qeside يوللانغان ۋاقتى 2014-5-18 15:48:56

دىك سۋاب: مەن بىلىدىغان چوڭ مېڭە

بۇلتۇر رامىزان كىرىشنىڭ ئالدىدا، قۇتاغۇبىلىك مۇنبىرىدە گۈلەن يوللىغان كىتاب ئوقۇش ھەققىدىكى بىر تىمىدىغۇ دەيمەن، گوللاندىيەلىك نېرۋولوگىيە ئالىمى دىك سۋابنىڭ ‹‹چوڭ مېڭە دەل ئۆزىمىز›› ناملىق كىتابى ھەققىدە بىر قاتار پاراڭلار بولۇنغان ئىدى. مەن روھىيەت ئىلىمگە بولغان ئىشتىياقىم سەۋەبلىك بۇ كىتابنى توردىن سېتىۋالغان بولغاچقا، شۇ قېتىمقى پاراڭدا سەل پاراڭ سالغان. ئۇنىڭدىن كېيىنكى بىر قاتار پاراڭلارنىڭ روھى بىلەن بۇ كىتابنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىشنى مەسلىھەتلەشكەن ئىدۇق. بىلگەجاننىڭ ‹‹ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش›› ھەققىدىكى تىمىسىدا بۇ كىتابنىڭ نامى يەنە ئاتالغان بولغاچقا، تەرجىمە ئەھۋالىدىن ئاز-تولا ئۇچۇر بەردىم ھەمدە بۇ كىتاب ماڭا ياققانلىقى ئۈچۈن، ‹‹ياخشى نەرسە مەخپىي قالمىسۇن›› دىگەن ئىبرەتلىك سۆزگە ئەمەل قىلىپ، نەشىرىيات سودىگەرلىرى ۋە ئوقۇرمەنلەرگە تەۋىسىيە قىلدىم.:lol
گەپنىڭ قىسقىسى، كىتاب دىگەن ياخشى نەرسە، ئىشەنمىسىڭىز دىك سىۋابنىڭ بۇ كىتابىغا يازغان كىرىش سۆزىنى ئوقۇپ بېقىڭ!

چوڭ مېڭە دەل ئۆزىمىز - بالىياتقۇدىن قەبرىگىچە
دېك سۋاب

كىرىش سۆز: مەن بىلىدىغان چوڭ مېڭە

تەرجىمىدە: تىما يوللىغۇچى


    ئوقۇرمەنلەرگە بۇنىڭ ھەممىنى چۈشەندۈرۈپ يۈرۈشنىڭ زۆرۈرىيىتىنى يوقلىقى ماڭا ئايان، شۇنداقتىمۇ بۇلارنى يەتكۈزۈپ قويۇشۇم كېرەك دەپ ئويلايمەن.
-        ژان ژاك رۇسسو
21- ئەسىردىكى ئېلىم-پەن ساھەسىدە، ھەل قىلىنىشنى كۈتىۋاتقان مەسىلىدىن ئاز دىگەندەك ئىككىسى بار. بۇنىڭ بىرى ‹‹ئالەم قەيەردىن كەلگەن؟›› يەنە بىرى بولسا ‹‹چوڭ مېڭىمىز قانداق ھەرىكەتلىنىدۇ؟›› مېنىڭ تەتقىقات يۆنىلىشىم دەل كېيىنكى مەسىلىگە قارىتىلغان.
مەن ئالاھىدە بىر ئائىلىدە، مىدىتسىناغا مۇناسىۋەتلىك ھەر خىل قىزىقارلىق مۇنازىرىلەرنى ئاڭلاپ چوڭ بولغان. بۇ مېنىڭ بىر ئۆمۈر موشۇ ساھەگە مۇھەببەت باغلىشىمغا تۈرىتكە بولغان. دادام ئاياللار كېسەللىكى دوختۇرى بولۇپ،  بەس-مۇنازىرىلەرگە ئۇچراپ تۇرىدىغان كۆپۈيۈش ئىلمىگە مۇناسىۋەتلىك تەتقىقاتلار بىلەن ئىزچىل شۇغۇللىنىپ كەلگەن. مەسىلەن، ئەرلەردىكى پەرزەنت كۆرەلمەسلىك، سۈنئىي ئۇسۇلدا ئۇرۇقلاندۇرۇش، تۇغۇت چەكلەش دورىسى دىگەندەك؛ ئۆيىمىزدىن دادامنىڭ دوستىلىرى ئۈزۈلمەيتتى. مەن ئۇلارنىڭ ھەر قايسى ساھەلەردىكى باشلامچى كىشىلەر ئىكەنلىكىنى كېيىن بىلدىم.
بالىلىق چاغلىرىمدا دوكتۇر درايىس كۈرۋىدو (Dries Querido)دىن ئىچكى ئاجراتما ئىلىمى ھەققىدىكى تۇنجى دەرىسنى ئوقۇغان ئىدىم. دوكتۇر كۈرۋىدو كېيىنچە روتتېردامدا بىر تىببىي ئۇنۋېرستىت تەسىس قىلدى. ئەينى چاغدا بىز بىر ئىتنى يىتىلەپ بىللە ئايلىنىۋاتاتتۇق. ئىت كەينى پۇتىنى كۆتۈرگەن چاغدا، دوكتۇر كۈرۋىدو ماڭا ‹‹جىنسىي ھورمۇننىڭ ئارقا مېڭىگە تەسىر كۆرسىتىشى بىلەن ئىت موشۇنداق ھەرىكەت قىلىدۇ›› دىگەن ئىدى. پىروفىسسور كۇۋان فان ئېمدى بوئاس (Coan van Emde Boas) بىلەن خانىمى ھەر كەچتە دىگۈدەك بىزنىڭ ئۆيگە مىھمان بولۇپ كېلەتتى ۋە دادام-ئاپاملار بىلەن چاي-پاي ئىچىشىپ ئولتۇراتتى. ئۇ گوللاندىيەدىكى بىرىنچى دەرىجىلىك جىنسىيەت پىروفىسسورى ئىدى. بىر بالىغا نىسبەتەن ئېيىتقاندا، ئۇ دەپ بېرىدىغان ھېكايىلەر ھەقىقەتەن قالتىس ھېسابلىناتتى. بىر قېتىم ئۇ بىزگە ‹‹ئۆزىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى ھەققىدە سۆزلىشىشكە پۈتۈن بىر كۈن ماسلاشمىغان بىر بىمار››ھەققىدە سۆزلەپ بەرگەن ئىدى. كېيىن ھېلىقى بىمار ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ نېمىشقا شۇنچە جاھىللىق قىلغانلىقىنى ئېيتىپ بېرىپتۇ. بىمار ئەسلىدە پىروفىسسورنى ھەمجىنىس دەپ ئاڭلىغان ئىكەن. پىروفىسسور ئۇنىڭ يەلكىسىدىن قۇچاقلاپ تۇرۇپ: ‹‹قەدىرلىكىم، سىز بۇ سۆزلەرگە زادىلا ئىشەنمىدىڭىز، توغرىمۇ؟›› دەپ سورىغاندا، ھېلىقى كىشى بەكلا گاڭگراپ قاپتۇ. ئۇنىڭ بۇ ھېكايىسى بىزنى قاتتىق كۈلدۈرۋەتكەن ئىدى.
دادامدىن سۇئال سوراشتا زادىلا تارتىنىپ قالمايتتىم. ھەپتە ئاخىرىدا، ئىككىمىز بىللە مىدىسىناغا مۇناسىۋەتلىك ئەسەرلەرنى ئوقۇيتتۇق، مىكروسكوپ بىلەن بۇلغانغان سۇدىكى بىر ھۆجەيرىلىك جانلىقلار ۋە ئۆسۈملۈك ھۆجەيرىلىرىنى كۈزىتەتتۇق.
ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققاندىن كېيىن، دادام دۆلەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا سۆزلەيدىغان نۇتۇقلىرىغا قاتنىشىشىمغا رۇخسەت قىلدى. ‹‹تۇغۇت چەكلەش دورىلىرىنىڭ گوللاندىيەدىكى ئىشلىتىلىشى ۋە تۇنجى باسقۇچلۇق سىناق تەييارلىقى›› ھەققىدىكى ئاشۇ بىر مەيدان نۇتۇق ئېسىمدىن زادىلا چىقمايدۇ. چۈنكى شۇ قېتىملىق نۇتۇق دىنىي ساھەدىكى كىشىلەرنىڭ ھۇجۇمى ۋە ھاقارىتىگە ئۇچرىغان ئىدى. شۇ چاغدا دادام كۆرۈنۈشتە بولسىمۇ ناھايىتى سالماقلىق بىلەن كۆز قارىشىنى بايان قىلىپ ئۆتكەن، لېكىن مەن جىددىيلەشكەنلىكىمدىن قارا تەر بېسىپ، جايىمدا ئولتۇرالماي قالغان ئىدىم. كېيىن مەن بۇ ئىشنى ‹‹بىر قېتىملىق ئۈگىنىش تەجرىبىسى، تەتقىقات جەريانىدا دۇچ كېلىدىغان كۈچلۈك ئېتىرازلارغا قانداق يۈزلىنىشىمگە ياردەم بېرەلەيدۇ›› دەپ قارىدىم. شۇ چاغلاردا، تۇغۇت چەكلەش دورىسىنىڭ بايقىغۇچىسى، ئامېرىكىلىق ئالىم گېرىگورى پىنكاس (Gregory Pincus) بىزنىڭ ئۆيگە ئانچە-مۇنچە كېلىپ تۇراتتى. ئۇنىڭ بىلەن ئورگىنان (Organon) شىركىتىنىڭ تۇغۇت چەكلەش دورىسى ياسايدىغان زاۋۇتىغا بىللە بېرىپ ئىكىسكۇرسىيە قىلىشقا مۇۋەپپەق بولاتتىم. تەجرىبىخانا دىگەننىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى شۇ جايدا تۇنجى قېتىم كۆرگەن ئىدىم.
كېيىن مەن مىدىتسىنا ئۈگىنىش قارارىغا كەلدىم. ھەر قېتىملىق تاماق ۋاقتىدا پۇرسەتنى قولدىن بەرمەي، دادام بىلەن تىببىي ئىلىمدىكى ھەر تۈرلۈك مەسىلىلەر ھەققىدە مۇنازىرىلىشەتتىم. مۇنازىرە ئۇسۇلىمىز ناھايىتى تۈز، مەزمۇنىمۇ بەك تەپسىلى بولاتتى. ھەتتا ئانام ‹‹مۇنازىرە موشۇ يەردە تامام!›› دەپ توۋلاپ كېتەتتى. ئانام 1939- يىلىدىكى روسىيە-فىنلاندىيە ئۇرۇشىدا، ئالدىنقى سەپتىكى ئوپراتسىيە سېستىراسى بولغاچقا بۇ ھەقتىكى تىمىلار ئۇنىڭغا تونۇش ئىدى. شۇ چاغلاردا مەن مۇنداق بىر ئىشنى ئاڭقىرۋالدىم: ‹‹پەقەت سۇئال سورىساملا بولمايدىكەن، سورىغان سۇئاللىرىمغا ئۆزۈم جاۋاب بېرىشنى ئۈگۈنىۋېلىشىم كېرەككەن››. مىدىتسىنا ئۈگەنگەندىن كېيىن، مېنى تونۇيدىغان كىشىلەردە ناھايىتى تېزلا خاتا چۈشەنچە پەيدا بولدى. ئۇلار مېنى ھەر خىل كېسەللىك ھەققىدە ھەقسىز مەسلىھەت بېرىدىغان مۇتەخەسىس قىلىۋېلىشتى. بىر قېتىم، شۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئۆزىنىڭ ھېكايىسىنى سۆزلەپ زېرىكمەيدىغان بىر ئايالدىن قاتتىق بىزار بولدۇم ھەم يۇقىرى ئاۋازدا: ‹‹ئوبدان ھامماچا، ئەجەپ قىزىق ئىش بوپتۇ. بولمىسا تەكشۈرۈپ بېقىشىمىز ئۈچۈن قىپيالىڭاچلا بولمامسىز!›› دەۋەتتىم. تۇغۇلغان كۈن زىياپىتى بولىۋاتقان سورۇن بىردىنلا جىمىپ كەتتى. لېكىن بۇ ئامال بەكلا ئۈنۈم بەردى، يۇبى ئاچاشمۇ شۇنىڭدىن كېيىن كوتۇلداپ مېنى بىزار قىلمايدىغان بولدى. بىراق، باشقا كىشىلەر يەنىلا مەسلىھەت سوراشنى توختاتمىدى.
مىدىتسىنا ئۈگىنىۋاتقان چاغلىرىمدا، ئەمەلىي تەجرىبىلەرنىڭ ئارقىسىدىكى نەزىرىيىۋى بىلىملەر ھەققىدە كۆپرەك چۈشەنچە ھاسىل قىلىشنى ئۈمىد قىلاتتىم. چۈنكى مىدىتسىنادىكى ئۇقۇملار تەجرىبىنى ئاساس قىلاتتى. ئۇنىڭدىن سىرىت، خىراجەتلىرىمنى ئۆزۈم ئىشلەپ تېپىش قارارىغا كەلدىم، لېكىن بۇ پىكىرىم ئاتا-ئانامنىڭ قاتتىق قارشىلىقىغا ئۇچرىدى. ئامىستىردامدا تىببىي ئۇنۋېرستىت ئوقۇغۇچىلىرى ‹‹نامزات ئىمتىھانى›› (تىببىي ئۇنۋېرستېتتا ئۈچ يىل ئوقۇغاندىن كېيىنكى بىر خىل ئىمتىھان) بىرەلەيدىغان ئىككى جاي بار ئىدى. بۇ ئىمتىھاندىن ئوڭۇشلۇق ئۆتەلىگەنلەر ياردەمچى سالاھىيىتى بىلەن ئەمەلىي تەجرىبىلەرگە قاتنىشالايتتى. بۇ ئىككى جاي ئامىستىردام ئۇنۋېرىستىتى دورىگەرلىك فاكولتىتى بىلەن گوللاندىيە مېڭە تەتقىقات مەركىزى ئىدى. گوللاندىيە مىڭە تەتقىقات مەركىزىدە پات ئارىدا بىر ئورۇن بوشايدىغان بولۇپ، خۇددى مەن ئۈچۈن تەييارلانغاندەكلا تۇيۇلاتتى. ئائىلىۋى ئاساسىم سەۋەبلىك تاللىغان تەتقىقات تىمام، پات ئارىدا نېرۋولوگىيەدىكى ئىچكى ئاجراتما ئىلىمىنىڭ  يېڭى تەتقىقات ساھەسى بولىدىغانلىقىدىن دىرەك بىرەتتى. بۇ تىمىنىڭ يۆنىلىشى نېرۋا ھۆجەيرىلىرىنى ھاسىللىغۇچى ھورمۇن ۋە نېرۋا ھۆجەيرىلىرىنىڭ ھورمۇنغا بولغان سەزگۈرلىكىنى تەتقىق قىلىش ئىدى. پىروفىسسور ھەنىس ئايرىنىس كېپرىس (Hans Ariens Kappers) مېنى يۈز تۇرانە ئىمتىھانغا قوبۇل قىلغان چېغىدا، مەن نېرۋا ئىچكى ئاجراتما ئىلىمگە مۇناسىۋەتلىك تىمىلارغا ناھايىتى قىزىقىدىغانلىقىمنى تىلغا ئالدىم. كېپىرىس پىروفىسسور دەرھال ھەنىس يوڭكىد (Hans Jongkind) پىروفىسسورنى چاقىرتىپ كەلدى ۋە : ‹‹بۇ تىما يوڭكىدنىڭ بۆلۈمىگە تەۋە!›› دەپ چۈشەنچە بەردى. ئۇنىڭدىن كېيىن بۇ ئىككەيلەن بىلەن يۈز تۇرانە پاراڭلاشتىم. پاراڭ داۋامىدا ئۇلار مېنىڭ بۇ ھەقتىكى بىلىملىرىنىڭ ناھايىتى چولتا ئىكەنلىكىنى بايقىغان بولسىمۇ، لېكىن ھەنىس پىروفىسسور ماڭا: ‹‹ئۆزۈڭنى سىناپ كۆرۈشۈڭگە قوشۇلدۇق›› دىدى.
مېنىڭ دوكتۇرلۇق دىسىرتاتسىيەم ئاجرالما ھورمۇنلاردىكى نېرۋا ھۆجەيرىلىرىنىڭ فۇنكىسىيىسىنى ئەمەلىي تەجرىبە ئارقىلىق ئىسپاتلاشنى تەلەپ قىلاتتى. مەن مىدىتسىنا ئۈگىنىش بىلەن بۇ تۈردىكى تەتقىقاتنى تەڭ ئېلىپ باردىم، دەرىستىن بوشانغان چاغلىرىمدا پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن بۇ خىل تەجرىبىنى داۋاملاشتۇردۇم. 1970- يىلى، تاشقى كېسەللەر بۆلۈمىدىكى بورىما (Boerema) پىروفىسسورنىڭ قول ئاستىدا پىراكتىكانت دوختۇر بولۇپ ئىشلەۋاتقان چاغلىرىمنىڭ بىر كۈنىسى، چۈشتىن كېيىنلىك رۇخسەت سورىدىم ھەمدە دوكتۇرلۇق دىسىرتاتسىيەمنى ئوڭۇشلۇق تاماملىدىم. 1972- يىلى، تىببىي ئۇنۋېرستىتىكى ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئىمتىھانىنى تاماملىغاندىن كېيىن مىڭە تەتقىقات مەركىزىدە قېلىشنى قارار قىلدىم. 1975- يىلى، گوللاندىيە مىڭە تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئىجرائىيە باشلىقى بولدۇم. 1978- يىلى، مەزكۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ باشلىقى بولدۇم. 1979- يىلى، ئامىستىرادام ئۇنۋېرستىتى تىببىي ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ نېرۋا بىئولوگىيە پىروفىسسورى بولدۇم. ئۇنىڭدىن كېيىنكى 30 يىل مابەينىدە، يۇقارقى مەمۇرىي خىزمەتلەرنى ئادا قىلىپ كەلگەن بولساممۇ، لېكىن خىزمىتىمنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى تەجرىبىگە قاراتتىم. ئەمەلىيەتتە، بۇ كەسىپنى تاللاشتىكى مەقستىممۇ شۇ ئىدى. مانا بۈگۈنگە قەدەر، تەتقىقات گۇرۇپپىسىدىكى سىتودىتلار، دوكتۇرلار، پوسىتدوكتۇرلار ۋە خىزمەداشلىرىمدىن نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۈگەندىم. ئۇلار 20 نەچچە دۆلەتتىن كەلگەن، خاس تەپەككۇرغا ئىگە، تەنقىدىي روھ ھازىرلىغان، مول بىلىم قۇرۇلمىسىغا ئىگە تالانت ئېگىلىرى ئىدى. مەن ھازىرمۇ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى نېرۋولوگىيە تەتقىقات ئورۇنلىرى ۋە دوختۇرخانىلاردا ئۇلار بىلەن كۆرۈشۈپ تۇرىمەن. تەتقىقات گۇرۇپپىسىدىكى ھەممەيلەن مىننەتدار بولۇشقا تېگىشلىك يەنە بىر تۈركۈم كىشىلەر بار. ئۇلار دەل تەجرىبە تىخنىكا خادىملىرىدۇر. ئۇلار يېڭى تەجرىبە تېخنىكىلىرىنىڭ تەرەققىياتى ۋە سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىپ كەلدى.
يۇقارقى جەريانلاردا ئوخشىمىغان كېسەللىك مىساللىرىدىكى ھەر خىل مەسىلىلەرگە دۇچ كەلدىم. بەزى مەسىلىلەر مېنىڭ كەسىپ ساھەيىمدىن ھالقىپ كەتتى. كىشىلەر ھەمىشە مېنى بىر دوختۇر دەپ قاراپ كەلدى. گەرچە مەن كېسەل داۋالىماستىن، پەقەت تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانساممۇ شۇنداق بولدى. ئەمەلىي مەسىلىلەرگە يولۇققاندا مەندىن مەسلىھەت سوراپ كېلىشتى. مېڭە كېسەللىكى بىر كىشىنىڭ مىجەز-خاراكتېرىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بىرەيلەن مەندىن ئەڭ ئېغىر تەسىرنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى سۈرۈشتۈردى. بىر چارشەنبىنىڭ ئەتتىگىنى، بىر تونۇشۇمنىڭ ئوغلى قولتۇقىغا نەچچە پارچە مېڭىنىڭ تەسۋىرى رەسىمىنى قىستۇرۇپ ئۆيۈمگە كەلدى ۋە مەندىن: ‹‹ مەن بايا پەقەت ئۈچ ئايلىق ئۆمۈرۈم قالغانلىقىدىن خەۋەر تاپتىم، ئەمدى قانداق قىلسام بولار؟›› دەپ سورىدى. مەن ئۇنىڭ قولىدىكى مېڭە تەسۋىرىي رەسىملىرىنى كۆرۈۋىتىپ، ئۇنىڭ مەندىن موشۇ مەسىلىنى سوراپ كەلگەنلىكىگە ئىشىنەلمەي قالدىم. چۈنكى ئۇنىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ ئالدى قىسمىدا ناھايىتى يوغان بىر ئۆسمە شەكىللەنگەن بولۇپ، ئۆمۈرى ئۇزۇنغا بارمايتتى. بۇنداق ئەھۋالدا سىزنىڭ قىلالايدىغىنىڭىز پەقەتلا ئاڭلاش ۋە تەتقىقات نەتىجىلىرىنى چۈشەندۈرۈش ئارقىلىق، ئۈمىدسىزلىك پاتقىقىغا پېتىپ قالغان كىشىلەرگە داۋالىنىش ھەققىدە بەزى يوللارنى كۆرسىتىش بولاتتى، خالاس! بۇ ھەقتە بالىلىرىم ماڭا ناھايىتى توغرا باھا بېرەلەيتتى. ئۇلار قىزىپ قالغان چاغلىرىدا، تىڭشىغۇچنى ئېلىپ يېنىغا كەلسەم، ‹‹ھەقىقىي دوختۇر››غا كۆرۈنىدىغانلىقى ھەققىدە چىڭ تۇراتتى.
1985- يىلى، مەن گوللاندىيە مېڭە ئامبىرىنى قۇرۇپ چىقتىم (مەزكۇر كىتابنىڭ 20- باب، 4- تارمىقىدا سۆزلىنىدۇ). خۇددى كىشىلەرگە مەلۇم بولغىنىدەك، مەن ئۆلۈپ كەتكەن كىشىلەرنىڭ چوڭ مېڭىسىنى تەتقىق قىلدىم. ھەيران قالغىنىم شۇكى، بۇ تەتقىقاتلار مېنى ھاياتنىڭ ئەڭ ئاخىرقى دەملىرىدىكى ھەر بىر ئىشنى تەپەككۇر قىلىشقا يىتەكلىدى. ئىختىيارى ئۆلۈم (安乐死)، ھەمكارلىشىپ ئۆلىۋېلىش (协助自杀)، ئىلمىي تەتقىقاتلار ئۈچۈن چوڭ مېڭىسى ۋە جەسىتىنى تەقدىم قىلىش... قىسقىسى، ھايات-ماماتقا مۇناسىۋەتلىك بارلىق ئىشلار ھەققىدە ئويلىنىدىغان بولدۇم. (20- باب 3- تارماقتا سۆزلىنىدۇ)
بۇ ساھەدىكى تەتقىقات موشۇ تەتقىقاتلارنىڭ شەخىس ياكى جەمئىيەتكە كۆرسىتىدىغان تەسىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. مەن بىر قىسىم مەردانە ئانىلارنىڭ يىغىلىشلىرىغا قاتنىشىپ باققان. بۇ ئانىلار پەرزەنتلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ بالىلىرى ئېلىشىپ قېلىش سەۋەبلىك ئۆلىۋالغان ئىدى. يىپسىلان  (Ypsilon)تەشكىلاتى بۇ ئانىلارنى بىر يەرگە جەم قىلىپ، ھېلىھەم ھايات تۇرىۋاتقانلارنى ياشاشقا ئىلھاملاندۇرماقچى بولغان. پرېدىر-ۋېلى كېسەللىكى (Prader-Willisyndrome)گە (بۇ كېسەللىك يەنە بالىلاردىكى سېمىزلىك كېسلى دەپمۇ ئاتىلىدۇ -ت) دائىر بىر خەلقئارالىق مۇھاكىمە ۋە تەتقىقات يىغىنىدا، مەن بىمارلارنىڭ ئائىلە-تاۋاباتلىرى بىزدەك تەتقىقاتچىلارغا قارىغاندا بۇ كېسەلنى تېخىمۇ ئوبدان چۈشىنىدىكەن دىگەن ئويغا كەلدىم. تەتقىقاتچىلار بىلەن بىمارلارنىڭ ئاتا-ئانىسى بىرلىكتە بالىلاردىكى ‹‹يەپ تويماسلىق، ئۆزى تويسىمۇ كۆزى تويماسلىق››نى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبلەر ھەققىدە مۇنازىرە قىلىشتى. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن ھەددىدىن زىيادە سەمىرىپ كەتكەن بالىلىرىنى باشلاپ كەلگەن ئاتا-ئانىلار تەتقىقاتچىلارنىڭ بۇ كېسەللىك ھەققىدىكى چۈشەنچىلىرىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇردى ھەمدە تەتقىقاتلارغا غايەت زور ئىلھام بەردى. بىز تېخىمۇ كۆپ بىمارلارنىڭ تەتقىقاتچىلار بىلەن بىرلىكتە موشۇنىڭدەك مۇھاكىمە ۋە تەتقىقات يىغىنلىرىغا قاتنىشىپ تۇرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
گوللاندىيىدە بىزنىڭ تەتقىقات گۇرۇپپىمىز ئالسايمىرىس كېسەللىكى (Alzheimer's Disease) (بۇ كېسەللىك يەنە قېرىلاردىكى دىۋەڭلىك كېسىلى دەپمۇ ئاتىلىدۇ- ت)تەتقىقاتىدا ئالدىنقى ئورۇندا تۇراتتى. ئەينى چاغدا، بۇ كېسەللىكنىڭ تارقىلىشى ھەققىدە پەقەت بىر خىل پەرەزلا بار ئىدى. بىز تەتقىقات جەريانىدا، بەزى مېڭە ھۆجەيرىلىرىنىڭ قېرىش ۋە دىۋەڭلىك كېسەللىكىنى ئۈنۈملۈك چەكلىيەلەيدىغانلىقىغا، باشقا ھۆجەيرىلەرنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدىغانلىقىغا دىققەت قىلدۇق. بۇ ئالامەتلەر دىۋەڭلىك كېسەللىكىنى داۋالاش تەتقىقاتىغا يول ئاچتى (مەزكۇر كىتابنىڭ 19- باب 3- تارمىقىدا سۆزلىنىدۇ).
قېرىش بىر خىل ئىجتىمائىي ھادىسە بولغانلىقى ئۈچۈن، بىزمۇ ئۇرۇق-تۇققانلىرىمىزنىڭ ھاياتى ئاخىرلىشىۋاتقان چاغدىكى دىۋەڭلىق ۋە زەئىپلىشىشكە دۇچ كېلىپ تۇراتتۇق. شۇڭا ئارىمىزدىكى كۆپ سانلىق كىشى روھى كېسەللىكنىڭ بىمار ۋە ئۇنىڭ ھامىيلىرىغا كەلتۈرىدىغان ئېغىر بېسىمىنى ئوبدان چۈشىنەتتى. مېڭە تەتقىقاتچىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، مېڭە كېسەللىرى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ناھايىتى ئۆتكۈر، سەزگۈر ھەمدە ساقلانغىلى بولمايدىغان مەسىلىلەرگە دۇچ كېلەتتۇق.
ئادەتتىكى كىشىلەر بىز ھەر كۈنى تىرىشىپ يۈرۈپ ھەل قىلىۋاتقان مەسىلىلەرگە زادىلا قىزىقمايدۇ. ئۇلار بىزنى چوڭ مېڭىگە مۇناسىۋەتلىك ھەممە ئىشلاردىن خەۋىرى بار دەپ خاتا چۈشىنىدۇ. ئۇلار ئەستە ساقلاق، ئاڭ، ئۈگىنىش، ھىس-تۇيغۇ، ئەركىنلىك ئېڭى ۋە سەكراتقا چۈشۈش قاتارلىق چوڭ مېڭىگە مۇناسۋەتلىك كاتتا مەسىلىلەرنىڭ جاۋابىنى بىلمەك بولىشىدۇ. ئوچۇق مۇنازىرىلەر داۋامىدا، نۇرغۇن قاتناشقۇچىلار مەن زادىلا بىلمەيدىغان ‹‹ھەقىقەت››لەرنى ئوتتۇرغا قويىدۇ. مەسىلەن، كىشىلەر ھاياتىدا پەقەتلا %10 مېڭىسىنى ئىشلىتىدۇ، دەيدىغان ‹‹ئەپسانە›› بار؛ بۇ خىل قاراش راسىت بولۇشىمۇ مۇمكىن، لېكىن مەن ئەزەلدىن بۇ ‹‹ئەپسانە››نىڭ راسىتلىقىغا دائىر ئىسپاتنى كۆرۈپ باقمىدىم. يەنە تېخى كىشىلەر ھەر كۈنى قېرىش سەۋەبىدىن نەچچە مىڭ-نەچچە ئون مىڭ ھۆجەيرىسىدىن ئايرىلىدۇ، دەيدىغان گەپ-سۆزلەرمۇ بار. ئۈزۈلمەي داۋاملىشىدىغان نۇتۇقلاردا، قاتناشقۇچىلار سورايدىغان خىلمۇ-خىل گۇمانىي مەسىلىلەر مېنى تەپەككۇر قىلىشقا ئۈندەپ تۇرىدۇ. مەسىلەن، گوللاندىيلىك پۇشتىدىن بولغان بىر ياپونىيىلىك قىز ياۋروپا ۋە ئاسىيا كىشىلىرىنىڭ چوڭ مېڭىسىدىكى پەرق ھەققىدە ئىلمىي ماقالە يازماقچى بوپتۇ. دەرۋەقە، موشۇنداق پەرق ھەقىقەتەنمۇ مەۋجۇت ! ئۇنىڭدىن سىرىت، مېنىڭ چوڭ مېڭە تەتقىقاتىم ھەمىشە دىگۈدەك بىر قاتار گۇمان ۋە ئىجتىمائىي تەسىرلەرنى پەيدا قىلىدۇ. مەن بەزى ئوچۇق مۇنازىرىلەرگە تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ بىر قاتار مەسىلىلەرگە چۈشەنچە بېرىمەن. مەسىلەن، چوڭ مېڭىنىڭ جىنىسلار ئارىسىدىكى پەرقى، چوڭ مېڭە بىلەن جىنسىي يۆنىلىش ۋە يات جىنىسقا تەلپۈنۈشنىڭ مۇناسىۋىتى، چوڭ مېڭىنىڭ يېتىلىشى ۋە روھىي كېسەللىك (مەسىلەن، ئەسەبىيلىشىش كېسىلى ۋە ئىشتىھا توسالغۇ كېسەللىكى قاتارلىقلار) ۋەھاكازا؛ بۇ ھەقتە مەزكۇر كىتابنىڭ 2-باپىدىن 4- باپىغىچە ۋە 6- بابلاردا ئايرىم توختىلىمەن.
مەزكۇر ساھەدىكى تەتقىقاتلارغا ئاكتىپ قاتنىشىپ كەلگەن 45 يىل ۋاقىت ئىچىدە، مەن نۇرغۇن ئۆزگۈرۈشلەرگە شاھىت بولدۇم. مېڭە تەتقىقاتى قوللاشلاردىن مەھرۇم، غېرىپ بىر ساھە بولۇشتىن دۇنيا مىقىياسىدىكى ئىلمىي تەتقىقاتلارغا يىتەكچىلىك قىلىدىغان ئاساسىي تىمىغا ئايلاندى. زور مىقداردىكى يېڭى بايقاشلار تالايلىغان تەجرىبە ۋە تېخنىكىلارنىڭ ياردىمى بىلەن تېز سۈرئەتتە ئوتتۇرغا چىقتى. ئەينى چاغلاردىكى كىشىلەرنىڭ نېرۋولوگىيەدىن قورقۇش كېسىلى مېڭە تەتقىقاتىغا بولغان قاتتىق قىزىقىش ۋە ئىشتىياق بىلەن ئالماشتى. بۇ ئۆزگۈرۈشلەر بىلەن ھازىرقىدەك ئىلغار بولغان ئىلىم-پەن مۇنازىرە سەھنىلىرى بارلىققا كەلدى. مەن ئۈچۈن ئېيىتقاندا، جەمئىيەتتىن مۇستەسنا ھالەتتە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان پەن مەۋجۇت ئەمەس. مېنىڭ تەتقىقات ساھەيىمدىن ھالقىپ كەتكەن چوڭ مېڭىنىڭ باشقا بۆلەكلىرىگە مۇناسىۋەتلىك ئىلمىي مەسىلىلەر، چوڭ مېڭەمنى بۇ ھەقتە ئويلىنىشقا قوزغىتىپ تۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مەن قانداق قىلغاندا بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئادەتتىكى كىشىلەرگە ئېنىق چۈشەندۈرگىلى بولىدىغانلىقى ھەققىدە باش قاتۇرىمەن. مانا موشۇنداق قىلىش داۋامىدا، ھەر خىل قاراشلىرىمنىڭ يۈكسىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىمەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە، چوڭ مېڭىنىڭ بەزى بۆلەكلىرى ۋە ئۇنىڭ تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك، چوڭ مېڭىنىڭ يېتىلىشى ۋە قېرىشىغا مۇناسىۋەتلىك، مېڭە كېسەللىكلىرىنى پەيدا قىلىدىغان سەۋەبلەرگە مۇناسىۋەتلىك، ئادەمنىڭ ھاياتى ۋە ئۆلۈمىگە مۇناسىۋەتلىك بىر قاتار مەسىلىلەرگە بولغان كۆز قاراشلىرىم بار. ئۆزۈمنىڭ يۇقارقى مەسىلىلەر ھەققىدىكى ھىچنەرسىگە دال بولالمايدىغان قاراشلىرىمنى موشۇ كىتابقا رەتلەپ كىرگۈزمەكچىمەن.
مېنىڭدىن ئەڭ كۆپ سورالغان سۇئال ‹‹چوڭ مېڭە قانداق مەشغۇلات قىلىدۇ؟›› بولسا كېرەك. بۇ سۇئالغا قانائەتلىنەرلىك جاۋاب بىرىش ناھايىتى قىيىن ئىش. مەزكۇر كىتابتا پەقەت بۇ سۇئالنىڭ جاۋابىنى بىر قانچە نۇقتىدىن شەرھىلەپ بېقىشقا تىرىشىمەن. كىتابىمنىڭ ئوقۇرمەنلەرگە دەپ بىرەلەيدىغىنى مۇنۇلاردىن ئىبارەت:
ئەرلەر ۋە ئاياللارنىڭ چوڭ مېڭىسى قانداق ئايرىلىدۇ؟
ياشلىق مەزگىلىدە چوڭ مېڭىدە قانداق ئۆزگۈرۈشلەر يۈز بېرىدۇ؟
چوڭ مېڭە يەككە تەن ۋە تۈرلەرنىڭ مەۋجۇتلىقىنى قانداق ساقلايدۇ؟
كىشىلەردىكى قېرىش، دىۋەڭلىك ۋە ئۆلۈمنىڭ جەريانى قانداق بولىدۇ؟
چوڭ مېڭە قانداق تەرەققىي قىلغان؟
ئەستە تۇتۇش پائالىيىتى قانداق ئېلىپ بېرىلىدۇ؟
ئەخلاق مەشغۇلاتى قانداق ئورۇندىلىدۇ؟
يۇقارقىلاردىن باشقا، كىتابىمدا مېڭە كېسەللىرىنىڭ قانداق پەيدا بولىدىغانلىقى چۈشەندۈرىلىدۇ. ئاڭ توسالغۇسى، تاشقى زەربە كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان مېڭە زەخمىسى، خۇمار، ئائۇتىزىم (تەنھالىقنى خالاش كېسلى) ۋە ئېلىشىپ قېلىش قاتارلىق مېڭە كېسەللىكلىرى تونۇشتۇرلۇپلا قالماستىن، يەنە بۇ كېسەللەرنى داۋالاش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىكى ئەڭ يېڭى ئىلگىرلەشلەرمۇ تونۇشتۇرلىدۇ. ئاخىرىدا، چوڭ مېڭە بىلەن دىن، ئەرۋاھ، روھ ۋە ئەركىن ئىرادە ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر مۇھاكىمە قىلىنىدۇ.
مەزكۇر كىتاب مۇستەقىل بابلاردىن تەركىب تاپقان. ھەر بىر باب نۇرغۇن تىمىلارغا چېتىلىدىغان بولغاچقا، تېرەن ھالەتتىكى ئىلمىي بايانغا ئىمكانىيەت بولمىدى. بۇ كىتاب پەقەتلا كىشىلەرنىڭ قانداق قىلىپ ھازىرقىدەك خاراكتېردە بولۇشى، چوڭ مېڭىنىڭ قانداق يېتىلىشى ۋە خىزمىتى ھەمدە كۆرۈلۈش ئىھتىمالى بولغان كېسەللىك ھەققىدىكى بىر قىسىم مۇھاكىمىلەرگە ئاساس بولالايدۇ. بۇ كىتابىمنىڭ ئاممىغا كۆپ كۆرۈلىدىغان بىر قىسىم مېڭە كېسەللىكلىرى ھەققىدە ئاز-تولا چۈشەنچە بېرەلىشىنى، ئوقۇغۇچىلار ۋە ياش مېڭە تەتقىقاتچىلىرىنى نېرۋولوگىيەدىكى ئاساسىي بىلىملەر بىلەن تەمىنلىيەلىشىنى، ئۆزلىرىنىڭ تەتقىقات ساھەيىدىن ھالقىشى ھەمدە باشقىلار بىلەن دىئالوگ قۇرۇشىغا دەۋەت قىلالىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بۇ كىتابنىڭ كىشىلەرگە مېڭە تەتقىقاتىنىڭ ئىجتىمائىي ئۈنۈمىنى بىلدۈرۈپ قويۇش زۆرۈرىيىتى سەۋەبلىك يېزىلغانلىقى راسىت! بىراق، تەتقىقاتلىرىمىزنىڭ پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىش ئۈمىدى بىلەن يېزىلغانلىقىمۇ يالغان ئەمەس.

                                                                            (كىرىش سۆزى تۈگەيدۇ)

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-5-18 16:24:28

داۋامىغا قاتتىغ ئىنتىزارلىق بىلەن  قالاپ قالدۇق ئەينا

tumaq يوللانغان ۋاقتى 2014-5-18 16:50:26

安乐死 دېگەننى كارامەت تەرجىمە قىلىۋېتىپسىلىغۇ؟ نوچى كىتابتەك قىلىدۇ. تەرجىمەڭلا ئوبدان چىقىپتۇ.

«پىروفىسسورنىڭ قول ئاستىدا پىراكتىكانت دوختۇر بولۇپ ئىشلەۋاتقان چاغلىرىمنىڭ بىر كۈنىسى» -
كۈنىسى، پۇلىسى دەپ، كۇچالىقما سىلە؟

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2014-5-18 18:29:01

tumaq يوللىغان ۋاقتى  2014-5-18 16:50 static/image/common/back.gif
安乐死 دېگەننى كارامەت تەرجىمە قىلىۋېتىپسىلىغۇ؟ نوچى كىت ...

يۇرتباز تەرجىمانمۇ نېمە بۇ؟!:lol  
چاقچاق

ArislanMemet يوللانغان ۋاقتى 2014-5-18 19:05:35

tadubeg يوللىغان ۋاقتى  2014-5-18 16:24 static/image/common/back.gif
داۋامىغا قاتتىغ ئىنتىزارلىق بىلەن  قالاپ قالدۇق ئەينا

:lol
داۋامىنى ساقلىماڭلا. بىلگەجان ئاچقان تېمىدا تەرجىمان بۇ كىتاپنىڭ سېتىلىدغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر بەرگەن ئىدى.
داۋامىنى كۆرۈشنى ئارزۇ قىلغانلار ئالدىن زاكاس قىلسا،نەشىردىن تىزرەك چىقارمىكىن.

qeside يوللانغان ۋاقتى 2014-5-18 23:47:13

tumaq يوللىغان ۋاقتى  2014-5-18 16:50 static/image/common/back.gif
安乐死 دېگەننى كارامەت تەرجىمە قىلىۋېتىپسىلىغۇ؟ نوچى كىت ...

يەنە نەچچە كۈندىن كېيىن بىرەر بابنىڭ بىرەر تارمىقىنى چىقىرىپ قويىمەن. ئۇ چاغدا تەرجىمە شىۋىسى يەنە ئۆزگۈرۈشى مۇمكىن:lol

qeside يوللانغان ۋاقتى 2014-5-18 23:47:57

Birzat يوللىغان ۋاقتى  2014-5-18 18:29 static/image/common/back.gif
يۇرتباز تەرجىمانمۇ نېمە بۇ؟!  
چاقچاق

ۋەتەنباز دىسلە:lol

tayker يوللانغان ۋاقتى 2014-5-19 10:38:57

يەكەندە ئەدەبىي كىتابلار ۋە بۇنىڭغا ئوخشاش تەرجىمە كىتاپلار ئىنتايىن ئاز ، مەن بۇكىتاپنى كۆرۈپ باقماپتىكەنمەن ، ياخشى كىتاپتەك قىلىدۇ ، قايسى كىتاپخانىدا باردۇ ؟

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2014-5-19 12:12:55

tayker يوللىغان ۋاقتى  2014-5-19 10:38 static/image/common/back.gif
يەكەندە ئەدەبىي كىتابلار ۋە بۇنىڭغا ئوخشاش تەرجىمە كى ...

يەكەن كىتابخانىدا كىتابلار ئىلگىرى خىلى كۆپ ئىدى، ھازىر ئۇنداق ئەمەسكەندە؟ بۇ كىتاب تېخى نەشىردىن چىقمىدى. تېما ئىگىسى تەرجىمە قىلىۋاتىدۇ، مەنمۇ تۈزىتىپ تەھرىرلەشكە ياردەم قىلاي دەۋاتىمەن. نەشىردىن چىقىپ قالسا بەك قالتىس ئىش بولاتتى. يەكەنگە مەن ئۆز قولۇم بىلەن ئالغاچ باراتتىم…

بۇ كىتابنىڭ دۇنياۋى ئابرويغا ئىگە بىر كاتتا كىتاب ئىكەنلىكىدە قىلچە شەك يوق. ئۇنىڭدىن باشقا تەرجىمە قىلىۋاتقان قەسىدە قېرىندىشىمىزنىڭ تەرجىمە قابىلىيىتى ۋە تىل ئىشلىتىش ئۇسلۇبىمۇ ناھايىتى يېتىشكەن، ئىستىداتلىق ئىكەنلىكىگە مەن گۇۋاھ. بۇ كىتاب ئەسلى گوللاند تىلىدا يېزىلغان بولۇپ مەن ئېنگىلىزچە، خەنزۇچە تەرجىمىلىرىنى ئوقۇپ چىقتىم ھەر ئىككىلىسى كەسىپ ئىگىلىرى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان ۋە داڭلىق پروفىسورلار تەرىپىدىن تۈزىتىپ تەھرىرلەنگەن. ھەر ئىككى تىلدىكى نەشىرى بەكمۇ ئېسل چىققان. شۇنىڭغا ئىشەنچىم كامىل، بۇ كىتاب ئۇيغۇر تىلىدىمۇ قەسىدەنىڭ زور ئەمگىكى بىلەن ناھايىتى مۇۋاپىققىيەتلىك نەشىرگە تەييار بولغۇسى. بولسا قېرىنداشلار بۇ كىتاب توغرىسىدا كۆپرەك مۇلاھىزە قىلساق. پات ئارىدا قەسىدە قېرىندىشىمىز بۇ كىتابنىڭ باپ-پاراگرافلىرى مۇندەرىجىسىنى مۇنبەرگە يوللايدۇ، شۇ ۋاقىتتا بۇ كىتابتىكى مەزمۇنلارنىڭ نەقەدەر قىزىقارلىق، مول مەزمۇنلۇق، ھەم كىشىگە ھەقىقىي ھوزۇر ۋە بىلىم بېرىدىغانلىقىنى ھېس قىلالايسىلەر.

tayker يوللانغان ۋاقتى 2014-5-20 11:18:05

رەھمەت سىزگە ، مەن تېخى ئاللىقاچان تەرجىمە قىلىنىپ بولغان كىتاپ ئوخشايدۇ دەپتىمەن ، مۇۋەپپەقىيەتلىك تەرجىمە قىلىنىشىغا تېلەكداشمەن . تەرجىمە قىلىنىپ بولغاندا مىنى ھەرگىزمۇ ئۇنتۇپ قالماڭ ئەمىسە ؟{:112:}

alip يوللانغان ۋاقتى 2014-6-23 14:49:46

ماۋۇ كىتاپنىڭ ئۇيغۇرچىسى نەشىر قىلىندىغان بولدىمۇ؟
بەت: [1]
: دىك سۋاب: مەن بىلىدىغان چوڭ مېڭە