Uyghur يوللانغان ۋاقتى 2014-5-19 08:59:42

پارك گۇنھىي يىغلاپ تۇرۇپ ئەپۇ سورىدى!

ئىلاۋە: مانداقمۇ دۆلەت رەھبەرلىرى بولىدىكەن .


شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 19 –كۈنى، كورېيە زۇڭتۇڭى پارك گۆنھېي پايتەخت سېئۇلدا، خەلققە تېلېۋىزىيە نۇتقى سۆزلەپ،«يىللار» ناملىق پاراخوت چۆكۈپ كېتىش ۋەقەسى توغرىسىدا خەلقتىن يىغلاپ تۇرۇپ يەنە بىر قېتىم ئەپۇ سورىدى.
باشقا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ مەلۇمات بېرىشىچە، پارك گۆنھېي بۇ قېتىملىق ۋەقەدە رولى بولمىغان دەپ قارالغان دېڭىز ئىشلىرى ساقچى تارمىقىنى ئەمەلدىن قالدۇرىدىغانلىقىنى ئېيتقان.








dawanqi يوللانغان ۋاقتى 2014-5-19 09:15:56

ما ئايالنىڭ قىلغىنى »جوڭگو چۈشى«گە زىت!{:87:}{:87:}{:87:}{:87:}

azharbag يوللانغان ۋاقتى 2014-5-19 09:16:21

tuwa...مma  ڭ

azharbag يوللانغان ۋاقتى 2014-5-19 09:17:02

palakaت

buyukturn يوللانغان ۋاقتى 2014-5-19 09:31:48

ما ئايالنىڭ كۆزىنىڭ سۈيىنى ئېقىتىپ يۈرگىنىنى ،
بىزنىڭ رەھبەرلەردەك بولمامدۇ دەيمەن .

olive يوللانغان ۋاقتى 2014-5-19 09:33:37

پەنجىنلىيەن دىگەن ئاكىسىغا گەپ قىلىپ ھېچقانداق ئۈنىمى بولمايۋاتقان ب د ت نىمۇ ئەمەلدىن قالدۇرۋەتسە بولاتتى:funk:

aplapsaplap يوللانغان ۋاقتى 2014-5-19 09:54:33

بۇنداق ئارتىسلا بىزنىڭ دۆلەتتىمۇ بارغۇ،،،،

tayker يوللانغان ۋاقتى 2014-5-19 10:03:31

رەھبەر بولسا مۇشۇنداق بولسا ، خەلقنىڭ قايغۇسىغا قايغۇرۇپ ، خوشاللىقىغا جۆر بولۇپ خوشاللىقنىڭ پەيزىنى سۈرسە ئاندىن ھەقىيقىي يۇسۇندىكى خەلق بىلەن قەلىبداش ، ھەمنەپەس بولغانلىق بولمامدۇ دەيمەن ، ئېغىزىدا مەن خەلقنى ئانداق سۆيىمەن ، مانداق چىرمىشىمەن دەپ ئەمەلىيتى ھېچ ئوخشىمىغان رەھبەرلەردىن كۆپ ياخشى ...

mustapa يوللانغان ۋاقتى 2014-5-19 10:16:51

   خەلق سايلىغان رەھبەر شۇنداق خەلق ئالدىدا مەسئۇلىيىتىنى سەمىمىتلىك بىلەن ئېتىراپ قىلىدۇ . ئۆزىنى ئۆزى سايلىۋالغان چاۋشەن رەھبەرلىرى بولسا خەلقنىڭ ئۆلە تىرىلىشى بىلەن كارى بولمايدۇ .

tarim222 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-19 10:31:17

13-چېسلا چاۋشىيەننىڭ پىيوڭياڭ شەھىرىدە، بىر 23قەۋەتلىك بىنا ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ نۇرغۇن ئادەم قازا قىلغان. چاۋشىيەننىڭ يوقۇرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى نەق مەيدانغا بېرىپ ئاممىدىن ئەپۇ سورىغان.

ruslan007 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-19 11:39:00

شاڭخەيدە ئىگىز بىنا يىقىلىپ چۈشكەن ، رەھبەلەر توقىناق بالانى كىنىشكىسى يوق ئىش ئورنىغا چىققان تۆت كەپشەرچى بايقۇشقا ئارتىپ قويغان

uyghurjan0997 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-19 12:04:26

ruslan007 يوللىغان ۋاقتى  2014-5-19 11:39 static/image/common/back.gif
شاڭخەيدە ئىگىز بىنا يىقىلىپ چۈشكەن ، رەھبەلەر توقىناق  ...

بۇ دېگەن دانالىق ، ئىشنى نېگىزىدىن ھەل قىلىش بولسا كېرەك .:lol :lol

galita يوللانغان ۋاقتى 2014-5-19 12:16:28

تازا باشلىق بولاشنى بىلمەيدىغان نىمكەن!  پاراخوتنى ئۆزى ئىتتىرۋەتمىگەندىكىن،نەخمەيدانغا،ئۆلەپكەتكەنلەرنىڭ 1-2سىنىڭ ئۆيىگە بىرىپ «غەمخورلۇقىنى »يەتكۈزۈپ قويسىلا تۈگىمىدىمۇ{:208:}. ئەمما مەسئۇلىيەت دىگەن باشقا نەرسىلەن جۇمۇ!

Uyghuran يوللانغان ۋاقتى 2014-5-19 14:19:02

1994- يىلى 12- ئاينىڭ 8- كۈنى قارىماي شەھىرىدىكى دوستلۇق سارىيىدا ئوت كېتىپ 325 ئادەم قازا قىلغان. بۇلارنىڭ 288 ئى كىچىك بالا ئىدى. لېكىن مەيلى ئەينى ۋاقتتا بولسۇن، مەيلى ھازىر بولسۇن، دۆلەت رەھبىرىنى بولدى دېمەيلى، قارىماي شەھىرىنىڭ باشلىقى بولغان ئادەممۇ كەچۈرۈم سوراپ قويمىغان.
ئوخشاش تالاپەت، ئوخشىمىغان مەسئۇلىيەت ئېڭى. ئوخشىمىغان ئىنسانىي قىممەت.

gldingwash يوللانغان ۋاقتى 2014-5-19 14:40:00

مۇشۇنداق راسىت كۆز يېشى (مەيلى ئۇ مەلۇم مەجبۇرىيەتتىن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر) ھامان پۇخرالارنىڭ ئۆز قىممىتى ھەققىدە ئويلىنىشىغا ئاز تولا ئىجابى سەۋەب بولىدۇ.
مەن تەسىرلەندىم. :(

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-5-19 14:48:28

ۋىنجچباۋنى يەر تەۋرىگەندە يىغلىغان دەيدىغۇ

sarwi يوللانغان ۋاقتى 2014-5-19 15:24:51

ilter يوللىغان ۋاقتى  2014-5-19 14:48 static/image/common/back.gif
ۋىنجچباۋنى يەر تەۋرىگەندە يىغلىغان دەيدىغۇ

كېرىيەدىكىگىما؟

koygandengiz يوللانغان ۋاقتى 2014-5-19 15:46:04

   بىزنىڭ رەھبەرلەردىن بىر ئايلا تەلىم ئالسا يىغلاي دىسىمۇ كۆزىگە ياش كەلمەيدىغان بوپ كېتەمىكىن ......بېيجىڭدىكى  ئوقۇغۇچىلار ۋەقەسىدە   كۆزىگە ياش ئالغان رەھبەرنىڭ خېيى ئاسمانغا بولغاندىن كېيىن بىزنىڭ رەھبەرلەر يىغلاش ، يىغلىماسلىق مەسىلىسىدىمۇ ئاۋال  تەستىقلىتىدۇ ھازىر  ......

Mahir512 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-19 16:32:09

ۋەقەگە يۇلۇققانلارنىڭ ئىچىدە بىرەر ئۇرۇق-تۇققىنى بارمۇ تېخى؟...
بىرنىمە دەپ بولغىلى بولمايدۇ...

elikaram يوللانغان ۋاقتى 2014-5-19 17:20:47

پىشىپ مەي بولاپ ئۆتەپ كەتكەندىمۇ ئەر بولمىسا مۇشۇ مەزلۇم يىغلىماي كىم يىغلايدۇ؟
بەت: [1] 2
: پارك گۇنھىي يىغلاپ تۇرۇپ ئەپۇ سورىدى!