bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2014-5-17 10:35:17

بىلگەجان دەرسخانىسى (5)-«ئۇر ياكى قاچ» ئىنكاسى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilgejan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-17 20:03  

بەدىنىڭىزنى چۈشىنىۋىلىڭ: «ئۇر» ياكى «قاچ» ئىنكاسى
تۇرسۇنجان نۇرمەمەت بىلگە



سىز تاغدا يالغۇز كىتىپ باراتتىڭىز، تۇيۇقسىز يوغان بىر ئېيىقنىڭ سىز تەرەپكە قاراپ كىلىۋاتقانلىقىنى بايقىسىڭىز قانداق قىلىسىز؟ بۇنداق ئەھۋالدا كىشىلەرگە ئىككى تاللاش يولى بار، بىرى: قولىدىكى قورال بىلەن ئېيىققا قارشىلىق كۆرسىتىش گىزى كەلسە ئۇنى ئېتىۋىتىش (ئۇر ئىنكاسى)؛ يەنە بىرى: دەرھال قېچىپ نەچچە يۈز مېتىر يىراقتا توختىتىلغان ئاپتۇبۇسقا چىقىۋىلىش (قاچ ئىنكاسى). سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن مۇشۇ ئىككى تاللاشنىڭ بىرىنى تاللىشىڭىز مۇمكىن.



«ئۇر ياكى قاچ» ئىنكاسى مېڭىڭىزدە شەكىللەنگەن بولسا تۆۋەندىكى ھورمۇنلۇق ئۆزگىرىشلەر سىزنىڭ ھاياتىڭىزنى ساقلاپ قىلىشىڭىزغا زور ياردەم بىرىدۇ:  
سىز ئېيىقنى كۆرگەن ھامان مېڭىنىڭ مۇھىت غىدىقلىشىغا ئىنكاس قايتۇرىدىغان ھىپوسالىمۇس (hypothalamus) دىگەن قىسمىدا دەرھال بۇيرۇق پەيدا بولىدۇ، دەپ «جىددىيلىك» ئۇچۇرلىرىنى پۈتۈن بەدەنگە تارقىتىدۇ. بۇ ئۇچۇرلار دەل ھىپوسالىمۇستىكى ھورمۇنلارنىڭ تەسىرى بىلەن باشلىنىدۇ. ئەڭ ئاۋۋال ئوتتۇرا مېڭىگە جايلاشقان ھىپوسالىمۇستكى كورتىكوتروفېن (corticotrophin) ئاجراتقۇچى ھورمۇن (CRH) دەرھال ھىپوسالىمۇستىن ھىپوفىز (pituitary, hypophysis) بېزىنى قوزغىتىدۇ ۋە بۇنىڭ تەسىرىدە ھىپوفىز بېزىدىن زور مىقداردا ئادرىنوكورتىكوتروفېن (ACTH) ئىشلەپچىقىرىلىدۇ ۋە دەرھالغا قان سېستىمىسىغا قويۇپ بىرىلىپ بۆرەك ئۈستى بېزى (ئادرىنول بىزى، adrenal gland) نى قوزغىتىپ، جىددىيچىلىك پەيدا قىلغۇچى ھورمۇن كورتىزول (cortisol) قاتارلىق 30 دەك ھورمۇننىڭ مىقدارىنى جىددىي ئاشۇرىدۇ ۋە بۇ ھورمۇنلارنىڭ تەسىرىدە بەدەن فىزىئولوگىيىسىدە جىددى ئۆزگىرىش يۈز بىرىپ ھاياتىنى قۇتقۇزۇشقا تەييارلىنىدۇ. بۇ خىل ھىپوسالىمۇس-ھپىوفىز-ئادرىنال دىن تەشكىل تاپقان بېسم ياكى جىدىدىيلىك سىسىتىمىسى قوشۇلۇپ HHA ياكى HPA ئوقى دەپ ئاتىلىدۇ.


شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ھىپوسالىمۇس دەرھال ئىختىيارى نېرۋا سىستىمىسى (sympathetic nervous system)نى بەدەننى كونتىرول قىلىشتىكى ئاساسلىق نېرۋا پائالىيەتچىسىگە ئايلاندۇرىدۇ، دە يەنە شۇ بۆرەك ئۈستى بېزىنى (ئادرىنال بېزى) قوزغىتىش ئارقىلىق  ئېپىنېفىرىن (epinephrine)، نورئېپىنېفىرىن (nor-epinephrine) قاتارلىق ھورمۇنلارنى ئاجىرىتىپ چىقىرىدۇ. بۇ ھورمۇنلارنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك دەرھال سېنتىزلىنىپ شۇ ھامان قويۇپ بىرىلىدۇ ۋە قان سىستىمىسى ئارقىلىق تىزلا ھەرىكىتىنى باشلايدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە كورتىزول جىددى ھالدا بەدەندىكى ماينى پارچىلاپ بارلىق ئېنرگىيە ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان گلۇكوزا ھاسىل قىلىدىغان بارلىق بىئو-خېمىيلىك جەريانلارنى جىددىي قوزغىتىپ «ئۇر ياكى قاچ» ئىنكاسىغا لازىم بولىدىغان ئېنىرگىيەنى توپلايدۇ. ئېپىنېفىرىن ۋە نورئېپىنېفىرىن بولسا دەرھال ئىختىيارى نېرۋىلارنىڭ قوبۇللۇغۇچىلىرى بار ئەزالارنى قوزغىتىدۇ؛ يۈرەك رېتىمى تىزلىشىپ قان ئايلىنىش تىز ۋە راۋانلىشىدۇ؛ كاناي شاخچىلىرى ئەڭ كەڭ دەىجىدە ئىچىلىپ يۇقىرى مىقداردىكى ئوكسىگېننىڭ ئۆپكىگە كىرىشىنى ئوڭايلاشتۇرىدۇ؛ قورساق ئىچىدىكى بارلىق ئىچىكى ئەزالارغا قان يەتكۈزۈش ئەڭ تۆۋەن ھالەتكە چۈشۈپ ھەزىم قىلىش توختايدۇ ۋە بىرلا ۋاقىتتا مۇسكۇللارغا يەتكۈزۈلىدىغان قان ۋە قاندىكى ئېنىرگىيەگە لازىم ماددىلارنىڭ مىقدارى جىددىي ئاشىدۇ؛ كۆز مۇسكۇللىرى ماس ھالدا جىددىي ھەرىكەتكە كىلىپ كۆرۈش سېزىمى يۇقىرى كۆتۈرىلىدۇ ۋە فوكۇسى ھۇجۇمچىغا ۋە ئەتراپتىكى مۇھىتقا توغىرلىنىدۇ؛ ئېغىز ۋە كالپۇك قۇرۇيدۇ، بۇرۇننىڭ ئىچىدىكى سۇيۇقلۇقلار قېتىشىدۇ؛ جىگەر دەرھال ساقلاپ قويغان گىلۇكوزىنى قانغا قويۇپ بىرىپ مۇسكۇلنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلىشىدۇ؛ تىرە ۋە ئىچكى ئەزالار تومۇرلىرى قىسقىراپ قاننى ئازايتىدۇ ۋە بۇنىڭ تەسىرىدە تىرىدىكى تۈكچىلەر تىك تۇرىدۇ ۋە تەر ئىشلەپچىقىرىش تىزلىشىدۇ.



شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئەگەر سىز «ئۇر» ئىنكاسىدا بولسىڭىز، مېڭىدە ئېندورفېن دەپ ئاتىلىدىغان كەيپىياتنى كونتىرول قىلغۇچى ماددىلارنىڭ مىقدارى ئاشىدۇ ۋە  ئېپىنېفىرىن ۋە نورئېپىنېفىرىننىڭ تەسىرىدە قورقۇش، ئەنسىرەش، ئىككىلىنىش تۇيغۇلىرى تۈگەپ، غەلبە قىلىش، قورقماسلىق ۋە غەيرەت قىلىش تۇيغۇرلىرى ئەڭ يۇقىرى چەكتە ئېشىپ بارىدۇ. ئەگەر سىز «قاچ» ئىنكاسىدا بولغان بولسىڭىز، ئۇ ھالدا يۇقىرىدىكى ماددىلارنىڭ تەسىرىدە يۈرەك سوقۇشى تېخىمۇ تىزلىشىپ، بارلىق ئېنىرگىيە ۋە قانلار پەقەت پاچاق، يوتا ۋە پۇتقا مەركەزلىشىپ مۇۋاپىققىيەتلىك قاچالىشىڭىزغا ياردەمدە بولىدۇ؛ لىكىن بۇ جەرياندا قورقۇش، ئەنسىرەش ۋە خەۋىپ تۇيغۇسى ئەڭ زور چەكتە ئېشىپ ئىشەنچ، غەيرەت تۇيغۇرلىرى تۆۋەنلەيدۇ.



دىمەك، دەل ھورمۇنلار بۇ «ئۇر ياكى قاچ» ئىنكاسى جەرياندا پۈتۈن بەدەندە قوزغاتقۇچى، ماسلاشتۇرغۇچى، بىرلىككە كەلتۈرگۈچى رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، بەدەن فىزىئولوگىيسىنى شىددەت بىلەن ئۆزگەرتىپ ۋە تەڭشەپ ئېيىقتىن قۇتۇلۇپ قىلىشىڭىز ئۈچۈن ئەڭ زور دەرىجىدە پايدىلىق شارائىتلار بىلەن تەمىن ئېتىپ ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ.

ئەسكەرتىش: بۇ ماقالىنى مەنبەسى ۋە ئاپتورنى ئەسكەرتىپ خالىغانچە تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2014-5-17 13:29:26

قالتىس دەرسلەر بولدى. تەشەككۈرلەر!

bahadirlarbiz يوللانغان ۋاقتى 2014-5-17 13:29:43

ئىلىمنىڭ زاكىتىنى ئايرىش .{:112:}

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2014-5-17 19:55:01

{:112:}

sabira يوللانغان ۋاقتى 2014-5-17 20:54:40

‏مەكتەپلەردىكى دەرسلىكلىرىمىزمۇ مۇشۇنداق قىزىقارلىق، چۈشۈنۈشلۈك سۆزلەنگەن بولسا نىمىدىگەن ياخشى بولاتتى ھە!...
‏ئەپسۇس....

imam567 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-19 09:07:24

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.بۇ تېمىلار ھورمۇنلار ھەققىدە ناھايىتى ياخشى تېما بولۇپتۇ.

86 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-19 09:31:21

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   86 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-19 09:32  

ئۇر ئىنكاستا بولۇش ياكى قاچ ئىنكاستا بولىشى بەزىدە شۇ كىشىنىڭ ئىـختيارلىقىغا باقمامدۇ قانداق؟
ئادەتتىكى ئەھۋالدا ئۆزىگە خەۋىپ يەتمەسلىكىگە ئىشەنچ بولسا، يەنى خەۋىپ ئەپكېلىشى مۇمكىنچىلىكى بولغان نەرسىنى كۆرگەندە ئۇنىڭدىن غالىپ كېلىشى ئىشەنچىسى يۇقۇرى بولسا (شۇ ئىشەنچنىڭ بولۇش-بولماسلىقىنى ھورمۇن بەلگىلەمدۇ؟)ئانچە قورقۇپ ھودۇقۇپمۇ كەتمەيدۇ، كۈچ سېلىشتۇرمىسىدا قارشى تەرەپنىڭ خەۋىپ كەلتۈرىشىدىن غالىپ كېلىشكە ئىشەنچىسى يوق بولسا، قورقۇنچ پەيدا بولۇپ قاچ ئىنكاستا بولىدۇ. ئەمما ،
تۇرمۇشىمىزدا شۇنداق ئەھۋاللارنى ئۇچرىتىمىز. بەزىلەر چاشقان، قۇڭۇز دىگەندەك شۇ كىشىگە ھېچ بىر خەۋىپ كەلتۈرمەيدىغان نەرسىلەرگە نىسبەتەن قاچ ئىنكاستا بولىدۇ.  شۇ نەرسىنىڭ ھېچ بىر خەۋىپ كەلتۈرمەيدىغانلىقىنىمۇ بىلىدۇ، ئەمما ئۇنى كۆرگەندە يۈرىگى سوقۇپ ئۇنىڭدىن ئۆلگىدەك قورقۇپ قاچىدۇ.  لېكىن ئۇ كىشى باشقا خېلى چوڭ يىرتقۇچلاردىنمۇ قورقۇپ كەتمەيدۇ. قارىغاندا، ئادەم بەدىنىدىكى ھورمۇن دەيدىغان نەرسە ئەشۇ ئالاھىدە ئەھۋالدا بۇ كىشىنى خاتا كونترول قىلىپ قۇيامدۇ قانداق؟

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2014-5-19 12:34:48

86 يوللىغان ۋاقتى  2014-5-19 09:31 static/image/common/back.gif
ئۇر ئىنكاستا بولۇش ياكى قاچ ئىنكاستا بولىشى بەزىدە شۇ  ...

قارىغاندا، ئادەم بەدىنىدىكى ھورمۇن دەيدىغان نەرسە ئەشۇ ئالاھىدە ئەھۋالدا بۇ كىشىنى خاتا كونترول قىلىپ قۇيامدۇ قانداق؟
=================
ئۇي ياكى قاچ ئىنكاسى بارلىق قورقۇنچلارنى كونتىرول قىلىدىغان بىردىنبىر فىزىئولوگىيىلىك ھادىسە ئەمەس، سىز دېگەن ئەھۋالنى بۇ ئىنكاس كونتىرول قىلماسلىقى مۇمكىن، بۇ تېماپ پەقەت ھورمونلارنىڭ مۇشۇنداق مۇھىم رولى بارلىقىنى تەكىتلەش ئۈچۈن يېزىلغان. قورقۇنچ تۇيغۇسى، كىشىلەرنىڭ مەلۇم كىچىك، تەھدىتسىز ياكى زىيانسىز نەرسىلەردىن قورقۇشى ئۇلارنىڭ تەجىرىبىلىرىگە باغلىق بولۇشى، پىسخىكىلىق ئامىللار ۋە ئاساسلىقى ھىپوسالامۇسنىڭ ئەمەس، بەلكى چوڭ مېڭىنىڭ كونتىروللۇقىدا بولۇشى مۇمكىن. ئۇر ياكى قاچ ئىنكاسى بىر قەدەر ئاددىي ھەم ناھايىتى جىددىي بولۇپ، كۆپىنچە ھەقىقىي تەھدىت بولغان ئەھۋاللارغا قارىتىلىدۇ. بۇ ئىنكاس جانلىقلارنىڭ ھايات قىلىش نىسبىتىنى ئاشۇرۇش ئۇچۈن بەكمۇ سىستىمىلىق تەرەققىي قىلغان دەپ قارىلىدۇ. شۇڭا، سىز دېگەندەك ھورمونلار خاتالىشىپ قالىدىغان ئەھۋاللار ئاساسەن كۆرۈلمەيدۇ. قىزىقارلىق سوئال سوراپسىز. رەھمەت!
بەت: [1]
: بىلگەجان دەرسخانىسى (5)-«ئۇر ياكى قاچ» ئىنكاسى