choice يوللانغان ۋاقتى 2014-5-17 15:30:59

ھەقسىز ئۈنۈملۈك رېتسپ(سىناقتىن ئۆتكەن)


رەسىمدىكى ئۆسۈملۈكنى مەن يۆگەي ئوت دەپ ئاتىدىم،ئېسىمدە قېلىشىچە باشلانغۇچ ۋاقتىمدا قولۇمغا تۇيۇقسىز بىرقانچە سۆگەل چىقىپ قالدى، شۇ چاغلاردا بىز ھويلىلىق ئۆيلەردە تۇراتتۇق، ھويلىغا ئاپام خېلى كۆپ كۆكتاتلارنى تېرىغان بولۇپ كۆكتاتلىق ئىچىدە مەن تونىمايدىغان ياۋا ئوت چۆپلەرمۇ جىق ئىدى، شۇ ئوت چۆپ ئىچىدە يۆگىشىپ ئۆسىدىغان گۈلى كىچىك ئاپپاق لابا شەكىلدە ئېچىلىدىغان يۆگەي ئوت بەكرەك ئېسىمدە قالغان ئىكەن، چۈنكى شۇ چاغلاردا مەرھۇم چوڭ داداممۇ ياكى چوڭ ئاپاممۇ ئىشقىلىپ بىرى ماڭا شۇ ئوتنىڭ ئىنچىكە غولىنى ئۈزۈپ غولىدىن چىققان سۈتتەك ئاپپاق سۇيۇقلۇقنى قولۇمدا چىقىپ قالغان سۆگەلگە سۈركەپ قويغان ئىدى، بىرقانچە قېتىم سۈركىگەندىن كېيىن قولۇمدىكى سۆگەل ھەقىقەن يوقاپ كەتتى.
ئۆتكەن يىلى كۆزۈمنىڭ ئەتراپىدا تۇيۇقسىزلا ئۇششاق نەرسىلەر چىقىپ كۆپۈيۈشكە باشلىدى، بۇنى دوختۇرلار油脂粒 دەپ ئاتايدىكەن، نۇر بىلەن كۆيدۈرىمىز دىيىشتى، كۆز ئەتراپى نازۇك يەر بولغاچقا نۇر بىلەن كۆيدۈرۈپ باشقا چاتاق چىقىپ قېلىشتىن ئەندىشە قىلىپ داۋالاتمىغان ئىدىم.، بىر كۈنلەردە بىنا ئالدىدا قىزىمنىڭ ئوينىتىپ ئولتۇرۇپ چىملىق ئىچىگە ئۆسۈپ قالغان يۆگەي ئوتقا كۆزۈم چۈشۈپ كىچىك ۋاقتىمدا چوڭلار قولۇمدىكى سۆگەلگە ئىشلەتكەن شۇ رېتسپنى سىناق باقتىم، ئۇدا بىر قانچە كۈن يۆگەي ئوت غولىنى ئۈزۈپ سۈتتەك سۇيۇقلۇقنى سۈركىگەندىن كېيىن كۆز ئەتراپىم ھەم يۈزۈمدىكى ئۇششەك نەرسىلەر يوقىدى.
ھىچقانداق خەتىرى يوق ھەم ھەقسىز بولغان بۇ رېتسىپنى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ ئىشلىتىشى ئۈچۈنبۈگۈن مانا بۇ ئۆيىمىزدە سىناقتىن ئۆتكەن تەبئىي رېتسىپنى كۆپچىلىككە سۇندۇم، تىبابەت بىلەن شۇغۇللۇنىغان ياكى تېرىسىگە مۇشۇنداق نەرسىلەر چىقىپ قالغانلارغا پايدىسى تېگىپ قالسا ، ياكى كەلگۈسىدە بۇ ئوتتىن ئېلىغان سۇيۇقلۇق تەتقىقات ئارقىلىق دورا قىلىپ ئىشلىنىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.

radiofan يوللانغان ۋاقتى 2014-5-17 17:00:56

بىر يىلى مېنىڭمۇ يۇزۇمگە مەڭگە ئوخشاش بىر نەرسە چىقىپقالدى ، باشتا تاتىلىسام چىقىپ كىتەر تاتىلاۋەرسەم تىخىمۇ چوڭىيىپ پۇرچاقتەك بولۇپ قالدى . دادام بۇنى كۆرۇپ ئەنجۇرنىڭ يۇپۇرمىقى ئۇزگەندە چىقىدىغان سۈتىنى شۇيەرگە چېپىپ قويدى ، كۇندە 5-6 قىتىمدەك چېپىپ يۇرۇپ 10 كۇنلەر بولغاندا يوقاپ كەتتى .

meslihet يوللانغان ۋاقتى 2014-5-17 17:01:33

بىز بۇنى يۆگىمەچ دەيمىز. موشۇ رەسىمدىكى بىلەن ئوخشاشمۇ



http://www.nature-museum.net/Data/2009/200908/20090801/Normal/44fec814-b791-4e46-ae53-1a31c8e9d237.jpg

UyghurBalisi يوللانغان ۋاقتى 2014-5-17 17:10:16

ھەقىقەتەن ياخشى رېتسىپكەن بۇ، بىئولوگلار ماۋۇ تەركىبنى ئايرىپ ئېلىپ پاتېنتقا سۇنساق بولىدىكەنتۇق. ئەمما ئاۋۇ ئوتنى تازا ياخشى پەرق ئەتكىلى بولماي قالدى، يىراقتىنراق تارتىلغان بولسا ياخشى تونۇۋالغىلى بولاركەنتۇق.

UyghurBalisi يوللانغان ۋاقتى 2014-5-17 17:15:11

مۇناسىۋەتسىز بىر ئىشنى دەپ قالدىم كەچۈرۈڭلار، مەن كىنو ۋە قىسقا فىلىملەر سەھىپىسىگە بىر تېما يوللىسام ھەجەپ تەستىقلانمايدىيا باشقۇرغۇچىلار، يا تەستىقلانماسلىق سەۋەبىمۇ يوق جىمجىتلا يوقاپ كەتتى، باشقۇرغۇچىلار ئېغىر كۆرمەي بىر قاراپ باققان بولساڭلار بوپتىكەنتۇق...

ArislanMemet يوللانغان ۋاقتى 2014-5-17 17:32:58

meslihet يوللىغان ۋاقتى2014-5-17 17:01 static/image/common/back.gif
بىز بۇنى يۆگىمەچ دەيمىز. موشۇ رەسىمدىكى بىلەن ئوخشاشمۇ ...

مېنىڭ يۇرتۇمدىمۇ يۆگىمەچ دەيدۇ بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ ئىسمىنى.
سۈت ئوت دەيدىغانلارمۇ باردەك قىلغان.

aral52 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-17 17:33:10

يۆگىمەچ- -قوي كارامەت ئامراق ئوت...كىپەزلىككە بەكرەك چىقىدۇ...
يۆگىمەچنىڭ كۈچى ئانچە كۈچلۈك ئەمەس...
سۈتى چقىدىغان ئۆسۈملۈكنىڭ ئىچدە چىڭگىلىك بىلەن چارا ئوتنىڭ تەسىر قىلىش كۈچى خېلى بار...
چوڭ دادام سۈگەل چىقىپ قالسا چىڭگىلەكنىڭ ياپرىقىنى ئۈزۈپ سۈتىنى سۈركە چۈشۈپ كىتىدۇدەيتى ..كىين سەل چوڭ بولۇپ نىمشقا شۇنداق دەيدىغانلىقىنى بىلدىم..{:92:}.ئەسلى شۇ چىققان سۈتتەك سۇيۇقلۇقنى سۈگەلگە سۈركىگەندىن كىيىن بىردەم تۇرۇپ كارامەت تاتلىق قىچىشىپ كىتىدىغان گەپكەن...باشتا بىردەم چىداپ تۇراي تەسىر قىلغان چېغى دەپ مەردانلىق بىلەن چىداپ كىتىسىز...يەنە بەكرەك پايدىق قىلسۇن دەپ يەنە سۈركەيسىز..شۇنىڭ قىچىشىش باشلايدۇكى ھاي ھاي...شۇنىڭ بىلەن سۈگەلنى قاشلاش ئۈچۈن تاتلىماي ئامال يوق .بىردەم تاتلاۋەرسىڭىز تېخمۇ تاتلىغىڭىز كىلىدۇ..شۇنىڭ سۈگەلنىڭ تۆۋى بوشاپ ئۇنىمسا ئۇنىماي چۈشۈپ كىتىدۇ شۇ ....مانا بۇ ھېلقى سۈتتەك سۈيۇقلقىنى سۈركەپ سۈگەل چۈشۈرۈش دەپ ئاتىلىدۇ...سۈگەل دىگەن بىكا تۇرسا ھېچنىمە قىلمايدۇ بىكاردىن قاشلىغڭىز كەلمەيدۇ، شۇڭا ئېۋۇ ئۆسۈملۈكنىڭ سۈتىنى ساق يەرگە سۆكىسڭىزمۇ قىچىشتۇرۈپ قاشلىماي تۇرالمايىسز....

uygurjan09 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-17 19:06:57

يۆگىمەچ ئوتدەيتمىز بىزما

uygurjan09 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-17 19:08:32

مۇشۇ    بانادا مەنمۇبىلىۋالاي    .
مۇشۇ گۆشكە ماڭغان تىرناقنى ئۈنۈملۈك داۋالاشئۇسۇلى بارمىدۇ :o:o:o

abdrtt يوللانغان ۋاقتى 2014-5-17 20:56:53

ئۇنى يۆگىمەچ دەيمىز.... كىۋەزلىككە چىقىۋېلىپ كىۋەزگە يۆگىشىۋېلىپ، ژۇلىۋېتەي دەپ تارتسا غوزىنى تۆكىۋېتىپ بەك جاپا سالىدىغان يۆگىمەچ شۇ..... گۈلى چىرايلىق ئەمما.... تېخى ئۇنىڭ شېخىدا ياشايدىغان قۇرت بار، بۇنى بىز «يۆگىمەچ قۇرتى» دەپ ئاتايمىز.... لەغمەن يەيدىغان چوكىدىنمۇ سەل تومراق چوقلۇقتا بولىدۇ ئادەتتە... شەكلى كۆۆۈچ، بەزىلىرى يىشىل رەڭدە بولىدۇ، تېخى ئۇ قۇرتنىڭ بەزىلىرىدە بىژتال مۆڭگۈزى بار...

abdrtt يوللانغان ۋاقتى 2014-5-17 20:58:26

ئەمما چىڭگىلەكنىڭ سۈتى يۇقۇپ قالسا شۇ ئورۇندىن سۈگەل ئۈنۈپ چىقىدۇ دەپ ئاڭلىغانتىم....(كىچىك ۋاقتا...) نەچچە قىتىم يۇقۇپ قالدى، ئەمما سۆگەل چىقىپ قالمىدى....:lol

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2014-5-17 21:04:22

meslihet يوللىغان ۋاقتى2014-5-17 17:01 static/image/common/back.gif
بىز بۇنى يۆگىمەچ دەيمىز. موشۇ رەسىمدىكى بىلەن ئوخشاشمۇ ...

مەنمۇ يۆگىمەچ دەپ ئاتايمەن.

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2014-5-17 21:08:26

uygurjan09 يوللىغان ۋاقتى2014-5-17 19:08 static/image/common/back.gif
مۇشۇ    بانادا مەنمۇبىلىۋالاي    .
مۇشۇ گۆشكە ماڭغان تىر ...

ئىلگىرى يوللانغان تېما بار، ئىزدەپ بېقىڭ.

hezret2011 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-17 23:08:35

يۆگىمەچ،
يۆگەي.
سېرىق يۆگەي.

uygurjan09 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-18 00:12:42

yolyar يوللىغان ۋاقتى2014-5-17 21:08 static/image/common/back.gif
ئىلگىرى يوللانغان تېما بار، ئىزدەپ بېقىڭ.

تىمىنىڭ   ئىسمى نىمە .... خاپا بولمايدەپ بەسىڭىز   مۇشۇئىزدىنىشتىمۇ   ئۇ تىما

428 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-18 00:30:26

ئاۋۇ ئۈستىدىكى رەسىمدىكىسى چىڭگىلىك ئىكەن ، باشقىلار قانداق ئاتايدۇ بىلمىدىم ، لىكىن بىزنىڭ يۇرىتتىكىلەر ئاشۇنداق ئاتايدۇ ،

Kulke يوللانغان ۋاقتى 2014-5-18 09:55:07

يۆگىمەچ ئوتكەن ئاۋۇ راسلا.
سۆگەل ياكى مەڭگە بولىدىغان ئوخشايدۇ زادى. مەنمۇ شۇنداق ئاڭلىغان.
ماۋۇ سەپكۈنگە ئامال بامۇ باللا. ئوغلۇمنىڭ مەڭزىگە ئىككى-ئۈچ يەرگە كىچىكراق سەپكۈن پەيدا بولۇپ قاپتۇ. بولسا بىرەر رېتسىپ كۆرسىتىڭلارچۇ

begtash يوللانغان ۋاقتى 2014-5-18 10:47:20

يۆگىمەچ بولمايدۇ، چىڭگىلىك بولىدۇ.
كىچىك ۋاقتىمدا مەندىن چوڭ باللار ئۇنىمىسام مەجبۇرلاپ يۈرۈپ چىڭگىلىك چەكتۈرۋىتەتتى. باشلانغۇچ تولوقسىزدا ئوقوغان ۋاقتىمدا تاماكىغا قىززىقىدىغانلار مۇ شۇ قۇرۇق چىڭگىلىكنى تاماكا ئورنىدا چىكەتتى.

begtash يوللانغان ۋاقتى 2014-5-18 10:47:25

يۆگىمەچ بولمايدۇ، چىڭگىلىك بولىدۇ.
كىچىك ۋاقتىمدا مەندىن چوڭ باللار ئۇنىمىسام مەجبۇرلاپ يۈرۈپ چىڭگىلىك چەكتۈرۋىتەتتى. باشلانغۇچ تولوقسىزدا ئوقوغان ۋاقتىمدا تاماكىغا قىززىقىدىغانلار مۇ شۇ قۇرۇق چىڭگىلىكنى تاماكا ئورنىدا چىكەتتى.

تولۇقلىما مەزمۇن (2014-5-20 19:58):
قايتىلىنىپ قاپتۇ، باقۇرغۇچىلارتەھرىرلىۋەتسەڭلار.

tayker يوللانغان ۋاقتى 2014-5-18 10:59:58

ئاغزىمغا ئەمدى چىش چىققان چاغلاردا چوڭلارنىڭ ‹‹ يۆگىمەچ ئوت ›› دەپ ئاتىغانلىقىنى ئاڭلىغان تا ھازىرغىچە شۇنداق ئاتايدۇ ، بۇنىڭ شىپالىق رولى بارلىقىنى ئەمدى بىلىۋالدىم ، رەھمەت
بەت: [1] 2
: ھەقسىز ئۈنۈملۈك رېتسپ(سىناقتىن ئۆتكەن)