bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2014-5-17 13:43:42

بىلگەجان دەرسخانىسى(6)-قورساق ئاچتىمۇ؟

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilgejan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-17 13:47  

بەدىنىڭىزنى چۈشىنىۋىلىڭ: قورساق ئېچىش ۋە تويۇشنىڭ ھورمونلۇق كونتىرول قىلىنىشى
تۇرسۇنجان نۇرمەمەت بىلگە



سىز بايا تېخى دۆڭكۆۋرۈككە مېڭىپ بىرىپ 4-5 سائەت بازار ئايلىنىپ تازا بىر ئىچ پۇشۇقىڭىزنى چىقارغاندىن كىيىن  قىزىلتاغدىكى ئۆيىڭىزگە يەنە مېڭىپ قايتىپ كەلدىڭىز. بەلكىم سىز بىرىنچى بولۇپ سۇ ئىچىش ۋە قورساقنى توقلاشنى ئويلىشىڭىز مۇمكىن. مانا مۇنداق:



بۇ نېمە ئۈچۈن؟ نېمىشقا قورساق ئېچىشنى ھېس قىلىپ ئاشقازىنىڭىز قىمىرلاپ كىتىدۇ ۋە تاماقتىن كىيىن بۇ ئىشلار تۈگەپ ئۇخلاشنى ئويلايسىز؟ بۇمۇ چوڭ جەھەتتىن بەدىنىڭىزدىكى ھورمۇنلارنىڭ تەسىرىدىن بولىدۇ. بۇ جەريان بىر قەدەر مۇرەككەپ بولۇپ، مەن ئەڭ ئاددىيلاشتۇرۇپ شۇ جەرياندىكى بەدىنىڭىزدىكى ئۆزگىرىشلەرنى سىزگە ئېيتىپ بىرەي:
ئاۋۋال ئاشقازاندىكى تاماقلارنىڭ ھەزىم قىلىنىشىغا ئەگىشىپ ئاشقازاندىكى نېرۋىلار ئاستا-ئاستا ئۇنى غىدىقلاپ گرەلىن (ghrelin) دەيدىغان ھورمۇننى ئىشلەپچىقىرىشقا باشلايدۇ ۋە ئاخىرى مىقدارى ئېشىپ قان ئارقىلىق مېڭىگە يىتىپ بارىدۇ. مېڭىنىڭ ھىپوسالامۇس قىسمىدىكى سېگمېنىت نېۋرونلىرىغا جايلاشقان گرەلىن قوبۇللىغۇچى ئاقسىلغا بىرىكىپ ئىشتىھانى ئاچقۇچى نېۋرو پېپتىدلاردىن NPY، AgRP قاتارلىقلارنى ئىشلەپچىقىرىدۇ. بۇ پېپتىدلار ئىشتىھانى ئېچىپ قورساقنى ئاچقۇزىدۇ، دە سىز دەرھال تاماق يىيىشنى ئويلايسىز. تاماق يىيىش جەريانىدا، ئاشقازاندىن ئىشلەپچىقىرىلىدىغان گرەلىننىڭ مىقدارى تۆۋەنلەپ، بەدەندىكى ياغلاردىن ئىشلەپچىقىرىلىدىغان لەپتىن (leptin) دەيدىغان ھورمۇننىڭ مىقدارى تەدرىجىي ئېشىپ بارىدۇ. لەپتن مېڭىدىكى ھىپوسالامۇسقا يىتىپ بىرىپ  NPY، AgRP قاتارلىق ئىشتىھانى ئاچقۇچى پىپتىدلارنى تورمۇزلايدۇ، ۋە شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا POMC قاتارلىق ئىشتىھانى تۆۋەنلەتكۈچى نېرۋاپېپتىدلىرىنىڭ مىقدارىنى ئاشۇرىدۇ. ئاخىرى لەپتىننىڭ مىقدارى يۇقىرىلاپ مەلۇم دەرىجىگە يەتكەندە سىز تويغانلىقىڭىزنى ھېس قىلىسز، دە يىيىشتىن توختايسىز. دەل شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن، تاماقنى تىز يەيدىغان كىشىلەر ئادەتتە ئىشتىھالىق كىلىدۇ چۈنكى بەدەندىكى لەپتىن مېڭىگە يىتىپ بىرىپ ئىشتىھانى تورمۇزلىغۇچە بەلگۈلىك ۋاقىت كىتىدۇ. بۇ جەريان «ئۇر ياكى قاچ» ئىنكاسىغا ئوخشاش جىددىي ئىلىپ بىرىلمايدۇ.



بۇ مىسالدىن كۆرۈۋالالايمىزكى، ھەر بىر قىلمىشىمىزدا سىرلار يوشۇرۇنغا بولۇپ، بىز چوقۇم ھادېسىلەرنى تېگىدىن چۈشىنىشكە تېرىشىپ بېقىشىمىز كېرەك. ئاڭلىۋالغاننى بىلىمەن دەپ قاراش بەكمۇ ئومۇملاشقان جەمئىيەتتە ئۆسكەن بىزلەر ئاسانلا ھەممە نەرسىنى بىلىمەن دەپ قارايدىغان ئىددىيە شەكىللەندۈرۋالىمىز. ۋاقتى كەلگەندە نېمە ئۈچۈن دەپ سوئال سورىسا قاراپ ئولتۇرىمىز. ئەمما تېگىدىن بىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇپ يەتكىنىمىزدە چوقۇم ھەر بىر ئىشتا سوئال قويىدىغان، تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ سوئال قويىدىغان بولىمىز. دەل مۇشۇنداق سوئال قويۇش كىشىنى ھەقىقىي بىلىمگە ئىگە قىلىدۇ.

ئەسكەرتىش: بۇ ماقالىنى مەنبەسى ۋە ئاپتورنى ئەسكەرتىپ خالىغانچە تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

kumbah يوللانغان ۋاقتى 2014-5-17 14:08:38

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kumbah تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-17 17:39  

دەرىسلىرىڭىز بىر -بىرىدىن سەرخىل چىقىۋاتىدۇ.
كىچىك باللاردا كۆپرەك تاماق يىگىلى ئۇنمايدىغان ئىشلار بولىدىكەن. بۇ بىرەر كېسەللىككە كىرمەيدىغاندۇ؟

Abdurehman يوللانغان ۋاقتى 2014-5-17 14:09:34

خۇددى ساراڭنىڭ ئىنىقلىمىسىنى نورمال كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى بىلگەندەكمۇ؟: lol

Abdurehman يوللانغان ۋاقتى 2014-5-17 14:11:37

بىز بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك نۇرغۇن مەسىلىلەر بار. بۇنى بىر - بىرلەپ يەتكۈزۈپ بەرگىنىڭىزگە تەشەككۈر!

doctor يوللانغان ۋاقتى 2014-5-17 14:42:57

نىمە ئۇچۇن قۇرساق ئاچىدىغانلىقىنى بىلىۋالدۇق,
      ئەمدى ئۇيقىنىمۇ بىر ئىلمى چۈشەندۈرۋەتسىڭىز نىمە ئۈچۈن ئادەم ئۇخلايدۇ?

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2014-5-17 16:02:52

يەپ تويماسلىق كېسىلى دەيدىغان بىر غەلىتە كېسەللىكلەر بولىدىكەن. مۇشۇنداق كېسەل بولۇپ قالغان بىر قىز ئۇچرىغان ئالدىمغا. تويغىنىنى ھېس قىلالمايدۇ. داۋاملىق قورساق ئاچقاندەك بولىدۇ. ھەر قانچە كۆپ تاماق يېسىمۇ قورساق تويغاننى ھېس قىلىشى تولىمۇ ئاجىز.
ئۇنداقتا يەپ تويماسلىق كېسىلى لەپتن ھورمۇنىنىڭ ئاجىرلىپ چىقىرلىشى ئاجىزلىشىپ  NPY، AgRP قاتارلىق ئىشتىھانى ئاچقۇچى پىپتىدلارنى تورمۇزلىيالماسلىق سەۋەبىدىن كىلىپ چىقامدىغاندۇ؟:funk:

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2014-5-17 16:03:35

دۇرۇس، ئۇيقۇنىڭ دەرسىنى بىر ئوقۇيلى!:)

ArislanMemet يوللانغان ۋاقتى 2014-5-17 17:29:14

دەرىستىن يەنە ئون پارچە تەييارلىسىڭىز بىر كىتاپ پۈتۈپ چىققۇدەك.{:112:}

Mestane يوللانغان ۋاقتى 2014-5-17 19:18:24

مۇشۇ تېمىنىڭ بانىسىدا بىر ئىشتا مەسلىھەت سورىۋالسام.مەن كۈندە ئەتتىگەندە ئويغانغاندا ئاغزىمغا سۇ يىغىلىپ كەتكىنىنى ھىس قىلىمەن،بۇنىڭغا نەچچە يىل بول قالدى،ھەم يۈزۈمى يۇغاندىن ياكى يۇيۇنغاندىن كىيىن توختىماي تۈكۈرگۈم كېلىدۇ.بۇ نورمال ئەھۋالمۇ ياكى بىرەر كىسەللىكنىڭ ئالامىتىمۇ؟چۈشەندۈرۈپ قويغان بولسىڭىز،رەھمەت.

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2014-5-17 19:32:25

Birzat يوللىغان ۋاقتى  2014-5-17 16:02 static/image/common/back.gif
يەپ تويماسلىق كېسىلى دەيدىغان بىر غەلىتە كېسەللىكلەر  ...

دەل شۇنداق بولۇشى مۇمكىن.

Elqvn يوللانغان ۋاقتى 2014-5-20 00:05:39

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Elqvn تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-20 00:13  

مېنىڭ بالام 7ياشقا كىردى، بىزنىڭ ئائىلىدە قىزىمىزدىن كۈتىدىغان بىردىنبىر ئۆزگىرىش ئۇنىڭ قورسىقىنىڭ ئېچىشى ۋە تاماققا ئىنتىلىشى. ئەمما بۇ پەقەت بىزدىكى بىر قۇرۇق خىيالدىنلا ئىبارەت بولۇپ، بالىنىڭ تاماققا پەقەتلا ئشتاھاسى يوق. قورسقى ئاچسا سولىشىپ كۆزلىرى پۈرۈلۈپ كېتىدۇ، لىكىن بىرنەرسە يەيتىم دىمەيدۇ، ئۆيدە تاماق پىشىپ ئۈستەلگە تاماق تارتىلسا ئۇ بالام خىيالىدا يوق ئۆز ئويۇنىنى ئويناپ يۈرىدۇ، نەچچە توۋلاپ ئاران تاماق ئۈستىلىگە كەلتۈرىمىز، لىكىن ئۆزىگە قويۇپ بەرسەك بىر سائەت تاماق ئۈستىلىدە ئولتۇرسا بىر پىيالە تاماقنى يەپ بولالمايدۇ، يەنە بىز زورلاپ، قوشۇق چوكىلار بىلەن ئاغزىغا تىقىپ يىگۈزىمىز. ئاچ قالسا يەر دەپ باقتۇق، ياقتۇرىدىغان تامىقىنى قىلىپ بەرسەك يەر دەپ باقتۇق، ئىشتاھاسىنى ئاچىدىغان ئامال چارىلەردىن ئاڭلىغاننى قىلىپ باقتۇق، ئۈنۈمى يوق. بىزنىڭ بالا تەربىيىسىدە بىردىنبىر ئۆكۈنىدىغان يېرىمىز يېڭى تۇغۇلغان ۋاقتىدا دوختۇرلار « 4ئايغىچە تاماق يىگۈزمەڭلار » دىسە «دوختۇر دىدى» دەپ راستىنلا 4ئايغىچە زادىلا تاماق يىگۈزمىگەن، ئانا سۈتى بىلەن سۈت پاراشوگىلا بەرگەن، شۇنداق سېمىز ۋە جانلىق چوڭ بولغان ئېدى. 4ئايدىن كىيىنكى تاماق سالغان چاغلاردىن 3ياشلىرىغىچە تاماقنىمۇ ياخشى يىگەن، گۆشنى ياقتۇرمىغىنىنى ھىساپقا ئالمىغاندا ئىشتاھاسى يامان ئەمەس ئېدى، لىكىن يەنىلا سۈتكە ۋە ئوزۇقلۇق تالقانلىرىغا بەك ئامراق ئېدى. چوڭ بولغانچە ئىشتاھاسى ناچارلاپ كەتتى، ئۆز ئىختىيارى بىلەن تاماق يىمەيدۇ. قوشۇمچە يىمەكلىكلەرگە ئامراق، لىكىن بىز ئىشتاھاسىنى ئاچالمىغاچقا ئالدى بىلەن تاماققا ئىشتاھاسى ئېچىلسۇن دەپ قوشۇمچە يىمەكلىكلەرنىمۇ ناھايىتى ئاز بېرىمىز، سۈت ۋ ئوزۇق تالقانلىرىنىمۇ بەرمەس بولدۇق. كەمىنە ئائىلىدە ئاساسەن چېچىلمايدىغان ئادەم، مۇشۇ بالام تاماق يىگەننىڭ ئۈستىدە بولۇپ قالسام ھەرقانچە ئۆزۈمنى تۇتۇۋالساممۇ بولماي چېچىلىپ قالىمەن، تاماق تارتىلغاندا ئۇنى تاماققا چاقىرىشنى ناھايىتى سىلىق، يۇمشاق گەپلەر بىلەن باشلاپ، قىزىقتۇرۇپ، ئەركىلىتىپ، قولۇمدىن كېلىدىغان ياخشى چارىلەرنىڭ ھەممىسنى ئىشلىتىپ ئۇنى تاماقنى ئىسسىغىدا تېزرەك يىيىشكە جەلىپ قىلىپ بىرنەچچە قوشۇق تاماقنى ئاران يىگۈزەلەيمەن، ئۇندىن كىيىن تەلەپپۇزۇم نەسىھەتكە، ئۇندىن كىيىن تەنبىھكە، ئۇنىڭدىنمۇ كىيىن ئاچچىقلاشقا ئۆزگىرىدۇ، ئاخىرىدا ئۇنى ئۇرۇپ قويۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئورنۇمدىن تۇرۇپ كېتىمەن، ئۆيدە بىر-ئىككىنى چۆرگىلەپ كېتىمەن، ئاندىن ياكى ياتاق ئۆيگە كىرىپ ئۆزۈمنى تاشلايمەن، ياكى سىرىتقا چىقىپ كېتىمەن. مانا مۇشۇ جەرياندا مەندىن يېرىم كۈن كەتمەن چاپقانچىلىك ئىنىرگىيە سەرىپ بولامدىكىن دەيمەن، تاماق ئۈستىلىدىن نېرى بولغاندا ئۆزۈمنىڭ ناھايىتى چارچىغانلىغىمنى ھېس قىلىمەن. يەنىلا ئانىسى كۆتۈرۈشلۈك، مەن بالامغا دەسلەپكى يېنىك يۇمشاق چارىلەر بىلەن تاماق يىگۈزۈشكە باشلىغاندا ئۇ تېز سۈرئەت بىلەن بىر تەرەپتىن ئۆزى يىگەچ بىر تەرەپتىن كىچىك بالىمىزغا تاماق يىگۈزۈپ چىقىدۇ، ئەلۋەتتە ئامالنىڭ بارىچە تېز سۈرئەتتە. ئاڭغىچە مەن ئامال بار مۇلايىم، تەمكىن، ئېغىر-بېسىق پوزىتسىيە بىلەن بالامنىڭ قاچىسىنى ئامال قىلىپ يېرىملىتىشقا تېرىشىمەن. قاچا يېرىملىماي مېنىڭ نېرۋا تومۇرلىرىم كۆپۈشكە باشلىغاندا ئۇنىڭ قولى بىكار بولىدۇ دە قوشۇقنى قولىغا ئېلىپ قىزىمنىڭ يېنىغا كېلىدۇ، ئەگەر ئۇ كەلمىسە مېنىڭ بۇ بىر قاچا تاماقنى قىزىمغا يىگۈزۈپ بولۇشۇم تولىمۇ قىيىن، ھەقىقەتەن قىيىن.
    مەن ئەسلى يېقىندىن بۇيان مۇشۇ ئەھۋالنى تورغا مۇلاھىزىگە قويۇپ، تورداشلارنىڭ بولۇپمۇ تىببى ساھەدىكىلەرنىڭ مەسلىھەتىنى ئېلىپ باقاي دەپ ئويلاۋاتقان لىكىن زادىلا ۋاقتىم چىقمىغان. بۈگۈن بۇ تېما مۇناسىۋىتى بىلەن مەنمۇ قورسىقىمنى بوشىتىۋالدىم. بىلگەجان ئىنىم كۆز قارىشىڭىزنى دەپ باقسىڭىز، قىزىمنىڭ تاماق خالىماسلىغى سىز دىگەن ھورمۇنلارغا مۇناسىۋەتلىكمىدۇ؟ ئەگەر شۇنداق بولسا بۇنىڭ قانداق ئامالى باردۇر؟

bariber يوللانغان ۋاقتى 2014-5-22 18:11:57

رەھمەت.
بەت: [1]
: بىلگەجان دەرسخانىسى(6)-قورساق ئاچتىمۇ؟