hezret2011 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-18 11:04:53

ئۈجمە-ئۈژمە-جۈجەم پىشتى!

ئۈجمە-ئۈژمە-جۈجەم توغرىسدا
ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار!
ئۈژمە پىشىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ھەممىڭلارگە ئوتلۇق سالام!
.
يۇرتىمىزدا ئەمدى ئۈژمە پېشىشقا باشلاپتۇ. ئەتىياز كىرىپ ھاياتلىق ئويغانغاندىن بۇيان دەسلەپ قىلىپ كىشىلەرنىڭ ئېغىزىغا تېگىدىغان تەبىئى، ساپ مېۋىلىرىمىزدىن ئۈژمە ئەڭ داڭلىق. جانلىقلار تەبىئىتىنىڭ بىر يىلنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ زەئىپ ۋاقىتنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ ھالىدىن كېتەي دېگەندە تۈنجى بولۇپ ئېغىز تېگىدىغان بۇ مېۋىدە ھەقىقەتەن خاسىيەتلەر كۆپ. بۇلارنى بىز ساناپ تۈگىتەلمەسلىكىمىز مۇمكىن.
ئەسلىدە ھەممىڭلارنى يۇرتىمىزغا كېلىپ ئۈژمە يېيىشكە تەكلىپ قىلىپ، مېھمان قىلىۋالغۇم بار ئىدى (ئاللاھ نېسىپ قىلسا شۇ كۈنلىرىمىزمۇ كەپ قالار!).
ھازىرچە ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئىمكانىيىتىم بولمىغاچ، ئۆزەمنىڭ ئۈژمە يېيىش قىزغىنلىقىدا ئېغىزىمغا يېغىلغان سېرىق سۇلارنى يۇتۇۋېتىپ ئولتۇرۇپ، بۇ تېمىنى ھەرقايسىڭلارغا يوللاپ ئولتۇرۇپتىمەن
. بۇ سوغام ئۈژمىنىڭ ئورنىدا سىلەرگە تاتلىق داستىخىنىم بولۇپ قالغاي.

كىلاسسىك تېببى ئەسەرلەردىن ھەمدە تور بەتلەردىن توپلىغان بۇ ماترىياللارنىڭ ئەسلى ئىگىلىرىگە ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن!

ئۈجمە

ئۈجمە مېۋىسىنىڭ تەركىبىدە ۋىتامىن C، B، A، PP، گلۇكوزا، پىراكتوزا، ئالما كىسلاتاسى، ئاقسىل، تاننىن، كالتىسىي ۋە ئانئورگانىك تۇز قاتارلىقلار بار، ئۇلار جىگەر كېسەللىكى، بەدەن ئاجىزلىقى، قان ئاجىزلىقى، بۆرەك ئاجىزلىقى، تال كىسەللىكى ۋە ئورۇقلاپ كەتكەنلەرنى سەمرىتىشنىڭ شىپالىق دورىسى ھىساپلىنىدۇ.

ئۈجمە مىۋىسى قۇرۇق ئىسسىق، زەھەرسىز، ئۇسسۇزلۇقنى پەسەيتىپ، بەدەننى قۇۋۋەتلەندۈرىدۇ، جىگەر ھەم بۆرەكنى كۈچەيتىدۇ، ئىچكى ئەزانى قۇۋۋەتلەيدۇ، سۈيدۈك ھەيدەيدۇ، ئىچ قېتىشنى داۋالايدۇ، كەم قانلىق، قۇلاق غۇڭۇلداش، كۆز قاراڭغۇلىشىش كېسىلىگە ئالاھىدە پايدا قىلىدۇ. ئۈجمىنىڭ يوپۇرمىقىدا گلۇكوزا ۋە ئورگانىك كىسلاتا بار. ئۇنىڭ تەبىئىيتى سوغۇق دەپ قارىلىدۇ. ئۇ يەل تارقىتىش، قىزىتما قايتۇرۇش، قاننى سوۋۇتۇش، كۆزنى روشەن قىلى، ئىسسقتىن بولغان زۇكام، يۆتەل، باش ئاغرىقى، كۆزنىڭ قىزىللىقىنى داۋالاشتا ئۈنۈملۈك دورا ھىساپلىنىدۇ. ئۈجمە يىلتىزىنىڭ ئاق پوستىدا ئامرىن، گلۇكوزا، رىزىنناتنتول قاتارلىق ماددىلار بار. ئۇنىڭ تەبىئىتى قۇرۇق سوغۇق دەپ قارىلىدۇ، ئۇ دەم سىقىلىشنى، قورساق كۆپۈشنى، سۇلۇق ئىششىقنى، قان تۈكۈرۈشنى داۋالاش رولىغا ئىگە.

ئۈجمە يىلتىزىنىڭ ئاق پوستى ئۇزاق مۇددەت قاينىتىلىپ ئىچىپ بېرىلسە ئۆپكىنى ياشارتىدۇ. ئۈجمىنىڭ نوتا شېخىدا مول مىقداردىكى تاننىن ماددىلىرى بار، ئۇنىڭ يېڭى چىققان، چاتالمىغان، يوپۇرماقسىز نوتا شاخلىرى ئۇششاقلىنىپ، قاينىتىلىپ قويۇقلاشتۇرۇلۇپ ئىچىلسە، سوغۇق يەلنى يوقىتىپ، بوغۇملارنى ياخشىلايدۇ، رېماتىزىم، پىللاگرا، پۇت- قول قولىشىشلارنى داۋالايدۇ، قاندىكى يەلنى تۈگىتىپ، بەش ئەزانى ياخشىلايدۇ.

قارا ئۈجمە شىنىجاڭنىڭ ھەممە جايلىرىغا تارقالغان مېۋىلىك دەرەخ. ئۇنىڭ يوپۇرمىقى بىلەن پىلە قۇرتى بېقىلىپ يىپەك ئىشلەپچىقىرىلغاندىن باشقا، مېۋىسى ئىنسانلارنىڭ سالامەتلىكى ئۈچۈن دورىلىق رول ئوينايدۇ. قارا ئۈجمە راسا مەي بولۇپ پىشقاندا ئۇنى ئوبدان قاينىتىپ، شىرنە قىلىپ ئىچىپ بەرگەندە، قان كەملىك كېسەلىكى شىپا تاپىدۇ. قارا ئۈجمە شىرنىسى يەنە بەدەندىكى تۆمۈر ماددىسىنى تولۇقلايدۇ، مىجەزنى تەڭشەيدۇ، بەدەندىكى ھەرخىل توسالغۇلارنى ئېچىپ، قان تومۇرنى تازىلايدۇ، تال، جىگەرنى قۇۋۋەتلەندۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ھەرىكىتىنى ياخشىلايدۇ، تەرەتنى يۇمشىتىپ راۋانلاشتۇرىدۇ. بۆرەككە ياغ پەيدا قىلىدۇ، يۆتەلنى توختىتىپ ئۆپكىنى ياشارتىدۇ، تۈرلۈك سەۋەبلەردىن بولغان قان تۈكۈرۈشلەرگە شىپا بولىدۇ.

2.شاتۇت

شاتۇتنىڭ تەبىئىتى سوغۇق، تەمى ئاچچىق- چۈچۈك. شاتۇت تىلنى قورۇيدۇ، زەھەرسىز كېلىدۇ. ئۇنىڭ تەركىۋىدە روتىن، كاروتىن، ۋىتامىن C، B، A، ئاقسىل، قەنت، ئانتوتسىئاندىن، ماي، ئەركىن كىسلاتا، ئۇچۇچان ماي، تاننىن، ئالوگول خلىدىكىلەر، كىنتا ئورىدىن، بوياق ماددىسى قاتارلىقلار بار.

شاتۇت ئىشتىھانى ئېچىش، قاننى سۇيۇلدۇرۇش، بۆرەكنىڭ خىزمىتىنى ياخشىلاش، كىچىك تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش، ئىسسىقتىن بولغان كاناي ئىششىقلىرىنى ياندۇرۇش، ھەيزنى نورماللاشتۇرۇش، ئۇيقۇنى ياخشىلاش قاتارلىق خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە. شۇڭا ئۇ قان بېسىم يۇقۇرى بولۇش، قان قېتىش، بۆرەك، ئاشقازان كېسەللىكلىرى، ئىششىقتىن بولغان كاناي ياللۇغى، ئاياللار كېسەللىكلىرىنى داۋلاشتا ئىشلىتىلىدۇ.

50گرام شاتۇت قېقى كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا قايناق سۇ بىلەن 25گرامدىن دەملىنىپ ئىستىمال قىلىنسا، قاننى سۇيۇلدۇرۇپ، قان بېسىمنى چۈشۈرىدۇ.

0.5گرام شاتۇت قېقى، 0.2كىلوگرام قىزىل زىرىق، 0.25كىلوگرام قارىئۆرۈك قېقى، 0.2كىلوگرام يەرلىك سېرىق چىلاننى تازىلاپ ئۇرۇقسىزلاندۇرۇپ، بىر كىلو سۇغا ئارىلاشتۇرۇپ، سۇس ئوتتا 15مىنۇت قايناتقاندىن كېيىن 0.25كىلوگرام شېكەر بىلەن قىيام بولغۇچە قاينىتىپ، كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 15مىللىمىتىر ئىستىمال قىلىپ بەرگەندە، يۇقۇرى قان بىسىم، قان قېتىشىش، بۆرەك كىسەللىكى، ئاشقازان كېسەللىكى، ئىششىقتىن بولغان كاناي ياللۇغى، ئاياللار كېسەللىكلىرى شىپا تاپىدۇ.

ھۆل شاتۇت مېۋىسىنى سىقىپ ئۈچ كىلوگرامغىچە شاتۇت سۈيىنى تەييارلىغاندىن كېيىن ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، سىرلىق تۈنىكە قاچىغا قۇيۇپ، ئىككى كىلوگرام شېكەر بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، سۇس ئوتتا 30مىنۇت قاينىتىپ قىيام قىلىپ كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 15مىللىلىتىردىن ئىستىمال قىلىپ بەرگەندە، قان بېسىمى يۇقۇرى، ئىشتەيسىزلىك كېسەللىكلىرى ياخشىلىنىدۇ.

پىشقان شاتۇت مېۋىسىنىڭ سۈيى ئەلگەكتىن ئۆتۈزۈلگەندىن كېيىن كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 200مىللىلىتر ئىشلىتىلىپ ئېغىز چايقالسا، ئېغىز ئىچىگە چىققان ھەرخىل يارىلارغا شىپا قىلىدۇ.

دىيابىت كىسەللىكلىرنى داۋالاشتىكى ئۈنۈملۈك رىستىپ
ئۇجمە ياپرىقى 15گىرام ،پىلە قۇرتى 30گىرام،ئۈجمە يىلتىزى پوستى 10گىرام ئېلىپ قۇرۇتۇپ يۇمشاق سۇقۇپ قەنت بىلەن بىرلىكتە ئىستىمال قېلىپ بەرسە دىيابىت كىسەللكنى كونتىرول قىلىدۇ.
تەجىربىدىن ئۆتكەن
ئەگەر كىشى ئاق ئۈجمىنىڭ قۇرۇپ قالغا يوپۇرمىقىنى قاينىتىپ، كۆزىگە تاڭسا كۆز ئاغرىقىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ئاغرىق بولسا شىپالىق بېرىدۇ
چاچ چۈشۈش. ئاۋۋال ئۈجمە يوپۇرمىقى سېلىپ قاينىتىلغان سۇدا باش يۇيۇپ، ئاندىن زەنجىۋىل سېلىپ قاينىتىلغان سۇدا باش يۇسا يېڭىدىن چاچ چىقىدۇ.
60g قۇرۇق ئۈزۈم، 15g لۇڭيەن مېۋە ئېتى (肉眼龙)، 5g ئۈجمىنى سۇدا قاينىتىپ ئىچسە، قان ئازلىق، باش قېيىش، ماغدۇرسىزلىق، پۇت مۇزلاشنى داۋالايدۇ.
تەرەتتە قان كەلگەننىڭ داۋاسى: ئۈژمە ، قۇرۇق ئۈزۈم سۈيىنى ھەر كۈنى سەھەردە ئىچۈرۈپ بەرسە ، ئوڭشىلىپ كېتىدۇ.
كىشى بەزگەك بولۇپ قالغاندا، 20 دانە قارا ئۆرۈك، بەدىيان، رەۋەندىن 3.5 گرامدىن ئېلىپ، ئۈچ چىنە سۇدا بىر چىنە سۇ قالغۇچە قاينىتىپ ئىچكەندىن كېيىن، كەپتەر تۈكى، ھېرە كۆنىكى، كۆنا ئۈژمە ئوتۇنى، سامساق پىيىزى، ۋاڭ ئۇرۇقى قاتارلىقلارنى بىرلىكتە كۆيدۈرۈپ، بىمارنى ئىسلاش ياكى70 مىللىلىتىر گۇلابقا 12 گرام سانا ئارىلاشتۇرۇپ قاينىتىپ، ئاز- ئازدىن ئىچىش لازىم، بۇنىڭ بىلەن بەزگەك ئاسان ساقىيىدۇ.

خۇن كىسەللىكى
قارا چاچنى سوپۇنداپ يۇغاندىن كىيىن كۆيدۈرۈپ ئىلىنغان كۆمۈرىدىن 30 گىرام، ئاق ئۈژمە بىلەن قارا ئۈژمىنىڭ ئۈششۈك چۈشكەندىن كىيىنكى – كۈز پەسلىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىكى قۇرۇق غازاڭنى يىغىۋىلىپ كۆيدۈرگەن كۈلىدىن30 گىرام، قارا شىكەر 250 گىرام، قەن 10 تال، قارا لەيلىگۈل 30 تال، ئانار پوستىدىن 100 گىرام ئىلىنىدۇ.
تەييارلىنىشى: ئانار پوستىنى 1500 گىرام سۇدا، 1250گىرام سۇ قالغۇچە قاينىتىپ، قارا شىكەر، قەن، قارا لەيلىگۈل قاتارلىقلارنى بىر قاچىغا سالغاندىن كىيىن، قارا رەڭ چىققۇچە دەملەپ تەييارلىنىدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى ۋە مىقدارى: بۇ دورىدىن كۈنىگە 3 ۋاخ، بىر قىتىمدا 30 مىللى گىرامنى تاماقتىن كىيىن ئىچىدۇ. ئىككى خىل كۈلنى ئۈچ بارماقتا بىر چىمدىمدىن 3 ۋاخ كاپ ئىتىدۇ.
تەسىرى: بۇرۇن قاناش، ئاشقازان قاناش، خۇن كىسەللىكى، بوۋاسىر قىنىنى توختىتىدۇ. بۇ جەھەتتە تىز ئۈنۈم بىرىدۇ.
رېماتىزم ئۈچۈن ۋە پاقالچاق يىلىكىنىڭ ئاغرىقى ئۈچۈن پۇتنى يۇيۇپ داۋالاش چارىسى.
يۇلغۇن پۇپۇگى 500گىرام
ئۈژمە يىلتىزى 300گىرام
شىۋاق 100گىرام
ھېلىلە 5گىرام
موزا 5گىرام
يۇقارقى دورىلارنى چالا سوقۇپ 8كىلو سۇدا قاينىتىپ ،ئۈچ كىلو خوراپ 5كىلو قالغاندا پۇتنىڭ ئاغرىغان يېرىنى قىزىق يۇيۇپ بىرىمىز.مۇشۇ ئۇسۇل بىلەن بىر قانچە كۈن قايتا-قايتا يۇيۇپ بىرىمىز.
تىز ئاغرىش، ھاسىراشنى داۋالاش
1.گۈلە ئۆرۈك مېغىزى 100گرام
2.سەۋزە ئۇرۇقى 10 گرام
3. زىرە 5 گرام
4.كىشمىش ئۆرۈك گۈلىسى 100گرام
5.ھېلىلە 4 گرام
6.سىيادان 7 گرام
7. ئۈژمە قېقى ئۇرۇقى ئۇنى10 گرام
8.ئەنجۈر قېقى 30 گرام
9.ئوغلاق گۆشى 250 گرام
يۇقارقى دورىلارنى 1800 گرام سۇ قۇيۇپ 1500 گرام قالغىچە قاينىتىپ پىشقان دورىنىڭ سۈيىگە نوقۇت ئۇنىدىن 100 گرام، سېرىق قوناق ئۇنىدىن 100 گرام چېلىپ ئۇماچ قىلىپ كۈنلىكى مۇشۇ ئۇسۇل بىلەن ئىچىمىز.
قان سۇيۇلدۇرۇش،نەپەس يولنى ياخشىلاش،قان تومۇرنى كېڭەيتىش،ئۇششاق قىل تومۇرنى كېڭەيتىش دورىسى
ئاق ئۈژمە يىلتىزى400گرام،چۈچۈك بۇيا يىلتىزى6گرام.
يۇقارقى ئىككى خىل دورىنى1.5كىلو سۇ بىلەن قاينىتىپ1.2كىلو قالغاندا تۆۋەندىكى دورىلارنى سىلپ ئىچىمىز.
قارا ئۆرۈك قېقى100گرام، شاپتۇل قېقى100گرام، چىلان100گرام، ئالقان5گرام، سەۋزە ئۇرۇقى10گرام.
يۇقارقى دورىلارنىڭ ھەممىسىنى بىر قىلپ قاينىتىپ ئېچىلىدۇ.كۈندە مۇشۇ رېتسېپ بويىچە قاينىتىلىدۇ.
94- رېتسىپ؛ئۆتكۈر جىگەر راكنىڭ دورىسى
ئالقات10گرام،سېرىق ھېلىلە4گرام،زىرە6گرام،باش پىيۈز 50گرام، يۇمىلاق چىلان100گرام،قومۇش يىلتىزى100گرام، گۈلە100گرام،ئاق ئۈژمە يىلتىزى300گرام،سىيادان 6گرام، ئەنجۈر قېقى40گرام.
ھەممىسىنى سوقۇپ7كىلو سۇ بىلەن قاينىتىپ 2كىلو سۇ قالغاندا تېلىپىنى سۈزۈپ ئېلىۋېتىمىز،قالغان 2كىلو سۈيىگە بىر كۈن كۆك كەپتەر،(پۇتنى ئېلىۋېتىپ بېشى بىلەن سالىمىز)بىر كۈن ئوغلاق گۆشى(250گرام)سېلىپ قاينىتىمىز، قىزىل گۈل ھەسىلىنى50گرام ئارىلاشتۇرۇپ بەش كۈن ئىچىلىدۇ.
、ئىششىق ئىچكى ئەزادىن باشلانسا، قورساق قىسىمدا قاتتىق مونەكچىلەر پەيدا بولۇپ، قول ۋە پۇتلىرى ئىششىسا، بۇنى تاش سۇ دېيىلىدۇ. مەنبەسى دوۋساقتا بولىدۇ. ئىلاجى: ئۈژمە يىلتىزى.
ئاشقازاننى كۈچەيتىشنىڭ ئىلاجى: قارا ئۈژمە- ئاق تىكەن شەربىتى. قارا ئۈژمە سۈيىدىن 2 ھەسسە. ئاق تىكەن قارغىتىنىڭ سۈيىدىن بىر ھەسسە ئېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ قازاندا 15 مىنۇت ئەتراپىدا قاينىتىپ، كۆپۈكىنى ئېلىۋېتىپ، ئىسسىق ۋاقتىدا مۇۋاپىق مىقداردا ناۋات ياكى شېكەر ئارىلاشتۇرۇلىدۇ. دورا سوۋۇغاندىن كېيىن شېشىگە قاچىلاپ تەييارلىنىدۇ. ھەركۈنى 3 قېتىم، ھەر قېتىمدا 40 گرامدىن ئىچىدۇ. ئىشلىتىلىشى: نامەششام قارىغۇسى كېسەللىكىگە مەنپەئەت قىلىدۇ. ھەم ئاشقازاننى كۈچەيتىش، قان كۆپەيتىش، پېسە كېسىلىنى داۋالاش، قان تازىلاش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. داۋالاش ئۈنۈمى ياخشى.
نېرۋىنى تىنچلاندۇرۇش شەربىتى: ئاق ئۈژمە سۈيىنى قازانغا تۆكۈپ پەس ئوتتا 15 مىنۇت قايناتقاندىن كېيىن كۆپۈكىنى ئېلىۋېتىپ ئىسسىق ۋاقتىدا مۇۋاپىق مىقداردا ناۋات ياكى شېكەر سېلىپ، ئېرىپ سوۋۇغاندىن كېيىن تىرىپلىرىنى سۈزۈۋېتىپ، سۈزۈلدۈرۈپ، شېشىگە قاچىلاپ تەييارلىنىدۇ. ھەر كۈنى 3 قېتىم، ھەر قېتىمدا 20 گرامدىن ئىچىدۇ. ئىشلىتىلىشى: نېرۋا ئاجىزلىقى، نېرۋا خاراكتېرلىك ئاغرىقلارغا بېرىلىدۇ. ئۈنۈمى ياخشى.
نېرۋىنى تىنچلاندۇرۇشنىڭ ئىلاجى: شاتۇت شەربىتى: شاتۇت مېۋىسىنىڭ سۈيىنى چىقىرىپ، پەس ئوتتا 15 مىنۇت ئەتراپىدا قاينىتىپ، كۆپۈكىنى ئېلىۋېتىپ سۈزۈلدۈرگەندىن كېيىن مۇۋاپىق مىقداردا ئاق شېكەر ئارىلاشتۇرۇپ، ھەر كۈنى 3 قېتىم، ھەر قېتىمدا 30- 40 گرامدىن ئىچىدۇ. ئىشلىتىلىشى: ئاشقازان ئاغرىقى، كۆكسى ئاغرىقى، ئۆپكە شاخچىلىرى ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. سۈيدۈك ماڭدۇرىدۇ، ھېيىزنى نورماللاشتۇرىدۇ، يۈرەكنى قۇۋۋەتلەيدۇ، نېرۋىنى تىنچلاندۇرىدۇ. ئەسكەرتىش: ھۆل شاتۇت ئورنىغا شاتۇت ۋاسالغۇسىدىن 2 هەسسە سۇغا سېلىپ يۇقارقى ئۇسۇل بىلەن قويۇقلاشتۇرۇلغان شەربەتنى، يۇقارقى كۆرسەتمە بويىچە ئىچسىمۇ ئوخشاش ئۈنۈم بېرىدۇ.
نەپىس سىقىلىش، ھاسىراشنىڭ ئىلاجى: گۈلە ئۆرۈك مېغىزى 100گرام، سەۋزە ئۇرۇقى 10 گرام، زىرە 5 گرام، كىشمىش ئۆرۈك گۈلىسى 100گرام، ھېلىلە 4 گرام، سىيادان 7 گرام، ئۈژمە قېقى ئۇرۇقى ئۇنى10 گرام، ئەنجۈر قېقى 30 گرام، ئوغلاق گۆشى 250 گرام، يۇقارقى دورىلارنى 1800 گرام سۇ قۇيۇپ 1500 گرام قالغىچە قاينىتىپ پىشقان دورىنىڭ سۈيىگە نوقۇت ئۇنىدىن 100 گرام، سېرىق قوناق ئۇنىدىن 100 گرام چېلىپ ئۇماچ قىلىپ كۈنلىكى مۇشۇ ئۇسۇل بىلەن ئىچىمىز
چىش ئاغرىقىنىڭ ئىلاجى: ئاق ئۈژمىنىڭ شېخىنى ئۇششاق توغراپ، قايناقسۇغا چىلاپ ئىچىدۇ.
ئاياللارنىڭ ئىلاجى: ھېيزنى تەڭشەش شەربىتى: بۆرى تىكەن قارغىتى، ئانار چېچىكى، ئاق تىكەن قارغىتى، ئارپا بەدىيان ئۇرۇقى، قارا ئۈژمە ۋاسالغۇسىنىڭ ھەر بىرى 200 گرامدىن، سىيادان30 گرام، كەندىر ئۇرۇقى 100گرامدىن ئېلىپ، 2 كىلو گرام سۇ بىلەن پەس ئوتتا 1. 5 كىلو گرام سۇ قالغۇچە قاينىتىپ، ھەركۈنى 3 قېتىم، ھەر قېتىمدا 60-80گرام ئىچىدۇ. ئىشلىتىلىشى: ئاق خۇن نورمال كەلمەسلىك، بەل ساهەسى ھەرە چاققاندەك ئىچىشىپ ئاغرىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ. ئاغرىق توختىتىدۇ. ھېيز كېلىشنى نورماللاشتۇرىدۇ. ئىشتېھانى ئاچىدۇ. داۋالاش ئۈنۈمى ياخشى، بىر ھەپتە داۋالىسا ساقىيىدۇ.
چاچ- ساقالنىڭ ئىلاجى: ئۈژمە يوپۇرمىقى ۋە ئەنجۈر يوپۇرمىقىنى يامغۇر سۈيى بىلەن يۇغۇرۇپ، ئاقارغان چاچ _ ساقالغا چاپقاندا، چاچ، ساقالنىڭ ئاقىرىشىنى توختاتقىلى بولىدۇ.
دورا ياساش ئۇسۇللىرى: شاتۇت شەربىتى: شاتۇت مېۋىسىنىڭ سۈيىنى چىقىرىپ، پەس ئوتتا 15 مىنۇت ئەتراپىدا قاينىتىپ، كۆپۈكىنى ئېلىۋېتىپ سۈزۈلدۈرگەندىن كېيىن مۇۋاپىق مىقداردا ئاق شېكەر ئارىلاشتۇرۇپ، ھەر كۈنى 3 قېتىم، ھەر قېتىمدا 30- 40 گرامدىن ئىچىدۇ. ئىشلىتىلىشى: ئاشقازان ئاغرىقى، كۆكسى ئاغرىقى، ئۆپكە شاخچىلىرى ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. سۈيدۈك ماڭدۇرىدۇ، ھېيىزنى نورماللاشتۇرىدۇ، يۈرەكنى قۇۋۋەتلەيدۇ، نېرۋىنى تىنچلاندۇرىدۇ. ئەسكەرتىش: ھۆل شاتۇت ئورنىغا شاتۇت ۋاسالغۇسىدىن 2 هەسسە سۇغا سېلىپ يۇقارقى ئۇسۇل بىلەن قويۇقلاشتۇرۇلغان شەربەتنى، يۇقارقى كۆرسەتمە بويىچە ئىچسىمۇ ئوخشاش ئۈنۈم بېرىدۇ.
دورا ياساش ئۇسۇللىرى: قارا ئۈژمە- ئاق تىكەن شەربىتى. قارا ئۈژمە سۈيىدىن 2 هەسسە. ئاق تىكەن قارغىتىنىڭ سۈيىدىن بىر هەسسە ئېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ قازاندا 15 مىنۇت ئەتراپىدا قاينىتىپ، كۆپۈكىنى ئېلىۋېتىپ، ئىسسىق ۋاقتىدا مۇۋاپىق مىقداردا ناۋات ياكى شېكەر ئارىلاشتۇرۇلىدۇ. دورا سوۋۇغاندىن كېيىن شېشىگە قاچىلاپ تەييارلىنىدۇ. ھەركۈنى 3 قېتىم، ھەر قېتىمدا 40 گرامدىن ئىچىدۇ. ئىشلىتىلىشى: نامەششام قارىغۇسى كېسەللىكىگە مەنپەئەت قىلىدۇ. ھەم ئاشقازاننى كۈچەيتىش، قان كۆپەيتىش، پېسە كېسىلىنى داۋالاش، قان تازىلاش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. داۋالاش ئۈنۈمى ياخشى.
قان سۇيۇلدۇرۇش، نەپەس يولنى ياخشىلاش، قان تومۇرنى كېڭەيتىش، ئۇششاق قىل تومۇرنى كېڭەيتىشنىڭ ئىلاجى: ئاق ئۈژمە يىلتىزى 400گرام، چۈچۈك بۇيا يىلتىزى6گرام. يۇقارقى ئىككى خىل دورىنى1. 5كىلو سۇ بىلەن قاينىتىپ1. 2كىلو قالغاندا تۆۋەندىكى دورىلارنى سىلپ ئىچىمىز. قارا ئۆرۈك قېقى 100گرام، شاپتۇل قېقى 100گرام، چىلان 100گرام، ئالقان5گرام، سەۋزە ئۇرۇقى10گرام. يۇقارقى دورىلارنىڭ ھەممىسىنى بىر قىلپ قاينىتىپ ئېچىلىدۇ. كۈندە مۇشۇ رېتسېپ بويىچە قاينىتىلىدۇ.
قاناپ كېتىشنىڭ ئىلاجى: تاشقى كېسەللىك، سىرتقى ئەزالارنىڭ زەخىملىنىشتىن قاناپ كېتىشى. ئاق ئۈژمىنىڭ يېڭى يوپۇرمىقىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، پاكىزە يۇغاندىن كېيىن، ئېزىپ، كېسىلگەن جايغا چېپىلىدۇ. ئىشلىتىلىشى: پىچاق كەسكەن جايغا ئىشلىتىلىدۇ.
كەندىر يۇپۇرمىقى بىلەن جۈجەم(ئۈژمە) يۇپۇرمىقىنى مۇۋاپىق مىقداردا ئىلىپ قاينىتىنپ،تەمىنى چىقىرىپ،بىشىنى يۇيۇپ بەرسە چاچ چۇشۇپ كىتىشكە شىپا بولىدۇ.



ئۈجمە يۇپۇرمىقى چېيى؛ ئۈجمە يۇپۇرمىقى چېيىدا كىچىك ئۈچەيدىكى قەنىتنى گىلىكوزىغا ئايلاندۇردىغان ئىقتىدار بار، بۇ خىل چاينى تاماقتىن بۇرۇن ئىچكەندە قاندىكى قەنىت مىقدارىنى تۆۋەنلىتىدۇ.

ئۈجمە
پىشمىغان توڭ ئۈجمە قۇرۇق سوغۇق بولۇپ، تاتلىق پىشقان ئۈجمە ھۆل ئىسسىق بولۇپ، بەلغەمنى سۈرىدۇ، ئۇسسۇزلۇقنى پەسەيتىدۇ، ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەيدۇ.
چىش ئاغرىپ بىئارام قىلغاندا، ئاق ئۈجمىنىڭ قوۋزىقى بىلەن يوپۇرمىقىنى قاينىتىپ، غەر- غەرە قىلسا، چىش ئاغرىقى ساقىيىدۇ.
چىش ئاغرىغاندا ئەمەن، ئۈجمە يېلىمى، چاكاندا قاتارلىق دورىلاردىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ قاينىتىپ، ئېغىزىغا ئالسا، چىش ئاغرىقىنى داۋالىغىلى بولىدۇ.
كىشىگە سۆگەل چىققاندا ئۈجمە بىلەن كۆك قۇمنى ئارىلاشتۇرۇپ چاپسا، سۆگەل چۈشۈپ كېتىدۇ.
قان بېسىمنى داۋالاش
ئاق ئۈجمە يىلتىزىدىن 500گرامنى2كىلو سۇ بىلەن قاينىتىمىز.
چۈچۈك بۇيا يىلتىزىدىن5گرام،قىزىل پىيۈز دىن10گرام، باچكا كەپتەردىن بىرنى(ئۇششاق چاناپ) زىرە4گرام،ھېلىلە3گرامنى سوقۇپ ئۇن قىلپ سىلپ قاينىتىمىز.ھۆل ياڭاقتىن 15تال(پوستنى ئېلىۋېتىپ) يەيدۇ.
سەركىنىڭ گۆشىدىن 300گرامنى قاينىتىپ پۇشۇرۇپ، سۈيىنى ھىم گۆشنى يۇقارقى دورا بىلەن قوشۇپ يەيدۇ.شاپتۇلدىن كۆپرەك ئىستېمال قىلنىدۇ.مۇشۇ رېتسىپ بويىچە 10كۈن دورا تەييارلاپ يەيدۇ.
ئاشقازان يارىسىنىڭ، 12بارماق ئۈچەي يارىسىنىڭ ئىلاجى: قارا ئۈژمە ئەرىقى. قارا ئۈجمىنىڭ مېۋىسىدىن 500 گىرام، ئاق تىكەن قاغىتى 300 گىرام، بوغداي يىلتىزى 100 گىرام، ئارپا بەدىيان ئۇرۇقىدىن 50 گىرام، جۇۋىنە ئۇرۇقىدىن 50 گىرامنى 10كىلو گىرام سۇ بىلەن پار قازىنىدا پەس ئوتتا قاينىتىپ 7كىلوگىرام پار سۈيى ئېلىنىدۇ. چوڭلارغا كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 15 گرامدىن 20 گىرامغىچە ئىچىدۇ. بالىلارغا ئەھۋالغا قاراپ كېمەيتىپ بېرىلىدۇ. ئىشلىتىلىشى: ئاشقازان يارىسى، 12بارماق ئۈچەي يارىسىنى داۋالاش، ھېيىزنى نورماللاشتۇرۇش، كەمقانلىقنى داۋالاش، چوڭ- كىچىك تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. ئۇزۇن مۇددەت ئىچسە بەدەننى ساغلاملاشتۇرىدۇ. داۋالاش ئۈنۈمى ياخشى.
بەدەننى ساغلاملاشتۇرۇشنىڭ ئىلاجى: قارا ئۈجمىنىڭ مېۋىسىدىن 500 گىرام، ئاق تىكەن قاغىتى 300 گىرام، بوغداي يىلتىزى 100 گىرام، ئارپا بەدىيان ئۇرۇقىدىن 50 گىرام، جۇۋىنە ئۇرۇقىدىن 50 گىرامنى 10كىلو گىرام سۇ بىلەن پار قازىنىدا پەس ئوتتا قاينىتىپ 7كىلوگىرام پار سۈيى ئېلىنىدۇ. چوڭلارغا كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 15 گرامدىن 20 گىرامغىچە ئىچىدۇ. بالىلارغا ئەھۋالغا قاراپ كېمەيتىپ بېرىلىدۇ. ئىشلىتىلىشى: ئاشقازان يارىسى، 12بارماق ئۈچەي يارىسىنى داۋالاش، ھېيىزنى نورماللاشتۇرۇش، كەمقانلىقنى داۋالاش، چوڭ- كىچىك تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. ئۇزۇن مۇددەت ئىچسە بەدەننى ساغلاملاشتۇرىدۇ. داۋالاش ئۈنۈمى ياخشى.

چىشنىڭ ئاغرىقىنىڭ ئېغىز چايقاش سۈيى: بالغىن گۈلىدىن 100 گىرام، ئاپتاپپەرەس يىلتىزى 200 گىرام، ھەرە كۆنىكى 50 گىرام، سېرىق ئەمەن يىلتىزى 100 گىرام، ئۈجمىنىڭ ئاق قوۋزىقى 100 گىرام، كاۋاۋىچىن 5 گىرام، قارامۇچ 5 گىرام، يەرلىك تۇز 100 گىرام، شۇم بۇيا 100 گرامدىن ئېلىپ، دورىلارنى 3 كىلوگىرام سۇ بىلەن پەس ئوتتا 1. 5 كىلوگىرام سۇ قالغۇچە قاينىتىپ، سۈيىنى سۈزۈلدۈرۈپ تەييارلىنىدۇ. دىققەت مەزكۇر دورا بىلەن پەقەت ئاغزىنى چايقاشقا بولىدۇ، ئىچىشكە بولمايدۇ. ئىسسىقتىن بولغان چىش ئاغرىقى، قۇرت يېگەن چىشنىڭ ئاغرىقىنى توختىتىدۇ. ئۈنۈمى: دورىنى 1-2 مىنۇت ئاغزىغا ئېلىپ چايقىسا دەرھال توختايدۇ.

ئاياللار كېسەللىكىنىڭ ئىلاجى: خۇن كېسەللىكى. قارا چاچنى سوپۇنلاپ يۇغاندىن كېيىن كۆيدۈرۈپ ئېلىنغان كۆمۈرىدىن 30 گىرام، ئاق ئۈژمە بىلەن قارا ئۈجمىنىڭ ئۈششۈك چۈشكەندىن كېيىنكى - كۈز پەسلىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىكى قۇرۇق غازاڭنى يىغىۋېلىپ كۆيدۈرگەن كۈلىدىن30 گىرام، قارا شېكەر 250 گىرام، قەن 10 تال، قارا لەيلىگۈل 30 تال، ئانار پوستىدىن 100 گىرام ئېلىنىدۇ. تەييارلىنىشى: ئانار پوستىنى 1500 گىرام سۇدا، 1250گىرام سۇ قالغۇچە قاينىتىپ، قارا شېكەر، قەن، قارا لەيلىگۈل قاتارلىقلارنى بىر قاچىغا سالغاندىن كېيىن، قارا رەڭ چىققۇچە دەملەپ تەييارلىنىدۇ. ئىشلىتىش ئۇسۇلى ۋە مىقدارى: بۇ دورىدىن كۈنىگە 3 ۋاخ، بىر قېتىمدا 30 مىللى گىرامنى تاماقتىن كېيىن ئىچىدۇ. ئىككى خىل كۈلنى ئۈچ بارماقتا بىر چىمدىمدىن 3 ۋاخ كاپ ئېتىدۇ. تەسىرى: بۇرۇن قاناش، ئاشقازان قاناش، خۇن كېسەللىكى، بوۋاسىر قېنىنى توختىتىدۇ. بۇ جەھەتتە تىز ئۈنۈم بېرىدۇ.


ھېيىزنى نورماللاشتۇرۇشنىڭ ئىلاجى: قارا ئۈجمىنىڭ مېۋىسىدىن 500 گىرام، ئاق تىكەن قاغىتى 300 گىرام، بوغداي يىلتىزى 100 گىرام، ئارپا بەدىيان ئۇرۇقىدىن 50 گىرام، جۇۋىنە ئۇرۇقىدىن 50 گىرامنى 10كىلو گىرام سۇ بىلەن پار قازىنىدا پەس ئوتتا قاينىتىپ 7كىلوگىرام پار سۈيى ئېلىنىدۇ. چوڭلارغا كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 15 گرامدىن 20 گىرامغىچە ئىچىدۇ. بالىلارغا ئەھۋالغا قاراپ كېمەيتىپ بېرىلىدۇ. ئىشلىتىلىشى: ئاشقازان يارىسى، 12بارماق ئۈچەي يارىسىنى داۋالاش، ھېيىزنى نورماللاشتۇرۇش، كەمقانلىقنى داۋالاش، چوڭ- كىچىك تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. ئۇزۇن مۇددەت ئىچسە بەدەننى ساغلاملاشتۇرىدۇ. داۋالاش ئۈنۈمى ياخشى.


قان بېسىمنىڭ ئىلاجى: ئاق ئۈجمە يىلتىزىدىن 500گرامنى2كىلو سۇ بىلەن قاينىتىمىز. چۈچۈك بۇيا يىلتىزىدىن5گرام، قىزىل پىياز دىن10گرام، باچكا كەپتەردىن بىرنى(ئۇششاق چاناپ) زىرە4گرام، ھېلىلە3گرامنى سوقۇپ ئۇن قىلپ سىلپ قاينىتىمىز. ھۆل ياڭاقتىن 15تال(پوستنى ئېلىۋېتىپ) يەيدۇ. سەركىنىڭ گۆشىدىن 300گرامنى قاينىتىپ پۇشۇرۇپ، سۈيىنى ھىم گۆشنى يۇقارقى دورا بىلەن قوشۇپ يەيدۇ. شاپتۇلدىن كۆپرەك ئىستېمال قىلنىدۇ. مۇشۇ رېتسىپ بويىچە 10كۈن دورا تەييارلاپ يەيدۇ.


ئۈجمە يوپۇرمىقى: ئۈجمە يوپۇرمىقىنى چاي ئورنىدا دەملەپ ئىچىپ بەرگەندە ئاشقازان ئاستى بېزىنى قوغداپ ، ئىنسۇلىننىڭ نۇرمال ئاجىرلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. يەنە يۇقۇرى قان بېسىمنى ياخشىلاپ خولىستېرىن ۋە تىرىگلىتسېرىدنى ئازايتىدۇ. ئۈجمە يوپۇرمىقى چېيىنى تاماقتىن بۇرۇن ئىچىپ بەرسە تاماقتىن كىيىن قان شىكىرىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىنى تىزگىنلەيدۇ. تاماقتىن كىيىن ئىچسە بۇ خىل رولى بولمايدۇ.
يېقىنقى يىللاردىكى تەتقىقاتتا ئۈجمە يوپۇرمىقىدىكى ئالاھىدە تەركىب 1-DNJ پولىساكخارىدنى پارچىلاپ، گىلىكوزىدنى گلۇكوزىدازاغا ئايلاندۇرۇش ئارقىلىق قان شىكىرىنىڭ يۇقۇرى ئۆرلىشىنى تىزگىنلەيدىكەن.


ئىچ سۈرۈشكە داۋا : ئىت ئۈزۈمىنىڭ قاسرىقىدىن بىر باقىر ، ئاق ئۈجمە دەرىخىنىڭ قوۋزىقىدىن بىر باقىر، ئۈزۈم يىلتىزىدىن بىر باقىر  ...قاچا  سۇغا بىر ...سېلىپ بىر قاچا قالغاندا  بۇ ئۈچ بۇ ...بىرگە سېلىپ قاينىتىپ ئىچسە ، كىمىكى ...كەچتە ياتقاندا ئىچىشى كېرەك . بۇ سىنالغان داۋا.


   * سەكتە (شامال دارىش) كۈندە ناشتىدىن بۇرۇن كەرەپشە سۈيىدىن 50 گىرامنى، كەچتە ئۇخلاشنىڭ ئالدىدا جۈجەم(ئۈجمە) يوپۇرمىقىدىن 25 گىرامنى سۇدا قاينىتىپ سۈيىنى ئىچىشنى ئىككى – ئۈچ ھەپتە داۋاملاشتۇرسا ئۈنۈمى كۆرۈلىدۇ.

شىپايى مەزى بېرىلىدۇ .
   تەركىبى ۋە تەييارلىنىشى : ئاق ئۈجمە يىلتىزىنىڭ پوستى ، زەپەر خەمىكى 80 گرامدىن ، تەخەمەك ئۇرۇقى ، قوغۇن ئۇرۇقى 40 گرامدىن ، قۇرۇتۇلغان ئاق ئۈجمە ، شاتۇت 65 گرام ، لاچىندانە 30 گرام ، لىسانىل ئاساپىر 35 گرام ، ئادەمگىياھ 10 گرام . دورىلارنى كۆرسەتمە بويىچە ئېلىپ قائىدە بويىچە شەربەت تەييارلىنىدۇ .
ﻗﺎﺭﺍ ﺋﯜﺟﻤﻪ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺷﯩﭙﺎﻟﯩﻖ ﺭﻭﻟﯩﻨﻰ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﯗﺵ (ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﯩﻚ)
ﻗﺎﺭﺍ ﺋﯜﺟﻤﻪ ﺩﯨﻴﺎﺭﯨﻤﯩﺰﻏﺎ ﻛﻪﯓ ﺗﺎﺭﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺩﻩﺭﻩﺥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺷﻪﻛﻠﻰ ﺋﺎﻕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ، ﭘﻪﺭﻗﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻣﯧﯟﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﻗﺎﺭﺍ ﺭﻩﯕﺪﻩ ﺑﻮﻟﯩﺸﯩﺪﯗﺭ.






ﺗﻪﺑﺌﯩﺘﻰ: ﮬﯚﻝ ﺳﻮﻏﯘﻕ
ﺷﯩﭙﺎﻟﯩﻖ ﺭﻭﻟﻰ: ﻗﺎﻧﻨﻰ ﺳﻮﯞﯗﺗﯘﺵ، ﺗﯘﺗﯘﺵ، ﺗﻪﺑﺌﻪﺗﻨﻰ ﻳﯘﻣﺸﯩﺘﯩﺶ، ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﻻﺭﻧﻰ ﺋﯩﭽﯩﺶ، ﺋﯩﺴﺴﯩﻘﺘﯩﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﺸﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯗﺵ، ﻳﯧﻠﺘﯩﺰﻯ ﯞﻩ ﻗﯘﯞﺯﺍﻗﻠﯩﺮﻯ ﻗﯘﺭﯗﺕ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﺵ ﺧﯘﺳﯘﺳﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ.
ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭ: ﮔﺎﻝ ﺋﺎﻏﺮﯨﻘﻰ، ﺋﯧﻐﯩﺰﻏﺎ ﻣﯘﺩﯗﺭ-ﭼﺎﻗﺎ ﭼﯩﻘﯩﺶ، ﻛﯚﭖ ﺋﯘﺳﺴﺎﺵ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﺩﺍ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﯩﺪﯗ.
ﺯﯨﻴﺎﻧﻠﯩﻖ ﺗﻪﺳﯩﺮﻯ: ﭘﻪﻱ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺯﯨﻴﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ.
ﺗﯜﺯﻩﺗﻜﯜﭼﯩﺴﻰ: ﺭﯗﻡ ﺑﻪﺩﯨﻴﺎﻥ
ﺋﻮﺭﯗﻧﺒﺎﺳﺎﺭﻯ: ﭼﯩﻘﯩﺮ ﺋﯜﺯﯛﻡ
ئۇنىڭ يوپۇرمىقى بىلەن پىلە قۇرتى بېقىلىپ يىپەك ئىشلەپچىقىرىلغاندىن باشقا، مېۋىسى ئىنسانلارنىڭ سالامەتلىكى ئۈچۈن دورىلىق رول ئوينايدۇ. قارا ئۈجمە راسا مەي بولۇپ پىشقاندا ئۇنى ئوبدان قاينىتىپ، شىرنە قىلىپ ئىچىپ بەرگەندە، قان كەملىك كېسەلىكى شىپا تاپىدۇ. قارا ئۈجمە شىرنىسى يەنە بەدەندىكى تۆمۈر ماددىسىنى تولۇقلايدۇ، مىجەزنى تەڭشەيدۇ، بەدەندىكى ھەرخىل توسالغۇلارنى ئېچىپ، قان تومۇرنى تازىلايدۇ، تال، جىگەرنى قۇۋۋەتلەندۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ھەرىكىتىنى ياخشىلايدۇ، تەرەتنى يۇمشىتىپ راۋانلاشتۇرىدۇ. بۆرەككە ياغ پەيدا قىلىدۇ، يۆتەلنى توختىتىپ ئۆپكىنى ياشارتىدۇ، تۈرلۈك سەۋەبلەردىن بولغان قان تۈكۈرۈشلەرگە شىپا بولىدۇ.


ﺋﺎﻕ ﺋﯜﺟﻤﻪ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺷﯩﭙﺎﻟﯩﻖ ﺭﻭﻟﯩﻨﻰ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﯗﺵ (ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﯩﻚ)


ﺑﯘ ﺋﯜﺟﻤﻪ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻳﻮﭘﯘﺭﻣﺎﻕ ﺗﺎﺷﻼﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯜﺟﻤﻪ ﺩﻩﺭﯨﺨﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺑﯘﻧﯩﯔ ﭘﯩﺸﻘﺎﻥ ﻣﯧﯟﯨﺴﻰ << ﺋﺎﻕ ﺋﯜﺟﻤﻪ >> ﻧﺎﻣﯩﺪﺍ ﺩﻭﺭﯨﻐﺎ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﯩﺪﯗ.
ﺗﻪﺑﺌﯩﺘﻰ : ﮬﯚﻝ ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ








ئۈجمە مېۋىسىنىڭ تەركىبىدە ۋىتامىن C، B، A، PP، گلۇكوزا، پىراكتوزا، ئالما كىسلاتاسى، ئاقسىل، تاننىن، كالتىسىي ۋە ئانئورگانىك تۇز قاتارلىقلار بار، ئۇلار جىگەر كېسەللىكى، بەدەن ئاجىزلىقى، قان ئاجىزلىقى، بۆرەك ئاجىزلىقى، تال كىسەللىكى ۋە ئورۇقلاپ كەتكەنلەرنى سەمرىتىشنىڭ شىپالىق دورىسى ھىساپلىنىدۇ.
ﺷﯩﭙﺎﻟﯩﻖ ﺭﻭﻟﻰ: ئۇسسۇزلۇقنى پەسەيتىپ، بەدەننى قۇۋۋەتلەندۈرىدۇ، جىگەر ھەم بۆرەكنى كۈچەيتىدۇ، ئىچكى ئەزانى قۇۋۋەتلەيدۇ، سۈيدۈك ھەيدەيدۇ، ئىچ قېتىشنى داۋالايدۇ، كەم قانلىق، قۇلاق غۇڭۇلداش، كۆز قاراڭغۇلىشىش كېسىلىگە ئالاھىدە پايدا قىلىدۇ. ئۈجمىنىڭ يوپۇرمىقىدا گلۇكوزا ۋە ئورگانىك كىسلاتا بار. ئۇنىڭ تەبىئىيتى سوغۇق دەپ قارىلىدۇ. ئۇ يەل تارقىتىش، قىزىتما قايتۇرۇش، قاننى سوۋۇتۇش، كۆزنى روشەن قىلى، ئىسسقتىن بولغان زۇكام، يۆتەل، باش ئاغرىقى، كۆزنىڭ قىزىللىقىنى داۋالاشتا ئۈنۈملۈك دورا ھىساپلىنىدۇ. ئۈجمە يىلتىزىنىڭ ئاق پوستىدا ئامرىن، گلۇكوزا، رىزىنناتنتول قاتارلىق ماددىلار بار. ئۇنىڭ تەبىئىتى قۇرۇق سوغۇق دەپ قارىلىدۇ، ئۇ دەم سىقىلىشنى، قورساق كۆپۈشنى، سۇلۇق ئىششىقنى، قان تۈكۈرۈشنى داۋالاش رولىغا ئىگە.

ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭ: ﮔﺎﻟﻨﯩﯔ ﻳﯧﺮﯨﻜﻠﯩﻜﻰ، ﺋﺎﯞﺍﺯ ﭘﯜﺗﯜﭖ ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﮔﺎﻝ ﺋﯩﺸﺸﯩﻘﻰ ﯞﻩ ﻳﯘﺗﻘﯘﻧﭽﺎﻕ، ﺑﺎﺩﺍﻣﺴﯩﻤﺎﻥ ﺑﻪﺯ ﻳﺎﻟﻠﯘﻏﻰ، ﺗﯧﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﯘﺭﻏﺎﻗﻠﯩﺸﯩﺸﻰ، ﺑﻪﺩﻩﻥ ﺋﻮﺭﯗﻗﻠﯩﻘﻰ، ﺳﯜﻳﺪﯛﻛﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺸﯩﭗ ﻛﯩﻠﯩﺸﻰ....ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﺩﺍ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﯩﺪﯗ.
ئۈجمە يىلتىزىنىڭ ئاق پوستى ئۇزاق مۇددەت قاينىتىلىپ ئىچىپ بېرىلسە ئۆپكىنى ياشارتىدۇ. ئۈجمىنىڭ نوتا شېخىدا مول مىقداردىكى تاننىن ماددىلىرى بار، ئۇنىڭ يېڭى چىققان، چاتالمىغان، يوپۇرماقسىز نوتا شاخلىرى ئۇششاقلىنىپ، قاينىتىلىپ قويۇقلاشتۇرۇلۇپ ئىچىلسە، سوغۇق يەلنى يوقىتىپ، بوغۇملارنى ياخشىلايدۇ، رېماتىزىم، پىللاگرا، پۇت- قول قولىشىشلارنى داۋالايدۇ، قاندىكى يەلنى تۈگىتىپ، بەش ئەزانى ياخشىلايدۇ.
ﺯﯨﻴﺎﻧﻠﯩﻖ ﺗﻪﺳﯩﺮﻯ: ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﯨﻨﻰ ﺋﺎﺟﯩﺰﻻﺭﻏﺎ ﺯﯨﻴﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ.
ﺗﯜﺯﻩﺗﻜﯜﭼﯩﺴﻰ: ﺯﯨﺮﻩ، ﺟﺎﯞﺍﺭﯨﺶ ﻛﯘﻣﯘﻧﻰ
ﺋﻮﺭﯗﻧﺒﺎﺳﺎﺭﻯ: ﻗﺎﺭﺍ ﺋﯜﺟﻤﻪ

hezret2011 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-18 11:08:59

ئاق ئۈجمىنىڭ خۇسۇسىيەتلىرى ھەققىدە
ئۈجمە يازلىق مېۋىلەر ئىچىدە ھەممىدىن بۇرۇن پىشىپ مېۋە بېرىدىغان مېۋىلىك دەرەخ بولۇپ، ئۇ دورىلىق قىممىتى ۋە ئىقتىسادىي قىممىتى (ئاساسلىقى يېپەكچىلىكتىن كىلىدىغان ئىقتىسادىي قىممىتى) ناھايىتى يۇقىرى بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە. ئۇ ئاساسلىقى ئاق ئۈژمە ۋە قارا ئۈژمە، يەنى شاتۇت دەپ ئىككى خىلغا ئايرىلىدۇ. ئاق ئۈژمىنىڭ مېۋىسى شىرنىلىك، تەمى تاتلىق، يۇمشاق؛ قارا ئۈژمىنىڭ مېۋىسى شىرنىلىك، يۇمشاق، تەمى چۈچۈمەلرەك بولىدۇ. ئەجداتلىرىمىزدىن قالغان «ئۈژمە ئۆستۈرگەن كىشىنىڭ ئۈژمىسى پىشىپ مېۋىسى يەرگە تۆكۈلگەندە، ئۇنىڭ گۇناھى بولسا ئۈژمە بىلەن بىللە تۆكۈلىدۇ»، «ئۈژمە پىش، ئاغزىمغا چۈش» دېگەنگە ئوخشاش ماقال-تەمسىللەر بىزگە خەلقىمىزنىڭ ئۇزاق زامانلاردىن بۇيان، ئۈژمىنى ئالاھىدە چوڭ بىلىپ ئۆستۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ كېلىۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
ئاق ئۈجمە مېۋىسىنىڭ قان كۆپەيتىپ، مېڭە، ئۆپكە، جىگەر، بۆرەككە قۇۋۋەت بىرىش، ماغدۇرلاندۇرۇش خۇسۇسىيىتى بار. مېڭىدىكى نۇرمالسىز سەپرا، سەۋدالارنى تەڭشەيدۇ. ئۇندىن باشقا قۇرۇق مىزاجلىقلارنىڭ بەدىنىگە ھۆللۈك تولۇقلاپ چوڭ-كىچىك تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش، قىزتما قايتۇرۇش، ئۇسسۇزلۇقنى پەسەيتىش، ئىششىق ياندۇرۇش، تېرىگە جۇلا بىرىش، ئۇيقۇ كەلتۈرۈش، بەلغەم بوشۇتۇش، يۆتەل پەسەيتىش، سېمىرتىش خۇسۇسىيەتلىرى بار.
ئەسكەرتىش: ھۆل مىزاجلىقلارغا تەۋسىيە قىلىنمايدۇ. ئازىراقلا يەپ بولدى قىلىش كېرەك. بەلغەم-ھۆل مىزاجلىق كىشىلەر كۆپ ئىستىمال قىلسا مېڭىدىكى ھۆللۈكنى كۈچەيتىپ، بەدەننى-پەينى بوشۇتۇپ ئىزلەڭگۈ قىلىپ ئۇيقۇنى كۆپەيتىۋېتىدۇ. ئاشقازانغا زەرەر قىلىدۇ.


* ئاق ئۈجمە پىشقاندا كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 40 گىرامدىن 80 گىرامغىچە پاكىز يۇيۇپ يەپ بەرسە، ئىچكى ئەزالارنى قۇۋۋەتلەيدۇ، بەدەننى، بۆرەكنى جىگەرنى كۈچلەندۈرىدۇ، ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرۇپ، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرىدۇ، ئۇيقۇنى ياخشىلاپ، ئىشتىھانى ئاچىدۇ، نېرۋىنى ياخشىلايدۇ، قان كۆپەيتىپ، كۆزنى روشەنلەشتۈرىدۇ، قۇلاق غۇڭۇلداشقا، قەۋزىيەتكە مەنپەئەت قىلىدۇ.
* ئاق ئۈجمە يوپۇرمىقىنى كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 15 گىرامدىن پاكىز يۇيۇپ قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، قىزىتمىنى قايتۇرىدۇ، يەلنى ھەيدەپ، قاننى سۇيۇلدۇرىدۇ، ئىسسىقتىن بولغان زۇكام، يۆتەل، باش ئاغرىقلىرى، كۆزدىكى قىزىللىققا مەنپەئەت قىلىدۇ. توسالغۇلارنى ئېچىپ، قەۋزىيەتنى داۋالايدۇ.
* ئاق ئۈجمە يېلتىزىنىڭ ئاق پوستىنى كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 10 گىرامدىن ئېلىپ پاكىز تازىلاپ قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ئۆپكىنى ياشارتىدۇ، يۆتەلنى توختىتىدۇ. دەم سىقىلىشنى ياخشىلايدۇ، ئۆپكىنىڭ ئىسسىقتىن بولغان ئاغرىقلىرى، قان تۆكۈرۈش، سۇلۇق ئىششىق، قورساق كۆپۈشكە مەنپەئەت قىلىدۇ. (ئىزاھات: سوغۇقتىن بولغان يۆتەللەرگە بېرىلمەيدۇ)
* ئاق ئۈجمىنىڭ نوتا شېخىنى پاكىز تازىلاپ يالپاغداپ كېسىپ قاينىتىپ كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 10 گىرامدىن ئىچىپ بەرسە، رېماتىزىملىق بوغۇم ئاغرىقلىرىغا مەنپەئەت قىلىدۇ، سوغۇق يەلنى ھەيدەپ، پۇت - قول ئۇيۇشۇشنى ياخشىلايدۇ، قاننى تازىلايدۇ.
* ئۈجمىنىڭ غازىڭىنى قاينىتىپ غار-غار قىلسا گال ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
* ئۈجمىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، سىقىپ ، سۈيىگە سىركە قۇشۇپ ئىچىپ بەرسە ، قىزىتما قايتۇرىدۇ.
http://www.80halta.com/article/646.htm

tayker يوللانغان ۋاقتى 2014-5-18 15:44:02

مەن تۆت كۈن ئىلگىرى ئاچامنىڭ ھويلىسىدىكى ئۈجمىدىن تويغۇچە يەۋالاي دەپ ئۆگزىسىگە چىقسام بەكمۇ تەستە پىشقان ئۈجمىدىن 20-30تالدەك ئاران تېپىپ يىيەلىدىم ، يەكەن ناھىيمىزدە يىقىندىن بۇيان كۆپىنچە ۋاقىتلاردا توپا - چاڭ بورانلىق ھاۋارايى كۆرۈلگەچكە ئۈجمىلەر بەكلا توپا بىسىپ كىتىپتۇ ،ھەم مەي باغلاپ پىشقان ئۈجمىلەر بوراندا يەرگە چۈشۈپ ئادەم تونۇغۇسىز دەرىجىدە بولۇپ كېتىپتۇ . مەن بۇ تىيمىنى كۆرۈپ خاسىيەتلىك ئۈجمە مىۋىسىنىڭ شىپالىق رولىنى بىلىۋالدىم ، تەشەككۈر ...

hoopeelover يوللانغان ۋاقتى 2014-5-18 18:06:40

ئۈژمە سايىسى ، ئۈژمە كۆڭۈل،  ئۈژمە پىش ئاغزىمغا چۈش،  ئۈژمە ياغىچى ................
ئۈژمەگە مۇناسىۋەتلىك ماقال تەمسىل ،ئىدىيوم بولسا دەڭلار

anw8735 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-18 20:52:20

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2014-5-18 20:58:06

hoopeelover يوللىغان ۋاقتى  2014-5-18 18:06 static/image/common/back.gif
ئۈژمە سايىسى ، ئۈژمە كۆڭۈل،  ئۈژمە پىش ئاغزىمغا چۈش،  ئ ...

.................................

كارىز بېشىدىن كەلسەم،
جۈجەملەر پىشىپ قاپتۇ.
كىچىككىنە شۇ يارىم،
ۋاي چۈشۈمگە كىرىپ قاپتۇ..
ھەيرانىڭمەن......

................................

umut33 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-20 10:51:23

بىز تەرەپلەردە تېخى پىشمىدى ، ھاۋا سوغۇق قېلىن چاپانلار بىلەن بىز

azharbag يوللانغان ۋاقتى 2014-5-20 19:26:38

قەشقەردە  بۇگۇن  ساتقىلى تۇرۇپتۇ
بەت: [1]
: ئۈجمە-ئۈژمە-جۈجەم پىشتى!