچە بولسا نورمال ھېساپلىنىدۇ؛ 25 تىن 30 غىچە بولسا «ئېغىرلىقى ئىشىپ كەتكەن» ھېساپلىنىدۇ؛ 30 دىن ئىشىپ كەتكەن بولسا سېمىزلىك كېسىلىگە گېرىپتار بولغان بولىدۇ؛ ئەگەر 18.5 تىن تۆۋەن بولسا «ئېغىرلىقى تۆۋەن» بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.

BMI=kg/m*m




بۇ يەردە قىسقىچە توختالماقچى بولغىنىم ئېشىپ كەتكەن بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ سالامەتلىككە بولغان تەسىرى بولۇپ،كۆزدە تۇتىدىغىنىم BMI سى (بەدەن ئېغىرلىق ئىندىكىسى) 25 تىن يۇقىرى بولغان كىشىلەر توپىدۇر؛ ئەلۋەتتە BMI (بى ئەم ئاي) سى 30 تىن يۇقىرى بولغان كىشىلەر توپى تېخىمۇ چوڭ تەسىرگە ئۇچرايدۇ. ئالدى بىلەن سېمىزلىكنىڭ بىۋاستە تەسىرىنى بايان قىلىمەن. سېمىز كىشىلەردە قاندىكى گلۇكوزىنىڭ مىقدارى نورمال كىشىلەردىن يۇقىرى بولىدۇ؛ بەدەندىكى ياغنىڭ مىقدارىمۇ يۇقىرى بولۇپ، ئېشىپ كەتكەن ياغ مىقدارى بەدەندىكى ئەزالارنىڭ ياللۇغلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا سېمىز كىشىلەرنىڭ ئىشتىھاسى ئادەتتىن تاشقىرى زور بولۇپ، سېمىزلىكنى تېخىمۇ يامانلاشتۇرىدۇ. تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە، 40 ياشتا سېمىزلىك كېسىلىگە گېرىپتار بولغان كىشىلەرنىڭ ئۆمرى نۇرمال ئېغىرلىقتىكى كىشىلەردىن ئاز دىگەندە يەتتە يىل تۆۋەن بولغان. سېمىزلىك كېسىلىنىڭ ۋاستىلىك تەسىرلىرى تېخىمۇ ئېغىر بولۇپ، قاندىكى ئېشىپ كەتكەن گلۇكوزا مىقدارى ئاشقازان ئاستى بىزىنىڭ كۆپلەپ ئىنسۇلىن ئىشلەپچىقىرىشىنى زۆرۆرىيەتكە ئايلاندۇرىدۇ. سېمىز كىشىلەردە ئىنسۇلىننىڭ گلۇكوزىغا بولغان سەزگۈرلۈكى تۆۋەنلەپ، ئىنسۇلىن قارشىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ-دە، ئىككى تىپلىق دىئابىت كېسىلىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. سىتاتىستىكىلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، سېمىزلىك كېسىلىگە گېرىپتار بولغان كىشىلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىي مەلۇم مەزگىلدىن كىيىن دىئابىت كېسىلىگە گېرىپتار بولىدۇ. شۇمۇ مەلۇمكى، يۇقىرى قان بىسىمى بىمارلىرىنىڭ 70 پىرسەنتى سېمىز كىشىلەردۇر. سېمىزلىك كېسىلى يەنە يۈرەك قان-تومۇر كىسەللىكلىرى، راك كېسىلى، سۆڭەك شالاڭلىشىش كېسىلى، جېگەرنى ماي قاپلاش كېسىلى ۋە تۇغماسلىق كېسىلى قاتارلىق ئېغىر كېسەللىكلەر بىلەن باغلىنىشى بار، دەپ قارالماقتا.

نۆۋەتتە دۇنيادا كۆرۈنەرلىك ئورۇقلاشنىڭ تېخى ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى تىپىلغىنى يوق. شۇڭا، ھازىرچە ئورۇقلاشنىڭ بىخەتەر لىكىن ئۈنۈمى سەل تۆۋەنرەك چارىسى يەنىلا ئېنىرگىيەنى كېمەيتىش، يەنى تاماقتىن كىلىدىغان ئېنىرگىيەنى ئازايتىپ، ھەرىكەت ئارقىلىق ئېنىرگىيە سەرپىياتىنى يۇقىرلىتىشتىن ئىبارەت. ھازىر سىمىزلىك كېسىلى تەتقىقاتى ئىنتايىن يۇقىرى مەبلەغ سېلىنغان تەتقىقات تۈرلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، بەلكىم كەلگۈسى 5-10 يىل ئىچىدە ئۈنۈملۈك ئورۇقلىتىش دورىسىنىڭ مەيدانغا كىلىشىدە ئۈمىد بار.

بىلگەجان (سان ئانتونىيو، تېكساس، ئامېرىكا)
2014-يىلى باھار ئېيىنىڭ 19-كۈنى

پايدىلىنىغان ماتېرىياللار:

Catalano, P. M., and S. Hauguel-De Mouzon. 2011. Is it time to revisit the Pedersen hypothesis in the face of the obesity epidemic? Am J Obstet Gynecol 204: 479-487.

Centers for Disease Control and Prevention. 2005. Preventing obesity and chronic diseases through good nutrition and physical activity. http://www.cdc.gov/nccdphp/publications/factsheets/preventio. Accessed on November 23, 2012.

Haslam, D. W., and W. P. James. 2005. Obesity. Lancet 366: 1197-1209.

Department of health. 2012. England Health Survey. http://www.dh.gov.uk/health/2012/04/obesity facts. Accessed on November 22, 2012.

Ezzati, M. et al. 2003. Estimates of global and regional potential health gains from reducing multiple major risk factors. Lancet 362: 271-280.


ئەسكەرتىش: بۇ ماقالىنى مەنبەسى ۋە ئاپتورنى ئەسكەرتىپ خالىغانچە تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

perwazqil يوللانغان ۋاقتى 2014-5-19 11:17:33

مىنڭ خېلى ئوبدانلا ئېشىپ كىتىپتۇ..ھەي چاتاق،چاتاق، چاتاق.....

jaggiwar يوللانغان ۋاقتى 2014-5-19 11:30:24

مىنىڭ ئىگىز لىكىم 1.80 ئېغىرلىقىم 88كىلوگىرام چىقتى .......................
لېكىن ئاۋۇ فورمۇلانى مەن چۈشەنمىدىم ،قانچىلىك ئېشىپ كىتىپتىمەن بىلىدىغانلا مىنىڭكىنى بىر ھىساپلاپ بېقىڭلا باللا؟

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2014-5-19 11:31:00


بىزگە قانداق چىنىققۇچىلار كىرەك؟

چىنىقىۋاتقانلار مەۋەگە چىرىنى

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2014-5-19 11:39:50

jaggiwar يوللىغان ۋاقتى  2014-5-19 11:30 static/image/common/back.gif
مىنىڭ ئىگىز لىكىم 1.80 ئېغىرلىقىم 88كىلوگىرام چىقتى ......... ...

88 بۆلىمىز 1.80 نىڭ كۋادىراتى=27.1

دېمەك سىز ئىككى بىرلىك ئېشىپ كېتىپسىز، ئەمما سېمىزلىك كېسىلىڭىز يوقكەن. 30 دىن ئېشىپ كەتسە ئاندىن سېمىزلىككە كىرىدۇ. سىز ئورۇقلاشنى ھازىردىن باشلىمىسىڭىز شۇ يۆنىلىشكە قاراپ ماڭغاندەك تۇرىسىز :handshake

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-5-19 11:41:32

jaggiwar يوللىغان ۋاقتى  2014-5-19 11:30 static/image/common/back.gif
مىنىڭ ئىگىز لىكىم 1.80 ئېغىرلىقىم 88كىلوگىرام چىقتى ......... ...

27.160493

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-5-19 11:41:58

مېنىڭ 19.5{:101:}

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-5-19 11:46:32

bilgejan يوللىغان ۋاقتى  2014-5-19 11:39 static/image/common/back.gif
88 بۆلىمىز 1.80 نىڭ كۋادىراتى=27.1

دېمەك سىز ئىككى بىرلىك  ...

مۇناسىۋەتسىز ئىنكاس بوپ قالدى:
ئىككى بۆرىكى پۈتۈنلەي كاردىن چىققان،سۈيدۈك تازىلىتىدىغان،بىرىنچى دەرىجىلىك مىيىپ دەپ باھالانغان ئەر كىشى بالىلىق بولالامدۇ؟

sabira يوللانغان ۋاقتى 2014-5-19 11:51:06

‏سىمىزلىك نىمە سەۋەپتىن كىلىپ چىقىدۇ؟ بەدەندىكى قايسى فىزىلوگىيىلىك تەڭپۇڭلۇق بۇزۇلغاندىن بولىدۇ؟

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2014-5-19 11:54:14

tadubeg يوللىغان ۋاقتى  2014-5-19 11:46 static/image/common/back.gif
مۇناسىۋەتسىز ئىنكاس بوپ قالدى:
ئىككى بۆرىكى پۈتۈنلەي  ...

شۇنداق قىلغانلار بار، ئەمما مۇمكىن بولمايدىغان ئەھۋالمۇ ئۇچرايدۇ. شۇڭا بىمارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراش كېرەك. ئايال بولسا ئاران 7 ئايالنىڭ ئىچىدىن 1سى بالىلىق بولالايدۇ سەۋەبى قان ئايلىنىش ئاياللارنىڭ ھامىلدارلىقنى ساقلىشى ئۈچۈن غايەت زور ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ بۆرىكى كاردىن چىققان بولسا بۇنىڭغا چوڭ تەسىرى بولىدۇ. ئەرلەرنىڭ باشقا جىنسىي كېسەللىكلىرى بولمىسا بالىلىق بولالىشىنىڭ ئېھتىمالى خىلى يۇقىرى.

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-5-19 11:58:20

رەھمەت بۇرادەر،مۇشىنى ئىنىق بىلەلمەي قالغانىدىم{:112:}

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2014-5-19 11:59:16

sabira يوللىغان ۋاقتى  2014-5-19 11:51 static/image/common/back.gif
‏سىمىزلىك نىمە سەۋەپتىن كىلىپ چىقىدۇ؟ بەدەندىكى قايسى ...

سېمىزلىكنىڭ كىلىپ چىقىش سەۋەبلىرى ناھايىتى نۇرغۇن بولۇپ، ئېرسىيەت مەلۇم رول ئوينايدۇ. كۆپىنچە ئەھۋاللاردا مايلىق، يۇقىرى شېكەر، يۇقىرى ئېنىرگىيىلىك يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېيىش، ئىشتىھاسى ھەددىدىن زىيادە زور بولۇش، ئۇيقۇسى ناچار بولۇش، ھەرىكەت ئاز بولۇش، ھەر خىل دورىلار، ھورمونلارنىڭ تەسىرى، ھامىلدارلىق، ئىشقىلىپ دەپ كەلسەك بەكلا كۆپ سەۋەب بار. ئەمما ئوبدان قارىسىڭىز كۆپىنچىسى چېنىقماسلىق ۋە ساغلام تۇرمۇش، يېمەك-ئىچمەك ئادىتى بولماسلىققا بېرىپ تاقىشىدۇ.

sabira يوللانغان ۋاقتى 2014-5-19 12:09:45

رەھمەت، مىنىڭ ئاپام بىر نەچچە يىل ئىلگىرى بەكمۇ ئۇرۇق ئىدى، بۇلتۇر مەلۇم خىل كىسەل بىلەن داۋالانغان( بالىياتقۇغا ئالاقىدار كىسەللىكقۇ دەيمەن)، تۇيۇقسىز ئېغىرلىقى بەك ئېشىپ كەتتى، بۇ ھورمۇنلۇق دورىلارنى ئىشلەتكەنلىك سەۋەبىدىن بولامدىغاندۇ؟

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2014-5-19 12:19:25

sabira يوللىغان ۋاقتى  2014-5-19 12:09 static/image/common/back.gif
رەھمەت، مىنىڭ ئاپام بىر نەچچە يىل ئىلگىرى بەكمۇ ئۇرۇق  ...

شۇنداق بولۇشى ئېھتىمالغا يېقىن. قايسى دورىلارنى يېگەنلىكىنى بىلسىڭىز ئېنىق جاۋاب بەرگىلى بولىدۇ.

jaggiwar يوللانغان ۋاقتى 2014-5-19 12:22:41

:)رەھمەت

ArislanMemet يوللانغان ۋاقتى 2014-5-19 12:30:37

23.5 قاتتىق نورمال ئىكەنمەن.{:203:}

turken يوللانغان ۋاقتى 2014-5-19 12:42:24

مەن 18.51كەنمەن بەك ئورۇقتەك ھىس قىلىمەن ئۆزەمنى ،تاماقنىغۇ خىلى پوش دىمەي يەپ قويىمەن پەقەت سەمرىيەممەيۋاتىمەن ،بەدەن چىنىقتۇرۇپ تاشلاپ قويسا سەمرىدىكەن دەپ ئاڭلاپ سىناپمۇ باقتىم جىق ئەمەس ئون كىلو سەمرىسەم بولىتى

karahaniya يوللانغان ۋاقتى 2014-5-19 12:47:21

بىلگەجان،  يۇقىرى قان بېسىم كىسەللىكلىرىگە نۆۋەت قاچان كىلىدۇ؟

sabira يوللانغان ۋاقتى 2014-5-19 12:51:23

‏رەھمەت ، كۆپ ئاۋارە قىلدىم .
‏ھورمۇنلۇق دورا ئىشلەتكىنىنى ئاڭلىغان ئىدىم ، بىراق ئىسمىنى بىلمەيدىكەنمەن.
‏مىنىڭ قىزىقىۋاتقىنىم سىمىزلىك ئادەمنىڭ ئىچكى مىتابولىزىمدا قانداق ئۆزگۈرۈشلەرنى پەيدا قىلىدىغىنى؟
‏مەسىلەن: ئادەم سىمىزلىككە مۇپتىلا بولغاندا قايسى خىل ئەزانىڭ قانداق ھورمۇن ئىشلەپچىقىرىپ ، قانغا قۇيۇپ بىرىلىپ، قايسى ئەزادىكى ھورمۇن قوبۇللىغۇچى  ئاقسىلغابىرىكىپ ، قايسى ئەزاغا تەسىر كۆرسىتىپ مۇشۇ خىل ھادىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغاندۇ دەپ ئويلاۋاتىمەن؟

Abdurehman يوللانغان ۋاقتى 2014-5-19 13:06:18

نۇرغۇنلىغان مېھنەتسىز بېلىملەردىن قېنىپ - قېنپ بەھىر ئېلىۋاتىمىز. تەشككۈر
بەت: [1] 2 3
: بىلگەجان دەرسخانىسى (7)- سېمىزلىك دېگەن نېمە؟