hezret2011 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-18 09:34:55

قاش مويلىرىنى ئاسرىغۇچى دورىلار توغرىسىدا

قاش مويلىرىنى ئاسرىغۇچى دورىلار توغرىسىدا
شاقايىئۇن نىئمان يۇپۇرمىقىدىن تۆت ھەسسە، رەيۇل ھەمام يەنى چاشقان پىيىزى ئۆسۈملۈكى ۋە ئۇنىڭ يىلتىزى، ئەنجۈرنىڭ شېخى ھەربىرى بىر ھەسسە، لادەن ئۈچ ھەسسە، پىرسىياۋىشان ئىككى ھەسسە، دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ مەستىكى يېغى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ئىشلىتىلىدۇ. يەنە بىر نۇسخىدا تەشرا يىلتىزى، ئەشراس يىلتىزى، چىلغۇزا دەرىخىنىڭ كۈلى ھەربىرى بىر ھەسسە. چىلغۇزىنىڭ يۇپۇرمىقى ئىككى ھەسسە. دورىلارنىڭ ھەممىنى خۇشپۇراقلاشتۇرۇلغان ئاس يېغى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ سۇۋۇلىدۇ. بۇ كۆپ قوللىنىلغان تەجرىبىلەر بولۇپ نۇرغۇن ئادەملەر بۇ توغرىسىدا ماختىشىدۇ. ئەگەر قاش مويلىرىنىڭ چۈشۈش سەۋەبى مىزاجنىڭ قۇرۇقلىقى قان ئازلىق سەۋەبىدىن بولسا بەدەننى سەمرىتىش ئۇزۇقلاندۇرۇش ئۈچۈن ياخشى ئۇزۇقلارنى بېرىش ۋە بەدەنگە ماي پەيدا قىلىش، بەدەننىڭ ھارارىتىنى ئاشۇرۇش، ھەرقانداق چۈچۈمەل، تۇزلۇق، مۇز تەملىك نەرسىلەردىن چەكلەش كېرەك ۋە جىنسى ئاجىزلىقنى يەنى شەھۋانى ئىشلاردىن يىراق بولۇش لازىم. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ھاراق ئىچىش قاتارلىقلاردىن چەكلەش كېرەك. تاتلىق سۈيى بار مۇنچىلارغا كۆپرەك چۈشۈش لازىم. بەدەنگە ئىشقارلىق نەرسىلەرنى شۇنداقلا سوپۇن ۋە ئىشقار تەركىبىدىكى نەرسىلەرنى يېقىنلاتماسلىق لازىم. بەلكى باقىلا تالقىنى، قوغۇن ئۇرۇقى، گىلى مەختۇم، ئىسپىغۇل قاتارلىق نەرسىلەر بىلەن يۇيۇش لازىم. ئەگەر تەر تۆشۈكچىلىرىنى يىغلىپ قالغان سەۋەپتىن بولسا بۇنداق ۋاقتىدا تارقىتىش ۋە نىپىزلاشتۇرۇش، تەۋرىنىش پەيدا قىلغۇچى تەدبىرلەرنى قوللىنىش كېرەك. ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۇزۇقلۇقلاردا توسالغۇلارنى ئۈچقۇچى نەرسىلەرنى بېرىلىدۇ. مەسىلەن: قىچا، سامساق، كۈدە قاتارلىقلارنى بېرىلىدۇ. تىرىلەرنى ساپ سىياھ، قىچا، پۇدىنەج، سوزاپ، پىياز قاتارلىق نەرسىلەر بىلەن يۇيۇش كېرەك. ۋە مۇنچىغا كىرگەندە تارقىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە دورىلارنىڭ سۈيى بىلەن يۇيۇندۇرىلىدۇ. باشنى توغرىغۇ، كۆپىكى دەريا قاتارلىقلار بىلەن يۇيۇش لازىم. بۇ خىلدىكى بىمارلارنى ھەرقايسى خىلدىكى ياغلارنى ئىشلىتىشتىن پەرھىز قىلدۇرۇش كېرەك. ئەگەر تىرىلەردە ھەرىكەت پەيدا قىلىش ۋە نىپىزلەشتۈرۈش زۆرۈرىيەت بولسا بۇنىڭ ئۈچۈن يۇقىرىدا سۆزلەنگەن دورىلار پايدىلىقتۇر. كۆپىنچە تۇتۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە بولغان نەرسىلەرنى ئىشلىتىش لازىم. تۇتۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە بولغان سۇۋالمىلارنى ئىشلەتسە بولىدۇ. مۇنچىغا كىرىش، ئىسسىق سۇ بىلەن يۇيۇنۇش، ئۇنىڭدىن كىيىنلا تۇيۇقسىز سۇغۇق سۇ بىلەن سۇغۇقلۇقنىڭ تەسىرىگە ئۇچراتقۇزۇش ئارقىلىق بەدەندە تىترەش ۋە ھەرىكەت پەيدا قىلغىلى بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن تەر تۆشۈكچىلىرىدە ئېچىلىش ھاسىل بولىدۇ.
مەنبەسى:
http://bbs.eldawa.com/forum.php?mod=viewthread&tid=3350
بەت: [1]
: قاش مويلىرىنى ئاسرىغۇچى دورىلار توغرىسىدا