mykariz يوللانغان ۋاقتى 2014-5-19 01:16:29

(كارىزى) ئۇيغۇر شامانىزم مەدەنىيىتىنىڭ تەتقىقات ئەھۋالى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   mykariz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-19 01:38  

ئۇيغۇر شامانىزم مەدەنىيىتىنىڭ خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچىدىكى تەتقىقات ئەھۋالى ھەققىدە مۇپەسسەل بايان

ئادىل غاپپار كارىزى

شامانىزم ئەڭ قەدىمقى دۇنياۋىي خاراكتىرلىك مەدەنىيەت ھادىسىلىرىنىڭ بىرى. شىمالىي ئامىرىكىدىكى ئىندىئانلار، جەنۇبىي ئامىرىكىدىكى يەرلىك خەلىقلەر، سىبىرىيىدىكى يەرلىك خەلىقلەر، شىمالىي ياۋرۇپادىكى سامىلار، شىمالىي قۇتۇپتىكى ئېسكىموسلار، دۆلىتىمىزنىڭ شىمالىدىكى ئالتاي تىللىق مىللەتلەر، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي تىللىق مىللەتلەر، مۇڭغۇللار، تۇڭغۇسلار، ياپۇنلار، كورىيە ۋە چاۋشىيەندىكى چاۋشىيەن مىللىتى قاتارلىق دۆلەت ۋە رايۇندىكى مىللەت ۋە خەلىقلەرنىڭ ھەممىسى تارىختا شامانىزمغا ئېتىقاد قىلىپ، ئۆزىگە خاس شامانىزم مەدەنىيەت ھاسىسىلىرىنى بارلىققا كەلتۈرگەن ۋە بۈگۈنگىچە داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن. غەربلىكلەر ناھايىتى ئىلگىرىلا بۇ خىل شامانىزم ھادىسىلىرىنى بايقىغان ۋە ئۇنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدا پارچە-پۇرات خاتىرىلەرنى قالدۇرغان. ئەمما، بىر قەدەر مەركەزلىك خاتىرىلەنگەنلىرى تەخمىنەن بۇنىڭدىن 500 يىللار ئىلگىرى بايقالغانىدى. شۇنىڭدىن باشلاپ، شامانىزم كىشلەر چۈشىنىشكە ئىنتىلدىغان، تەتقىق قىلىدىغان ھادىسىگە ئايلانغان. ئەمما، خەلئارادىكى شامانىزم تەتقىقاتى 17-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن باشلانغانىدى. ھازىر نۇرغۇنلىغان دۆلەت ۋە رايۇنلاردا شامانىزم مەدەنىيەت ھادسىسىلىرىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىدىغان تەتقىقاتچىلار ۋە تەتقىقات ئورۇنلىرى بارلىققا كەلگەن. خەلئارادا شامانىزم ئىلمىي جەمىئيىتى بار بولۇپ، ئۇنىڭ ئايلىق ئىلمىي ژورنىلى ۋە يىللىق ماقالىلار توپلاملىرى بار. خەلقئارادا ئامىرىكا، ئەنگىلىيە، روسىيە، كانادا، ئاۋىستىرالىيە، شىۋىتسىيە، فىنلاندىيە، ۋېنگىرىيە، مۇڭغۇلىيە قاتارلىق دۆلەتلەر شامانىزم تەتقىقاتىدا ئىزچىل ھالدا ئالدىنقى قاتاردا تۇرماقتا.

1.شامان ۋە شامانىزم ئۇقۇمى ھەققىدە
شامانىزم ئىپتىدائىي جەمئىيەتتە بارلىققا كەلگەن ۋە كۆپ خىل مىللەتلەر ئېتىقاد قىلغان قەدىمىي ئېتىقادلارنىڭ بىرى. ئۇ ئانىمىزمنى ئاساسلىق ئىدىيە ئاساسى قىلىدۇ، مەزمۇنى جەھەتتىن تەبىئەت ئېتىقادچىلىقى، تۇتېم ئېتىقادى، ئەجدادلار ئېتىقادچىلىقىدىن ئىبارەت ئۈچ جەھەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
شامانىزم(samanism,shamanism) شامان ئېتىقادى ياكى سامان(Saman) ئېتىقادى دىگەن سۆزىدىن كەلگەن. سامان(Saman) سۆزى شەرقىي غوزلار تىلىدىن كىرگەن بولۇپ، خەنزۇلار تەرىپىدىن «پېرىخۇن (巫师)»دەپ ئاتالغان. مۇڭغۇل تىلىدا «تويىن» دېيىلىدۇ، تۈركىي تىلىدا «قام» دىيىلىدۇ. ھازىرقى زاماندىكى ئورانقايدىكى قەبىلىلەر «قام» ياكى «خام» دەپ ئاتايدۇ. سىبىرىيە ۋە روسىيىلىكلەر «شامان» دەيدۇ. قازاق ۋە قىرغىز تىللىرىدا «باقسى» ياكى «قام» دىيىلىدۇ. يەنى «يېڭى تاڭنامە. غۇزلار تەزكىرىسى» دە: « پېرىخۇنلار ھوشىدىن كېتىدۇ، ھېچنىمىنى تۇيمايدۇ، خۇددىي قامدەك ياكى خامدەك» دېيىلگەن. شىزاڭلىقلار «بون» دەيدۇ. ئۇيغۇر تىلىدا«قام» ياكى «باخشى» ىيىلىدۇ.
خەلقئارادىكى دىن ئىنسانشۇناسلىقى ۋە دىن تەتقىقات ساھەسىدە باخشى-پېرىخونلارغا ئالاقىدار نەزىرىيىۋىي سېستىما ۋە مۇراسىم-پائالىيەتلەر «شامانىزم» دەپ ئاتىلىدۇ. باخشى-پېرىخونلار بولسا «شامان» دەپ ئاتىلىدۇ. تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشىچە، ‹شامان› دېگەن بۇ سۆز ئەسلى سىبىرىيىدىكى مانجۇ-تۇڭغۇس تىلىدىكى ‹سامان(saman)› دېگەن سۆزدىن كەلگەن بولۇپ، سامان(saman) دېگەن سۆزدىكى sa دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى ‹بىلمەك› بولۇپ، شامان(shaman) سۆزىنىڭ خەت(لوغەت) مەنىسى ‹بىلگۈچى› دېگەنلىكتۇر. بۇ سۆزنى ئەڭ ئاۋال روسىيىلىك تەتقىقاتچىلار ئىشلەتكەن بولۇپ،  1692-يىلى موسكىۋا ۋەكىللەر ئۆمىكى جۇڭگونى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن، ئېيۋىرت.ئىسبولات.ئىنداي ۋە ئۇنىڭ ھەمرالىرى ئېلان قىلغان «جوڭگو ساياھەتنامىسى»دە، تۇنجى بولۇپ مانجۇلار ئارىسىدىكى ‹شامان›نى خەلقئاراغا تۇنۇشتۇرغان. سامان(saman) سۆزى ئىنگىلىز تىلىغا كىرگەندە شامان(shaman) دەپ ئىشلىتىلگەن. خەلقئارا شامانىزم ئىلمىي تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى، ۋىنگىرىيە دۆلەتلىك پەنلەر ئاكادىمىيىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى دوكتۇر مىخائىل.خوپپال(M.Hoppal) «شامان ۋە شامانىزم» دېگەن كىتابىدا ‹شامان› ئاتالغۇسىنىڭ كېلىش مەنبەسى ۋە ئۇنىڭ مەنىسى توغرىسىدا خېلى سېستىمىلىق تەتقىقات ئېلىپ بارغان. ئۇنىڭ قارىشىچە، خەلقئارادا ئومۇميۈزلۈك ئىشلىتىلىۋاتقان ‹شامان› سۆزى مانجۇ-تۇڭغۇس تىلى بولۇپ، روسىيىلىك تەتقىقاتچىلار مىللەتشۇناسلىق ساھەسىگە ئېلىپ كىرىپ، مىللەتشۇناسلىق(ئىنسانشۇناسلىق)نىڭ بىر خىل مەخسۇس شامانىزم پائالىيىتى بىلەن شوغۇللىنىدىغان ئادەمنى ۋە  ھادىسىنى كۆرسىتىدىغان كەسپىي ئاتالغۇسىغا ئايلانغان. مانجۇ-تۇڭغۇس تىلىدىن كەلگەن ‹شامان(SHAMAN)› سۆزى ‹بىلمەك، چۈشەنمەك، خەۋەرداربولماق› مەنىسىدىكى Sha- پېئىلدىن تۈزۈلگەن بولۇپ، ‹شامان› دېگەن بۇ سۆزنىڭ بىلدۈرىدىغان مەنىسى ‹خەۋەردار، بىلىدىغان، ھەممىگە قادىر ئادەم› دېگەنلىكتۇر. يەنە بەزى تەتقىقاتچىلار ‹شامان› دېگەن بۇ سۆز سانسىكىرت تىلى بولۇپ، خەنزۇچە بۇددا نوملىرى ئارقىلىق مانجۇ-تۇڭغۇس تىلىغا كىرگەن،دەپ قارايدۇ. ‹شامان› دېگەن بۇ سۆز بارى(PALI) تىلىدا SHAMAN، سانسىكىرت تىلىدا SCHRAMANA دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، بۇددا دىنىدىكى ‹راھىب، سامغا، شەيخ› دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ. بۇ سۆز ئالتاي تۈركلىرى ئىچىدە قام(QAM) دەپ ئاتىلىدۇ. ئوتتورا ئاسىيا رايۇنىدا باخشى(BAKSHI) دەپ ئاتىلىدۇ. دېمەك، شامان سۆزىنىڭ لوغەت مەنىسى ‹بىلگۈچى، ھەممىنى بىلىدىغان ئادەم› دېگەنلىكتۇر. ئەمما ئۇنىڭ ئىلىم ساھەسىدىكى ئىستىمال مەنىسى بولسا، شامانىزم ئەقىدىسى ئاساسىدا مەلۇم خىل شامانلىق تېخنىكىسى ۋە مۇراسىم-پائالىيەتلەرگە رىياسەتچىلىك قىلىدىغان ئادەمنى كۆرسىتىدۇ. شامانىزم بولسا مەلۇم خىل بەلگىلىك دىن ياكى ئېتىقاد سېستىمىسىنى كۆرسەتمەستىن، بەلكى شامانلارنىڭ شامانلىق كەچۈرمىشى ۋە شامانلىق قىلمىشلىرىنىڭ ئومومىي ئاتىلىشىدۇر.

2.شامانىزم ۋە ئۇنىڭ دۇنيا قاراش سېستىمىسى
شامانىزم-كۆپچىلىك ئېتراپ قىلغان تارقاتقۇچىسى، مۇكەممەل يازما دەستۇرى، مۇقىم دىننىي پائالىيەت سورۇنى ۋە تۇراقلىق مۇخلىسلىرى بولمىغان، ھەرقايسى قەۋىم ۋە مىللەتلەر ئارىسىدا كۆرىنەرلىك پەرقلىرى بولغان قەدىمكى ئىپتىدائىي ئېتىقاد شەكلى. شامانىزم قەدىمكى ئانىمىزم، تەبىئەتكە چوقۇنۇش، ئەجداد ئېتىقادچىلىقى، قەھرىمانلىق قاراشلار ئاساسىدا، ئىپتىدائىي جەمئىيەت تەرەققىي قىلىپ بەلگىلىك باسقۇچقا يەتكەندە پەيدا بولغان. شامانىزم باشقا ئېتىقاد سېستىمىلىرىغا ئوخشاشلا ئۆزىگە خاس ئالەملىك قارىشى، تەبئەت قارىشى ۋە روھ قارىشىغا ئىگە بولۇپ، مەزمون ۋە شەكىل جەھەتتە ئوخشاش بولمىغان مىللەت ۋە قەۋملەردە مەلۇم ئورتاقلىقلارغا ۋە قىسمەن پەرقلەرگە ئىگە. دىن ئىنسانشۇناسلىرىنىڭ قارىشىچە، ھەر قانداق بىر دىننىڭ كۆپچىلىك ئورتاق ئېتراپ قىلغان بىر ياراتقۇچىسى بولىدۇ، بىرلىككە كەلگەن يازما دەستۇرى بولىدۇ، تۇراقلىق ئېتىقادچى ئاممىسى يەنى دىنى مۇخلىسلىرى بولىدۇ ھەم مۇقىم دىنى پائالىيەت ئېلىپ بارىدىغان ئورنى ۋە سورۇنى بولىدۇ. ئەگەر بۇ تۆت شەرتكە ئۇيغۇن بولمىغان ھەر قانداق ئېتىقاد ھادىسىسىنى دىن كاتىگورىيىسىگە كىرگۈزۈشكە بولمايدۇ. ئۇ پەقەت جەمئىيەتتىكى مەلۇم كىشىلەرنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن بارلىققا كەلگەن بىر خىل مەدەنىيەت ھادىسىسىدۇر.
شامانىزمنىڭ ئاساسلىق ئەقىدىسى ھەممە نەرسىدە روھ بارلىقىغا، ئىلاھ ۋە جىنلارنىڭ مەۋجۇتلىقىغا ئىشىنىش بولۇپ، ئادەم ۋە تەبىئەت دۇنياسىدىكى بارلىق ئۆزگىرىشلەرنى ئىلاھ ۋە جىنلار كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ دەپ قارايدۇ. شامانىزم رېئال دۇنياغا ئىشىنىش بىلەن بىرگە تەبىئەتتىن، ئادەمدىن تاشقىرى بىر سىرلىق دۇنيا ۋە كۈچنىڭ بارلىقىغا ھەم ئۇنىڭ تەبىئەت ۋە جەمئىيەتنى كونترول قىلىپ تۇرىدىغانلىقىغا ئىشنىدۇ. شامانىزىم ئۆز ئەقىدىلىرىنى ئىنسان ۋە ئۇنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان ئۈچ قەۋەتلىك «دۇنيا» دىن ئىبارەت ئاساسىي سېخىما ئۈستىگە ئورناتقان بولۇپ، ئۇ ئىنسان مەنپەئەتىنى مەركەز، مەقسەت، ئۆلچەم قىلىپ، ئالەمنى ئۈچكە بۆلگەن. شامانىزم ئەقىدىسىدە ئۈستۈنكى دۇنيا يەنى ئاسمان-ئىلاھ ۋە پەرىشتىلەر ماكانى؛ ئارلىقتىكى دۇنيا يەنى يەر ئۈستى-بەندىلەر (ئادەملەر )ماكانى بولۇپ، ئىنسانلار ھەم ھايۋان-ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ماكانى؛ ئاستىنقى دۇنيا يەنى يەر ئاستى-جىن-ئالۋاستىلار ماكانى دەپ قارىلىدۇ. بۇ ئىنسانلارنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ساددا ئاستىرونومىيىلىك چۈشەنچىلىرى ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن قاراشلار ھېسابلىنىدۇ. كېيىنچە، ئالەملىك ۋە ئاستىرونومىيىلىك چۈشەنچىلەرنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، شامانىزمنىڭ ئالەم قارىشىمۇ تەرىجىي ئۆزگەرگەن. يەنى ئاسماندىكى يەتتە يۇلتۇز چۈشەنچىلىرى ئاساسىدا، يەتتە قات ئاسمان، يەتتە ئىلاھ، يەتتە قات يەر ۋە يەتتە خىل جىن-ئالۋاستى چۈشەنچىلىرى بارلىققا كەلگەن. كېيىنچە بۇ چۈشەنچىلەر بىلەن دەرەخكە چوقۇنۇش ئەقىدىلىرى ئاساسىدا يەنە، ئالەم دەرىخى چۈشەنچىسىنى بارلىققا كەلتۈرگەن. ئالەم دەرىخى يەر يۈزىدىكى ئىنسانلار بارلىققا كەلگەن ۋە ئىنسانلارنى باقىدىغان مىۋىلىك دەرەخ بولۇپ، ئۇنىڭ يەتتە چوڭ شېخى يەتتە قات ئاسمانغا تاقىشىپ تۇرىدۇ. شامان مۇشۇ دەرەخ ئارقىلىق ئاسماندىكى يەتتە ئىلاھ بىلەن بىمالال ئالاقە قىلالايدۇ. جىن-ئالۋاستىلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغاندا، شامان مۇشۇ يەتتە چوڭ دەرەخ شېخى ئارقىلىق ئاسماندىكى يەتتە ئىلاھنى ياردەمگە چاقىرىدۇ. يەتتە قات ئاسماندىكى ئىلاھلار دەرەخ شېخى ئارقىلىق يەر يۈزىگە كېلىپ، جىن-ئالۋاستىلار بىلەن ئۇرۇش قىلىپ، ئىنسانلارنى قۇتۇلدۇرىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ پىرە ئۇيۇنى دەل مانا مۇشۇ قاراشلار ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن بولۇپ، يەردىن تۇرۇسقىچە تارتىلغان ئارغامچا مانا شۇ ئالەم دەرىخىنىڭ سىمۋولى. تۇغنىڭ ئۈستىدىكى يەتتە پۇتاقلىق مىۋىلىك دەرەخ شېخى يەتتە قات ئاسمانغا تۇتىشىغان شاخلاردۇر. يەتتە خىل رەڭلىك پۇرۇچ بولسا، ئىلاھلار ئەسكەر باشلاپ كېلىدىغان بايراقلاردۇر. ئۇيغۇرلارنىڭ 7 نى مۇقەددەس سان دەپ قارايدىغان چۈشەنچىلىرىنىڭ ئاساسى مانا مۇشۇ بولسا كېرەك.

3. ئۇيغۇر شامانىزم مەدەنىيىتىنىڭ خەلقئارادىكى تەتقىقات ئەھۋالى
17-ئەسىردە روسىيىلىكلەر سىبىرىيىنى ئىگەللىگەندىن كېيىن، شۇ يەردىكى يەرلىك مىللەتلەر ئارىسىدا روھلار بىلەن ئالاقە قىلىدىغان ئادەتلەرنىڭ بارلىقىنى بايقىغان. شۇ چاغلاردا روسىيىلىك ساياھەتچىلەر بايقال كۆلى ۋە يىنسەي دەرياسى بويىدىكى توڭگۇس تىللىق مىللەتلەرنىڭ شامانىزم مەدەنىيەت ھادىسىلىرى توغرىسىدا ئەڭ دەسلەپكى بىر قىسىم خاتىرىلەرنى قالدۇرغان. كېيىن بۇ خاتىرىلەرنى تەكشۈرۈش دوكلاتى سۈپىتىدە ئېلان قىلىپ، شامانىزمنى ياۋرۇپا ئىلىم ساھەسىگە تۇنۇشتۇرغان. بۇنىڭ بىلەن، شامانىزم خەلقئارا ئىلىم ساھەسىدە بىر خىل ئېلىم سۈپىتىدە تەتقىق قىلىنىشقا باشلىغان. ئەڭ دەسلەپتە روسىيىلىك تەتقىقاتچىلار سىبىرىيىنى مەركەز قىلغان ئالتاي تىللىق مىللەتلەرنىڭ شامانىزمى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان. چۇنكى، سىبىرىيىدىكى يەرلىق خەلقلەر ئارىسىدا، شامانىزم ناھايىتى مۇكەممەل ساقلانغانىدى. روسىيىلىك تەتقىقاتچىلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى تەتقىقات نەتىجىلىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، 1932-يىلدىكى بىر سىتاتېستىكا ماتېرىيالىغا ئاساسلانغاندا، 1931-يىلنىڭ ئاخىرىغىچە، روسىيىلىك تەتقىقاتچىلارنىڭ شامانىزم تەتقىقاتىغا مۇناسىۋەتلىك ئېلان قىلغان ئەسەرلىرى 650 خىلدىن ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە يادرىنتىسوف(N.Yadrntzef)، كېلمىنسوف(D.Klementz)، مىخايلوۋىسكى(V.M.Mikhailowski)، ستېرنبېرگ(L.Sternberg) قاتارلىقلار روسىيىدىكى شامانىزم تەتقىقاتىنىڭ ئاساس سالغۇچىلىرىدۇر. سىبىرىيىدە شامانىزم تەتقىق قىلغان تەتقىقاتچىلار، ئۆزىنىڭ تەكشۈرۈش ماتېرىياللىرىنى ۋە ئىلگىرىكىلەر خاتىرلىگەن شامانلار توغرىسىدىكى ھەرخىل ماتېرىياللارنى رەتلەپ، تىببىي ئىلىم، پىسخولوگىيە، روھىي كېسەللىك ئىلمى نۇقتىلىرىدىن شامانىزمغا ئېنىقلىما بەرگەن. بۇ ۋاقىتتىكى شامانىزم توغرىسىدىكى تەكشۈرۈشنىڭ چوڭقۇرلىشىشى ۋە ماتېرىياللارنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، ‹شامانىزم ئىنسانلار تەدرىجىي تەرەقىياتىنىڭ تۆۋەن باشقۇچىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ›، دەيدىغان قاراشقا كىشىلەر تەدرىجىي ھالدا گۇمانىي نەزەردە قارايدىغان بولدى. شامانىزم بىلەن روھىي كېسەللىكنىڭ تۇغما باغلىنىشى توغرىسىدا، تەتقىقاتچىلار تۆۋەندىكىدەك قاراشلارنى ئوتتۇرىغان قويغان. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، «شىمالىي قۇتۇبنىڭ يەر تۈزۈلىشى، ھاۋا كېلىماتى، زېرىكىشلىك مۇھىتى، نامرات تۇرمۇش، ئىدىيىدىكى غۇربەتلىك، پەسىل خاراكتىرلىك بېسىم قاتارلىقلار شىمالدىكى يەرلىك خەلقتە ھەدىدىن زىيادە تەشۋېىشلىك ۋە روھى بېسىم پەيدا قىلىدىغان ناچار مۇھىت ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا، تەلۋىلىك پەقەت شاماننىڭ پىسخىك ئالاھىدىلىكى بولۇپ قالماستىن، بەلكى شۇ يەردىكى يەرلىك مىللەتلەرنىڭمۇ پىسخىك ئالاھىدىلىكىدۇر». بۇنىڭ بىلەن، ئىلىم ساھەسىدە، ‹شامان بىر خىل تەلۋىلىك كېسىلى› دىگەن قاراش ناھايىتى كەڭ ئوموملاشقان.
روسىيىلىك تەتقىقاتچىلار سىبىرىيدىكى مىللەتلەرنىڭ شامانىزمىنى تەتقىق قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي تىللىق مىللەتلەرنىڭ شامانىزمى توغرىسىدىمۇ تەكشۈرۈش ۋە تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بارغان. 1796-يىلى روسىيىلىك ئاندرىېۋ(I.G.Andrew) ئۆزىنىڭ تەكشۈرۈشى ئاساسىدا، قىرغىزلارنىڭ شامانىزمى توغرىسىدا بىر دوكلاتنى ئېلان قىلغان. 19-ئەسىرگە كەلگەندە، بۇ جەھەتتىكى ماتېرىياللار بارغانسېرى كۆپىيىشكە باشلاپ، 1865-يىلنىڭ ئالدى كەينىدىكى رادولوفنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قازاقلار ئارىسىدا ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشى ئاساسىدا، قازاقلارنىڭ شامانىزمى توغرىسىدا بىر دوكلاتنى ئېلان قىلغان. شەرقشۇناس نىكولاي فېدوروۋېچ كاتانوف 1891-يىلىدىن 1892-يىللىرى ئارىلىقىدا قىزىلسۇ، تۇرپان، قۇمۇللاردا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، «كۈنچىقىش ئۇيغۇرلىرىنىڭ تۇرمۇشى» تېمىسىدا بىر تەكشۈرۈش دوكىلاتىنى ئېلان قىلغان. بۇنىڭدا تۇرپان ۋە قۇمۇل رايۇنىدىكى باخشىلارنىڭ بىرقىسىم مۇراسىم-ئادەتلىرى توغرىسىدا تەپسىلى مەلۇماتلار بېرىلگەن. 20-ئەسىردىن باشلاپ، روسىيىلىك ئېكىسپىدىتسىيىچىلەر يەنى تارىخشۇناسلار، تىلشۇناسلار، مىللەتشۇناسلار ئوتتۇرا ئاسىيادا كەڭ كۆلەملىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. بۇنىڭ بىلەن، ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىزلارنىڭ شامانىزمى توغىرىسىدا دوكلات ۋە تەتقىقاتلارمۇ بارغانسېرى كۆپىيىپ، بىرقىسىم قىممىتى بار ماتېرىياللارنى ئېلان قىلغان. مەسلەن، روسىيىلىك ئېكىپىدىتسىيىچى پانتوسوفنىڭ ئېلى رايۇنىدىكى تارانچى ئۇيغۇرلارنىڭ پىرە ئۇيۇنى توغرىسىدىكى تەكشۈرۈش خاتىرىسى 1907-يىلى تاشكەنتتە نەشىر قىلىنغان «روسىيە ئىمپىرىيىسى جۇغراپىيىىلىك چىگرىسىنىڭ تۈركىستان قىسمىدىن دوكلات» ناملىق ئەسىرىنىڭ 6-تومىدا «تارانچىلاردىكى باخشى» دىگەن تېمىدا ئېلان قىلغان. 1907-يىلى مالوف كۇچا ئۇيغۇرلىرىنىڭ شامانىزىمى ئۈستىدىكى تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، كۇچا ئۇيغۇرلىرىنىڭ شامانىزمى توغرىسىدا بىر دوكىلاتنى ئېلان قىلغان.
روسىيە ئېلىم ساھەسىدىكىلەرنىڭ تەسىر كۆرسىتىشى بىلەن، ياۋرۇپادىكى مىللەتشۇناسلار ۋە ئىنسانشۇناسلارمۇ شامانىزمغا قىزىقىشقا باشلىغان. 18-ئەسىرگە كەلگەندە، ياۋرۇپالىقلار شامانىزم ئارقىلىق ئىنسانىيەتنىڭ ئەقىلىي بىلىش جەريانىنى چۈشەنمەكچى بولوپ، ‹شامانىزم بىر خىل ئادەم ئالدايدىغان ئۇيۇن› دەپ قارىغان. ياۋرۇپا دىن ھادىسىشۇناسلىق ئېقىمىدىكىلەر «شامانلارنىڭ قىلمىشلىرى شەيتاننىڭ قىلمىشى، شامان بولسا شەيتاننىڭ قۇلى» دەپ قارىدى. 18-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا، بىرقىسىم سەيياھلار «شامانلار ئادەم ئەخمەق قىلىدىغان ئالدامچىلار» دەپ، ئۆزلىرىنىڭ ساياھەتنامىلىرىدە ئۇلارنى تەنقىد قىلدى. 19-ئەسىرنىڭ دەسلىپىدە، ھۆكىمەتنىڭ زىيانكەشلىكىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن خىرىستىيان مۇرتلىرى بولىۋالغان شامانلار، «شامانىزم دىن ئەمەس، بەلكى شەخىسنىڭ قىلمىشى، يەنى خەلق ئارىسىدىكى بىر خىل داۋالاش تېخنىكىسى» دەپ چۈشەندۈردى. 19-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىغا كەلگەندە، دىنشۇناسلىق، ئىنسانشۇناسلىق، مىللەتشۇناسلىق تەتقىقاتىنىڭ باشلىنىشى بىلەن، كىشىلەر شامانىزمغا ئىشىنىدىغان مىللەتلەرنى «ياۋايىلار»، «ئىپتىدائىيلار»، جەمىيەت تەرەققىياتىنىڭ تۆۋەن باسقۇچىدا تۇرىدىغانلار دەپ قارىغانلىقتىن، شامانىزممۇ بىر خىل ئىپتىدائىي دىن، يەنى شامانىزم بۇددا دىنى بىلەن بىر تۈردىكى دىنى سېستىما دەپ قارالغان. 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا، تەدرىجىي تەرققىيات نەزىرىيىسىنىڭ تەسىرى بىلەن، شامانىزم بارلىق دىنلارنىڭ تەرەققىياتىدىكى بىر باسقۇچ دەپ قارالدى. شۇنىڭدىن باشلاپ، شامانىزم ئىپتىدائىي دىنلار قاتارىدا تەتقىق قىلىنىشقا باشلىدى. ياۋرۇپانىڭ دەسلەپكى شامانىزم تەتقىقاتىدا، بولشالىق ئايال مىللەتشۇناس كاپلىكا(M.A.Czaplicka) ۋە ئامرىكا سىبىرىيىگە ئەۋەتكەن ئېكىسپىتىدىتسىيە ئەترىتىنىڭ ئەزاسى جوچىلسىن(W.JocheLson) قاتارلىقلارنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرى بىر قەدەر گەۋدىلىك ئورۇندا تۇرىدۇ. سىبىريىدە شامانىزم بايقالغاندىن كېيىن، 20-ئەسىرگە كەلگەندە جەنۇبى ئامىرىكا، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا، ئاۋىستىرالىيە ۋە يېڭى زىنلاندىيە قاتارلىق دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىمۇ شەكىل ۋە فونكىتسىيە جەھەتتە شامانىزمغا ئوخشايدىغان بىر قىسىم دىننىي ھادىسىلەر كەينى-كەيندىن بايقالدى. تېخىمۇ نۇرغۇن ئالىملار شامانىزمنى بىر خىل دۇنياۋىي ھادىسە دەپ قارىدى. ئەمما، تەتقىقاتچىلار باشقا رايۇنلاردىكى شامانىزم ھادىسىلىرىنى تەتقىق قىلغاندا، سىبىرىيە رايۇنىدا تەتقىقات ئېلىپ بارغان تەتقىقاتچىلار ئوتتۇرىغان قويغان ‹شامان تەلۋە كېسىلى› دىگەن پىكىرنى بىر فورمىلا شەكىلدە ئۆزلىرىنىڭ تەتقىقاتىدا قوللانغانىدى. 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، شامانىزمغا نىسبەتەن بىرقەدەر سېستىمىلىق تەتقىقات ئېلىپ بارغان كىشى روسىيىلىك تەتقىقاتچى شىروكوگوروف(S.M.Shirokogoroff) ئىدى. ئۇ تۇنجى بولۇپ، ‹شامان تەلۋە كېسىلى› دىگەن قاراشقا نىسبەتەن ئەكسىچە بىر پىكىرنى ئوتتۇرغا قويغان. ئۇنىڭ قارىشىچە، شامان روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتە ساغلام ئادەم بولۇپ، ھەرگىزمۇ روھىي جەھەتتە ئېلىشىپ قالغان ئەمەس. ئۇنىڭ بۇ پىكىرى، 20-ئەسىرنىڭ ئاخىرىغا بارغاندا، ئاندىن تەتقىقاتچىلار تەرىپىدىن قۇبۇل قىلىنغانىدى. كېينچە بۇ جەھەتتە، مەدەنىيەت پەزىلەتشۇناسلىق ئېقىمىدىكىلەر شامانلارنىڭ پىسخىك ۋە قىلمىش ئالاھىدىلىكىنى مەدەنىيەت ئامىللىرىنىڭ ئىسان پەزىلىتىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەرەققىياتىدىكى تەسىرى نۇقتىسىدىن چۈشەندۈرگەنىدى.
ئامرىكىلىق كىروكېر(J.C.Crocker)نىڭ خۇلاسىسىگە ئاساسلانغاندا، 1920-يىلدىن 1940-يىلغىچە بولغان 20 يىل جەريانىدا، ئىنسانشۇناسلىق تەتقىقاتى شامانىزم ئېتىقادىغا ناھايىتى كۈچلۈك قىزىققان بولۇپ، نۇرغۇنلىغان تەتقىقاتچىلار شامانىزم ئېتىقادىنى ئىپتىدائىي دىنلارنىڭ ئاساسىي مەسىلىسى سۈپىتىدە تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ تەتقىق قىلغانىدى. ئەنگىلىيىلىك مەشھۇر ئېتنوگىرافىك فېرازىر(J.G.Frazer) كۈتۈپخانىدىكى قەدىمقى مىللەتلەرنىڭ ئۆرۈپ-ئادەت مەدەنىيىتى توغرىسىدىكى ئەپسانە-رىۋايەت ۋە يازما خاتىرىلەرگە نىسبەتەن رەتلەش ۋە ئانالىز ئېلىپ بېرىپ، 1922-يىلى «ئالتۇن شاخ» ناملىق ئەسىرىنى يېزىپ چىققان ۋە شامانىزم ھادىسىلىرىنى سېھرىي ئادەتلەر دائىرىسىدە تەتقىق قىلغان. ئۇ كىتابىدا، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ بىلىش جەريانىنى «سېھرىگەرلىكتىن دىنغا، دىندىن پەنگە قاراپ ئىلگىرلىگەن» دەپ قارىغان. 20-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا، شامانىزم توغرىسىدىكى تەتقىقات دۇنيا مىقياسىدا قانات يايدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىنسانشۇناسلىق ۋە دىنشۇناسلىق ساھەسىدە بىر خىل مۇھىم ئىلمىگە ئايلاندى. ئېدۋارد تايلور، مالىنوۋىسكىي، لېۋىي سىتىراۋىس، ئېلمىلې دوركھىم قاتارلىق غەرب ئىنسانشۇناسلىرى قەدىمكى مىلللەتلەرنىڭ شامانىزم ۋە سېھرىگەرلىك ئادەتلىرى ئۈستىدە ئوخشاش بولمىغان نۇقتىلاردىن كۆپلىگەن تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بارغان. ھازىر ۋىنگىرىيە، گېرمانىيە، ئامېرىكا ۋە جەنۇبى ئامېرىكىدا بۇ جەھەتتىكى تەتقىقات بىر قەدەر تەرەققىي قىلغان بولۇپ، شامانىزم مەدەنىيەت ئىنسانشۇناسلىقى، دىنشۇناسلىق، روھىيەتشۇناسلىق، پىسخولوگىيە، تىببىي ئىلىم ۋە جەمىيەتشۇناسلىق قاتارلىق ئوخشاش بولمىغان ئىلمىي ساھەلەر بويىچە تەتقىقات ئېلىپ بېرىلماقتا. ھازىر بۇ ساھەدە خەلقئارا شامانىزم ئىلمىي جەمىيتىنىڭ رەئىسى ۋېنگىرىيىلىك تەتقىقاتچى مىخايىل خوپپالنىڭ تەتقىقاتى ئالدىقى ئورۇندا تۇرىدۇ.
مەدەنىيەت ئىنسانشۇناسلىرىنىڭ قارىشىچە، شامانىزمنىڭ بارلىققا كېلىشى ۋە ھازىرغىچە داۋاملىشىشى باخشى-پېرىخونلارنىڭ مەۋجۇتلۇقى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، باخشى-پېرىخونلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىدا مەدەنىيەت ئامىلى ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ. يەنى، بەزى مەدەنىيەت جەمئىيەتلىرىدە باخشى-پېرىخونلار كۆپرەك بولىدۇ. يەنە بەزى مەدەنىيەت جەمئىيەتلىرىدە باخشى-پېرىخون بولمايدۇ. ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيەت جەمئىيەتلىرىدىكى شامانلارنىڭ پەيدا بولۇش ئەھۋالى ھەم شامانىزم ھادىسىسىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. دىنشۇناس ۋە روھىيەتشۇناسلارنىڭ قارىشىچە، باخشى-پېرىخونلارنىڭ پەيدا بولىشى روھى تاللاش بىلەن مۇناسىۋەتلىك. روھلار تەرىپىدىن تاللانغان كىشىلەرلا باخشى-پېرىخون بولالايدۇ. ئۇلاردىكى ئالدىن بىلەرلىك ۋە ئالاھىدە ئىقتىدار ئاشۇ روھلار تەرپىدىن كەلگەن بولىدۇ. ئامازون دەرياسى بويىدىكى يەرلىك خەلىقلەر ئارىسىدىكى باخشى-پېرىخونلارنى تەتقىق قىلغان بىئولوگلارنىڭ قارىشىچە، باخشى-پېرىخونلۇق ئېرسىي يول بىلەن ئەۋلادمۇ-ئەۋلات داۋاملىشىدىغان بولۇپ، باخشى-پېرىخونلارنىڭ بەدىنىدە بىر خىل ئالاھىدە بىئو-ئىنىرگىيە بولىدۇ. بۇ خىل بىئو-ئىنىرگىيە ئادەتتە ئىپادىلىنىپ چىقمايدۇ، بەلكى ئۇلار پېرىخونلۇق پائالىيىتى بىلەن شوغۇللانغاندىلا ئاندىن پەيدا بولىدۇ. ئۇلاردىكى بۇ خىل ئادەتتىن تاشقىرى بىئو-ئىنىرگىيە قەيەردىن كەلگەن؟ ئامرىكا ۋە ئەنگىلىيىدىكى بىر قىسىم فىزىكلار پال-ئاچالايدىغان باخشىلارنى فىزىكا تەجرىبىخانىسىدا تەتقىق قىلىش ئارقىلىق مۇنداق پەزەرلەرنى ئوتتۇرىغان قويغان: ئۆتمۇشتىن ۋە كەلگۈسىدىن كەلگەن ئۇچۇرلار بىر خىل ئىلىكتىر ماگنىت دولقۇنى ئارقىلىق ئۇياقتىن-بۇياققا ئۆتىشىپ تۇرىدۇ. باخشىلارنىڭ چوڭ مىڭڭىسىدە ياكى بەدىنىدە مۇشۇ خىل ئىلىكتىر ماگنىت دولقۇنىنى قۇبۇل قىلالايدىغان ياكى سېسزەلەيدىغان بىر خىل بىئو-ماگىنىتلىق رېتسىپتور(قۇبۇللىغۇچ) بولىشى مومكىن. شۇڭا، ئۇلار كىشىلەرنىڭ ۋە تەبىئەت ھادىسىلىرىنىڭ ئوتمۇش ۋە كەلگۈسىدىكى ئۇچۇرلىرىنى بىمالال بىلەلەيدۇ. پىسخولوگلارنىڭ قارىشىچە، باخشى-پېرىخونلارنىڭ كېسەل داۋالاش ئۇسۇلى ئەمەلىيەتتە بىر خىل مۇراسىم-پائالىيەت ئارقىلىق كوللىكتىپ داۋالاش ۋە گېپنوزلاش جەريانىدىن ئىبارەت. باخشى-پېرىخونلار بولسا، ئۆز مەدەنىيەت جەمئىيىتىنىڭ پىسخىك دوختۇرىدۇر. گېپنوزلاش-مەستخۇش قىلىش جەريانىدىن ئىبارەت بولۇپ، پىسخكىسى ئاجىز كىشىلەرگە نىسبەتەن كۈچلۈك غىدىقلىغۇچ بولىدىغان سۆز-ھەرىكەت، ناخشا-مۇزىكا قاتارلىقلارنى ئىشلىتىپ، نېرۋا سېستىمىدىكى مەلۇم مەستخۇشلۇق ئورنىنى غىدىقلاش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ. باخشى-پېرىخونلارنىڭ گېپنوزلاش ئۇسۇللىرى ئادەتتە ئەپسۇنلار بىلەن مەستخۇش قىلىپ ئوخلىتىش ياكى ناخشا-مۇزىكا بىلەن مەستخۇش قىلىپ ئۇسۇلغا سېلىشتىن ئىبارەت. پىسخولوگلار باخشى-پېرىخونلارنىڭ بۇ خىل گېپنوزلاش ئۇسۇللىرى ۋە مۇراسىم-پائالىيەت ئارقىلىق كوللىكتىپ داۋالاشنى ئوخشاش بىمارلارغا ئىشلىتىپ داۋالاش ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، ئەمما باخشى-پېرىخونلارنىڭكىدەك ئۈنۈملۈك بولمىغان. بىر قىسىم تىبابەت ئالىملىرى ئىنسانلارنىڭ ئەڭ قەدىمكى داۋالاش تېخنىكىسىنى باخشى-پېرىخونلارنىڭ كېسەل داۋالاش ئۇسۇللىرى بىلەن مۇناسىىۋەتلىك، باخشى-پېرىخونلار بولسا قەدىمقى جەمئىيەتتىكى تىۋىپلار دەپ قارايدۇ. ئەمما، ھازىرقى زامان تىبابەت ئىلمى ۋە تېخنىكىسى داۋالاپ ساقايتالمىغان بەزى كېسەللەرنى باخشى-پېرىخونلارنىڭ ئاددىي دورىلار بىلەن داۋالاپ ساقايتىش ھادىسىسىنى تەھلىل قىلىپ، ئۇلارنىڭ دورىلىرى مەدەنىيەت ۋە روھى ئارقا كۆرىنىشكە ئىگە بولغانلىقتىن دەپ قارايدۇ. ئەمما، ھازىرقى ئىلم-پەن روھقا مۇناسىۋەتلىك ئامىللارنى ئىشپاتلاشقا قۇربى يەتمىگەچكە، بۇ ھەقتە يەنىلا نۇرغۇنلىغان مۇئەممالار ساقلانماقتا.
ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە شىنجاڭدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان نۇرغۇن روسىيىلىك تەتقىقاتچىلار ئىچىدە ئەڭ مۇھىم ئەرباب باسىلوف بولۇپ، ئۇ ئالدىنقىلارنىڭ تەتقىقاتى ۋە ئۆزىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايۇنىدىكى ئۇزۇن مەزگىللىك ئەمەلىي تەكشۈرۈش ماتېرىياللىرىنى توپلاپ تەتقىق قىلىپ، 1995-يىلى بىرلىندا «ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە قازاقىستاننىڭ شامانىزمى» ناملىق كىتابنى نەشىر قىلدۇردى. ئەينى چاغدا ئىلىم ساھەسدە، بۇ ئەسەرنىڭ تەسىرى ناھايىتى چوڭ بولدى. كىتابتا، قازاق، قىرغىز، ئۆزبېكلارنىڭ شامانىزمى ۋە ئۇنىڭ ئىسلام دىنى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى بىر قەدەر چوڭقۇر تەتقىق قىلىنغانىدى. گەرچە شۇ چاغدا، بۇ ئەسەر تۈركى تىللىق مىللەتلەرنىڭ شامانىزم تەتقىقاتى ساھەسىدە ئەڭ قىممەتلىك تەتقىقات نەتىجىسى بولسىمۇ، ئەمما، ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى ئۇ ئۆزى ئۇيغۇرلارنىڭ شامانىزىمى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ برىپ باقىمىغان. شۇڭا، ئۇيغۇرلارنىڭ شامانىزىمى ئۈستىدىكى تەتقىقات يەنىلا بىر بوشلۇق بولۇپ قالغانىدى.
ياۋرۇپالىق ئالىملارمۇ تۈركى تىللىق مىللەتلەرنىڭ شامانىزمى ئۈستىدە بىر قىسىم تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بارغان. مەسلەن، شىۋىتسىيىلىك ئېكىپىدىتسىيىچى گۈننار يارىڭ ۋە مانرېھىم جەنۇبى شىنجاڭدىكى ئۇيغۇۇلارنىڭ بىرقىسىم شامانىزم مەدەنىيەت ھادىسىلىرىنى خاتىرىلەپ قالدۇرغان، ئەمما مەخسۇس تېمىلىق تەتقىقات ئېلىپ بارمىغان. باشقىلار خاتىرلەپ قالدۇرغان ماتېرىياللارنى تەتقىق قىلغانلار كۆرىنەرلىك تەسىرى بار بىرقىسىم قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئەمما، ئۆزى بىۋاستە ئەمىلىي تەكشۈرۈش قىلمىغانلىقى ئۈچۈن، تەتقىقات نەتىجىلىرى ئانچە چوڭقۇر بولمىغان. ئۇلار بۇ قاراشلار ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ شامانىزىمى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار تۇلىمۇ كەمچىل ئىدى. تۈركىيىلىك تەتقىقاتچى ئابدۇقادىرئىنان تۈرك بولۇش سۈپىتى بىلەن تۈركى تىللىق مىللەتلەرنىڭ شامانىزىمى ئۈستىدە خېلى چوڭقۇر تەتقىقات ئېلىپ بارغان. ئۇنىڭ تەتقىقات نەتىجىسىنىڭ بىرى 1954-يىلى ئەنقەرە تۇرك تارىخى نەشىرىياتى نەشىر قىلغان «تارىختا ۋە بۈگۈن شامانىزم» نامىلق كىتاب بولۇپ، بۇ كىتابتا ئوتتۇرا ئاسىيا، كافكاز ۋە سىبىرىيىدىكى تۈركى تىللىق مىللەتلەرنىڭ شامانىزم ئېتىقادى ئۈستىدە تارىخشۇناسلىق نۇقتىسىدىن سېلىشتۇرما تەتقىقات ئېلىپ بارغان. ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركى تىللىق مىللەتلەرنىڭ شامانىزىم مەدەنىيەت ھادىسىلىرى ۋە ئۇنىڭ تارىخى ۋە ئىدىيىۋىي ئارقا كۆرىنىشلىرى ئۈستىدە بىر قەدەر سېستىمىلىق توختالغان. ئۇ ھازىرقى مۇسۇلمان تۈركلىرى ئىچىدىكى شامانىزمنى قالدۇق ھادىسە سۈپىتىدە تەتقىق قىلغان. شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختىكى شامانىزمى ئۈستىدىمۇ بىرقسىم قىممەتلىق ئۇچۇرلارنى بەرگەن. گېرمانىيە، ياپۇنىيە، شىۋىتسىيە، ئەنگىلىيە، فىرانسىيە، ئامرىكا ۋە سىنگاپور قاتارلىق دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇرشۇناس تەتقىقاتچىلار قەدىمقى ئۇيغۇر ۋەسىقىلىرىدىكى شامانىزم ئېتىقادىغا مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار ئۈستىدىمۇ بىرقىسىم تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بارغان.

4. ئۇيغۇر شامانىزم مەدەنىيىتىنىڭ مەملىكەت ئىچىدىكى تەتقىقات ئەھۋالى
شامانىزم توغرىسىدىكى ئەڭ بۇرۇنقى خاتىرىلەر مەملىكىتىمىزنىڭ يازما ۋەسىقىلىرىدە كۆپ ئۇچرايدۇ.  مەھمۇد قەشقەرى «تۈركىي تىللار دىۋانى»دا، ‹قەدىمكى ئۇيغۇرلار ۋە تۈركلەر سىرلىق كۈچكە ئىگە سېھرىگەرلەرنى ‹قام› دەپ ئاتايتتى› دەپ خاتىرىلىگەن. « قۇتادغۇبىلىگ»تىمۇ ‹قام› ئاتالغۇسى تۆت يەردە «باخشى» مەنىسىدە تىلغا ئېلىنغان. مەھمۇد قەشقەرى «تۈركىي تىللار دىۋانى»دا يەنە، ‹يادا› دېگەن سۆزگە ‹يامغۇر ياغدۇرۇش ۋە شامال چىقىرىش ئۈچۈن يادا تېشى بىلەن قىلىندىغان كاھىنلىق›، ‹يادا ھايۋان تېنىدىن ئېلىنغان› دەپ ئىزاھات بەرگەن. ‹يادا قىلدۇردى› دېگەن سۆزگە ‹بەگ(شامال چىقىرىپ، يامغۇر ياغدۇرۇش ئۈچۈن) يادا قىلدۇردى. يادا قىلدۇرماق- بۇ تۈرك يۇرتلىرىدا مەشھۇر بىر ئىشتۇر. ئۇلۇغ تەڭرىنىڭ ئىزنى بىلەن، تاشقا ئوقۇش ئارقىلىق شامال سالقىنلىق ۋە يامغۇر پەيدا قىلىنىدۇ› دەپ ئىزاھات بەرگەن. ‹يەلۋىچى› دېگەن سۆزگە ‹سېھرچى، سېھرگەر› دەپ ئىزاھات بەرگەن. ‹ئەرۋەشتى›، ‹ئەرۋەلدى›، ‹ئەرۋەدى› دېگەن سۆزلەرگە بىردەك ‹ئەپسۇن ئوقۇماق› دەپ ئىزاھات بەرگەن. بۇنىڭدىن باشقا يەنە زەپەرنامە قاتارلىق بىرقىسىم كىلاسسىك ئەسەرلەردىمۇ شامانىزم ھادىسىلىرى توغرىسىدا بىرقىسىم بايانلار ئۇچرايدۇ. ئەمما، مەملىكىتىمىزنىڭ شامانىزم توغرىسىدىكى تەتقىقاتى 20-ئەسىرنىڭ 50-يىللىرى روسىيىلىك تەتقىقاتچىلارنىڭ تەسىرى بىلەن باشلانغان ھەم مەملىكىتىمىزدىكى تەتقىقاتچىلار دەسلەپكى قەدەمدە جوڭگونىڭ شىمالىدىكى ئازسانلىق مىلللەتلەرنىڭ شامانىزم مەدەنىيەت ھادىسىلىرىگە دىققەت قىلىشقا باشلىغان. 20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىن باشلاپ، مەملىكىتىمىزدىكى ئالىملار جوڭگونىڭ شىمالىدىكى ئازسانلىق مىلللەتلەرنىڭ شامانىزم مەدەنىيەت ھادىسىلىرى ئۈستىدە دەسلەپكى تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بارغان. 1980-يىلى جوڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيىسىدىن مەندۇرتۇ، شىياجىخەن ئەپەندىلەر شىنجاڭغا كېلىپ، قازاقلارنىڭ شامانىزمى ۋە شامانىزم مۇراسىملىرى ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. چىيۇۋ باۋ ئەپەندى 1985-يىلى نەشىر قىلىغان «شامانىزم تەتقىقاتى» ناملىق كىتابىدا، ئۇيغۇر ۋە قازاقلارنىڭ شامانىزمىنى ناھايىتى ئاددىيلا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن. ئۇنىڭدىن كېيىن نەشىر قىلىنغان شامانىزم تەتىقاتى توغرىسىدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئاپتورلىرىمۇ شۇنداق قىلغان. 1992-يىلى مەندۇرتۇ ئەپەندى ۋە دوكتۇر دىلمۇرات ئۆمەر ئەپەندى ئىتالىيىلىك تەتقىقاتچىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ شىنجاڭدا ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىزلارنىڭ شامانىزم ئۈستىدە ناھايىتى مول نەتىجىلىك ئەمىلىي تەكشۈرۈشلەرنى ئېلىپ بارغان.  تەتقىقات نەتىجىسى 1993-يىلى مەركىزى مىللەتلەر ئونۋېرستىتى نەشىرىياتى نەشىر قىلغان جوڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيىسى مىللەتلەر تەتقىقات ئورنى تۈزگەن «مىللى ئۆرپ-ئادەت مەدەنىيىتى ۋە شامانىزم تەكشۈرۈش دوكلاتى» ناملىق كىتابقا كىرگۈزۈلگەن. تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، دوكتۇر دىمۇرات ئۆمەر ئەپەندى 20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىن باشلاپ شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز قاتارلىق تۈركى تىللىك مىللەتلەرنىڭ شامانىزمى ئۈستىدە تەكشۈرۈش ۋە تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، زور مىقداردىكى بىرىنچى قول ماتېرىياللارنى توپلىغان. شۇ ماتېرىياللار ئاساسىدا ئىشلىگەن تەتقىقات نەتىجىسى «جوڭگو چىگرىسى ئىچىدىكى ئالتاي تىللىق مىللەتلەرنىڭ شامانىزم تەتقىقاتى» ناملىق ئەسەر 1995-يىلى شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلنغان. ئۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ قازاقىستان، قىرغىزىستان قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە بېرىپ ئەمىلىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، قازاق ۋە قىرغىزلارنىڭ شامانىزمى ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. ئۇنىڭ تەتقىقات نەتىجىسى ۋېنگىرىيىدە نەشىردىن چىقىدىغان «شامان» ناملىق ئىلمىي ژورنالدا ئېلان قىلىندى. بۇندىن باشقا يەنە، دىلمۇرات ئۆمەر ئەپەندى بىلەن دىلبەر سۇلايمان بىرلىشىپ، «پىرە ئۇيۇنىدىن بايقالغان ئۇيغۇرلاردىكى شامانىزم قالدۇقلىرى»ناملىق ماقالىسىنى ئېلان قىلدى.



1980-يىللارنىڭ باشلىرىدا، شىنجاڭ ئونۋېرستىتىنىڭ پىرافىسسورى ئابدۇكېرىم راخمان ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇر فولكلور جەھەتتىكى تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن بىرى بولغان «ئۇيغۇر فولكلورى ھەقىدە ئومومي بايان» ناملىق ئەسەردە، ئۇيغۇرلارنىڭ يادا تاش سېھرىگەرلىكى، ياندۇرۇش، توزلاندۇرۇش، ئاۋاق ئېشى، چاچراتقۇ سېلىش، ئوت كۆچۈرۈش، پېرىخونلۇق قاتارلىق سېھرىي ئادەتلىرى  قىسقىچە بايان قىلىنغان. 1990-يىللارنىڭ باشلىرىدا، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى ئابدۇرېھىم ئابدۇللا ئەپەندى «ئۇيغۇر ئېتنوگىرافىيىسى» ناملىق ئەسىرىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەفسۇنكەشلىك، قەسىدىچىلىك، قان قىلىش، ئاچلاش، ئوت كۈچۈرۈش، چاچراتقۇ سېلىش، كەتمەن بېسىش قاتارلىق سېھرىي ئادەتلىرىنى قىسقىچە تۇنۇشتۇرغان. 1990-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، جوڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيىسى مىللەتلەر ئەدەبىياتى تەتقىقات ئورنىدىن پىرافىسور لاڭيىڭ خەلق ئېغىز ئەدبىياتى نۇقتىسىدىن ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىزلارنىڭ شامانىزم ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، «ھېكايە ئەدەبىياتى ۋە شامانىزم مەدەنىيىتى» ناملىق ئەسىرىنى نەشىر قىلدى. 2000-يىللارغا كەلگەندە، شىنجاڭ پىداگگىكا ئونۋېرستىىنىڭ پىرافىسسورى ئابدۇبەسىر شۈكۈرى ئەپەندى قەدىمكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تەتقىقاتى جەريانىدا بايقىغان، شامانىزمغا مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى شامانىزم قالدۇقلىرى ئۈستىدە خېلى چوڭقۇر تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بارغان. ئۇنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن بىرى، 2000-يىلى شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىنلىنغان «‹پالنامە› ۋە قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنيا قاراشلىرى» ناملىق ئەسەر بولۇپ، ئۇنىڭدا ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى شامانىزم ئېتىقادى ۋە ھازىرقى مەدەنىيەت قالدۇقلىرى ئۈستىدە خېلى چوڭقۇر ئىزدىنىشلەر ئېلىپ بېرىلغان.
ئۇندىن باشقا يەنە،  2003-يللاردىن باشلاپ شىنجاڭ پىداگوگىكا ئونۋېرستىتىنىڭ پىرافىسسورى ئەنۋەر سەمەت قورغان ئەپەندىمۇ فولكلورشۇناسلىق نۇقتىسىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ شامانىزم مەدەنىيىتى ئۈستىدە خېلىي تەپسىلىي ۋە چوڭقۇر تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بېرىپ، شىنجاڭ پىداگوگىكا ئونۋېرستىتىنىڭ ئىلمىي ژورنىلى قاتارلىق ئىلمىي ژورنالاردا «سېھرىگەرلىك ھەققىدە»، «ئۇيغۇرلاردا ئىشقىي سېھرىگەرلىك»، «يادا تاش سېھرىگەرلىكى ھەققىدە»، قاتارلىق ماقالىلەرنى ئېلان قىلدى. كېيىن، دىلمۇرات مەھموتنىڭ «شامانىزم ۋە سېھرىگەرلىك» دىگەن ماقالىسى ئېلان قىلىندى. شۇ چاغلاردا يەنى 2003-يىلدىن 2005 يىلغىچە، مۇئەللىپ(ئادىل غاپپار كارىزى)مۇ تۇرپان رايۇنىدا ئۇيغۇرلارنىڭ شامانىزم قالدۇقلىرى ئۈستىدە ئەملىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، خېلى مول بىرىنچى قول ماتېرىيالغا ئېرىشكەن. بۇ ماتېرىياللارنى رەتلەش پىشىقلاپ ئىشلەش ئاساسىدا، 2006-يىلى ئەركىن ئىممىننىياز قۇتلۇق ئەپەندىنىڭ قوللاپ قۇۋەتلىشى بىلەن تۇرپانشۇناسلىق تەتقىقاتىدا «شامانىزمنىڭ تۇرپان رايۇنىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش ئادەتلىرىگە كۆرسەتكەن تەسىرى» ناملىق زور ھەجىملىك بىر پارچە تەكشۈرۈش دوكىلاتىنى ئېلان قىلغانىدى. 2006-يىلى راخمان ئابدۇرېھىمنىڭ «ئۇيغۇرلاردا شامانىزم» ناملىق ئەسىرى مىللەتلەر نەشىرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇيغۇر شامانىزمى توغرىسىدا نەزىرىيە ۋە ئەمىلىي پاكىتلار زىچ بىرلەشتۈرۈلگەن تۇنجى مەخسۇس خاراكتېرلىك بىر ئەسەر بارلىققا كەلدى. يەنە شۇ يىلى كۈزدە، شىنجاڭ پىداگوگىكا ئونۋېرسىتىتىنىڭ پىرافىسورى دىلمۇرات ئەپەندىنىڭ تەۋسىيىسى ۋە ئىقتىساددىي ياردىمى ئاستىدا، مۇئەللىپ 2006-يىلى 9-ئايدىن 2008-يىلى 5-ئايغىچە غۇلجا، تۇرپان، قۇمۇل، كورلا، كۇچار، ئاقسۇ، ئاۋات، باي، كەلپىن، مارلبېشى، مەركىت، يەكەن، قەشقەر، يۇپۇرغا، قاغىلىق، خوتەن، قارىقاش، گۇما، نىيە، چىرىيە قاتارلىق رايۇنلاردا ئەمىلىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ شامانىزم مەدەنىيەت قالدۇقلىرىغا مۇناسىۋەتلىك ناھايىتى مول بىرىنچى قول ماتېرىياللارنى توپلىغان. 2008-يىلى كۈزدە مۇشۇ تەكشۈرۈش ماتېرىياللىرىنى رەتلەش ۋە تەتقىق قىلىش ئاساسىدا، «ئۇيغۇرلانىڭ شامانىزم مەدەنىيەت قالدۇقلىرى ئۈستىدە تەكشۈرۈش تەتقىقاتى» ناملىق ئەسەرنى تاماملىغان. 2010-يىلى 11-ئايدا، بۇ ئەسەر مىلللەتلەر نەشىرىياتى تەرپىدىن خەنزۇچە نەشىر قىلىنغان.
دېمەك، شامانىزم توغرىسىدىكى ئەڭ دەسلەپكى تەتقىقات ۋە ئاساسىي نەزىرىيىلەر روسىيە ۋە غەربلىلەرنىڭ تەتقىقاتىدىن كەلگەن. ئۇيغۇر شامانىزم مەدەنىيەت تەتقىقاتى كەسپىي نەزىرىيۋىي ئاساس ۋە نەزىرىيە سېستىما قۇرۇلىشىغا مۇھتاج. چۈنكى، ئۇيغۇر شامانىزم مەدەنىيەت تەتقىقاتى-ئۇيغۇر شامانىزم مەدەنىيىتىنىڭ بارلىققا كېلىش، ئۆزگىرىش، تەرەققىي قىلىش ۋە ئەۋلاتتىن-ئەۋلادقا داۋاملىشىش قانۇنىيەتلىرىنى بىلىش ۋە چۈشىنىشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى دۇنيا قاراشى، مەدەنىيەت ئەنئەنىسى، ئېتىقاد-ئادەتلىرىنى بىلشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. گەرچە ئۇيغۇر شامانىزم مەدەنىيەت قالدۇقلىرى توغرىسىدىكى بىرىنچى قول ماتېرىياللارنى توپلاش-رەتلەش خىزمىتى 1891-يىلى شەرقشۇناس نىكولاي فېدوروۋېچ كاتانوفدىن باشلانغان بولسىمۇ، ئەمما بىزدىكى بۇ تەتقىقات تا-بۈگۈنگىچە ماتېرىيال توپلاش ۋە رەتلەش باسقۇچىدىن ھالقىپ ئۆتەلمىدى. ئۇيغۇر شامانىزم مەدەنىيەت تەتقىقاتى توغرىسىدىكى ئېلان قىنلغان ۋە نەشىر قىلىنغان ئەسەرلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئەتراپلىق ۋە ئىنچىكە ماتېرىيال يىغىش ۋە توپلىغان ماتېرىياللارنى رەتلەش ۋە تۈرگە ئايرىشنى ئاساسى مەقسەت قىلىپ كەلدى. بۇندىن كېيىنكى ئۇيغۇر شامانىزم مەدەنىيەت تەتقىقاتى توپلانغان ماتېرىياللارنى تېخىمۇ ئەستايىدىل ۋە ئىنچىكىلىك بىلەن تەتقىق قىلىپ، ئۇيغۇر شامانىزم مەدەنىيەت قالدۇقلىرىنىڭ مەدەنىيەت مەنىسىنى تارىخقا ۋە ئەقىلگە ئۇيغۇن ھالدا يىشىپ چۈشەندۈرۈش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇيغۇر شامانىزىمىنىڭ ئۆزىگە خاس نەزىرىۋىي سېستىمىسىنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن تىرىشىش بولغۇسى!!!

ئىزاھات ۋە پايدىلانغان ماتېرىياللار:

  دىلمۇرات ئۆمەر: «شىنجاڭدىكى تۈركىي تىللىق مىللەتلەرنىڭ شامانىزمى ئۈستىدە تەتقىقات»(خەنزۇچە)، مائارىپ مىنىستىرلىكى «ئىجتىمائىي پەنلەر فوندى تەتقىقات تۈرى»نىڭ بېكىتىلگەن نۇسخىسى، 2007-يىل.
پېللۇت: «شامانلارنى تەكشۈرۈش»، 1913-يىلى، ئاسىيا گېزىتىگە بېسىلغان.
  يېڭى تاڭنامە، 217-بەت ئاستىدا.
  ۋۇبىڭئەن: «سىرلىق شامان دۇنياسى»(خەنزۇچە)، سەنلىيەن كىتابخانىسى شاڭخەي شۆبە نەشىرىياتى،1989-يىل، 3-بەت.
  مىخايىىل خوپپال(M.Hoppal) :«شامان ۋە شامانىزم»(ئېنگىلىزچە)، PDF  تور نۇسخىسى.
  ئادىل غاپپار، دىلمۇرات ئۆمەر:«ئۇيغۇر شامانىزم مەدەنىيەت قالدۇقلىرىنى تەكشۈرۈش تەتقىقاتى»(خەنزۇچە)، مىللەتلەر نەشىرىياتى، 2010-يىل.
  ئادىل غاپپار، دىلمۇرات ئۆمەر:«ئۇيغۇر شامانىزم مەدەنىيەت قالدۇقلىرىنى تەكشۈرۈش تەتقىقاتى»(خەنزۇچە)، مىللەتلەر نەشىرىياتى، 2010-يىل.
  دىلمۇرات ئۆمەر: «شىنجاڭدىكى تۈركىي تىللىق مىللەتلەرنىڭ شامانىزمى ئۈستىدە تەتقىقات»(خەنزۇچە)، مائارىپ مىنىستىرلىكى «ئىجتىمائىي پەنلەر فوندى تەتقىقات تۈرى»نىڭ بېكىتىلگەن نۇسخىسى، 2007-يىل.
  دىلمۇرات ئۆمەر: «شىنجاڭدىكى تۈركىي تىللىق مىللەتلەرنىڭ شامانىزمى ئۈستىدە تەتقىقات»(خەنزۇچە)، مائارىپ مىنىستىرلىكى «ئىجتىمائىي پەنلەر فوندى تەتقىقات تۈرى»نىڭ بېكىتىلگەن نۇسخىسى، 2007-يىل.
  سې يىن:«شامانىزم تەتقىقاتى ھەققىدە بايان»، ئىجتىمائىي پەنلەر ئالدىنقى سېپى، 1994-يىل 3-سان.
  لى نەن: «چەتئەللەردىكى شىمالىي ئامېرىكا ئىندىئانلىرىنىڭ شامانىزم تەتقىقاتى ھەققىدە بايان»، چاڭچۈن پىداگوگىكا ئىنىستىتوتى ئىلمىي ژورنىلى، 2011-يىل 3-سان.
  دىلمۇرات ئۆمەر: «شىنجاڭدىكى تۈركىي تىللىق مىللەتلەرنىڭ شامانىزمى ئۈستىدە تەتقىقات»(خەنزۇچە)، مائارىپ مىنىستىرلىكى «ئىجتىمائىي پەنلەر فوندى تەتقىقات تۈرى»نىڭ بېكىتىلگەن نۇسخىسى، 2007-يىل.

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-5-19 12:08:46

ھازىر شامانىزىم ھەققىدە ئۇيغۇر تىلىدىكى نۇپۇزلۇق كىتاب راخمان ئابدۇرېھىمنىڭ ئۇيغۇرلاردا شامانىزم دېگەن كىتاۋىمۇ

mykariz يوللانغان ۋاقتى 2014-5-20 10:46:57

شۇنداق، ھازىر  شامانىزم ھەققىدە ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلىپ نەشىر قىلىنغان بىردىن بىر كىتاب راخمان ئابدۇرېھىمنىڭ «ئۇيغۇرلاردا شامانىزم» دېگەن كىتابى. تېخى نەشىر قىلىمىغان ئەسەرلەرمۇ بار...

arkyar يوللانغان ۋاقتى 2014-5-20 12:35:20

پايدىلىنىش قىممىتى بار يازما ئىكەن. ئاپتۇرغا تەشەككۈر...

alaibalai يوللانغان ۋاقتى 2014-5-22 16:51:41

ئابدۇرېھىم ئابدۇللا ئەپەندى «ئۇيغۇر ئېتنوگىرافىيىسى» ناملىق ئەسى...

«ئۇيغۇر ئېتنوگىرافىيىسى» ناملىق ئەسەر ئابدۇرېھىم ئابدۇللانىڭ ئەسىرى ئەمەس. توغرىسى ئابدۇرېھىم ھەبىبۇللا غۇ دەيمەن. كومپىيوتىرغا كىرگۈزۈشتە خاتالىق كۆرۈلگەن ئوخشايدۇ.

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-5-23 14:59:41

كارىزى ئەپەندى ئىلمى ماقالىلەرنى كۆپ يازىدىكەن ، تورغا بۇنداق ئىلمى ئەسەرلەرنى يوللايدىغانلار ئاز  
       ئاللا ئىلمىڭىزنى زىيادە قىلسۇن

mykariz يوللانغان ۋاقتى 2014-5-24 20:35:31

تورداش alaibalai@ سەمىمىي تۈزىتىش بەرگىنىڭىزگە رەھمەت. سىز ئېيتقاندەك «ئۇيغۇر ئېتنوگىرافىيىسى» ناملىق ئەسەرنىڭ ئاپتورى ئابدۇرېھىم ھەبىبۇللا. كومپىيوتېرغا خاتا كىرگۈزۈلۈپ قاپتۇ. ئەستايىدىل بولالمىغانلىقىم ئۈچۈن ئوقۇرمەنلەردىن كەچۈرۈم سورايمەن.

tilmix يوللانغان ۋاقتى 2014-5-24 22:47:06

قارىسام تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلغان دوكلاتلار 2008-يىلى ئاخىرلىشىپتۇ.
كارىزى ئەپەندى، شامانىزىم ھازىرمۇ بارمۇ؟

ھازىر بىر تەرەپتىن بىدئەت، بىر تەرەپتىن قانۇنسىز دەپ يوقىلىش گىرداۋىغا بېرىپ قالدىمۇ؟
ھازىر بار بولغان ماتىرياللار يىتەرلىككەن، ئەمدى ھەقىقەتەن بىر نەزىرىيە سېستىمىسىنى بەرپا قىلىش قاپتۇ.

mykariz يوللانغان ۋاقتى 2014-5-25 15:14:15

تورداش tilmix@ باخشى-پېرىخونلار ۋە شامانىزمنىڭ قالدۇقلىرى ھازىرمۇ تۇرمۇشىمىزدا  بار، بۇ ھادىسىلەرنى ئىلگىرى ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان زامانىۋىي چوڭ شەھەرلەردىن چەت، يىراق-ياقا يېزىلارغىچە ھەممە يەردە دېگۈدەك ئۇچۇق-ئاشكارە ئۇچراتقىلى بولاتتى. ھازىر ھۆكۈمەتنىڭ بۇ ئىشلارنى خۇراپاتلىق دەپ چەكلىشى ۋە ئىسلام دىنىنىڭ بىدئەت دەپ چەتكە قېقىشى نەتىجىسىدە، باخشى-پېرىخونلار ۋە ئۇلارنىڭ قىلمىش-پائالىيەتلىرى يۇشۇرۇن ھالەتكە ئۆتتى... ئەمما، كىشىلەر ئېھتىياجى چۈشكەندە، ئۇلارنى تاپالايدۇ...

0996 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-25 22:37:26

كازىرى ئەپەندى، مۆچەل، مۇنەججىملىك ئائىت ئىزدىنىش ماقالىلىرىڭىز بولسا ياكى ئۇچىرى بولسا قالدۇرۇپ قويسىڭىز بوپتىكەن، رەھمەت.

mykariz يوللانغان ۋاقتى 2014-5-25 22:46:13

تورداش 0996@ نەزىرىڭىز ئىزدىنىشقا يوللىنىدىغان كېيىنكى تېمىلاردا بولغاي. پىكىر تەرتىۋىي بويىچە كېيىنكى تېمىلاردا مۆچەلگە قاراپ پال ئېچىش ۋە يۇلتۇزغا قاراپ پال ئېچىش ھەم يۇلتۇز كۈتۈرۈش دىگەندەك تېمىلىرىمىز ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرىشىشى مومكىن.
بەت: [1]
: (كارىزى) ئۇيغۇر شامانىزم مەدەنىيىتىنىڭ تەتقىقات ئەھۋالى