NEZERI يوللانغان ۋاقتى 2014-5-17 10:25:26

«ئە» بىلەن باشلانغان ئۇيغۇرچە ئىسىم تېپىشىپ بەرسەڭلار

ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم.
پەرزەنتكە ئىسىم قويۇش ئاتىنىڭ مۇبارەك ھوقۇقىكەن. شۇڭا ئايالاىمنىڭ قورسىقىدىكى پەرزەنتكە (تۇغۇتى يىقىنلاشقان) ئىسىم ئويلاپ باش قاتتى.جىنسىنى بىلىش قانۇندا چەكلىنىدىكەن، ھەم مەن تۇغۇلغاندا بىلىشنى تېخىمۇ ئارزۇلىدىم. «كىچىكلىتلىگەن ئۇيغۇر جامىئىيىتى» دىكى دوستلاردىن تەكلىپ سورايمەن، رەھمەت.
ئىسىم ساپ ئۇيغۇرچە(بەك بولمىسا ئەرەبچە)، «ئە» بىلەن باشلانسا تېخى ياخشى. ئۆزى قىسقا، مەنىلىك، خەنچە -ئېنگىلىزچە يېزىلىشىمۇ قولاي، مەنىلىك بولسا.
ئۆزۈم ئويلىغانلىرى تۆۋەندىكىچە:
ئەلف
ئەليار

gewala يوللانغان ۋاقتى 2014-5-17 13:13:16

ئەنۋەر,ئەكبەر,ئەنيار,ئەسقەر,ئەركىن,ئەردەم.ئەلقەم,ئەختەم,

man_sarang يوللانغان ۋاقتى 2014-5-17 13:41:39

(ئابدۇلئەزىز) تىلىمىزدىكىسى ئەزىز(ئېزىز)

ئەگەر بۇ ئىسىم سىزنىڭ ئىسمىڭىز بولۇپ قالسا ساقىت قىلىڭ!

ئىسمىنىڭ باش ھەرپىنى ئوخشاش قىلىش يولداشلاردىن يۇققان ئادەتمىدۇ؟:@

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2014-5-17 13:51:48

ئەلى، ئەرك، ئەزھەر، ئەۋزەل، ئەلقۇت، ئەلىيار، ئەردەم، ئەففان، ئەرچىن.

ghalibjan يوللانغان ۋاقتى 2014-5-17 13:53:32

ئەلتەر، ئەكبەر ، ئەسقەر، ئەنەيتۇل.... ئەلەي بەلەي :lol

qassap يوللانغان ۋاقتى 2014-5-17 13:59:09

ئەزىمەتجان، ئەمەرجان، ئەنقەرجان

udun0903 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-17 14:30:59

ئەلى،  (ئەيشەن)  خەنزۇچە، ئىنگىلىزچىسى بەك ئاددى،

……

چاق چاق ھە

Hechkim يوللانغان ۋاقتى 2014-5-17 14:31:14

ئوكيان تورىنىڭ ئىسىم بېتىگىلا كىرىڭلا. باش ھەرىپى بىلەن ئىزدەشتىن «ئە» نى بېسىۋالساڭلا بولدى، ھەممە ئىسىملار ئۈچ تىللىق يېزىلىشى بىلەن بار. ئۇلىنىش مەۋەدىغۇ...

uygurjan09 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-17 14:36:49

ئوغۇل بولسا   ئەكبەر   قىز بولسا  ئەسما     قويۇڭ

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-5-17 15:20:21

قىز بولسا سۈرىيە ، مەدىنە
ئوغۇل بولسا ئامرىكا ، ئافرىكا ، ۋاشىنگىتون ، ئەزھەر
    ھى ھى
ھازىر مۇشۇنداق چەتئەلدىكى يەر جاي ناملىرىنى قويىۋالدىغانلارنۇ باركەنغۇ ، سۈرىيە دەپ كۈندە تىلىۋىزوردا چىقىۋاتسىمۇ ئۇنىڭ باشقا دۆلەتنىڭ ئىسىمى ئىكەنلىكىنى بىلمەي  قىزغا ئىسىم دەپ قويۋالدىكەن
  كەشمىر دەپ بىر ئاشخانا بەركەنغۇ ، ئۈندىداردا ئىلان چىقىرىپ قويۇپتىكەن ، سالۇنىدا نىمىشقا كەشمىر دەپ  قويىۋالدىڭلار ، يا سىلەر كەشمىرنىڭ تامىقىنى چىقارمىساڭلار دىسەم چىرايلىق ئاڭلىنىپ قويىۋالغان دەيدۇ ـ دۆلەت قانۇنىدىمۇ چەتئەلنىڭ يەر ناملىرىنى ماركا قىلىپ قوللىنىشقا بولمايدۇ دەپ بار

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-5-17 15:20:28

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ilter تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-17 15:22  

تەھرىرلەندى

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-5-17 15:20:47

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ilter تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-17 15:26  

ئەلكۈن ، ئەلتىكىن ، ئەلتىمۇر، ئەلتەر(ئىلتەر)
ئەلتۇغ

pervaz يوللانغان ۋاقتى 2014-5-17 19:26:27

دادىسىنىڭ ئىسمى ئە دىن باشلانغان بولسا چوقۇم ئە دىن باشلانغان ئىسىم قويۇش كېرەكمۇ ؟ ئىشقىلىپ مەن قاپىيداش ئىسىم قويۇشنى خالىمايمەن ،،،
ئىسىم قويغاندا گۈزەل ، مەنىسى ياخشى ئىسىم قويساق بولىۋېرىدۇ ( ئەلۋەتتە دىنىمىزدا يول قويغان ئىسىملار)
مەسىلەن ئوغۇللارغا : مۇھەممەد ، ئەلى ، ئىبراھىم ، ئابدۇللا ، مۇسا ، ئەلتكېىن ، ئەركىن، مۇستافا....
قىزلارغا: ئەسما ، سۇمەييە ، تۇمارىس، ئائىشە ، خەدىچە، ئايگۈل ، ئاينۇر، مۇسلىمە....
ئىسىم تاللاش ئۇنداق بەك تەس ئەمەسقۇ !!

lutpulla يوللانغان ۋاقتى 2014-5-17 19:33:01

ئەردوغان:lol

gilas يوللانغان ۋاقتى 2014-5-17 19:39:42

ئەنزەر .ئەمەر. ئەلقەم. ئەنھەر.
ئەسەت.
          ئەردوغان

abdrtt يوللانغان ۋاقتى 2014-5-17 21:07:31

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   abdrtt تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-17 21:08  

ئەردوغان{:92:}

abdrtt يوللانغان ۋاقتى 2014-5-17 21:08:49

خەپ ئەسئەت قوياپ سامماڭ:curse:

MSM يوللانغان ۋاقتى 2014-5-17 21:15:19

lutpulla يوللىغان ۋاقتى  2014-5-17 19:33 static/image/common/back.gif
ئەردوغان

ما ئىسىمنى:lol

Uyghuray13 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-17 21:29:13

ئەرزات ، بۇ ئوغلۇمنىڭ ئىسمى. بىراق خەنچە يېزىلىشى كىتابتا يوق بولغاچ نوپۇسقا ئالمايمىز باشقا ئىسىم تاللاڭلار دەپ تۇرىۋىلىپ  نوپوس دەپتىرىدىكى ئىسمىنى  ئەلىزات دەپ يازدۇرغان .
بەت: [1] 2
: «ئە» بىلەن باشلانغان ئۇيغۇرچە ئىسىم تېپىشىپ بەرسەڭلار