omar14 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-18 19:24:21

نونى شەربىتى توغرىسىدا بىلىدىغانلار ؟

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ...

مۇشۇ بىر نەچچە يىلدىن بىرى بازاردا نونى شەربىتى دەيدىغان نەرسە پەيدا بولۇپ قالدى ...

باشقىلاردىن سورىسام بۇ نونى شەربىتىنىڭ پايدا قىلمايدىغان كىسىلى يوقكەن .... ھەممە كىسەلگە پايدا قىلىدۇ دىيىشىدۇ ..  
دادام مەزى بىزى يوغىناپ كىتىش كىسىلىگە گىرىپتار بولغان ، باشقىلار بۇ شەربەتنى تەۋسىيە قىلىدى ، دادام نەچچە پوتۇلكا ئىشكەن بولسىمۇ پايدا قىلمىدى ...

ئەمدى سورايدىغىنىم ، مۇشۇ نونى شەربىتى زادى نىمە كىسەلگە مەنپەئەت قىلىدۇ ، ھەقىقي ئىچىپ ئۈنۈمىنى كۆرگەنلەر بارمۇ ؟
ئىككى قات ئاياللار ، تۇتقاقلىق كىسىلىگە گىرىپتار بولغانلار بۇ نونى شەربىتىنى ئىچسە بولامدۇ يوق ؟ مۇشۇ ھەقتە مەسلىھەت بەرسەڭلار .

tagh يوللانغان ۋاقتى 2014-5-19 08:34:06

ئىچىملىكنىڭ تەركىبى نىمە ئىكەن؟قايسى شىركەتنىڭ ئىكەن؟بۇ نەرسىنىڭ ئىسپىرت تەركىبى يوقتۇ؟
مەن لىللا شىركىتىنىڭكىنى ئاڭلىغان،باھاسى نەچچىكەن؟
دادىڭىزنىڭ ئۇ كىسىلىنى دوختۇرخانا داۋالىسا بۇلامدىكى ياكى باشقا دورىلارنى ئىچكۈزۈپ باقمىدىڭزمۇ؟

hoopeelover يوللانغان ۋاقتى 2014-5-19 08:36:08

يانچۇققا تولىراق مەنپەئەت قىلامىدىكن بۇنداق ساغلاملىق بۇيۇملېرى .
1960-يىللىرىدىن باشلاپ بۇنداق مەھسۇلاتلار ئامىركا بازارلىردا قىزغىن قارشى ئېلىشقا ئېرىشكەن مېڭە بەدەنگە قۇۋۋەت تولۇقلايدىغان بۇنداق  ساغلاملىق مەھسۇلاتلېرى.
1990يىلدىن باشلاپ بىزدىمۇ 昂立一号, ناۋبەيجىنلار بازار تاپتى، نونىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش بۇلۇشى مومكىن. بۇلار كىسەل داۋالايدىغان دورىلار ئەمەس.
بۇلار توغرىسدا جىق سۆزلىسە ئېلان تەشۋىقات، ئازىراق سۆزلىسە مىللەتنى سۆيمىگەنلىك بۇلۇپ قالىدۇ. شارائىت يار بەسە ئىچىپ بەرگۈلۈك
قىزىقسىزڭىز بۇ ئۇلىنىشلارنى كۆرۈپ بېقىڭ:
نونى مىۋىسى ھەققىدە:
http://baike.baidu.com/view/164735.htm
نونى مەھسۇلاتلېرى ھەققىدە:
http://www.hhnnoni.cn
قىزىقمىغانلار نونى مىۋىسى رەسىمىنى كۆرۈپ بېقىڭلار

oqmeas يوللانغان ۋاقتى 2014-5-19 09:23:49

ماتورى كاردىن چىققان ماشىنىغا ھەرقانچە ئېسىل سىلىقلاش مېيى قۇيسىمۇ بىكار، چوقۇم چۇۋۇپ رېمونت قىلىش كېرەك.
ماشىنىنىڭ ماتورىنى ئۇزۇنغىچە بۇزۇپ قويماي ئىشلىتىش ئۈچۈن يېڭى ۋاقتىدىن تارتىپلا سىلىقلاش مېيىنىڭ ياخشىسىنى قۇيۇپ ئاسراپ ئىشلىتىش كېرەك.
ئادەمنى ماشىنىغا ئوخشاتساق، نونىنى سىلىقلاش مېيىغا ئوخشاتساق تامامەن بولىدۇ. كاردىن چىقىشتىن بۇرۇن ئىشلىتىپ ئاسرىساق بولىدۇ. كاردىن چىققاندىن كېيىن ساقايتالمايدۇ. چۈنكى بۇ دورا ئەمەس قۇۋۋەت ، ياكى ئوزۇقلۇق ئىچىملىكى

tayker يوللانغان ۋاقتى 2014-5-19 10:32:56

نونى شەربىتى يەكەن ناھىيمىزدىمۇ بىر نەچچە مەخسۇس سېتىش دۇكىنىدا سېتىلىدۇ ، مېنىڭمۇ نەچچە تونۇش يېقىنلىرىم ، پىشقەدەملەرنىڭ بىر قانچە باسقۇچ بىر مىڭ سومدىن ئارتۇقراق پۇلغا ئىلىپ ئىچكەنلىكىنى ئاڭلىدىم لىكىن پايدا قىلغانلىقىنى ھىچقايسى دېگىلى ئۇنىماي تۇرىۋالدى ، پەقەتلا بىرنى ئېغىر تىندى تۈگىدى . مىنىڭ تەكلىپىم دوختۇرخانىدا داۋالىتىڭ ياكى بىكار تۇرسىمۇ تۇرىدىكەن دەيدىغان پۇلدىن بولسا شۇ پۇللارغا دادىڭىزغا نونى شەربەتلىرىدىن ئىچكۈزۈپ تاكى ئۈنۈمى بولغانغا قەدەر داۋاملاشتۇرسىڭىز ھامان بىر كۈنى ئۈنىمىنى كۆرىسىز . بەدەندىكى نونى تەركىبى پايدا قىلىش نىسبىتىگە يەتمىگەن چېغى شۇڭا ئۈنىمىنى كۆرەلمەپسىز ، باشقىلارنىڭ گېپىگە قەتئىي ئىشەنمەڭ {:92:}

terjime يوللانغان ۋاقتى 2014-5-19 12:40:30

http://bbs.izdinix.com/forum.php?mod=viewthread&tid=51803&extra=&highlight=%D9%86%D9%88%D9%86%D9%89&page=1

omar14 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-19 12:40:53

تۇتقاقلىق كىسىلى بارلار.  ۋە .ىككى قاتلار .ىستىمال قىلسىچۇ

harunjan يوللانغان ۋاقتى 2014-5-19 13:28:08

نونى دېگەن قانۇنلۇق شاخلىتىپ سېتىلىدىغان تاۋار

yuwax0999 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-19 15:27:00

رادىيۇدا ئايلاپ -يىللاپ  مەخسۇس قىززىق لىنىيلىك سوھبەت قىلىپ ماختاپ ساتىدىغان دورىلارغا پەقەت ئىشەنمەيمەن ،رادىيۇدا دىياگۇنۇز قويۇپ دورا بىرىپ كىتىدۇ ئادەمنىڭ ئىچىنى سىقىپ.

Neshter يوللانغان ۋاقتى 2014-5-20 11:42:03

yuwax0999 يوللىغان ۋاقتى  2014-5-19 15:27 static/image/common/back.gif
رادىيۇدا ئايلاپ -يىللاپ  مەخسۇس قىززىق لىنىيلىك سوھبەت ...

بولۇپمۇ، مەمەتجان دەپ ئاتالمىش بىر « دوختۇر » بار، نەچچە شېركەتنىڭ نەچچە خىل مەھسۇلاتىغا « دوختۇر » بولۇپ رادىئودا « مەسلىھەت » بېرىشلىرى باركى، :lol  ئادەمنىڭ غىدىقىنى كەلتۈرۈپ، ئاياللارنىڭ، بولۇپمۇ ياش چوكانلارنىڭ ئاۋازى ئاڭلانغاندا « ھە، ھە! ئالدىرىماي گەپ قىلىڭە، نەرىڭىز ئاغرىيدۇ؟! » دەپ ئەزمىلەرچە لاۋزىلاشسا، ئەرلەرنىڭ ئاۋازى ئاڭلانغان ھامان « ئىتتىگ، ئىتتىگ گەپ قىلىڭە رادىئونىڭ ۋاقتى توشۇپ قالاي دىدى » دەپ لاۋزىلىشىدۇ. تۇرپانلىق « تۇرپان ستەيل »نى ئېيتقان ئىبراھىمكام دەھشەت دوراپ قويىدۇ...:lol :lol :lol
بەت: [1]
: نونى شەربىتى توغرىسىدا بىلىدىغانلار ؟