waskitbol يوللانغان ۋاقتى 2014-5-18 01:33:57

خوتەندە ئۇيغۇر-قازاق چېلىشىش پالۋانلىرى مۇسابىقىلەشتى

  چېلىشىش – ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۇزاق تارىخىغا ئىگە،  ئەجدادتىن-ئەۋلاتقىچە ئىزچىل داۋاملىشىپ، مۇكەممەللىشىپ كېلىۋاتقان، تارىخى ئۇزۇن  قەدىمىي ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت تۈرلىرىنىڭ بىرىدۇر.  ئۇيغۇرلار ھېيت-ئايەم، دېھقانچىلىقنىڭ ئارسالدا پەيتلىرى، بازار كۈنلىرى قاتارلىق ۋاقىتلاردا چېلىشىش مۇسابىقىسى ئېلىپ بارىدۇ.
   خوتەن دىيارى- ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىىغا نىسپەتەن ئىلىپ ئىيتقاندا، چىلىشىش تەنتەربىيە ھەركىتى بىر قەدەر كەڭ ئۇمۇملاشقان رايۇنلارنىڭ بىرى بۇلۇپ، خوتەندە، كىچىك بالىلاردىن تارتىپ قىرىلارغىچە ھەممىسى بۇ تەنھەركەت تۈرىنى ياخشى كۈرىدىغان بۇلۇپ، چېلىشىش خوتەندىكى ئادەم ئەڭ كۆپ قاتنىشىدىغان تەنھەركەت تۈرىنىڭ بىرىگە ئايلانغان.
     خوتەندە خوتەن شەھرىنى مەرگەز قىلىپ، ئەتراپتىكى قوشنا ناھىيىلەر ۋە قەشقەر، ئاقسۇ، قىزىلسۇ، ئالتاي قاتارلىق ۋىلايەتلەر ھەتتا ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدىن ھالقىپ ئىچكى مۇڭغۇل ئاپتۇنۇم رايۇنىدىن كۆزگە كۈرۇنگەن چىلىشچىلارنى تەكلىپ قىلىپ، خوتەننىڭ سەھۋالىم چىلىش مەيدانىدا ھەر ھەپتىدە بىر قىتىم دىگۇدەك چوڭ تىپتىكى چېلىشىش مۇسابىقىلىرى ئۇيۇشتۇرلىدۇ.
    كۆھمارىم - سەھۋالىم سەيلىگاھى  خوتەن ناھىيىسىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا، قاراقاش دەرياسىنىڭ يۇقىرى تەرىپىدىكى قاراقاش دەرياسى ئېلىش بېشى قۇرۇلۇشى يېنىغا جايلاشقان كۆھمارىم - سەھۋالىم سەيلىگاھى خوتەن خەلقىنىڭ قەدىمىي سەيلىگاھلىرىنىڭ بىرىدۇر. بۇ جاي خوتەن ناھىيسىنىڭ غەربىي جەنۇبىدىن 41 كىلو مېتىر يىراقلىققا جايلاشقان بولۇپ، خوتەن بوستانلىقىنىڭ ئاھالىلەر تولىمۇ زىچ ئولتۇراقلاشقان بۆلىكى ھېسابلىنىدۇ. كۆھمارىم - سەھۋالىم سەيلىگاھىدا ھەر يىلى 5- ئايلاردىن توققۇزىنچى 10- ئايلارغىچە ھەر ھەپتىنىڭ پەيشەنبە، شەنبە، يەكشەنبە كۈنلىرى كۆھمارىم - سەھۋالىم سەيلىسى قىزىپ كېتىدۇ. كۆھمارىم - سەھۋالىم ساياھىتى مازار تاۋابىتى بىلەن بىرلىشىپ كەتكەن بولۇپ، بۇ يەرگە كەلگەن كىشىلەر سەھۋالىمدا ساياھەت قىلىش بىلەن بىرگە يەنە، داۋاننىڭ ئۈستىدىكى كۆھمارىم غۇجامنىڭ مازىرىنى تاۋاپ قىلىپ دۇئا قىلىدۇ ۋە شۇ غۇجامنىڭ نامىنى ۋەسىيلە قىلىپ ( تىلغا ئېلىپ ) تۇرۇپ ئۆزىنىڭ ھاجەتلىرىنى تېلىشىدۇ. بۇ جايدا كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان ۋە ناھايىتى جەلىپ قىلىدىغان بىر جاي كۆھمارىم غارىدۇر. كۆھمارىم غارىنىڭ سىغىمچانلىقى 63 كوادرات مېتر كېلىدۇ. بۇ جاي ناھىيە دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورنى قىلىپ بېكىتىلگەن بولۇپ، قوغدىلىش دائىرىسى 250 كوادرات مېتىر كېلىدۇ. غارنىڭ ئىچى گۆر شەكىلدە بولۇپ، ئۈستۈنكى ۋە ئاستىنقى ئىككى ئۆيگە بۆلۈنگەن. ئوتتۇرىدا غارنىڭ ئۈستۈنكى قەۋىتىگە چىقىش ئۈچۈن ياساپ قويۇلغان ياغاچ پەلەمپەيلىك شۇتا بار. غارنىڭ كۆرۈنۈشىدىن قارىغاندا بۇ غار سۈنئىي ھاسىل قىلىنغان بولماستىن، بەلكى تەبىئي جايدەك بىلىنىدۇ. غارنىڭ ئىچى ۋە ئىچىدىكى تاشلار قاپقارا ئىسلىشىپ كەتكەن بولۇپ، ئۈستىگە چىقىشتا قول چىراغ ياكى شام بىلەن يۇرۇتۇشقا توغرا كېلىدۇ. غارنىڭ غەربىي شىمال تەرىپىدىن بىر كىلو مېتىر يىراقلىقتا ئۆي – ئىمارەتلەرنىڭ قالدۇق تاملىرى، كۆمۈر پارچىلىرى ۋە گەج سۇۋاق پارچىلىرى قاتارلىق كىشىلەرنىڭ ياشىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىغان بۇيۇملار بايقالغان بولۇپ، بۇرۇن بۇ جاينىڭمۇ كىشىلەرنىڭ ياشاش ماكانى بولغانلىقىنىدىن ئۇچۇر بېرىدۇ. كۆھمارىم ساياھەت ئورنىغا كېلىدىغانلار ئاساسەن خوتەن شەھرى، خوتەن ناھىيىسى، قاراقاش ناھىيىسىدىن بولۇپلا قالماي، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ باشقا ناھىيىلىرىدىنمۇ كېلىدۇ. بەزى دېھقانلار ئىش – ئەمگەكتىن سىلىككەن ۋاقىتلىرىدا كۆھمارىم - سەھۋالىم سەيلىگاھىغا چىقىپ بىر تال گۆشگىردىنى ئېلىپ ئۆستەڭ بويىدا ئولتۇرۇپ، دېڭىز سۈيىدەك كۆپكۆك پاكىزە، سۈزۈك سۇلارنى قېنىپ – قېنىپ ئىچىپ جاھاننىڭ ھۇزۇرىنى سۈرۈشىدۇ. كۆھمارىم - سەھۋالىم سەيلىگاھىنى خوتەن خەلقىنىڭ مىللىي مەدەنىيەت بوشلۇقى، دېيىشكە بولىدۇ. كۆھمارىم - سەھۋالىم سەيلىگاھى خۇتەن بوستانلىق ۋە فولكلور مەدەنىيتىنىڭ تىپىك ئۈستى ئۇچۇق مۇزىيى، دېيىشكە مۇناسىپ ئورۇن بولۇپ، سەيلىگاھ قىزىغان ۋاقىتلاردا چار بازار شەكلىدىكى سودا – سېتىق ئەۋىج ئالىدۇ. كۆھمارىم سەيلىسى لايقا يېزىسىنىڭ داڭلىق كۆك شاپتۇلى تازا مەي باغلاپ پىشقان مەزگىللەردە بەك قىزىيدۇ. كىشىلەر كۆھمارىم داۋىنى ئۈستىدە تۇرۇپ قاراقاش دەرياسىنىڭ ھەيۋەتلىك دولقۇنلىرىنى، رەتلىك تاراملىرىنى يىراقتىن تاماشا قىلىدۇ. قاراقاش دەرياسى ئېقىنىنىڭ باش قىسمىدىكى يەنى جەنۇب تەرەپتىكى بەھەيۋەت تاغ چوققىلىرىغا نەزەر سالىدۇ ۋە داۋاننىڭ شىمالىي تەرپىگە جايلاشقان زۇمرەتتەك ياپيېشىل خوتەن بۇستانلىقىغا تويماي قارىشىدۇ. سەيلىگاھنىڭ تەبىئىي مەنزىرىسىدىن باشقا، مىللىيچە چېلىشىش، سارغايدى ئويۇنى، مەدداھلىق، دارۋازلىق، سودا - سېتىق قاتارلىق پائالىيەتلەر كىشلەرنى جەلپ قىلىدىغان يەنە بىر تەرەپتۇر.
    چېلىشىش __ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەنئەنىۋىي كۆڭۈل ئېچىش ئويۇنلىرىدىن بولۇپ، خوتەندە چېلىشىش ناھايىتى كەڭ ئومۇملاشقان. سەھۋالىم سەيلىگاھىدا ھەر ھەپتىنىڭ تۆتى كوللېكتىپ چېلىشىش مۇسابىقىلىرى ئۆتكۈزۈلۈپ تۇرىدۇ. چېلىشىش __ سەھۋالىمدىكى لايقا يېزىسىغا قاراپ ئاقىدىغان ئۆستەڭنىڭ كۆۋرۈكى ( زاكۇ ) دىن ئۆتۈشكىلا يولنىڭ غەرب تەرىپىدىكى ئويمان يەردە ئۆتكۈزۈلىدۇ. چېلىش خەلق ئارىسىدىكى كىشىلەر تەرىپدىن تەشكىللىنىدۇ، ناھايىتى ئادىللىق بىلەن باشقۇرۇلىدۇ. ئاخىرىدا يېڭىپ چىققۇچىغا مۇئەييەن دەرىجىدە مۇكاپات بېرىلىدۇ. چېلىشىش ئويۇنىنى چوڭلاردىن تارتىپ كىچىكلەرگىچە ناھايىتى ياقتۇرۇپ كۆرىدۇ. بۇ پەقەت ئاۋام خەلقنىڭ كۆڭۈل ئېچىش ۋە مەنىۋىي ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپلا قالماستىن، بەلكى خەلق ئىچىدىكى كۈچتۈڭگۈر، قاۋۇل پالۋانلارنىڭ ئۆز ماھارىتى، كۈچى ۋە غەيرەت – شىجائىتىنى كۆرسىتىدىغان بىر سەھنىدۇر. بۇ چېلىشىشقا خوتەن ناھىيىسى، خوتەن شەھرى، قاراقاش ناھىيىسى ۋە ئەتراپتىكى قوشنا ناھىيە ۋە ۋىلايەتلەردىن داڭلىق چېلىشچىلارمۇ كېلىدۇ. ھەر يۇرت خەلقى ئۆزلىرىنىڭ چېلىشچى پالۋانلىرىدىن پەرخىرلىنىدۇ.
تارىختا ئاتا-بوۋىلىرىمىز سەھۋالىم سەيلىگاھىدا قاراقاش دەرياسىنى پاسىل قىلىپ ئىككىگە ئايرىلىپ مىللىيچە چېلىشىش پائالىيىتىنى داۋام قىلىپ كەلگەن ئىكەن. بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ئەۋلاتلارئەجداتلار ئىزىدىن مىڭىپ تىخىمۇ تاكامۇللاشتۇرماقتا....
2014-يىلى 5-ئاينىڭ 17-كۈنى خوتەننىڭ سەھۋالىم چىلىش مەيدانىدا مىللىيچە چېلىشىش پائالىيىتى داۋاملىق ئىلىپ بىرىلدى. بۈگۈنكى چېلىشىش مۇسابىقىسىدە خوتەندىكى ئۇيغۇر چېلىشىش پالۋانلىرى بىلەن ئالتاي ۋىلايىتىدىن ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان قازاق چېلىشىش پالۋانلىرى ئۆز-ئارا مۇسابىقىلەشتى.

  ئۇيغۇر-قازاق چېلىشىش مۇسابىقىسى سېن فىلىمى

http://player.56.com/v_MTE0NDY0NzA5.swf

مۇسابىقىگە ئائىت سۈرەتلەر



ئەسلى مەنبە؛ ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مۇنبىرى؛ http://waskitbol.com/portal.php


abdrtt يوللانغان ۋاقتى 2014-5-18 08:46:01

كىم يەڭدى؟

alepteken يوللانغان ۋاقتى 2014-5-18 10:20:55

قىرىنداشلا ئارا ناھايىتى ئەكمىيەتلىك ناھايىتى كۆڭۇللۇك  بىر مۇسابىقە بوپتۇ {:112:}

turken يوللانغان ۋاقتى 2014-5-18 10:54:26

تويدا  ناخشا  مۇزىكا  چامماي چىلىشىش ئورنىنى  ئالغىلى  تۇرۇپتۇ  بەzەن جايلاردا ،مىنىڭچە  بۇ  ياخشى باشلىنىش

kapitan3067 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-18 12:07:59

ئەپسۇس خىزمەتنىڭ ھەلەكچىلىكى بىلەن بۇ ھەپتىدە بارالمىغان، اللە نىسىپ قىلسا كىلەر ھەپتە بارىمەن .لىكىن مۇنۇ قۇرلارنى يازمىغان بولسىڭىزمۇ تىما يەنىلا ياخشى چىقىۋېرەتتىكەن . كۆھمارىم - سەھۋالىم ساياھىتى مازار تاۋابىتى بىلەن بىرلىشىپ كەتكەن بولۇپ، بۇ يەرگە كەلگەن كىشىلەر سەھۋالىمدا ساياھەت قىلىش بىلەن بىرگە يەنە، داۋاننىڭ ئۈستىدىكى كۆھمارىم غۇجامنىڭ مازىرىنى تاۋاپ قىلىپ دۇئا قىلىدۇ ۋە شۇ غۇجامنىڭ نامىنى ۋەسىيلە قىلىپ ( تىلغا ئېلىپ ) تۇرۇپ ئۆزىنىڭ ھاجەتلىرىنى تېلىشىدۇ .بۇرۇنلادا شۇنداق ئىدى ھازىر سەيلە قىلىپ كۆرىدۇ .

yarzat يوللانغان ۋاقتى 2014-5-18 15:53:02

نەتىجە قانداق بولدى؟
ئاقسۇ ئاۋاتلىق ئىككى ئاكا-ئۇكا بار مەن بىلەن نەۋرە كىلىدىغان.شۇلارمۇ قاتنىشارما قوشنا ۋىلايەتتىنمۇ كەلسە.

putboljan يوللانغان ۋاقتى 2014-5-18 22:16:17

بۇرۇنلاردا بىز تەرەپلەردە چېلىشىش مۇسابىقىلىرى بەك كۆپ ئۆتكۈزۈلۈپ تۇراتتى.لېكىن ھازىر ئۇنىڭ ئورنىنى ھۆكۈمەت نامىدىكى‹‹ مەدەنىي›› ناخشا -ئۇسۇل ئالدى.:(
بەت: [1]
: خوتەندە ئۇيغۇر-قازاق چېلىشىش پالۋانلىرى مۇسابىقىلەشتى