bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2014-5-18 03:27:30

(bilgejan) «مەخپىي» دورىلاردىن ھەزەر ئەيلەڭ

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilgejan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-18 08:18  

سىتىروئىدلىق ھورمونلاردىن ھەزەر ئەيلەڭ - DES تىن بىلىنگەن پاكىتلار
تۇرسۇنجان نۇرمەمەت بىلگە



ئامېرىكىدا سىتىروئىدلىق ھورمون تىلغا ئېلىنسا تۇنجى بولۇپ كىشىلەر كاللىسىغا كىلىدىغىنى - سېنتىزلەنگەن تېستوستېرون ۋە يوغان مۇسكۇللار بولۇشى مۇمكىن. سېنتىزلەنگەن تېستوستېرون دەرۋەقە مۇسكۇل يوغانتىش رولىغا ئىگە بولۇپ، ئەڭ دەسلەپ  ئەرلەردىكى بەزى جىنسىي كېسەللەرنى داۋلاش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان دورا سۈپىتىدە بارلىققا كەلگەن. تېستوستېرون ئۇرۇقدان ۋە بۆرەك ئۈستى بېزىدىن ئىشلەپچىقىرىلىدىغان تەبئىي ھورمون بولۇپ، بۇ ھورمۇن تۆرەلمە جىنسىنى بەلگىلەش ۋە ئەرلىك ئىككىلەمچى ئالامەتلەرنى بەلگىلەشتە ئورنىنى ئالغىلى بولمايدىغان دەرىجىدىكى مۇھىم رولغا ئىگە بولغاچقا تەبئىي ئىشلەپچىقىرىلىدىغان تېستوستېرون كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم ماددا ھېسابلىنىدۇ. بۇ ھورمۇن تۇنجى قېتىم 1935-يىلى كرودىيەدە تۇغۇلۇپ شېۋىتسارىيەدە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغان، 8 كەسىپتە دوكتورلۇق ئۇنۋانى ۋە سانسىزلىغان ئىلمىي مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن داڭلىق ئالىم لىئوپولد رۇزىكا  Leopold Ruzicka تەرىپىدىن بايقالغان بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ بايقىشى ئۈچۈن 1939-يىللىق «نوبېل خېمىيە مۇكاپاتى» مۇشۇ كىشىگە بېرىلگەن.  ئەكسىچە، تەبئىي تېستوستېرونغا ئوخشىمايدىغان يېرى - سېنتىزلەنگەن تېستوستېرون ئىشلىتىلىشكە باشلاپ ئۇزۇن ئۆتمەي قارشى ئىلىنمايلا قالماي، بەلكى تەنھەرىكەت ساھەسىدە ئىشلىتىش چەكلەنگەن، دوختۇرلار ئىشلىتىشىنى تەشەببۇس قىلمايدىغان بىر «يامان ئاتلىق» دورىغا ئايلىنىپ قالغان. نېمە ئۈچۈن بۇ سىتىروئىد تىپىدىكى ھورمونلۇق دورا شۇنچە قارشى ئىلىنمايدۇ-يۇ، ئەمما قاراڭغۇ بازارلاردا ئېقىپ يۈرىدۇ؟

بۇ تېمىدا قەلەم تەۋرىتىش ئانچە ئاسان ئىش ئەمەسكەن، شۇنداقتىمۇ ئىلمىي پاكىتلارنى يەتكۈزۈشنى  ۋە سالامەتلىككە ناچار قىلمىشلار بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارغا ئاگاھ بولۇشىنى مەقسەت قىلىپ ناھايىتى ئېھتىياتچانلىق بىلەن بۇ ماقالىنى يېزىپ چىقتىم. بۇ يەردە ئىلمىيلىككە ياتمايدىغان گەپمۇ يوق، ئەمما بەكلا خىجىلچان بولسىڭىز مۇشۇ يەردە توختاپ قىلىڭ. ھورمونلۇق دورىلار نۇرغۇن كېسەلللەرنى داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى تەركىبىدە سىتىروئىدلىق ھورمون بار بولغان دورىلاردىن ئىمكانقەدەر ھەزەر ئەيلىگەن تۈزۈك. بولۇپمۇ ياشقا چوڭ ئەرلەر ۋە بىر قىسىم ياش ئەرلەر بۇلۇڭ-پۇچقاقلاردىن ئىزدەپ-سوراپ تاپىدىغان ئاتالمىش «شىردەك قىلىۋەتكۈچى» دورىلارنىڭ تەركىبىدە ھەددىدىن كۆپ مىقداردا سېنتىزلەنگەن تېستوستېرون قاتارلىق سىتىروئىدلىق ھورمونلار بار بولۇپ خېلى بازارلىق ئىكەنلىكى مەلۇم. ئەپسۇسكى، بۇ دورىلارغا ئۆگىنىۋالغانلار ئۆزىدە ئەسلىدە بار بولغان بارلىق ئىقتىداردىن مەھرۇم قېلىشى ۋە ئېغىر دەرىجىدىكى يۈرەك كېسەللىرىگە گېرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقى ناھايىتى يۇقىرى. ئۇنىڭدىن باشقا، كۆپ قىسىم غايەت زور مۇسكۇل چىقىرىۋالىدىغانلارمۇ سېنتىزلەنگەن تېستوستېرون ئىشلىتىدىغان بولۇپ، بۇ خىل سىتىروئىد تىپىدىكى ئەرلىك جىنسىي ھورمون گەرچە مۇسكۇل يوغانتىشقا ياردەم قىلسىمۇ، كۆپ مىقداردا ئىشلەتكەندە، بۇنىڭ ئەرلەر كۆپيىش ئىقتىدارىغا پاسسىپ تەسىرى بولۇشى ياكى ئىشلەتكۈچى كۆپىيىش ئىقتىدارىدىن پۈتۈنلەي ئايرىلىپ قىلىپ قارىماققا ناھايىتى مۇسكۇللۇق كۆرۈنسىمۇ ئەمەلىيەتتە ئۆزى بولۇشنى ئارزۇ قىلغان «ئەركەك» بولالماسلىقى مۇمكىن. تېستوستېرون ئاياللاردىمۇ ئاز مىقداردا بار بولۇپ، مىقدارى ھەددىدىن زىيادە تۆۋەنلەپ كەتسە ئاياللاردىكى بەزى بىنورماللىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا ئاياللارمۇ بۇ تۈردىكى دورىلارنى ئىشلىتىشى مۇمكىن. بەزىدە كىشىلەرنىڭ ھورمون دېگەن سۆزنى سەت گەپ چۈشىنىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ قالىمەن، بەلكىم جەمئىيەتتە ھورمون دېگەن سۆزنىڭ سەت گەپتەك ئاڭلىنىشىنىڭ سەۋەبىمۇ مۇشۇ خىل دورىلاردىن كىلىپ چىققانمىكىن، دەپ قالىمەن.



ھورمونلۇق دورىلارنىڭ تۈرلىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، نۇرغۇن ئېغىر كېسەللەرگە بۇ خىلدىكى دورىلارنى ئىشلىتىدۇ. مەسىلەن، ئەزا ئالماشتۇرغان بىمارلار، بەزى راك كېسەللىكلىرى... دېگەندەك. بەزىدە تېرە كېسەللىكلىرى، يۈرەك كېسىلى، زىققا كېسىلى، بوۋاقلاردىكى كەمتۈك (بالدۇر) تۇغۇلۇپ قېلىش... دېگەندەك كېسەللەرنى داۋالاشتىمۇ ھورمۇنلۇق دورىلار ئىشلىتىلىدۇ ۋە ئىشلىتىشتىن ساقلانغىلىمۇ بولمايدۇ. بۇ ئېغىر كېسەللەرگە ئىشلەتكەندە زېيىنىدىن پايدىسى كۆپ بولۇپ ھاياتنى ساقلاپ قىلىشقا تاقىشىدىغان بولغاچقا بۇ ئەھۋاللاردا ئىشلىتىش بىلەن كۆڭۈل خۇشلۇقى ئۈچۈن بۇ تۈردىكى دورىلارنى ئىشلىتىشنىڭ زور پەرقى بار. بۇ تېما پەقەت سىتىروئىدلىق ھورمۇنلار ئۈستىدە يېزىلىۋاتىدۇ، باشقا تۈردىكى ھورمونلۇق دورىلارغا ماس ئەمەس.

ئەمەلىيەتتە، سىزدە ھەقىقەتەن كىلىنىكىلىق كېسەللىك بولسا، ئۇ ھالدا دوختۇرغا كۆرۈنۈشىڭىز كېرەككى، ھەرگىزمۇ ئالدىراڭغۇلۇق بىلەن خالىغانچە دورىلارنى يېيىشكە بولمايدۇ. مەخسۇس شۇ تۈردىكى كىلىنىكىلىق كېسەللەرگە شىپا بولىدىغان دورىلارمۇ بار بولۇپ، ئۇلار سىتىروئىدلىق دورىلار قاتارىدىن ئەمەس. پەرىزىمچە، بۇغدا دوختۇرخانىسى قاتارلىق كەسىپلەشكەن مەخسۇس دوختۇرخانىلاردا خەلىقئارادىكى ئەڭ ياخشى دورىلارنى ئىشلىتىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ. ھازىرقى دورىلار ئاساسلىقى تومۇرنى كېڭەيتىش ئارقىلىق تەسىر قىلدىغان سىتىروئىدلىق بولمىغان دورىلار بولۇپ سېنتىزلەنگەن تېستوستېروندىن تۈپتىن پەرقلىنىدۇ. بۇ تۈردىكى دورىلارنىڭ تۇنجىسى 1983-يىلى ئامېرىكىنىڭ لاس ۋېگاس شەھرىدە ئېچىلغان «ئاجايىپ ئۆزگىچە» بىر ئىلمىي دوكلاتتا دۇنياغا ئاشكارىلانغاندىن بۇيان، شۇ تۈردىكى دورىلار داۋاملىق ياخشىلىنىپ، ياخشى داۋالاش ئۈنۈمى ياراتماقتا. بۇ «ئاجايىپ ئۆزگىچە» دوكلات خىلى قىزىقارلىق بولۇپ، بەلكىم بۇنىمۇ بىلىپ قويغاننىڭ زېيىنى بولمىسا كېرەك. 1983-يىللىق «ئامېرىكا سۈيدۈك يولى كېسەللىكلىرى ئىلىمىي جەمئىيتى» يىغىنى ئىلىم-پەن تارىخىدا ئۇنتۇلماس بىر يىغىن بولدى ۋە بۇ ئىلمىي يىغىندىن كىيىن ئالىملارنىڭ «ئىسپات»نى قانداق كۆرسىتىشى كېرەكلىكى ھەققىدە ئاكادىمىيە ساھەسى ۋە پۈتۈن جەمئىيەتتە زور غۇلغۇلا ۋە تالاشت-تارتىشلار بولۇپ ئۆتتى. بۇ يېغىنغا قەدەم تەشىرىپ قىلغان ئالىملار ئىچىدە 57 ياشلىق ئەنگىلىيە فىزىئولوگىيە ئالىمى، مۇزىكاشۇناس دوكتور گىلېس برىندلىي (Giles Brindley) دوكلات سۆزلىمەكچى بولغىنىدىن ئالاھىدە ھاياجانلانغان بولۇپ، نەق مەيدان قاتناشچىلىرى ئۇنى كۆرۈشنى خالىغاندىكىدىن بەكرەك «ھاياجان»دا كۆرگىنىدىن كۆزلىرىگە ئىشىنەلمەي قىلىشقان. بۇ كىشى ئۆزى يېڭى تەتقىق قىلىپ چىققان بىر دورىنىڭ ياشانغان ئەرلەردىكى ئاجىزلىقنى داۋالىيالايدىغانلىقىغا نۇرغۇن ئىلمىي ئىسپاتلار ۋە سۈرەتلەرنى كۆرسىتىپ نەق مەيداندىكى ئالىملارنى بۇ دورىنىڭ ئۈنۈملۈك ئىكەنلىكىگە قايىل قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ بولدى قىلماستىن بۇرۇنقى ئىشەنمەسلىك ۋە بېشىدىن ئۆتكەن رەت قىلىشلارغا قارىتا ئويلىمىغان يەردىن ئۇنتۇلماس بىر ئىلمىي ئىسپاتنى كۆرسەتكەن: ئۇ دوكلاتنىڭ ئاخىرقى مېنۇتىدا ئۆزىنىڭ 30 مېنۇت ئىلگىرى ئۆزى تەتقىق قىلغان دورىنى يېگەنلىكىنى ئېيتىپ ئارقىدىنلا نەچچە يۈزلىگەن ئەر ۋە ئايال تەتقىقاتچىلار لىكسىيە ئاڭلاپ ئولتۇرغان زالدا ئىشتىنىنى سېلىپ تاشلاپ، ئۇ دورىنىڭ «ھەقىقىي ئۈنۈمى» بارلىقىنى نامايەن قىلغان! بىز بۇ يەردە بۇ ئىش توغۇرلۇق كۆپ تالاش-تارتىش قىلىشىمىز ھاجەتسىز، ئەمما شۇنداق بىر تارىخىي ۋەقەتنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى بىلىپ قالساقلا كۇپايە.



سىتىروئىدلىق ھورمونلار ئۆتكەن ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا دەسلەپ سېنتىزلىنىپ دورا ئورنىدا ئىشلىتىلىشكە باشلىغاندا كىشىلەر ئالتۇن تېپىۋالغاندەك خۇشال بولۇشقان، ئەمما ھەقىقىي ئالتۇن تاپقىنى شۇ دورا شېركەتلىرى بولۇپ قالغان. بۇنىڭ ئىچىدە دۇنياغا سېسىق نامى پۇر كەتكەن DES ناملىق دورا ئەڭ مەشھۇر بولۇپ، بۇ دورىغا قاراپلا ھەممە ھورمونلۇق دورىلار ناچار دېگىلى بولمىسىمۇ، ئەمما مۇشۇ دورا ئارقىلىق پۈتۈن دۇنيادىكى ئالىملار، دوختۇرلار سىتىروئىدلىق ھورمون دېگەن سۆزنى ئاڭلىسا  سەل چۆچۈپ، سەزگۈرلۈكنى كۆتۈرۈپ، قاپاقنى تۈرۈپ دېققەت قىلىدىغان بولدى. بۇنىڭ نېمە ئۈچۈنلىكىنى بىلىشكە قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ھېكايىگە نەزەر تاشلاڭ:

دۇنياغا مەشھۇر DES ھېكايىسى



تۇنجى بولۇپ، 1938-يىلى 2-ئاينىڭ 5-كۈنى ئەنگىلىيە ئوكسىفورد ئۇنىۋىرستىتىدىكى ئالىملار تەرىپىدىن  «تەبىئەت» ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغان بىر سېنتىزلەنگەن ھورمون توغرىسىدىكى بىر ماقالە  دۇنيانىڭ دىققىتىنى قوزغىغان (http://www.nature.com/nature/journal/v141/n3562/pdf/141247b0.pdf). بۇ ماقالىدە «دى ئىتىل ستىلبېسترول» (diethylstilbestrol, DES) دەپ ئاتىلىدىغان بىر خېمىيلىك سېنتىزلەنگەن ماددىنىڭ سىتىروئىد تىپىدىكى ئاياللىق جىنسىي ھورمۇن «ئېستىروگېن»  نىڭ خۇسۇسىيىتىگە ئىگە ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بۇ ماددىنى ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن پاتېنىت ھوقۇقى ئىلتىماس قىلىنمىغان بولغاچقا 200 دىن ئارتۇق دورا شېركەتلىرى تەرىپىدىن زور مىقداردا ئىشلەپچىقىرىلىپ نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ بېيىشىغا سەۋەپچى بولغان. لىكىن ئۇ ۋاقىتلاردا  بۇ سېنتىزلەنگەن ھورمۇننىڭ دۇنياغا زور بالايئاپەتلەرنى ئىلىپ كىلىدىغانلىقىنىى ھىچكىممۇ ئويلاپ يەتمىگەن. بۇ ھورمۇن 1941-يىلى ئامرىكىدا ۋە دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدا بىر قانچە خىل ئاياللار كېسەللىكلىرىنى داۋالاشقا ئىشلىتىش ئۈچۈن رۇخسەت قىلىنىپ بازارغا سېىلىنىغان. كىينچە، ھامىلە چۈشۈپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئىلىش رولى بار دەپ قارىلىپ ھامىلدار ئاياللارغا بىرىلگەن. ئۇنىڭدىن باشقا، DES يەنە مەزى بېزى راكىنى ساقايتىش رولى بار دەپ قارىلىپ مەزى بېزى راكىغا گرىپتار بولغان ئەرلەرگىمۇ 1941-يلىدىن باشلاپ ئۇدا 40 يىل بىرىلگەن. ئەپسۇسكى، 1950-يىللاردىن باشلاپلا ئامرىكا چىكاگو ئۇنىۋىرستىتدىكى تەتقىقاتچىلار تۇنجى بولۇپ DES نىڭ ھامىلە چۈشۈپ كىتىشنىڭ ئالدىنى ئىلىشتا ھىچقانداق رولى يوقلۇقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. 1960-يىللاردا باشقا نۇرغۇن تەتقىقات گۇرۇپپىلىرى ئوخشاش خۇلاسىغا كەلگەن. 1970-يىللارغا كەلگەندە كىشىنى ئەندىكتۈرىدىغان ھادىسە ئاخىرى بايقالغان. يەنى ھامىلدارلىق مەزگىلىدە DES يىگەن ئانىلارنىڭ قىز پەرزەنتلىرىنىڭ جىنسىي يول راكىغا گرىپتار بولۇش نېسبىتى باشقا ئاياللارنىڭ قىزلىرىدىن 40 ھەسسە يۇقىرى بولغان! ئارقا-ئارقىدىن DES ناملىق بۇ «سېھىرلىك» ھورمۇننىڭ ئىككىنچى ئەۋلادتا ئەمچەك راكى ۋە بالياتقۇ يولى راكى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقى بايقالغان.

بۇ دورىنى يىگەن ئانىلارنىڭ ئوغۇللىرى بولسا تۇغماسلىق ۋە  ۋە مەزى بىزى راكىغا گىرىپتار بولۇش نېسىبىتى ناھايتى يۇقىرى بولغان. ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ دورىنى يىگەن ئانىلاردا ھامىلە چۈشۈپ كىتىش نېسبىتى، ھامىلىنىڭ قورساقتا ئۆلۈپ قىلىش نېسبىتى، بالدۇر تۇغۇلۇپ قىلىش نېسبىتى، بالياتقۇ سىرتىدا ھامىلدار بولۇش نېسبىتى ۋە بالدۇر كلىماتىرىيە دەۋرىگە قەدەم قويۇش نېسبىتى بۇ دورىنى يىمىگەن ئاياللاردىن خېلىلا يۇقىرى ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان. شۇنداقلا، ئانىسى ھامىلدارلىق مەزگىلىدە مۇشۇ دورىنى ئىستىمال قىلغان ئەر تۇنجى بولۇپ جىنسىنى ئايالغا ئۆزگەرتكەن ۋە شۇنداق ئانىدىن تۇغۇلغان ئوغۇللارنىڭ قوش جىنىسلىق بولۇش نېسبىتى، جىنسىي ئىقتىدار ئاجىزلىقى، جىنىسنى ئايالغا ئۆزگەرتىش نېسبىتى ۋە ئاياللىق خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە بولۇش نېسبىتى ئانىسى بۇ دورىنى يىمىگەن ئوغۇللاردىن نەچچە ھەسسە يۇقىرى بولغان. ھەتتا، بۇ دورىنى يىگەن ئانىلاردىن تۇغۇلغان كىشىلەردە مەيۈسىلىنىش ۋە باشقا روھىي كېسەللەرگە گرىپتار بولغانلارنىڭ نېسبىتى ئادەتتىكىدىن يۇقىرى ئىكەنلىكى بايقالغان. ھازىر ئۈچىنچى ئەۋلاد كىشىلەر تەكشۈرۈلمەكتە. شۇنداق قىلىپ، بۇ دورا ئاستا-ئاستا ئىشلىتىلىشتىن چەكلىنىپ 1997-يىلى .ئامرىكىدىكى ئەڭ ئاخرىقى ئىشلەپچىقارغۇچى شېركەت بۇ دورىنى ئىشلەپچىقىرىشتىن توختىغان. ئانىسى ھامىلدارلىق مەزگىلىدە بۇ دورىنى ئىشلىتىپ كىيىن ئەمچەك راكىغا گىرىپتار بولۇپ قالغان ئاياللار بىرلىشىپ دورا شىركەتلىرى ئۈستىدىن ئەرىز قىلغان ۋە بۇ ئەرىز تا ھازىرغىچە داۋاملاشماقتا.

خۇلاسىلىسام، گەرچە بازاردا سېتىلىدىغان سېنتىزلەنگەن تېستوستېرون تەركىبلىك ئاتالمىش «قۇۋۋەتنى كۈچەيتكۈچى» دورىلارنىڭ كۆزلەنگەن مەقسەتكە نىسبەتەن ھەقىقەتەن مەلۇم رولى بار بولسىمۇ، ئەمما بۇ دورىلارنى ئىشلىتىشنىڭ ئاقىۋىتى ئىنتايىن يامان. ئىنسان بولغانكەنمىز، ئۆزىمىزنى چۈشىنىشكە تىرىشىشىمىز، ئۆزىمىزنى ھالاكەتكە باشلاپ نابۇت قىلىدىغان دورىلاردىن ئىمكانقەدەر يېراق تۇرۇشىمىز لازىم.

ھورمونلار توغرۇلۇق دەسلەپكى بىلىملەرگە ئىگە بولماقچى بولسىڭىز مەن يازغان تۆۋەندىكى ماقالىلارنى ئوقۇپ چىقىڭ:

بەدىنىڭىزنى چۈشىنىۋىلىڭ: ھورمۇن دېگەن نېمە؟
بەدىنىڭىزنى چۈشىنىۋىلىڭ: ئىچكى ئاجراتما سىستىمىسى
ھورمونلار ۋە يېمەكلىك بىخەتەرلىكى



ئەسكەرتىش: بۇ ماقالىنى مەنبەسى ۋە ئاپتورنى ئەسكەرتىپ خالىغانچە كۆچۈرۈپ تارقاتسىڭىز بولىدۇ. ئىمكانقەدەر كۆپرەك تارقىتىپ قويۇشۇڭلارنى سورايمەن.

man_sarang يوللانغان ۋاقتى 2014-5-18 07:52:50

رەھمەت ئىنىم. مەن ھورمون توغرىلىق گەپ بولغاندىلار مۇشۇ ئىشنى سورىماقچى بولۇپ، ئوزەمنى چەكسىز تۇتىۋالغان ئىدىم.  بۇگۈن بۇ تىمىنى كورۇپ سوزلىگۈم كېلىپ قالدى.
يۇرتىمىزدا مۇشۇنداق دورا ساتىدىغان دوكانلار خېلى بار، ساتىدىغىنى خەقتىن، خېرىدارلىرىمۇ شۇ بىزدىن، چوڭىمۇ بار، كىچىكىمۇ بار. ئالغۇچى بىلەن ساتقۇچى گېپىنى ئۇقۇشالماي، يولدا كىتىۋاتقانلارنى «تەرجىمانلىق» قا تەكلىپ قىلىدۇ تېخى، [بۇغۇ نەچچە يىل بۇرۇنقى ئىشلار]:lol  1998-يىللىرى ئۇرۇمچى نەنمىن دىكى ئەينەك ئىھرامنىڭ ئاستىدىكى بازاردىن ئوتكىلىمۇ خىجىل بولاتتىم، ئۇ يەردە ئاچامدەك، سىڭلىمدەك ئۇيغۇر قىز-ئايالار سىزنى توۋلاپ قىچىرىپ تۇرۇپ شۇنداق دورىلارنى ساتاتتى،

ماڭا بىرسى بۇرنىمىزدىن يىتىلەپ كىتىۋاتقاندەكلا بېلىنىدۇ، بىر كورۇنمەس قول بار، ھەر ساھە، ھەر توپلامدىكى ئادەملەرنى مەلۇم تەرەپكە قاراپ يىتىلەپ كېتىۋاتىدۇ، يامان يېرى ئوزىنىڭ يتىلىنىپ كەتكەنلىكىنى بىلىدىغانلار بەك ئاز، بىلسىمۇ يالغۇز قېلىشتىن قورقساق كىرەك، ئىشقىلىپ بىزنىڭ يىتىلىنىپ كېتىۋاتقانلىقىمىز ئىنىق. گەپ قېيىپ كەتتى دىمەڭلار، مۇشۇنداق ھورمۇنلۇق دورىلارنىڭ ھىچقانداق ئىھتىياجى بولمىسىمۇ «ئىستىمال قىلىپ باققان»، ئىستىمال قىلىۋاتقانلارنى بىلىمەن، ماڭىمۇ تەۋسىيە قىلىپ باقىدۇ ئۇلار(مىنى يىتىلىمەكچى بولىشىدۇ) [ ئۇلارنىڭ مۇنداق بىر «پەزىلىتى» بار تېخى، « كۆنەپ قالىدۇ» دەپ ئايالى ئۇچۇن يىمەيدىكەن :@ ] ئۇلارنىمۇ باشقىلار يىتىلىگەن.بىر بىرىنى يىتىلەشكەن،  شۇنداق قىلىپ بىلىپ بىلمەي ئوزىنى زىيانكەشلىك قىلىش يولىغا ماڭىدۇ.

خۇلاسە: زىيانلىق ئىكەنلىگىنى يەنە بىر قېتىم بىلىۋالدىم رەھمەت!

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2014-5-18 08:17:02

man_sarang يوللىغان ۋاقتى  2014-5-18 07:52 static/image/common/back.gif
رەھمەت ئىنىم. مەن ھورمون توغرىلىق گەپ بولغاندىلار مۇشۇ ...

1998-يىللىرى ئۇرۇمچى نەنمىن دىكى ئەينەك ئىھرامنىڭ ئاستىدىكى بازاردىن ئوتكىلىمۇ خىجىل بولاتتىم، ئۇ يەردە ئاچامدەك، سىڭلىمدەك ئۇيغۇر قىز-ئايالار سىزنى توۋلاپ قىچىرىپ تۇرۇپ شۇنداق دورىلارنى ساتاتتى،
=======================
بۇ ئەھۋال 2008-يىللىرىمۇ مەۋجۇت ئىدى. نەنمىن يەر ئاستى سودا سارىيىنىڭ خانتەڭرى مەسچىتى تەرىپىدىكى كىرىش ئېغىزىنىڭ ئۇدۇلىدا پۇكەي تىكلىۋالغان، يۈزى قېلىنلىقتا ئات-ئېشەكنى شەكسىز بېسىپ چۈشىدىغان ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئادەمنىڭ يۈزىنى قىزارتىپ ئېيتقان گەپلىرىدىن قورقۇپ ئۇ ئىشكىتىن چىقماي باشقا تەرەپتىن ئەگىپ مېڭىشقا توغرا كىلەتتى...:L

ئەمما مەن بۇنى يېتىلەپ كىتىلىش دەپ چۈشەنمەيدىكەنمەن. كىشىلىرىمىزدە ئەزەلدىن «ئويلاپ بېقىش» «تەنقىدى پىكىر قىلىش»قا ئوخشاش تۈپكى تەپەككۈر ئۇسۇلى ناھايىتى كەمچىل بولغاچقا ئاسانلا باشقىلار نېمە دېسە ئىشىنىپ ياكى يېتىلىنىپ كىتىلسە كېرەك. مەن بىلمەي قالغانلارغا ئېبىرەت بولسۇن ئۈچۈن، بۇ تېمىنى يازغان ئىدىم. كۆپرەك جامائەت پىكىرى بولۇشىنى ۋە بۇ تېمىنىڭ كەڭ تارقىتىلىشىنى بەكمۇ ئۈمىد قىلىمەن ۋە ھەر قايسىڭلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ تارقىتىشىپ بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

nur000 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-18 09:19:38

ھازىر بەزى توي قىلغان ياشلارمۇ شىردەك قىلىدۇ ،يولۋاستەك قىلىدۇ دىگەن دورلارنى سىناپ باقىدىكەن ھەييى ... ئۇچۇرغانلىرىغا نەسىھەت قىلىپ قويدۇق ، بىز بىلمىگەن ۋە ئاڭلىمىغانلاردىن يەنە قانچىلىكتۇ :(

nur000 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-18 09:21:42

بولسا مۇشۇ تىمىنى كۆپرەك كىشلىرىمىز كۆرسە ياخشى بولاتتى ، ئۈندىداردا تارقاتساق بەلىكىم تىخىمۇ كۆپ كىشلىرىمىز كۆرۈش ئىمكانىيتىگە ئىگە بولاتتىكە ...

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-5-18 09:40:27

بولدىلا، بەزى ئىنكاسىم ئەكسىچە ئۈنۈم بەرمىسۇن دەپ ئۈچۈردۈم...
------
مەن يەنىلا بۇ تېمىنى تارقىتاي:lol

tayker يوللانغان ۋاقتى 2014-5-18 10:55:37

ناھىيمىزنىڭمۇ بىر قىسىم بۇزۇقچىلىق قاپلىغان كوچا ، چوڭ يوللىرىدىكى ھەتتا شەھەر مەركىزى يوللىرىدىكى ئوپمۇ - ئوچۇق قىلىپ مەينەت - رەزگى سۈرەتلەرنى چىقىرىپ قويۇپ دورا ساتىدىغان ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى ‹‹ باۋ جىيەن پىن ›› دەپ ۋېۋىسكا ئېسىۋالغان دۇكانلارنىڭ ئالدىدىن ئۆتسەممۇ يىرگىنىپ كېتىمەن .

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2014-5-18 15:59:53

tadubeg يوللىغان ۋاقتى  2014-5-18 09:40 static/image/common/back.gif
بولدىلا، بەزى ئىنكاسىم ئەكسىچە ئۈنۈم بەرمىسۇن دەپ ئۈچ ...

دېيىشكە تىگىشلىك گەپ بولسا دەۋىتڭلا. قانچە مەخپىي ساىغانسېرى بەزىدە شۇنچە بەلەن نەرسىمىكىن دەپ قىزىقىدىغانلار كۆپ چىقسا كېرەك. ھە راس، تېۋىپلار دورا ياسىغاندا پەقەت تەبىي تەركىبلەر قوشۇلامدۇ؟ مەخپىيەتلىك سىر قالمىسۇن.  

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-5-18 16:21:55

:funk:
نىمە دىمەكچى بولغۇيتتىمكىن..
ھە راست ، ھېلىقى مالايسىيەنىڭ دەپ ئىچكىرىدە ياسىتىدىغان ،رايونىمىزدا بازار تاپقان پەيشەنبىلىك ھەسەلنىڭ گېپىنى دەپ ئۈچۈرۈپتىكەنمەن...
ھورمۇن قوشۇپ سېلىش ئىھتىمالى ئەڭ يۇقىرى بولغان دورىلار ئىمساك تۈرىدىكى ۋە باھ كۈچەيتىدىغان دورىلار، پەرىزىمدە تەسىرى كۈچلۈك دېيىلگەن دورىلارنىڭ 99% دە شۇنداق دورا بولۇشى مۇمكىن.
ئۆتكەندە ھورمۇن توغرۇلۇق سىلىدىن سورۇشۇمنىڭ سەۋەبى مۇشۇ ئىمساك تۈرىدىكى دورىلار سەۋەبىدىن ئىدى،مەن ئۇنى بىراز چۈشىنىپ باقتىم ۋە بىر دورىغا قۇشۇپ ئۈزۈم يەپ سناپ باقتىم،بىراق مېڭە قان تۇمۇرلۇرۇمنى تارايتىپ،قان بېسىمىمنى بىراز ئۆرلىتىپ قويغاندىن كېيىن ئۇ دورىنى ياسىمىدىم.
ئاندىن ئاڭلاشلارغا قارىغاندا بەزىلەر رىماتىزىم،ئۆسمە  ،ئاشقازان دورىلىرىغا  قوشارمىش. مىش مىش ..
ھورمون ئىزدەش جەريانىدا ساتقۇچىنىڭ دەپ بىرىشى: بۇنى ھەر ساقاللىق ھاجىملا كىلو كىلولاپ ئەپكىتىدۇ،لېكىن ھازىر بۇنى بەك چىڭ تەكشۈرەيدۇ بۇنىڭ گېپى قانچىلىك راس قانچىلىك يالغان بىلمەيمەن،بەلكى ماڭا سېتىش ئۈچۈن ئۇلارنى شىپى كەلتۈرگەندۇر.:funk:
دىيانەتلىك تېۋىپلار كۆپ،بەلكىم بۇ ھورمۇن بىلەن بىر كىشىنىڭ دىيانىتىگە باھامۇ بەرگىلى بولمايدىغاندۇ.
بىمارلارمۇ شۇنداق تېۋىپلارنى بارلىققا كەلتۈرۈپ قويىدۇ.
يىغىپ كەلگەندە ئۇيغۇر تېبابىتىدە يېقىندىن بىرى مۇشۇنى ئىشلىتىدىغان بەزى تېۋىپلار ياكى دورا شىركەتلىرى پەيدا بولدى. بۇ ئۆزىگە ئامانەت قالسۇن.

ئەمدى تېۋىپلارغا كەلسەك دورىنى تەبىئى نەرسىلەردىن تەييارلايمىز، مەسىلەن يىلتىز دورىلارنى پاكىزلەپ ياكى ئاقلاپ ياكى بەزى يىلتىزلارنىڭ پوستىنى، ئۇرۇق دورىلارنى قورۇپ ياكى مېغىزىنى ئېلىپ ياكى شۇپېتى، گۈللەرنى قۇرۇتۇپ، شاخلىرىنى پاكىزلاپ، ھايۋانات ئەزالىرىنى تۇزلاپ ياكى مايدا قورۇپ قۇرۇتۇپ دېگەندەك ئەسلى دورا قانداق بولسا شۇ پېتى ئىشلىتىمىز. بەزىدە دورىلارنى قاينىتىپ قۇيۇق قىيامىنى ئىشلىتىدىغان ئىشمۇ بار. ئاندىن ئىسپىرت قۇشۇپ بەزى قىسىملىرىنى ئايرىپ ئالىدىغان ئىشمۇ بار،ئاساسەن  مۇشۇنداقراق مىنىڭ بىلىشىمدە...

79588010 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-19 00:19:05

bilgejan يوللىغان ۋاقتى  2014-5-18 15:59 static/image/common/back.gif
دېيىشكە تىگىشلىك گەپ بولسا دەۋىتڭلا. قانچە مەخپىي ساى ...

بىر تىۋىپ دوستۇم دۇكىنىغا  تەبىئىي دورىلاردىن ياسالغان بەدەننى كۈچەيتىش دورىسى كىرگۈزمەكچى بولۇپ ئاۋال ئۆزىگە بىر قۇتا ئېلىپ سىناق قىپتىكەن، قىسقا ۋاقىتتىلا ئۈنۈمىنى بەرگەن گەپ.
شۇنىڭ بىلەن توختاپ قالدىم دېگەن.  دېمەك قوشىدۇ

kaman1 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-19 07:56:25

پاتىمە دوختۇرنىڭ دىھقانلارغا ئېلان بېرىۋاتقان  دورىلىرىنىمۇ ھورمۇن قوشۇلغان دورىلار دەيدىكەن دوختۇرلار.

temsilci يوللانغان ۋاقتى 2014-5-19 13:39:35

desنىڭ ئىككى خىل مولىكۇلا تۈزۈلۈشى بار بولۇپ بۇ دەل ئورگانىك خىمىيەدە تېخى بوشلۇق نەزەرىيىسى بارلىققا كەلمىگەن ۋاقىتقا توغرا كېلىدۇ.ئۇنىڭ سىترىئولۇق قۇرۇلما ئىكەنلىكى،ھامىلە چۈشۈرۈشكە بىر تۈرلۈك قۇرۇلمىسىنىڭ پايدىلىق ئىكەنلىكى دورىنىڭ سېتىلىشىغا سەۋەب بولغان بولسا ئۇنىڭ سىترىئو قارشىسىدىكى يەنە بىر خىل قۇرۇلمىسىنىڭ زىيانلىق بولىشى بۇ دورىنىڭ زور دەرىجىدە چەكلىنىشىگە سەۋەب بولغان.بۇ دورىنىڭ تەسىرىگە ھەممىدىن بەك ئۇچرىغىنى ياۋروپا بولۇپ ئامېرىكىنىڭ دورىدىكى يۇقىرى ئۆتكىلى ئامېرىكىلىقلارنىڭ بۇ بوھرانغا ئۇچرىشىدىن ساقلاپ قالغان.ئەگەر 70-يىللار بولمىسىتى جۇڭگومۇ بەلكى تەسىرگە ئۇچرىشى مۇمكىنتى.شۇنىڭ ئۈچۈن ئورگانىك خىمىيەدە 手性碳دېگەن نەزەرىيە بارلىققا كەلگەن،

jenggiwar يوللانغان ۋاقتى 2014-5-19 13:57:26

بەك ئەھمىيەتلىك تېما يوللاپسىز، بىلگەجان ئاكا! كۆپ رەھمەت سىزگە!  شۇنچە ئالدىراشچىلىق ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ، خەلقىمىز ساغلاملىقى ئۈچۈن كاتتا يازمىلارنى ئۆز ئانا تىلىمىزدا يېزىپ، بىزگە ھەقىقىي نەپ يەتكۈزىۋاتىسىز!
مەن تېخىمۇ كۆپ بىلىم ئەھلىلىرىنىڭ سىزدىن ئۆرنەك ئېلىپ، ئۆگەنگەنلىرىنى ئانا تىلدا ئىپادە قىلىپ، تور يۈزىدە بولسىمۇ تورداشلار بىلەن ھەمبەھرلىنىشىنى، تور دۇنياسىدىكى كەسپىي ساھەلەردىكى ئانا تىل يېزىقىدا ئىپادە قىلىنغان يازمىلارنىڭ، ماتېرىياللارنىڭ زورىيىشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشىنى بەكمۇ ئۈمىد قىلىمەن. سىزگە ئوخشاش ئۆگەنگىلرىنىڭ زاكىتىنى ھەقىقىي بېرەلەيدىغان، مىللەتسۆيەر، ئىلمسۆيەر دوكتور، ئالىملىرىمىزنىڭ كۆپلەپ يېتىشىپ چىقىشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن!

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2014-5-19 15:32:55

temsilci يوللىغان ۋاقتى  2014-5-19 13:39 static/image/common/back.gif
desنىڭ ئىككى خىل مولىكۇلا تۈزۈلۈشى بار بولۇپ بۇ دەل ئورگ ...

ئۇنىڭ سىترىئولۇق قۇرۇلما ئىكەنلىكى،ھامىلە چۈشۈرۈشكە بىر تۈرلۈك قۇرۇلمىسىنىڭ پايدىلىق ئىكەنلىكى دورىنىڭ سېتىلىشىغا سەۋەب بولغان بولسا ئۇنىڭ سىترىئو قارشىسىدىكى يەنە بىر خىل قۇرۇلمىسىنىڭ زىيانلىق بولىشى بۇ دورىنىڭ زور دەرىجىدە چەكلىنىشىگە سەۋەب بولغان.
==================
مۇشۇ جۈملىنى تەپسىلىيرەك چۈشەندۈرۈپ قويسىڭىز. بۇ مەزمۇنلار مەن ئۈچۈن يېڭىكەن، بەكلا قىزىقىپ قالدىم. ھامىلە چۈشۈرۈشكە پايدىلىق دېگەن سۆزدە خاتالىق يوقتۇ؟ بۇ دورا ھامىلە چۈشۈرۈش ئۈچۈن ئەمەس بەلكى ھامىلىنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن. بۇ ئىككى خىل خېميىلىك تۈزۈلۈشنىڭ ھەرىكەت مىخانىزىمىنى بىلەمسىز؟ بىلسىڭىز، قايسى خىل باغلار ۋە قانداق مىخانىزىملار بىلەن بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرىنىڭ ئەۋلادتا (بەلكى ئانىدا ئەمەس) راك كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ باقسىڭىز بوپتىكەن.

azharbag يوللانغان ۋاقتى 2014-5-19 15:44:24

يەنە  داۋاملىق  بىلىدىغانلار  مەخپى قالمىسۇن...  بەزىلەر شېردەك بۇلالمىغاندىكىن  شۇڭا   ھەۋەس قىلىدىغان ئۇخشايدۇ،

Elqvn يوللانغان ۋاقتى 2014-5-20 00:40:40

بۇ ھەقىقەتەنمۇ قىممەتلىك بىلدۈرگۈ ئىكەن، بىلگەجانغا كۆپ ئەجىرلەر بولسۇن. تورداشلار بۇ بىلدۈرگۈنى ئىمكانقەدەر كۆپرەك ئادەمگە، بولۇپمۇ ئاشۇ خىل ھاياتنىڭ قىممىتىنى ئىككى پۇت ئارىسىدىن ئىزدەيدىغانلارغا بىلدۈرۈپ قويايلى!

akida525 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-18 13:13:33

سالام بىلگەجان، بالىلارنىڭ بالدۇر تۇغۇلۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن سېلىنغان ئوكۇلدا ھورمۇن تەركىپ بار، ۋە كېيىن بالىدا ئەكىس تەسىر پەيدا قىلىدۇ دېۋىدىڭىز. بۇ بايانلىرىڭىزنى ئوقۇپ چىۋىن يەۋالغاندەك غەش بولۇپ قالدىم ۋە ئويلىساملا ئىچىمنى بىر نەرسە تاتىلايدۇ. چۈنكى، مەن قوشكىزەك بالىغا ھامىلە بولغان ۋاقتىمدا دوختۇرخانا قوشكىزەك بالىلارنىڭ بالدۇر تۇغۇلۇش خەۋپى يۇقىرى بولىدۇ دەپ ئوكۇل ئۇرغۇزغان ئىدى، كۆڭلۈم پەقەت تارتمىغان، ئاخىرى بولدى سالغۇزمايلى دەپ يولدىشىم بىلەن چىقىپ كېتەيلى دەپ تۇردام سېستىرا ئوكۇلنى تەڭشەپ كىرىپ بوپتۇ، ئاخىرى ئامالسىز سالغۇزدۇم، ھازى ئويلىسام مېنىڭ پۇت قولۇمدىن باغلاپ سالغۇزمىغاندىن كېيىن سالغۇزمىسام بوپتىكەن دەپ ئويلاپ قالىمەن، كۆڭلۈم تارتمىغان ھالدا سالغۇزغان بولغاشقا ئىككىنجى ئۇ دوختۇرخانىغا بارمىدىم، بولمىسىغۇ خېلى نامى بار شەخسى دوختۇرخانا ئىدى.
ئەمدى سىزدىن سورىماقچى بولغىنىم بىلگەجان، مەن ئۇ ئوكۇلنىڭ كېيىنكى تەسىرىنى ئازايتىش ئۈچۈن قانداق يېمىەكلىكلەرنى كۆپرەك يەپ بەرسەم بولىدۇ، ۋە قايسى خىل يېىمەكلىكلەردىن ساقلانسام بولىدۇ، بۇ ھەقنە بىر نەرسە دەپ بېرەلەمسىز؟ ئۇ ئوكۇلنىڭ تەسىرىنى نۆلگە چۈشۈرۈش مۈمكىنمۇ؟ رەھمەت بىلگەجان، ئاللاھ زىھنىڭىزنى ھەر دائىم ئوچۇق قىلسۇن.

mart22 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-18 17:04:19

temsilci يوللىغان ۋاقتى  2014-5-19 13:39 static/image/common/back.gif
desنىڭ ئىككى خىل مولىكۇلا تۈزۈلۈشى بار بولۇپ بۇ دەل ئورگ ...

DES قول تىپلىق مولىكۇلا ئەمەس.


Systematic (IUPAC) name: 4,4'-(3E)-hex-3-ene-3,4-diyldiphenol
بۇ ماددىنىڭ ئوڭ تەتۈر ئىككى خىل شەكلى بار، يۇقىردىكىسى تەتۈر(E).

mart22 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-18 17:09:48

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   mart22 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-18 17:12  

bilgejan يوللىغان ۋاقتى  2014-5-19 15:32 static/image/common/back.gif
ئۇنىڭ سىترىئولۇق قۇرۇلما ئىكەنلىكى،ھامىلە چۈشۈرۈشكە ...


قول تىپلىق ماددىلار(chiral compound) خۇددى ئادەمنىڭ ئوڭ سول قولىغا ئوخشاش. تۈزۈلۈشى ۋە شەكلى قارىماققا ئوخشاش، ئەمما ئۈستمۇ ئۈست چۈشمەيدۇ. ئاددىراق قىلىپ ئىيتساق، ئوخشاش ئىككى پارچە كىتاپنى ئۈستمۇ ئۈست قويۇپ قانداقلا قارىسىڭىز بىر كىتاپ بىلەن ئوخشاش. ئەمما ئوڭ قول بىلەن سول قول ئۈستمۇ ئۈست چۈشمەيدۇ. ئەگەر ئەينەكنىڭ ئالدىغا كىلىپ ئوڭ قولىڭىزنى چىقارسىڭىز، ئەينەكتىكى قولنىڭ سول قولىڭىز بىلەن ئوخشاش ئىكەنلىكىنى كۆرەلەيسىز. دىمەك ئوڭ ۋە سول قول بىر بىرىنىڭ تەسۋىرى (镜像).


قول تىپىلىق ماددىلارنىڭ خمىيىلىك تەركىبى  ئوخشاش، ئاتوملارنىڭ بوشلۇقتىكى تەرتىپىلا ئوخشىمايدۇ. شۇڭا ئۇلارنىڭ نۇرغۇن خىمىيىلىك ۋە فىزىكىلىق خۇسۇسىيىتى ئوخشايدۇ. يەنە قولنى مىسالغا ئالساق، ئوڭ ۋە سول قول نۇرغۇن ئوخشاش ئىشلارنى قىلالايدۇ، ئەمما ئوڭ قول قىلغاننىڭ ھەممىنى سول قول قىلاممايدۇ. قول تىپلىق ماددىلار ئوخشىشىپ كەتسىمۇ، ئەمما بەزى خۇسۇسىيەتلىرىدە ئىنتايىن زور پەرق بار. مەسىلەن، تەم پۇرىقى، نۇر بۇرىشى(旋光性)، باشقا قول تىپلىق ماددىلار بىلەن بولغان رىئاكسىيەسى قاتارلىقلار. بولۇپمۇ ھاياتلىق بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىئو ئاكتىپ ماددىلار (bioactive) نىڭ كۆپىنچىسى قول تىپلىق بولغاچ، قول تىپلىق ماددىلارنىڭ دورىگەرلىكتىكى رولى ئالاھىدە.

قول تىپلىق ماددىلار بايقىلىشتىن بۇرۇن، ياۋرۇپادىكى نۇرغۇن دوختۇرلار ھامىلدار ئاياللارغا (反应停Thalidomide) دەيدىغان دورىنى بەرگەن. بۇ دورا گەرچە ھامىلدارلىقنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىكى كۆڭلى ئاينىشقا ئۈنۈملۈك مەنپەئەت قىلسىمۇ، لىكىن ئانىنىڭ بالىغا بولغان قان تەمىنلىشىگە توسقۇنلۇق قىلغاچقا، نۇرغۇن ھامىلىنىڭ غەيرى تۇغۇلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ پۇت-قولى تەرەققى قىلمىغان،ياكى قولى يوق ۋە ياكى قولنىڭ ئورنى باشقا يەردە دىگەندەك بولۇپ، قارىماققا ئىنتايىن قورقۇنۇچلۇق.  قىسقىغىنا 4 يىلدا پۈتۈن دۇنيادا 12 مىڭدىن ئارتۇق " دىڭىز يىلپىزىسىمان بوۋاق " نىڭ تۇغۇلىشىغا سەۋەپ بولغاندىن كىيىن، 60-يىللاردىن باشلاپ بۇ دورىنى ھامىلدار ئاياللارغا ئىشلىتىشنى چەكلىگەن.
كىيىنكى تەتقىقاتلاردا مەلۈم بولىشىچە بۇ دورىنىڭ R تىپلىقى(سول) تىنچلاندۇرۇش رولىغا ئىگە بولسىمۇ لىكىن S(ئوڭ) تىپلىقىنىڭ ھامىلىگە كۈچلۈك تەسىرى بارلىقى ئايان بولغان.

ھازىرچە مۇشۇنچىلىك يىزىپ تۇراي.

f1sherman يوللانغان ۋاقتى 2014-6-18 17:46:23

tadubeg يوللىغان ۋاقتى  2014-5-18 16:21 static/image/common/back.gif
نىمە دىمەكچى بولغۇيتتىمكىن..
ھە راست ، ھېلىقى مالاي ...

ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم،
يېقىننىڭ ياقى ئۈندىدارىمنىڭ چەمبىرىكىدە مىللى تىبابەتنىڭ بۆرەك قۇۋەتلەيدىغان، ئەرلىكنى كۈچەيتىدىغان دورىلارنى ساتىدىغانلار ئاينىپ قالدى، ئۆتكەندە يېقىنراق بىر دوستۇم ساتقىلى تۇرۇپتىكەن سوراپ باقسام سودىسى ئالامەت ياخشى بۇلاۋېتىپتىمىش،دەپ بېرىشىچە بۇ دورىغا ئېھتىياج كىشىنى چۆچۈتەرمىش، ئەتتا ئاياللىرى ئەرلىرىگە ئۇختۇرماي ئېلىپ بېرىدىكەن(پوسۇلكىنىڭ ئۈستىگە دورا دەپ يازماڭ دەپ ئەسكەرتىپ). دوستۇمغۇ ئەمدى ئىشەنچىلىك تىۋىپلاردىن مال سالغۇزىمەن دېدى، مەنمۇ مىللى تىبابەتنىڭ دورىلىرى، پايدا قىلىشى ئاستا بولغىنى بىلەن زىيان قىلمايدۇ دەپ بىلەتتىم، ھورموننىڭ گېپىنى ئاڭلاپ بۇ ئىش دەررۇ ئېسىمگە كەچتى، شۇنى سوراپ باقسام ، مۇشۇنداق مىللىچە بۆرەك قۇۋەت دورىلىرىنىڭ راس ئەكىس تەسىرى يوقمۇ، ئۈزۈلدۈرمەي نەچچە ئاي يەۋەتسىمۇ ھىچنىمە بولمامدۇ؟  ھەقىقى تۈردە پايدا قىلامدۇ ؟

دورىلارنىڭ ئىسمى تازا ئېسىمدە قالماپتۇ ، لوبوبى كەبىر دەمدۇ ، چۆمۈلە مېيى دەمدۇ ئىشقىپ شۇنداقراق دورىلارتى. مۇشۇ ھەقتە ئازىراق چۈشەنچە بەرسىڭىز . رەخمەت.
بەت: [1] 2
: (bilgejan) «مەخپىي» دورىلاردىن ھەزەر ئەيلەڭ