uygurjan09 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-18 11:48:34

تىرناق تارتىمىز دىگەننى ئاڭلاپ پۇت قولۇمدا جان قالمىدى

   تىرناق گۆش ئىچىگە ئۆسۈپ قىلىشنىڭ داۋاسى بارمۇ؟
مېنىڭ بىر يىل بولدى  پۇتۇمنىڭ تىرنىقى گۆشى ئىچىگە   قاراپ ئۆسۈۈۋاتقىلى .  دوختۇرغا بارسام  تىرناق تارتىمىز دەپ  پىچاق ئامبۇر قىسقۇچلىرىنى تەييار قىلىپ ھىڭگىيىپ قاراپ تۇرماسمۇ  .     تىرناق تارتىمىز دىگەننى ئاڭلاپ پۇت قولۇمدا جان قالمىدى.  لىكىن چاندۇرمۇدۇم . ئىككى مىنىۇت توختاڭ مەن ھاجەتكە چىقىپ كىرەي دەپ  قويۇپلا قېچىپ كەتتىم.  توۋۋا   تىرناق تارتىمىز دەيدۇ   .     ئاغرىقتىن قورقۇپ قېچىپ كىتىشىمنىڭ سەۋەبى شۇ  .      چېچىمدىن    ياكى   پۇت قولۇمدىكى بىر تال تۈكنى يۇلسا   ئاغرىيدۇيۇ  لىكىن ما تىرناقنى تارتسا ئاغرىماسمۇ   ھەم ئۈنۈمى بۇلارمۇ بولماسمۇ دەپ  ئىككىلىنىپ قالدىم .       سىلەردىن سورايدىغىنىم .
   مۇشۇنداق قىلسام   ئۈنۈمى بۇلارمۇ ؟ ياكى  باشقىچىرەك داۋالايدىغان  يەرلىك ئۇسۇلللار بارمىدۇ ....   
تۇنجى تىمام بولغاشقا  تومتاقلا چىقىپ قالدى  ئەزىزلەر

Bigaan يوللانغان ۋاقتى 2014-5-18 13:50:02

ئەسسالامۇئەلەيكۇم. ئەزىز بىماردىشىم. پىقىرمۇ تىرناق گۆشكە ئۆسۋىلىش كىسىلى ،خەنچە  جياگوۋيەن  دەيدىغان كىسەل بىلەن 4 يىل ھەپلىشىپ تىرنىقىمنى 4 قېتىم ئەتراپىدا كىچىك ئوپراتىسىيە قىلدۇرغان.
مەزكۇر كىسەل  تىرناقنى بەك ئوي ئېلىۋىتىش ، تىرناق تازلىقىغا ئەھمىيەت بەرمەسلىك ۋە ياكى تىرناققا ئاياغدىن بىسىم كىلىش سەۋەبىدىنمۇ پەيدا بولۇشى مۇمكىن.
بۇ كىسەل تىرناقنى سۇغۇرۇپ داۋالاش بىلەن ساقىيىش  نىسبىتى ئاساسەن تۆۋەن . كۆپ كەسپى  دوختۇرلارنىڭ  دىيشىچە تىرناق سۇغۇرغاندىن كىيىنمۇ تىرناق ئۆسۈپ چىققاندىن كىيىن كىسەل قايتا قوزغىلىش نىسبىتى 80% ئەتراپىدا ئىكەن. شۇڭا مەن ئىزچىل تىرناق سۇغۇرۇشقا قارشى تۇرۇپ كەلدىم. شۇنداقلا تىرناق سۇغۇرۇپ باقمىدىم. ئۇ بىر ئازاپلىق ئىش. تىرناق يېرىم يىلدا ئاران چىقىدۇ ،چىققاندىن كىيىن يەنە ئوخشاش ...
ئۇنداقتا قانداق داۋالاش كىرەك ؟
تىرناقنىڭ يېرىمىنى كىسىش يەنى گۆشكەئۆسىۋالغان قىسمىنى يىلتىزىدىن كىسىپ تاشلاش. بۇنداق قىلغاندا تىرناقنىڭ ئۆسۈۋالغان قىسمىنىلا كىسىشكە توغرا كىلىدۇ ،كۆپ ئاغرىمايدۇ ،ناركوز قىلىپ كىسىۋەتكەندىن كىيىنلا ئەتىسى بىمالال ماڭغىلى بولىدۇ .
تىرناق ئۆسۈۋاتقاندا تىرناققا بىسىم چۈشۈشتىن ساقلىنىش ،ئۇچى ئۇشلۇق ئۆتۈك ياكى بەتىنكە ئاياغلارنى كىيمەسلىك كىرەك . شۇنداقلا تىرناقنىڭ ياللۇغلىنىپ قىلىشىدىن ساقلىنىش «ۋاقتى ۋاقتىدا دېزىنفېكسىيە قىلىپ تۇرۇش كىرەك .
تىرناقنىڭ ئۆسۈش يۆلىنىشىگەدىققەت قىلىپ گگۆشكە كىرىپ ككەتمەكچى بولسا تىرناقنىڭ يېنىنى يۇمىلاق شەكىلدە ئېلىۋىتىش كىرەك. يەنى تىرناقنىڭ يان كۆرىنىش ياي شەكىلدى بولۇشى كىرەك. شۇنداق بولغاندا تىرناقنىڭ شىددەت بىلەن ئۆسۈپ گۆشكە كىرىپ كىتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ .
شۇنداقلا قەتئىي قول تىرنىقى بىلەن تىرناقنى يېرىدىغان ئىشنى قىلماسلىق ،بولۇپمۇ كىسەل پۇت بىلەن ئارتۇق ھەپلەشمەسلىك كىرەك.

ھازىرچە تىز ھەم ئۈنۈمى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان داۋالاش تېرناقنىڭ يېرىمىنى كىسىپ ئېلىۋىتش.

بەكلا ئاددىي ،كىسەل تىرناق  ئورنى ناركوزلىنىدۇ. ئوپراتسيە پىچقى ۋە قىسقۇچ تەييارلىنىدۇ . قىسقۇچتا تېرناقنىڭ كىسەل تەرىپىنى چىڭ قىسىپ تۇرۇپ ،ئوپراتسىيە پىچىقى بىلەن يېرىمىنى كىسىمىز ،قان چىقىدۇ ،ئەڭ ياخشىسى قارىماڭ .ئاندىن قىسقۇچ بىلەن گۆش ئىچىدە قالغان قىسمىنى سۇغۇرۇپ ئالىمىز. ئاندىن كىسىلگەن تىرناقنى ئاازراق سىلىقلىۋىتىمىز .بوش قالغان ئورۇننى دورىلىق پاختا بىلەن  تىڭىپ قويىمىز .داكىدا چىڭمۇ ئەمەس بوشمۇ ئەمەس تاڭىمىز. چىڭ بوپ كەتسە بىردەمدىن كىيىن قان چىقىدۇ.ناركوز كۈچى تۈگىگەندە ئاغرىشى مۇمكىن ئەمما قاتتىق ئەمەس. ئەتىسى قىينالماي ماڭالايسىز .
ئىككى ئۈچ كۈن ياللۇغ قايتۇرۇش دورىسى يىسىڭىزمۇ ياكى ياللۇغ قايتۇرۇش ئۇكۇلى ئاسسىڭىزمۇ ببولىدۇ . بۇنداق قىلىشتىن مەقسەت يارا ئىغىزىنىڭ يېرىڭداپ كەتمەسلىكى ئۈچۈندۇر .

مەن ئۆتكەن يىلى 10 ئايغا يىقىن بىر كەستۈرگەن . شۇندىن بىرى ھازىرغىچە تېرناقتا چوڭ مەسىلە يوق. ئەلھەمدۇلىللاھ.   

taz يوللانغان ۋاقتى 2014-5-18 13:56:19

قىززىقراق سۇغا جىق تۇز سېلىپ پۇتنى چىلىغاندىن كېيىن، بارماققا جىق تۇز سىپىمىز، بەك ئېچىشىدۇ، لېكىن تىرناق تارتقاندىن ياخشى. ھەر كۈنى ئىككى قېتىم قىلىپ بەرسىڭىز گۆش ياداپ تىرناق كۆرنىدۇ. مەن بىر قېتىم تىرناق تاتقۇزغاندىن كېين موشۇ ئۇسۇل بىلەن ساقايغان.

barhan88 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-18 14:02:15

مەنمۇ ئىككى قېتىم تىرناق تارتقۇزۇپ ئاران ساقايغان.

ozyurt يوللانغان ۋاقتى 2014-5-18 14:09:52

بىگانڭ دىگەن ئۇسۇلنى قولۇنۇڭ،مىنڭ ئىنىمنمۇ شۇنداق ئۇسۇلدا دۋالىغان! ئااللاھ كىسلڭزگە شىپالق بەرسۇن.

tayker يوللانغان ۋاقتى 2014-5-18 15:35:33

تىيمىغا مۇناسىۋەتسىز بولسىمۇ سوراپ باقسام : مېنىڭ ئۈستۈنكى قاتار چىشلىرىمنىڭ ئۈستىگە ( سول ئايلانمىسىنىڭ ئۇدۇلىغا ) 8 يىل ئىلگىرى بىر تال يوغان چىش چىقىپ قىلىپ ، ئۇچى ئۇچلۇق بولغاچقا ئۈستى كالپۇكۇمنى كۆتۈرۋالغانتى ، چىش دۇكىنىغا كىرىپ كۆرسەتسەم چىش دوختۇرى كاسىۋالدا سىلىقلاپ ، چاقتا چاقلاپ قويغان ئىدى ، كالپۇكۇمنى كۆتۈرۋىلىپ ئاغرىتىشىمۇ قويۇپ بەرگەن ئىدى ، بۇ مۇبارەك چىشىم تاكى ھازىرغا قەدەر ماڭا ھەمراھ بولۇپ كەلدى . لىكىن ھېچنىمىگە ئەسقاتمايدۇ ، كۆرۈمسىزلىكىدىن ھەر قىتىم ئەينەككە قارىسام كۆڭلۈم بىر قىسما بولىدۇ ، ئادەمنىڭ گۈزەللىكىگە نوقسان يەتكۈزۈپ قويغاندەك بېلىنىدىكەن ، بۇ چىشنى تارىتقۇزىۋەتسەم سالامەتلىكىمگە زىينى بولامدىغاندۇ ؟

yarzat يوللانغان ۋاقتى 2014-5-18 15:41:45

tayker يوللىغان ۋاقتى  2014-5-18 15:35 static/image/common/back.gif
تىيمىغا مۇناسىۋەتسىز بولسىمۇ سوراپ باقسام : مېنىڭ ئۈست ...

ئوغرى چىش دېگەن شۇمۇ...شۇ بولسا تارتقۇزۇشنىڭ ھاجىتى يوق...ئۇمۇ بىر خىل گۈزەللىك.
ئۈرۈمچىدە بەزى شۇشەن باللا ئاشۇنداق ياسالغان چىشنى ساق چىشىغا قاپلاپ سېلىۋېلىپ بۆرە چىش بولاپ يۈرۈيدۇ.

tayker يوللانغان ۋاقتى 2014-5-18 15:53:18

رەھمەت ئۇنداقتا مەنمۇ تارىتقۇزىمەن دەپ ئاۋارە بولمىساممۇ بولغۇدەك ، جېمىي ھەمدۇ سانا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقا خاستۇر . قادىر ئېگەم مىنى چەت يىراق سەھرادا بولساممۇ ئۈرۈمچىنىڭ تازا كىلىشكەن ياش باللىرىدىن قىلىشمىسۇن دەپ ماڭا بۇ گۈزەللىكنى ئاتا قىپتۇ ، كاللام يورۇپ كەتتى جۇمۇ ، ئاللاھقا كۆپ شۈكرى ...

yarzat يوللانغان ۋاقتى 2014-5-18 15:58:25

tayker يوللىغان ۋاقتى  2014-5-18 15:53 static/image/common/back.gif
رەھمەت ئۇنداقتا مەنمۇ تارىتقۇزىمەن دەپ ئاۋارە بولمىسا ...

كېلىشكەن باللا ئانىڭدەك قىلىقلارنى قىلمايدۇ جۇمۇ..خۇدا خالىسا ئۈرۈمچىدىكى بالىلارنىڭ ئېتىقادى كۈنسېرى كۈچىيۋاتىدۇ..
ئاۋۇ دېگەن شۇشەنلەر بىزنىڭ مىللەتنىڭ ئەمەس جۇما لېكىن..بايا ئەسكەرتمەپتىمەن....ھى ھى ھى

begtash يوللانغان ۋاقتى 2014-5-18 22:55:23

مەن 15~20 كۈندە بىر قىتىم ئىلىپ تۇرىۋاتىمەن، ھازىرچە يامان ئەمەس. تازنىڭ ئۇسۇلىنى بىر قوللىنىپ باقاي قىنى.

osmanturpan يوللانغان ۋاقتى 2014-5-19 00:41:28

مەنمۇ8-10 يىل ئىلگىرى ئىككىلا پۇتۇمنىڭ باش بارمىقىنى ئىككى تەرىپىنى بىر قېتىمدىن كەستۈرىۋەتكەنىدىم.
ئۈنۈمى بولمىدى.

ھازىر 15كۈندىن بىر ئاي ئىچىدە ئوپىراتسىيە قايچىسى بىلەن تىرناقنىڭ يان تەرىپىنى چوڭقۇر كېسىۋېتىپ، قىسقۇچ بىلەن بىرلا تارتىپ چىقىرىۋېتىمەن. ئازراق قانايدۇ. ئاغرىق ئىنتايىن ئاجىز.

ھازىر شۇنىڭغا كۆنۈپ كەتتىم.

rock يوللانغان ۋاقتى 2014-5-19 08:16:24

ئەگەرئۈستىدىكى بالىلار دېگەندەك قىلىشنى خالىمىسىڭىز، مەخسۇس تىرناق ئېلىپ جېنىنى باقىدىغانلار بار، ئۇۋۇلاش - ساغلاملىق مەركىزى ئەمەس جۇمۇ دېگىنىم. دۇكاننىڭ سىرتىغا ھەرخىل ياڭزا ياڭزا تىرناق كېسەللىرىنىڭ سۆرىتىنى چىقىرىپ قويىدۇ. ئايالىمنىڭ پۇت باش بارمىقى شۇنداق ئىدى، ئوغلۇمنىڭمۇ شۇنداق چىقىپ قالدى، سەل پەل ئاغرىقنى سەزگەندە ئۇدۇل ئاشۇنداق دۇكانغا ئاپىرىمەن، يېرىم سائەت چىلاپ يۇمشۇتۇپ، ئاغرىۋاتقان تىرناقنى كېسىپ قويۇدۇ، تىرناقنى تاتقۇزۇش راسلا ئۈنىمى يوق ئۇسۇل.

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-19 14:53:00

تەبىئىي شۇنداق بوپ قالغانلىرى ماڭا ئۇچراپ باقمىدى، لىكىن.......................

ئىش ئورنۇمدا بىرى  دىققەت قىلماي پۇتۇمغا دەسسەپ سىلىپ، 5 كۈندىن كىيىن پۇتۇم ئاغرىشقا باشلىغان،  كىيىن بارا- بارا تىرناق گۆش ئىچىگە، تىرناق يىنىدىكى گۆش سىرتىغا قاراپ ئۆسىدىغان، ئاغرىيدىغان بولاپ قىلىپ، ناھىيلىك دوختورخانىدا تىرناقنى پۈتۈن ئالدۇرىۋەتكەن،  1 ئايدىن كىيىن تىرناق قىتىشىپ، ئوبدان ماڭالايدىغان بولدۇم.
ئاللاغا شۈكرى.

azharbag يوللانغان ۋاقتى 2014-5-19 15:52:13

مىنىڭمۇ  شۇنداق  بۇپ قالغان  ساقايماي ئاچچىغىمدا  شۇ  بارمىقىم:shutup:نى تۇۋىدىن كىسىۋەتكەنتى ..ھازىر چاتاق يۇق.
لىكىن 4 بارماقلىق بۇپ  قالدىم   شۇ،،،

umut33 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-19 21:24:01

:funk:

karahaniya يوللانغان ۋاقتى 2014-5-19 21:53:11

ئاللاھقا يەنە بىر قېتىم چەكسىز شۈكرى،،،مىنىڭ پۇتۇم ھازىرچە ساق جۇمۇ

adil621 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-20 08:23:42

ئەڭ ياخشىسى ئوپراتسىيە قىلدۇرۇش،مەنمۇ بۇ كېسەلنىڭ دەردىنى ئاز تارتمىدىم،دەسلىپىدە ئوڭ پۇتۇمنىڭ چوڭ بارمىقىنىڭ بىر تەرىپىدە باشلانغان،ئوقۇش ۋەخىزمەتنىڭ ھەلەكچىلىكىدە دوختۇرغا بارماي دورا يەپ يارا ئېغىزىنى يۇيۇپ تازىلاپ دېگەندەك قىلىپ يۈرۈپ بىر ئىككى ئاينى ئۆتكۈزىۋەتتىم كېيىن ياللۇغ كېڭىيىپ بارمىقىمنىڭ يەنە بىر تەرىپىمۇ شۇنداق بولدى،كېيىن دوختۇرغا بارغانتىم ئۇلار دەرھاللا ئوپراتسىيە قىلىشنى تەۋسىيە قىلدى دەسلىپىدە مەنمۇ قورقۇپ قىلدۇرماي دەپ ئويلىغان لېكىن ئاخىرى يەنىلا قىلدىم،شۇنداق قىلىپ ساقايغان،ئەمما بىر يىل ئۆتۈپ سول پۇتۇمنىڭ چوڭ بارمىقىمۇ شۇنداق بولۇپ قالدى،ئاخىرى ئۇنىمۇ ئوپراتسىيە قىلدۇرۇپ ئاران ساقايدىم.مانا ئەمدى بىر يىل بولدى خۇداغا شۇكرى قايتا قوزغالمىدى،تەۋسىيەرىم شۇكى تىرناقنى ھەرگىز ئالدۇرماڭ.تىرناقنى يۇلىۋەتكەن بىلەن كېيىن ئۆسۈپ چىققاندا بەرىبىر يەنە قوزغىلىدۇ،شۇڭا ئەڭ ياخشىسى ئوپراتسىيە قىلدۇرۇڭ،ئوپراتسىيە قىلدۇرۇشقا توغرا كەلسە چوڭراق دوختۇرخانىغا بېرىپ قىلدۇرۇڭ تىرناقنىڭ ئەتراپىدىكى مۇسكۇلنى كېسىپ،تىرناقنى قىرىپ ئازراق شەكىل تۈزەيدۇ،شۇڭا گەرچە كىچىك ئوپراتسىيە بولسىمۇ كەسپكە پىششىق دوختۇردىن بىرەرسى قىلمىسا بولمايدۇ.ئاغرىققا كەلسەك تىرناق بولغاندىن كېيىن ئالامەت ئاغرىيدىكەن ئىشقىلىپ پۇختا تەييارلىق قىلىپ قويۇڭ{:101:}

karakhan07 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-20 09:43:48

نىم دەيدىغانسىز، مەنمۇ تىرنىقىمنى بەك ئىچكىرلەپ ئېلۋەتكەچكە ئىچگە ئۆسۈپ قاپتىكەن، مەن ئۆزۈملا تىرناق ئالغۇچتا كىسىز،پ ئېلۋەتكەن. ھازىر شۇندا ساغلام تۇرۇدۇ

begtash يوللانغان ۋاقتى 2014-5-20 19:54:36

azharbag يوللىغان ۋاقتى  2014-5-19 15:52 static/image/common/back.gif
مىنىڭمۇ  شۇنداق  بۇپ قالغان  ساقايماي ئاچچىغىمدا  شۇ  با ...

ھاي ھاي، ھەر قانچە بولسىمۇ بارماقنى كىسىۋەتسەك قاملاشماس.
بەت: [1]
: تىرناق تارتىمىز دىگەننى ئاڭلاپ پۇت قولۇمدا جان قالمىدى